قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئىسيانكار ئۆلدى !!! IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 1768 قېتىم كۆرۈلدى
پەخىركام
زىنداندىن چىقىش ...
ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 151
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 5075
شۆھرەت: 9920 كىشىلىك
پۇل : 11532258 سوم
تۆھپە: 5780 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7216 نۇمۇر
قوللاش: 6555 نومۇر
ئالقىش: 7533 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
توردىكى ۋاقتى : 1651(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىسيانكار ئۆلدى !!!

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلئارا تەرپىدىن (2008-10-24)دە نادىرلاندى
O^Dc&w  
D)RdOldr  
  ئىسيانكار قۇياشقا نىدا قىلدى ... «نىمىشقا كۆزۈڭنى يۇمۇۋالىسەن ؟  بىزنىڭ يولدىن ئېزىپ ،ماڭارغا يول تاپالمايۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەيۋاتامسەن ؟ كۆزۈڭنى ئاچ ! يولىمىزنى يۇرۇق قىل ! ...» ئەمما قۇياشتىن سادا كەلمىدى . قۇياش بولسا بۇلۇتقا بېشىنى قويۇپ ، كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىسيانكارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغۇسى يوقتەك قىلاتتى .كۆزىنى يۇمۇۋالغان قۇياش ئاستىدا زېمىن زۇلمەتتە ئىدى . خىياللار ئەنسىز غەۋغا قىلىشقا باشلىدى .ئىسيانكارنى ئەيىپلەش سادالىرى تۇشما-تۇشتىن ياڭراشقا باشلىدى . بۇ سادالار ئىسيانكارنى تەئەججۈپلەندۈرۈپ قويدى . تۇنجى قېتىم زۇلمەتكە دۇچ كەلگەن خىياللارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىركى غايە ئۈستىدىكى گۈزەل ئارزۇلىرى مانا بىر دەمنىڭ ئىچىدە ئەيىبلەشكە ئۆزگەرگەن ئىدى. ئىسيانكارمۇ خىياللارنىڭ گۈزەل غايىلىرى تۈرتكىسىدە بۇ سەپەرنى خاتىرجەم باشلىغان ئىدى . ئەمما خىياللارنىڭ ئازغىنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپلا شۇنچە تىز ئۆزگۈرۈپ كېتىشىنى ئىسيانكار ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . خىياللارنىڭ دەسلەپكى مەنزىلگە يىتىشكە بولغان ئىشەنچى، گۈزەل ئارزۇلىرى بىردىنلا  ئۈمۈدسىزلىككە ، قۇرقۇشقا ئۆزگەرگەن ئىدى . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىنى زۇلمەت توسوپ قويغان بولۇپ ،زۇلمەتنىڭ كەينىدە نىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلار بىلمەيتتى . ئۇلار زۇلمەتتىن قورقاتتى ، شۇڭا ئۇلار زۇلمەتنى يېرىپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالماي زۇلمەت ئالدىدا تەمتىرەپ، زۇلمەت ئالدىغا باشلاپ كەلگەن يولباش ئىسيانكارنى ئەيىبلەشكە باشلىغان ئىدى ... ئىسيانكار بولسا نۇرغۇن ئەيىبلەشلەر ئىچىدىن زۇلمەتتىن چىقىشنىڭ يولىنى ئىزدىمەك بولۇپ خىياللارغا قارىدى ، ئەمما خىياللار پەرۋاسىز ،قورقۇنۇچ ئىچىدە ئىسيانكارنى ئەيىبلەشنى توختۇتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . بۇنداق كىتىۋەرسە خىياللار ئىسيانكاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇنى چۈشكۈنلۈك زىندانىغا تاشلىشى مۇمكىن ئىدى ... y>&VtN{E  
  ئىسيانكارنى ئەيىبلەۋاتقان خىياللار نەپسى خىياللار توپى ئىدى ، ئەلۋەتتە شەيتان خىياللار توپى ئۇلارغا ھەم نەپەس ئىدى ، قەلىب خىياللار توپى بىلەن ئەقىل خىياللار توپى ئاللى قاچان نەپىس خىياللار توپى تەرپىدىن نەزەر بەنت قىلىنغان بولۇپ ئۇلارنىڭ خىياللىرى ئىتىبارغا ئېلىنمايتتى . ئىتىبارسىز قالغان قەلىب ،ئەقىل خىياللار توپى ئامالسىز نەزەربەنت ئاستىدا ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى... بۇ ئىشلارنى ئىسيانكار بىلمەيتتى . شۇڭا ئىسيانكار مۇشۇنداق مۇھىم پەيتتىمۇ قەلىب ، ئەقىل خىياللار توپىنىڭ «خاتىرجەم » ئۇخلاۋاتقىنىدىن غەزەپلەندى ،  نەپسى خىياللار توپىنىڭ ئۆزىدىن بىردىنلا يۈز ئۆرۈگىنىگە قايغۇردى. چۈنكى بۇيەرگە ئۇلارنى ئىسيانكار باش بولۇپ ئەكەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئاساسلىق يولنى نەپسى خىياللىرى كۆرسەتكەن ئىدى  .  ئۆز ۋاقتىدا قەلىب،ئەقىل خىياللار توپىنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي نەپىس خىياللىرىنىڭ پىكىرىگە بويسۇنغانلىقىغا بولسا ئۆكۈندى. ئۇلارنى بۇنداق قىلار دەپ ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى .ئەمما كىچىككەن ئىدى ، كەينىگە قايتىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى . چۈنكى ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن يول ئاللىقاچان ئۆتمۈش خىياللرىغا ئايلىنىپ ، تارىخ خىياللار توپىغا قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى . ئالدىدا بولسا زۇلمەت قەدكۆتۈرۈپ تۇراتتى ، ئۇيەرگە قەدەم تاشلاشقا نەپىس خىياللار توپى جان جەھلى بىلەن قارشى ئىدى . چۈنكى ئۇلار ئۇيەرنى ھالاكەت دەپ قارايتتى . ئۇلار مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىنى ئىسيانكارغا ئارتىپ ، ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇناتتى . نەپىس خىياللىرى شەيتان خىياللار توپىنىڭ  ياردىمى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئىسيانكارغا ئارتىپمۇ ئۈلگۈردى . ئەمدى ئىسيانكارنى كۆزدىن يوقاتسا يېپىق قازان يېپىق ھالەتتە قالاتتىدە ، مەسئۇلىيەتتىن تامام قۇتۇلاتتى . نەپىس خىياللىرى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايتتى ... gx&\Kw6HM  
   خىياللار ئۇنىڭغا تىزدىن باشقا يول تېپىشىنى بولمىسا ئۇنى چۈشكۈنلۈك زىندانىغا تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس زىندان ياساشقا كىرىشىپ كەتتى ... ئىسيانكار بارلىق ئۈمۈدىنى يەنە قۇياشقا قاراتتى ... « ئى ! قۇياش گەپ قىلساڭچۇ ؟ يولۇمنى يۇرۇق قىلىپ زۇلمەتتىن چىقىشىمغا ياردەم قىل ! »  ... قۇياش  يەنىلا سۈكۈتتە كۆزىنى يۇمۇپ ، بۇلۇتقا بېشىنى قويۇپ تۇراتتى... ئىسيانكار ئاخىرقى رەت  ئۇنىڭغا يىلىندى ، ئەگەر يەنە قۇياشتىن سادا كەلمىسە بارلىق ھوقوقنى نەپىس خىياللار توپىغا بېرىپ چۈشكۈنلۈك زىندانىغا كىرمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى ... « ئى ! قۇياش ... كۆزۈڭنى ئاچساڭچۇ ؟ » ...  ئاخىرى قۇياشتىن سادا كەلدى ، قۇياش كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ ھارغىن ئاۋازدا ...« مىنىڭ نۇرۇم ئالدىڭدىكى زۇلمەتنى يۇرۇتالمايدۇ ، ئامالسىز مەن . كەچۈر ! » ... قۇياش سۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆزىنى ئاچتى ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چىققان يۇرۇقلۇق راستلا زۇلمەتكە قىلچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمىدى ... ئىسيانكار ئۇنىڭغا « ئەمدى قانداق قىلىمەن ؟» دېگەندەك بىچارىلەرچە قاراپ تۇراتتى ... قۇياش كۆزىنى يۇمۇۋېتىپ ...« قۇربانلىق بېرىشىڭگە توغرا كېلىدۇ ... زۇلمەتنى پەقەت سىنىڭ كەسكىن ئىرادەڭلا  يۇرۇتالايدۇ ... ئۈمۈدۋار بولغىنكى زۇلمەتنىڭ كەينىدە چوقۇم يۇرۇقلۇق بار ... » ... ئەمدى ئىسيانكارغا قۇياشنىڭ كېرىكى قالمىغان ئىدى . چۈنكى ئۇ قۇياشنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىپ زۇلمەتنى يۇرۇتالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى . ENpaaW@!Y  
  ئىسيانكار قۇياشنىڭ سۆزىدىن ئىلھام ئېلىپ خىياللارنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە كەسكىنلىك بىلەن ...« يۈرۈڭلا ! زۇلمەتنى كىسىپ ئۆتىمىز ... » خىياللار چوقان كۆتۈرۈپ ئىسيانكارغا ھەيۋە قىلىشقا باشلىدى ... « سەن بىزنى ھالاك قىلاي دەمسەن ! سىنىڭ نىيىتىڭ نىمە دېگەن قارا ... سەن چۈشكۈنلۈك زىندانىغا مەھكۇم ... » خىياللار ئۇنى سۆرەشتۈرۈپ زىندانغا تاشلىدى . زىندان ناھايىتى مۇستەھكەم ئىدى . ئىسيانكارنىڭ بۇيەردىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى ... ئىسيانكار نىجادلىق ئىزدەپ تۆت ئەتراپقا قارايتتى . نەپىس خىياللىرى ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قارايتتى ، شەيتان خىياللىرى بولسا ئۇنڭغا سەت ھىجايىپ قاراپ تۇراتتى ، قەلىب ، ئەقىل خىياللىرى بولسا يەنىلا شىرىن چۈش كۆرۈپ ئۇخلاۋاتاتتى ، ئۇلار پات يېقىندا ئويغۇنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . قۇياشنىڭمۇ ئۆزىگە ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ئىسيانكار ئوبدان بىلەتتى ... 23,%=U  
  ئىسيانكار ھەممىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ پۇشايمان قاچىسىدىكى زەھەردەك ئاچچىق نادامەتلەرنى ئىچىشكە باشلىدى ... ئۇ ئۆزى سەۋەبلىك زۇلمەت ئالدىدا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئويلىسا ئىچى ئاچچىق بولاتتى ،ئىگىسى بولغان تىنىگە يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتى ، ئۆزىنى ئىگىسىگە ساتقىنلىق قىلغان خائىن دەپ بىلەتتى . ئۇ شۇلارنى ئويلىسا ھاياتتىن ئۈمۈدىنى ئۈزەتتى ... تۇيۇقسز ئۇنىڭ ئىسيانكار خىيالىدا قۇياشنىڭ « قۇربانلىق بېرىشىڭگە توغرا كېلىدۇ ... » دېگەن سۆزى قۇياشنىڭ كۆزىدەك نۇرلىنىشقا باشلىدى ...« توغرا قۇربانلىق بېرىشىم كېرەك ، قۇربانلىقىم بەدىلىگە سەۋەنلىكىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرشۇم كېرەك . ئۆزۈمنىڭ ئىگەمگە سادىق ئىكەنلىكىمنى قۇربان بېرىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرىشىم كېرەك ... » ئىسيانكار شۇلارنى ئويلاپ خىياللارغا شۇنداق دېدى ...« خىياللار ! سىلەر بۇيەردە يۈرۈپ بەك توڭلاپ كەتتىڭلار ... ئىسىنىۋالغۇڭلار يوقمۇ ؟ »  زۇلمەت ئالدى ھەقىقەتەن سوغۇق ئىدى ، خىياللار بۇيەردە توڭۇپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن ئىسىنغۇدەك بىرەرنەرسە تاپالماي سۇغۇقتىن تىترەپ يۈرىشەتتى . ئىسيانكارنىڭ بۇ سۆزى ئۇلارغا تولىمۇ ياقتى .... « ئەلۋەتتە ئەمما بۇيەردە ئىسسىنغۇدەك نەرسە يوق . ھەممىنى قىلغان سەن ! ...» خىياللار ئىسيانكارغا يەنە تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى ... ئىسيانكار ئاخىرى قەتئى نىيەتكە كەلدى . ئۇ ئۆزىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق زۇلمەتنى يورۇتماقچى ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ زۇلمەتنى يۇرۇتالايدىغانلىقىنى باشتىلا بىلەتتى ، ئەمما زۇلمەتنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن . ئۇ بۇ ئىشنى باشتىن ئاياغ پىنھان تۇتۇپ باشقا زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئاماللار بىلەن زۇلمەتتىن قۇتۇلماقچى بولغان ئىدى . زۆرۈر تېپىلسا قۇياشتىنمۇ پايدىلانماقچى ئىدى ... ئەمما ئۇنىڭ بارلىق پىلانى تەقدىر تەرپىدىن رەت قىلىندى. قۇياشتىن كۈتكەن ئۈمۈدىمۇ سۇغا چىلاشتى ... ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق بېرىشتىن باشقا يول قالمىغان ئىدى . ئۇ ئاخىرى قۇربانلىق بەرمەكچى بولدى ، لېكىن ئۇ قۇربانلىق بېرىشقا تۇلۇق رازى ئەمەس ئىدى .قۇربانلىق بېرىش ئۇنىڭ زىنداندىن ، زۇلمەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاخىرقى ئامالى ئىدى ... ئەگەرئۇ يەنە خىياللارغا بوي سۇنسا چۈشكۈنلۈك زىندانىدا مەڭگۈ ئاغرىقسىز ئازابقا مۇپتىلا بولاتتىدە ، ئىگىسى تەننىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ سەۋەبكارى بولۇپ قالاتتى ... ئۇ ئىگىسىنىڭ ھالاك بولىشىنى خالىمايتتى ... ئۇ ئىگىسىگە تولىمۇ سادىق ئىدى ...  ئاخىرى ئىسيانكار خىيال باشقا خىياللاردىن غالىب كەلدى ... ئۇ قۇربانلىق بېرىش يولىنى تاللىدى ... T;xHIg4  
   « مەن ئۆز تىنىمغا ئوت ياقىمەن ...سىلەر ئوتتىن چىققان ئىسسىقلىق بىلەن سوغۇقتىن پاناھلىنىسىلەر ... » ئۇ مۇشۇ سۆزلەربىلەن زىنداندىن چىقىپ ئۆزىگە ئوت يېقىۋالماقچى ئىدى . ئەگەر زېمىننى يۇرۇتىمەن دېسە نەپس خىياللىرىنىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى ... نەپىس خىياللىرى ئىككىلىنىپ قالدى . ئۇلار ئىسيانكارغا ھەرقانچە ئۆچلۈك قىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى خالىمايتتى . نەپىس خىياللىرى ئۇنچىۋالا رەھىمسىز ئەمەس ئىدى . ئەمما شەيتان خىياللىرىغا بولسا بۇ پىكىر تولىمۇ ياقتى . چۈنكى ئۇلار ئوتقا ئامراق ئىدى ... ئوتنى كۆرسە خوشال بولاتتى ... ئۇلار نەپىس خىياللىرىنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ تۇرمايلا ... « بولىدۇ ..بولىدۇ ... ئەمىسە تىنىڭگە تىز ئوت ياق ! بىز بەك توڭلاپ كەتتۇق ... مۇشۇ ئىشڭ سەۋەبلىك گۇناھىڭنى يۇيۇۋال ...» ئۇلار ئىسيانكارغا قاراپ سەت ھىجايىپ تۇراتتى ... نەپىس خىياللىرى شەيتان خىياللىرىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايتتى . چۈنكى شەيتان خىياللىرى نەپىس خىياللىرىغا جاپادىن قورقۇش ، راھەتكە بېرىلىش خاراكتىرى ئاتا قىلغان ئىدى  ... نەپىس خىياللىرى شەيتان خىياللىرى ئالدىدا ئۆزلىرىنى قەرىزداردەك ھىسابلاپ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى يىرالمايتتى . يىگەننىڭ تىلى تۇتۇق ئىدى ... $a)J CErN  
   ئۇلار ئىسيانكارنى زىنداندىن چىقاردى ... ئىسيانكار ئۆزىگە ئوت يېقىشقا تەمشىلىۋېتىپ قەلىب ، ئەقىل خىياللىرىغا قاراپ قويدى . ئۇلار بۇ چاققا ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئىدى. چۈنكى ئۇلار مۇھىم پەيتنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن ئىدى ، ئەمما ئۇلار باشتىن ئاياغ سۈكۈتتە ئىسيانكارغا بىرخىل ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قاراپ تۇراتتى .چۈنكى ئۇلار ئىسيانكارنىڭ ئۆز سەۋەنلىكى تۈپەيلى مۇشۇ كۈنگە قالغانلىقىنى بىلەتتى شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئاخىرى بۇ يولنى تاللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇشتى . بەزى نەرسىلەرگە قۇربانلىق بەرمىسە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇلار ئوبدان بىلەتتى . ئىسيانكار ئۇلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويدى ( ئۇ ئۇلارنىڭ مۇھىم پەيتتە سۈكۈتتە تۇرۋالغانلىقىدىن نارازى ئىدى، بەلكىم ئۇلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇربان بېرىشتىن قۇتۇلۇپ قالارمەن دەپمۇ ئويلىدى . ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئۇنىڭ قۇربان بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئۇ بىلمەيتتى )  ئۇئۆزىگە ئوت ياقتى  ... ئوت ئاستا- ئاستا ئۇنىڭ بەدىنىگە تۇتاشتى ... يۇرۇقلۇق بىلەن تەڭ ئىسسىقلىق تارقىلىشقا باشلىدى ... نەپىس ،شەيتان خىياللىرى ئىسسىقلىقنى كۆرۈپ خوشال بولدى . يۇرۇقلۇقنىڭ زۇلمەتنى يۇرۇتۇشىنى خالىمايتتى . قانداقلا ئۇسۇل بولمىسۇن زۇلمەتكە قەدەم قويۇشتىن قورقاتتى . زۇلمەتنىڭ كەينىدە ھالاكەت بار دەپ قارايتتى ...  ئەمما زۇلمەت يۇرۇسا ئۇلار زۇلمەتكە كىرمەي ئامالى يوق ئىدى ، چۈنكى ئۇلارنىڭ زۇلمەتتىن باشقا يولى يوق ئىدى. كىرمەسلىككىمۇ سەۋەب تاپالمايتتى ... قەلىب ،ئەقىل خىياللىرى يۇرۇقلۇقنى كۆرۈپ خوشال بولدى ... يۇرۇقلۇقنىڭ تىزرەك زۇلمەتنى يۇرۇتۇشىنى كۈتۈۋاتاتتى . ze-TBh/  
    تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى ... نەپىس خىياللىرى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئىسيانكارغا ئۆزىنى ئېتىشقا باشلىدى ... ئۇلار بەك توڭلاپ كەتكەچ تىزراق ئىسسىنىۋېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدى ... ئەمما ئۇلار ئىسيانكارغا بەك يېقىن تۇرۋالغاچ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆيۈشكە باشلىدى ، نەپىس خىياللىرىنىڭ ھالاكىتىنى كۆرگەن شەيتان خىياللىرى ئۇلارنىڭ نالە پەريادلىرىغا قاراپمۇ قويماي تېكىۋەتتى ... يالغۇز ئىسيانكارنەپىس خىياللىرى بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ كۈچلۈك كۆيۈشكە باشلىدى ... كۈچلۈك ئوت ئەتراپقا كۈچلۈك يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىۋاتاتتى ... يۇرۇقلۇق بىلەن زۇلمەت يۇرۇپ كەتتى . قەلىب ، نەپىس خىياللىرى ئىسيانكارغا رەھمەت ئېيتىشقىنىچە يۇرۇق زۇلمەتكە قەدەم قويدى.ھەممە ئىشقا چات كېرىۋالىدىغان قاشاڭ نەپىس خىياللىرى ئاساسەن ھالاك بولغان ئىدى . ساق قالغان بىر تۈركۈم نەپىس خىياللىرى بېشىنى تۆۋەن سېلىشقنىچە قەلىب ، ئەقىل خىياللىرىنىڭ كەينىدىن جىنايەتچىلەردەك سۈكۈتتە مېڭىۋاتاتتى  ... ئۇلارغا يىراقتىن مەڭگۈلۈك يۇرۇقلۇق قۇچاق ئېچىپ تۇراتتى ... ئىسيانكار ئاخىرى كۆيۈپ تۈگىدى . زېمىن ئۇنىڭ كۈلىنى شامالدا توزۇتۇپ ، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئىزنالىرىنىمۇ يوقىتىۋەتتى... زۇلمەت يەنە قاراڭغۇلۇققا چۆمدى . ئەمما خىياللار خاتىرجەم ھالدا يولىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى .چۈنكى ئۇلار زۇلمەتنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇلغان يۇرۇقلۇقنىڭ سىماسىنى  ئىسيانكارنىڭ ياردىمىدە كۆرۈپ بولغان ئىدى ... ئۇلار يۇرۇقلۇققا قاراپ ئۈمۈد بىلەن يۈرۈپ كەتتى... ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىسيانكارمۇ خىياللارنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلدى ... ئۇلار غايىلىرىنىڭ بۇسۇغۇسىغا قەدەم قويغاندا بولسا ... « بۇنىڭغا بىز ھەقلىمىز ، چۈنكى بىز نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلەر بىلەن غايىمىزگە يەتتۇق ...» دەپ ئۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىناتتى ... كۈلگە ئايلانغان ئىسيانكارنى بولسا ئۇلار ئاللى قاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى ..... r|u6OF>  
                   ئەلۋىدا ئىسيانكار ...سەن توغرا قىلدىڭ ....... !!! Vq?8u/  
  
[ بۇ يازما پەخىركام تەرپىدىن2008-10-24 23:26دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+40(زۇلپۇقار) بەك ياخشى يې ..
  • شۆھرەت:+100(ئەلئارا) ياخشى ماقالە ..
  • شۆھرەت:+20(ئـۇيغۇر)
  • شۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى.... خىيالىمدا ئۆزگۈرۈش بولدى ... شۇنداق خىيال پەيدا بولدى  ... چۈشكۈنلۈك زىندانىغا قاپسىلىپ قالدىم ... ئەسلى ئۇخىيال ماڭا ساتقىنلىق قىلغان ئىكەن ... زىنداندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ... خائىن خىيالنى ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك ..... خىيالنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ..ئىسيانكار قۇربانلىق بەرمىسە بولمايدۇ ...ئەلۋىدا ئىسيانكار !!!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-24 21:09 |
    سۇۋادان
    سۇۋادان تېرەككە مەدىيە...
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 12603
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1833
    شۆھرەت: 1775 كىشىلىك
    پۇل : 35 سوم
    تۆھپە: 23 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1885 نۇمۇر
    قوللاش: 1884 نومۇر
    ئالقىش: 2007 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 1071(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قورقۇپلا كەتتىمما ئۆلدىدىسە       
    ياشىغان ئىكەنسەن ئوۋ پەيىتلىرىدىكى بۆرىدەك ھۇۋلاشقا ، ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرۇت - قۇڭغۇزلاردەك ئۆمىلەشكە ، ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغۇ- بوستانلاردىكى بۇلبۇلدەك سايراشقا مەجبۇر بولىسەن. قىسقىلا ھاياتىڭدا مەمنۇن بولۇپ كۈلىدىغان ياكى پۇشايمان قىلىپ ئاھ ئۇرىدىغان ۋەياكى قايغۇ-ھەسرەت ئىسكەنجىسىدە ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئېچىشقان يۈرەكنى تاتىلاپ زار -زار يىغلايدىغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىسەن . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسلىمە سۈپىتىدە ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.بىر قىسىملىرى بولسا زاۋالدا كۆرگەن چۈشتەك ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ................
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 21:25 |
    ئىستىغپار
    قىلغان گۇناھىمغاتۆۋەقىلىۋاتىمە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11637
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1033
    شۆھرەت: 1051 كىشىلىك
    پۇل : 5102 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1141 نۇمۇر
    قوللاش: 1084 نومۇر
    ئالقىش: 1285 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 725(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دانكونىڭ ھىكايسىدىن ئىلھام ئالغان ئوخشىمامسىز پەخىر ئۇكام ؟بەك ياخشى چىقىپتۇ جۇما
    مەن تۇغۇلۇپلا ھايات ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ،ئۆلۈم بېكىتىگە قاراپ مېڭىپتىكەنمەن،ھازىرغىچە بۇ يولنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن.يەنە قانچە بېكەت قالغانلىقىنى بىلمەيمەن....
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 21:27 |
    ئۇيغۇرشاھ
    سەلكىن چولپىنى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 980
    شۆھرەت: 977 كىشىلىك
    پۇل : 15 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
    قوللاش: 1003 نومۇر
    ئالقىش: 1218 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قورقۇپ كىرىپتىمەن تېخى،......
    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 22:06 |
    گۈلگۈن
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9817
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 332
    شۆھرەت: 421 كىشىلىك
    پۇل : 3800 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 356 نۇمۇر
    قوللاش: 353 نومۇر
    ئالقىش: 435 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 328(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇ ھەقىقەتەن ئامالسىز قاپتۇ..يورۇقلۇق كۆمۈلگەن قاراڭغۇ زۇلمەت،ئېغىر ئۇھسىنىشلار، تىڭىرقاشلار، زارقىش ۋە ئىنتىلىشلەر...ھەممىسى بىر كىچىك دائىرە ئىچىدە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپتۇ.. > Zo_-,  
    ئەمما ئىسىيانكارنىڭ  شۇ دەقىقتىكى تاللىغان يولى ئاقىلانە بوپتۇ.. بەلكى كۆپ كىشىلەر بۇنداق قىلىشنى بىلمەسلىكى ۋە ياكى جۈرئەت قىلالماسلىقى مۇمكىن...ئۇنىڭ ئۆلىمى بىلەن ئۇخلاپ ياتقان ئەقىل-ئىدراك نېرىپلىرى زۇلمەت رۇجەكلىرىدىن يورۇقلۇق كۆرەلەپتۇ ئەمەسمۇ....
    بىلمىگەي ئەھلى ۋاپانى بىۋاپا جانانىلەر
    رابىئە بىلگەن ئىكەن ئىبراھىم ئەدھەم قەدرىنى
    كۆزى شەبنەم كۆرمىگەن باغرى پۈتۈنلەر بىلمىگەي
    بىناۋا دەرتمەن بىلەر كۆزلەردىكى نەم قەدرىنى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 22:27 |
    sawda
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 22810
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 109
    شۆھرەت: 109 كىشىلىك
    پۇل : 645 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
    قوللاش: 109 نومۇر
    ئالقىش: 109 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ?ASAR   YAHXI  YEZILIPTU....  OZINGIZ  YAZDINGIZMU YA.........
    izdax.com
                                                                                           ADAM-ADAMDAK  YAXIGINI  YAHXI!!!  BOLMISA      OLGINI       !!!!!   YAHX I       
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 22:34 |
    قارائەتىرگۈل
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 18937
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 173
    شۆھرەت: 2017 كىشىلىك
    پۇل : 2987 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 240 نۇمۇر
    قوللاش: 305 نومۇر
    ئالقىش: 332 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن  ئورۇن ئىلىپ قوياي.
    blog.salkin.cn
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 23:07 |
    تۈپتۈز
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23916
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    شۆھرەت: 26 كىشىلىك
    پۇل : 305 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
    قوللاش: 32 نومۇر
    ئالقىش: 53 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرقى ھىساپتا ئۇ نىمنى ېسپاتلىغان بۇلدى ؟؟؟
    blog.salkin.cn
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 23:28 |
    ئېلشات
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16811
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 389
    شۆھرەت: 495 كىشىلىك
    پۇل : 2046224 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 579 نۇمۇر
    قوللاش: 479 نومۇر
    ئالقىش: 832 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 401(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي...ياخشى تەسىرات
    blog.salkin.cn
    ئىككىڭلار بىرگە تۇرۇپ ئۇ بىلىپتىيۇ،سىز نىمىشقا بىلمەيسىز؟
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 00:04 |
    بىغەم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 3112
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 767
    شۆھرەت: 978 كىشىلىك
    پۇل : 317589 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 850 نۇمۇر
    قوللاش: 803 نومۇر
    ئالقىش: 835 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 184(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىپسىلە ....
    blog.salkin.cn
    يۇشۇرۇن كۆيۈش ، مەخپى ئازاپ ، شۇنچەشىرىن لەززىتى ،
    بۇنى چۈشەنگەن  بارمىدۇ ،   مەندەك   بىغەم   بىر   كىشى .
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 00:16 |
    زۇلپۇقار
    مۇنبەر شاھى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 16014
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2498
    شۆھرەت: 2696 كىشىلىك
    پۇل : 15440 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2795 نۇمۇر
    قوللاش: 2641 نومۇر
    ئالقىش: 3157 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1281(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    ئاھاي    ئادەمنى  شۇنداقمۇ  قورقاتقان بامۇ    ئىسىيانكار ئۆلدى  دىسە  مەن تېخى  ئەمدى  بۇ مۇنبەردىن ۋىدالاشقان  ئوخشايدۇ  دەپقاپتىمەن   _ h\wH;  
    fnV^&`BB  
    بەك ياخشى يېزىپسەن  پەخىركا  
    blog.salkin.cn
                                  دىققەت قىل ئەي دوستۇم بەزى ئىشلارغا،
                                  بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                                  ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                                  تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 00:21 |
    مەۋھۇم
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21601
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    پۇل : 150 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
    قوللاش: 27 نومۇر
    ئالقىش: 34 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    پەخىركا سىلە زادى گۇڭگا ئادەمكەن سىلە جۇمۇ . شېرىڭلىمۇ گۇڭگا ، ھېكايەڭلىمۇ گۇڭگا   a?#v,4t^  
      
    blog.salkin.cn
    مەۋھۇم دۇنيادا مەۋھۇم بولغۇلۇق
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 00:47 |
    ئىدىرىسجان
    كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 7838
    شۆھرەت: 10376 كىشىلىك
    پۇل : 1157895 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7838 نۇمۇر
    قوللاش: 7522 نومۇر
    ئالقىش: 9163 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    بۇ  تىماڭنى شىئىر  قىلىپ يىزىۋالغان بولساڭ قەتئى چۈشەنمەيتىم، مىنى چۈشەنسۇن دەپ نەسىر  شەكىلدە يىزىپسەن  ھە؟ i U3GUsPy  
    Ww8<f$  
    چۈشەندىم، ئادەم ھەرقانداق مۈشكىلاتقا دۇچ  كەلگەندە ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزى  بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى ھەمدە ئەقىل ئىشلىتىپ يىقىلغان يەردىن دەس تۇرۇشقا جۈرئەت قىلسىلا  قايتا يىقىلمايدىغان بولالايدىغانلىقىنى دىمەكچىغۇ سەن ماڭا؟
    blog.salkin.cn
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 01:52 |
    زۇلپۇقار
    مۇنبەر شاھى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 16014
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2498
    شۆھرەت: 2696 كىشىلىك
    پۇل : 15440 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2795 نۇمۇر
    قوللاش: 2641 نومۇر
    ئالقىش: 3157 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1281(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    ھەي  ئىدىرىسجان  سەن  چوڭ بوپسەن  جۇمۇ     مۇشۇ تىمىنى  چۈشەنگەندىكىن     
    blog.salkin.cn
                                  دىققەت قىل ئەي دوستۇم بەزى ئىشلارغا،
                                  بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                                  ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                                  تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 03:07 |
    سەھرايى-تارىم
    مەن شۇ مەن
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 515
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1484
    شۆھرەت: 1718 كىشىلىك
    پۇل : 7905 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1536 نۇمۇر
    قوللاش: 1480 نومۇر
    ئالقىش: 1253 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 923(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يۈرەك قارتلا قىلىپ قالدىغۇ. XiP xg[;  
    قارىسام ھىكايىدەك نەسىردەكلا ئۇزۇن بىرنەرسە ......... خۇداغا شۈكرى ئۆلۈم توغرىلىق ھېچنىمە يوق. K^H{B& b8  
    ئىنكاسنى يېزىۋېتىپ يۈرەك سەل جايىغىرەك چۈشسۇن ، ئالدىرىماي ئوقۇي بۇ تىمىنى. نادىرلانغىنىغا قارىغاندا چوقۇم بەلەن نەرسە.
    blog.salkin.cn
    --ئاتايمۇ؟ دىدى خوجىنىياز پالگان
    ---- ئات . دىدى تۈمۈر خەلپە...
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-25 10:56 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى


    Time now is:10-25 18:43, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation