قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: بۇرۇج سۈرىسىگە ئالاقىدار بىر ھەدىس IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 409 قېتىم كۆرۈلدى
ئايسىمان
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 16952
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 376
شۆھرەت: 1679 كىشىلىك
پۇل : 3299 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 544 نۇمۇر
قوللاش: 450 نومۇر
ئالقىش: 754 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 339(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بۇرۇج سۈرىسىگە ئالاقىدار بىر ھەدىس

0
V+~Nalm O  
بۇرۇج سۈرىسىگە ئالاقىدار بىر ھەدىس &0f,~ /%Z  
Wl Sm  
ipILG4  
\;-|-8Q  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇج سۈرىسىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان بىر ھېكايە. بۇ ھېكايىدە ئۆز ۋاختىدىكى مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش يولىدا قانداق جاپا-مۇشەققەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەق يولدا ھارماي-تالماي كۆرەش قىلغانلىقى ۋە بۇ يولدا ئۇلارنىڭ باشلىرىغا قانداق ئەزىيەتلەرنىڭ كەلگەنلىكى ۋە ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ قانداق چىداشلىق-سەۋرى-كۆرسەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تاشقىرى، زالىملارنىڭ مۇئمىنلەرگە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ قىيامەتكىچىلىك ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىنىڭ جانلىق بىر مىسالىنى كۆرەلەيسىز. 5Ph4 
   سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى كىشىلەر ئارىسىدا بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر سېھرىگىرى بار ئىدى. ئۇ سېھرىگەر قېرىغاندا پادىشاھقا: ‹مەن قېرىپ قالدىم، ماڭا بىر بالا ئەۋەتسەڭ، مەن ئۇنىڭغا سېھرىگەرلىكنى ئۆگىتىپ قويسام›، دەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا بىر بالىنى سېھىر ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپتۇ. بالا يولدا كېتىۋىتىپ بىر راھىبقا ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، راھىبقا قىزىقىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى سېھرىگەرنىڭ يېنىغا بارغۇچە راھىبنىڭ قېشىدا ئولتۇرىدىكەن، سېھرىگەرنىڭ قېشىغا كەلگەندە، سېھرىگەر ئۇنى كېچىكىپ قالدىڭ دەپ ئۇرىدىكەن. ئۇ بالا بۇ ئىشنى راھىبقا شىكايەت قىلىپتۇ. راھىب ئۇنىڭغا: ‹ئەگەر سېھرىگەردىن قورقساڭ، ئۇنىڭغا مېنى ئۆيدىكىلەر كېچىكتۈردى، دېگىن. ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەردىن قورقساڭ، مېنى سېھرىگەر كېچىكتۈردى، دېگىن›، دەپتۇ. بالا شۇنداق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇشتۇمتۇت يوغان بىر ھايۋان پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يولىنى توسۇۋاپتۇ. بالا كۆڭلىدە: ‹راھىب ئۈستۈنمۇ ياكى سېھرىگەر ئۈستۈنمۇ؟ بۇنى بۈگۈن بىر بىلىپ باقاي›، دەپتۇ-دە، تاشتىن بىرنى ئېلىپ: ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر ساڭا راھىبنىڭ ئىشى سېھرىگەرنىڭ ئىشىدىن ياخشى بولسا، مۇشۇ تاش بىلەن ھايۋاننى ئۆلتۈرگىن، كىشىلەرنىڭ يولى راۋان بولسۇن›، دەپ تاشنى ئېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھايۋان ئۆلۈپتۇ. كىشىلەرنىڭ يولى راۋان بولۇپتۇ. بالا بۇ ئىشتىن راھىبنى خەۋەرلەندۈرۈپتۇ. راھىب بالىغا: ‹ئى بالام! سەن بۈگۈن مەندىن ئېشىپ كېتىپسەن، بۇ ماقامغا ئىگە بولۇپسەن، ھەقىقەتەن سەن پات ئارىدا سىناققا دۇچ كېلىسەن، سىناققا دۇچ كەلگەن چېغىڭدا مېنى ئاشكارىلاپ قويمىغىن›، دەپتۇ. كېيىنچە بالا قارىغۇ، ئاق كېسەللەرنىمۇ ۋە باشقا كېسەللەرنىمۇ داۋالايدىغان بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ كور بولۇپ قالغان ئۈلپەتدىشىدىن بىرى بۇنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ھەدىيىلەرنى ئېلىپ كېلىپ: ‹ئەگەر كۆزۈمنى ساقايتىپ قويساڭ، مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا سوۋغا قىلىمەن›، دەپتۇ. ئۇ بالا: ‹مەن ھەقىقەتەن ھېچبىر كىشىنى ساقايتالمايمەن، پەقەت ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىدۇ، ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتساڭ، مەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلاي، ساڭا شىپالىق بەرسۇن›، دەپتۇ. ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىپتۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىپتۇ. ئۇ كىشى پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ بۇرۇنقى ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ‹كۆزۈڭنى كىم ساقايتىپ قويدى؟›، دەپتۇ. ئۇ: ‹پەرۋەردىگارىم›، دەپتۇ. پادىشاھنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: ‹سېنىڭ مەندىن باشقا پەرۋەردىگارىڭ بارمۇ؟›، دەپتۇ. ئۇ: ‹ئاللاھ تائالا سېنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر›، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنى قاتتىق قىيناپتۇ. ئۇ ئاخىر بالىنى دەپ قويۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بالا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ بالىغا: ‹ئى ئوغلۇم، سېنىڭ سېھىردىكى ماھارىتىڭ قارىغۇ ۋە ئاق كېسەللەرنى داۋالاش دەرىجىسىگە يېتىپتۇ ھەم مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلالاپسەن›، دەپتۇ. بالا: ‹ياق، مەن ھېچكىمنى ساقايتالمايمەن، پەقەت ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىدۇ›، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنىمۇ قاتتىق قىيناپتۇ. ئاخىر بالا راھىبنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. راھىب ئەكەلدۈرۈلۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ‹دىنىڭدىن يان›، دەپتۇ. راھىب ئۇنىماپتۇ. پادىشاھ ھەرە ئەكەلدۈرۈپ، راھىبنىڭ بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ ھەرىدەپتۇ. راھىبنىڭ بېشى ئىككى پارچە بولۇپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاندىن پادىشاھ ئۈلپەتدىشىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا: ‹دىنىڭدىن يان›، دەپتۇ. ئۇمۇ ئۇنىماپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنىمۇ ھەرىدەپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ. ئاندىن بالىنى ئەكېلىپ ئۇنىڭغىمۇ: ‹دىنىڭدىن يان›، دەپتۇ. بالىمۇ ئۇنىماپتۇ. پ    پادىشاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر توپ كىشىگە تاپشۇرۇپ: ‹سىلەر پالانى تاغقا چىقىڭلار، تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا، ئۇ دىنىدىن يانمىسا تاشلىۋېتىڭلار›، دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر تاغقا چىقىپتۇ. بالا: ‹ئى ئاللاھ! سەن خالىغىنىڭ بويىچە مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن›، دەپتۇ. شۇ چاغدا تاغ تەۋرەپ پادىشاھنىڭ ئادەملىرى تاغدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ بالا پادىشاھنىڭ ئالدىغا يالغۇز كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ‹ھەمراھلىرىڭغا نېمە بولدى؟›، دەپ سوراپتۇ. بالا: ‹ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىدى›، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆز ئادەملىرىدىن بىر توپ كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ: ‹سىلەر ئۇنى ئاپىرىپ كېمىگە سېلىڭلار، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا، ئەگەر دىنىدىن يانمىسا ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار›، دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، ئۇ بالا: ‹ئى ئاللاھ! خالىغىنىڭ بويىچە مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن›، دەپتۇ. شۇ چاغدا كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە پادىشاھنىڭ قېشىغا يالغۇز كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا: ‹ھەمراھلىرىڭغا نېمە بولدى؟›، دەپتۇ. بالا: ‹ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلاپ قالدى، سەن مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلمىغۇچە مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيسەن›، دەپتۇ. پادىشاھ: ‹ئۇ نېمە ئىش؟›، دەپ سوراپتۇ. ئۇ بالا: ‹سەن كىشىلەرنى بىر دۆڭگە يىغىپ، مېنى خورمىنىڭ شېخىغا ئاسقىن، ئاندىن مېنىڭ ئوقدىنىمىدىن بىر ئوقنى ئېلىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ: ‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن›، دەپ ئاتقىن. ھەقىقەتەن شۇنداق قىلساڭ مېنى ئۆلتۈرەلەيسەن›، دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ كىشىلەرنى بىر دۆڭگە يىغىپتۇ. بالىنى بىر خورما شېخىغا ئېسىپتۇ. ئاندىن ئوقداندىن ئوقنى ئېلىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ: ‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن›، دەپ ئۇنىڭغا ئېتىپتۇ. ئوق بالىنىڭ چېكىسىگە تېگىپتۇ. ئۇ قولى بىلەن چېكىسىنى تۇتقان پېتى ئۆلۈپتۇ. كىشىلەر: ‹بىز بالىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق›، دەپ توۋلىشىپتۇ. كىشىلەر پادىشاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: ‹كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن قورققان ئىش ئاخىر يۈز بەردى. ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىمان ئېيتتى›، دەپتۇ. ئاندىن پادىشاھ كوچا ئېغىزلىرىغا چوڭقۇر ئورەك كولاپ، ئوت يېقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئوت يېقىلىپ ئۇلغىيىشقا باشلاپتۇ. پادىشاھ: ‹كىم دىنىدىن يانمايدىكەن، ئۇنى ئوت يېقىلغان ئورەككە تاشلاڭلار ياكى ئۇلارغا ئورەكلەرگە چۈشۈڭلار، دەڭلار›، دەپتۇ. پادىشاھنىڭ ئادەملىرى شۇنداق قىلىپتۇ. ھەتتا كىچىك بالىسى بار بىر ئايال ئورەك ئالدىدا تۇرۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ بالىسى زۇۋانغا كېلىپ: ‹ئانىجان! چىدىغىن، چۈنكى ھەقىقەت سەن تەرەپتە›، دەپتۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.) )ANmIwmC#  
_y3Xb`0a  
hzRYec(  
  مەنبە ؛  رىۋايەتنىڭ تېكىستى، «رىيازۇسسالىھىين»دىن ئېلىندى. ^VACf|0  
S+2(f>Z  
p^u:&Quac  
V/;B3t~f  
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرشاھ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-24, 06:50
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+100(زىننۇرە) ئېسىل
  • پۇل :+30(پارتىيە) رەھمەت قۇلىڭ ..
  • ئاندىن بىز سېنى ئىشىتا شەرىئەت ئۈستىدە قىلىدۇق ،شۇنىڭغا ئەگەشكىن، ھەققى بىلىمەيدىغان كىشىلەرنىڭ خاھشىلىرىغا ئەگەشمىگىن .( جاسيە18)
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-24 13:57 |
    ئەركەم7
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12081
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 33
    شۆھرەت: 33 كىشىلىك
    پۇل : 309 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
    قوللاش: 37 نومۇر
    ئالقىش: 51 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يىقىندىن بىرى ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلار يوللىنىۋاتىدۇ ، قوللىرىڭلارغا دەرىت بەرمىگەي. e=-YP8l  
       بولسا مۇشۇنداق  ياخشى مەزمۇندىكى تىمىلار مۇنبەر دە ئۇزۇنراق تۇرغۇزۇلسا~~~ تىخىمۇ كوپ كىشىلەر خەۋەردار بولسا ~~~     
        ئەگەر مەن سېنىڭ كۆزۈڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىرتامچە ياش بولسام  سەن يەنە يىغلامسەن؟؟؟
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 16:49 |
    پادېشا
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18220
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 634
    شۆھرەت: 634 كىشىلىك
    پۇل : 3214 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 633 نۇمۇر
    قوللاش: 633 نومۇر
    ئالقىش: 633 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا؛؛؛قولىڭىزغا دەرىت بەرمىگەي
    ئابلز[[[[[[[[[[[[[[ئادەم كىشلىك ياياتنىڭ  قەدرىنى بىلىشى  كىرەككەن ]]]]]]]]]]]]]
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 19:52 |
    نۇرئىسلام.
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20036
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 226
    شۆھرەت: 226 كىشىلىك
    پۇل : 1664 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 273 نۇمۇر
    قوللاش: 248 نومۇر
    ئالقىش: 335 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 353(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    اللە رەخمەت قىلسۇن سىز گە  ،  اللە ئىلمىڭىز نى زىيادە قىلسۇن.......
    ئاللاھ بىر...
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 20:03 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر


    Time now is:10-25 19:39, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation