majnunyar دەرىجىسى : قىزىققۇچى UID نۇمۇرى : 145 نادىر تېما : 0 يازما سانى : 107 شۆھرەت: 318 كىشىلىك پۇل : 2972 سوم تۆھپە: 0 ھەسسىلىك ياخشى باھا: 154 نۇمۇر قوللاش: 126 نومۇر ئالقىش: 183 كىشلىك تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13 ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-08 | توي كىچىسىدىكى ھىكايە 1 توي ئاخشىمى ھوجرىغا كىرگەندە قىز بالدۇرلا ئايىغىنى سىلىپ يىغىشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن، يىگىتنىڭ ئايىغىنى سىلىپ سۇپىغا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى. يىگىت ئايىغىنى سىلىشىغا قىز ئۇنىڭ ئايىغىغا دەسسىۋالدى. يىگىت بۇنى كۆرۈپ، <تىخى خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىكەنسىزدە>دەپ كۈلۈپ كەتتى. ئەمما قىز ئانامنىڭ دىيىشىچە توي كىچىسى ئىرىنىڭ ئايغىقا دەسسىۋالسا ئەر بىر ئۆمۈر ئايالىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىكەن دىدى قىز. يىگىت تىخمۇ كۈلۈپ كەتتى. مىنىڭ ئانامنىڭ دىيشىچە ئايال ئىرىنىڭ ئايغىغا دەسسىۋالسا بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن بىللە جاپا چىكىدىكەن دىدى. v?S3G-r ئايال شۇنىڭدىن كىيىن كىچىچىكىنە ئىشلاردىن تارتىپ ئەرنى باشقۇرماقچى بولدى. ھەتتا تەرەت قاچىسىنى تۆكۈدىغان ئىشلارنىمۇ ئەر قىلدى. ئايال يەرگە نىمە تىرىشنى ئىيىتسا ئەر شۇنى تىرىيتتى. ئايال قايسى قوشنىسى بىلەن يىقىن ئۆتۈشنى، قايسى قوشنىسى بىلەن يىراقراق تۇرۇشنى ئىيىتسا ئەر شۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلاتتى. ئەر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان بولسا، ئايالى بىر توۋلىسلا بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن كالىدەك ياۋاشقىنە ئارقىسىدىن ماڭاتتى. ئەر باشقىلار بىلەن ھاراق ئىچىۋاتسا، ئايال بارغانچە ئۇنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ ئۆيگە ئىلىپ ماڭاتتى. {OW.^UIq^ بىرسى ئەرنى قىقىتىتى. <ئايال كىشى دىگەننى ئۈچ كۈندە بىر ئۇرۇپ تۇرمىسا، ئەرنىڭ بشىىغا مىنىدۇ. سەنمۇ بىر ئەركىشى بولدۇڭمۇ ھەممە ئىشتا ئايالىڭ سىنى باشقۇرىدۇ. ئەگەر مىنىڭ ئايالىم بولغان بولسا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىققان بولاتتىم.> P64<O5l/ <ئەگەر سىنىڭ ئايالىڭ بولغان بولسا مەنمۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىققان بولاتتىم.>دىدى ئەر. @%$<,$= ھىلىقى كىشىنىڭ ئاچچىقى كەلدى. <سەن پەقەت داداڭنى دورىمىدىڭ، خوتۇندىن قورقىدىغان يارىماس>دىگىنىچە كىتىپ قالدى ئۇ كىشى. Z<$y)bf كەنىتتە چوڭ ئىشلارنى مەسلىھەت قىلىش توغرا كەلسە كىشلەر سىنىڭ دىگىنىڭ ھىساب ئەمەس، سەن ئايالىڭنى ئەۋەتكەن دەيتتى. ئەر راستىنلا ئايالىنى باشلاپ كىلەتتى. {us"=JJVN ئايال ئىرىنى شۇنداق باشقۇرۇپ كىلىۋاتقىنىدىن ناھايىتى رازى ئىدى. ئۇلار شۇنداق ئۆتىۋەردى. تاكى بىر كۈنى ئايالى ئىرىنىڭ ئالىدىدا قىينىئاسىنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ قالدى. ئەر بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى تۆمۈردەك كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. <نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ساڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلۋاتقىنىمنى بىلەمسەن؟ ئانام سەۋەبلىك بىلەمسەن؟!> ئەرنىڭ كۆزلىرى قىزىزىپ كەتتى. <ئانام بىر ئۆمۈر ئازاپ چەكتى. دادامنىڭ مىجەزى ناھايىتى چۇس ئىدى. ئازراقلا سەۋەنلىك ئۆتسە ئانامنى تىللايتى، ئۇراتتى. ئۇ بىلەكتەك كالتەك بىلەن ئانامنى ئۇرۇپ، كالتەكنى سۇندۇرىۋەتكەن. ئورۇندۇق بىلەن ئۇرۇپ ئانامنىڭ بىشىنى يىرىۋەتكەن. ئەمما ئانام بىز بىر نەچچە بالا ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تاياق-توقماققا چىداپ ياشاپ كەلدى. مەن ھەر قتىىم ئانامنىڭ تاياق يىگىنىنى كۆرگەندە ئۆز-ئۆزۇمگە ئەگەر مەن خوتۇن ئالسام ئۇنى تاك قىلىپ چەكمەيمەن دەپ قەسەم بىرەتتىم. مىنىڭ ھەممە ئىشتا ساڭ يول قويۇشۇم سەندىن قورققانلىقىم ئەمەس، چۇنكى مەن ئانامنىڭ بىر ئىغىز سۆزىنى ئۇنتالمايمەن. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۇرۇشى ئۈچۈن يارالغان ئەمەس، بەلكى ئەرلەرنىڭ كۆيۈنشى ئۈچۈن يارالغان.> 0-zIohSJdQ ئايال ناھايىتى ھەيران قالدى. ئۇ ئەرنىڭ كۆڭلى كۆكسىنىڭ بۇنداق كەڭ ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىدى. O4Hc"v شۇنىڭدىن كىيىن ئايال ئەر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشۋاتقاندا، ھاراق ئچىىپ ئولتۇرغاندا ئۇنى يەنە توۋلىمايدىغان بولدى، بەزىدە ئۇنى چاي ئەكلىپ بىرەتتى. بەزىلەر ئەردىن سوراشتى: <ئۇنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۇردۇڭ؟> ئەر بولسا مەردانىلىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بىرەتتى: <سەن ئۇرغان ئاياللار پەقەت ئىغىزىدىلا ساڭا قايىل بولىدۇ، سەن كۆيۈنگەن ئاياللار بولسا ساڭا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولىدۇ.> dO\irv) ھىكايىنى ئوقۇپ بولدىڭىز، ئەمدى سىزدىن سوراي بۇ ھىكايىدىن نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟ @wO X بارلىق ئانىلارنىڭ بەخىت، خۇشاللىق ئىچىىدە ياشىشىنى تىلەيمەن.----------------------------------------------------------------------- |
---|