mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
بۇ بەتتىكى تېما: دېكابىردىكى قار(ھېكايە) IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 11578 قېتىم كۆرۈلدى
مەستۇرە2
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 13773
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 106
شۆھرەت: 184 كىشىلىك
پۇل : 3255 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
قوللاش: 135 نومۇر
ئالقىش: 154 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-04

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دېكابىردىكى قار(ھېكايە)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلقۇت تەرپىدىن (2008-11-08)دە نادىرلاندى
دېكابىردىكى قار

(پوۋېست)



نەۋرە ئاكام قولۇمغا بىلۇرۇسىيە دۆلەتلىك مىللىي سەنئەت  ئۆمىكىنىڭ ئويۇن بېلىتىنى تۇتقۇزغاندا شۇنچىلىك خوشال بولدۇمكى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.

--ئالىم ئاكا ، سەن بەك ياخشى جۇمۇ!،--دېدىم ئۇنىڭ قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.(داۋامى بار)

--ۋاي خۇدايىم، كۈن نەدىن چىقتى؟ ئاكا، دەپ كەتكىنىنى، سەن تۇغۇلغىنىڭدىن بۇيان قاچان مېنى ئاكا، دەپ باققان؟ تېخى بەك ياخشىمىشمەن. ۋاي تەمەخور، ساڭا بىر نەرسە بېرىپ تۇرسا ياخشىكەندە!

--ھا ھا، ئاكا، دېگىنىمنى ئاڭلىغۇڭ بولسا مۇشۇنداق سوۋغىلارنى پات-پات بېرىپ تۇر.

--ئۇلارنىڭ ئاساسلىق سازى چاڭ ئىكەن، شۇڭا ئوقۇتقۇچۇم بېرىپ كۆرۈپ كەل، دەپ بېلەتتىن ئۈچنى بەرگەن ئىدى. سېنى چوقۇم بەك ياقتۇرىدۇ، دەپ بىرنى ئالغاچ كەلگەنتىم، قارا ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكرەك خوشال بولۇپ كەتكىنىڭنى.

--ئەمىسە يەنە بىرىنى كىمگە بەردىڭ؟

--كىمگە بولاتتى؟ پاتىمەگە بەردىم.

  پاتىمەنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ خۇيۇم تۇتۇپ قالدى، پاتىمە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىز بىلەن يۇرتداش قىز ئىدى، نەۋرە ئاكامنىڭ ئۇ قىزنى قوغلىشىپ يۈرگىنىگە خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، بىلىشىمچە مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ماگىستىرلىقتا ئوقۇشقا كېلىشىمۇ شۇ قىز ئۈچۈن ئىدى، لېكىن ئۇ قىز يا ئۇنى رەت قىلىۋەتمەي، يا ماقۇللۇق بەرمەي كەينىگە ئەگەشتۈرۈپ يۈرەتتى. سەنئەتچىلەر بىلەن شۇنچىلىك خوشۇم يوقلىقىغا قارىماي بۇ ئاكامنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم، ئۇ تولىمۇ ئاقكۆڭۈل يىگىت ئىدى.

--بولدى قىلغىنا ئاكا، سېنىڭ ياخشىلىقىڭدا ئۇ قىزدىن نەچچە ھەسسە ياخشى قىزلار چىقمامدۇ ساڭا؟ نېمانچە قىلىپ كېتىسەنكىن.

--كۆڭۈل، دېگەن شۇنداق نەرسە ئىكەن، قانداق قىلىسەن، شۇنچە يىل تارتىشىپتىمەن، ئۇنىڭدىن باشقىغا قارىغۇممۇ كەلمەيدۇ. بولدىلا، بۇ گەپنى قىلىشمايلى، ئەمىسە شەنبە كۈنى كەچتە تيەنئەنمېندا كۆرۈشەيلى، ئاپپارات ئېلىۋالىمەن، سەن بىلەن بىرنەچچە پارچە رەسىمگە چۈشۈۋالاي.

--مەن بىلەنمۇ يا؟--بىر كۆزۈمنى قىسىپ كۈلۈپ قويدۇم.

--شەيتان قىز، ھەر ئىككىلىڭلار بىلەن، بولامدۇ يا؟

--چاتاق يوق، ئاكام بىلەن چۈشمىگەن رەسىمگە كىم بىلەن چۈشەتتىم.

شۇ كۈنى كەچتە قولۇمدىكى بېلەتنى چىڭ سىقىمداپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدىم، ياتاقتىكى قىزلارنىڭ قىزىقارلىق پاراڭلىرى ۋە يەتتە ئالەمنىڭ ھەممە يېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەيۋەتلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمىدى. پەقەت شەنبە كەچتىكى ئويۇننىلا ئويلايتتىم.

ھەش-پەش دېگۈچە شەنبە كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى، سائەت ئالتە بولمايلا قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى چىراقلار ئەتراپنى ناھايىتى چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى، ئۈچىمىز خەلق سارىيى، تيەنئەنمېن، قەھرىمانلار مۇزىيى دېگەن جايلارنىڭ ئالدىدا رەسىمگە چۈشتۇق، سائەت يەتتىگە ئون بەش مىنۇت قالغاندا تيەنئەنمېن يېنىدىكى جوڭشەن باغچىسى ئىچىگە جايلاشقان جوڭشەن مۇزىكا سارىيىغا كەلدۇق. گەرچە بۇ مۇزىكا سارىيى بەك ئىلغار مۇزىكا سارايلىرىدىن بولمىسىمۇ، خېلىلا ھەشەمەتلىك ئىدى، ناھايىتى تەقەززالىق بىلەن ئويۇننى كۈتۈۋاتاتتىم. بىرىنچى بولۇپ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلاردىن بولغان «خوشلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن ناخشا ئورۇنلاندى. ناخشىنىڭ مۇڭلۇق ساداسى ئىچىگە سىڭىپلا كەتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا ئاۋازلىق ناخشىلار ئورۇنلاندى، شۇنچىلىك ھۇزۇرلاندىمكى، يېنىمدىكى ئىككىسىنىڭ پاراڭلىرىغا قېتىلىپمۇ قويمىدىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن مۇزىكىدىن بەھر ئالماقتا ئىدىم. ئەڭ ئاخىرىدا «چوغلۇق قىز» ئوپېراسىدىكى ئەڭ داڭلىق ناخشا پارچە بولغان «مەي ناخشىسى» ئورۇنلاندى، ئەر- ئايال ناخشىچىلار بۇ ناخشىنى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتتىكى، ناخشا تۈگىگەندە ئۆزۈمنىڭ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكىنىمى ئۆزەممۇ سەزمەي قاپتىمەن. مەن ئۆمرۈمدە راسلا بۇنداق يېقىملىق ناخشا ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم.

زالدىن كۆزۈم قىيمىغان ھالدا يېىپ چىقتىم. سىرتتا لەپىلدە قار يېغىۋاتاتتى، سۆڭەكلەردىن ئۆتكۈدەك سوغۇق شامال ھۇشقىيتىپ تۇراتتى.

--ئاكا، سىلەر قايتىۋېرىڭلار، مەن ئۆزۈم تاكسى توسۇپ قايتىمەن.—دېدىم ئۇلارغا قاراپ،--ئەنسىرىمەڭلار، ساق-سالامەت بارالايمەن. بىرىنچى قېتىم بۇنداق كەچ قېلىشىم ئەمەسقۇ!

--ياق، بۇ كەچتە سېنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويسام قانداق خاتىرجەم بولىمەن؟ مۇنداق بولسۇن، ئاۋۋال كوچا ئاپتوبۇس بىلەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ پاتىمەنى ئەكىرىپ قويايلى، ئاندىن سېنى مەكتىپىڭگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتاي، بولامدۇ؟

--ئۇنىڭغىچە بىزنىڭ ياتاقنى تاقىۋېتىدۇ ئاكا...

--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،--سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىنلا كەينىمدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم. ئەلۋەتتە بۇنداق سوغۇق كېچىدە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا بۇنداق چىرايلىق سالامنى ئاڭلاش ئاسان ئەمەستە!

كەينىمدە ئېگىز بويلۇق، تولىمۇ قاملاشقان بىر يىگىت بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. كەچۈرۈڭلار، قاملاشقان، دېگەن سۆزۈمگە چۈشەندۈرۈش بېرىشىم كېرەك، مەكتىپىمىزنىڭ يېنىدىلا بېيجىڭ تىل مەدەنىيىتى ئۇنىۋېرسىتېتى بار ئىدى، ئۇ مەكتەپتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەنلەر خەنزۇتىلىدا تەييارلىقتا ئوقۇيتتى. شۇ يەردە ماڭا ھەممىدىن ئۆتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەنلەر چىرايلىق كۆرۈنەتتى، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قاملاشقان كۆرۈنەتتى، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستانلىق يىگىتلەر. ئالدىمدا تۇرغان يىگىت دەل شۇ ئۆزبېك يىگىتلەرگە ئوخشايتتى. خىيال دېگەن ئاجايىپ يۈگۈرۈك نەرسە ھە! ئۇ يىگىتكە قارىغان بىر دەقىقە ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپ ئۇ يىگىتكە كۆڭلۈمدە باھا بېرىپمۇ ئۈلگۈردۈم.

--سىلەر ئۇيغۇرمۇ؟--دېدى ئۇ يىگىت بىز سالامغا جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە تىرىشىپ.

--شۇنداق، بىز ئۇيغۇر، شىنجاڭدىن.

--ئەلھەمدۇلىللا، سىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىم بەك ياخشى بولدى. مەن ئۆزبېكىستاندىن، ئۇيغۇر، ئىسمىم مۇرات، ھازىر بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىمەن، جوڭگوغا كېلىپ سىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن بەك خوش بولۇۋاتىمەن.

--ياخشىمۇسىز، مېنىڭ ئىسمىم ئالىم، بۇ قىزنىڭ ئىسمى پاتىمە، بۇ مېنىڭ نەۋرە سىڭلىم، ئىسمى دىلارە،--دېدى نەۋرە ئاكام بىزنى تونۇشتۇرۇپ.

--دىلارە، ئىسمىڭىز بەك چىرايلىقكەن،--دېدى ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان كىچىككىنە ئۇچقۇن خۇددى پۈتۈن بەدىنىمنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاندەك بولدۇم-دە، ۋىللىدە قىزارغىنىمچە يەرگە قارىۋالدىم.

--سىلەرمۇ ئوقۇمسىلەر؟

--مەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان، چاڭ چالىمەن، چاڭنى بىلىسىزغۇ ھە؟ بۈگۈنكى مۇشۇ ئويۇندا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چالىدىغان ھېلىقى ساز بارغۇ،--نەۋرە ئاكام چاڭ چالغاننى دوراپ قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتى،--مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ماگىستىرلىقتا ئوقۇغىلى كەلدىم. بۇ قىز مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك تىلى تەتقىقاتىدا ئوقۇيدۇ، نەۋرە سىڭلىم مىتاللۇرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدۇ.

--ئوھۇي، مەكتەپلىرىمىز يېقىنكەنغۇ؟--ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم، نېمە ئۈچۈندۇر بىر ئاز ئوڭايسىزلىنىۋاتاتتىم.

--ئاكا، مەن ئەمدى قايتمىسام بىزنىڭ بىنانى تاقىۋېتىدۇ. مەن ماڭغاچ تۇراي ئەمىسە.

--يالغۇز ماڭامسىز؟ ئىككىمىز بىللە كېتەيلى، سىزنى ياتىقىڭىزغا ئاپىرىپ قوياي. قىز بالا بۇ كەچتە يالغۇز ماڭسا ياخشى بولماس.

قارىغاندا بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوقتەكمۇ قىلاتتى. ئۇلار ئىككىسى بىلەن خوشلىشىپ تاكسىغا چىقتۇق. قار يول بويىدىكى ئارچا دەرەخلىرىگە چۈشۈپ بېيجىڭنى كوچىلىرىنى تولىمۇ چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى.
تېما تەستىقلىغۇچى : manggutax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-04, 08:58
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+1(بەشىر)
  • شۆھرەت:+1(jerry) ئالامەت يېزى ..
  • شۆھرەت:+1(كۇچابۇرىسى207) ياخشى ماقالە ..
  • شۆھرەت:+39(شوخ بالا)
  • blog.salkin.cn
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-04 14:45 |
    خاتالىق
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 2073
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 175
    شۆھرەت: 165 كىشىلىك
    پۇل : 708 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 177 نۇمۇر
    قوللاش: 173 نومۇر
    ئالقىش: 150 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئايىغى چىقماستىن بىرى پەيدا بولدىمۇ ئەمدى؟ھى  ھى ھى..تىزراق ئاخىرلاشتۇرۇڭ ھە.........
    [size=4][color=#FF0066]ھەقىيقى مۇھەببەت مەڭگۈ كونىرىمايدۇ،سىغىنىش مەڭگۈ توختىمايدۇ..[/color][/size]
    [img]http://up.nurluk1099.com/myfile/rexta/rasim/1471548.gif[/img]
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 17:27 |
    ئاق-بىلىق
    سۈكۈت،،،،،،،،،،،،،،
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11174
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 986
    شۆھرەت: 1473 كىشىلىك
    پۇل : 6364 سوم
    تۆھپە: 300 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1120 نۇمۇر
    قوللاش: 1048 نومۇر
    ئالقىش: 1303 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىم :
    Click Here To EnLarge
    ساقلىۋىلىپ كىيىن ئوقۇي ھە،،،،،
    مۇھەببەتنىڭ تارىنى،
    ئۈزدۈڭ يايرىم مېنىڭدىن.
    ئۈزۈلگەن شۇ تارىمۇ،
    رەنجىمەكتە سېنىڭدىن...








    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 17:37 |
    ئەسىماخېنىم
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12177
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 174
    شۆھرەت: 174 كىشىلىك
    پۇل : 950 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 173 نۇمۇر
    قوللاش: 173 نومۇر
    ئالقىش: 173 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىتاللۇرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
    矿业大学
    مۇ؟
    سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسىمۇ،
    سۆيمىسە سۆيمەيمەن مىسىرغا سۇلتان بولسىمۇ.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 17:51 |
    مەھۋىيە111
    بەس، ئەمدى يىغلىما
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 18445
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 630
    شۆھرەت: 416 كىشىلىك
    پۇل : 100 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 646 نۇمۇر
    قوللاش: 652 نومۇر
    ئالقىش: 739 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-04

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋال ساقلىۋالاي  ھە
    بىر كۆرۈشنى ئىستەيمەن لېكىن،
                    مەۋجۇتلىقىڭ قېينايدۇ مېنى
                            سۆيمەيمەن، سۆيەلمەيمەن ھەم،
                                        سەن بولغاچقا سەندىن باشقىنى.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 20:25 |
    818sabda
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23024
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 349
    شۆھرەت: 1139 كىشىلىك
    پۇل : 7639 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 677 نۇمۇر
    قوللاش: 528 نومۇر
    ئالقىش: 946 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئۇرۇن ئېلىپ قوياي،بۇ ئۇرۇننى راستىنلا يھخشى ئېلىپ قۇيۇپتىمەن،بۇنداق يىنىك ئەسەرنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بۇپتىكەن،قىزلارنىڭ بەختىنى بەرسۇن،مۇراتتەك  ئەرلەرنىڭ كۈمۈلۇپ قالماسلىغىنى ئۇمىت قىلىمەن
    [ بۇ يازما 818sabda تەرپىدىن2008-11-08 19:29دە قايتا ]
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 20:29 |
    tograh0997
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 24424
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1113
    شۆھرەت: 1201 كىشىلىك
    پۇل : 60 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1550 نۇمۇر
    قوللاش: 1329 نومۇر
    ئالقىش: 2102 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخرىسىغا تەشنا بۇلۇپ يۈرىۋەرمەي
    blog.salkin.cn
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 23:35 |
    نادىرە123
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20101
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 147
    شۆھرەت: 147 كىشىلىك
    پۇل : 984 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 171 نۇمۇر
    قوللاش: 159 نومۇر
    ئالقىش: 201 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرنى تىزراق يىزىڭ ھە قىزچاق؟مەن بەك قىزىقىپ قالدىم.
    بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-04 23:45 |
    مەستۇرە2
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 13773
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 106
    شۆھرەت: 184 كىشىلىك
    پۇل : 3255 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    قوللاش: 135 نومۇر
    ئالقىش: 154 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-04

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەئە، 矿业大学، بېيجىڭ تىل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېنىدا.
    كۈندە بىر پارچىدىن يوللىسام بولامدۇ يا؟
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 15:12 |
    مەستۇرە2
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 13773
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 106
    شۆھرەت: 184 كىشىلىك
    پۇل : 3255 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    قوللاش: 135 نومۇر
    ئالقىش: 154 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-04

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىرتتىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇر ئالغاچ بايىقى ئويۇندىكى كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ناخشىلارنى ئەسلەپ ئولتۇراتتىم. يوللار بەكمۇ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەچ، ماشىنا تولىمۇ ئالدىرىماي ماڭاتتى، مەن كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.

    --ياتاق بىنارىڭلارنى نەچچىدە تاقايدۇ؟

    --ئون ئىككىدە.

    --يەنە بىر سائەت بار ئىكەنغۇ؟ ئەنسىرىمەڭ، ئۆمىلىسەكمۇ بېرىپ بولارمىز، ئىنشائاللاھ.

    ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تاشلىدىم، كۆز ئالدىمغا ئىككىمىزنىڭ ئۆمىلەۋاتقان قىياپىتىمىزنى كەلتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم، ئەگەر راسلا ئۆمىلەپ ماڭساق قانداق بولار ھە؟ ھا ھا ھا!

    ئۆزەم بىلەن پاراڭلىشىشقا كۆنۈپ كەتكەنىدىم، ئانا مېھرىدىن مەھرۇم چوڭ بولغانلىقىم، باشقا ھېچقانداق قېرىنداشلىرىم بولمىغاچقىمۇ، بىرىگە كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئېيتىپ كۆنمىگەنىدىم. باشقىلار بىلەن جىق پاراڭلىشىپمۇ كەتمەيتتىم. لېكىن ئىچىمدە بىر ئوت بار ئىدى، تۇرۇپلا شوخلۇق قىلغۇم كېلەتتى. ئۆزۈمگە ئۆزەم چاقچاق قىلىپ باقاتتىم.

    --دىلارە، قارنى ياقتۇرامسىز؟--ئۇنىڭ سوئالى خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى.

    --ھەئە. ئاپئاق، بەك چىرايلىق.

    --مەنمۇ ياقتۇرىمەن.

    --شۇغىنىسى ھازىر تازا ياقتۇرالماي قېلىۋاتىمەن. ماشىنا تېزرەك ماڭغان بولسا قانداق بولاتتىكىن.

    ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.

    --خاتىرجەم بولۇڭ، چوقۇم كىرىۋالالايسىز. ھە راست، ئەگەر ياتاققا كېچىكىپ قالساڭلار جازالامدۇ؟

    --ھەئە، بىر كېچىدە تالادا تۇرغۇزۇپ قويىدۇ.

    --ئۇنداق ئەمەستۇ؟--ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.

    --ياتاققا كىرەلمىگەندىكىن سىرتتا تۇرىدىغان گەپتە.

    --ۋاي نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن، خاتىرجەم بولۇڭا، بىنا باشقۇرغۇچى بىلەن ئۇرۇشۇپ بولسىمۇ ئىشىكنى ئاچقۇرۇپ بېرىمەن.

    دەرۋازا ئالدىغا كەلگىنىمىزدە بىنانى تاقاشقا يەنە ئون مىنۇتلا قالغان ئىكەن. ياتىقىم مەكتەپنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئىدى، يۈگۈرەپ ماڭمىسام ئون مىنۇتتا بېرىپ بولغىلى بولمايتتى. سائەت ئون بىردىن كېيىن دەرۋازىدىن ماشىنا كىرگۈزمەيتتى.

    --ياتىقىم بەك يىراق، ئون مىنۇتتا بېرىپ بولالمايمەن. قانداق قىلارمەن؟

    --جۈرۈڭ، يۈگۈرەيلى.—ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا مېنىڭ ئالدىمدا يۈگۈرەشكە باشلىدى. نەچچە مىنۇت يۈگۈرەپلا نەپسىم يېتىشمەي ھاسىراشقا باشلىدىم. بىرچاغدا پۇتۇمنىڭ سىيرىلغىنىنى بىلىمەن، ئوڭدامغىلا يىقىلىپ چۈشتۈم، جەينەكلىرىم ۋە يانپىشىم كۆيۈشۈپ ئاغرىۋاتاتتى. لېكىن خىجىل بولغىنىمدىن كۆزۈمدىن ياش تۆكەلمىدىم، ئەگەر يالغۇز بولغان بولسام چوقۇم يىغلاپ تاشلىغان بولاتتىم.

    --بىرەر يېرىڭىز سۇنمىغاندۇ؟--دېدى ئۇ ھودۇقۇپ، يېنىمغا كېلىپ. مەن بېشىمنى چايقىدىم.

    --بەك قاتتىق چۈشۈپ كەتتىڭىز ھە؟ ماڭالامسىز؟ مەن يۈدۈپ ئاپىرىپ قويايمۇ؟

    --ۋاي ياقەي،--دېدىم زورىغا كۈلۈمسىرەپ. ئۇنىڭ بىلەن تېخى بايا تونۇشۇپلا ئۇنىڭغا ئۆزەمنى كۆتەرگۈزسەم قاملىشامدۇ؟

    --ئەمىسە قولىڭىزنى ئەكىلىڭ، سىزنى تارتىپ تۇرغۇزۇپ قوياي. ئەمدى يۈگۈرمەيلى، ئالدىرىماي ماڭايلى. دوختۇرخانىغا بارمىساقمۇ بولامدۇ؟

    --دوختۇرغا بارغۇدەك ئەمەس. ياتاققا كىرىپ يېتىۋالساملا ئوڭشىلىپ قالىمەن.

    --قولىڭىز ئەجەب يۇمشاقكەن،--دېدى ئۇ پىچىرلىغاندەك پەس ئاۋازدا. ئۇنىڭ قولى قولۇمغا تېگىشى بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا توك سوققاندەك بىر سېزىم تارالدى.

    --باشقا قىزلارنىڭ ئۇنداق ئەمەسمىدى؟--دېدىم كۈلۈپ. ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ ھودۇقۇپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدىم.

    --ھە؟ مەن..مەن نەدىن بىلەي؟

    ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم.

    --قولىڭىز يۇمشاقكەن، دېگەن سېمىزكەنسىز، دېگەن گەپنىڭ سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىلىشىمۇ؟

    --ياق ياق... ۋاي خۇدايىم، سىزگە گەپ تېپىپ بەرمەك ئاجايىپ تەسكەنغۇ!

    --ھا ھا ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم. ئاپلا، تېز بولۇڭ، ياتاققا كېچىكتىم.—ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا يانپىشىمدىن تەرەپتىن كىرگەن ئاغرىق مېڭەمگە چىقىپ كەتتى، «ۋايجان!» دەپ توۋلاپ سالدىم.

    --بەك ئاغرىۋاتامدۇ؟

    --ئوكۇل ئۇرغاندەك،--ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى...
    blog.salkin.cn
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 15:15 |
    مەستۇرە2
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 13773
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 106
    شۆھرەت: 184 كىشىلىك
    پۇل : 3255 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    قوللاش: 135 نومۇر
    ئالقىش: 154 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-04

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    جەينىكىم ئازراقلا سۈرۈلگەن ئىكەن، ئەتىسى دوختۇرخانىغا چىقىپ ئازراق يود سۈرتكۈزىۋالدىم.يانپىشىم دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا زەخمىلەنمەپتۇ، سۆڭەكتە زەخىملىنىش بارمۇ يوق، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتا قاراپ باقىدىكەن، ئەگەر يەنە ئاغرىسا x نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرىدىكەن. ياتاقتىكىلەر مېنى خۇددى جەڭدىن يارىلىنىپ قايتىپ كەلگەن ئەسكەردەك كۈتۈشكە باشلىدى ۋە ماڭا تۆت ماددىلىق «رۇخسەت يوق» نى بېكىتىپ بەردى: ئۇزۇن ئۆرە تۇرسام پۇتۇم ئاغرىپ قېلىشى مۇمكىن بولغانلىقى ئۈچۈن، چۈشلىرى ئاشخانىدا ئۆچىرەت ساقلاشقا رۇخسەت يوق، بىر ھەپتىگىچە قايناقسۇ ئالغىلى چىقىشقا رۇخسەت يوق، ئىككى ھەپتىگىچە ياتاق تازىلايمەن، دېيىشكە رۇخسەت يوق، بىر ھەپتىگىچە قولۇمنى سوغۇق سۇغا تىقىشقا رۇخسەت يوق. ماڭا بۇ رۇخسەت يوقلار ئەلۋەتتە خۇشياقتى، ئوماقلىرىم ئەكىلىپ بەرگەن مېۋىلەرنى يەپ كارىۋاتتىن چۈشمەي رومان ئوقۇشقا باشلىدىم. ئىمتىھان باشلىنىشقا ئاز قالغاچقا دەرسلەر ئاساسەن تۈگىگەن ئىدى. ئىمتىھانغا ئاساسەن تەييارلىقلىرىم بار ئىدى. شۇڭا خاتىرجەم ئىدىم.

    --ياق، خاتا ئۇرۇپسىز، بۇ 313-ياتاق،--دېدى ياتاقدىشىم كەلگەن تېلىفوننى قويۇۋېتىپ. –بىر يىگىت بۇ 145-ياتاقمۇ دەيدۇ. بۇ بىنادا نەدىمۇ 145-ياتاق بولسۇن؟ چەت ئەللىكمۇ نېمە؟ خەنزۇچىسى ئەجەب ناچاركىنا.

    ئۇنىڭ گېپىگە كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم—دە، سەنماۋنىڭ «سەھرايى كەبىر»ىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. شۇ ئارىدا تېلىفون يەنە جىرىڭلىدى.

    --ھە، توغرا، بولىدۇ، ھازىرلا چۈشەي.—ياتاقدىشىم تېلىفوننى قويۇۋېتىپ غودۇڭشىدى،--قاچاندىن بۇيان پوسۇلكىنى ياتاققا ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدىكىن.

    ياتاقدىشىم ئىشىكنى جالاقشىتىپ يېپىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى، كۆز ئالدىمغا يەنىلا ھېلىقى كۈنى خوشلاشقان چاغدىكى مەنزىرە كەلدى: ياتىقىم ئالدىغا كەلگەندە ياتاق باشقۇرغۇچى قولىغا قۇلۇپنى ئېلىپ تەييار بوپتىكەن، ئۆزەمنى بىنا ئىچىگە ئاتتىم. «دىلارە، تېلىفون نومۇرىڭىز» دېگەن ئاۋازى سىرتتا قالدى، ئۇنىڭغىچە ئىشىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغان ئىدىم.

    تەلىيىمگە بىنانىڭ ئىشىكلىرى پۈتۈنلەي ئەينەك ئىدى، ئۇ ئەينەكنىڭ ئۇ تەرىپىدە ماڭا تەلمۈرگىنىچە قاراپ تۇراتتى. سومكامنى ئاختۇردۇم، ھېلىمۇ قەلەم سېلىۋالغان ئىكەنمەن، قولۇمغا ياتىقىمنىڭ تېلىفون نومۇرىنى يازدىم-دە، ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم. ئۇمۇ نومۇرۇمنى قولىغا يېزىۋالغاندىن كېيىن ماڭا كىرىپ كېتىشكە ئىشارەت قىلدى، تاكى ئايلانمىدىن ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇ ماڭا قاراپلا تۇردى...

    --لالا، بۇلارنى بىرى ساڭا ئەكەپتۇ،—دېدى ياتاقدىشىم قولۇمغا كىچىككىنە بىر سوۋغات قۇتىسى بىلەن بىر دەستە گۈلنى سۇنۇۋېتىپ،—بىنا باشقۇرغۇچىسىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپتۇ.

    --كىم ئەكەلگەندۇ،--قىزىقىش بىلەن قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم. قۇتا ئىچىدە پارقىراق قەغەزلەرگە ئورالغان شاكىلاتلار بار ئىدى. گۈل بولسا قىزىل رەڭلىك ئەتىرگۈل بىلەن كاڭنەيشىڭدىن ئارىلاشتۇرۇپ تىزىلغان ئىدى. گۈلگە بىر دانە كىچىككىنە كارتا قىستۇرۇلغان ئىدى. قىزىقىپ ئاچتىم، خەت ئىنگلىزچە يېزىلغان ئىدى:

    «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك دىلارە، خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەگەر خالىسىڭىز ماڭا بىر تېلىفون قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ قويغان بولسىڭىز، سىزدىن ئەنسىرەپ:  مۇرات»    

    خەتنىڭ ئاخىرىدا بىر يانفون نومۇرى يېزىغلىق ئىدى. بايىقى «خاتا ئۇرۇلغان» تېلىفوننى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ياتاق تېلىفونىنى قولۇمغا ئېلىپ تېلىفون ئۇرايمۇ-ئۇرمايمۇ، دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىش غالىب كەلدى بولغاي، ئۇنىڭ نومۇرىنى بېسىشتىن ئۆزەمنى تۇتالمىدىم.

    --ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،--تېلىفوننىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى كەلمەكتە ئىدى. راستىنى ئېيتسام مۇشۇ قۇرلارغا يېزىۋاتقان چېغىمدىمۇ كۈلگۈم كېلىدۇ، چۈنكى بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بىر يىگىتنىڭ ئاۋازىنى يېقىملىق دېيىشىم ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقەتەنمۇ يېقىملىق ئىدى.

    --ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،--دېدىم ئاۋازىمنى تەمكىن چىقىرىشقا تىرىشىپ.

    --قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟ يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟

    --خېلى ياخشى، خۇداغا شۈكرى. ھازىر ئانچە ئاغرىمايدۇ.

    --ئەلھەمدۇلىللا. ئاغرىمىغان بولسىلا ياخشىغۇ! سىرتقا چىقالامسىز؟ سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي دېگەنتىم.

    --بولدىلا ئاۋارە بولماڭ. ھېلىمۇ سىزنى جىق ئاۋارە قىلىۋەتتىم.

    --مېنى ئاۋارە قىلدىڭىزمۇ؟ ئەمىسە مېنى ئاۋارە قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىز مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىڭ.

    ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم:

    --ماقۇل تەكلىپ قىلاي، لېكىن چوقۇم بۈگۈن تەكلىپ قىلىشىم كېرەكمۇ؟

    --ئەلۋەتتە، ھازىرلا.

    --ھازىر يا تاماق ۋاقتى بولمىسا. خەنزۇلاردا « مېھمان ساھىبخانىغا بويسۇنىدۇ» دېگەن گەپ بار، مەن مېھمان قىلاي، دېگەندە كېلىڭ، شۇ چاغدا قىلاي.

    --بىز يا خەنزۇ بولمىساق. بىزدە مېھمان ساھىبخاندىن مۇھىم-دە!

    راستىنى ئېيتسام، ئۆزەمنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم بار ئىدى، نېمىدۇر ئىچىمگە يوشۇرۇنغان بىر نەرسە مېنى ئۇ تەرەپكە تارتىپ تۇراتتى.

    --بولىدۇ، ئەمىسە سەل تۇرۇپ تىل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىدا كۆرۈشەمدۇق؟

    --ياتىقىڭىز ئالدىدىلا كۆرۈشەيلى، مەن تېخى مۇشۇ يەردە...

    كىيىملىرىمنى ئالدىراپ كىيىپ، ياتاقدىشىمنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي پەسكە ئۇچقاندەك چۈشتۈم. ئۇ ياتاق بىنايىمىز ئالدىدا ئىشىككە كەينىنى قىلىپ تۇراتتى. ئۇنى گەرچە بىرلا قېتىم كۆرگەن بولساممۇ ئۇنىڭ گەۋدىسى ماڭا ناھايىتى تونۇشتەك، ماڭا ناھايىتى يېقىن كىشىمدەك بىلىنىۋاتاتتى. تېز قەدەم بىلەن مېڭىپ ئۇنىڭ كەينىگە كەلدىم، ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىدىمىكىن، ئۇمۇ شۇ ھامان كەينىگە ئۆرۈلدى. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ چىرايىدا جىلۋىلەنگەن مەمنۇنلۇق ۋە كۆزلىرىدىكى خوشاللىقنى بەلكى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالماسلىقىم مۇمكىن.

    --بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز،--دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا سۆزلەپ.

    --شۇنداقمۇ؟ ئۆزبېك قىزلىرىمۇ بەك چىرايلىقتۇ؟

    --سىزدەك چىرايلىقى يوق،--ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ يۈزۈم ھۈپپىدە قىزاردى. قايسى قىز ماختىلىشنى ياقتۇرمايدۇ؟ ئۆزەمنىڭ ئۇنچىۋالا چىرايلىق ئەمەسلىكىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ئىچ-ئىچىمدىن خوشال بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.

    --يۈرۈڭ، تاماققا بارايلى.—دېدىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.

    --ھازىر تاماق يېسەك تېخى سەل بالدۇر. ئەگەر خالىسىڭىز سىزنى باشقا بىر يەرگە ئاپىراي، تاماق ۋاقتى بولغاندا قايتىپ كېلىپ تاماق يەيمىز. خاتىرجەم بولۇڭ، بۈگۈن ياتاق تاقاشتىن بۇرۇن سىزنى ياتىقىڭىزغا ئەكىلىپ قويىمەن.

    --ۋاي، ئادەم قورقۇتماڭ، نەگە بارىمىز؟ ياتاق تاقاشقا يەنە سەككىز سائەت بار تېخى!

    --چاقچاق قىلىپ قويدۇم. سىزنى بىر دۇكانغا ئاپىراي. بىردەمدىلا قايتىپ كېلىمىز.

    --نېمە دۇكانغا؟--ھايران بولۇپ سورىدىم.

    --بارغاندا بىلىسىز.

    ئۇ گەپنى بەزىدە ئۇيغۇرچىگە يېقىنراق، بەزىدە ئۆزبېكچىلا، ئەگەر چۈشەنمىگۈدەك بولسام ئىنگلىزچە قىلاتتى. ئۇ مېنى زادى نەگە ئاپىرىدىغاندۇ؟ مېنى دۇكانغا ئاپىرىپ نېمە قىلار؟

    تاكسىغا چىقتۇق، ئۇ تاكسى شوپۇرىغا مەكتىپىمىزگە يېقىنلا يەردىكى بىر كىتابخانىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتى.

    --ئۇنچىلىك يەرگە مېڭىپ بارساقمۇ بولاتتىغۇ؟ بىكارلا ئىسراپچىلىق قىلىپ،--دېدىم مەن ئاغرىنىپ.

    --ئوبدان ئايال بولغۇدەكسىز ھە؟ خېلى تېجەشلىك. شۇغىنىسى، سىز ھازىر شۇنچىلىك يولنى ماڭالامسىز؟ ھېلى مېنى قارغاپ كەتمەڭ يەنە.—ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ خىجىل بولغىنىمدىن بېشىمنى دەرھال دەرىزدە سىرتىغا بۇرىۋالدىم. تېخى 23ياشقىمۇ كىرمىدىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈشۈمگە يەنە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بار، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش خىيالىم بار. ئايال بولۇش، توي قىلىش، دېگەنلەرنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدىم. راستىمنى ئېيتسام خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىدىم، دېسەم بەلكىم بۇ سۆز بىر ئاز يالغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باققان بولساممۇ، قورققۇم كېلەتتى، ھەقىقىي بەختنىڭ ماڭا نېسىپ بولۇشىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى.

    --كەلدۇق، قېنى چۈشۈڭ،--دېدى ئۇ ماڭا ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىۋېتىپ. بۇ يەر مەكتىپىمىزگە يېقىنلا يەردە بولسىمۇ، بۇ تەرەپكە ئانچە جىق ئۆتمەيتتىم. چۈنكى بۇ ئەتراپتا ئاساسەن دېگۈدەك چەت ئەل ماللىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار بولۇپ، دېسكوخانا ۋە مەيخانىلارمۇ خېلى جىق ئىدى. مەكتەپتىكى ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئاغزىدىن دائىملا دېگۈدەك مۇشۇ يەردىكى دېسكوخانىغا كەلگەنلىكى، چەت ئەللىك يىگىتلەر بىلەن تونۇشقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم.

    --جۈرۈڭ، بىز بۇياققا كىرىمىز،--دېدى ئۇ يول باشلاپ مېڭىۋېتىپ. بۇ يەردىن ئىلگىرى ماشىنىدا ئولتۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم ئۆتۈپ باققان بولساممۇ بۈگۈنكىدەك سەپسېلىپ باقمىغان ئىكەنمەن، ھېچبولمىسا كېلىپ ساياھەت قىلىپ كېتىشكە ئەرزىگۈدەك جاي ئىكەن.

    ئۇ مېنى باشلاپ ئازادە بىر كۇتۇپخانىغا ئېلىپ كىردى. زال ناھايىتى چوڭ بولۇپ ئۇ يەر بۇيەرلەردە كىچىك شىرەلەر قويۇلغان، كىشىلەر شىرە ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، قولىدىكى كىتابنى كۆرگەچ قەھۋە ئىچىشىپ ئولتۇراتتى. كۇتۇپخانىنىڭ بىر تەرىپىدىكى تامغا يۆلەپ قويۇلغان جاھازىدا لىققىدە دېسكىلار قويۇغلۇق ئىدى.

    --بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ،--دېدى ئۇ مېنى دېسكىلارغا يېقىن قويۇلغان بىر شىرەگە باشلاپ،--مەن دېسكا كۆرەي.

    --خېنىم، بىرەر نەرسە لازىممۇ؟--دېدى شۇئان بىر كۈتكۈچى قىز يېنىمىزدا پەيدا بولۇپ.

    --ھە؟ ھە...ياق...،--ھودۇقۇپ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم.

    --ماڭا بىر ئىستاكان يامايكا قەھۋەسى، بۇ خېنىمغا بىر ئىستاكان كاپۇچىنۇ ئەكىلىپ بېرىڭ، رەھمەت.—كۈتكۈچىنى كۆرۈپ يېنىمىزغا كەلگەن مۇرات مېنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.

    كۈتكۈچى ئەكىلىپ بەرگەن قەھۋەنى ئىچكەچ، مۇرات ماڭا تۇتقۇزۇپ قويغان تاشكەنت شەھىرى تونۇشتۇرۇلغان رەسىملىك كىتابنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، ئۇ مۈرەمگە بوش چەكتى:

    --بۇ ياققا كېلىڭا!—ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ دېسكا سىناپ ئاڭلاپ باقىدىغان ئورۇنغا كەلدىم. ئۇ نائۈشنىكنى قۇلىقىمغا تاقاپ قويدى.

    نائۈشنىكتىن مەن تولىمۇ ياقتۇرىدىغان ناخشا ئاۋازى كېلىۋاتاتتى:«Time to say goodbye» (خوشلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى) ناخشا ئېيتقۇچى شۇنداق ياخشى ئېيتىۋەتكەنمۇ، ياكى دېسكا سۈپىتى ياخشىمۇ، ئىشقىلىپ شۇ دەقىقىدە دۇنيادا پەقەت مۇشۇ مۇزىكىنىڭ ئاۋازىلا باردەك، بۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسە بوشلۇقتا لەيلەۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى.

    ناخشا تۈگىگەندە ئۇنىڭ يېنىمدا ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى بايقىدىم.

    --كەچۈرۈڭ، ناخشا ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن.—دېدىم خىجىل بولۇپ.

    --ھېچقىسى يوق، ئەسلى يەنە بىر ناخشىمۇ ئاڭلاتماقچى ئىدىم. قارىغاندا ئۇنى بۈگۈن ئاڭلاتسام بولمىغۇدەك، كېيىنكى قېتىمدا ئاڭلىتارمەن. جۈرۈڭ، قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلىشايلى.

    ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ شىرەگە قايتىپ كەلدىم.

    --سىزگە ئائىلەم ھەققىدە سۆزلەپ بەرسەم ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ؟

    --ماقۇل. قېنى سۆزلەڭ.

    --دادام تەرەپ بوۋىلىرىم ئەسلى غۇلجىلىق ئىكەن. كېيىن ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. ئانامنىڭ تېگى قەشقەردىن، ئاناملار خېلى بۇرۇنلا كۆچۈپ كەپتىكەن. ئانام تەرەپتىن ئۇلۇغ بوۋام بۇخاراغا دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىپ كېيىن ئەندىجاندا تۇرۇپ قاپتىكەن. ئاتا-ئانام ئىككىسىلا ياخشى دىيانەتلىك ئائىلىدىن. ئۇلارنىڭ ماڭا بەكمۇ ئانا ۋەتىنىمىزدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر قىزىنى ئېلىپ بەرگۈسى بار ئىدى...

    --شۇنداقمۇ؟--دېدىم بوغۇزۇمدىكى قەھۋەنى يۇتۇشقا تىرىشىپ،--ماڭا بىرەرىنى تونۇشتۇرۇڭ، دېمەيدىغانسىز ھە؟

    --ياقەي، مۇنداق دەپ قويۇۋاتىمەنغۇ!

    ئۇ بىر ئاز خىيال سۈرۈپ جىم بولۇپ قالدى.

    --دىلارە، سىز مېنى راستلا تونۇمىدىڭىزمۇ؟
    blog.salkin.cn
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 15:15 |
    ئەسىماخېنىم
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12177
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 174
    شۆھرەت: 174 كىشىلىك
    پۇل : 950 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 173 نۇمۇر
    قوللاش: 173 نومۇر
    ئالقىش: 173 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئو و~ئۇنداقتا سىز ئۇ مەكتەپتە ئۇقۇمايسىز شۇندقمۇ؟چۈنكى ئۇ مەكتەپتە ئۇيغۇرلار يوق ،ئەمما سىز  بېيجىڭدا كەنسىز_ھە؟مەنمۇ شۇ ~~
    blog.salkin.cn
    سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسىمۇ،
    سۆيمىسە سۆيمەيمەن مىسىرغا سۇلتان بولسىمۇ.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 20:47 |
    ئەسىماخېنىم
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12177
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 174
    شۆھرەت: 174 كىشىلىك
    پۇل : 950 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 173 نۇمۇر
    قوللاش: 173 نومۇر
    ئالقىش: 173 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك يامان يەردە توختۇتۇپ قويۇپسىزغۇ بۇنى ئەمدى ئەتىگىچە ئويلاپ چڭقىدىغان بولدۇم
    ~
    سۆيسە سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولسىمۇ،
    سۆيمىسە سۆيمەيمەن مىسىرغا سۇلتان بولسىمۇ.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 20:56 |
    زىننۇرە
    نىمە ئۈچۈن؟
    ئالاھىدە تۆھپە ئۆمۈرلۈك شەرەپ سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 1673
    نادىر تېما : 14
    يازما سانى : 1336
    شۆھرەت: 2869 كىشىلىك
    پۇل : 2123407 سوم
    تۆھپە: 146 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2463 نۇمۇر
    قوللاش: 1747 نومۇر
    ئالقىش: 2016 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-11

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەستۇرە بۇ سىزنىڭ ئىجادى تىمىڭىزمۇ؟
    داۋامىغا شۇنداق قىزىقىۋاتىمەن ، داۋامىنى بەك سۇزۇۋەتمەي يوللاڭ ھە!
    blog.salkin.cn
    بىلىڭلاركى دىللار پەقەت اللاھ نى ئەسلەش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
    اللەنىڭ ئالدىدىكى ئورنىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز،قەلبىڭىزدىكى اللەنىڭ ئورنىغا قاراڭ.
    ۋىجدانى مەسئۇلىيەت ۋە ئىمانى تەربىيەت بىلەن ئانىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئانىنىڭ باللىرى تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ يىتىمدۇر.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-05 22:32 |
    يازىمەن
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 24339
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 123
    شۆھرەت: 154 كىشىلىك
    پۇل : 1985 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 161 نۇمۇر
    قوللاش: 143 نومۇر
    ئالقىش: 206 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئوبدان ئويلىشىڭ،ئۇ سىزنىڭ تونۇشىڭىزكەن...
                        ئاخىرىنى تېزراق ئەۋەتىڭ كەچتە دەرستىن چۈشۈپلا ئوقۇيمەن...
    blog.salkin.cn
    مائارىپ+ئېقتىساد=تەرەققىيات.
    يۇرتۇم توققۇزتارا...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-06 14:43 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە - پوۋسىتلار

    Time now is:12-04 11:27, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation