قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
بۇ بەتتىكى تېما: كـارىـدوردىـن بـاشلانـغان مـۇھەببەت IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 1844 قېتىم كۆرۈلدى
ناتىق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 88
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 196 كىشىلىك
پۇل : 6016 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇمۇر
قوللاش: 199 نومۇر
ئالقىش: 258 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 كـارىـدوردىـن بـاشلانـغان مـۇھەببەت

1
-,Q !:  
ئەسكەرتىش:رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ ngprTMO$&  
مەنبە:قەلەم U5]{`C0H?  
كارىدوردىن باشلانغان مۇھەببەت )\C:|  
ھىكايە }1P>^I"[Y  
N/QTf1$  
%|$h<~  
5o 4\Jwt  
يۇم كۆزۈڭنى! كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل 0Ym+10g  
;*^2,_  
45` i  
غەمسىز يۈرەكتىن،چولپان كۆزگە: 1zwk0={x-%  
قەدىرلىك دوستۇم،ئايرىلىش دەقىقىلىرى يىقىنلاپ،يولغا چىقىش پەيتى يىتىپ كەلدى.تاساددىبىي يىغىلىش،مۇقەررەر ئايرىلىش بۇ بىر قىسمەت. شۇنداقلا كىشىلىك ھاياتتىكى كىچىككىنە بىر كۆرۈنۈش. x%Ph``XI  
ئايرىلىش دەقىقىلىرى بىزنىڭ تاتلىق پاراڭلارغا،ئاچچىق ئازاپلارغا تولغان ئوقۇش ھاياتىمىزغا سايە تاشلىدى. ئۇزاق كۈنلەردىكى خوشاللىق،قايغۇنى بىرگە ئۆتكۈزگەن،ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان قەلىبلەر ھەسرەتكە تولدى. غەمسىز كۈلكىلىرىمىزنى،پىنھان ياش تۆكۈشكەن تۈنلىرىمىزنى نەگىدۇر ئىلىپ كەتمەكچى. شۈبىھىسىزكى ھايات بىر قاينام. گەرچە بىز چاپچىپ تۇرغان تايچاق بولساقمۇ،ئەپسۇسكى جەمىيەت سوزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس! بىزنى ھاياتنىڭ تۈگىمەس ئاچچىق قىسمەتلىرىنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىقى ئىنىق. ھەر قىتىم ساۋاقداشلىرىڭنى سىغىنىغنىڭدا بۇ قەلىب سۆزلىرى تولغان خاتىرە ساڭا تەسەللىي بولۇپ قالىدۇ جېنىم دوستۇم. چۈنكى مىنىڭ بۇ مايماق قۇرلىرىمنىڭ كەينىگە ،چولپاندەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ھەممىگە كۈلۈپ قارايدىغان،سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان بىر ساۋاقدىشىمغا ئاتالغان ھەقىقىي يۈرەك سۆزلىرىم يوشۇرۇنغان. گەرچە بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتى ،كەلگۈسىىدىكى مۇساپىمىزدە بىزگە قايتا نىسىپ بولمىسىمۇ،ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنىلا سەن بىلەن ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىمنى ساقلاپ قالىمەن. چىرايلىق كۆزلىرىڭ ياشلانمىسۇن ئاداش. ئۆزەڭ ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ،كەلگۈسىدە شۇ چىرايلىق تەبەسسۇمۇڭنى ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان بىمارلارغا ھەدىيە قىلىشىڭغا تىلەكداشمەن \vj<9ke&  
باغدىكى گۈزەل قۇش Bw _^"e8X  
تاغ ئارىلاپ ئىگىز ئۇچ b&[bfM<  
خەتلىرىم ئاخىرلاشتى Dv~W!T i  
ئامان بولغىن خەيرى خوش 1vKAJ<4W  
{k BHZ$/  
دوستۇڭ زۇلخۇماردىن. 2005.4.14 .V~z6  
?'>pfU  
  
:g&9v_}&K{  
KHnq%#  
iO$Z?Dyg9  
ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى بىلەن تولغان خاتىرەمنى يۈرىكىمگە چىڭ باستىم. بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىرىمدىن،ئاتا-ئانامدىن،ھەتتا يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئىسمىنى يىلدا بىر قىتىم ئاڭلاپ قالىدىغان ناتونۇش بىر شەھەرگە قاراپ كىتىپ بارىمەن. شۇ يىشىمغىچە ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرگە بىرلا قىتىم بىرىپ باققان ،مەھەللىسىدىن نەچچە يىلدا بىر يىراق يۇرىتلارغا سەپەر قىلمايدىغان بىر قىز ئوقۇش ئۈچۈن ،ئارقىغا قىيالماسلىق بىلەن قاراپ ،ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغىلى كىتىۋاتىدۇ. "XKcbdr8-  
ئەتىراپىمغا قورقۇش نەزىرى بىلەن قارىدىم. پويىزنىڭ ئىچىدە پۇت مىدىرلاتقۇدەكمۇ ئورۇن يوق. كىچىكىمدىن مەن چۈشۈپ بىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياپۇنىيە تىلۋىزىيە فىلىملىردە كۆرگەن پاكىز،ئازادە پويىزدىن ئاسمان_زىمىن پەرىق قىلىدىغان مۇنۇ پويىزدا كۆڭلۈم ئىلىشىپ قۇسۋىتىشتىن ئۆزەمنى ئارانلا بىسىپ ئولتۇرمەن. ئالدىمدا ،كەينىمدە،ئىككى يىنىمدا ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە ماڭا تونۇش بىرمۇ ئۇيغۇر چىرايى يوق. ھەممىسى قىيامەت يىقىنلاشقاندا يامراپ كىتىدىغان يەجۈجى_مەجۈجىلەرنى ئەسلىتىدىغان ئۇششاق ،رەڭسىز ئادەملەر. ھە راس ئۈرۈمچىدىكى پويىز ئىستانسىدا بىر تاللا ئەسكى سومكا بىلەن پويىزدىن چۈشۈۋاتقان ،قارا كۆزەينەك تاقاپ بىردىن چامادان كۆتۈرۈپ كىرىپ كىتىۋاتقانلارمۇ دىققىتىمنى تارىتتى. ~F)[H'$A  
پويىز قۇمۇلدا توختىغاندا ،مەنمۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ چۈشۈپ گۈپۈلدەپ تاتلىق پۇراپ تۇردىغان قۇمۇل قوغۇنىدىن بىر تال سېتىۋالدىم. ئورنۇمغا ئەمدىلا  كىلىپ ئولتۇرۇشۇمغا،<ئىشىڭنى قىلە غىلجىڭ> دىگەن سۆز قۇلىقىمغا كىرىپ ئىتتىك بىشىمنى كۆتۈردۈميۇ،يىنىمدىكىلا 4 كىشلىك ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرغان ،چوشقىدىن ئازراقلا پەرىقلىنىدىغان ئىككى قىرى چاپاقنى چىڭ قولتۇقلىۋالغان ئايدەك گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىغا قاراپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدىم. قارماي دىسەممۇ كۆزۈم شۇلار تەرەپكە كىتىپ باراتتى. توۋا، قانداقمۇ كۆڭلى كۆتۈرۈپ بىللە ئولتۇرۋاتقاندۇ ھە ماۋۇ قىزلار،،،ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ قەستەن خەقنى كۆرسۇن دىگەندەك قىلىۋاتقان ھاياسىز قىلىقلىرى، قىرى خەنزۇلار چوشقا گۆشى يىسە شۇنى،توخۇ پاچىقى يىسە ئۇنىمۇ يەپ ئولتۇرغان ھالىتى، تىخى ئۇيغۇرچە _خەنزۇچە ئۈنلۈك قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىرنى دەششەت ئالداپ،ھەر ھەپتىدە قىلىقسىز پۇل تىپىۋاتقانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەشلىرىنى ئاڭلاپ مېنى ئاچچىق يىغا تۇتتى. مۇشۇلارنىڭ ئاتا_ئانىسى قانچىلىك جاپادا ئەۋەتكەن بولغىيىتتى.قىزىم ئوقۇۋاتىدۇ دەپ قانچىلىك پەخىرلىنىپ يۈرەر دىگەنلەرنى ئويلاپ زەرىپ بىلەن يەرگە تەپتىم. 3lh^maQ]  
ئوھ،ما ئىشنى كۆرۈڭ.يەرمۇ مۇشۇنداق يۇمشاق بولامدۇ؟ قورقۇمسىراپ پۇتۇمنىڭ ئاستىغا قارسام، قاچانلاردا كىرۋالدىكىن بىر خەنزۇ موماي چوشقىدەك خورۇلداپ ئۇيقۇغا تىگىپتۇ. بايا غەزەپتە بىشىغا دەسسەپ ساپتىمەن،لىكىن ئويغىنار ئەمەس،ئۆلتۈرۈپ قويدۇممۇ يە،ھى ھى ھى ،،،،،خۇددى بىر جەڭدە غەلبە قىلغان باتۇردەك كۈلۈپ كەتتىم i>elK 
N6R0$Br  
ئۇف،سىسىقچىلىققا تولغان كۈزەن ئۇۋىسىدىنمۇ مەينەت پويىزدا 3 كۈن سەپەر قىلىپ ئاخىرى مەنزىلىمگە يىتىپ كەلدىم. لىكىن شۇنداق رەتلىك جايلاشتۇرۇلغان 3 كىشلىك ياتاقتىكى مەندىن بۇرۇن كىلىپ بولغان ئىككى ياتاقدىشىمنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى ھارغىنلىقىمنى ئاللىقەيەرلەرگە ئۇچۇرۇپ تاشلىدى. pnTuYT^%)  
_يى،كەلدىڭىزما ،مىيەدە ئوتتۇرڭە خان،نىمگە كۆڭلىڭىز تارتىدۇ. ئۈزۈپ تاشلاپ ئەتكەن ئۇماچ ئىچەمسىز؟ بەسەي بىلەن جاموما يەمسىز يە،،،،،ھى ھى ھى [}*xxy   
چىرايىدىن قىزلىقىنى تەسلىكتە بىلگىلى بولىدىغان ماۋۇ ئاقسا ئۈرۈمچىلىك كىرەر-كىرمەيلا مىنى كۈلدۈرۈشكە باشلىدى. x<= 
_ۋىيى،نىمداق قىلدىغاندۇ ماۋۇ ،جۇگۇ چىقىپ ئوخشىتىپ سوزغان گاڭپەندىن 3 قاچا زاكاس قىلىپ قوي،بايىلا تاماق يىگەنتىڭلارغۇ دەپ قالسا،تۇمشۇقىنى ئىزىۋەت جۇمۇ،،،،ۋا خا خا خا،،، |V dr/'  
ما قىزلارنى قارا،كىلەر -كەلمەيلا شۇنداق ئىچەكىشىپ كىتىپتۇ. (?ofL|Cg(  
_ئاپىڭىز ۋا خا خا نى جىق بىرۋىتىپ شۇنداق كۈلدىغان بوپ قالدىڭىزمۇ نىمە دىدىم،كۈلكەمنى باسالماي $`'%1;y@  
_يى،بۇنىڭ ئاپىسى بارغۇ قىزىم كورلا بويچە ئەڭ ئەقىللىق بولسۇن دەپ ئىجاۋگەينى جىق بىرىۋىرىپ قىزىنى ھاڭرايدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. ئاخشاملىققا كۆرىسەن كارامىتىنى(سەن دىيىشنى باشلىدىم جۇما) X/AA8QV o  
_سېنىڭ ئاپاڭدەك ئارمان قۇۋەت تالقىنىدا نان يىقىپ بەرمەپتىكەن مىنىڭ ئاپام،ۋۇ كاسكا،،،،، HUWCCVn&  
3 قىز بىردەمدىلا شۇنداق چىقىشىپ كەتتۇق. ئەمما بىر سائەتكىچە بىر_بىرىمىزنىڭ ئىسمىنى سوراش ئىسىمىزگە كەلمەپتۇ. چامادىنىمدىكى نەرسىلەرنى رەتلەپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىزلا ئىسىمگە كەلدى. " ra C?H  
-ھەي قىزلار ئىسمىڭلارنىمۇ سورىمىغىنىمنى قاراڭلار،يا سىلەر دەپ بىرەي دىمەپسىلەر. oc0z1u  
_ۋايجان،مېنىڭكى X سېنىڭكى Y,ئاۋۇ كورلىلىقنىڭ Z بولدىما،_دېدى بايقى ئۈرۈمچىلىك ۋاتىلداق كۈلۈپ تۇرۇپ. F7N4qq1  
_مېنىڭ ئىسمىم مەرھابا،سىلەرنىڭچۇ؟ UEh-k"  
_مىنكى ئىسىم ئارزۇگۈل،_دېدى ئۈرۈمچىلىك ياتاقدىشىم كۆزلىرنى قىسىپ > Du>vlT Y  
_مىنىڭ ئىسمىم زۇلپىيە،،،،، kFZjMchm A  
_زۇلپىيە ئەمەس،زۇلپىياز،باش پىياز،،، 'X]m y  
_ئۇف،ھىلىمۇ مىنىڭ ئىسمىمدىن قۇسۇر چىقارمىدى دەپ تۇرشۇمغىلا ئارزۇنىڭ ئىغىزى ئىچىلدى EVE 
_ھەي مارخابا دىگەن ئىسىمغۇ چىرايلىق،لىكىن سەن بۇ ئىسمىڭ بىلەن كەچكىچە خەقنى قارشى ئىلىپلا يۈرەمسەن؟ ھىڭ ھىڭ ھىڭ lk. ;  
_ئوش،قۇرۇق گەپنى ئاز قىل ئارزۇ،تاماق يەپ كىرىمىز قىزلار ،ھۇررا،،،،، "YQ%j+  
بۇرۇن كەلگەن بىر نەچچە ئۇيغۇر قىز بىلەن ئولتۇرۇپ مەكتەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن بىر قۇر خەۋەردار بولدۇق. DUOSL  
_قىسقىچىلا دەپ بىرەي ھە سىڭىللار،دەرىسىم بار ئىدى _دەپ ئالدىراپ سۆزلەشكە باشلىدى نەزىرە ئىسىملىك چىرايلىق بىر قىز J`@#yHL  
مەكتىپىمىزدا 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار . گەرچە بۇ سان 40مىڭ ئوقۇغۇچىسى بار بۇ مەكتەپكە نىسبەتەن بەكلا ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر باللار  بەك ئىناق ئۆتىدىدۇ  ، خۇددى ئاكا-ئۇكا ، ئاچا -سىڭىللاردەك......ھەرقايسى تەرەپتە كۆزگە كۆرۈنگەن بالىلار ئاز ئەمەس.بولۇپمۇ بىزنىڭ شىنجاڭ پۇتبول كوماندىمىز ، ئۇلار بولامدۇ ياكى چەتئەللىكلەر كوماندىسى بولامدۇ بىزنى پەقەت ئۇتالمايدۇ. (ئەلۋەتتە ئۆگۈنۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ئاساستا جۇمۇ). ئايرىم تاماقخانىمىز مۇشۇ، پەقەت مۇسۇلمانلارلا كېرىدۇ. تاماق سۈپىتى ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ لېكىن تونۇش چىرايلار بىلەن بىللە غىزالانسا يەنىلا تېتىيدىكەن..........ئەمسە ئازادە ئولتۇرۇڭلار ئوماق قىزلار. ئۇ قىزنى كۈلكە_چاقچاق بىلەن ئۇزىتىپ قويۇپ تاغدىن_باغدىن گەپكە چۈشۈپ كەتتۇق. M!E#T-)  
my(yN|  
مەكتەپكە كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن مەكتىۋىمنى تولۇق بىر ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ خەرىتىسىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ ياتىقىمدىن چىقتىم. مەكتەپ كۆلىمى 5000مو ئىكەن، ئاساسلىق ئۈچ دەرۋازا بولۇپ ئوقۇغۇچىلار ياتىغىغا يېقىن ، كۆپىنچە كىرىپ چىقىدىغان دەرۋازا ساپما كەش دەپ ئاتىلىدىكەن، قارىماققىمۇ غايەت زور ساپما كەشنىڭ ئۆزى ئىدى. يەنە بىرسى بولسا مەكتەپنىڭ شەرقى شىمالىدىكى زەپەر دەرۋازىسى ئىدى، ناھايىتى چوڭ ھەم ھەيۋەت. پارىژدىكى زەپەر دەرۋازىسىغا تەقلىد قىلىپ سالغانمىش ، لېكىن نەقىشلىرى پەقەت ئوخشىمايدىكەن...... يەنە بىرسى بولسا مەكتەپ شەرقىدىكى قەدىمى ئىشىك بولۇپ مەكتەپ تۇنجى قېتىم قۇرۇلغاندا سالغان ئىشىكنىڭ چوڭايتىلغان نۇسخىسى ئىكەن. بۇمۇ بەك چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك ئىدى. مەكتەپ ئىچىگە كەلسەك كۈتۈپخانا بىلەن چوڭ يول ئارىسىدىكى دەرەخلىك يولنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ يەردە دەرەخلەر ئىنتايىن قويۇق ، بىرخىل قاراڭغۇ ئىدى .ھاشارەتلەر بىلەن قۇشلارنىڭ كۆپلىكىنى دىمەيلا قوياي..... شۇڭا بۇ يەرگە ئىپتىدائى ئورمان دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇم .مەكتەپتە كۆل ۋە ئۆستەڭ بەك كۆپكەن لېكىن بىر كۆرۈپلا بىر خىل بولۇپ قالدىم. ئانچە پاكىز ئەمەسكەن سۇلىرىمۇ بىر خىل قارامتۇل رەڭدە ،ماڭا چۈشكۈنلۈك تۇيغۇسى بەردى...... I-`qo7dQ_S  
كىلىپ بىر نەچچە ئايلارغىچە ياتاقداشلىرىم بىلەن شېئىر_قوشاق توقۇپ يۇرتىمىزنى سېغىنىپ يىغلاپ يۈردۇق،لىكىن ئوقۇش ئۈچۈن ھەممە قىيىنچىلىققا كۆنۈشىمىز كىرەك ئىدى. بۇ جەرياندا باشقا كەسىپتىكى،باشقا ياتاقلاردىكى قىز،ئوغۇللار بىلەنمۇ خىلى چىقىشىپ قالدۇق. دەل ئىلىش كۈنلىرى ئوننەچچە قىز بىر ياتاققا كىرۋىلىپ قىقاس_چوقان بىلەن قىلمايدىغان قىلىقلىرىمىز قالمايىتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسىنى ئارزۇ باشلايىتتى. ياتاقداشلىرىمدىن،مەكتىپىمنىڭ ئوقۇتۇشىدىن ھەر ھالدا رازى مەن. FeM,$&G:  
قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايىتمىدىم. ياتاقتا پار بولمىغاچقا قىزلار سوغۇققا چىدىماي يوغان باتلۇشكىلارغا قايناقسۇ قۇيۇپ يوتقاننىڭ ئىچىگە تىقىپ ياتاتتۇق. ئامال يوق ئەمدى. ئالۋاستىنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال دەپ.... raPUx_$PH  
:/ yR  
ئاپام ئەتكەن تاماقلارنى،مەھەللەمدىكى بەش موچەنلىك ،ئاستىغا ئاچچىق،سۈيى سىقىلمىغان تۇرۇپ قەلەمچىسى سالغان ئاشلەڭپۇڭ،بىر زىخنى 20 تىيىندىن ساتىدىغان كاۋاپلارنى شۇنداق سىغىنغان ئىدىم. ياتاقتا تور بولغاچقا ئاپاملار بىلەن پات_پات كامىرا ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇردۇم. لىكىن ئاپامنىڭ مىنى كۆرەر_كۆرمەيلا يىغلاپ: |UO&18Y7-  
_ۋاي جىنىم قىزىم،قۇرۇپ ياغاچقا ئايلىنىپ قالايلا دەپسەنغۇ. سەن يوق بولساڭمۇ كۈندە ساڭا بىر قاچا تاماق ئايرىپ قويۇش ئادەت بوپ قاپتۇ، دىيىشىگە مەنمۇ يىغلاشقا باشلايىتتىم. كىرۇرەن گۈزىلى بىلەن قوشۇپ،تاشقا ئاييلاندۇرۋەتكەندەك جىڭمومىلار،تارشىدەك قىتىپ كەتكەن كىچىككىنە گۆشلەر،، ئوماچقا ئايلىنىپ كەتكەن گاڭپەنلەرنى ئامال بار ھۇزۇرلىنىپ يەيىتتىم. ئامال قانچە، -}?ud3f<  
/N>bEr4w  
  بىزنىڭ مەكتەپ شەھەرنىڭ سىرتىدا ھەم سانائەت رايونىغا يېقىن بولغاچقا مەكتەپ ئەتراپىدا  چىقىپ سەيلە قىلغۇدەك يەر يوق دىيەرلىك ئىدى . ئۆزەم سەھرادا چوڭ بولغاچقىمۇ،خۇددى ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىر چۆللىكىگە كىلىپ قالغاندەك،يىشىللىقنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپ كەتتى. باتلۇشكا قۇچاقلاپ ياتقان قىشمۇ تۈگەپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ھۇزۇر ئەمەس بىر خىل بىزارلىق ئىلىپ كىلىدىغان يامغۇر پەسلى يىتىپ كەلدى. يامغۇر ياغسىغۇ مەيلى،ياتىقىمىز بىرىنچى قەۋەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ياغقان يامغۇردا ياتاقنىڭ ئىچى بىلىق كۆلچىكىدەك بولۇپ قالاتتى. $]05?JY#  
U/JeEI%L  
بىر كۈنى بىر ساۋاقدىشىم مەكتەپكە يېرىم سائەتلىك كېلىدىغان دەريا بويىدا شۇنداق ھاۋالىق بىر يەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ كۈنلەر بەك ئىسسىق بولغاچقا مەن شۇ شەنبە كۈنىلا ۋەلىسپىتىمنى ئېلىپ شۇ يەرگە قاراپ يولغا چىقتىم ، ھىلىقى ئارزۇ دىگەن ھۇرۇنلار ئىسسىقنى بانا قىلىپ كومپيۇتىر ئىچىپ مۇنبەردىكى تىمىلارغا بەس_بەس بىلەن ئىنكاس يىزىشىۋاتاتتى. ئامالسىز يالغۇز بىرىشقا مەجبۇر بولدۇم. يولنى شۇنداق ئېنىق سورىۋالغان بولساممۇ تېپىپ بولالماي بىر سائەتتە ئاران باردىم. B0:[3@P7  
  مەن ھارغىن قىياپەتتە كىرىپ ، ئەتراپقا سەپ سېلىشكە سېلىشقا باشلىدىم . بۇ يەر ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن ، بىر تەرىپى كەڭ كەتكەن دەريا ،بىر تەرىپى چەكسىز كەتكەن باغ. دەريا بويى شۇنداق كۆركەم ..... كىنولاردا چىقىدىغان چىغىر يوللار، ھەرخىل شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن دەرەخلەر ، ياڭزا-ياڭزا پۇراقلىق گۈللەر..... مېنىڭ بايىقى ھارغىنلىقىم ئاللا قاياقلارغىدۇر كېتىپ قالغان ، بۇ يەرنىڭ ھاۋالىقلىغىچۇ تېخى..... مەن بۇ مەنزىرىگە تويماستىن قاراپ بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقتىم ، بۇ ئارامگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسدا تېخى قىپقىزىل سىرلانغان ئۈچ قەۋەتلىك قەھۋەخانىمۇ بار ئىكەن (شۇنداق ھەشەمەتلىك) . مەن تا ھازىرغىچە بۇ يەرگە نىمشقا بۇ قەھۋەخانىنى سېلىپ قويغانلىقىنى(بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق دۇكان يوق ھەم ھېچكىم كىرمەيدىكەن) نىمىشقا قىپقىزىل رەڭدە سىرلاپ قويغىنىنى بىلەلمىدىم ....... "DFj4XKXY9  
QrP$5H{[E  
2wWL]`(E  
مەنمۇ ئەمدى تېخى بىر قېتىم ئۇ يەرگە بارغاچقا ،كىيىنكى قىتىم  بارغاندا تەمتىرەپ قالماسلىق ھەم تېخىمۇ مەنزىرىلىك جاينى بايقاش ئۈچۈن ھەپتە ئارلىقى چۈشتىن كېيىن ئۇ يەرگە يەنە بىر قېتىم يول ئالدىم . ھەپتە ئارلىقى بولغاچقا بۇ يەردە ئادەم ناھايىتى ئاز ئىدى ،كۆڭلۈم ۋاللىدە ئېچىلىپ قالدى...... ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتۈم ، بارچە شەيئى يەنىلا شۇنداق گۈزەل ! ئادەم ئاز بولغاچقا قۇشلار تېخىمۇ جانلىنىپ كەتكەن ئىدى .  ئۆزۈمنى ئەركىن قويىۋېتىپ خالىغان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.... قانچىلىك ماڭغىنىم ئېسىمدە يوق كۆزۈم تۇيۇقسىز يوغان دەرەخ ئاستىدىكى ياغاچ ئورۇندۇققا چۈشتى، بېرىپ ئولتۇردۇم. بىردىنلا سەگەكلىشىپ كەتتىم ، ئالدى تەرىپىم كەڭ كەتكەن دەريا ،ئوتتۇرىسىدا ياپيېشىل كىچىك ئارال ، سۇلار ھەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتاتتى. ئارقامدا بۈك -باراقسان دەرەخ ،ئەتراپىدا ھەرخىل گۈللەر ، گۈللەردىن چىققان يېقمىلىق پۇراق..... بۇلار قوشۇلۇپ ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى . ئولتۇرۇپ دەريا مەنزىرسىنى تاماشا قىلىدىغان تازا ئورۇن ئىدى . شۇئانلا شەنبە كۈنى بۇ يەردە باشقىلارنىڭ ئولتۇرۋالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلدىم   Cl;B%5yl  
شۇ ئولتۇرغانچە ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ قىيمىغان ھالدا قايتىپ كەلدىم   ,uD>.->  
كۈنلەر نىمىدىگەن تىز ئۆتكەن ،ھەش-پەش دىگۈچە ئىمتىھان ۋاقتى يىقىنلىشىپ قالدى. ئاخشىمى تەكرار قىلىۋاتقاندا ئۇخلاپ قالماسلىق ئۈچۈن،قەھۋەنى بولۇشىغا ئىچىشكە باشلىدىم. ياتاقداشلىرىمنىڭ ۋايساشلىرىغا قارماي،ھۇزۇرلىنىپ ئىچىپ كىتەتتىم،چۈنكى ئارزۇ بىلەن زۇلپىيە ئىككىلىسىلا قەھۋەنىڭ پۇرىقىغا بەك ئۆچ،،ھى ھى ھى }0#cdw#gH  
YZCPS6PuE  
ئىمتىھانغا ئۈچ كۈن قالغان بىر كەچلىكى،ئارزۇلارنىڭ كوتۇلدىشىغا قارماي قەھۋە ئەكىرگىلى مەكتەپنىڭ قەھۋەخانىسىغا چىقتىم. پىخسىقلار! تۈنۈگۈن كارىدۇرنىڭ چىرىقى كۆيۈپ كەتكەن تىخى شۇ پىتى تۇرۇپتۇ،،بەك قورقۇنچاق ئىدىم شۇڭا، غودۇرغانچە دۇكانغا كىردىم.  ياتاققا كىرگۈچە چىدىماي، كىچىككىنە ئىستاكاننىڭ ئىغىزىغا كىرگۈزۈپ قويغان قەغەز قاپچۇقىنى  ئالدىمدە ھۇزۇرلىنىپ سۈمۈرگەنچە كەينىمگە ئىتتىك بۇرۇلدۇم. لىكىن قولۇمدىكى قەھۋە  ئارقامدىلا ئۆچىرەتتە تۇرغان بىرىنىڭ كىيمىگە قۇيۇلۇپ كەتتى. ,>%AEN6N2  
_ۋاي بىششىڭنى يەيدىغان كاپىر،نىمە كەينىمدە تۇرۋالغان بولغىيىتتى،،، 1;ulqO  
بىشىمنى كۆتۈردۈميۇ،بەدىنىمدىكى بارلىق ھۈجەيرىلەر ھەركەتتىن توختاپ قالغاندەك ئۈنلۈكرەك تىنالمىدىم. }[PbA4l.g  
_تۆكۈۋتىشنى تۆكۋىتىپ يەنە مەندىن يوغان سۆزلەيسىزا؟ ھا ھا ھا ،تۆلەڭ ئەمدى كىيمىمنى،تىخى كاپىر دىدىڭىز ،ھەي توۋا joifIp_  
-o F#a 8  
{R[lsdH(X  
DB_ x  
%yQ-~T@  
نىمە دىيىشنى راسلا بىلمەي قالدىم. قاش_كۆزلىرى شۇنداق چىرايلىق، كۈلۈمسىرەپ ماڭا سوئال نەزىرىدە قاراپ تۇرغان بۇ ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالغان ئىدىم. 9XS+W w7  
_كەچۈرۈڭ، مەن قەستەن قىلمىغان ئىدىم،شۇ قارمايلا،،،،، >S{1=N@Ev=  
_ھىچقىسى يوق، ئۇيغۇر بوپ قاپسىز،بولمىغان بولسا ،،،، G`mC=*M a;  
_نىمە قىلاتتىڭىز؟ \{G6!dV|S  
_بىشىڭىزدا ياڭاق چاقاتتىم،، ET _}x7  
_نىمە؟ %)l2dK&9"j  
_ھىچنىمە،كەچ بولۇپ كەتتى،ياتاقنىڭ ئارلىقى خىلى بار. ئەمدى زىيان تارتىدىغان بولدىڭىز يەنە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىلىپ ياتاققا تىز يۈگرەڭ! pPh_p @3I  
بىر ئىستاكان قەھۋەنى ئىلىپ ياتاققا قايتىپ كىردىم. بولغان ئىشنى ئاڭلىغان ئارزۇ بىلەن زۇلپىيە بىقىنىنى تۇتۇپ ئىككى سائەت كۈلدى. h{<^?=  
_ھەي سەنغۇ قەھۋە تۆكىۋىتىپسەن،بىر كۈنى بىرسى ۋىلسىپىتى بىلەن سوقۇۋەتكەن ئىدى، ئەپسانە تىللار بىلەن تازا تىللاپتىمەن. يا ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدۇ ،يا تىللىسام ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ ئۇ ئاداش. كىيىن بىر قىتىم بىر نەچچە قىزلار ئۇمۇ  ئۇيغۇر دەپ كۆرسىتىپ قويغان ،شۇنىڭدىن كىيىن كۆرسەم ئەللىك مېتىر نىرىدىن قاچىمەن ،ھى ھى ھى ej%C<0/%n  
شۇ كۈنى قىلغان قىلىقىمدىن خىلىغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. كۆز ئالدىمغا ھىلى ئۇ بالىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كىلىشكەن چىرايلى كەلسە،ھىلى مىنىڭ بىكاردىنلا تىللىغان سۆزۈم قايتا_قايتا جاراڭلايىتتى، كىيىن كۆرۈپ قالسام ئىش بار ئەمدى. ئەجەپ سەت بولدى،،،،، `r>WVPS|  
خىياللار بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. چۈشۈمدە يەنە شۇ بالا.بىر قولىدا قەھۋە تۆكۈلگەن كۆينەك،يەنە بىر قولىدا يوغان پىچاق. <ماۋۇ پىچاق بىلەن كۆينەكتىنى قەھۋەنى قىرىپ چىقىرىسەن! سۇ ئىشلىتىشكە رۇخسەت يوق !> دەپ ھەيۋە قىلاتتى. بۇ يا قوينىڭ قېرىنى بولمىسا قىرىپ چىقىرىدىغان،يۇپ بىرەي دەپ مۆلدۈرلەپ تۇرساممۇ ،قاتتىق ۋاقراپ كانىيىمنى سىقاتتى. ۋايجان ئادەم ئۆلدى!! yg\A&0I  
_نېمە بولدى ساڭا،كالۋا! خاتىرجەم بول،سەن ئۆلمىدىڭ.يامانغا ئۆلۈم يوق ھى ھى ھى {_[l,tdZ  
يەر ئاستىدىن چىقىۋاتقاندەك ئاڭلانغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئاران كۆزۈمنى ئاچتىم. زۇلپىيە بىلەن ئارزۇ نىمە بولدۇڭ دىگەندەك بىشىمدا قاراپ تۇرشاتتى. &]vd7Q.t  
_نىمە پاقا تەشكەن سويمىلاردەك قاراپ تۇرۇشسەن،_دېدىممەن غەزەپ بىلەن. خوش بوپ كىتىشتىڭما مېنى قار باسسا؟ wau81rSd  
_ ۋا خا خا خا،،سېنى قانداق قار باسالايدۇ، كۆمۈردىن قارا تۇرساڭ ئۆزەڭ ،،،، dc?Yk3(Y  
ئارزۇنىڭ بۇ گىپى يەنە كۈلدۈرۋەتتى. ئالدىراشلىق ئىچىدە 3 كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدىم، شۇ 3 كغندە شۇنداق قەھۋە ئىچكۈم كەلسىمۇ كەچتە ھىلىقى بالىغا ئۇچىراپ قالماي دەپ قەھۋە ئەكىرگىلى چىقمىدىم. |qbJ]v!  
ئىمتىھانلارنى كۆڭۈلدىكىدەك بەرگەندىن كىيىن ھەممىز يۇرتىمىزغا قاراپ يولغا چىقىشقا باشلىدۇق. ناھايتى خوشال ئىدىم، بىر يىل كۆرمىگەن يۇرتۇمغا بارغاندا كۈندە ئاپام ئەتكەن تاماقلاردىن تويغۇدەك يەۋالمىسام دىگەنلەرنى ئويلاپ يۇرتۇمغا يىتىپ كەلدىم. غۇلجىنىڭ تازا چىرايلىق كۈنلىرى بولۇپ . چوڭ قاتناشقا ئالدىمغا چىققان دادام بىلەن ئۆيگە چىقىشتىن ئاۋال قىزىل بايراقتىكى يۇلغان كاۋاپخانىسىدىن نەچچە خىل تاماقنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ تازا يالماپ يۇتىۋاتسام ،دادام ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى: 3 !}'A  
_قىزىم ئىچكىرگە ،تاماق يىمەي نازلىنىپ ئولتۇردىغانلار جىقراق بارسا بولامدۇ نىمە؟، تازا قەدرى ئۆتۈلۈپتۇ ھە دېدى. Ip2JzE  
_شۇنداق دادا ،جۇباجى بولۇپ قالاي دېدىم،ھى ھى ھى /VJ@`]jhDf  
بىر يىل كۆرۈشمىگەن ئاپام،ئۇكاملار بىلەن تازا يىغلاپ،چىڭڭىدە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم. ئاپام مېنى كۆرپىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇپ چاي دەملىگەچ تۇرۇپلا كىلىپ قوللىرىمنى،يۈزلىرىىمنى سىيلاپ،جىنىم قىزىم بەك ئورۇقلاپ كىتىپسىز ،تەتىلدە ياخشىراق بىقىۋالاي دەپ قوياتتى. مەھەللەمگە يىنىپ كەلگەنگە شۇنداق خوش ئىدىمكى چىيىمنىڭ يىرىمىنى ئىچىپلا،مەن بىلەن بىرگە ئوقۇغان،دائىم بىللە كوچا چىڭداپ ئاق ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى كىچىدىغان دوستۇم نىلوفەرنىڭ يىنىغا ماڭدىم. e|4jT7L}  
_نىلوفەر!!!،- دەرۋازىسىدىن كىرەر-كىرمەيلا ۋارقىرغان ئاۋازىمنى ئاڭلىغان دوستۇم پۇتىدىكى كەشنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارماي ئالدىمغا يۈگرۈپ  كەلدى: Wq>j;\3b3  
_قاچان كەلدىڭ ئاداش؟ 2qn~A0r  
_بايا كەلگەن،ھى ھى ،،،كىلىپلا سېنىڭ يىنىڭغا يۈگۈرگەن گەپ. .OWIlT4K  
_ۋوججون،چارچىغانغا قارماي يىنىمغا كەلسەن،رەھمەت ئاداش. ماڭە باغقا ئالگىراتلار شۇنداق پىشىپ كەتتى. !.w S+  
ئۇنىڭ بىلەن تاغدىن-باغدىن پاراڭ قىلىشىپ ئالگىرات يىگەچ كۈننى كەچ قىلدىم. ئۆيگە قايتىپلا ئۇيقۇنى باشلىغان ئادەم ئەتىسى چۈشلىكى بىراقلا تۇرۇپتىمەن. شۇ كۈندىن باشلاپ كۈنلىرىم دوستلىرىم بىلەن.بەزىدە تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىدە كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ ،تەتىلنىڭ قانداقلارچە توشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدىم. پەقەتلا بارغۇم بولمىسىمۇ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشۇم كىرەك ئىدى. ئاپام يىقىپ بەرگەن مايلىق توقاچ،يەنە جىققىدە يەل_يىمىشلەرنى ئىلىپ ،ھىلىقى كۆڭۈلنى ئايىندۇردىغان سېسىقچىلىق قاپلىغان پويىزغا يەنە قايتا چۈشتۈم. <توۋا،قۇرۇتتىنمۇ جىق مىللەتكىنا بۇ> دەپ ياقامنى نەچچە چىشلىۋەتتىم مەكتەپكە بارغۇچە. ھىلىمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى باركەن. بولمىغان بولسا قەۋەتلىك يوللارغا ئوخشاش بىر-بىرنىڭ بىشىغا دەسسەپ يۈرەمتىكىن بۇ خەق. }h]:I'R!  
5VPuHY2  
Lh,<q >t  
داۋامى بار
[ بۇ يازما ناتىق تەرپىدىن2008-10-24 13:45دە قايتا تە ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قوزام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-24, 05:13
get out of my way,,,,,,,,,
don't bother me,,,,,,,,

كىچىە كۆرۈپ قالدىم سېنى يىراقتىن
كۆڭلۈم ئەسكى بولدى بىر پەس پىراقتىن.
قىسمەت باشقا،سۆيگۈ باشقا ئىكەنتۇق،
ئۆتەلمەپتۇق بىللە ئاشۇ قىرغاقتىن

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-24 13:12 |
ناتىق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 88
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 196 كىشىلىك
پۇل : 6016 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇمۇر
قوللاش: 199 نومۇر
ئالقىش: 258 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

j(~e{HZ  
ياتاققا كىرسەم زۇلپىيە بىلەن ئارزۇ ئاللىقاچان كىلىپ پاراڭغا چۈشكەن ئىكەن. زۇلپىيە مېنى كۆرۈپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇردىدە ماڭا ئىسىلماي قولۇمدىكى سومكىغا ئىسىلدى: \LG0   
_ئەكە سومكاڭنى، چوقۇم قۇرۇت ئەكەلدىڭ ھى ھى ^>wlj  
ھىرىپ ئاران كىرگەندە سومكامنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدىم. 0tKVo]EK  
_ئۆلەسە قۇرۇتنى يەپ شۇم }j$tFFVi~  
_ئىتنىڭ قاغىشىغا،پىت ئۆلمەپتۇ دەپتىكەن، زۇلپىيەنىڭ يىنىغا ئەمدىلا كىلىپ جايلاشقان ئارزۇ ،سومكىدىكى كىچىك رەخ خالتىغا ئورالغان قۇرۇتلارنى ئىلىپ ساناپ بۆلۈشكە باشلىدى. Rp+Lu  
_ھى ھى ھى 9 تالدىن تىگىپ ئىككىسى ئىشىپ قالىدىكەن،شۇڭا ماۋۇ ئىككى تالنى زۇلپىياز ئىككىمىز يىگەچ تۇرايلى ھە! سەن ئارام ئىلىۋال ئوماق،،،، كارۋىتىڭغا چىقىپ ئۇخلا ناخشا ئىيتىپ بىرىمەن مانداق iE0x7x P_  
قار بىلىق ،قاپقار بىلىق 1%$t;R  
خاڭدا ياتقانىڭ قىنى؟ H Y~[/H+:  
b_&:tE--]  
ئۇلار بىلەن بىردەم كۈلۈشكەندىن كىيىن ،ئارام ئىلىش ئۈچۈن ياتقان بولساممۇ پەقەتلا ئۇيقۇرم كەلمىدى. .sjv"D"  
_ئارزۇ چىقىپ بىر ئىستاكان قەھۋە ئەكىرىپ بىرە ئاداش؟ \9fJ)*-  
كارۋىتىغا چىقىپ قۇرۇتنى مەززە قىلىپ شورىغاچ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئارزۇ ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا يالغان خورەك تارتىشقا باشلىدى. bt*  
_خەپ ،سېنىمۇ كۆرۈپ قويدۇم mBxMDnh  
ئۇنى تىللىغاچ چاچلىرىمنىمۇ تۈزەشتۈرمەي سومكامدىن پۇل ئىلىپ مەكتەپ قەھۋەخانىسىغا ماڭدىم. شۇ چاغدىلا يازدا بولغان قەھۋە ۋەقەسى ئىسىمگە كەلدى. خۇددى ھىلىقى بالا يەنە بىر بۇلۇڭدىن چىقىپ ۋۇ بولۇمسىز دەيدىغاندەك ئەتىراپىمغا تەكشى قاراپ كىتىۋاتاتتىم. تەلىيىمگە ئۇ ئۇچىرمىدى. لىكىن قەھۋەنى كۆتۈرۈپ،مەكتەپ كارىدورىدا بار ئاۋازىم بىلەن <شىرىن جاۋاپ شېرىن سۆز،بىرەلمەيمەن رەنجىمە، سىرداش بولۇپ ياندىشىپ،يۈرەلمەيمەن رەنجىمە> دەپ ھاياجاندا ئابدۇللانىڭ ناخشىسىنى ئىيتىپ كىرىپ كىتىۋاتسام ،كەينىمدىن بىرىنىڭ <ۋاي رەنجىمەيمەن كۆزىڭىزگە قاراپ مىڭ> دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. ]SAGh|+xl  
چوقۇم ھىلىقى مەن تىللىغان بالا،ئاپلا كەينىمگە قارمايلا قاچاي،،،،،،،،خۇددى كەينىمدىن كىلىپ قولۇمدىكى قەھۋەنى تارتىۋالدىغاندەپ پۇتۇمدىكى كەشنى پاقىلدىتىپ بىردەمدىلا ياتىقىمغا كىرىۋالدىم. ~g9~D}48k'  
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ بالىنى مەكتەپنىڭ كارىدورىدا پات_پات ئۇچىرتىپ قالدىغان بولدۇم. ئەمما ئۇدۇلۇمدىن كىلىۋاتقان بولسا كەينىمگە ،ئارقامدىن كىلىۋاتقان بولسا ئىت قوغلىغاندەك تىز قاچاتتىم. ھەر قىتىم كۆرسەم <ۋوي كاپىر> دەپ تىللىغىنىم ئىسىمگە كىلىپ بەك خىجىل بولاتتىم. t7yvd7  
بۇ يەردىكى كۈنلىرىم جاپالىق بولۇپ دەرىسنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنگىلىز تىلىنى قوشۇپ ئۆتىدۇ. قاتتىق تىرىشمىساملا سىنىپىدىكى خەن لەردىن قىلىپ قالىمەن. شۇڭا جاھىللىق بىلەن ئۈگىنەتتىم. ياتاقتىكى ئىككى دوستۇممۇ بەك تىرىشچان بولغاچقا ئۈچىمىز كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن بىر -بىرىمىزگە ياردەم قىلاتتۇق. s",G w]8  
دەرىسىم يوق بىر جۈمە كۈنى تىخى ئالدىقى ھەپتىدە ئارزۇلار بىلەن بىرىپ كەلگەن بىر تۈرۈكلەر ئاچقان تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىغا بىرىپ كىلىش ئۈچۈن ياتاقتىن ئەتىگەندىلا چىقتىم. ئۇ دۇكاندا ھەممە نەرسە ھالال بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يىمەكلىك،نەرسە كىرەكلەر كۆپ ئىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن. ئارزۇ بىلەن زۇلپىيە بۇيرىغان نەرسىلەرنىمۇ ئىلىپ كىلىشىم كىرەك ئىدى.  @EURp  
_ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بىلەت ئىلىش ئۈچۈن قولۇمنى سومكامغا ئىلىپ باردىميۇ،تۇرۇپلا قالدىم. چۈنكى سومكامنىڭ كىسىلگەن بىر بۇرجىكىدىن قەغەزلەر ساڭگىلاپ،پۇلۇڭنى ئوغرى ئالدى دەپ مەلۇمات بىرىپ تۇراتتى. ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن؟ كۆزلىرىم لىققىدە ياش، بۇ ئايلىق تاماق پۇلۇم،ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ پۇلى ،پۇلۇمنى ئوغرىغا بەردىم دىسەم بىلەتچى ئىشىنەمتى؟ يا ئاپتۇبۇسقا چىققاندىلا ئالمايدۇ بىلەتنى بۇ بىر نىمىلەر،خىلى ئۇزاپ كەتتىم،،،،،، 6B]i}nFH{+  
_سىز؟ QL @SE@"  
بۇ نىمانچە يىقىملىق ئاۋازدۇر ئەمدى؟ بىشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭا ناتونۇش بولمىغان چىرايلىق كۈلىدىغان كۆزلەرگە قارىدىم. \irKM8]LJ  
_پۇلۇمنى ئوغرى ئاپتۇ،ئەمدى قانداق قىلارمەن،ئۈمچىيىپ يىغىنى باشلىدىم. پالاكەت باستى مىنى ،ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ )Y&B63]B  
_يىغلىماڭ ئۇششۇق قىز،يىنىڭىزدا بىر ئۇيغۇر تۇرسا يەنە قانداق قىلارمەن دەپ يىغلايسىزغۇ،كىچىك بالىدەك، قەيەرگە باراتتىڭىز،بىلەتنى مەن ئىلىپ بىرەي؟ belBdxa{"  
_ماڭا ئازراق پۇل بىرىپ تۇرۇڭ،مەن كىيىنكى بىكەتتە چۈشۈپ قىلىپ مەكتەپكە قايتاي.بىر دۇكانغا ماڭغان ئىدىم،ئەمدى پۇلۇم يوق ئۇ يەرگە بارغاننىڭمۇ پايدىسى يوق. 8QMMKO ui\  
_ھە مەنمۇ شۇ ياققا ماڭغان ئىدىم، يولىمىز بىركەن،مەن بىرىپ تۇراي j+>[~c;0)  
_بولمايدۇ،يەرگە قاراپ جىممىدە تۇرغىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى N A_8 
_خاپا بولماڭ تارانچى،بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، ئامال قانچە؟ مەن شۇ يەرگە بارغاندا سىزگە مۇز قايماق ئىلىپ بىرىمەن ماقما؟ C^LxJG{L5  
_كىم مېنى غۇلجىلىق دەيدۇ؟ *NM*   
_مەن يە سىزدەك بۇرنۇمنى ئىقىتىپلا يۈردىغان پالاكەت كىچىك بالا بولمىسام ،ساقام؟ دېدى ئۇ ھەييارلارچە M04u>| ,  
_ئىسمىم ئىمىنجان،ئۈرۈمچىدىن، تونۇشۇپ قالايلى!  %{UW!/  
_ھە،مېنىڭكى مەرھابا، غۇلجىدىن. سىز بىلەن بىر مەكتەپداش ،،،،،،،ھى ھى +;)Xu}  
_كەسپىڭىز نىمە؟ T!pA$eE  
_ئىغىز كىسەللىكلىرى داۋالاش،سىزنىڭچۇ؟ "HwlN_PA  
_شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىد ئىنگىلىز تىلى ئوقۇپ شۇ يەردە خىزمەتكە قىلىپ قالغان،مەكتەپتىن ماگىستىرلىقنى ئوقۇشقا ئەۋەتتى. wzmQRn;s  
_ۋىيى good morning دەپ يۈرۈيسىز دەڭە سالامنىڭ ئورنىدا،،،،، w_;$ahsu~  
_ۋوي سىزنىڭمۇ تەلەپپۇزىڭىز بەك ياخشى ئىكەنغۇ؟ +bR|;b(v  
_ ھە ئە،مەنمۇ خىلى بىلىمەن. باكلاۋۇرلۇقنى تۈگەتكەندىن كىيىن چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار. T-iQ!D~  
_مەنمۇ شۇنىڭ يولىنى مىڭىۋاتىمەن، سىزنىمۇ خۇدا تىلىكىڭىزگە يەتكۈزسۇن. %Na` \`L{F  
گەپ بىلەن مەنزىلىمىزگە يىتىپ كەلگەننىمۇ تۇيماي قاپتۇق )c 79&S  
_مانا كىلىدىغان يەرگىمۇ كىلىپ قالدۇق قىزچاق! مۇشۇ تاپتا يىنىڭىزدا پۇل يوق، بۇ يەرنىمۇ ياخشى بىلىپ كەتمەيسىز،شۇڭا چوقۇم مەندەك ياش ھەم كىلىشكەن بىر يىگىتكە مۇھتاج بولىسىز. شۇنداقمۇ؟ E8t{[N6d  
جاۋاپ بەرمەي ،تىرنىقىمنى تاتلاپ تۇرغىنىمىنى كۆرۈپ يەنە كۈلدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈرۈپ خىلى يەرلەرنى بىلىۋالدىم، ئۇنمىغىنىمغا قويماق قولىمىزدىكى مۇز قايماقنى ئىقىتقانچە بىر نەچچە  پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۋالدۇق. بىردەمدىلا  نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتتى. -6X+:r`>u  
_كەچ بوپ كىتىپتۇ،مەن قايتاي،ياتاقتىكى قىزلار مەن .ئەكىلىدىغان شاكىلاتقا ئىشتىھا ساقلاپ ئولتۇرىشىدۇ T[g(S0dz  
_ھا ھا ھا ،قىزىقكەن ھە،مېنى شۇنداق ئاسانلا قويىۋىتىدۇ دەپ قاپسىزدە ھە؟ بەرگەنلىرىمنى ھەسسىلەپ قايتۇرۋالىمەن جۇمۇ،ئۈرۈمچىلىكنى بوش چاغلىماڭ. (h[. Ie  
كۈلۈشكەنچە مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق. بۇ بىر كۈنۈم ئەتىگەنكى كۆڭۈلسىزلىكنى ھىساپقا ئالمىغاندا تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى. كۆز ئالدىمدا ھىلىدىن_ھىلىغا ھىلىقى كۈلگۈنچەك بالا پەيدا بولاتتىيۇ، ئۇنى ئويلاش بىر گۇناھلىق ئىشتەك ئىتتىك كاللامنى باشقا ئىشلارغا چاچاتتىم. t1$pl6&,  
يەنە ھىلىقى مەكتەپنىڭ ئۇزۇن كارىدورى،تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇچىراپ قالدىغان ئىمىنجان. تولا ۋاقىتلاردا شۇ يەردە ئۇچىرىشىپ قالاتتۇق. بۇۇرنقى يىراقتىن كۆرۈپ قىچىش ئەمدى يىقىملىق سالاملىشىشقا ئالماشقان ئىدى. ئىلخەت ئادرىسىمنى دەپ بەرگەچكە،ياخشى ئىنگىلىزچە ماتىرياللار بولسىلا ماڭا يولاپ بىرەتتى. (.wR!l# !  
ئۇنىڭغا بولغان قىزغىن مۇئامىلەم ئارزۇ بىلەن زۇلپىيەنىڭ دىققىتىنى تارىتتى. 64<*\z_  
_يى شۇم،سەن ئۇ چىرايلىق يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قالمىغانسەن؟-دېدى ئارزۇ زۇلپىيەگە  قاش ئىتىپ تۇرۇپ r]aI=w<(f  
_يوق گەپنى قىلىمىغىنا ئاداش،بىز پەقەت ئادەتتىكى تونۇش PIoBKCJ  
_كىلە ئايدا مۇرەككەپلىشىپ كىتىمىز دىگىنە؟ ھىڭ ھىڭ ھىڭ : &~LPmJ  
بۇلارغا نىمە دەپ گەپ تىپىپ بىرىشنى بىلمىدىم. ھەر ئىككىلسىنىڭ ئوغۇل دوستى مۇشۇ مەكتەپتە بولغاچقا كەچكىچە بويتاق يۈرەمسەن دەپ كەينىمگە كىرىپلاۋالاتتى. .&8a ;Q?c  
_بىر كۈنى،_گەپ باشلىدى ئارزۇ UA*Kuad  
ئىمىنجان ئاغىنىلىرى بىلەن تۇرسا،شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى: 1xO-tIp/  
_ئاغىنە،ئاڭلىسام مەكتەپتىكى مەرھابا بىلەن يۈرىۋاپسەن،ئۇ قىزغۇ ئوماقكەن ،لىكىن دەششەت قار ئىكەنا؟ دەپتۇ $H&:R&Us  
بۇنى ئاڭلىغان ئىمىنجان تەمكىنلىك بىلەن ،ئاھ،جىنىم ئاغىنەم، سەن مەرھاباغا مىنىڭ كۆزۈم بىلەن قارىساڭ ئۇنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى كۆرەلەيسەن دەپتىكەن،باللار ھاياجانلىنىپ ھوشىدىن كىتىپتۇ ،_ دەپ دۈم يىتىپ كۈلۈشكە باشلىدى M 5`hMfg  
شۇ چاغدىلا ئىككىسى دىققەت قىلمىغاندا ئاستا يىنىمدىن كىچىك ئەينەكنى چىقىرىپ ئۆزەمگە سەپسىلىپ قارىدىم. نەدە قارا بولىمەن مەن،بۇغداي ئۆڭ دىمەمدىكىنە. بەك گۈزەللەردىن ھىساپلانمىساممۇ باشقىلار مىنى سىز بەك ئوماق دەيىتتى. ھەممىسىلا يۈز تىرىڭىز بەك چىرايلىق دەپ ھەۋەس قىلىشىپ كىتەتتى. QiJ  
ئۇ بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن. لىكىن ماڭا نىسبەتەن قانداق كۆز قاراشتا ،قىز دوستى بارمۇ-يوق مۇشۇ كەمگىچە بىلمەيىتتىم. يا ئۇنىڭغا بىرىپ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەيدىغان جۈرئەت يوق،ھەم بۇنداق دىيىشىم مۇمكىن ئەمەس. J=HN~B1  
بىر كۈنى ئۇنى مەن دائىم يالغۇز بارىدىغان  ھىلىقى چىرايلىق مەنزىرلىك جايدىكى قەھۋەخانىغا تەكلىپ قىلدىم. ئۇمۇ شۇ يەرگە دائىم بىرىپ تۇرىدىكەن. كىچىكىپ قالماي دەپ 20 مىنۇت بالدۇر بارغان بولساممۇ ئۇ تىخى كەلمەپتۇ. دىيىشكەن ۋاقىت كەلدى،بىر سائەت،ئىككى سائەتمۇ ئۆتۈپ كەتتى. لىكىن ئۇنىڭ ئىقى تۇرماق قارسىنىمۇ كۆرەلمىدىم. مىنى شۇنداق ساقلاتقىنىغا ئاچچىقىم كەلدى. ئىككى سائەتتىن ئاشقاندا ئۇنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ يوغان بىر ئاق قەغەزگە <ئىمىنجان كالۋا،ساراڭ.دۆت،قاپاق> دەپ يىزىپ شۇ خىلۋەتتىكى ئۈستەلدە قالدۇرۇپ قايتىپ كەتتىم. ئۇنىڭ كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ئۆزەمنى سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىم. BKgCuz:y  
r @ !  
,R-aO= %  
شۇ كۈنى كەچلىكى ياتاقلارغا قارايدىغان تەتەي كىچىككىنە بىر بولاقنى ئەكىرىدى. كىمدىن كەلدىكىن دەپ ئالدىراپ ئىچىپ ھەيرانلا قالدىم. ئۇششاق يۈرەك شەكىللىك شاكىلاتلار بىلەن بىر پارچە خەت بولاقنىڭ ئىچىدە تۇراتتى. ,lFp4 C  
خەتنى ئاۋايلاپ ئاچتىم: ;82?ACCP  
_مىنى كەچۈرۈڭ مەرھابا، مۇئەللىمىم تۇيۇقسىزلا چاقىرتىپتىكەن،شۇڭا ئىشىم بار دىيەلمىدىم، سىز بەك ساقلاپ كەتتىڭىز چوقۇم. سېزنى سېغىندىم سالامەت  بولۇڭ! bfy=  
77ztDQDtM  
بايقى خاپىلىقلىرىم ئاللىقاياقلارغا كەتكەن. مىنى سىغىنىپتۇ. ئۇمۇ مىنى چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ. تاتلىق خىياللار بىلەن ئۆزەمنى بەزلەپ ئۇيقۇغا كەتتىم. ھىلىمۇ ياتاقتا ھىلىقى ئىكىكسى بولۇپ قالماپتۇ، بولمىسا،،،،،،،،،، Fh|{ib  
T)',}=  
ئوقۇشۇمنىڭ ئىككىنچى يىلى پۈتۈشكىمۇ ئاز قالدى. ئىمىنجاننىڭمۇ پەقەت يەنە بىر يىللىقى قالدى. ئىككىمزنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ،مەكتەپ كارىدورىدا،قەھۋەخانىلاردا ئۇچىرشىپ قالساڭ كۈلۈمسىراپ سالاملىشىپ قويىمىز. ئۇنى ياخشى كۆرسەممۇ،ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدىن چوقۇم قىز دوستى باركەن دەپ پەرەز قىلىپ يۈرەتتى. ئىككىنچى تەتىلگە چىقىش ئالدىدا ئۇ يولدا يەپ ماڭارسىز دەپ يەنە مەن ئامراق كىچىك يۈرەك شەكىللىك شاكىلاتلارنى سوۋغا قىلدى. Cl{Ar8d}  
تەتىلنى بۇلتۇرقىدەك خوشال ئۆتكۈزۈپ مەكتەپكە ماڭار ۋاقىتتا يىقىن دوستۇم نىلوفەر <سەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىتاپتىن پارچە > دەپ كىچىككىنە ۋاراقچىغا يىزىلغان چالىقۇش رومانىنىڭ بىر بۆلىكىنى ماڭا سۇندى. &So1;RR,_M  
مەن چالىقۇشى رومانىنى بەكلا ياقتۇرىمەن .سەنمۇ شۇ جىنىم ئاداش.شۇڭا  بۇ روماندىن توۋەندىكى قۇرلارنى سوۋغا قىلماقچىمەن. @PctBS 
بۇئاخىرقى ئايرىلىش سائىتىدە ھەقىقەتنى يۇشۇرۇشنىڭ نېمەھاجىتى؟سەن ئوقۇيالمايدىغان دەپتىرىمنى پەقەت سەن ئۇچۈنلا يازدىم كامران.شۇنداق!نىمىنى دىگەن، نىمىنى يازغان بولسام ھەممىسى سەن ئۇچۇن ئىدى .خاتا قىلغىنىمنى، بەكمۇ خاتا قىلغىنىمنى بۇگۇنلا ئىقرار قىلىمەن ھىچنەرسىگە قارىمايمەن سېنىڭ بىلەن بەخىتلىك بولاتىم.شۇنداق،.ھىچنىمىگە قارىماي ياخشى كۆرۈشكەسازاۋەر ئىدىم ۋە بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدىم .لېكىن بۇمېنى قانائەتلەندۇرمىگەن ئىدى.يەنىمۇ كوپرەك، تېخىمۇ بەكرەك ياخشى كۆرسۇن، دەيتىم.مەن ياخشى كورگەنچىلىك بولسىمۇ_چۈنكى بۇنىڭ ئىمكانى يوق،_ئىشقىلىپ شۇنىڭغا يېقىن بىر ياخشى كورۇش بىلەن ياخشى كورسۇن دەيتتىم.شۇنچىلىك ياخشى كۆرۇلۇشكە ھەققىم بارمىدى؟ يوق بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن كامران.چۈنكى مەن كىچىك نادان بىر قىز ئىدىم.ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى بار،شۇنداق ئەمەسمۇ كامران؟ھالبۇكى مەن بۇلارنى زادىلا بىلمەيتتىم. سېنىڭ سىرىق گۈلۇڭ _تەنە قىلىپ ئىيتىۋاتمايمەن كامران ماڭا ئېشەنگىن.ئەگەر ئۇ سىنى بەخىتلىك قىلغان بولسا مەن ئۇنىڭ بىلەن خىيالەن يارىشىمەن_كىم بېلىدۇ،ئۇ قانچىلىك مەپتۇن قىلارلىق ئايالدۇر !كىم بىلىدۇ،ساڭا قانچىلىك يېقىملىق سۆزلەرنى ئىيتقاندۇ،قانداق چىرايلىق خەتلەرنى يازغاندۇ،مەن بولسام سېنىڭ بالىلرىڭغا، بالىلىرىمىزغا بەلكى بىر ياخشى ئانا بولغان بولاتتىم .پەقەت شۇلا. HxcL3Bh$~}  
كامران مەن سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرگىنىمنى پەقەت سېنىڭدىن ئايرلىغاندىن كىيىنلا بىلدىم. بۇنى باشقىلارنى ياخشى كۆرۇپ بېقىپ ئالغان تەجىربىلەر دەپ ئويلىما. پەقەت قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى مۇڭلۇق،ئۇمۇتسىز خىيالىرىمنى ياخشى كۆرۇشتىن بىلدىم.................. oYt 34@{?  
زەينىلەر قەبرىستانلىقىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا،تاڭ سەھەرگىچە شامال گۇكىرەپ چىققان ئۇزۇن كىچىلەردە،يولدىن ئۆتكەن ھارۋىلارنىڭ زىل قوڭغۇراقلىرى جىرىڭلىغان كەڭ دالىلاردا، سۆگەتلىك باغلارنىڭ جىگدە پۇراپ تۇرغان يوللىرىدا دائىم سېنىڭ يېنىڭدا بولدۇم.خىيالىڭ باغرىدا ياشىدىم. `csZ*$7  
ئەتە مىنى ئۆز ئەمرىگە ئالىدىغان بىچارە ئادەم مېنى ئاق گۈلدەك مەسۇم بىر قىز دەپ ئويلايدۇ، بۇ نېمە دىگەن خاتالىشىش. _uXb>V*8  
سۆيگۈ سەۋداسى ھىچقانداق بىر قىز قەلبىنى ،ۋۇجۇدىنى مېنىڭكىدەك يەكسان قىلىپ پۇچۇلدۇرمىغاندۇر،دەپ ئويلايمەن. Ez-Q'v(9  
كامران، ئەسلىدە بىز بۈگۈن بىر_بىرىمزدىن ئايرىلىمىز!مەن پەقەت بۈگۈن تەنھا قالدىم.بارلىق بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا قارىماستىن سەن قىسمەن مېنىڭكى ئىدىڭ !مەن بولسام پۇتۇن قەلبىم بىلەن سېنىڭ........................ i'4.w?OZ  
>P&1or)e%  
ئوتلۇق ئاھىم،ئاچۇرما ئاغزىمنى زىنھار، 44|tCB`  
زالىم مېنى سۆزلەتمە، قەلبىمدە نېمە بار. k ~ByICE  
بىلمەسمەنمۇ قىلمىشىڭنى.ئەيلىمە زىنھار، V)N{Fr)&  
زالىم مىنى سۆزلەتمە، قەلبىمدە نېمە بار. x5mg 
rp{|{>'`.q  
-TH MTRFz  
(6Z^0GL  
n2hV}t9O  
بۇ بىر رومان بولسىمۇ ماڭا ئەڭ ياققان،ماڭا گۈزەل ھىسلارنى ،بىر قىز قەلبىدىكى مۇھەببەت ،نەپىرەتنى ئىنىق كۆرسەتكەن رومان ئىدى. مەن خۇددى پەرىدەدەك جاھىل،لىكىن خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز مۇھەببىتىمنى ئاشكارا ئىپادە قىلىشنى بىلمەيىتتى. قىممەتلىك سوۋغامنى ئىلىپ يەنە شۇ مەكتىپىمگە قايتىپ كەلدىم. ئىمىنجان بۇ ئۇزۇن تەتىلنى ئىلمىي ماقالە يىزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ،بۇرۇنقىغا قارغاندا كۆزۈمگە ئورۇقلاپ كەتكەندەك بىلىندى،لىكىن ئۇنىڭ خۇش تەبەسسۇمى پەقەتلا ئۆزگەرمەپتۇ. ئاپام سىلىپ بەرگەن مايلىق توقاش،باشقا يىمىشلەردىن ئەكىرگىنىمدە ئۇ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى. oSC'b%  
_شۇنداق قىلىپ سالامەت كىلىۋالدىم دەڭ. چارچاپمۇ قالغانسىز ھە قاچان ،قىنى ئولتۇرڭە مەن سىزگە چاي دەملەپ بىرەي. p2{7+m  
ھەممە ئوغۇللار مۇشۇنداق كۆيۈمچان بولسا ھە ElV!C}g  
Z,A$h>Z  
ئۈگىنىش،ئۈگىنىش،يەنە ئۈگىنىش دەپتىكەن لىنىن. ئەتىراپىمدىكى خەن لەردىن چوقۇم ئىشىپ كىتىمەن دەپ ئوقۇيىتتىم،ھەم ئىشىپ كىتىۋاتاتتىم. ]f0'YLG  
ئىمىنجاننى تىخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ماڭا خۇددى سىڭلىسىدەك،قىرىندىشىدەك كۆيۈنەتتى. ھاياسىزلارچە ئەمەس،شۇنداق گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلاتتى. بۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۈرمىتىمنى تىخىمۇ ئاشۇرۇپ باردى. مانا ،ئۇنىڭ ئوقۇشى پۈتىدىغانغا نەچچە ئايلا ۋاقىت قالدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ توفىل ئىمتىھانىنى بىرىپ ئامېرىكىدىى مەلۇم ئۇنۋىرسىتتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ قويغان ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە نەتىجىسى چىقسا  بۇ يەردىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا ئامېركىغا ماڭىدىكەن. [49Cvde^  
7GYf#}N  
قەلبىمنى بىر خىل ئۈمۈتسىزلىك چۇلغىۋالغان ئىدى. كالىندارنىڭ ھەر بىر ۋارىقى يىرتىلغانسىرى، ئۇنى كۆرۈپ تۇردىغان كۈنۈم بىردىن ئازىيىپ مىڭىۋاتىدۇ. كۈندە كۆزلىرىم ياش،لىكىن بۇ ياشلارنى ھىچكىم كۆرمەيدىغان پىنھانلاردا تۆكۈپ يۈرۈيمەن. >|E]??v  
ئەمما بۇ ياشلار ئاخىرى خوشاللىق يىشىغا ئالماشتى. بىر كۈنى دەرىستىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا ئۇچىراپ قالدىم.  
_كەچتە ۋاقتىڭىز بارمۇ مەرھابا؟ 0\P5=hD)K  
_ بىرەر ئىش بارمىىدى؟ Fo.Y6/}  
_ھەئە ،ياڭاق چاقاي دىگەن! tDX& ~1s  
_ ۋۇ دۆت، ھا ھا ھا )!2@v@SQ  
_ئەمسە سائەت 7 دە مەكتەپنىڭ قەھۋەخانىسىدا ساقلايمەن 5H0qMt P  
_ماقۇل 79v+ze  
ياتاققا كىرىپلا كىيىملىرىمنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىشقا باشلىدىم. نىمىگە شۇنچلىك ھاياجانلىنىپ كەتكىنىمنى بىلىپ بولالمىغان ئارزۇ بىلەن زۇلپىيە كۆزلىرىنى پاقىرتىپ ھاڭۋىقىپ تۇرشاتتى. mWT+15\5r(  
_بولىشە،ماڭا ئەڭ يارشىدىغان كىيىمنى تاللاپ بىرىش،-دېدىممەن ھاسراپ تۇرۇپ 2/&=:,"t,B  
_ۋا خا خا خا،ئەمدى چۈشەندىم،ئىرىڭنىڭ يىنىغا بارامسەن كۆرۈشكىلى...........سەت كۈلۈشكە باشلىدى ئارزۇ NN*L3yx  
_ھەي نەدىكى ئىرىم،بولە چاپسان 1 
ئۇ ئىككىسى مىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىدى. ئۇزۇن چاچلىرىمنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ قويدى. ئۈستۈمدە تىزىمدىن سەل تۆۋەن چۈشۈپ تۇردىغان چىرايلىق پۈرمە بەللىك كۆينىكىم ،پۇتۇمدا ئىلىپ قويۇپ تىخى كىيىشكە ئۈلگۈرمىگەن پەس پاشنىىق توپلىيىم. ئۇنمىغىنىمغا قويماي، سەن قارۋاينى ھىچكىم ياراتمايدۇ دەپ يۈزۈمگە خىلىلا جىق ئۇپا سۈركىۋەتتى. 9 C[~*,qx  
توۋا مەن نىمىگە بۇنچىلا ياسىنىپ كىتىمەن ھە؟ ئۇ يا ماڭا تەلەپ قويغىلى چاقىرمىسا؟ مىڭ بىر خىياللار بىلەن قەھۋەخانىغا كىردىم، ئىمىنجان ئاللىقاچان كىرىپ بولغان بولۇپ ئۈستى-بىشىمغا ئۇزۇن قاراپ كەتتى. u cpU $+  
_بىر قىسما بولۇپ قاپتىمەنما ،-دېدىم قورۇنۇپ ^Arv6kD,  
_ياق مەرھابا،بۈگۈن باشقىچىلا چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز. YSP\+ZZ  
_رەھمەت cp`J ep 
_مەن گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن تاتلىق، سىزنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىشىم،ئۆزىڭىزمۇ بىلسىز ئوقۇشۇم پۈتىدىغانغا نەچچە ئايلا قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئىشىممۇ ھەل بولدى، بۇ يەردىكى ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ماڭىمەن، ئامىېركىدا ئىككى يىل ئوقۇيمەن. مىنىڭ ئۇ يەردىكى ئوقۇشۇم پۈتكەندە سىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈرسىز. راستىمنى ئىيىتسم سىزنى ياخشى كۆرىمەن. تۇنجى قىتىم بولۇمسىزلىق قىلىپ قەھۋەى تۆكىۋەتكەن ۋاقتىڭىزدىلا سىزگە باشقچە ئامراق بولۇپ قالدىم. شۇنچە ۋاقىتنىڭ ياقى دىسەم بولاتتى، لىكىن ئوقۇشىڭىزغا تەسىر يەتمىسۇن دىدىم. مەن سىزدىن 4 ياش چوڭ. ئەگەر مىنى چوڭكەن دىمىسىڭىز مەيلىڭىز بولسا يۈرۈپ قالايلى. مەن ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىنلا تويىمىزنى قىلساق بولىدۇ. قىپقىزىل قىزىرىپ ئايىقىم بىلەن يەرنى جىجاپ ئولتۇرغان ۋاقتىمدا قولۇمغا بىر تال ئەتىرگۈل بىلەن چىرايلىق قۇتدىن ئۈزۈك چىقىرىپ ماڭا سۇندى.ئۇنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرەتتىم. ماقۇل بولدۇم. _E C7r>V&  
X:i?gRy"  
Nf] ?hfJ  
/8l-@P. o  
Ey=2 zo^F  
ۋىسال پەيىتلىرى ئەزەلدىن قىسقا بولىدۇ. كۆڭلۈم قىيمىغان ھالدا،، يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدۇم. ئۇ ئوقۇشقا كەتكەندىن كىيىنمۇ كۈندە بولمىسىمۇ بىر نەچچە كۈندە بىر ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. دوستلىرىم ئىكىكمىزنىڭ ئىشىنى بىلگەچكە تولا مىنى تىرىكتۈرەتتى. ئوقۇشۇم پۈتتى. مەكتەپ بويچە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ پۈتتۈرگەنلىكىم ئۈچۈن مەكتەپ ئىلىپ قىلىشنى ئويلىشپتۇ.لىكىن ئىمىنجان، سىز ياخشى ئوقۇغان ئىكەنسىز چوقۇم ئوقۇغىنىڭىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغرىق ئازابىدا قىينىلۋاتقانلىرىغا ئىشلىتىىشڭىز كىرەك . ئىچكىردە قىلىپ قالماڭ دەپ قۇلىقىمغا قۇيۇپ تۇراتتى. eo]nkyYDP  
مەن ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئاتا-ئانامنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۈرۈمچدە خىزمەتكە چۈشتۈم،مەن خىزمەتكە چىقىپ ئىككى ئايدىن كىيىن ئىمىنجان ئوقۇشتىن قايىتىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ رازىلىقى بىلەن ئاددىي لىكىن شۇنداق كۆڭۈللۈك توينى ئۆتكۈزۋالدۇق. مەن بىلەن بىر يەردە ئىشلەۋاتقان ئارزۇ بىلەن زۇلپىيە تويۇمدىمۇ ھەققىيى دوستلۇقىنى يەتكۈزدى. ._rPM>B?  
ئۆزەمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم، پەقەت مىنىلا سۆيىدىغان ھەم مەن بارلىق مۇھەببىتىمنى ئاتا قىلىشقا ئەرزىيدىغان يولدىشىمنىڭ ،ئۆز خەلقى ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرغان ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئايالى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم. |=q~X}DA  
%6Gg&Y$j!  
r?DCR\Jq  
89M'klZ   
B{/og*xd*1  
;.4y@?B  
get out of my way,,,,,,,,,
don't bother me,,,,,,,,

كىچىە كۆرۈپ قالدىم سېنى يىراقتىن
كۆڭلۈم ئەسكى بولدى بىر پەس پىراقتىن.
قىسمەت باشقا،سۆيگۈ باشقا ئىكەنتۇق،
ئۆتەلمەپتۇق بىللە ئاشۇ قىرغاقتىن

چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:14 |
ئىدىرىسجان
كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2095
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 7837
شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
پۇل : 1157890 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
قوللاش: 7521 نومۇر
ئالقىش: 9162 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

نىمدا جىق؟ كىچىچە ئوقويدىغانغا تىما چىقتى
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:23 |
ئۇيغۇرشاھ
سەلكىن چولپىنى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 8017
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 980
شۆھرەت: 977 كىشىلىك
پۇل : 15 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
قوللاش: 1003 نومۇر
ئالقىش: 1218 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىمە دىگەن ياخشى مۇھەببەت ھىكايىسى......... deAV:c  
X{x(p  
بېشىڭىزدا ياڭاق چاقاتتىم......ھې ھې...تاس قاپسىز ھە پىچاق بىلەن كۆڭلەكنى تازلىغىلى.....
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:24 |
ئىدىرىسجان
كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2095
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 7837
شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
پۇل : 1157890 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
قوللاش: 7521 نومۇر
ئالقىش: 9162 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

_نىمە پاقا تەشكەن سويمىلاردەك قاراپ تۇرۇشسەن،_دېدىممەن غەزەپ بىلەن. خوش بوپ كىتىشتىڭما مېنى قار باسسا؟ ?l[#d7IB   @&G}'6vF!  
_ ۋا خا خا خا،،سېنى قانداق قار باسالايدۇ، كۆمۈردىن قارا تۇرساڭ ئۆزەڭ ،،،، Grw[h   8Ygf@*9L4  
k6"(\d9o  
ما گەپنى ئوقۇپ تازا  كۈلۈپتىمەن  <راسلا ناتىقكەنسەن> 1Du5Z9AM  
YCE *Dm  
ماڭىمۇ   قەھۋە تۆكىدىغان قىز  چىقسا  بولاتتى، قارا  بولسىمۇ مەيلىتى، تارانچى  بولسا  بولمايدۇ، XY{N"S8  
E}]=<8V  
توي قىپ بولدۇڭلار ؟ باشتا ئۇزۇندەك بىلىنىۋاتاتتى،بىردەمدە تۈگەپ كەتتىيا؟
bugra
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:34 |
nurdiyar
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22289
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 19 كىشىلىك
پۇل : 220 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
قوللاش: 21 نومۇر
ئالقىش: 28 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ياخشى مۇھەببەت ھىكايىسىكەن ،، بولوپمۇ يوللىغان رەسىملىرىڭىز بەك چىرايلىقكەن ~~!!
izdax.com
مەمەتساۋۇت
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:36 |
ئۇيغۇرشاھ
سەلكىن چولپىنى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 8017
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 980
شۆھرەت: 977 كىشىلىك
پۇل : 15 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
قوللاش: 1003 نومۇر
ئالقىش: 1218 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇ ،،،،ئىنتايىن ئۇزۇندەك كۆرۈنىدىغان قىسقا ئەسەركەن.......   
blog.salkin.cn
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:37 |
ناتىق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 88
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 196 كىشىلىك
پۇل : 6016 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇمۇر
قوللاش: 199 نومۇر
ئالقىش: 258 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىئىدىرىسجاننىڭ2008-10-24 13:34 دە يوللىغان يازمىسى   : pIlEoG=[_  
_نىمە پاقا تەشكەن سويمىلاردەك قاراپ تۇرۇشسەن،_دېدىممەن غەزەپ بىلەن. خوش بوپ كىتىشتىڭما مېنى قار باسسا؟ ?l[#d7IB   8v;^jo>ug  
_ ۋا خا خا خا،،سېنى قانداق قار باسالايدۇ، كۆمۈردىن قارا تۇرساڭ ئۆزەڭ ،،،، Grw[h   J3_aHI  
O_:l;D#i  
ما گەپنى ئوقۇپ تازا  كۈلۈپتىمەن  <راسلا ناتىقكەنسەن> @z@%vr=vX  
Nwi|>'\C  
.......
vQEV,d1  
Y 2 @8B6  
1^\w7Rew 2  
سەن ئەمەس،سىز دەڭ W$c@C02<  
V%s g+D2  
ھىلىمۇ بەك ئۇزراپ كەتتى بۇ ھىكايە
blog.salkin.cn
get out of my way,,,,,,,,,
don't bother me,,,,,,,,

كىچىە كۆرۈپ قالدىم سېنى يىراقتىن
كۆڭلۈم ئەسكى بولدى بىر پەس پىراقتىن.
قىسمەت باشقا،سۆيگۈ باشقا ئىكەنتۇق،
ئۆتەلمەپتۇق بىللە ئاشۇ قىرغاقتىن

چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:40 |
ئىدىرىسجان
كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2095
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 7837
شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
پۇل : 1157890 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
قوللاش: 7521 نومۇر
ئالقىش: 9162 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

ۋوي   <سىز>مىتىڭىز   ئەسلى؟ مەن تىخى< سەن>مىكى  دەپ قاپتىمەن ،قىزكەنسىز ئەمەسمۇ؟  مەن يازغۇچىغا قارىمايلا ئوقىۋىرىپ ئۈزۈمچىنىڭمىكى  دەپ ئويلاپ قاپتىمەن تىمىنى، ھا  ھا   ^#/FkEt7bp  
a{5SOe;;  
سىز  راسلا تارانچىما؟
blog.salkin.cn
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:43 |
ناتىق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 88
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 196 كىشىلىك
پۇل : 6016 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇمۇر
قوللاش: 199 نومۇر
ئالقىش: 258 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىئىدىرىسجاننىڭ2008-10-24 13:43 دە يوللىغان يازمىسى   : k4TWfl^}9  
ۋوي   <سىز>مىتىڭىز   ئەسلى؟ مەن تىخى< سەن>مىكى  دەپ قاپتىمەن ،قىزكەنسىز ئەمەسمۇ؟  مەن يازغۇچىغا قارىمايلا ئوقىۋىرىپ ئۈزۈمچىنىڭمىكى  دەپ ئويلاپ قاپتىمەن تىمىنى، ھا  ھا   sE1cvAw9l  
En5oi  
سىز  راسلا تارانچىما؟
oFY!NMq}:  
>.h:Y5  
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپنى ئەڭ كۆپ قىلدىغان باشقۇرغۇچى،،،، v gN!9  
c :R?da  
مەن ئۇيغۇر،،تارانچى ئەمەس ھا ھا ھا،ئارتۇق جاۋاپ لازىم ئەمەستۇ ھە،،،،،،
blog.salkin.cn
get out of my way,,,,,,,,,
don't bother me,,,,,,,,

كىچىە كۆرۈپ قالدىم سېنى يىراقتىن
كۆڭلۈم ئەسكى بولدى بىر پەس پىراقتىن.
قىسمەت باشقا،سۆيگۈ باشقا ئىكەنتۇق،
ئۆتەلمەپتۇق بىللە ئاشۇ قىرغاقتىن

چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:48 |
ئىدىرىسجان
كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2095
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 7837
شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
پۇل : 1157890 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
قوللاش: 7521 نومۇر
ئالقىش: 9162 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

مەن  دىمەكچى غولجىدىنمۇ دىمەكچى؟
blog.salkin.cn
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:50 |
ئۇيغۇرشاھ
سەلكىن چولپىنى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 8017
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 980
شۆھرەت: 977 كىشىلىك
پۇل : 15 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
قوللاش: 1003 نومۇر
ئالقىش: 1218 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون9قەۋەتتىكىناتىقنىڭ2008-10-24 13:48 دە يوللىغان يازمىسى   : \aSP7DzqQ  
;hj lRQ\  
'%$Vmf)=  
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپنى ئەڭ كۆپ قىلدىغان باشقۇرغۇچى،،،، E@VQxB7+  
Q14zc0N  
مەن ئۇيغۇر،،تارانچى ئەمەس ھا ھا ھا،ئارتۇق جاۋاپ لازىم ئەمەستۇ ھە،،،،،،
>Kgw2,y+  
 
گەپ سۆزگە دىققەت قىلايلى.... -()WTdIy  
ھېلى  بەزى بىر گەپ چۈشەنمەيدىغان كىشلىرىمىز  بار ....تارانچى بىر ئۇيغۇر ئەمەسمىكەن!!!!!!!!!!!!!!دەپ سىزگە پىچاق ئاتىدىغان...............(ياخشى نىيەتتە ئەسكەرتكەن چىراي ئىپادىسى)
blog.salkin.cn
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:52 |
ناتىق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 88
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 196 كىشىلىك
پۇل : 6016 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇمۇر
قوللاش: 199 نومۇر
ئالقىش: 258 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىئىدىرىسجاننىڭ2008-10-24 13:50 دە يوللىغان يازمىسى   : 8 063LWV  
مەن  دىمەكچى غولجىدىنمۇ دىمەكچى؟
 IuY9Q8  
n/ KO{:  
شۇنداق قايماقچى،مەن غۇلجىدىن،،،،،،
blog.salkin.cn
get out of my way,,,,,,,,,
don't bother me,,,,,,,,

كىچىە كۆرۈپ قالدىم سېنى يىراقتىن
كۆڭلۈم ئەسكى بولدى بىر پەس پىراقتىن.
قىسمەت باشقا،سۆيگۈ باشقا ئىكەنتۇق،
ئۆتەلمەپتۇق بىللە ئاشۇ قىرغاقتىن

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:53 |
ناتىق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 88
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 196 كىشىلىك
پۇل : 6016 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇمۇر
قوللاش: 199 نومۇر
ئالقىش: 258 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 172(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىئۇيغۇرشاھنىڭ2008-10-24 13:52 دە يوللىغان يازمىسى   : k|-\[Yl.  
LwB1~fF  
-m@c{&r  
گەپ سۆزگە دىققەت قىلايلى.... kk78*s {6  
ھېلى  بەزى بىر گەپ چۈشەنمەيدىغان كىشلىرىمىز  بار ....تارانچى بىر ئۇيغۇر ئەمەسمىكەن!!!!!!!!!!!!!!دەپ سىزگە پىچاق ئاتىدىغان...............(ياخشى نىيەتتە ئەسكەرتكەن چىراي ئىپادىسى)
5e7YM@ng  
8Qg{@#Wr  
دەپ قاپسىز،ئامال يوق،غۇلجىلىق تارانچى مەن *duG/?>P  
بولسا ئىككىڭلار باشقۇرغۇچى بولغاندىن كىيىن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋىتىڭلار /MtmO$ .  
باشقۇرغۇچىلىق بۇرچۇڭلارنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر،چۈنكى ئەزالار سىلەرگە ئەگىشىپ ئىنكاس يازىدۇ ئەمەسمۇ
blog.salkin.cn
get out of my way,,,,,,,,,
don't bother me,,,,,,,,

كىچىە كۆرۈپ قالدىم سېنى يىراقتىن
كۆڭلۈم ئەسكى بولدى بىر پەس پىراقتىن.
قىسمەت باشقا،سۆيگۈ باشقا ئىكەنتۇق،
ئۆتەلمەپتۇق بىللە ئاشۇ قىرغاقتىن

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:54 |
ئىدىرىسجان
كۈلۈپ ياشا،ئۆكۈنمە...
مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2095
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 7837
شۆھرەت: 10375 كىشىلىك
پۇل : 1157890 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7837 نۇمۇر
قوللاش: 7521 نومۇر
ئالقىش: 9162 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1522(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

ئازلا  قالدى  ،ئىنكاسىمدىن بىراقلا  قۇتىلىسىلەر      
blog.salkin.cn
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-24 13:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 234» Pages: ( 1/4 total )
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر


Time now is:10-25 18:40, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation