mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: قىسمىتىم ۋە ئەسلىمەم!1-2-قىسىمى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 8892 قېتىم كۆرۈلدى
ئارزۇ
ئا.سۈبىھى
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 44
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 248
شۆھرەت: 2533 كىشىلىك
پۇل : 1960 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 372 نۇمۇر
قوللاش: 297 نومۇر
ئالقىش: 157 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ھەۋەسكار
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قىسمىتىم ۋە ئەسلىمەم!1-2-قىسىمى

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلقۇت تەرپىدىن (2008-11-13)دە نادىرلاندى
ئاپتۇرى : ئا.سۈبىھى  }RDb1~6C  

                                                                                                                                                                                      ^$8Vh =D  
يىڭى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ بۇنداق كۆڭۈللۈك باشلىنىپ يىغا ۋە خوشاللىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ  ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولسام ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن خوشاللىقى ۋە قايغۇسىدىن گاھ ھاياجانلانسام گاھ ئولتۇرۇپ مۇڭغا چۈمەتتىم . بۇ ھايات شۇنچىلىك قەدىرلىك ، ئەمما شۇنچىلىك قىسقا ئىدىكى ، ھايات مۇساپەمگە كۆڭۈللۈك ، ئەمما ئاچچىق بىر ئەسلىمىنى قالدۇرۇپ قويغانىدى . pqkcf \  
ئوقۇشقا ماڭىدىغان كۈنۈم ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ تۇنجى قىتىم ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ ، ئۇلار بىلەن يىغلىشىپ خوشلاشقان بولسام ، رەھمەتلىك دادام بىلەن ئىنتايىن ئاددىي خوشلاشتىم . ئۇ گويا مىنىڭ ئالدىمدا كۆز ياشلىرىنى كۆرسەتكۈسى كەلمىگەندەك ، ماڭا كەينىنى قىلىۋالدى . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ، ئۇنى بۇنداق ھالەتتە تاشلاپ كىتىش ماڭا ھەقىقەتەنمۇ ئىغىر كەلگەنىدى . ئۇنىڭ كۆڭلى شۇ ۋاقىتلاردا بىرەر ئىشنى سەزگەنمىكىن دىگۈم كىلىدۇ . ئۇ ماڭا شەرەتلەپ :« سەن كەتسەڭ ، ئەمدى بىز كۆرۈشەلمەيمىز بالام » دىگەنلەرنى ئۇقتۇرسىمۇ ، مەن رىئاللىقنى قۇبۇل قىلغۇم كەلمىگەندەك بۇ گەپلەرگە :« نىمە دەيدىغانسىز دادا ، خۇدايىم سىزنىڭ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ، مەن تىخى سىزنى كۆرۈپ قانمىدىم » دەپ تۇرۋالاتتىم .شۇ قىتىم ، ئۇ مىنىڭ بىلەن خوشلاشقان ئاخىرقى قىتىم بىز ئىككىمىز قىيالمىغان نەزىرىمىز بىلەن شۇنچىلىك ئاددىي خوشلاشتۇق . ئەمما ئۆزۈممۇ بىلمىگەنكەنمەن ، بۇ دادامنىڭ ئىسسىق يۈزىنى ئاخىرقى قىتىم كۆرىشىم ئىدى ...ئۇ  چەكمىگىلى ئۇزۇن بولغان تاماكىسىدىن بىرنى ئىلىپ مىنىڭ تۇتاشتۇرۇپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلدى . بۇ دادامنىڭ ئاخىرقى قىتىم مىنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىم ئىكەن ... دادام تىزلا ماڭا ئارقىنى قىلىۋىلىپ ، ئۆزىنىڭ كۆز ياشلىرىنى مىنىڭدىن يۇشۇردى . دادامنىڭ تىتىرىگەن گەۋدىسى ، بىلەر -بىلىنمەس سىلكىنگەن ھالىتىدىن ئۇنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇراتتىم . QQ5lW  
-مەن يەنە قايتىپ كىلىمەن ئەمەسمۇ دادا ، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ، ئەمدى تاماكا چەكمەڭ دادا ... ئاللاغا ئامانەت !  مەن شۇلارنى دەۋىتىپ دادامنىڭ ئۇرۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان مۆرىسىدىن تۇتۇپ ئۇنىڭ چوققىسىغا سۈيۈپ قويۇپ ئۆيدىن يىنىپ چىقتىم . !G+n"-h9'  
كۆزلىرىم يىغىدىن قىززىرىپ ئىششىغان ، كاللامدا پەقەت شۇ ئاپام بىلەن دادام ... ماشىنا قوزغىلىپ خىلى بىر يەرگىچە ئاپامنىڭ كەينىمدە ئاستا -ئاستا كىچىكلەپ سۇسلىشىۋاتقان گەۋدىسىگە قاراپ يىنىش -يىنىشلاپ قول پۇلاڭلىتىپ كەتتىم . خۇددىي مەن ئوقۇشقا ئەمەس، مەن ئولتۇرغان بۇ ماشىنا مىنى بارسا كەلمەس يولغا زورلاۋاتقاندەك يىغىدىن ھىچ توختاي دىمەيتىم . ماشىنىدا كىم بار ، كىمنى تۇنۇيمەن ، بۇلارغا قارىغۇدەكمۇ بولماپتىمەن . پەقەت ماشىنا بىر ماڭغانچە مىڭىپ ئاقسۇنىڭ دائىرىسىگە كىرگەندە ، يىغىدىن بىر ئاز توختاپ ئەتىراپتىكى كۆزۈمگە سىڭىپ كىرەلمەيۋاتقان مەنزىرىگە قاراپ ئولتۇردۇم . كاللامدا يەنە شۇ دادام ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ... (#f m (@T  
2eZk3_w  
مەن 10 ياشقا توشمىغان ۋاقىتلىرىم . باشلانغۇچنىڭ ئەمدىلا 4 -يىللىقىغا كۆچۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتىۋىمىزدە بىر قىتىملىق چوڭ كۆلەملىك ئائىلە يىغىنى ئىچىلماقچى بولدى  . يىغىننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ھەممىمىز ئاتا -ئانىمىزنى يىغىنغا باشلاپ كىلىشىمىز ، تۇنۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىنىدىن جاي ئىلىشىمىز كىرەك ئىدى . شۇ ۋاقىتلار دەل دادامنىڭ داۋالىنىپ يۈرگەن چاغلىرى بولغاچ ، ئۆيدە چوڭلار يوق ، پەقەت ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىر ئۆينىڭ خوجايىنى بۇلۇپ ئۆتىۋاتاتتۇق . ئەتىراپىمىزدىكى قوشنىللىرىمىز ھەممىسى ئاساسەن خەنزۇ بۇلۇپ ، بۇ ئىشلارنى بىلىپ كەتمەيتى . مۇئەللىملىرىممۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئەلۋەتتە . قۇلۇمغا چىرايلىق قىلىپ تۇتقۇزۇپ قۇيۇلغان كىچىككىنە باغاقچىگە قاراپ ئۇزۇنغىچە بىشىمنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ كەتتىم . بۇ ۋاقىتلىرىم دەل مىنىڭ ئەڭ جىمغۇر ۋاقىتلىرىم بۇلۇپ ، كۆڭلۈم يىرىم ، دىلىم سۇلغۇن بولسىمۇ چاندۇرماي دىگۈدەك ئۆتىۋاتقان ئىدىم . مۇئەللىمگە بۇلارنى دەپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدىم ، كاللامدا ئاكامنى ئەكىلىمەن ، دەپ ئويلايتىم . ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئاكاممۇ ماڭا ئوخشاش مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ ، شۇ يىلى 6 -يىللىققا چىققانىدى . دىمەك ، ئۇنىڭغىمۇ بۇ يىغىن ئىچىلىدۇ ، دىگەن گەپ. شۇنداق خىيال بىلەن ئۆيگە كىلىپ سومكامنى چۆرىدىمدە ، كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم . سىنىپ تازلىقى قىلىپ ھىرىپ كەلگەن ئاكام مەينەت بۇلۇپ كەتكەن ئىشتىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : s2(w#n)  
- ئۇكام ، بۈگۈن تازلىق قىلىۋاتسام بىر قىز ساۋاقدىشىم كىلىپلا ئىشتىنىمغا سۇ چىچىۋەتكەنىدى ، يۇيۇپ بىرەمسەن ؟ مەن ئايىقىمنى ھويلىغا يىيىپ قۇيۇپ كىرەي . ئاندىن ئىككىمىز تاماق قىلىپ يەيلى . Vid{6?7kh  
مەن گەپ قىلماي ئاكامنىڭ سىلىپ بەرگەن ئىشتىنىنى قۇلۇمغا ئىلىپ يۇيۇشقا باشلىدىم . ئاكام يىنىمدا ھە دەپ يۆل بۇلۇپ كەتكەن ئايىقىنىڭ بۇغۇچىنى ئىلىۋاتاتتى . قارىسام ئۇنىڭ ئايىقى شۇنچىلىك لاي بۇلۇپ كىتىپتۇكى ، ئەتە ئۇنىڭ كىيىپ مىڭىشىغا كۆزۈم يەتمىدى . JA SR  
-ئاكا، ئەكە ئايىقىڭنى ، بۇنداق يايساڭ قۇرىغىنى بىلەن ئەتە كىيەلمەيسەن ، كىيسەڭمۇ ساۋاقداشلىرىڭ زاڭلىق قىلىدۇ . IQk#  
-قۇرىسا چوتكا بىلەن توپىنى قىقىۋەتسەم بولىدىغۇ ، سەن تىخى تاپشۇرۇق ئىشلىشىڭ كىرەك . SILvqm  
-ئەمىسە مەن ئىشتاننى يۇيۇپ بۇلۇپ بىر پىيىنى يۇياي ، سەن بىر پىيىنى يۇي ، ئىككىمىز مۇسابىقىلىشىپ باقايلى ، كىم پاكىز يۇيىدىكىن؟ "{ry 9?z  

A_(+r  
قىززىق ، شۇ ۋاقىتلاردا گەرچە ئۆيدە چوڭلار بولمىغىنى بىلەن ئىككىمىز خۇددىي مۇشۇ ئۆينىڭ ھەقىقىي خۇجايىنلىرىدەك ئۆز ئىشىمىزنى ئۆزىمىز جۆندەپ دىگۈدەك قىلىپ ماڭاتتۇق ، گاھى قىلىقلىرىمىزدىن ئۆزىمىز كۈلۈپ كەتسەك ، گاھىدا ئۇرۇشۇپ مەن تاياق يەۋالاتتىم . تاياق يەۋالغان كۈنلىرىم يىغلىغىنىمچە ئۇخلاپ ئەتىسى خۇددىي ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئاكامنىڭ قولىدىن تۇتۇپ مەكتەپكە كىتەتتىم . شۇ كۈنلىرىمىز گەرچە قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتسىمۇ ، ئومومەن بۇ ئىككىمىز يەنىلا ئىنجىل - ئىناق ئۆتەتتۇقكەن . دادامنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدىن ھىچ بىر خەۋەرسىز بولساقمۇ ، كۆڭلىمىزدە ئۇلارنىڭ تىزراق ساقىيىپ تىزراق قايتىپ كىلىشىنى شۇنچىلىك تىلەيتۇق ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارغا ئاتاپ بىر خاتىرە توشتۇرغىنىم ھىلىمۇ يادىمدا ... mN'9|`>V>  
ئىشتاننى سىمغا ئارتالماي قىيلىنىپ سەكرەپ يۈرسەم ، ئاكام بىر چەتتە تۇرۇپ كۈلۈپ يىتىپ قاپتۇ ، تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ ئۇنىڭغا ھومىيىپ قۇيۇپ ، قۇلۇمغا بىر كالتەكنى ئىلىپ سىمنى ئاستا پەسكە تارتىپ ئىشتاننى يىيىپ قۇيۇپ ، ئاكامغا ئوبدانلا ئالىيىپ قويدۇم . t`1]U4s&I  
- ئەمدى تاماق ئىتەمدۇق ؟ تەييار بولدۇڭمۇ ؟ ,/b/O4`;y  
تاماق ئىتىمىز دىگىنىمىز بىلەن بىز ئەزەلدىن تاماق ئىتىشنى ئۈگىنىپ باققان ئەمەس، پەقەت ھويلىدا تاپشۇرۇق ئىشلىگەچ ئاپامنىڭ ئاشخانا ئىچىدە نىمىش قىلىۋاتقىنىغا ئانچە -مۇنچە دىققەت قىلىپ قوياتتۇق . گاھىدا ئاكام ئىككىمىز سەي ئادالاپ بىرىمىز دەپ ئاشخانىغا كىرىۋىلىپ ، 3 ئادەم تۇرسا قىستاڭچىلىق بولىدىغان بۇ كىچىك ئۆينى شۇنداق پاراكەندە قىلاتتۇقكى ، ئاپام قاقشاپ كىتەتتى .ئاپامنىڭ شۇ قاقشاشلىرىغا بىز پەقەت تىرنىقىمىزنى تاتلىغىنىمىزچە بىشىمىزنى ئىگىپ تىمتاس جاۋاپ قايتۇراتتۇق . مانا ئەمدى پۇرسەت كىلىپ ئۆزىمىز ئاشپەر بولىدىغان چاغدا ، نىمە قىلارىمىزنى بىلمەي ھەر نىمىلەرنى قىلىپ بىقىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەتكەن «تاماقلىرىمىز»دىن ئۆزىمىز ھوزورلىنىپ ، داملاپ يىيىشىدىغان بولدۇق .ئائىلىمىز ئىناقلىققا چۆمگەن ، كۈندە دىگۈدەك كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئائىلە ئىدى . بىكا بولۇپ قالساق بىر بۇلۇپ تىپىشماق ئىيتىشىپ ، ھىكايە ئىيتىشىپ ياكى شاھمات ئوينىشىپ دىگەندەك قىززىقارلىق ھەم مەنىلىك ئۆتكۈزەتتۇق. ئەمدى ھەممە ئائىلىدە بۇلۇپ تۇرىدىغان ئاز -تولا ئۇرۇش تالاشمۇ بار ئىدى .شۇ تاپ دىمىگەن بىلەن ئاپامنىڭ تامىقىنى شۇنداق سىغىنغان ئىدۇقكى ، بۇ تاماقلار شۇ تاپ كۆزىمىزگە گۈل بۇلۇپ كۆرۈنەتتى . دادام بىلەن ئاپام بىزگە دادامنىڭ مائاش كارتىسىنى بىرىپ ، ئايدا بىر چەككە 380 نى سىلىپ قۇيۇپ قالدى 200 نى ئۆزىمىزنىڭ خەجلىشىنى تاپىلاپ قۇيۇپ كەتكەنىدى . ئەمدىلا ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئۆيدە قىلىپ قالغان ئازغىنا پۇل ئۈستىدە ئاكام بىلەن ئىككىمىز خىلمۇ -خىل ھىساباتلارنى يۈرگۈزۈپ ، ئاخىرى ئۆيدە تاماق ئىتىپ يىيىش قارارىغا كەلگەنىدۇق ، يەنە كىلىپ بىز ئاپام بىلەن دادامنىڭ قايتىپ كەلگەندە ئۆيدە پۇل يوق بۇلۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھەر ئىككىمىز ئۆز ئالدىمىزغا 20 دىن سىلىۋىلىپ تىقىپ قويغانىدۇق . مانا ئەمدى بىز بۇ ئۆينىڭ كىچىك كاسسىرىغا ئايلانغان ، ھىسابات ھەر ئىككىمىزنىڭ قولىدىن تەڭ ئايلىناتتى ... Nt^&YE7d:  
3cFLU^  
-ئاكا ، تۈنۈگۈن ئەكەلگەن سەيلەرنى كۆرۈپ باقايلى ، قانداق سەي قورۇساق بولىدىكىن قىنى . p33GKg0i+(  
- بۈگۈن تۇخۇم سەي قورۇپ باقامدۇق ؟ مەن كۆرىۋالغان ، قىلالىشىم مۇمكىن . ye7&y4v+  
- مەيلى ، مەن ئارقىدىنلا باشقا سەي قورۇي ، توختا ھە ، سەن قورۇپ بولغۇچە مەن خىمىر يۇغۇرۇپ باقاي . ?8}jJw2H  
خىزمەتلرىمىز تەخسىملىنىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق . مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خىمىر يۇغۇرۇپ چىكەمدىن تەرمۇ چىقىپ كەتكەنىدى . بىر چاغلاردا ئاكام يۈگۈرگەنچە كىرىپ : BD#;3?|  
-ئۇكام ، تۇخۇم سەيگە تۇز قۇيامدۇ ؟ - دەپ سورىۋىدى ، مەن ئويلانمايلا  ، ھە ، دەپ جاۋاپ بىرىۋىتىپتىمەن . ئەمەلىيەتتە بۇنى مەنمۇ بىلمەيتىم . ئارقىدىنلا ئىككىمىز بىر بۇلۇپ ئادەتتە تاماقلىرىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سەيلەرنى ئادالاشقا كىرىشىپ كەتتۇق . قايسىسىنى ئالدىدا ، قايسىسىنى ئارقىدا سالىدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيتى . شۇنىڭ بىلەن بىز سەينىڭ يۇمران -يۇمران ئەمەسلىكىنى كۈزىتىپ سىلىۋەردۇق . ئىشقىلىپ ئىككىمىز بىرگە قىلغان 3- قىتىملىق سىيىمىزمۇ ئوڭۇشلۇق پىشىپ چىقتى . ئاكام ئۆزى قورىغان تۇخۇم سەينى سەينىڭ تۆپىگە سىلىۋىتىپ ماڭا قاراپ : Jz0S2&  
- مۇنداق يەپ باقىلى ھە ، بىكا ئەمدى تۇز سالمايدىغان بوپ قالسا شاكىراپ بۇلۇپ ئىككىلىمىز سۇسىز قالغان كالىدەك سۇغا دم ياتمايلى ... UQPE)G  
ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق ، ئاكام مىنىڭ يۈزلىرىمدىكى ئۇن يۇقىغا قاراپ : 9Bw"VN]W  
-توۋا سىڭلىم ، سەن يۈزلىرىڭگە ئۇن سۈرتىۋالمىساڭمۇ خىلى ئاقتىڭ ، بۈگۈن قارىسام خىمىر تاس قاپتۇ سىنى يۇغۇرىلى ، كۈچۈڭ يەتمىسە ئەتە مەن يۇغۇراي ، يۇغۇرالمىساق گۈرۈچ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ ، پەقەت بولمىسا بىرىپ مەھەللىدىكى باشقا چوڭلاردىن سوراپ قىلارمىز ، قانداق ؟ - دىۋىدى ، كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى ... +-d>Sl (  
- ئاكا ، ئەتە ئاتا ئانىلار يىغىنى ئاچىدىكەن ، قانداق قىلىمىز ؟ q'tT)IgD  
-قانداق قىلاتتۇق ، مەن سىنىڭكىگە ، سەن مىنىڭكىگە قاتنىشىسەن ، ئىككىمىز مۇئەللىمگە چۈشەندۈرسەكلا بولىدۇ .خاتىرجەم بولغىن . I|H mbTXa  
شۇنداق قىلىپ بىز كەچلىك تاماقنى يەپ ، قاچىلارنى يىغىشتۇرۋىتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئۇخلاپ قالدۇق . [&:oS35O  
8J0tya"z  
سەھەر ، مەكتەپ قوينى ھەددىدىن زىيادە ئاۋاتلىققا چۆمگەن ، قول -قولىدىن يىتلىشىپ كىلىۋاتقان ئاتا -بالا ، ئانا - بالىلار ، يىقىملىق ماختاشلار ۋە چاقىرىشلار ئارىسىدا مىتىلداپ يۈرۈپ سىنىپىمغا ئاران كىلىۋىلىپ ئۆز جايىمدا ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچۇمنى ساقلىدىم . ئۇنىڭ كىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرمەكچى ، بۇ ئىشلارنىڭ قىسقىچە دوكىلاتىنى قىلماقچى ، ئاكام دىگەندەك ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى ئىدىم . ئويلىمىغان يەردىن سىنىپ مۇدىرىمىز ھەممە ئاتا -ئانىلار كىلىپ بولغۇچە سىنىپقا پۇت باسمىدى ، ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىمۇ ئىچىلىپ باقمىدى . ئاتا -ئانىلار يىغىنى ئىچىلىپ ، يوقلما باشلانغاندا تىرنىقىمنى تاتلاپ تۇرۇپ :« كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ، ئۆيدە چوڭلار يوقتى ، دادام بىلەن ئاپام داۋالىنىشقا كەتكەن » دىيىشىم بىلەن تەڭ ، ئارىدىن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى خۇددىي تەستىقلىغاندەك ، « بۇ قىزنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئاغىنىمىز بولىدىغان، مۇئەللىم ، ئەمدى بۇ قىزنىڭ ئۆيىدىن ھىچكشى بۇنىڭدىن كىيىنكى ئاتا -ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدۇ . » دىدى-دە ، مىنىڭ غەزەپتىن تاتارغان چىرايىمغىمۇ قاراپ قويماستىن ، « بۇنىڭدىن كىيىن بۇ قىزنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنى يىغىنغا چاقىرىش ھاجەتسىز » دىۋەتتى ... مەن بۇ ئاكاشنى تۇنىساممۇ ، ئەمما ئۇنىڭ مۇنداق ھۆرمەتسىزلىكىگە قاراپ تۇرغۇچىلىكىم قالمىغانىدى . AXCJFqk;  
- كەچۈرۈڭلار ، ئەدەپسىزلىك قىلىدىغان بولدۇم . كەچۈرۈڭ تاغا ، مەيلى بىزنىڭ ئۆيدىن بۈگۈن ئادەم كىلەلىسۇن -كىلەلمىسۇن ، سىزنىڭ ياخشى كۆڭۈل بىلەن قىلغان بۇ سۆزىڭىزگە رەھمەت ، ئەمما بۇنىڭدىن كىيىن دەپ مۇقەررەر قىلىۋىتىش بىھاجەت ئىدى ، كىينگە ياراتقان ئاللاھ بىر نىمە دىمىسە بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . ئەدەپسىزلىك بولدى ، بۇ سۆزلىرىڭىز ماڭا بەك ئىغىر كەلدى ... Z6p>R;9n  
مەن ئاران شۇلارنى دىيەلىدىمدە ، ئۆزۈمگىمۇ ئىنىق بولمىغان بۇ سۆزلەر تۈپەيلى سىنىپتىن يىغلىغىنىمچە چىقىپ ئاكامنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدىغا باردىم . ئاكاممۇ خۇددىي ماڭا ئوخشاش بىشىنى تۆۋەن سىلىپ ئولتۇرغانىكەن . مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋىتىپ ، خۇددىي ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئاكامنىڭ يىنىدا بوش تۇرغان ئىككى ئورۇننىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپ ئاكامغا تىكىلدىم . قوللىرىمىز بىر بىرىمىزگە چىڭ باغلاندى ، بىز قوللىرىمىزنى چىڭ سىققىنىمىزچە بۇ ئائىلە يغىنىنى تۈگەتمەكچى بولغانىدۇق . <+a\'Xc  
- پەرھات ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەر قىنى بالام ؟ ]mp.KvB  
- كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ، ئۇلار داۋالىنىشقا كەتكەن ، بۇ ئىشلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى ، ئەمما مىنىڭچە سىڭلىم ئۇلارنىڭ ئورنىدا مەن بىلەن بىللە بۇ يىغىنغا قاتناشسا مەنمۇ خوش بولىدىكەنمەن ، رۇخسەت قىلسىڭىز ... R1nctA:  
توۋا ، ئاكامنىڭ سىنىپ مۇدىرى بىزگە شۇنچىلىك ئىللىق كۈلۈمسىرىدىكى ، مەن بۇ كۈلۈمسىرەشتىن شۇنچىلىك ئىللىقلىق ھىس قىلدىم . yY1&h op  
-بولىدۇ بالام ، ئەمىسە يىغىننى داۋاملاشتۇرايلى ... !u^(<.xJ   
يىغىن ئۇتۇقلۇق ئاياقلاشتى . ئاكامنىڭ ئۆتكەن مەۋسۇم ئالغان تەقدىرنامىللىرى كۆپچىلىك ئالدىدا تارقىتىلىپ ، ھەممە ئاتا -ئانىلار ئااكمغا رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى . مەن ئاكام ئالغان تەقدىرنامىنى كۆتۈرگىنىمچە ، ئاكام بىلەن سىنىپىمغا قايتىپ سومكامنى ئىلىۋالماقچى بولدۇم . سىنىپقا كىلىشىم مىنىى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق مەنزىرە تۈپەيلى مەن ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالمىدىم . ?vZ&CB  
خۇددىي ئاكامغا ئوخشاش مەنمۇ تەقدىرلەنگەن ، تەقدىرنامىللىرىم ئالدىدىكى پارتىغا قۇيۇپ قۇيۇلغان ، مۇئەللىم مىنىڭ سومكامنىڭ تىخى بارلىقىنى كۆرۈپ مىنىڭ قايىتىپ كىلىشىمنى پەرەز قىلىپ يىغىننى سوزغانىكەن . مىنىڭ كىلىشىم ھەممە ئاتا -ئانىلار بىردەك ئالقىشلاپ كەتتى . مەن تەقدىرنامىلارنى قولۇمغا ئىلىپ ، ئاكامغا ئىتىلدىم . مۇئەللىمىم ئىككىمىزنىڭ بىشىدىن سىيلاپ تۇرۇپ : (ttO O45  
-ھەممىمىزنىڭ بىشىدا ئوخشىمىغان كۈن بار ، ئەمما گۈدەك قەلبىڭىزدە ھىچقانداق ئازاپ ئىزى قالمىسۇن ، غەيرەت قىلىڭ -،دىۋىدى ، ياش تۆكۈلۈپ ئۈلگۈرگەن كۆزلىرىمنى ئىيتىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي مۇئەللىمگە ئۆزۈمنى ئاتتىم . ھەممە ئاتا -ئانىلار بىردەك ئالقىشلىماقتا ... 1(C%/g#"  
M,6m*  
شۇ ئىشلار بۇلۇپ ، ئۇزۇنغىچە دادام بىلەن ئاپامنىڭ خەۋىرى بولمىدى . ئاكا -ئۇكا ئىككىمىز ئۇرۇقلاپ ياغاچ بۇلۇپ قالساقمۇ ، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز ئۆزگەرمەي كىلىۋاتاتتى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز تىخى تۇنىمايدىغان ، ئۆزىنى ئاپامنىڭ ئىشدىشى ئاتىۋالغان بىر ھەدەش ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى . Zs)HzOP)9  
-- قانداق باللىرىم ، قانداق تۇرىۋاتىسىلەر ؟ مەن داداش - ئاپاشنىڭ خەۋىرىنى ئىلىپ كەلدىم . H 
ئۇنىڭ ئىيتىشىچە دادام مىڭە ئۆسمىسى بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىنغىلى بىر ئاي بولۇپتۇ ، تىخى كارۋاتتىن چۈشۈپ ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالمايدىكەن ، مۇشۇ پات ئارىدا قايتىپ كىلىدىكەن ... -@e9!/GP,  
بۇ خەۋەر ماڭا ئۆمرۈمدە ئاڭلىغان ھەر قانداق خەۋەردىن بەكرەك ئىغىر كەلگەنىدى . دىمەك مىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان ، ماڭا باققان قۇشلىرىنى ، ئۈگەنگەن ئايەتلىرىنى توختىماي دەپ بىرىدىغان دادام ئەمدى تىلىدىن قىلىپ ، يىرىم پارالىچ ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ . ئاپام كىچە -كۈندۈز دىگۈدەك دادامنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بۇلۇپ يۈرىيدىكەن ... بۇ خەۋەردىن ئۇچۇپ كەتمىگەن بولساممۇ ، خۇددىي تاياقنى راس يەپ ھۇشىنى يوقاتقان ئەرۋاھتەك خىلى كۈنلەرگىچە تۇتقان -قويغىنىمنى بىلەلمىدىم . ئەلۋەتتە ، ئاكاممۇ ماڭا ئوخشاش بىر ئولتۇرغان يىرىدە ئۇزۇنغىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى . ئۇنىڭ مەن بىلەن قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ سۆزلشىدىغان ، ئارىلاپ - ئارىلاپ قىلىپ قويىدىغان چاقچىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ... ئىككىمىز كۈنلىرىمىزنى ئىنتايىن تىنىچ ئۆتكۈزىۋاتاتتۇق ، كۈنلىرىمىز كۈتۈش بىلەن تولغان . ئارىدىن 3 ئاي ئۈتۈپ كەتكەن بىر كۈنى ئاكام ئىككىمىز يا خوشال بولىشىمىزنى ، يا يىغلىشىمىزنى بىلەلمىگەن بىر كۈن يىتىپ كەلدى . },e f(  
ھويلىنى سۈپۈرۈپ سۇ چىچىپ ، ئاشخانىنى تازلاۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز ئىشىك ئەنسىز قىقىلدى . بۇ چۈشتە كىمدۇ ، ئەمدى بۇ ، دىگىنىمچە ئىشىكنى ئىچىپ قاققان قۇزۇقتەك تۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قاپتىمەن ...  _p 
مىيىپلار ھارۋىسىدا ئۇكۇل سەۋەبىدىن ئىششىغاندەك كۆرۈنىدىغان دادام ، قولىدىكى ھاسىسىسىنى تىزىغا قۇيۇپ ئولتۇراتتى ، ئاپام ھارغىن چىراي ، دادامنىڭ ھارۋىسىنى ئارقىدىن ئىتتىرىشكە تەييار ھالەتتە .. DP6M4  
-بالام ، تىچلىقمۇ ؟ ئىشىكنى چوڭراق ئىچىگە ، دادىڭىزنى ئۆيگە ئەكىرەيلى ، بەك چارچاپ كەتتى ... _@3@_GE  
مىنىڭ ھەيرانلىقىم چىرايىمغا چىققان چىغى ، دادامنىڭ بىزنى كۆرۈپ خوشال بولغان چىرايى بىردىنلا غىرىپ چىرايغا ئالمىشىپ كەتتى . 9=p^E#d  
مەن دادامغا تەلىۋى بويىچە ھويلىغىلا ئورۇن راسلىدىم . ئاكام نان ئالغىلى چىقىپ كەتكەن يىرىدىن قايتىپ كىلىپ دادام - ئاپاملارنى كۆرۈپ ھەيرانچىلىقتا ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالدى . ;3wj(o0  
-باللىرىم ، كىلىڭلار ، داداڭلارنىڭ قىشىدا ئولتۇرۇڭلار ، بىزمۇ سىلەرنى شۇنداق سىغىنغانتۇق ، قىنى ، قانداق تۇردۇڭلار ؟ a "uO0LOb  
ئەسلى قائىدە بويىچە بۇ گەپلەرنى بىز دادام -ئاپاملاردىن سوراشقا تىگىشلىك ، ئەمما ھەيرانلىق ۋە ئازاپلىنىش بىلەن قىسىلىپ قالغان تىلىمىزغا بۇ گەپلەر دەماللىققا كەلمەي قالدى . ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئاپام گەپ تەشمىگەن بولسا ، ئاكام ئىككىمىز قاچانغىچە ھۇشىمىزغا كەلمەي تۇراتتۇقكىن تاڭ ؟ ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىۋالغاندىن كىيىن تىزلا دادامنىڭ يىنىغا كىلىپ ئەھۋاللىشىپ كەتتۇق . راس ، دادامنىڭ ساق پىتى مۇشۇ ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ساق -سالامەت ھالىتى كۆزلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن ، ئۇنى سالامەت ئۇزىتىپ ئەمدى بۇ ھالەتتە كۈتىۋىلىش گۈدەك قەلبىمىزنى ھەقىقەتەن ئازاپلىغانىدى . ئەسلىمىزگە كىلىۋالغان ئاكام بىلەن مەن ئۆيدە نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ساقلاپ كەلگەن 120 يۈەن پۇل بىلەن ، ئاپامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە قۇيۇپ كىلىۋاتقان چەكنى ۋە دادامنىڭ ئىشىپ قالغان مائاشىنى ئاپامنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇق . ھەر ئىككىمىز ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خوشال بولساق ، بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ قانداق بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتۇق . __<u!;f  
2(~Y ^_  
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قەيەردىن پەيدا بولدىكىن ، بىرجىن قىز مىنى نۇقىلاپ تۇرۇپ : M =Pn8 
-نان يەمسىز ، قارىسام يىغلاپ ھالىڭىزدىن كىتەي دىدىڭىز ، ھىچ بىزگە قارار تەلەتىڭىزمۇ يوق ، ھالىڭىز ئۈستۈن بولسىمۇ بىزگە قاراپ قۇيۇڭ ، بۇ يەردە سىزدىن بۆلەك 8 جۈپ كۆز باياتىن بىرى سىزنى كۈزىتىپ غەيۋىتىڭىزنى قىلىپ كىلىۋاتىمىز . ).aQ}G wx^  
ئەتىراپىمغا قارىدىم ، ماڭا ئوخشاش يىڭىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ، ئائىلىسىنىڭ ئىللىق مىھرىدىن ئايرىلىپ ماڭغان ئوقۇغۇچىدىن سەككىزى ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ . كىم ئويلىغان دەيسىلەر ؟ مۇشۇ تۇنۇشۇش بىلەن بىز بىرلىكتە 2 يىلنى شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق ، بۇ ئىككى يىل جەريانىدا بىز قان -قىرىنداشتەك شۇنچىلىك يىقىن ئۆتتۇقكى ، كۆرگەنلەر بىزگە ھەقىقەتەن ھەۋەسلىنىپ قارىشاتتى . ئاخشىمى ياتاققا قايىتقاندا ئايرىلمىساق بولمىسا كۈندۈزلىرى ئاساسەن بىللە ئىدۇق ، بىر بىرىمىزنى ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا ساقلاپ تاماققا چىقاتتۇق ، تاماقتىن يىنىپ سىنىپلىرىمىزغا قايتىشاتتۇق . مەن ئەڭ قايغۇلۇق كۈنلىرىمنىمۇ شۇلار بىلەن بىللە ئكتكۈزدۈم ، ئەڭ خوشاللىق كۈنلىرىمنىمۇ شۇلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزدۈم . r(sQI# P  
ئالىي مەكتەپكە كىلىپ بىر ئايدىن كىيىن دادام بىزنى تاشلاپ ۋاقىتسىز كىتىپ قاپتۇ . ئەگەر دادامنىڭ تىلى بولغان بولسىدى ، بەلكى مەن بۇ ئىشلارنى بايقىغان بولاتتىم ، ئەپسۇسلىنارلىقى تۇلۇقتا مەن بىلەن بىللە ئوقۇغان ، شۇ ۋاقىتتا بىر شەھەردە بىر مەكتەپتە تۇرغان ساۋاقداشلىرىمدىن ھىچقايسىسى بۇ خەۋەرنى خۇددىي ئاپام ماڭا ئىيتمىغاندەك ئىيىتماي يۇشۇرۇپ كەپتۇ . مەن بۇلارنى پەقەت قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايىتقىنىمدا ئۇقتۇم . كىچىكىمدىن مەن بىلەن دوسىت ، ماڭا ئاكا بۇلۇپ كەلگەن جانجىگەر قىرىندىشىممۇ ماڭا ئوخشاش قىشلىق تەتىلدە قايتىپ كىلىپ ئۇقتى . ئاكامنىڭ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ماڭا قىلغان بىرىنجى سۆزى زادىلا ئىسىمدىن چىقمايدۇ . '[u=q -Lv  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇكام قانداق ئەھۋالىڭ ؟ نىمە بۇ يەردە بىشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ ، دادام قىنى ؟ dc#Db~v}k  
مەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا تىك بىقىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ تۇرساممۇ ، ئۇنىڭغا بۇغۇزۇمدىكى ئاچچىق يىغىنى يۈتىۋىتىپ ئىككى ئىغىز گەپ قىلىشقا پىتىنالمىدىم . _ED,DM  
-قارا ياغلىق چىگىۋاپسەنغۇ ، بىر ئىش بولدىما ؟ ئۇچاڭمۇ باشقىچە ؟ 4Q0@\dR9  
-ئاكا ، يۈرە ، دادامنىڭ قىشىغا بارايلى ... `!MyOI`qS  
مىنىڭ ماغدۇرۇمنى تىپىپ قىلالىغان بىرىنجى سۆزۈم شۇ ... ئاپام ئارقىمىزدا ئىككىمىزگە بۇيۇنداپ قارىغىنىچە قالدى . 9%\ 
-نەگە ئاپىرىسەن ؟ دەۋىتىپ ماڭساڭ بولمامدۇ ؟ w<_.T#  
-سورىما ئاكا ... ھالىم زەئىپ ... قەلبىم يارا ... i;^ e6A>  
ئاكام گەپلىرىمدىن ئۆزىنىڭ گۇمانىنىڭ راسلىقىغا ئىشەندى بولغاي ، جىممىدە ماڭا ئەگەشتى . ئارىمىزدا سۈكۈتتىن باشقا نەرسە يوق. ھەر ئىككىمىز جىمجىت بىر -بىرىمىزگە يانداشقىنىمىزچە دادامنىڭ تۇپراق بىشىغا كىتىپ بارىمىز . ئايىقىمىزدا غىچىرلاپ ياتقان قار خۇددىي بىزنىڭ ھالىمىزغا قاراپ ئىچىنغاندەك ئاۋاز چىقىرىپ بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى . xc R  
-قاچان بولغان ئىش ؟ سەن قاچان ئۇقتۇڭ ؟ [8Ub#<]]  
-مەن مەكتەپكە كىتىپ بىر ئايدىن كىيىن بوپتىكەن ، ئاپام ئىككىمىزگە ئۇقتۇرماپتۇ . دادام روزى ئايلىرىدا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ ، ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن . مەن ئۈلۈشكۈن كەلگەندە ئۇقتۇم . %kNkDI  
-مۇنداق -دە ، ئەمىسە ماڭا ۋەدە بەر ، ئاپامنىڭ ئالدىدا يىغلاپ سالمايلى ، ئۇنىڭ تارتقان جاپاسى ھىلىمۇ ئاز ئەمەس ، بىچارىنىڭ جاپادىن چىچىمۇ ۋاقىتسىز ئاقىرىپ چىرايىغا قورۇق چۈشۈپتۇ . بىر قارىساڭ ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ئاياللار ئارىسىدا ئۆز يىشىدىن چوڭ كۆرۈنىدىكەن ، بايا تەپسىلىي قاراپ چىقىپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى . نەچچە ئاي بۇرۇن چۈشۈم بەك بۇزۇلۇپ كەتكەنىدى ، مەن گۇمانغا چۈشكەن ، چۈنكى ھەر تىلفۇن قىلسام ئاپام دادامنى سىرىتتا دەيتى ، مەن بىشىدا ھىچنىمىنى تۇيمىدىم ، ئەمما بۇنداق قىتىم سانى كۆپىيىۋەرگەندىكىن ، مەنمۇ گۇمانلىنىپ قالغان ، ئەمما راسلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەپتىكەن ... ;eG%#=>  
بىز بىزنى بىقىپ قاتارغا قوشقان ، ياشلا كىسەل سەۋەبىدىن قارا تۇپراقنى قۇچاقلىغان دادامنىڭ تۇپراق بىشىغا شۇنچىلىك روھسىز ھالدا يىتىپ كەلدۇق . بىزگە ئەمدى ئۇنىڭ مۇشۇ سوغۇق قەبرىسىنى قۇچاقلىماقتىن باشقا ئىلاج يوق ئىدى . مەن تۇيۇقسىز بىر قانىتىمنىڭ سۇنۇپ ، سۇنۇق ئىزىنىڭ قاناۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . ئەمدى مەن يۆلەنسەم تىرەيدىغان تىغىمدىن ، يىقىلسام «تۇر ئورنۇڭدىن »دەپ غەيرەت بىرىدىغان يۆلەنچۈكۈمدىن ئايرىلىپ قالدىم . مەيلى ئۇ كىسەل بولسىمۇ يىنىمدا بىر مىنۇت ، ياق بىر كۈن بولسىمۇ ئارتۇق تۇرۇپ بەرگەن بولسا -ھە ... ئۇنىڭغا دەيدىغان سۆزلىرىم ھەقىقەتەن جىق ئىدى ... مەن ئالىي مەكتەپتىكى تۇرمۇشنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بىرىشلا ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ خوشاللىقىنىمۇ ئۇنىڭغا كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەنىدىم . D8`,PXtV  
-ئۇكام ، مىنى خىجىل قىلماي بىردەم چىقىپ تۇرساڭ ، مەن دادام بىلەن مۇڭدىشىۋالسام ... 7_#v_ A^  
ئاكامنىڭ بۇ گىپى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى . مەن يىراقتىن ئاكامنى كۈزىتىپ تۇردۇم ، ئۇ دادامغا يۈرەك سۆزلىرىنى تۆكمەكتە ، خەتنە قۇرئان قىلىپ دۇئا قىلماقتا ، سوغۇق قەبرىنى يىنىش -يىنىشلاپ قۇچاقلىماقتا ئىدى ... يىنىپ چىققاندا ئاكام ماڭا : ]o,)#/' $  
-ئىسىت ، ئوغول بۇلۇپ تۆرۈلۈپ دادامنىڭ جىنازىسى ئالدىدا «ۋاي ئاتام» دەپ مىڭىشقىمۇ يارىمىدىم ... ~&B_ Bswf  
مەن ئاكامغا تەسەللىي بەردىم ، ئىككىمىز ئۇزۇنغىچە دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خاتىرلىرىنى ئەسلەپ چىقتۇق ، كۈن كەچ بولغاندا ئۆيگە قايتىپ ئاپام بىلەن مۇڭدىشىپ ئۇخلاپ قالدىم . m}Yf6:cr  

Click Here To EnLarge mi97$Cr2  
مەكتەپكە قانچىلىك ئىغىر قەدىمىم بىلەن قايتىپ كەلگىنىمنى بىلمەيمەن ، مىنىڭ ھىلىقى شاش دوسلىرىم مىنىڭ كىيىملىرىمگە ۋە كىيپىياتىمغا قاراپ ئالدىمدا ئىككى ئىغىز چاقچاقمۇ قىلىشقا پىتىنالماي ، ھازىرلا بىرسى ئۈنلۈك تىنسا يامان بولىدىغاندەك جىمجىت ئولتۇرۇپ تامىقىنى يىيىشمەكتە . خۇددىي مەن ئۇلارغا بولدى چىقايلى دىمۈگۈچە ، ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ تارقايدىغاندەك ئەمەس. Q`19YX  
ئاخىرى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بىر ساۋاقدىشىم بۇزددى : 37lmB '~  
-ئارزۇ ، نىمە بولدۇڭ ، سوراشقا تىلىم كۆيدى ، ئەمما بۇنداق بۇرۇختۇرما قىلمىغىنە بىزنى ... C=hE@  
-ھىچنىمە ، ھەممىمىز تارقايلى .. /{qr~7k,oQ  
كىيىن ئۇلار مىنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىمنى ئىزدەپ ئەھۋالنى بىلىپتۇ . مەن شۇ شۈكلەشكىنىمچە ئۇدا يىرىم مەۋسۇن ئۈزۈمنى يوقىتىپ قويدۇم . ئۈگۈنگەن -كۆرگىنىمنىڭ تايىنى يوق ، تۇتقان -قويغىنىمنىڭ تىخى ... ئاخشاملىرى كۆپۈنچە ئۇيقۇسىز مۇشۈكياپىلاقتەك تۈنەپ چىقىمەن ، چىرايلىرىم سارغىيىپ ئۇرۇقلاپ بىر تىرە بۇلۇپ قالدىم . گەپ قىلىش مىنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئىغىر ئىش . تاماقنى يىيىشىم ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىق ۋاقىت كىتىدۇ . ئاخىرى دوسلىرىمنىڭ ئىچى پۇشتى بولغاي ،مىنى ئوڭشىلىپ قالار ،دەپ ئۆز مەيلىمگە قويىۋەتتى . ئۇلارنىڭ مىنى ئىزدىمەسلىكى بىلەن مەن خالىسام ۋاقىت تاپساملا مەكتەپنىڭ مەيدانىغا چىقىپ خىيال سۈرىدىغان بولدۇم . ھىچكىم مىنى ئاۋارە قىلىپ ئولتۇرمايتى . ھىلىقى شاش قىز مىنىڭ ۋاقىت ئادىتىمنى ئۇقىۋالغاندەكلا بىر كۈنى يەنە جىندەك ئالدىمدا ئۈنۈپ : 0HG*KW  
- كەچتە بالىلار يىغىلىشىمىز ، ئورنى مەيداندا . ھەممىمىز يۈگۈرۈپ باقايلى ، قىنى كىم ياخشى يۈگىرەيدىكىن ، قانداق ؟ ئەمىسە مەن كەتتىم .... دەپلا يەنە جىندەك يوقاپ كەتتى . شۇ كۈنى كەچ دوسلىرىم ماڭا ئىلھام بۇلۇپ ماڭا ئۆزۈمنى قايتۇرۇپ بەردى دىسەممۇ بولىدۇ . بىز مۇسابىقىلەشتۇق ، مەن قانچە تىرىشىپ يۈگۈرگەنسىرى شۇنچە ئۆزۈمنى تاپقاندەك ، قايغۇلىرىم ئۇنتۇلغاندەك بۇلۇپ قالدىم . ئۇلار ماڭا شۇنداق بىر ھايات ھەقىقىتىنى ئۈگەتتى : |/r@z[t  
تۇرمۇس رەھىمسىز ، ئىنسان ئۇنىڭدىن رەھىمسىز ، ئۆتمۈشنىلا ئەسلەپ ئەتەڭنى ۋە بۈگۈنۈڭنى ئۇنتۇلۇپ قالساڭ ، ئەتە سەن ھامان مەغلۇبىيەتچى ... 1hRC Bwx  
قۇلۇمغا تۇتقۇزۇلغان بىر قانچە پارچە خەتنى كۆرۈپ مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يىغلىيالمىغان يىغامنى بىراقلا يىغلاپ تاشلىدىم . ئۇلارمۇ خۇددىي مۇشۇنى كۈتكەندەك ، مىنى ئارىغا ئىلىپ ياشلىرىمنى قوللىرى بىلەن سۈرتۈپ كەتتى . qP]Gl--q{  
-قارا ، يىغلاپ مۈشۈك بۇلۇپ كەتكىنىڭنى ، يىغلا دىسە شۇنداقمۇ يىغلامسەن ، مەن ئوغول بالا تۇرۇپ يىغلىۋىتەي دىدىم ، ئىچىڭ ئاغىرسۇن بىز دوسلىرىڭغا ... wdp 4-*  
-بولدى ، ئەمدى يىغلاۋەرمە ، چىرايلىك كۆزلىرىڭ قورۇق بىلەن تۇشۇپ كەتسە سىنى يارىتىدىغان ئادەم چىقمايدۇ ... !q$IB?8   
-بولدى ئەمدى ئۆمچەيمە ، سىنىڭ كۈلكەڭ يىغاڭدىن چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ ... b/2t@VlL  
ئاخىرقى سۆزدىن بىردىنلا توختاپ قالدىم ، بۇ ئاكام ماڭا كىچىك ۋاقتىمدا دەيدىغان سۆزلەر ئىدى . ئۇلارغا ئاكام توغۇرلۇق سۆزلەۋىتىپ بۇ سۆزنىمۇ ئىيتىپ بەرگەنىدىم ... شۇنداق قىلىپ ، مەن ئۆزۈمگە ئاستا -ئاستا كىلىشكە باشلىدىم . خۇددىي قىش كىتىپ باھار كەلگەندەك ، مىنىڭ قايغۇلىرىم ۋە شادلىقىم مۇشۇ دوسلىرىم ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىم بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنىدى . شادلىقىممۇ شۇلار بىلەن بىللە ، قايغۇلىرىممۇ شۇلار بىلەن بىللە ... "y5c)l(Rg  
شۇ كۈنلەر ئاپامغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇلۇپ كەتتىم . جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرۈشكە تىخى بەك ئىرىشىپ كەتمىگەن ئاپام دادامنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن كىيىن ، بىراقلا ھالىدىن كەتكەندەك بۇلۇپ قالدى . ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قەيسەر ، تىتىك ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ، ئىچى ئەلەم بىلەن تۇشۇپ كەتكەندەكلا ...   ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەستە، بىزگە ھەم ئاپا ھەم دادا بۇلۇپ بىزنى قاتارغا قۇشۇپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇپ ، بىر ئائىلىنىڭ ئىغىر يىنىك ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئىلىپ ، چىداپ كەلمەك ئاسانمۇ ؟ G9^!= v@  
ئۇ مىنىڭ قەلبىمدە  بىر سۈيۈملۈك ئايال ئىدى ، ئۇنىڭدا مەن ئۈگىنىشكە تىگىشلىك جاسارەت بار بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا سادىقلىق ۋە مىھىر -مۇھەببەت تۇلۇپ تۇرىدۇ ، ئۇنى ماڭا تۇنجى دەرىسنى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچۇم  دەپ بىلەتتىم. ئۇ جاپاكەش ، ئەمما ئەجىرلىك ئايال ئىدى ، ئۇنىڭ ماڭغان ھەر بىر ئىزلىرىدىن جاپانىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولغىنى بىلەن ، ئۇ قالدۇرغان ھەر بىر ئىزلاردىن مىزىلىك گۈللەرنىڭ ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . مەن ئۇنىڭدىن سۈيىنەتتىم . ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئۇ تارتقان جاپانى مەن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرۈپ چوڭ بولدۇم . ئۇ مىنىڭ ماياكىم ئىدى . مەن دادام بىلەن ئاپامنىڭ كۆزىدە دۇنياغا قاراشنى ئۈگەندىم . ئۇلارنىڭ مىھرىدە مىھرىبانلىقنى ، ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مھىر -شەپقەتنى چۈشىنىپ يەتتىم . مەن ئۇلاردىن ، مىنىڭ مۇشۇنداق مىھرىبان ئائىلەم بولغىنىدىم سۈيىنەتتىم . c1!h;(&  
ئاپام ئۆيىمىزدىكى تىمتاس قۇربانلىق بەرگۈچى ئىدى . ئۇنىڭ كىيىنىشلىرى شۇنچىلىك ئاددىي -ساددا ، گىرىمسىز چىرايلىرى يىللار ئۇنىڭغا رەھىمسىزلەرچە ئاتا قىلغان ئاز -تولا قورۇقلار بىلەن زىننەتلەنگەن ، ئۆز يىشىدىكى ئاياللار بىلەن بىر يەرگە كەلسە ئوبدانلا چىنىپ قالاتتى . ئەمما مەن ھىچقاچان ئۇنىڭدىن چانمايتىم ، چۈنكى مەن ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىمكى ، ئۇنىڭ دىلىدىن تامغان ھەر بىر تامچىنىمۇ شۇنچىلىك زەن سىلىپ ئاڭلاشقا تىرىشاتتىم . ئۇ تىنىمسىز قۇربان بىرەتتى . ئۆينىڭ ئىغىر -يىنىك ئىشلىرى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلۈنگەن ، ياشلىق باھارى پۈتۈنلەي مۇشۇ ئائىلىنىڭ خوشاللىقى ۋە قايغۇسى ئۈچۈن ئاتىۋىتىلگەن ئىدى . ئۇ ئاكام ئىككىمىزنى ئۈزلۈكسىز قوللايتى ، ئىيتمىغىنى بىلەن باللىرىمنىڭ بوينى قىسىلمىسۇن ، دەپ كۆپ ئىشلاردا چاندۇرماي لىۋىنى چىشلەپ ئۆتۈپ كىتەتتى . شۇڭا مەن ئۇنى ھىلىقى گىرىم بىلەن قۇيۇق ئەتىرلەر ئارىسىدا يۈرىيدىغان ، ھەشەمەت كىيىملەر بىلەن ئۆزىنى نىقاپلىۋىلىپ ئادەم ياراتمايدىغان ئانىلارغا قەتئىي سىلىشتۇرمايتىم ، ئۇ ئاشۇ تەبئىيلىكى بىلەن مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ مىھرىبان ئانا ھىساپلىناتتى . ئۇنىڭ ئاددىي -ساددىلىقى مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇراتتى . ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز چەككەن جاپالىرىنى مەن ئەقلىمنى تاپقاندىن بىرى كۆرۈپ كىلىۋاتاتتىم . ھەر قىتىم ئۇنىڭ چىھرىگە باققىنىمدا :« غەيرەت قىلىڭ ئانا ، ئاز قالدى ، چىداپ تۇرۇڭ ، ئاللاھ خالىسا ئاكام ئىككىمىزنىڭ بەختىنى بەرسە ، خوشاللىقىمىزدىن تەڭ بەھىرلىنىپ ھاياتنىڭ خوشاللىقىدىنمۇ ھوزورلىنىسىز » دەيتىم ئۆزۈمگە ... ئۇنىڭ مىھرىبان چىرايى غىرىپ چىرايغا ئالماشقاندا بولسا ئۇنىڭ يىقىن سىردىشى بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ كىتەتتىم . ئۇنىڭ ياردىمىدە بۇ ئائىلە ئائىلىدەك گۈزەل تۇسكە كىرگەنىدى . 57rc|]C  
^Jsx^?  
شۇ ئىش بۇلۇپ ئارلىقتىن بىر يىل ئۆتكەندە مەن ئوقۇشۇمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرگە ئوقۇشقا كەتتىم . شۇنىڭدىن كىيىن گەرچە بۇ يەردە تۇنۇشقان يىڭى دوسلىرىم بىلەن تىلفۇن خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرساممۇ ، ئۇلار بىلەن تىخى بۈگۈنگىچە دىدارلىشىش پۇرسىتى بولماي كەلدى . مەنمۇ يىڭى ئەمما ناتۇنۇش شەھەرگە كىلىپ ئۆزۈمنىڭ يىڭى تۇرمۇشۇمنى باشلاپ كەتتىم ... $yLsuqB}  
R>BnUIu  
Oc}4`?oy 
+fBbW::R^  
__dSEOGoe  
< Ih)h$8`  
P`^3-X/  
قىسمىتىم ۋە ئەسلىمەم  (2) ^phgNzD  
ZH<: g6  
مەن ناتۇنۇش شەھەرنىڭ يىڭى مىھمىنى سۈپىتىدە ئوقۇش ھاياتىمنى داۋاملاشتۇردۇم . بۇ شەھەرنىڭ تەلەتى مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك سوغوق بىلىنەتتىكى ، مەن ئۆزۈمنى بۇ شەھەرنىڭ مىھمىنى ئەمەس ، بۇ شەھەرنىڭ ناتۇنۇش كۆچمىنى ھىساپلايتىم ، مەن ھامان بۇ يەردىن كىتەتتىم . بۇ شەھەرنىڭ مەيلى قۇرلۇشلىرى بولسۇن ، مەيلى مەنزىرلىك جايلىرى بولسۇن ، ئۇدا 4 يىل مىنىڭ دىققىتىمنى تارتالمىدى . مەن بۇ شەھەرنىڭ تۇپرىقىنى ئۆز يۇرتۇمنىڭ بىر چىمدىم توپىسىنىڭ مىھرىغىمۇ تەڭ قىلمايتىم . كۆز ئالدىمدىكى ناتۇنۇش شەھەر مەن ئۈچۈن ئىلىپ ئىيىتقاندا ۋاقىتلىك چارىگاھ ، مەن بۇ يەردە ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىسام ، ئۈگەنگۈدەكلا بىلىملەرنى ئىگىلىۋالسام بولاتتى . بۇ يەردە مەن قىززىققۇدەك ، ۋاھ دەپ ئاغزىمنى يوغان ئىچىپ ھەيران قالغۇدەك نەرسىمۇ يوق ، مەن نەزىرىمنى بۇ شەھەرگە شۇنچىلىك خىيالىي تاشلايتىمكى ، گەرچە كۆزلىرىم بۇ شەھەرگە تىكىلگەندەك قىلسىمۇ ئەمما يۈرىكىمدە يەنىلا يۇرتۇمنىڭ ئىزنالىرى پورەكلەپ تۇراتتى . مەن بىكار بۇلۇپلا قالسام قۇلۇمغا قەلەم ئىلىپ دەپتەر يۈزىدە شارتىلدىتىپ قەلبىمدىكى ئەشۇ پورەك -پورەك ئەسەرلىرىمنى تۈكۈشكە ئامىراق ئىدىم . قەلەم شۇ ۋاقىتلاردا مىنىڭ ئەڭ يىقىن سىردىشىمغا ئايلانغان . مەن شوخ بىر قىزدىن پۈتۈنلەي خىيالچان ، جىمغۇر بىر قىزغا ئايلىنىپ قالغانىدىم . تۇرۇپلا خىيالىم يەنە شۇ بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرگە ، يىراقتىن يولۇمغا قاراپ سىغىنىش ئىچىدە ئارامسىز ئولتۇرغان ئاپامغا ، ماڭا يىقىنلا شەھەردە ئوقىۋاتقان ئاكامغا ، مىنى قايغۇدىن ۋاقىتلىق قۇتۇلدۇرغان دوسلىرىمغا كىتەتتى . 4 يىل ، مەن ئۇدا مىنى ياد ئىتىپ مىنى ئەسلەپ كىلىۋاتقان سىرداش دوسلىرىمنىڭ تۇنۇش پۇچۇركىللىرى بىلەن ئۇچىرىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم . ھەر قىتىم ئۇلارنىڭ خىتىنى ئوقۇش ماڭا ئالامچە خوشاللىق بىغىشلايتى . ئاخشاملىرى مۇڭلۇق ناخشىلارنى قۇيىۋىلىپ ئۇلارغا جاۋاپ خەت يىزىشقا كىرىشىپ كىتەتتىم . تەرەپ -تەرەپتىن كىلىۋاتقان خەتلەرگە ئىرىنمەي جاۋاپ قايتۇرۇشنى شۇنچىلىك خوشاللىق دەپ بىلەتتىم . شۇ ۋاقىتلاردا چ چ ئويناش ، ئىمەيىل ئەۋەتىش دىگەنلەر ئاللىقاچان مودىغا ئايلىنىپ بولغان ، ساۋاقداشلار ئاساسەن سالام -خەت شەكلىنى تاشلاپ پۈتۈنلەي ئىلىكتۇرۇنلۇق سالام -خەتلەرنى قوللىنىشقا كۆچكەن بولسىمۇ ، ئەمما بىز يەنىلا شۇ خىل ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتۇق . ئادەمنىڭ چىھرىنى كۆرمىگەن بىلەن ئۇنىڭ خىتىدىن ئۇنىڭ ھەقىقىي سالىمىنى ، ئوتلۇق سىغىنىشى بىلگىلى بولاتتى ، ئەڭ ياخشى يىرى ، بۇ خەتنى سىز ئىلىكتىرۇنلۇق ئەسۋابىڭىز بولمىغان شارائىتتىمۇ تاپشۇرۋىلىپ ، خالىغان ۋاقتىڭىزدا ئىچىپ دوستىڭىز سىزگە ئۆز قولى بىلەن ئەۋەتكەن خەتنى كۆرەلەيتىڭىز . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئاپام ماڭا يازغان تۇنجى قىتىملىق سالام خەت بىلەن ئاكامنىڭ مىنى لايدەك ئىزىپ كۆڭلۈمنى شۇنچىلىك يىرىم قىلىدىغان بىر پارچە سالام خىتىنى تاپشۇرۋالدىم ... } X|*+<  
- سالام قىزىم ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ سىزنى شۇنچىلىك سىغىنغىنىم ئۈچۈن قۇلۇمغا قەلەم ئىلىپ ئەپلەشمىگەن بۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . ھەنىم بولسا سىز مۇشۇ يەردىكى ۋاقتىڭىزدا ماڭا ئىلىپبەنى ئۈگەتكەن ئىكەنسىز ، گەرچە خەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشى يازالمىساممۇ ھەر ھالدا مەقسىتىمنى چۈشەندۈرەلەيمەن دەپ ئويلايمەن . قىزىم ، يىقىندىن بىرى قانداق كىتىپ بارىسىز ؟ ئۇ ناتۇنۇش دەپ ئاتىۋالغان شەھەرگە كۈنۈپ قالدىڭىزمۇ ؟ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن . مەندىن ئەھۋال سورىسىڭىز ، مەن ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ياخشى تۇرۇپتىمەن ، سىلەرنى سىغىنسام سۆرەتكە بىقىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كىتىمەن . ئاتا -ئانىلار سىلەرگە ئۇچۇق قىلىپ :« سىنى كۆرگۈم كەلدى بالام » دىيەلمىگىنى بىلەن ، ھەممىمىز سىلەرنى سىغىنىدىكەنمىز . زىمىستان قىش كىتىپ باھار كىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ . سىز كەتكەندىن بىرى خەتلىرىڭىزنى ئۈزلۈكسىز تاپشۇرۋىلىپ تۇرساممۇ جاۋاپ قايتۇرۇپ باقمىغانىدىم . تىلفۇندا كۆرۈشۈپ كۆپ گەپلەرنى دىيىشكىلى بولمايدىكەن . قىشتا قايتىپ كىلەلمىدىڭىز ، يازدا قاچان قايتىدىغىنىڭىزنى بىلمىسەممۇ ، ئەمما يولىڭىزغا قاراۋاتىمەن . ئوقۇشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن ، سىزنى سىغىندىم ...   ئاپىڭىزدىن ... f\+E&p.  
مەن قۇلۇمدىكى ئاددىي ئەمما شۇنچىلىك چىن ھىسيات بىلەن يىزىلغان سالام خەتنى قانچە قىتىم يىنىش -يىنىشلاپ ئوقۇپ تۈگەتكىنىمنى بىلمەيمەن . ئۇنىڭ سۆزلىرى مەن ئۇچىراتقان ھەر قانداق سۆزدىن تەسىرلىك ، ھەقىقىي ئىدى . مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بۇ خەتنى مەن ھەر كىچە يۈرىكىمگە تىڭىپ ئۇخلاپ قالىدىغان بولدۇم . ھەر ئوقىسام يۈرىكىم سىقىلىپ كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولاتتى ... قىزلار ئۆز ھىسياتىنى يىغلاش بىلەنمۇ بىلدۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ يىغلىشى ئازاپلىنىشنىڭلا بەلگىسى ئەمەس، خوشاللىقنىڭ ، تەسىرلىنىشنىڭمۇ ئىپادىسى ئىدى ... مەن ئاپامنىڭ پۇچۇركىسىغا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قاراپ كىتەتتىم . شۇ بىر نەچچە ئىغىز سۆز ھەر قىتىم دىلىمنى تىتىرىتىپ ئۆتۈپ كىتەتتى . مەن بەخىتلىك ئىدىم ، گەرچە بىر قانىتىمدىن ئايرىلغىنىم بىلەن يەنە بىر قانىتىم مىنى قانات ئاستىدا پەپىلەپ يارامغا دورا سۈرتۈپ تۇراتتى . ئۇنىڭ شۇ ئىگىلمەس - تۈكمەس روھى ماڭا شۇنچىلىك زور جاسارەت بەرگەن ، ماڭا كۈچ ئاتا قىلغان ئىدى ... {r>iUgg  
-ئەسسالام ئوماق سىڭلىم ،- دەپ باشلىغانىدى ئاكام . OaH1xZNOC`  
-ساڭا نۇزۇگۇمدەك قەيسەر روھ ، چىچەن ئەقىل يار بولسۇن . سالامەت تۇرىۋاتامسەن ؟ ھەر قىتىم سىغىنىشقا تولغان سالام خىتىڭنى ئوقىغىنىمدا سىنىڭ چوڭ بولىۋاتقىنىڭنى ، پىكىرلىرىڭنىڭ پىشىپ  يىتىلىۋاتقىنىنى ، كۆز قاراشلىرىڭنىڭ باشقا قىزلاردىن ئۆزگىچە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تۇرىۋاتىمەن . سەن چوڭ بولىۋاتاتتىڭ ، ئەمما ئاكاڭ بولغۇچى مەن ساڭا پەقەت خەتلىرىم ئارقىلىق ساڭا مەدەت بىرىپ تۇرىۋاتىمەن . مەن دادا ئورنىدا سىنىڭ بىشىڭنى سىيلاپ كىچىكلا يارلانغان قەلبىڭگە دورا تىمىتىپ تۇرالىغان بولسام ئۆزۈمنى ئالامچە خوشال ھىس قىلغان بولماسمىدىم ؟! UTS.o#d  
ئاخشام رەھمەتلىك دادىمىز چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ . ئۇ ماڭا شۇنداق كۆپ گەپلەرنى قىلىپ بەردى ، توۋا ئۇكام ، ئۆزۈممۇ ھىس قىلمىغانكەنمەن . قاچان دادامدىن ئايرىلدىم ، شۇنىڭدىن بىرى يىلىم چىققان توپتەك ئۆزۈمنى شۇنچىلىك تاشلىۋىتىپتىمەنكىن ، سىنىڭ ئۆيدە قۇچقاچتەك ۋىچىرلاپ سورايدىغان سۇئاللىرىڭغىمۇ شۇنچىلىك ئىرەنسىزلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتىمكەن ، سەن بولساڭ شۇنچىلىك ئەپۇچانسەن ، بۇلارنىڭ ھىچقايسىسىنى كۆڭلۈڭگە ئالماي يەنە مىنىڭدىن ئۆزۈڭ بىلمىگەن ئەمما ھىس قىلغان خىلمۇ -خىل ئىشلار ئۈستىدە پىكىرىمنى ئىلىپ باقماقچى بولغاندەك سوراپ كىتەتتىڭ . بەلكى سەن ئاللىقاچان بايقىغان بولساڭ كىرەك ، بەلكى ماڭا يۇشۇرۇن مەدەت بىرىپ مىنىڭ ھامان بىر كۈنى سىنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك ئولتۇرۇپ پىكىرلىشىپ خوشال -خورام كۈلىشىمنى كۈتكەن بولساڭ كىرەك ، ماڭا بىرەر قىتىممۇ دومسىيىپ باقمىدىڭ . ساڭا گاھىدا ھەيران بولاتتىم . ئالدىمىزدا شۇنچىلىك شوخلۇق قىلغىنىڭ بىلەن كەچ چۈشۈپ جاھان تىنىچلانغاندا ئۆزۈڭنى ئۈستەل چىرىغى ئاستىغا تاشلاپ شىرتىلداپ بىر نەرسىلەرنى سىزاتتىڭ ياكى يازاتتىڭ . «ئۇخلىسا بولمامدىغاندۇ بۇ جىن ، كىچىلىك ئۇيقۇسىنى ھارام قىلغۇچە » دەپ ئۆزۈمگە غۇدۇڭشىغىنىمچە سىنىڭ نىمە قىلىشىڭ بىلەن كارىم بولماي ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ كىتەتتىم . سىنىڭ نىمە ئۈچۈن چوڭ چىراغنى ياندۇرماي ئالقانچىلىك يەرنى ئاران يۇرۇتۇپ تۇرىدىغان ئۈستەل چىرىقىغا چاپلىشىپ قالىدىغانلىقىڭنى سوراپمۇ قويمايتىم . ئەپسۇس ، كىيىن ئاپامدىن بىلسەم ، سەن مەن ئالىي مەكتەپكە كەتكەندىن باشلاپ ، ئۆزۈڭنى مىنىڭ ياتاق ئۈيۈمگە بەنىت قىلىپ شۇ كىچىك چىراغ ئەتىراپىدا ئۆزۈڭ خالىغانچە شىئىر يىزىپ ، رەسىم سىزىپ ھارغىنىڭنى ھىس قىلغىنىڭدا ئاندىن ئۇخلايدىكەنسەنتۇق، ئاپاممۇ سىنىڭ بۇنداق قىلىشىڭنى تۇسۇپ باقماپتۇ . چۈنكى سەن ھەر قىتىم قىلغان ئىشلىرىڭنى ئاپامغا دەپ ، ئۇ ئاش ئىتىۋاتقاندىمۇ ، دادام ئۈچۈڭلار تاماق يەۋاتقاندىمۇ يازغان شىئىرلىرىڭنى ھوزورلىنىپ ئۇلارغا ئوقۇپ بىرىپ ، سىزغان رەسىملىرىڭنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ خوشال بۇلۇپ كىتىدىكەنسەن . بىلىشىمچە مۇزىكا ، شۇ شىئىر ، شۇ رەسىملىرىڭ سىنىڭ كىچىككىنە دىلىڭغا ۋاقىتلىق تەسەللىي بەرگۈچىلەر ، سىنىڭ بىلەن سىرداشقۇچىلار ئىدى . سىنىڭ يەنە بىر سىرداشقۇڭ كىتاپ . ئۆيدىكى تەكچىگە قاتار تىزىۋىتىلگەن كىتاپلار ئارىسىدا سىنىڭ بارمىقىڭ تەگمىگەن كىتاپلار ئاز ، سەن تەھلىل قىلىپ مەن بىلەن سىرداشماقچى بولساڭمۇ مىنىڭ بىغەملىكىم تۈپەيلى سەن ھامان جاۋاپسىز قالاتتىڭ . بۇ يىل تەتىلدە ئۆيگە بىرىپ بىر تارىخى رومان قۇلۇمغا چىقىپ قالدى ، توۋا دەي ، سەن شۇنچىلىك تەپسىلىي كۆرۈپ ئەڭ مۇھىم جايلىرىغىچە قاتلاپ قەلەم بىلەن ئىنچىكە سىزىپ قويغان قۇرلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم . راس ، مەن سىنىڭ چوڭ بولىۋاتقىنى ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ، سەن خىيالىمدىكى ھىلىقى 10 ياشلىق كىچىك قىزدەك بىلىنەتتىڭ . ۋاقىت ھەقىقەتەن تىز ئۆتكەنىكەن . مەن بىلىپ بىلمەي ئۆزۈمنىڭ نەچچە يىلنىڭ قوينىدا جىملا ئۆتۈپ كەتكىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن . كەچۈر سىڭلىم ، سەن بىلەن سىردىشىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىم ئەمەس، مەن ئۆزۈمنى دەرىسنىڭ قوينىغا شۇنچىلىك تىزلا سۆرەپ ئەكىرسەم ئازادە ھىس قىلىمەنغۇ دەيتىم ، ئەپسۇس ، مەن كۆپ نەرسىگە سەل قاراپ قالغانىكەنمەن . سىنىڭ غەيرىتىڭنى ، سىنىڭ جۈرئىتىڭنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم . سەن ھىچقاچان « ئاكا ، ماڭا ھەمراھ بولە ، مەن يالغۇزلۇق ھىس قىلىۋاتىمەن » دىمەيسەن ، خاتىرلىرىڭدىكى پۇچۇركاڭدا يىزىلغنى « مەن بەخىتلىك » دىگەن بىر ئىغىز سۆز ... سەن ھەقىقەتەن قەيسەر ئىدىڭ . قەدىردان ئاپامنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سادىقلىق بىلەن قەيسەرلىك ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوت بۇلۇپ كۈيىۋاتقان مۇھەببەتلەر ساڭا شۇنداقلا كۈچۈپ ئۇدۇم بۇلۇپ قالغاندەكلا ... r "uQ|  
بىلەمسەن ، يىنىمدا سەن باشلانغۇچتا تىنىم تاپماي قالدۇرغان خاتىرەڭ بار . مەن ئىچىم پۇشسىلا ئىچىپ كۆرۈپ چىقىمەن . گاھىدا سەن مىنى شۇنچىلىك سۈيۈملىك تەسۋىرلەيسەنكى سۈيۈنۈپ كىتىمەن ، سەن تاياق يىگەن كۈنۈڭ شۇنچىلىك ئىچىنىشلىق نىدا قىلىسەنكى ، شۇ نىدالىرىڭدىن دىللىرىم تىتىرەپ كۆزلىرىم ياشقا تولىدۇ . كىچىكلىككەن سىڭلىم ، ئەگەر بۈگۈن بولغىنىدا سىنى ئۇرمىغان بولاتتىم ، چۈنكى ئاكاڭ يەنىلا ساڭا ئامىراق ... OPuty/^!Gw  
بۇ يىل قايىتقاندا ساڭا سوۋغا ئالغاچ باراي ، نىمىلىكىنى دىگىنىمنىڭ ھىچقانداق مەنىسى بولمايدۇ ، ئەمىسە كىينكى خەتتە كۆرۈشكىچە ئامان بولغىن ، قەيسەر ياشا ، روھلۇق بول . ئاكاڭ ساڭا مەدەتكار . بىشڭنى ئۈستۇن تۇتۇپ قەددىڭنى رۇسلا . ئاكاڭ سىنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ ...                                      قۇلۇڭنى چىڭ سىقىپ : ئاكاڭدىن .... lx{ ' bzv  
Aa+<4 R  
~"VM_Lz]5  
مەن ئىككى پارچە خەتتىن ئورتاق بىر مۇھەببەتنى ھىس قىلىۋاتاتتىم . ئاكامنىڭ خەتلىرى مەن ئويلىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ ، مىنى رىغبەتلەندۈرۋاتاتتى .  مەن ئاكامنىڭ مۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن مىنى كۈزەتكىنىنى ھىس قىلمىغان ، ئۇنىڭ بۇنداق تەسىرلىك خەت يىزىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن . ئۇنىڭ ماڭا بىغىشلىغىنى قىرىنداشلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك مىھىر -مۇھەببەت بۇلۇپلا قالماي يەنە ئۈمۈد ۋە جاسارەت ئىدى ... خىيالىم خەت بىلەن تەڭ يەنە شۇ ئۆتمۈشكە ، مەن ئۈچۈن تولىمۇ سۈيۈملۈك سۈرەتكە ئايلانغان ئۆتمۈشۈمگە سوزۇلۇپ كەتتى ... $ {e5Ka  
7 lSR  
مەن تۇلۇقسىزغا كۆچكەندىن تارتىپ تاكى تۇلۇقنى پۈتتۈرگىچە خۇددىي ھىلىقى ئاكاش ئىيىتقاندەك ئاتا -ئانام ئاتا -ئانىلار مەجلىسىگە كىرىپ باقمىدى . مۇئەللىملەرمۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغاچقا مىنىڭدىن ئارتۇقچە گەپ سورىمايلا مۇكاپاتلانغان بولسام مۇكاپاتىمنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ ، ئىككى -ئۈچ ئىغىز رىغبەتلەندۈرۈش سۆزى بىلەن مىنى ئورنۇمغا ئولتۇرغۇزۇپ قۇياتتى . شۇ ئىشلار بۇلۇپ ئۇزۇنغىچە مەن ھىچقانداق يىڭىلىق ھىس قىلمىدىم .پەقەت بىر قىتىم ، مەن ئالاھىدە مۇكاپاتقا ، ئۆزۈممۇ ئويلىمىغان رىغبەتلەندۈرۈشكە ئىرىشتىم . بۇ مىنىڭ تۇلۇق 1- يىللىقتا ئوقىۋاتقان چاغلىرىم ئىدى . كۈن نۇرى زىمىنننى خوشاللىق ئىچىدە شۇنچىلىك يۇرىتىۋەتكەن ، ئەتىراپ شۇنچىلىك گۈزەل ، مەكتەپ قوينى ئاتا -ئانا ۋە بالىلار بىلەن ئاۋاتلاشقان ، مۇئەللىملەر رەتلىك كىيىنىپ چىھرىدە ئادەتتە كۆرگىلى بولمايدىغان خوشاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەنىدى . بۇ كۈن مەن ئاكام بىلەن بىللە مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىدۇق ، ئىككىمىز ئوخشىمىغان ۋاقىتتا يۈگۈرسەكمۇ ، ئەمما ھەر ئىككىمىزنىڭ بۇ مەيداندا ئۇچىرىشىپ قىلىشىمىز خىيالىمىزغا كەلمىگەن ، ئەقەللىيسى كەچلىرى ئولتۇرۇپ سورىشىپ باقمىغان ئىكەنمىز . مەن مۇسابىقە نۇمۇرۇمنى تاقاپ مەيداندا ئەركىن ھەركەت ئىشلەپ تۇراتتىم . بۇ مۇسابىقە مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، چۈنكى بۇ يەردە مىنىڭ مۇسابىقەمنى كۆرۈپ ماڭا مەدەت بىرىدىغان ھىچكىم يوق دەپ ئويلايتىم . مۇسابىقە نۆۋىتى ماڭا كىلىپ ئىسىملىرىمىز بىر -بىرلەپ ئاتىلىشقا باشلىغاندا مەيدان قىرىدا ماڭا ئىنتايىن تۇنۇش بولغان بىر گەۋدە كۆرۈندى . ئۇچىسىغا ياراشتۇرۇپ تەنتەربىيە كىيمى كىيىۋالغان ، چىنىققانلىقىدىنمۇ چىكىسىدىن تەر قۇيۇلۇپ تۇرغان ، ھىلىلا يۈگۈرگەن يىرىدىن يىنىپ كەلگەن چىغى ، تىخى ھاسىراشتىن توختىمىغان ئاكامنىڭ بىر جۈپ ئۈمۈدلۈك كۆزلىرى ماڭا تىكىلگەندە ، مەن بىردىنلا جانلىنىپ كەتتىم . مەن خۇددىي ئۈمۈد يۇلتۇزۇمنى تاپقاندەك ، ئۇزۇندىن يوقىتىپ قويغان ئىشەنچىمنى قايتىدىن تىپىۋالغاندەك شۇنچىلىك ھاياجانلاندىمكى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن كاللامنى سەگەك تۇتۇپ يۈگۈرۈشكە تەييارلاندىم . يۈگۈرۈش باشلىنىپ كەتتى .« ئۇكام غەيرەت قىل ، ساڭا ئىشىنىمەن ». ئاكام قىردا ماڭا مەدەت بەرمەكتە . ئىنسان ئۈچۈن ئىشىنىش نىمىدىگەن مۇھىم -ھە ... شۇ بىر ئىغىز سۆز بىلەن مەن ئەسلىمگە قايتىپ ئاكامنىڭ ماڭا ئىشەنگەن ئۈمۈدلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئوقتەك ئۈزۈپ ھەممىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەتتىم . قىيا -چىيا ئاۋازلار ، مەدەت بىرىشلەر قۇلۇقۇمغا كىرىپ چىقمايتى ، قۇلۇقۇم تۈۋىدە ياڭراۋاتقىنى ئاكامنىڭ شۇ بىر ئىغىز مەدىتى . مەن ھەممىنى ئۇنتۇلغان ، يۈرىكىمنىڭ قىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك سوقۇشلىرىنىمۇ ، ئەتىراپىمدىكى مۇھىتنىمۇ ئۇنتۇلغان ھالدا تىزگىنىنى قويىۋەتكەن ئاتتەك چاپماقتا ئىدىم . ئىشەنىچ نىمىدىگەن مۇھىم -ھە ... ئۈمۈدسىزلىكتىن يىقىلغان بىر كىشىگە :« ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ ، سىزنىڭ ئۆز ئەسلىڭىزنى تىپىشىڭىزغا ئىشىنىمەن» دىسىڭىز ، خۇددىي سىز ئۇنىڭغا يۇرۇقلۇق بەرگەندەك ، ئۇ ۋۇجۇدىدىن ئىلھاملىنىپ ئۆزىنى شۇنچىلىك تىز ئوڭشىۋىلىشقا ئۇرۇنىدىكەنكى ، ئۇنىڭ جىسمى مەدەتلىنىش ، خوشاللىنىش ، روھلىنىش بىلەن تۇلۇپ تاشىدىكەن . مەن ئاكامنىڭ شۇ بىر ئىغىز مەدىتى بىلەن يوقۇتۇپ قويغان ئۈمۈدۈمنى تىپىۋالدىم . مانا كىتىۋاتىمەن ، ھەممىنىڭ ئالدىدا ... ئاكاممۇ مىنىڭ كىلىشىمنى كۈتكەندەك بىر بۇلۇڭدىن قولىدا بىر بوتۇلكا مىنرال سۇ تۇتقىنىچە ئوقتەك ئىتىلىپ چىقتىدە ينىمدا ماڭا ياندىشىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى . ئۇ ماڭا ھىچنىمە دىمەي يانداشقىنىنىڭ ئۆزىلا ماڭا ئالەمچە خوشاللىق ، ئىيىتقۇسىز ھوزور بەردىدە ، كۆزلىرىمدىن خوشاللىق يىشىمنى تۆكىنىمچە ئاخىرقى پەللىگە يىقىنلاپ كەلدىم ، كەلدىميۇ - ئاكامنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇپ قىزىل يىپنى ئۈزۈپ چىقتىم .... ئاھ ، بۇ خوشاللىق پەيىتلەر ... ماڭا نەتىجە ئەمەس ، دەل مۇشۇنداق رىغبەتلەندۈرۈش لازىم ئىدى ...بۇ رىغبەتلەندۈرۈش توپتەك تاشلانغان قىسمىمغا كۈچ ئاتا قىلىپ مىنى شۇنچىلىك چەبدەس قىلىۋەتتىكى ، قىرىنداشلىق مىھرىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەنە بىر قىتىم ھىس قىلغاندەك بولدۇم . J+T tM>  
- كەل ، بۇنى يۈرىكىڭگە تىڭىۋال . سىنىڭ يۈگىردىغىنىڭنى بىلسەم بۇنى بالدۇر تەييارلاپ قۇيۇپ سىنىڭ بىلەن تەڭ يۈگۈرەيتىم . سىنىڭ نۇقتىدىن چىققىنىڭنى كۆرۈپلا ئاۋۇ كىچىك دۇكانغا بىرىپ يانچۇقۇمدىكى پۇلۇمنىڭ يىتىشىچە كاللامغا ئىتتىكلا كەلگەن بۇ سۇنى كۆتۈرۈپ كىلىپ قارىسام ئاخىرقى نۇقتىغا يىقىنلىشىپ قاپسەن ، ئارقاڭغا قارا ، بالىلار تىخى كەلمىدى ... يارايسەن جۇمۇ ! a)L|kux;l  
ئۇ مىنى خۇددىي دوسلىرىدەك مۆرىللىرىمگە ئۇرۇپ قويدى . '-mzt~zGOY  
-«ئەمدى مەن يۈگىرەيمەن ، ما سۇنى ساڭا ئىچسۇن دەپ ئالمىدىم ، سوغۇقلىقىدىن بەھىرلەنسۇن دەپ ئالدىم ، ئۇنى مەيدەڭگە تۇتۇپ تۇرساڭ ھاردۇقۇڭ چىقىپ قالىدۇ ، مەن يۈگىرەپ كەلگەندە سەنمۇ ئوڭشىلىپ قالىسەن ، ئاندىن مۇكاپاتنى ئىلىۋىلىپ بىللە قايتىمىز ، مىنى مۇشۇ يەردە ساقلا ... ~Ye nH  
ئۇ مىنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەي ئارقىغا بۇرۇلۇپ يىنىمدىن كىتىپ قالدى ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردۇم . ئۇ ماڭا خۇددىي چوڭ ئاكاشلاردەك ، پىشىپ يىتىلگەندەك بىلىنىشكە باشلىدى ، ئۇنىڭ گەۋدىسىدىن مەن ئۇنىڭ راسلا چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم . .wUnN8crQ  
-ئاكام ئىش ئۇققىدەك بوپتۇ ، ئۇ چوڭ بوپتۇ ،- دىدىم ئىچىمدە . +Z-{6C  
ئۇلار يۈگىرەش نۇقتىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىشقا باشلىغاندا مەنمۇ خۇددىي ئاكام ماڭا مەدەت بەرگەندەك ئۇنىڭغا مەدەت بەردىم . ئۇنىڭ ئاخىرقى مەيدانىغا كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مىنۇت بولسىمۇ بىللە يۈگۈرۋىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياندىشىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدىم . چۈنكى بۇ ئۇنىڭ بۇ مەكتەپتە قاتناشقان ئاخىرقى قىتىملىق مۇسابىقىسى ئىدى . ماڭا بۇنداق پۇرسەتنىڭ كىلىشى تەس ئىدى . مەن ئامالىمنىڭ بىرىچە بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىمەكچى ، ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرماقچى بولاتتىم . ئۇمۇ خۇددىي مەقسىتىمنى بىلىۋالغاندەك ، قۇلۇمدىن تۇتۇپلا يۈگۈرۈپ ماڭدى . بىز يەنە بىر قىتىم غەلبە نىشانىمىزغا قاراپ ئىلگىرلىدۇق . بۇنداق ھىسيات ھەقىقەتەنمۇ رومانتىك بولىدىكەن ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى چىن مۇھەببەتلا كىشىنىڭ تىرىكلىنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇرىدىكەن . شۇ كۈنى مەن ئاكام بىلەن ياندىشىپ تۇرۇپ مۇكاپاتنى قۇلۇمغا ئالدىم . ئىككىمىز كۈلۈمسىرىگەن پىتى قۇلىمىزدىكى سوۋغاتلارنى بىر -بىرىمىزگە كۆرسەتتۇق ، ئاتا -ئانىلار ، ساۋاقداشلار ، بىزنى تۇنۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيتى . مەن شۇ كۈلۈمسىرەشنىڭ ئارىسىدىن ئۆزۈممۇ ئويلىمىغان ئىككى سىمانى كۆرگەندەك بولدۇم . ئۇلارمۇ بىزنى ئالقىشلىماقتا ، بىزگە قاراپ كۈلمەكتە ، خوشاللىقىمىزدىن تەڭ بەھىرلەنمەكتە ئىدى ... TaaCl#g$?  
شۇنداق قىلىپ ئاكام ئالىي مەكتەپكە كەتتى . مىنىڭ تۇرمۇشۇم مەكتەپ بىلەن ئۆي ئارىسىدىكى قىززىقارلىق ھەم مەنىلىك تۇرمۇشىقا ئالماشتى . مەكتەپتىن كىلىمەن ، سومكامنى تاشلاپلا دادامنىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ئىشىك ئالدىغا ئىلىپ چىقىمەن . دادامنى پەلەمپەيدىن شۇنچىلىك ئاۋايلاپ ئىلىپ چۈشۈپ ئۇنى خالىغانچە ئايلاندۇرۇپ كىلىمەن . گاھىدا بۇ ساياھىتىمىز خىلى كەچلەرگىچە داۋاملىشاتتى . ئۇ يەردە مەن دادامنى كۈلدۈرىمەن ، مەكتەپتىكى قىززىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىمەن ، دادامغا ئەركىلەيمەن . دادام سۆز قىلالمغىنى بىلەن بىشىمنى سىيلاپ مىنىڭ سۆزلەشلىرىمگە قاراپ ئۇزۇندىن -ئۇزۇنغا ئولتۇرۇپ كىتەتتى . مەن ئامالىمنىڭ بىرىشىچە ئۇنى خوشال قىلىپ كۈلدۈرۈشنى ئويلايتىم . ھەتتا مەن يۇمۇر ئىيتىشنى ئوقمايدىغان ھالىمغا بىر قانچە يۇمۇرنى يادىلىۋىىپ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك دوراپ ئىيتىپ بىرەتتىمكى ، گاھىدا دادام كۈلۈپ تىلىقىپ قالاتتى . مەن تىلىۋىزورلاردا چىقىدىغان بەزى سۆزلەرنىمۇ دوراپ قوياتتىم . ئۇنى بىر قىتىم ئايلاندۇرۇپ مەن ئوقىۋاتقان مەكتەپكە باشلاپ كەلدىم . بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتىن قايتىشقان ، مەكتەپ كەچكى شەپەقنىڭ گۈزەللىكىدە شۇنچىلىك چىرايلىق تۈسكە كىرگەنىدى . شۇ ئاددىي دەرۋازا ، گۈللۈك ، گۈللۈك ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بايراق خادىسى ، گۈللۈكنىڭ ئۈچ تەرىپىگە ئوخشىمىغان ئۇسلۇپ بىلەن جايلاشقان ئوقۇتۇش بىناسى ... بۇلار ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا شۇنچىلىك جانلىق سۈرەتتەك كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى . مەن كەچكى شەپەق نۇرىنىڭ مۇنچىلىك گۈزەل بولىدىغانلىقىغا شۇ قىتىم تۇنجى رەت دىققەت قىلغانىكەنمەن . NPFI^Uj#A  
-مانا بۇ مىنىڭ سىنىپىم ،- ئوڭ تەەرپتىكى بىر بىنانىڭ بىرىنجى قەۋىتىنى ئىما قىلىدىم ، دادام سىنىپقا كىرىپ كۆرۈپ باقماقچىلىقىنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇردى . مەن تىزلىك بىلەن دادامنىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ سىنىپ ئالدىغا ئەكەلدىم . دادام مەن ئوقۇغان سىنىپنى كۆرۈپ شۇنچىلىك ھاياجانلاندى . ئۇنىڭ مۇنچىلىك خوشال بۇلۇپ كىتىشىنى ھەقىقەتەن ئويلىمىغانىدىم . بەلكى ئۇ :« بۇ بالام ئوقىۋاتقان سىنىپكەن ، بۇ بالامنىڭ پارتىسىكەن » دەپ ھاياجانغا چۆمگەن بولسا كىرەك . مەن ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھەركىتىگە قاراپ تۇراتتىم . ئۇ ئىشارەت بىلەن ئاكامنىڭ سىنىپىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشۇمنى ئۆتۈندى . مەن ئۇدۇلۇمدىكى يەنە بىر بىنانىڭ 3- قەۋىتىنى كۆرسىتىپ ، ئاكامنىڭ 3- قەۋەتتە ئىدى ، ھازىر ئۇ سىنىپتا باشقىلار ئوقىۋاتىدۇ دىدىم ... دادام 3- قەۋەتكە بۇيۇنداپ قاراپ تۇرۇپ كىتىپ ئىغىر ئۇھسىنىپ قويدى . ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلغانىدى . بەلكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنى ئەيىپلەۋاتقاندۇ . مەن بۇلارنى قىياس قىلىۋاتاتتىم . شۇڭا ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ : *b!.9pK  
- دادا ، خالىسىڭىز بۇ قىتىمقى ئاتا -ئانىلار يىغىنىمغا قاتنىشىشىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن قارشى ئالىمەن ، بىلىشىمچە سىزگە بۇنداق پۇرسەت كەلمىگىلى ئۇزۇن بۇلۇپ كەتتى . مەن سىزنى ئۆزۈم ئەكىلەي قانداق ؟ ،- دىۋىدىم ، دادام كۆزلىرىدىن مۇنچاق ياشلىرىنى تۆكۈپ يىغلىۋەتتى . ئۇ خۇددىي ئىمزەكتىن ئايرىلغان كىچىك بالىدەك شۇنچىلىك ئارمانسىز يىغلىۋالدىكى ، مەن ئۇنىڭ يىغىسىدىن تۇرۇپ قالدىم . راس ، مەن بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا قاچان دەپ باققان ، ھامان ئۇنى كىلەلمەيدۇ دەپ بىلدىم . ئەمما قاچان ئاتا -ئانىلار يىغىنى بولسا ئۇنىڭغا تەكلىپنامىنى كۆرسىتىپ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتىنىپ باقتىم . مەن ئۇنىڭ ئاتا بۇلۇش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلدىممۇ ؟ ئۇنىڭ ئاتىلىق ئارمىنىغا يەتكۈزدۈممۇ ؟ ئۇنى قاچان بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلدىم ... sFvYCRw /  
- مەن بارماي ، كىشىلەرگە كۆرۈنۈشكە خىجىل بولىمەن ، مىنى زورلىما ،- دىگەنىدى دادام مەن تۇلۇقسىزدىكى سەمىمىي تەكلىپىمنى رەت قىلىپ . ئەينى چاغدا دادام بەلكى رىئاللىقنى تىخى قۇبۇل قىلالمىغان ، تىخى بۇ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ بولالمىغان بولىشى مۇمكىن ئىدى . مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ خىجىل قىلماسلىقنى ئويلاپتىمەنۇ ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھىسياتىغا شۇنچىلىك پەرۋاسىز قاراپتىمەن . ئۇ ھازىر مىنىڭ شۇ تەكلىپىمنى كۈتۈپ تۇرۋاتقاندەك ، مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى . مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەندىم . ئەمما بۇنچىلىك كىچىكىپ چۈشىنىش ماڭا ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان ئازاپنى قالدۇرۇپ قويدى . .b!HEi 
تۇلۇق 3- يىللىقتىكى ئاتا -ئانىلار يىغىنىغا مەن دادامنى باشلاپ كەلدىم . ئۇ قىشمۇ -ياز پۇتىدىن چۈشۈرمەي كىيىدىغان ، ئۇپىراپ ئەسلى رەڭگىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ، يەڭگىل دەپلا سىپىۋالىدىغان ئايىقىنى سىلىۋىتىپ ، ئاپام ئىلىپ بەرگىلى نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ كىيىشكە كۆڭلى چىدىمىغان ئايىقىنى كىيدى . مەن دادامنىڭ چاچلىرىنى خۇددىي ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا تارىۋالىدىغان پاسۇن بويىچە تاراپ قويدۇم . ئۇنىڭغا ئاپام يىڭىدىن ئالغان كۆينەكنى كىيگۈزۈپ ئۇچىسىغا كىسەل تارتقاندىن بىرى ئارتمىغان سارجا چاپان -ئىشتىنىنى ئالماشتۇرۇپ قويىۋىدى ، دادامنىڭ كۆز ئالدىمدىكى يىگىتتەك تىتىك ، بىر قارىسا ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان ھالىتى مىنى ھەيرەتتە قويدى . دادام ئۆزىنى نىمانچە تاشلىۋەتكەن -ھە ... مەن ئۇنىڭ ئايىقىغا ينىمدىكى پۇلۇمغا ئالغان پىتەكنى سىلىپ ، پۇتىدىكى پايپىقىنى مەن تاللاپ يۈرۈپ ئالغان پايپاقنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم . ئۇ شۇنچىلىك كىلىشكەن ، ئۇستىخانلىرى شۇنچىلىك قاملاشقان چەبدەس يىگىتتەك كۆرۈندى .  ئۇ ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى ھىلىقى ئاددىي كىيىملىرى ئىچىگە يۇشۇرۇپ كەلگەنىكەن . بۈگۈن ئۇ جانلاندى ، ھاياجانلاندى ، ئۆزىگە ئاز -تولا قايىتقاندەك بولدى . ئەپسۇسلىنارلىقى ، بەلكى مەن ئۇنىڭغا بالدۇرراق بۇ تەكلىپنى بەرگىنىمدە ، بەلكى ئۇ بۇنىڭدىن بالدۇرراق خوشال بولىشى مۇمكىن ئىدى ، مەن ئۇنداق قىلالمىدىم ، قىلالمىدىم ئەمەس، بۇنىڭغا پۈتۈنلەي سەل قارىدىم . شۇ كۈنى مىنىڭ روھىممۇ ئالاھىدە كۆتۈرەڭگۈ ، چۈنكى مەن دادامنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىدىن بەكلا تەسىرلەنگەنىدىم . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى يەنىلا مەن ئۈچۈن ئىدى . ئەگەر قۇلۇمدا بىر تىلكامىرا بولغىنىدا ئىدى ، بۇ كۈننى مەن ئەسلىمە سۈپىتىدە ساقلاپ قويغان بولاتتىم ، ھىلىمۇ ياخشى كۆڭۈل ئەينىكىم بۇ سۈرەتلەرنى شۇ پىتى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ . =i2]qj\  
مەكتەپ ئىچى جىمجىت ، قاتار تىزىلغان ۋىلىسپىتلەرنى ئايلىنىپ سىنىپ ئالدىغا كەلگەندە ، مۇئەللىم تىخى يىغىننى باشلىمىغانىكەن . مۇئەللىم مىنىڭ دادامنىڭ ئىتتىرىپ سىنىپ ئالدىغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ ماڭا ياردەملەشمەكچى بولىۋىدى ، دادام مۇئەللىمنىڭ تەكلىپىنى سەمىمىي رەت قىلىپ تىزىغا قۇيىۋالغان ھاسىسىنى قولىغا ئالدىدە ، مىيىپلار ھارۋىسىدىن شۇنچىلىك چەبدەسلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا -ئاستا قەدەملىرى بىلەن سىنىپقا كىرىپ كەلدى . ئاتا -ئانىلار ، ساۋاقداشلار تۇشمۇ -تۇشتىن يول بىرىپ دادامغا قۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن بىرىنجى پارتىنى بوشىتىپ يىنىدىن ماڭا ئورۇن بەردى . مەن پەخىرلەندىم ، دادام مىنى تولىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ، ماڭا خۇدىىي بارلىق كۈچىنى قولىغا يىغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىنىپقا خۇددىي ياش ۋاقىتلىرىدەك مىڭىپ كىرىپ كەتكەندەك بىلىندى . ئۇنىڭ گەۋدىسىدىن بىلىنەر -بىلىنمەس تىتىرەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم . ھارۋىنى بىر ياققا قۇيۇپ ئۇنىڭ يىنىدىن ئورۇن ئالغىنىمدا ، ئۇ ماڭا يىگىتتەك شوخلىقى بىلەن كۆزىنى شۇنچىلىك چىرايلىق قىسىپ قويىۋىدى ، خوشاللىقىمدىن ياشلىرىم تۆكۈلۈپ كەتتى . بۇ دادامنىڭ ئاخىرقى قىتىم يىغىنىمغا قاتنىشىشى ئىدى . ئەمما مەن بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدىم ، پۇرسەت بولسىلا ئۇنى يەنە مۇشۇنداق سورۇنغا ئەكىلىمەن دەيتىم ئىچىمدە ... ئەمما ماڭا بۇنداق پۇرسەت ئىككىنچىلەپ كەلمىدى ....  j~cG#t]  
ئۇ جىمجىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى . كىسەل بىلەن ئىلىشىشپلا قالماي يەنە بىزنىڭ تەربىيلىنىش ئەھۋالىمىزنى يۇشۇرۇن كۈزىتىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ھەر كۈنى بىزدىن بۇرۇن تۇرۇپ مىنى ئويغىتىشى ، چىيىمنى ئىچمەي مەكتەپكە ماڭغان كۈنلىرىم خاپا بۇلۇپ چىچىلىپ كىتىشلىرى ، مەكتەپتىن كەلسەم مىنىڭ بىلەن ساياھەتكە چىقىشلىرى ... ھەممىسى يەنىلا شۇ پەرزەنىت ئىشقىدىن ئىدى ، ئەلۋەتتە ، ئۇمۇ بىر ئاتا . بالىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغۇسى ، قولىدىن كىلىشىچە بالىسىنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇسى ، بالىسىنى قانات ئاستىغا ئىلىپ ئازاپلاردىن قۇتقازغۇسى كىلىدۇ- دە ... 8)b*q\ O'  
مەن بۇ بىر سائەتلىك سىنىپ يىغىنىنى شۇنچىلىك خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزدۈم ، كۈزۈم دادامنى ، دادامنىڭ خوشاللىقىنى ، دادامنىڭ ماڭا تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۆرەتتى . fnFI w=d  
-ساۋاقداش ئارزۇگۈل  بۇ قىتىمقى ئالىي مەكتەپ تەقلىدى سىناق ئىمتاھانىدا سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولدى ، بۇنىڭدىن ھەممىمىز ىوشال بولساق بولىدۇ ، بۇ قىزنىڭ ئۈگىنىش جاسارىتىگە مەن قايىلمەن . ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، مەن بۇنىڭدىن كىيىن بۇ قىزنىڭ ۋە باشقا ساۋاقداشلارنىڭ تىخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىنى تىلەيمەن... :ee'|c  
بەلكى بۇ نەتىجە دادام ئاڭلىغان ياخشى نەتىجىلەرنىڭ ئىككىنجىسى بولسا كىرەك . چۈنكى ئاكاممۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا شۇ يەر بويىچە بىرىنجى بۇلۇپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى . مەن ئويلىمىغان يەردىن تەقلىدى ئىمتاھاندا سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولىشىم دادامنىمۇ خىلىلا خوشال قىلىۋەتتى ، ئەمما بۇ بىرىنجى بۇلۇش ئويلىمىغان يەردىن مىنى ئەڭ يىقىن دوسلىرىمدىن ئايرىپ تاشلاپ ، مەن زەربە سەۋەبىدىن ئىمتاھاندىن ۋاز كىچىشكە تاسلا قالدىم . دادامنىڭ شۇ كۈنكى خوشاللىقى ، تۇنۇشلىرى بىلەن قايتا جەم بولغاندىكى خوشلىقى مىنى ھەقىقەتەن بەكلا خوشال قىلىۋەتتى . ئۇ بۇرۇن باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈپ قىلىشتىن خىجىل بولسا ، مانا ئەمدى كۆپچىلىك ئالدىدا بىشىنى تىك كۆتۈرۈپ بىقىپ باشقىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولىۋاتاتتى. چوڭلارنىڭ ھىچقانداق سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى ، مەن پەقەت دادامنى كۆرىۋاتاتتىم ، ئەتىراپىمدىكى ھەر قانداق سىما مىنىڭدىن مۇستەسنا ... تاماقنى تەييار قىلىپ يولىمىزغا قاراۋاتقان ئاپام تاقەتسىزلىنىپ مەكتىۋىمگە كەلگىنىدە ، دادامنىڭ بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا ھەۋەس بىلەن سۆھبەتكە قىتىلىپ كەتكەنلىكىنى ، مىنىڭ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ خوشاللىق يىشىنى توختىتالماي قاپتۇ . راس، دادام خىلىلا ئۆزگەرگەنىدى ، ئۇ شۇ تاپ پەرزەنىت ئىشقىدا يىنىشلا ئەمەس، ئۆزىنى -ئۆزى ئۇتۇپ چىققانىدى . ئىنسانغا دەل مۇشۇنداق روھ كىرەك : ئۇ ئەڭ ئاۋال ئۆزىنى قۇبۇل قىلالىشى كىرەك ، مەيلى ئۇنىڭ ئەھۋالى قانچىلىك بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ؛ ئۇ ئۆزىنى ئۆزى چۈشىنىشى كىرەك : شۇندىلا باشقىلار ئۇنى چۈشىنەلەيدۇ ، ئۇمۇ باشقىلارنى چۈشىنەلەيدۇ . >T^BD'z@'  
ئۆزىنى -ئۆزى يىڭەلىشى كىرەك : شۇندىلا ئۇ ھەممە ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ ، بىشىنى ئۈتۈن تۇتۇپ ئۆزىنى رۇسلىيالايدۇ؛ ئۆزىنى تۇنالىشى كىرەك : ئۇ ئۆزىنى تۇنىغاندىلا ، ئۆزىنىڭ نىمىش قىلماقچىلىقىنى ، ئۆزىنىڭ قانداق يولغا قانداق ماڭسا بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ ؛ بۇلار ئىنساندا كام بولسا بولمايدىغان روھ ئىدى . دادامدىن پەخىرلىنىشكە باشلىدىم ، ئۇ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالىغانىدى ، شۇڭا ئۇ بۈگۈن مۇشۇ سەھنىدە كۆرۈنەلىدى . ئۇنىڭ ھىلىقى تاشلىشىپ كەتكەن دوسلىرى مانا بۈگۈن ئۇنى قايتىدىن ئارىغا ئىلىپ يەنە بۇرۇنقى چاقچاقلىرىغا چۈشۈشكەن ... بۇ مەنزىرە تولىمۇ چىرايلىق ، خۇددىي سىزىلغان سۈرەتتەك ... دادامنىڭ قاپقارا قاشلىرى بىلىنەر -بىلىنمەس لىكىلداپ قۇياتتى . قارىسام بۇ ئادىتى مىنىڭ ئادىتىم بىلەن ئوخشاشكەن ، باشقىلار «سىز دادىڭىزغا ئوخشايدىكەنسىز ، دادىڭىزنىڭ تىرىسىنى كىيىۋاپسىز ، دادىڭىزنىڭ سۈرىتى سىز » دىيىشكىنى بىكار ئەمەس، ئۇنىڭ چىرايى مىنىڭ چىرايىمدا ئەكىس ئىتەتتى . شۇ كۈنى بىز خوشال -خورام كەچلىك تاماققا ئولتۇردۇق ، دادام تاماقتىن كىيىن تۇنجى قىتىم مەھەللىدە يىغىلىشىپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا بىرىپ پاراڭغا قىتىلدى ، ئەلۋەتتە ، ئۇ ئاڭلاپ بىرىپ شەرەتلەپ ئۇقتۇراتتى ... مەن ئۇنىڭ جانلانغان ھالىتىنى يەنە بىر قىتىم كۆرگەندەك بولدۇم ... QU)AgF[  
#pWeMt'  
توختىماستىن جىرىڭشىۋاتقان تىلفۇننى خوشياقمىغان بىر خىل قىياپەتتە ئالدىمدا ، ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم . ~JDVoS;>jU  
-ۋەي ، ئارزۇگۈلنىڭ ئاپىسىما ، مەن پالانچىنىڭ ئاپىسى . قىزىڭىز قىزىم بىلەن ئاز ئارلاشسۇن ، تولا پايدىلانماي . مىنىڭ قىزىم ئانداق نوچى ، مۇنداق نوچى ئوقىغان قىز بالا ، بۇ قىتىم ھەجەپ ئازۇگۈل بىرىنجى بۇلۇپ مىنىڭ قىزىمنىڭ ئىسمىمۇ چىقماي قاپتا . ئەگەر قىزىڭىز ئۆزى قىزىمغا يىقىنلاشسا مەن پاچىقىنى چىقىۋىتىمەن ... جالاقشىتىپ قويىۋەتكەن تىلفۇننى قانداق قويدۇم بىلمەيمەن . دوسىت -دۈشمەن ئارىسىدا تۇنجى قىتىم تىڭىرقاپ قالدىم . بۇ مىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى جان-جىگەر دوستۇم دەپ ئاتىۋالغان دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئىدى . بەلكى ئۇ قىزىنىڭ نەتىجىسىدىن قاتتىق نارازى بولغان بولسا كىرەك ، پۈتۈنلەي ماڭا يۈكلەپ مىنى ئەيىپلەپ كەتتى . ھەيرانمەن ، يا مىنىڭ نەتىجەم ناچار بولسىدى ، ئۇ گۇمانلانسا ... نىمە بولسا بولمامدۇ ، دەپ كىرىپ ئىشىمنى قىلىۋەرمەكچى بولدۇم . ھىلىمۇ ياخشى بۇ تىلفۇننى مەن ئىلىپ قاپتىمەن ، ئاپام ئاڭلىغان بولسا نىم بولار ئىدى -ھە ... شۈكرى ، ئاپام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئايرىۋالغۇسىز بولغىنى ... مەن ئارتۇقچە خىيالنى قۇيۇپ قىلىن كىتاپلار ئارىسىغا چۆكۈپ بۇ ئىشنى شۇنداقلا ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن . ئەتىسى ئەتتىگىنى مەكتەپكە كۈلۈپ بىرىپ يىغلاپ قايىتتىم . ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا ۋىلىسپىتىمنى توختىتىپ تۇرىشىم ئىسمىمنى ئاتاپ قىلىنۋاتقان تۆھمەتكە يۇلۇقتۇم ، بۇرۇلۇپ قارىسام مىنىڭ ھىلىقى دوستۇم يەنە بىر يىقىن ئۆتىۋاتقان دوستىمىز بىلەن بىللە ماڭا ھاقارەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ . كاللامغا ئاخشامقى تىلفۇن بالاسى كىلىپ ، ھىچنىمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالدىم . بىر بىنادىكى باللارنىڭ ھەممىسى سىنىپ -سىنىپلاردىن بىشىنى چىقىرىپ بۇ ئىككىسىگە ۋە ھەيرانلىقتا ئۇلارغا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماي قاراپ تۇرغان ماڭا قاراپ ، خۇددىي ماڭا ئوخشاش ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ھەقسىز كىنو كۆرۈۋاتاتتى . شۇنچىلىك نۇمۇس ۋە ھاقارەت ھىس قىلساممۇ ، بىر ئىغىز گەپ قىلىشقا تىلىم كەلمىدى . كاللامدا بۇلارنىڭ بىر كىچىدىلا يۈز ئۆرۈپ بۇنچىلىك بۇلۇپ كىتىشىنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايۋاتاتتىم . G"F:68  
- ئىسىڭدە بولسۇن ، ئەمدى بىزنى ئىزدىگۈچى بولما . ئەقلى -ھۇشۇڭنى چىڭ تۇتۇپ يۈر . V})b.\"F  
بىر قاتار چۈشىنىكسىز ھاقارەتتىن كىيىن قىلىنغان بۇ سۆزدىن كىيىن خىلى ئەسلىمگە كەلگەندەك بۇلۇپ قالدىم . Tu_4kUCR!f  
-توختاڭلار ، سىلەر نىمىنىڭ دوسلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر ؟ نىمىنىڭ دىلغا ئازار بىرىش ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر ؟ گەپ تىلدىن چىققىنى بىلەن يۈرەككە تىگىدۇ . بىز نەچچە يىلدىن بىرى دوستۇم دەپ قول باغلىشىپ بىللە كۈلىشىپ بىللە يىغلاشقان تۇرۇپ ، بۈگۈن نىمىشقا ھىچگەپتىن ھىچگەپ يوق مىنى ئەيىپلەپ كىتىسىلەر ؟ قىنى كىم ماڭا نىمە بولغىنى ئىيتىپ بىرەلەيدۇ ؟ ئەجىبا شۇ نەتىجە ئۈچۈنما ؟ نەتىجە دوسلۇقتىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈپ ئەقلىمىزنى يوقۇتۇپ بىر -بىرىمىزنى تالايدىغان ئەھۋالغا چۈشكەن بولساق ، ئۇنداق بولسا شۇ نەتىجە سىلەردىن ئايلانسۇن . ماڭا نەتىجە ئەمەس ، خاتىرجەملىك بىلەن خوشاللىق كىرەك . ھەر كىمنىڭ تۇرمۇشىدا تەلەپ قىلدىغىنى ئوخشاش بولمايدىكەن . ئۈيۈڭلاردا بىسىمغا ئۇچىرىساڭلار ئەتتىگەندە كىلىپ مىنى تالامسىلەر ؟ ماقۇل ، سىلەرگە نەتىجە لازىم بولسا ئۇنداقتا سىلەر تىرىشىپ ئىلىۋىلىڭلار ، ماڭا بۇنداق قۇرۇق نام -شۆھرەتنىڭ كىرىكى يوق... Y3?)*kz%  
ئۇلار ھىچنىمە دىمىدى ، بىزنىڭ ئۇيۇنىمىزنى كۆرىۋاتقان بالىلارمۇ ئاستا -ئاستا سىنىپلىرىغا قايتىشتى . ئەمما مەن خىجىللىقتىن ، نۇمۇستىن ئوت بۇلۇپ يىنىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئاجىز يىغلاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . شۇنداق ، مەن دوسلىرىمدىن ئايرىلغانىدىم ، ئۇلار ئەمدى ھەر قانچە قىلسىمۇ بۇ دەز كەتكەن بوشلۇق ئەسلىگە كەلمەيتى . مەن ئۇلارنى شۇ زامان كەچۈردۈم ، ئۇلاردا پەيدا بولىۋاتقان بىسىمنى ھىس قىلىپ تۇراتتىم . مۇشۇ ئاتا -ئانىلار ناۋادا :« ساڭا ئاشۇ ئاتا -ئانىلار باللىرىغا بەرگەننى بىرىپ باققانمەن ، نىمانداق ئۇنىڭدەك بولالمايسەن » دەپ ئورۇنسىز ئەيىپلەشلىرى ، خاتا تەربىيىسى بولمىغان بولسىدى ، ئۇلارغا كۈيۈنگەن ، ئۇلارغا مەدەت بىرىپ شۇ ۋاقىتتىكى پىسخىك بىسىمىنى يىنىكلەتكەن بولسىدى ، بالىسى بەلكىم ئاتا -ئانىسىنىڭ شۇ مەدىتى ئۈچۈن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرلىگەن ، چىقىپ كەتكەن يولىدىن قايىتقان بولار ئىدى . ئەپسۇس ، جىددىيلەشكەن كاللا بۇنىڭغا يول قويامدۇ ؟ گاھىدا شۇ ئابروينى شۇنچىلىك يۇقىرى ئورۇنغا قويىۋالىمىزكى ، ئۇنىڭ بىھۇدە قۇربانى بولغان پەرزەنىتلىرىمىزمۇ بىلىپ بىلمەي بۇنىڭ ۋاقىتلىق قۇربانىغا ئايلىنىدۇ . ئۇلار بىر تاياق تۇرسا ، قايانغا ئەگسەڭ ئىگىلىدىغان ... توۋا ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقاندەك ، ۋۇجۇدۇمدىن بىرسى بىر نەرسىلەرنى سوغۇرغاندەك بۇلۇپ كەتتىم . يەنە بىر قىتىملىق تەقلىدى ئىمتاھاندا بۇ ئۈچىمىزنىڭ ھىچقايسىمىزنىڭ ئىسمى چىقمىدى ، ئەمما ھىلىقى تىلفۇن ئۈزلۈكسىز ئۇرۇلۇپ تۇرۇلدى . ئاپام نەچچە قىتىم تىلفۇننى ئىلىپ ھەممىنى ئاڭلىدىيۇ ، ئەمما ماڭا زەربە بولمىسۇن ئۈچۈن بۇ توغۇرلۇق ھىچنىمە دىمىدى . پەقەت 3- قىتىملىق تەقلىدى ئىمتاھاننىڭ نەتىجىسى چىققاندا ، مەن مۇئەللىم تەرىپىدىن ئايرىم سوراقلاندىم ... W9/HM!  
-سىز يىقىندىن بىرى نىمە بولدىڭىز ؟ دەرىس ۋاقتىدىمۇ پىكىرلىرىڭىز چىچىلاڭغۇ ، يا گەپ قىلمايسىز . نىمىشقا تەقلىدى ئىمتاھان نەتىجىللىرىڭىز بىراقلا تۆۋەنلەپ بارىدۇ ؟ مەن قەغىزىڭىزنى كۆردۈم . پىكىر قىلىشىڭىز پۈتۈنلەي باشقىچە ... بىر ئىش تەسىر قىلىۋاتامدۇ ؟ ,qT+Vqpr{  
مەن ئۈنچىقمىدىم ، يا كۆزۈمگە ياش كەلمىدى . مەن ئۈنسىز بىشىمنى سىلىپ ئولتۇردۇم . مۇئەللىم ماڭا ئىدىيە ىىزمەت ئىشلەپ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىنىڭ زورلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى . ئەمما بۇ تەكىتلەش ، بۇ ئۈمۈدلەر ماڭا ھىچقانداق ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلەلمىدى . مەن بۇ ھالىتىمنى تاكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا 28 كۈن قالغۇچە داۋاملاشتۇردۇم . ھىچكىم مىنىڭ كىچىلەپ ئۈگىنىش قىلىۋاتقىنىمنى ، كەچلىرى دادام بىلەن ساياھەت قىلغاچ يول چىرىغى تۈۋىدە كىتاپ كۆرگەچ دادام بىلەن پىكىرلىشىدىغىنىمنى بىلمەيتى . مۇئەللىمنىڭ نەزىرىدە مەن چىكىنگەن ئوقۇغۇچى ئىدىم . ئەمما مىنىڭ تەييارلىقىم ئاساسەن پۈتكەن ، پەقەت كاللامدىكى چىگىش خىيالدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم ، بۇ ھالىتىمدە ئىمتاھان مەيدانىغا كىرىش ماڭا قاباھەتلىك چۈشتەك بىلىندىغان بولدى . SGK 5  
بىر كۈنى دادامغا ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى يۇشۇرماي ئىيىتتىم : )LTX.Kg  
- دادا ، مەن دوسلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم ، ئۇلارغا شۇنداق كۈنۈپ قاپتىكەنمەن . ھازىر مەكتەپتىن چۈشسەم ۋىلىسپىتىمنى قۇيۇندەك ھەيدەپ كىلىمەن ، بىرەرسىنى سوقىۋىتەرمەنمۇ ، ئۆزۈم يارلىنارمەنمۇ دىگەنلەر كاللامدا يوق ... پىكىرلىرىم بەك چىچىلىپ كەتتى . گەرچە بۈگۈنگىچە ھىچكىم ماڭا ئۈگىنىش قىل دىمىسىمۇ ، ئەمما مەن ئۈگىنىپ تەييارلىنىپ بولدۇم . ئەمما دوسلىرىمنىڭ ئالدىدا ئالدىراپ دەۋەتكەن شۇ سۆزلىرىم تۈپەيلى مەندە ئىككىلىنىش بولىۋاتىدۇ . ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشقۇم كەلمەي قالدى ... -8:/My  
ئاخىرقى سۆزۈم دادامغا خىلىلا تەسىر قىلدى ، ئۇ ئاۋال ئىشلەيدىغان بىر قولى بىلەن بىشىمنى سىيلاپ ، مىنى ئۆزىگە قاراتتى دە ، ئۆزىگە بىر قەلەم قەغەز بىرىشىمنى شەرەتلىدى . ئۇنىڭ سول قولى بىلەن خەت يىزىشىگە كۆزۈم يەتمىسىمۇ قەلەم قەغەزنى ئۇنىڭغا بەردىم . Jk;dtLL}4  
- مىنىڭ ئۈمۈدۈمنى ئاقلا ، باشقا بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ! '&/~Sh$%  
ئۇرغۇلۇق يىزىلغان بۇ سۆزلەردىن ئۇزۇنغىچە دىمىم چۈشۈپ  كەتتى . قىلالمامسەن ، دىگەن سوراق نەزىرىدە قاراۋاتقان دادامنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم . توۋا ، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇ دەمدە ماڭا سۆزلەۋاتاتتى . نى ئارزۇلىرى يۇغۇرلۇپ كەتكەن بۇ ئىككى ئىغىز سۆز مىنىڭ غەيرىتىمنى يەنە بىر قىتىم ئاشۇردى .مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : e[6Me[b  
-خاتىرجەم بۇلۇڭ ، قۇلۇمدىن كىلىدۇ . مەن بۇ شەھەردىن ئۇچۇپ چىقىمەن ...  شۇنداق دىدىمدە ،  قۇلۇمنى سارنىڭ قانىتىدەك كەڭ يىيىپ بىر ئىككىنى ئايلىنىۋەتتىم . قەلبىم ياش بولسىمۇ دادامنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئاتلانماقچى بولدۇم . قايتىپ كىلىپ ئىككىلىك قەغەزگە : @(IA:6GN  
- دوسلىرىم ، تۈنۈگۈن مەن سىلەر ئۈچۈن تىرىشىپ قۇربانلىق بەرگەن بولسام ، مانا ئەمدى دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە يەنە بىر قىتىم تىرىشماقچىمەن . سىلەر مىنى مەيلى دوسىت ئورنىدا كۆرۈڭلار ، مەيلى كۆرمەڭلار ، بۇنى ئىمتاھاندىن كىيىن دىيىشەيلى . ھەممىمىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . بۇ جەڭدە ھەممىمىز باراۋەر ... ،- دەپ يىزىپ سومكامغا سىلىپ قويدۇم ، بۇنى خىيالىمغا ئەتىسى ئۇلارغا بەرمەكچىدىم . ئەتىسى ئۇلار ۋاراقچىنى كۆرۈپ ھىچنىمە دىمىدى ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي قەدىمىمنى روھلۇق ئىلىپ سىنىپقا كىرىپ كەتتىم ... !QC ErE;r  
شۇنداق ، دادام ماڭا شۇ ئىككى ئىغىز سۆزنى قىلمىغىنىدا مەن قاچانغىچە دىلغۇل بۇلۇپ ، شۇ ئەرزىمەس دوسلىرىم ئۈچۈن ۋايىم يەپ چوڭ ئىشىمغا دەخلى قىلاتتىمكىن تاڭ . ئىمتاھان مەيدانىمغا تەتىل قىلىپ ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئاكام مىنى ئىلىپ كىردى . ئۇ باشتىن ئاخىر ئىشىك تۈۋىدە ئىسسىق دىمەي ماڭا ئۈنسىز ئىلھام بىرىپ مىنى ساقلاپ تۇراتتى . ئىمتاھاندىن ھەر نۆۋەت ئالدىدا چىقىپ كىتەتتىم ، چىقىپلا ئاكامنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلگەن قوللىرىنى كۆرۈپ شۇ تەرەپكە باراتتىمدە ، « ئۇتۇقلۇق بولدى ئاكا ، چارچىدىڭمۇ » دەيتىم . ئاكام ماڭا زوقى كەلگەندەك قاراپ قۇيۇپ ، « يۈرە ، ئايلاندۇرۇپ كىلەي » دەپ ئەكىتەتتى . ئەتىراپتا بىزنى تۇنۇيدىغان ئاتا -ئانىلار بىزگە ھەۋەر بىلەن قارىشىپ قالاتتى . Ym6v4k!@O  
مىنىڭ ئىككى دوستۇم مىنى ئىمتاھاندىن كىيىن ئىزدەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىيتىپ مىنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى . بىز ئىچىلىپ -يىيىلىپ سۆزلىشەلمىدۇق . ئارىمىزدىكى بۇ ئىيىتقۇسىز جىمجىتلىق ھەممىمىزگە ئاللىنىمىلەردىندۇر بەلگە بىرىۋاتقاندەك ... مەن ئۇلارنى كەچۈردۈم . ئەمما ئۇلار بىلەن ئوقۇشنى تۈگەتكۈچە كۆرۈشۈپ بولالمىدىم . ئۇلار مىنىڭدىن ئالدىراش ، كۆز -قاراشلىرى مىنىڭدىن يىڭى ، پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن يىڭى ئىنسانلار ئىدى ... [fY7|  
yCkX+{ki  
ئاكام ، ئاپام -داداملارنىڭ ماڭا ئۈنسىز مەدەت بىرىشى ، بۇ ئائىلىنىڭ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشى ۋە مىھرى مىنى ئىزچىل تىرىشىشقا ، بەل قويۋەتمەسلىككە ئۈندەيدۇ . مەن ھەر قىتىم ئۇلارنىڭ چىھرىدىكى كۈلكىدىن ، مەمنۇنىيەت بىلەن قىلىۋاتقان ھەركىتىدىن ھوزورلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن . ئاكامنىڭ خىتى ۋە ئاپامنىڭ قىسقا ئەمما تولىمۇ مەنىلىك يىزىلغان خەتلىرى مىنى بۇ تۇرمۇشۇم قوينىغا قايتىدىن سۆرەپ كىرىپ ، ماڭا سۆرەتتەك ئەسلىمە بۇلۇپ قالغان تۈنۈگۈنكى كۈنلىرىمنى ئەسلىشىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى . مەن ئىللىق بىر سىزىم بىلەن ياستۇقۇمنى يىنىك قۇچاقلاپ تاتلىق ئۇيقۇغا چۆمدۈم. 1 |/ |Lq%w  
`u_k?)lK  
yU"#2 *C  
ھەر ئىشنىڭ بىر ئىسسىق -بىر سوغۇقى بولغاندەك مىنىڭ تۇرمۇشۇممۇ گۈزەللىكى ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىللىرى بىلەن مىنىڭ قەلبىمدىن بىر كىشلىك ئورۇن ئالدى . مىنىڭچە ، ئىنسان بىر ساياھەتچى ، ھەممىسى بىر كىمىگە چىققان كىشىلەر ، ئەمما ھەممىسى ئۆزىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى بىلىپ ، ئۆزىنىڭ قەيەردە توختاپ قىلىشىنى بىلمەيدۇ . ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشى رەڭگارەڭ ھىكايىلەر بىلەن تولغان ، ئەسلەشكە ۋە قەدىرلەشكە تىگىشلىكلىرىمۇ بار . ئەگەر مۇشۇ ھىكايىلەر تۈپلىنەلىسە ئىدى ، بىزمۇ خىلمۇ -خىل تۇرمۇشنىڭ ئەتىراپىمىزدىكى ئىنچىكە سايىللىرىنى بىلگەن ، بىز چۈشىنەلمىگەن ياكى بايقىمىغان سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ تاپقان بولار ئىدۇق . ئەگەر ھەممە كىشى ئەپۇچان ، مىھىر -شەپقەتنى ئۇنتۇلمىغان بولسىدى ، بەلكى ھايات تىخىمۇ گۈزەللەشكەن بولار ئىدى .ئەپسۇسكى ، ھايات قىسمەتلىرى خاس گۈزەللىككىلا تولغان بولسا  يەنە بەلكى بىز ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ، ئۇنى سۆيمىگەن بولاتتۇق . ئۇ پەقەت مۇشۇ ئوخشىمىغان ھىكايىللىرى بىلەن كۆڭلىمىزدىن ئەبەدىل ئۇنتۇلمىغۇدەك ئورۇنلارنى ئالالايدۇ . مەن ئۆز ئەسلىمىللىرىم ئارىسىدىن سوغۇرلۇپ چىقىپ ، خاتىرەمنىڭ بىر بىتىگە بۇ ھىكايىللىرىمنى تىزىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم . گەرچە يازغىنىم ئاددىي نەرسىلەر بولغىنى بىلەن ، مىنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇنغا تىگۈشكىسىز گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىدى ... مۇشۇ قىسمىتىم بىلەن مەن تۇرمۇشۇمدىن ئۆزۈم ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بىلىپ ، چۈشىنىپ يىتىپ بولالمايدىغان ھايات ھەقىقىتىگە ئىرىشكەنىدىم . بۇلار مەن مەكتەپتىمۇ ئالالمايدىغان ھەقىقىي بىلىملەردىن ئىدى . ئىشىنىمەن ، سىزنىڭمۇ قەلىمىز ئاستىدا قەلبىڭىزدىن ياڭراپ چىقىۋاتقان ھەقىقىي ھىكايىڭىز يىزىلىۋاتىدۇ .... pbIVj3-lY  
)J2UNIgN  
lhf5[Rp  
مەنبە : خاتىرەمدىن . ئۆز كەچۈرمىشىمگە ئاساسەن ...
[ بۇ يازما ئارزۇ تەرپىدىن2008-11-14 18:43دە قايتا تە ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئىشەنچ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-12, 09:57
blog.salkin.cn
قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم ، تۇرمۇشتىكى سانسىز «مەن»لەرنىڭ  تۇرمۇشىنى ئەينەن تەسۋىرلەپ ،  تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق- سوغۇقىنىڭ كىچىكلىتىلگەن «گەۋدىسى»نى سىزىپ چىقىشقا تىرىشماق ئۈچۈن  ...
ئىنسان ! قايغۇ -شادلىقىڭ مۇجەسسەملەنگەن تۇرمۇشۇڭغا كۈلۈپ بىقىشنى ، قايغۇلىرىڭنىڭ ئورنىغا خوشاللىقىڭنى قوغلىشىشنى ئۇنتۇلما ... سەن كۆرگەن ھايات  شۇنچىلىكلا ئەمەس ...
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-12 17:47 |
پەيلاسوپ
مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11529
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 4241
شۆھرەت: 3257 كىشىلىك
پۇل : 10860 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4535 نۇمۇر
قوللاش: 4352 نومۇر
ئالقىش: 4664 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئورۇن ئىلىپ تۇراي... كىيىن ئوقۇيمەن... ھازىر ئالدىراش.....
ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 18:11 |
پەرى1009
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 23740
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 44 كىشىلىك
پۇل : 335 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
قوللاش: 64 نومۇر
ئالقىش: 51 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاھ نىمە دىگەن ياخشى يېزىلغان ھىكايە بۇ . w`fbUh6/  
بۇ ھىكايىڭىزنى ئوقۇپ بىلىپ - بىلمەي يىغلاپ تاشلاپتىمەن. بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز.
blog.salkin.cn
ئادەم ئالەمگە ئۆزى بىلەن بازارنى ئۆلىكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈنلا كەلمەسلىكى كېرەك.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 18:29 |
رەنا
پاكلىق غۇنچىسى
ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2120
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 6235
شۆھرەت: 13359 كىشىلىك
پۇل : 1235166 سوم
تۆھپە: 2354 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5370 نۇمۇر
قوللاش: 3376 نومۇر
ئالقىش: 5064 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوفففففففففففف..............ئاخىرى تۇگدى. 8 5)C7tJ-g  
ھەممە ئىنسان بىر ئاسماننىڭ ئاستىدا ياشغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇپۇق سىزقى ئوخشاش بومايدىكەن.
دۇنيادا ھەممە ئىش سزىنىڭ ئويلىغىنڭىزدەك بولمايدۇ!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 18:40 |
ئىدىيە
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 22194
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 129
شۆھرەت: 129 كىشىلىك
پۇل : 745 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 129 نۇمۇر
قوللاش: 129 نومۇر
ئالقىش: 129 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ئانىلار ئۇلۇغ، ئاتىلار قەيسەر. "+7E9m6I  
مانا بۇلار سەن بىر ئۆمۆر قەرىزدار كىشىلەر. `o }+2Cb  
ئەسىرىڭىز بەك بەك ئىسىل چىكىپتۇ . مۇراتلىرىڭىزغا پاتراق يىتەرسىز.
blog.salkin.cn
ئەبجەشى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 19:42 |
نەفىسە
زېرىكتىم ھاياتىنىڭ غەۋغالىردىن
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 451
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 804
شۆھرەت: 10899 كىشىلىك
پۇل : 7850 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 959 نۇمۇر
قوللاش: 884 نومۇر
ئالقىش: 1099 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ياخشى يىزىپسىز ،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزگە قىزىقىپ قالدىم .بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ .
izdax.com
مۇھەببەت- خۇددى يىنىك مۇزىكا،ئۇ يۈرەك تارىلىرىمدىن،سېغىنىشلىرىمدىن ،ئنتىلىشلىرىمدىن ئۇرۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇنى ئاڭلىسام ئاڭلىغۇم كېلىدۇ،زىرىكمەيمەن.گەرچە ئاڭلىنىۋاتقىنى بەكمۇ كونا،بەكمۇ ئۇزۇندىكى مۇزىكا بولسمۇ ھەر قېتىمقى ئاڭلاشتا يېڭىچە تۇيغۇ،يېڭىچە كەيپىيات ھاسىل بولىدۇ ،مەن شۇنىڭغا خۇشتار.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 19:43 |
tograh0997
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 24424
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1310
شۆھرەت: 1469 كىشىلىك
پۇل : 0 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1918 نۇمۇر
قوللاش: 1601 نومۇر
ئالقىش: 2640 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن
blog.salkin.cn
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-12 20:07 |
ساباھەنۇر
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 21050
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 46 كىشىلىك
پۇل : 330 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
قوللاش: 46 نومۇر
ئالقىش: 46 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن ، مەنمۇ ئىختىيارسىزلا يىغلاپ تاشلىدىم، (  ھايات سىزگە كۈلۈپ باقمىسا ، سىز ھاياتقا كۈلۈپ بېقىڭ )
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 05:39 |
خىيالىم27
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 13641
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 41 كىشىلىك
پۇل : 850 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
قوللاش: 44 نومۇر
ئالقىش: 58 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەكلا تەسىرلىك چىقىپتۇ...
blog.salkin.cn
ئىھ نادان قىز !سەن سۇرىتىڭنى يېگىتنىڭ ئالبومىدىن ئىزدىمەي، كۆزىدىن، يۈرىگىدىن ئىزدە.!!!!
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 10:45 |
ھەمراز
سەن ئۈچۈن...
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 15047
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 879
شۆھرەت: 1001 كىشىلىك
پۇل : 95 سوم
تۆھپە: 81 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1016 نۇمۇر
قوللاش: 943 نومۇر
ئالقىش: 1161 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نادىرلاشقا ئەرزىگۈدەك ياخشى ئەسەر ئىكەن ...
blog.salkin.cn
بىز ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ بولالمايمىز ،  ئەڭ ياخشىسى يەنىلا بىزنى تاللىسۇن...

سەلكىننڭ گوگلې ئېلانىنى تورغا چىقساملا چېكىمەن.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 12:39 |
تېۋىلغا
«چۈش» شاھزادىسى
ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 7065
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1157
شۆھرەت: 554 كىشىلىك
پۇل : 161469 سوم
تۆھپە: 150 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1416 نۇمۇر
قوللاش: 1295 نومۇر
ئالقىش: 1235 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يېقىندىن بۇيان ھەجەپ ئادەمنىڭ دىلىنى ئىزىدىغان تېمىلار يوللىنىۋاتىدىيا !     
blog.salkin.cn
سەكراتتا چىشلىرىم قالدى كىرىشىپ،
ئاشىقىڭ ئۆلمەكتە لەۋلىرىڭنى ياق !
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 13:24 |
ئەنىدەم
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 16620
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 185
شۆھرەت: 185 كىشىلىك
پۇل : 1546 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 249 نۇمۇر
قوللاش: 217 نومۇر
ئالقىش: 329 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 Re:قىسمىتىم ۋە ئەسلىمەم      (ھىكايە )

ئەسىرىڭىز تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،مەنمۇ بىلىپ -بىلمەي يىغلاپ ساپتىمەن!
blog.salkin.cn
  -ھەممە ئىشتا قەدىرلىك ئىنسان ئۆز سۆيگننىڭ ئالدىدا قەدىرسىز بولىدۇ! 
    قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىىكنى!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 14:16 |
سەۋرې
-تاقىتىمنىڭمۇ چىكې بار جۇمۇ!!
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 12829
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1139
شۆھرەت: 1797 كىشىلىك
پۇل : 431 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1432 نۇمۇر
قوللاش: 1206 نومۇر
ئالقىش: 1630 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاتا -ئانا ، ئۇرۇق تۇققان مىھرىگە  تەلپۇنمەيدىغان ئادەممۇ بامىدۇ؟.. قىنىپ -قىنىپ تويغان ئادەممۇ بامىدۇ؟ ...ياكى مەندەك  ھىچقانداق مىھرى -مۇھەببەت كۆرۇپ باقمىغان ئادەممۇ بامىدۇ؟....ئانام تۇرۇپ ئانىسىزمەن ، دادام تۇرۇپ  دادىسىزمەن ....يىتىملىكتە چوڭ بولغانلار ھەرقانچە  كۈلسىمۇ  يۇرەك قىتىدىن چىقىرىپ كۈلەلمەيدىكەن!!...... |? ?uVA)\X  
|nz,srr~  
ماۋۇ 2-ھىكايىڭىز  مەن ئوقۇغان . داۋاملاشتۇرۇڭ ! مەن تىمىڭىزدىن ئەگىپ كىتەلمەيدىغان بولدۇم دە ئەمدى !!.....
ئاللاھنى ئويلىسام ئۆزۇمنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغىنىمنى ھىس قىلىمەن !!......
ئۇيغۇرۇم گۈلدۇر گۇيا ، مەن  سايرىغان بۇلبۇلگۇيا .
ئۇيغۇرۇم مىسلى كەبى ئاي ، مەن بىر تال يۇلتۇزىمەن.
ئۇيغۇرۇم كۈلگەن قۇياش ، مەن ئۇنىڭ ئاپتاپىمەن.
ئۇيغۇرۇم بولسا ئەگەر ئوت ،مەن ئاڭا پەرۋانىمەن.
      ..........سەۋرې شىئىرلىرى.................
        

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 14:51 |
سارا2008
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 21835
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 312
شۆھرەت: 312 كىشىلىك
پۇل : 1740 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 323 نۇمۇر
قوللاش: 317 نومۇر
ئالقىش: 338 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېمىڭىز شۇنداق تەسىرلىك چىقىپتۇ........................ )~rf x  
d(3F:dbk  
خۇددى مېنى يازغاندەكلا ............ w},' 1  
رەخمەتلىك دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى يادىمغا كېلىپ قالدى.
blog.salkin.cn
مېنى يېنىڭغا كۆمۈۋەت!!
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 16:37 |
قاتىل007
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 20507
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 369
شۆھرەت: 369 كىشىلىك
پۇل : 1965 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 372 نۇمۇر
قوللاش: 370 نومۇر
ئالقىش: 377 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھىكايىڭىزنىڭ مەزمۇنى راستىنلا تەسىرلىك يىزىلىپتۇ ،تاس قالدىم يىغلاپ سالغىلى
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 18:31 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر

Time now is:12-20 21:51, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation