mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر ياشلىرىغا يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 23826 قېتىم كۆرۈلدى
بىرزات
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 13826
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 484
شۆھرەت: 3433 كىشىلىك
پۇل : 136917 سوم
تۆھپە: 149 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1209 نۇمۇر
قوللاش: 841 نومۇر
ئالقىش: 1913 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر ياشلىرىغا يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش

2
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلقۇت تەرپىدىن (2008-11-13)دە نادىرلاندى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور ئەھلى،  ئىچىم ئاچچىق بولۇپ سەپرايىم سەل ئۆرلەپ قالدى. جىق گەپلەرنى دېمەكچى ئىدىم، ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ دېگەن ھېكمەتنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇپ سۈكۈتنى ئەلا بىلمەكچى بولدۇم. شۇنداقتىمۇ مىللىتىمىز ياشلىرىنى خار-زەبۇنلۇق كوچىسىغا تاشلاۋاتقان ئىجتىمائىي بوھرانلارغا يەنە يېڭى بىر بوھراننىڭ قوشۇلماقچى بولغانلىق شەپىسىنى ھەر قايسىڭلارنىڭ پىكىر-مۇھاكىمەڭلارغا تاشلىدىم. (مەزكۇر خەت 18 ياشلىق بىر قىرىندىشىمىز تەرىپىدىن 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىhttp://www.80halta.com غا يوللانغان) پايدىلىق پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر!
بۇ ھەقتە يۈكسەل بلوگى http://yuksel.blogbus.comنىڭ قۇرغۇچىسى يۈكسەل بۇرادىرىمنى چۈشەنچە بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇيغۇر تېبابەت دورىسى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىدىن داۋام قىلىدۇ.

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى ..مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتقانلاردىن بىرى ...(ئۇلۇغ خۇدا ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ) ...ھەممە تېمىڭىزنى ئاساسەن كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن ...ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ،مەن بۇ يىل 18 ياش ،ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىن ،ئوقۇغۇچى ..سىز تېۋىپ بولغاچقا چوقۇم بىلىسىز ،يەنسۇەن چۈمادو دەپ بىر دورا بار ..جىددى ئاغرىقلارغا ،ئوپىراتسىيەدىن يېڭى چىققانلارغا ئىشلىتىدىغان ...دىسەم دېمىسەم بۇ دورىنى مەن دېمەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ..مەن مۇشۇ دورىغا ئۆگىنىپ قالغان .يەۋاتقىلى 2 يىل بولدى ..دەسلەپتىكى يېرىم يىلدا كۈندە بىر قاپ (10تال)يەيتىم .بارا -بارا ئۆزۈمنى تىزگىنلەپ ئارلىقتا يېرىم يىلدەك يىمىدىم ....يېقىندىن بۇيان يەنە يەۋاتىمەن ..لېكىن ھازىر كۈنىگە 2تال يەۋاتىمەن ..بۇ دورىنى يىسە كەيىپ قىلىدۇ ..مەن ئەزەلدىن كەيىپ_ساپاغا يېقىن يولىمايتىم ..لېكىن بىر دوستۇم يەپ باق دەپ بىر قېتىن يەپلا داۋاملىق يەيدىغان بۇلۇپ قالدىم .. ..يىمەي دەپ ئۆزۈمنى شۇنچە چەكلەپ باقمتىم ..لېكىن يىمىسەم ئىچىم پۇشۇپ ،نىمىلا ئىش قىلسام زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ ،پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولغاچقا مۇشۇ 2ئاينىڭ ياقى يەنە يەۋاتىمەن ...مەندىكى ھازىرقى ئالامەتلەر كاللامدا ئويلايدىغان نەرسە بەك كۆپ ..ھەمىشە پۇشايمان ۋە تۆۋەن كەيپىياتتىلا يۈرىمەن ..يەپ بۇلۇپلا بەك پۇشايمان قىلىمەن ..ئەتىدىن باشلاپ يىمەيمەن دەيمەنيۇ ،ئەتىسى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنلا يىگىم كىلىپ ،ئۆزۈمنى پەقەت تۇتىۋالالمايمەن ..ئاخشىمى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ ..خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە خىيال سۈرۈپ ياتىمەن ..ئەتىگىنى پەقەت تۇرغۇم كەلمەيدۇ ..كاللام ئېغىرلىشىپ ،ئۇنتۇغاقلىشىپ كەتتىم ..يىمىسەم پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىيدۇ ..يەۋالسام ئۇنداق ئەمەس ...بۇ دورا بۆرەك ۋە نېرۋىغا بەكلا زىيانلىق دەپ ئاڭلىغانىدىم ..يېرىم يىل بولدى بېلىم ئاغرىيدۇ..ھەپتىدە بىر قېتىم ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىپمۇ قالىمەن ......ئۆزۈمدىن تولا گۇمان قىلىدىغان ،سەپرا مىجەز بۇلۇپ قالدىم ..بەدىنىم بەك ئورۇق ..ئۇخلاپ قوپسام قۇلىقىم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ ...كەيپىياتىمنىڭ بىر كۈن تولۇق ياخشى بۇلۇپ باققىنىنى بىلمەيمەن ...كاللامدا يۈزمىڭ خىيال ...بەل چارچاش ھېس قىلىمەن ..بۇ دورىنى يەيدىغانلار بەك كۆپ ..بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ...بەزىدە جېنىمدىنمۇ تويۇپ قالىمەن ..ئېنىقكى ،بۇ شۇ دورىنىڭ تەسىرى ......مۇشۇ دورىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلىدىغان ،كەيپىياتنى تەڭشەيدىغان ،بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ،مېنىڭ يۇقارقى كېسەللىك ئالامەتلىرىمدىن قۇتۇلۇشقا چارە بارمىدۇ ؟؟بۇنىڭ ئۈچۈن مەندىن نىمە كەتسە مەيلى ...ياردەم قىلسىڭىز ...ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇخىل دورىلار ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالدى ...بۇنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىمىزغا ،بالىلىق بۇلۇشىمىزغا ،بەدەن سۈپىتىمىزگە چوقۇم قاتتىق زىيىنى بار ..لېكىن بىلىپ تۇرۇپ قول ئۈزەلمەيۋاتىمىز ..بۇ مېنىڭلا ئەمەس ،مۇشۇ خىل دورلارنى ئىستىمال قىلىۋاتقان بارلىق ياشلارنىڭ ئىلـىجاسى ...يول كۆرسەتسىڭىز ..دورا بېرەمسىز ياكى باشقا خىل ئۇسۇل بولامدۇ قايسى بولسا مەيلى ...مۇشۇ دورىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ ،بەدەننى ئەسلىدىكى ياخشى ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدىغانلا ئىش بولسا ،مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دىگىنىڭىزنى قىلىمەن ۋە ئەتراپىمدىكى بۇ دورىنى ئىستىمال قىلىدىغانلارغا تەۋسىيە قىلىمەن ..ئېنىقكى بۇنى يەۋاتقان ھەر قانداق ئادەم زىيىنىنى بىلىدۇ ..بىلىپ تۇرۇپ يەيدۇ .يەپ بۇلۇپلا قاتتىق پۇشايمان ئىچىدە قالىدۇ ...مېنىڭ ۋە بىزنىڭ بۇنداقلا تۈگەشكىمىز يوق ...ياردەم قىلسڭىز!!!!


تۆۋەندىكىسى يۈكسەلhttp://yuksel.blogbus.com بۇرادىرىمنىڭ بۇ دورا ھەققىدىكى چۈشەندۈرىشى:
بىر قىسىم تورداشلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا 盐酸曲马多 نى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتەك ناچار خاھىشنىڭ ئەدەپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىپ، نەزىرىمىزنى ئۇشبۇ ئىشقا ئاغدۇرۇشقا چاقىرماقتا.
خوش، ئۇنداقتا ، بىر قىسىم ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز نېمە ۋەجىدىن مەزكۇر دورىنى ئىستېمال قىلىشىدۇ ؟
ئالدى بىلەن بىز 盐酸曲马多 ئاتلىق بۇ دور بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:
Tramadol Hydrochloride ( يەنسۈەن چۈمادو 盐酸曲马多 ) نىڭ تەسىرى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، كلىنىكىدا ئاساسلىقى يامان سۈپەتلىك ئاغرىقلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئاغرىق، راك كېسەللىكىدىكى ئاغرىق، تۇغۇت جەريانىدىكى ئاغرىق قاتارلىق. بۇ دورا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى دور ھېسابلىنىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دورىنى نورمال ئادەم كۈنىگە 200 مىللىگىرامدىن ئۇدا 6 ئاي ئىستېمال قىلسا، بو دورىغا قارىتا ئورگانىزمدا تاينىشچانلىق ( 药物依赖 ) پەيدا بولۇپ، دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر كۈنىگە 300 - 400 مىللىگىرام ( 6 - 8 تال ) دىن ئۇدا 2 ئاي ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىستېمال قىلسا، ئېىغر دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولى سىستېمىسى فۇنكىسىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئورگانىزىمدا دورىغا قارىتا بەرداشچانلىق ۋە تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ ھەمدە باشقا قوشۇمچە ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن. مەزكۇر دورىنىڭ خۇمارلىقى ( كىشىنى ئۆزىگە خۇمار قىلىپ قويۇش دەرىجىسى ) باشقا زەھەرلىك بويۇملارغا قارىغاندا ئاجىزراق ۋە بۇ خىل تەسىرى ئاستراق بولسىمۇ، مەلۇم مەزگىل ئۇدا ئىستېمال قىلغاندا خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغاندىكىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، ئۇرۇشقاق، يالغانچى، چېچىلاڭغۇ، لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن.
盐酸曲马غا خۇمار بولۇپ قېلىش ھادىسىسىگە يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خېلى ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدىغان 5 چوڭ دورىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ بۇ دورىنى دورىخانىلاردا قالايمىقان سېتىشنى، بولۇپمۇ رىتسىپسىز سېتىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشنى قاتتىق چەكلىگەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇ جايدىكى، بۇ دورىنىڭ ئاغرىق توختىتىش تەسىرىدىن باشقا مەلۇم دەرىجىدە روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار بولۇپ، بۇ دورىنى ئىستېمال قىلغاندا، كىشى مۇئەييەن دەرىجىدە روھلىنىپ، ئۇيقۇسى قېچىپ، كىشى قورساق ئاچقاننى، ھارغان - تالغاننى تۇيماي قالىدىكەن. شۇڭا، ئىرادىسى ئاجىز ياش - ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەستىن قالايمىقان ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ تورخانىدىن كۈنبۇيى چىقالمايدىغان ياش - ئۆسمۈرلەر، شەھۋانىي ئىشلارغا بېرىلىدىغان ياش يىگىت - قىزلار خاتا ھالدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلساق << روھلاندۇرۇش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، ھارغاننى تۇيماسلىق تەسىرىنى بېرىدىكەن >> دەپ قاراپ، قالايمىقان ئىستېمال قىلغان. بىر قسىم گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان قىزلار << قورساقنى ئاچۇرمىسا ، ئۇرۇقلايدىكەنمىز >> دەپ بولۇشىغا ئىستېمال قىلغان. ھەتتا ، ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىش بىلەن كۇپايە قىلماستىن ئەتراپىدىكى دوست - ساۋاقداشلىرىغىمۇ ئىستېمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقان. خۇسۇسەن پېقىرمۇ بۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىدا ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا بۇ دورىنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ( بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلارمۇ بار ) بارلىقىنى بايقىغان ئىدىم ( ئۇ چاغلاردا بۇ مەسىلىگە ئاددىي قاراپ، بەلكىم بىرەر جايلىرى ئاغرىق بولسا كېرەك، دەپ قارىغان ئىكەنمەن. ). يېقىندا ، ئۇزۇندىن بېرى كشىلىرىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى بۈگۈنىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن مننەتسىز تەر تۆكۈۋاتقان يېقىن بۇرادىرىم بىرزاتنىڭ بلوگى ( 80 خالتا تور بېتى ، http://www.80halta.com ) دا ەدەل مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت سوراپ قالغان بىر توردىشىمىزنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەن ئويلغاندەك يېنىك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، نەزىرىمىزنى جىددىي ئاغدۇرمىساق بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھەمدە بۇرادىرىم بىر زاتنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن مۇشۇنداقراق بىر تېمىنى يېزىپ چىقىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ دىققەت - نەزىرىنى ئۇشبۇ مەسىلىگە بۇراش، قېرىنداشلىرىمىزنى 盐酸曲马多 نى قالايمىقان ئىستېمال قىلماسلىققا چاقىرىش ، ئاللىقاچان خۇمار بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.
盐酸曲马多 نڭ ناچار تەسىرلىرى :
1. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، دورىغا قارىتا تاينىشچانلىق شەكىللىنىپ، كىشىنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ.
2. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى زور دەرىجىدە زەخىملەندۈرۈپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، بۆرەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا زور دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرىستىپ، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتكەندە، نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنتۇغاق، لەقۋا، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.
盐酸曲马多 غا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى :
بۇ دورىغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، توختىماي تىت - تىت بولۇش، يۈرۈكىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئارام بولۇش، سۆڭەك - بوغۇملىرى ئاغرىش، دەككە - دۈككۈدىلا يۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 盐酸曲马多 نىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش بەك تەس بولۇپ، ئادەتتە خىرۇئىن خۇمارىدىنى تاشلاشقا قارىغاندا تەس دەپ قارىلىدىكەن. يامان يېرى، بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىسى، ئۇرغاندىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇرۇپ، خۇماردىن چىققۇسى كېلىدىغان ( زوراۋانلىق خاراكتېرى )، بىرنەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان، ئۇرۇپ - چاقىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، دائىم چېچىلاڭغۇ يۈرىدىغان لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئورنىدىكەن. شۇنىسى رۇشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر 盐酸曲马多 ئاللىقچان دۆلەت تەرىپىدىن رىتسىپسىز سېتىشقا بولمايدىغان، رىتسىپىسىز ئىشلىتىشكە بولمايدىغان، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىشقا بولمايدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرسىمۇ، ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىز بۇ دورىنى نەدىن تېپىپ ئىستېمال قىلىدىغاندۇ ؟! ... شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ( دورىخانا خۇجايىنلىرى، دورا ساتقۇچى ) كۆڭلى زەھەردىن قارا ، مانا بۇ كىشىلەر جەمئىيەت ئۈچۈن زەھەردىنمۇ ئېغىر ئاپەت !
بولدى بەس ! قېرىندىشىم، ئېنىم ، سىڭلىم ، ئەمدى بۇ 盐酸曲马多 نى قالايمىقان يېمەڭ ! خۇمار بولۇپ قالغان بولسىڭىز، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، بۇ زەھەرسىمان دورىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتكە كېلىڭ ! قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى نابۇد قىلماڭ ! كەلگۈسىڭىزنى ھە دېگەندە قاراڭغۇ - زۇلمەت ئىچىگە ئىتتىرمەڭ ! ....


مەزكۇر يازما << يۈكسەل بلوگى >> دىن ئېلىندى  http://yuksel.blogbus.com
داۋامىنى كۈتۈپ تۇرۇڭ!
مەنبە: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت بلوگىhttp://www.80halta.com
[ بۇ يازما كـاپىتان تەرپىدىن2008-11-13 18:29دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ئالقىش:+10(بۇدۇنيا) ئېسىل
  • ياخشى باھا:+5(ئامرىكا) Ahmiyatlik
  • پۇل :+1000(ئۇيغۇرشاھ) تەربىيىۋى
  • blog.salkin.cn
    بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى [size=6][url=http://www.80halta.com]http://www.80halta.com[/url][/size]
    80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى
    قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپ يان دەرۋازا ئۇدۇلىدا
    چ چ : 123994119 تېلفۇن: 0998-6462787 -13565662787
    تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگىدا:
    http://www.80halta.com  
    بلوگدىكى تەۋسىيلىك يازمىلاردىن پارچىلار
    * ئۇيغۇر تىبابتىدىكى مەشھۇر دورا ياسالمىلىرى
    * مەن كېسىلىنى كۆرگەن ياش بالىلار
    * ھايۋانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى
    * قىز-ئاياللاردىكى ئانانىزىم ئادىتىنىڭ زىيانىلىق تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش چارىلىرى
    * ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسسۇلى
    * قەۋرىستانلىقتا چايان تۇتۇش
    * قىزلىق پەردە ھەققىدە
    * ئەر-ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىشنىڭ ئۇسسۇللىرى
    ................................................................................................
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-13 13:07 |
    ئەلشاھ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26091
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 489
    شۆھرەت: 612 كىشىلىك
    پۇل : 13269 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 620 نۇمۇر
    قوللاش: 554 نومۇر
    ئالقىش: 786 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    بۇ سەپكە مەنمۇ قۇشۇلاي مىنىڭ كەسپىممۇ دورىگەر
    مەڭگۈلۈك ئابىدە
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:16 |
    قىساسكـار
    پاختا ماكانى ، دولان ئوغلى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 16499
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 920
    شۆھرەت: 1294 كىشىلىك
    پۇل : 7000 سوم
    تۆھپە: 371 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1735 نۇمۇر
    قوللاش: 1328 نومۇر
    ئالقىش: 2100 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ناھايىتى ياخشى سورالغان سۇئالكەن دىمىسىمۇ بۇنداق دورىنى يەيدىغانلار بەك كۆپ بۇجەمىيتىمىزدە بولسا مۇشۇ ياشلىرمىزنى قۇتقۇزايلى
    قىساسكـار بـۆرە.
    دوست تۇتساڭ ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇقنى تۇت.
    دوست بىلەن بىرلىشىپ بەيگىلەردە ئۇت،
    چاغلىماي تۇلكىنى دوستۇم دېسەڭ سەن.
    بىر ئۇتۇك ئىچىگە كىرەر ئىككى پۇت،
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:18 |
    ناماتمان
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 2040
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 343
    شۆھرەت: 374 كىشىلىك
    پۇل : 1218 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 398 نۇمۇر
    قوللاش: 370 نومۇر
    ئالقىش: 468 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ دورىنى بېسىپ 2 يىللا يېسە جىگەرنى قاتۇرۇپ بولىدۇ . بىزنىڭ بىر ئاغىنىمىز مۇشۇ دورا سەۋەبىدىن ياش جېنىدىن ئايرىلىپ قالغان . 2 يىل مۇشۇ دورىنى بېسىپ يەپ جىگىرى قېتىپ كاردىن چىققاچقا ، رەھمەتلىك ياشلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالغان .
    بۇ دورىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلغان بىرىنىڭ دېيىشىچە بۇ دورا بۆرەكنى زىيادە ئاجىزلاشتۇرۋىتىدىكەن . ئېغىر بولغاندا پەرزەنت بولۇش ئىقتىدارىدىن قالدۇرۋىتىدىكەن . ھەتتا مۇشۇ دورىنى يېمىسە ئەر - ئاياللىق تۇرمۇشتىمۇ بولالمايدىكەن . ( ئايالىنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالىدىكەن )  .  بۇ دورا يەنە مېڭىنى كاردىن چىقىرىدىغان بولۇپ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىكەن .
    يىغىپ ئيتقانداق بۇ دورىنىڭ زىيىنى ئەپيۇندىن قېلىشمايدىكەن . ياش دوستلارنىڭ بۇ دورىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ياش جېنىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن . ..
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:26 |
    ئۈزەر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13966
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 141
    شۆھرەت: 214 كىشىلىك
    پۇل : 1690 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 293 نۇمۇر
    قوللاش: 214 نومۇر
    ئالقىش: 456 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەزكۇر تېما مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىغا سازاۋەر بولدى. بولۇپمۇ بىر قىسىم تورداشلار مەزكۇر دورىنى قالايمىقان ئىستىېما قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئالغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇرغۇلىماقتا. شۇڭا، مەن بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى ( http://www.80halta.com ) ۋە يۈكسەل بلوگى ( http://www.yukselblog.com ) باش بولۇپ باشلىغان ياش - ئۆسمۈر قېرىنداشلىرىمىزنى مەزكۇر دورىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتىن توسۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! تورداشلارنى يېقىن - يورۇقلىرىنى مەزكۇر تېمىدىن خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارغا بۇ ھەقتە ساۋات بېرىشىنى، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ياكى ئىشلىتىۋاتقان دوسلىرىنى بۇ يولدىن توسۇشقا چاقىرىمەن.
    blog.salkin.cn
    [url=http://www.yukselblog.com/] [img]http://yuksel.blogbus.com/files/12216540890.gif[/img] [/url]
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:27 |
    bihlan007
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 10847
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 405
    شۆھرەت: 407 كىشىلىك
    پۇل : 1169 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 445 نۇمۇر
    قوللاش: 410 نومۇر
    ئالقىش: 430 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئېنىقلا شەكلى ئۆزگەرگەن زەھەركەنغۇ-بۇ!!!!!!!!!!
    izdax.com
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:28 |
    inirgiyg9916
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25372
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 17 كىشىلىك
    پۇل : 135 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    قوللاش: 7 نومۇر
    ئالقىش: 7 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي خۇدا، مىنڭ ئىنىممۇ مۇشۇ دۇرىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ئالامەتلىرى ئوخشاۋاتىدۇ،ئۇنىڭ يەنە ئۈنۈملۈك بولغان خۇمارنى يۇقۇتىش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بارمىدۇ؟بار بولسا ئېنىق چۈشەنچە بەرسەڭلار بوپتىكەن؟
      ئالدىنقى قېتىم ئىنىمنىڭ(ئاچامنىڭ ئوغىلى) بۆرىكى ئىششىپ قېلىپ دوختۇرغا ئاپارساق سوغاقتىن بولغان بۆرەك ياللۇغى ئىكەن دەپ بىر ئاي داۋالانغان ھازىر قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن.مەن شۇ چاغدىلا ئازراق گۇمانلانغان ئىدىم .ئاچامغا دىسەم ئاچام ئىتبار قىلمىدى.چۈنكى ئاچام ئەزەلدىن ئوغىلىنى ئۇنداق يامان ئىش قىلىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئۇ توغۇرلۇق يۈز تۇرانە گەپ قىلىپ باققانمۇ ئەمەس.
    مۇنبەردىكى دوسلار،ياردەم قىلىڭلارچۇ؟ بىز قانداق قىلساق ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۇرمەي تۇرۇپ ئۇنى ئەشۇنداق يامان يولغا كىرىپ كىتىشتىن تۇسۇپ قالالايمىز؟
    blog.salkin.cn
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:39 |
    كۈندۈز
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 6037
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 479
    شۆھرەت: 523 كىشىلىك
    پۇل : 3365 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 511 نۇمۇر
    قوللاش: 513 نومۇر
    ئالقىش: 556 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنى تۇسۇشتا قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار ئاكتىپ رول ئوينىمىسا بولمايدۇ .
    بولسا ساقچى ،سودا -سانائەت ئىدارىلىرى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ رىتسىپسىز ساتقان دورا دۇكانلىرىنى ئېغىر جازالىسا بولىدۇ.  
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:39 |
    گۇلبەشىكەر
    لاي قونچاق~ !
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2399
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 2686
    شۆھرەت: 4350 كىشىلىك
    پۇل : 9718 سوم
    تۆھپە: 213 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3476 نۇمۇر
    قوللاش: 3008 نومۇر
    ئالقىش: 3974 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-11

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    توۋا ~ئاڭلىمىغانلا دورىكىنا بۇ ~~~~بۇنداق دورىلارنى ستىشنى چەكلىمەمدا ؟؟؟
    blog.salkin.cn
    مەن ئىزدەپ يۈرگەن بەختىمنى راسىت تاپقاندىمەنمۇ ؟؟ ئاللاھ بىزنى مەڭگۈ ئايرىمىغاي !!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:44 |
    克热木
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25604
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 68
    شۆھرەت: 68 كىشىلىك
    پۇل : 430 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
    قوللاش: 68 نومۇر
    ئالقىش: 68 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزنىڭ بۇ يەردە بۇرۇنلا چەكلىگەن دورا بۇ........................
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:47 |
    ناز
    ئۆگىنەلمەي سەنسىز ياشاشنى.....
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1045
    شۆھرەت: 1571 كىشىلىك
    پۇل : 1196701 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2205 نۇمۇر
    قوللاش: 2082 نومۇر
    ئالقىش: 2122 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇنداقمۇ ئىشلار باركەن ھە...........
    قۇم دانىچىسىلىك بىر سېغىنىشتا،سېنى قۇملارچە سېغىندىم ھاياتىم!.......
    نەدە يۇلتۇزلارنى ئىستەپتىمەن كېچىلىرىمگە؟ نەدە قۇياشنى ئىستەپتىمەن كۇندۇزلىرىمگە؟ ھەممىسى يالغان! بىلسەڭكى ھاياتىم،بىر سېنى ئىستىدىم يالغۇزلۇقۇمغا ..............
    سېنى بەك سىغىندىم ھاياتىم،ھەر بىر سىغىنىشىمدا ئاسمانغا بىر يۇلتۇز ئېسىپ قويدۇم،سېنى قانچىلىك سېغنغىنىمنى بىلگۈڭ كىلىۋاتامدۇ؟كېچە ئاسمىنىغا قارا،ئۇنى مەن ياراتتىم..............
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:47 |
    ياسېنقارې
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26075
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 13
    شۆھرەت: 13 كىشىلىك
    پۇل : 165 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 13 نۇمۇر
    قوللاش: 13 نومۇر
    ئالقىش: 13 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ يازما باشقۇرغۇچى تەرپىدىن تاقالدى !
    blog.salkin.cn
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:53 |
    سامران
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22445
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 280
    شۆھرەت: 290 كىشىلىك
    پۇل : 2790 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 403 نۇمۇر
    قوللاش: 341 نومۇر
    ئالقىش: 558 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    زەھەر بىلەن زەھەرنى قايتتۇرۇش دىگەنلىكنىڭ ئۆزى؛ دورا دەپ ئاتىلىدىغان زەھەر بىلەن  كىسەل دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرنى قايتتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ .
    ئەڭ ياخشى دورا تاماق .  3ۋاق تاماقنىڭ ۋاقتىدا ، يىتەرلىك ، قۇۋەتلىك  بولىشىغا  كاپالەتلىك قىلىنسا  ھەم ئۆزىنىڭ مىجەزىگە بىقىپ تاماقلانسا  دورىغا ئىھتىياج چۇشمەيدۇ .
      كىسەلنى دورا ئەمەس پەرھىز  ساقايتىدۇ .

    ئۆلۈكنى تىرلدۇرىدىغان دورىنى يىگەن تەقدىردىمۇ  پەرھىز تۇتۇلمىسا ، قىشتا  جۇۋا كىيىپ بىڭگۇر يىگەندەكلا  ئىش بولىدۇ .
    blog.salkin.cn
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 14:00 |
    ئۇيغۇرشاھ
    مىللەت،ئانا تىل،يېزىق...
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1955
    شۆھرەت: 3296 كىشىلىك
    پۇل : 285193 سوم
    تۆھپە: 546 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3047 نۇمۇر
    قوللاش: 2396 نومۇر
    ئالقىش: 3024 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىر دەششەت يەپ قويىدۇ قىران،تازا ياش بالىلار...ئەسلى ئۇلار مىللەتنىڭ ئۈمىدى ئىدىغۇ؟؟؟
    ئەسلى بۇ ياشتىكى بالىلار ۋىجدانلىق ،ئەقىل كىرىشكە باشلىغان،گەپ سۆزلىرى ھەقىقىي ئەركەكتەك ئۆزگىرىپ،ئەرلىك يولىغا قەدەم بېسىشى كېرەك ئىدى!لېكىن ھازىرقى كۆپ قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ دورىنى يەپ ئەقلىنى بۇلغاۋاتىدۇ...شۇڭا جەمئىيەتمۇ خۇمسىلىشىپ كېتىپ بارىدۇ!
     باشقىلار كۆكتە  ئۇچـۇپ ،  سـۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن  ماڭارىمەن!
      ـــــــــــ ئا.ئۇيغۇر
    ***********************************************************
    «ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمدىن نومۇس قىلىمەن!»دېيىشكۈچىلەر!ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىڭدىن ئەمەس!ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇردەك ياشىيالمىغانلىقىڭدىن نومۇس قىلىش !!!
    ***********************************************************
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 14:01 |
    كۆك-ئەتىرگۈل
    Action is better then words
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 11587
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1136
    شۆھرەت: 3230 كىشىلىك
    پۇل : 6091 سوم
    تۆھپە: 155 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1953 نۇمۇر
    قوللاش: 1710 نومۇر
    ئالقىش: 2362 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالدى بىلەن ياشلارغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىغا باش قاتۇرغان بىر زات ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۇر!
    ياشلار، ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنى كىرەكتىن چىقىرىدىغان « دورىلار» نىڭ تۈرىمۇ كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ...
    بۇ تىمىنى ئوقۇپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بوپكەتتى!
    تەرەپ-تەرەپتىن زەھەرلىنىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتىدۇ...قانداقمۇ قىلىش كىرەك؟!
    بالىلار مائارىپنىڭ، ھەقىقى مائارىپنىڭ تەمىنى تىتىيالمايۋاتىدۇ..
    ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىش ئىزدەش كوچىسىدا تەمتىرەۋاتىدۇ..
    ياشلار خىروئىنغا، ھاراققا، قىمارغا بىرىلۋاتىدۇ...
    ئۆسمۈرلەر توردا ئىدىدىيە جەھەتتە زەھەرلىنىۋاتىدۇ..ئەمدى بۇ دورا چىقتى!
    پەلەك ھەقىقەتەن تەتۈر چۆگىلەۋاتامدۇ-نىمە؟!
    بىر زات ئەپەندى، مۇمكىن بولسا بۇ ئەھۋالدىن ئۈزۈل-كىسىل قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى بولسا مۇشۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە يەتكۈزگەن بولسىڭىز...
    سىزنىڭ بۇ ياردىمىڭىز خەلق ئۈچۈن بىر چوڭ ياردەم بولغان بولاتتى...
    blog.salkin.cn
    قەلبىمدىكى ئەڭ چوڭقۇر تىۋىنىش ئۇلۇغ ياراتقۇچىغىدۇر!
    قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل كۈي ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر!
    قەلبىمدىكى ئەڭ يارقىن نۇرمۇ ھەم ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر!
    ئى تەڭرىم! سەنسىز ھىچ ئىشنى قىلالمايمەن! ماڭا كۈچ ھەم يول بەرگەيسەن!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 14:04 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار

    Time now is:12-23 08:15, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation