قايسى كۈنى بىزنىڭ تۇققانلار ئارىسىدا
بىر قىتىملىق يىغىلىش بولدى، مەنمۇ مۇشۇ قاتاردا بۇ زىياپەتكە داخىل بولدۇم، بىزنىڭ ئۆرپ- ئادىتىمىز بۇيىچە قىيمىلىق ئۈگرە كەلتۈرۈلدى. مىنىڭ شۇنچە ئامراق تامىقىمنى كىرگۈزگىنىگە خۇشال بولۇپ ئەمدى قوشۇقنى قولۇمغا ئىلىشىمغا مىنىڭ «ئىمتاھان بىرىپ ئىچكىرىگە ئۆتۈپ كەتكەن» نەۋرە ئىنىم تۇمشۇقىنى پۈرۈشتۈرۈپ:«مۇشۇ پۇراقنى پۇرىساملا بىشىم ئايلىنىدۇ» دەپ قاچىسىنى كۆرسەتتى. شۇنداق ھەيران بولدۇم:«بۇ تاماقنىڭ قەيىرى يارىمىدى ئىنىم؟» سورىدىم مەن. ئۇ گەپ قىلماي قوشۇقنى ئاشقا تەككۈزۈپ ئاپىرىپ لىۋىگە تەككۈزۈپ قويۇپلا :«قورسىقىم توق» دەپ ئىچكىلى ئۇنىمىدى.
O$x-&pW`g شۇ تەرىقىدە تاماق تارتىلىپ، شورپىمۇ كەلدى، بۇ تاغامدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ئەڭ ئامراق تائامىلىرىم ئىدى. بىراق
يەنە شۇ نەۋرە ئىنىم كەيپىمنى ئۇچۇردى:«تۈزۈكرەك بىر نىمە قىلسىچۇ». «يەنە نىمە بولدى» . «قاراغىنا ئاكا (ئۇنىڭ سەنلىشى شۇنداق قوپال تۇيۇلدى، چۈنكى بىز ئۇرۇق-تۇققانلار ئەزەلدىن <سىلى>دىيىشەتتۇق.) قولى بىلەن تۇتۇپ يىگەن نەرسە پاكىز بولامدۇ؟» ئەمدى راستىنلا ئاچچىقىم كەلدى-دە :«ئەمىسە پۇتۇمدا قىسىپ يەمدىم» ، «چوكا تورسا » ،ئاچچىقىمدا ئۇنى سەتلىدىم:«چىكەڭگە تاڭ ئۇنداق چوكاڭنى، مەن ساڭا ئوخشاش تىرنىقىمنى بىر غىرىچ ئۆستۈرۈۋالمىدىم.»
q3Umqvl)oe ئۇ ئوشۇق گەپ قىلمىغان بىلەن تۇمشۇقى يەنىلا ئۇچلاقلىق ئىدى.
]i*q*]x2u قورساق تويۇپ تۇرغاندا كىرگەن
پۇلۇنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم، چۈنكى قورساق تويۇپ كەتكەنىدى، ھەم يىيەل
مەيتتىم، ھەم ئىسراپچىلىق ئىدى، بىراق ئامراقلىقىمدىن بىرنەچچە كاپام ئىلىشىمغا يەنە نەۋرە ئىنىم غىڭشىدى:«قوشۇق يوقمۇ؟ پەقەت قولۇم بىلەن بىر نىمە يىيەلمەيمەن. » ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن زوقى كىلىپ تۇرغان ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا بىر قوشۇقنى سۇنىشىغا چوڭ تاغام گەپكە ئارىلاشتى:«نىمانداق قىلىسىز ئۇكام ؟ قولىڭىزغا بىرنىمە يۇقۇپ قالغانمۇ؟
باياتىندىن بىرى ئەجەپ يات سۆز-ھەركەتلەرنى قىلىپ كەتتىڭىز، ئۇنداق قىلىمىسىڭىز بولاتتى.»
O%9Cq}* ئۇ ئاتىكاچىلىق بىلەن چوڭلار بار يەردە ئەسنىگەچ مەدەنىيەت، تەرەققىيات ھەققىدە ۋەز سۆزلىدى، باشقىلار بۇ نەۋرە ئىنىمنىڭ ۋەزخانلىقىدىن بىزار بولسىمۇ چىش يىرىپ بىرنىمە دىمىدى.
TUhp بىز قايتايلى دەپ تۇرغاندا قىشىمىزغا ئوماققىنا بىر ئاسلان كىرىپ ماڭا سۈركەلدى، ئامراقلىقىم تۇتۇپ ئۇنى قولۇمغا ئىلىشىمغا نەۋرە ئىنىم بۇرنىنى تۇتۇپ تالاغا ماڭدى. :«نىمە بولدى؟!» سورۇدۇم مەن. :«مەن بەك ئۆچ، كىسەل يۇقىدۇ.» يەنە ئوشۇق گەپ قىلمىدىم.
rP ;~
ئۆيگە مىڭىش يولىدا ئۇ بىر خەنزۇنىڭ توخۇ پاچىقى ساتىدىغان دۇكىنى ئالدىدا توختىۋالدى(تىخى توخۇ بىلەن چوشقا پاچىغىنى يىقىن قىلىپ تىزىپ قويغان):«قورسۇقۇمنى توقلىۋالاي» شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، ئۇنى سىلكىشلىدىم:« بىشى ئاينىپ قالغان، نىمە باياتىن ھىچنىمە يىمىگەنتىڭغۇ؟! نىمە قىلىق بۇ؟!» ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيراق قالدىم:«ئۇنداق نەرسلەرگە مەن ئۆچ، يا ئاچىقى يوق، يا تاتلىقى، مەن مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئامراق.» شۇ پەيىتتە ئالدىمىزدىن خۇددى ئەلپازى مەن كۆڭلۈمدە خىيال قىلىدىغان «جىن» غا ئوخشاش بىر پىستە ئۆتتى. :«قاراڭ، نىمە دىگەن ئوماق»، ئۇئىتنى قولىغا ئىلىپ، ئىتنىڭ ئىگىسى خەنزۇنىڭ تىللاپ، سىلكىشلىشىگە قارىماي، ئىتنى سۆيۈۋىلىپ قويۇپ بەردى. ئاچچىقىمدا ئۇنى تىللىدىم:« مۈشۈكتىن قاچىسەن، بىزنىڭ ئادىتىمىزد ئىتنى مۇشۇنداق ئەتىۋارلامدا؟ نىمانداق قىپكىتىسەن؟ شۇلارنىڭ ئۆزى بوپسەنغۇ!» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:«ئۇلاردەك بولغان ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق-مۇنداق چەكلىمىلەر ئاز. يامان بولىدۇلارمۇ يوق، مەن ئۇلارغا ھەۋەس قىلىمەن.» بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى. مەن زادى كىمگە ئاچچىقلىنىمەن؟ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ ياكى.... iMx+y5O
ئۇنىڭدىن سورىغۇم كەلدى: سەن زادى كىم؟ زادى قايسى سىنىڭ ھەقىقىي يولۇڭ؟ J'9&dt
بىراق بۇ ئويۇمنى ئۇ مەڭگۈ بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. |}Mkn4
بۇنداقلارغا زادى نىمە دىگۈلۈك؟؟؟!!![ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-24 23:19دە قايتا ت ]