ئىختىيارىي مۇخ
بىرلىرىمىز ئەبەيدۇللا مۇھەممەتنىياز ، پەخرىدىن مۇسالار خەۋىرى ، فوتوسى: تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا توققۇز قېتىم سۇ يەتكۈزۈلۈپ ، سۇ چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى 2مىليارد 289مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ ، تارىم دەرياسى تۆۋەنكى ئىقىمىنىڭ ئېكولوگىيىلىك موھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.
1hcjSO Q#nOJ(KV ('-JY 2000-يىلى 4-ئايدىن 2007-يىلى 10-ئايغىچە ، تارىم دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمىغا توققۇز قېتىم ئېكولوگىيىلىك سۇ يەتكۈزۈلدى. سۇ قويۇپ بېرىلگەن يەرلەرنىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۆرۈنەرلىك بولدى. تارىم دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تۈرى سۇ چىقىرىلىشتىن ئىلگىرىكى توققۇز ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسى، ئۈچ ئۇرۇقداش، يەتتە تۈردىن ، نۆۋەتتىكى 12ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسى ، 26 ئۇرۇقداش ، 46 تۈرگە كۆپەيدى. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆلىمى 180كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى سۇ چىقىرىلىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بەش ھەسسىدىن كۆپرەككە يەتتى.
4)1s M=u K_K5'2dE NJNJjdD> مەنبە:تەڭرىتاغ تورى