قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 3549 قېتىم كۆرۈلدى
muslim~boy
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 17216
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 285
شۆھرەت: 2047 كىشىلىك
پۇل : 7900 سوم
تۆھپە: 535 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 632 نۇمۇر
قوللاش: 580 نومۇر
ئالقىش: 1060 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 273(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ

1
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ JL{VD /f  
SoSb+\* @h  
بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ >!1-lfa8  
ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ 1K50Z.o&@  
Q sCheHP  
ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺷﻰ: ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﺴﻰ، ﺩﯨﻠﻨﯩﯔ ﺭﺍﮬﯩﺘﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ، ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ، ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ . ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﺘﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻏﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯩﺘﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻴﻠﯩﻚ ﺗﻪﺑﺌﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺷﯘ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﺩﻩ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ، ﺗﯩﻨﭻ- ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺪﺍﺳﻰ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ، ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺧﯘﺵ ﮬﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﺩﯨﻤﺎﻏﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ:
{ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﻧﺴﻰ ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﭙﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺭ- ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ) ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ (ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ) ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ.} (ﺳﯜﺭﻩ ﺭﯗﻡ 21 - ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪﻟﺒﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ، ﺍﻟﻠﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭ- ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻨﺎﻕ- ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، ﯞﻩ ﺭﺍﮬﻪﺕ- ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ، ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻧﯧﻤﯩﺘﻰ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺧﺎﭘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﺪﯨﻦ ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ، ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﮬﻪﺕ - ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﻻﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ «ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ، ﺷﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺳﺎﻟﯩﮫ ﺋﺎﻳﺎﻝ» (ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯧﯖﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﻜﺎﮪ- ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪﺩﺭﻯ- ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ، ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ- ﺋﯩﻜﺮﺍﻣﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺷﻰ.

ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ:

ﺑﯘ، ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻼ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﻮﺭﺍ ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ، ﻻﺗﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻧﺎﺯﺍﻛﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻛﯘﺑﺎﻳﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : «ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ 4 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﻧﯩﻜﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . 1- ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 2- ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 3- ﻧﺎﻡ - ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 4- ﺩﯨﻦ- ﺩﯨﻴﺎﻧﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺳﻪﻥ ﺩﯨﻦ- ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻪﺧﺖ ﻳﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ» (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﭘﻼ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﻏﻼﺷﻤﺎﻱ ﺩﯨﻦ- ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻮﺭﺍ ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻻﻳﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﯨﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ.
ﻣﯘﻏﻪﻳﺮﻩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺷﯘﺋﺒﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ : ﻣﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻧﯩﻜﺎﮬﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﺎﯕﺎ: «ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ ؟ ﺩﯦﺪﻯ ، ﻣﻪﻥ: ﻳﺎﻕ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﺩﯦﺪﯨﻢ ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻕ ، ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ » ﺩﯦﺪﻯ. (ﻧﻪﺳﻪﺋﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﯟﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ: «ﺳﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﯟﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﯕﻤﯘ ؟» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ: ﻳﺎﻕ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ . (ﻧﻪﺳﻪﺋﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻘﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﺷﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ .
«ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﻩﻳﻤﯘ ؟ ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ». (ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)
ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ: ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻟﺪﻯ . ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ : ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﻮﯕﻠﻰ ﻳﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻤﯘ ، ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻤﯘ ، ﻗﺎﺭﺷﯩﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ» ﺩﯦﮕﻪﻥ . (ﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ، ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ، ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﺗﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮﺍﻱ، ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﻮﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺷﻰ. ﻣﯩﺠﻪﺯ- ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ، ﻗﻪﻟﺐ ﮬﯧﺴﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ، ﺋﻪﻗﻠﻰ، ﺭﻭﮬﻰ ﯞﻩ ﮬﯧﺴﻴﺎﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﺎﺱ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﻪﺗﻪﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ (ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺩﯙﯞﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯜﻝ) ﻗﯩﻠﺘﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ . ﻛﯩﻤﺪﯗﺭ ﺑﯩﺮﺳﻰ «ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺩﯙﯞﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺋﻪﺭ- ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ:

ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭ- ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﻠﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﻣﯩﺰ .
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺩﯨﻦ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﭼﻮﻗﯘﻣﻜﻰ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯜﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺳﯜﻧﺪﯗﺭﯞﺍﻟﯩﺴﻪﻥ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻳﻠﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﺴﻪﯓ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ». (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﯩﺪﻩ: « ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﯗﺳﻼﻳﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪﯓ ، ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺴﻪﻥ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﭘﯧﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺴﻪﻥ» ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﯩﺪﻩ: «ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺯﺍﺗﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯘ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺭﯗﺳﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﭘﯧﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺴﻪﻥ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺭﯗﺳﻼﻳﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺴﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯘﻧﻐﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘ». ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻮﺧﺸﯘﺗﯘﺷﻠﯩﺮﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻣﯩﺠﻪﺯ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﻜﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺭﯗﺳﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺠﻪﺯ - ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﺠﻪﺯ- ﺧﯘﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮔﺮﯨﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ، ﺋﯚﺯ ﻣﯩﺠﻪﺯ- ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﻨﻰ ﺭﯗﺳﻼﺷﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﺳﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ.
ﻗﺎﭼﺎﻧﯩﻜﻰ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ -ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻣﯩﺠﻪﺯ - ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺴﺎ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﺋﻪﻳﯩﺐ - ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ، ﺋﺎﻣﺎﻥ- ﺋﯧﺴﻪﻥ ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﯞﺍﺭﺍﯓ- ﭼﯘﺭﯗﯓ، ﺟﯧﺪﻩﻝ - ﻣﺎﺟﯩﺮﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ: «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ- ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ . ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪ ! ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪ ! ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﮬﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪ !!ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘﻻﻻﻣﯘ ؟
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﮬﻪﺟﺠﻪﺗﯘﻝ ﯞﯨﺪﺍﺩﺍ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺟﯧﻜﯩﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺟﺪﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯘﺭﺗﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺷﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﯘﺗﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﻮﻝ- ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﻪﯓ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ:
«ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﯕﻼﺭ ، ﭼﻮﻗﯘﻣﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﻠﯩﺮﯕﻼﺭﺩﯗﺭ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻼ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻳﺎﺗﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ، ﺑﻮﺵ- ﺑﻮﺵ ﺋﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺗﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ . ﺑﯩﻠﯩﺸﯖﻼﺭ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﻗﻘﯩﯖﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﯖﻼﺭ ﺷﯘﻛﻰ، ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻮﻻﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﯕﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﻰ ، ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ » (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ(
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻕ -ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻗﺘﻰ- ﺳﻮﻗﺘﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻝ- ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎﻥ:
«ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯗﺭ ». (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ(
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ: «ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ» ﺩﯦﮕﻪﻥ . (ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﯨﻨﺪﯨﻼ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ . ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:
«ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎﯕﻼﺭ (ﺳﻪﯞﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ) ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ» (ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ 19- ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﭼﻮﻗﯘﻣﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯘﺗﯘﭖ ،ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ - ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺋﻮﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺭ - ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺭﯨﺸﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﻨﯩﯔ، ﺷﺎﺧﺘﯩﻦ - ﺷﺎﺧﻘﺎ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺧﻪﺗﺘﺎﭖ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮬﻪ! «ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯓ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻯ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭ ﻗﯧﻨﻰ؟» ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﻗﯘﺗﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﯞﻩ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻲ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﯩﯔ ﻛﯜﺷﻜﯚﺭﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ، ﺷﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﯘﺗﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺭﺩ- ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﻚ ، ﺋﯩﺴﯩﻞ - ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻖ ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﻙ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﯩﻲ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ، ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻼ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯘﺭ .
ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﺟﺎﻥ- ﺩﯨﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯗ- ﺩﻩ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ - ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﻪﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻥ، ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ - ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻟﻼﻕ، ﺋﻪﻣﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻟﯟﻩ، ﺑﯩﺸﻪﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﻏﯩﻨﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ ، ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻧﯩﺴﭙﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ، ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﻯ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﺍ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺗﻪﺭﭘﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ: «ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ﺋﻪﺭ ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ». (ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)

ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭﺩﯗﺭ:

ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ، ﺧﯘﺵ - ﺧﯘﻱ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﻳﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯩﺮﺍﻱ، ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺳﺎﻻﻣﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﻪﻻ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﺳﻪﯕﻼﺭ، ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ) ﺍﻟﻠﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﺎﻙ، ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺳﺎﻻﻣﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ». (ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯘﺭ 61- ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﯞﻩ ﺑﯘ ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻏﺎ: «ﺋﻰ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯕﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﯓ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯕﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)
ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﺘﯘﺭ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﮬﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﻳﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﯘﺵ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﺩ- ﺧﯘﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺭﺍﮬﻪﺕ- ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﺴﻰ - ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ، ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯞﯨﺘﯩﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﯕﺪﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﯨﺖ - ﺋﻪﻟﻪﻡ، ﺟﺎﭘﺎ - ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ، ﻗﻮﺭﯗﻧﯘﺵ، ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﺩﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺳﯧﺨﻰ، ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ . ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﻩﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ- ﺗﺎﺭﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ، ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﭙﯩﺌﻪﺗﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ- ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﻼ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ .ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : «ﺩﻩﭖ ﺑﺎﻗﻪ! ﺳﻪﻥ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﻳﯜﺭﻩﻣﺴﻪﻥ؟» ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ: ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ! ﺩﯦﮕﻪﻥ - ﺩﻩ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎ، ﺭﻭﺯﯨﻤﯘ ﺗﯘﺗﻘﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎﻗﻤﯘ ﻳﯧﮕﯩﻦ ، ﺋﯘﺧﻼ ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ، ﺳﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ، ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﻨﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﯞﻩ ﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ .» (ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ).
ﮬﻪﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﻪﺯﺋﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺧﻪﯞﻟﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯜﺳﺘﻰ- ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﯞﻟﻪ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ: ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﯞﺍﻟﯩﺪﯗ ، ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯩﺮﻯ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﻪﺯﺋﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﺎﻳﯩﭗ «ﺳﻪﻥ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﮔﻪﻧﻤﻪﻣﺴﻪﻥ »: ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﻪﺯﺋﯘﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﻪﻻ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﻩﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: «ﺋﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺩﻩﺭﯞﯨﺸﻠﯩﻚ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯚﻟﮕﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻗﻮﺭﻗﯩﻤﻪﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﮔﻪ ﺋﻪﯓ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ .
ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻨﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ . ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻖ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﻨﻰ ﺧﺎﻻﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺸﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭙﻼ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﺭﺯ - ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺋﻪﺑﯘ ﺟﯘﮬﻪﻳﻔﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : «ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ، ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ، ﯞﻩ ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ، ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍﻧﯩﯔ ﺭﻩﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﻟﻪ ﻳﻪ! ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺭﻭﺯﯨﺪﺍﺭ ﻣﻪﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘ .ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺳﻪﻥ ﻳﯩﻤﯩﺴﻪﯓ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻳﯧﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﭘﺘﯘ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭘﺘﯘ، ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ، ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ : ﺋﯘﺧﻼ ﺩﻩﭘﺘﯘ، ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ، ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ : ﺋﯘﺧﻼ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘ . ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍ ﺋﯘﺧﻼﭘﺘﯘ . ﻛﯧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍﻏﺎ : ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭ ﺩﻩﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯘ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺩﻩﺭﺩﺍﻏﺎ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ : ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﯖﺪﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺴﯩﯖﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﯞﻩ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻕ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭ ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺋﻪﺑﯘﺩﻩﺭﺩﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ، «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺭﺍﺳﺖ ﺩﻩﭘﺘﯘ» ﺩﯦﺪﻯ.
ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ، ﺯﯦﺮﻩﻙ، ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯘﭖ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﭼﯜﻣﺪﯛﺭﯛﺷﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﻩ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ، ﻳﯘﻣﯘﺭ - ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﺪﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺟﻪﯓ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﻪ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺷﯘ ﺟﯘﻣﻠﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ، ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ : «ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻏﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﯟﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ- ﺩﻩ، ﺳﻪﯞﺩﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﻏﺎ: ﺋﺎﻟﻪ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻳﯧﮕﯩﻦ ﺩﯦﺪﯨﻢ . ﺳﻪﯞﺩﻩ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ . ﻣﻪﻥ ﺳﻪﯞﺩﻩﮔﻪ : ﻳﺎ ﺳﻪﻥ ﮬﺎﻟﯟﯨﻨﻰ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﯨﺴﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻥ ﮬﺎﻟﯟﯨﻨﻰ ﻳﯜﺯﯛﯕﮕﻪ ﺳﯘﯞﺍﻳﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪﻣﻤﯘ ﺋﯘ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﮬﺎﻟﯟﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺳﯘﯞﯨﺪﯨﻢ ، ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺳﯘﯞﺍ ﺩﯦﺪﻯ ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺳﻪﯞﺩﻩ ﮬﺎﻟﯟﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺳﯘﯞﯗﺩﻯ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮬﻪ ﺩﻩﭖ ﻛﯘﻟﯘﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ » (ﮬﻪﻳﺴﯘﻣﻰ : ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﺋﻪﺑﯘﻳﻪﺋﻼ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ)
ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺗﯘﺷﯘﺵ، ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺷﺎﺩ- ﺧﯘﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﺠﺎﻧﺎﭘﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻭﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﮔﺮﻩﺷﺘﻪ ﺑﻪﺳﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﺋﯧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﺕ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ : ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. (ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ، ﺋﻪﺑﻰ ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺵ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻛﯚﻛﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ . ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ: «ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﺴﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ، ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﺍﯓ- ﭼﯜﺭﯛﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﮕﯧﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻮﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ : ﺋﻰ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ! ﺑﯘ ﻳﺎﻗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯦﺪﻯ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯧﯖﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﻣﯜﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯚﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﺪﯨﻢ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ : ﺋﻰ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻧﺪﯨﯖﻤﯘ ؟ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻧﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﻣﻪﻥ : ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﻕ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﻧﻤﯩﺪﯨﻢ ﺩﯦﺪﯨﻢ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ (ﻧﻪﺳﻪﺋﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ «ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﮬﯘﺟﺮﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﮕﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺩﻩ ﺟﺎﻧﺒﺎﺯﻟﯩﻖ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯩﻨﻰ ﺭﯨﺪﺍﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﻣﯩﻨﻰ ﺩﻩﭘﻼ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﻳﻪﻧﻪ : ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ، ﻳﯧﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﻳﯩﻐﺎ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼﺭ ﺩﯦﺪﻯ ». (ﺷﻪﻳﺨﺎﻧﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)
ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻨﯘﺷﯘﭖ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﺩﺩﻯ - ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯚﻛﺴﻰ ﻗﺎﺭﻧﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﮬﺎﻻﻝ ﭘﺎﻳﺪﺍ- ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺋﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺩﯗﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﻛﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻛﯧﭽﯩﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜﺵ ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯧﺪﻩﻝ - ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﻏﺎ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ، ﺳﺎﻟﻤﺎﻕ ﻣﯩﺠﻪﺯ- ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻧﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﻳﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: «ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻤﻪﺗﺘﻰ ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎ ﻳﻪﻳﺘﺘﻰ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺴﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ.» (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﻡ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ : ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺮﻛﯩﻼ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ «ﺗﻪﻡ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ- ﺳﯩﺮﻛﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺗﻪﻡ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﺳﯩﺮﻛﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. (ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)
ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﺴﯘﻥ، ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻮﻗﯘﻗﺪﺍﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ !!
ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻏﯩﻤﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮﯨﺨﺎﮬﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: « ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻣﻮﻣﺎﻳﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ؟ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﯖﻼﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ؟ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ . ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮﻣﺎﻱ : ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺋﺎﻧﺎﻣﻤﯘ - ﺋﺎﺗﺎﻣﻤﯘ ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ !! ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ . ﻣﻮﻣﺎﻱ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﺑﯘ ﻣﻮﻣﺎﻳﻐﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻻﻣﺴﻪﻥ ﺩﯦﺪﻯ ؟ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﻣﺎﯕﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ «ﺋﯘ ﻣﻮﻣﺎﻱ ﺧﻪﺩﯨﭽﻪ ﺑﺎﺭﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ » ﻗﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺴﻪﻥ؟ ﺩﯦﺪﻯ (ﮬﺎﻛﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻳﺎﺟﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻮﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯘﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ، ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ - ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﯕﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﻩﺗﺘﻰ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺧﻪﺗﺘﺎﺏ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ «ﺑﯩﺰ ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ ، ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ : ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯜﻡ ﺋﯘﻣﻪﻳﻴﻪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺯﻩﻳﯩﺪﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ . ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﻗﺎﻳﻨﺎﭘﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻼﭘﻼ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ : ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻣﻐﺎ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯦﺪﻯ ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ :ﻣﻪﻥ ﮬﻪﭘﯩﺴﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ : ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺋﯜﺯﻩﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ ، ﺋﯘ :ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﺪﻯ ، ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ : ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺩﯦﺪﯨﻢ ، ﺋﯘ : ﮬﻪﺋﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯦﺪﻯ ، ﻣﻪﻥ :ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﻪﺱ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ، ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﯖﻼﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻻﻻﻣﺪﯗ ؟! ﺳﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ .« ﺳﻮﺭﯨﻤﺎ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻨﻼ ﺳﻮﺭﺍ ﺟﯘﻣﯘ ﺩﯦﺪﯨﻢ . (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ، ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ ﯞﻩ ﻧﻪﺳﻪﺋﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)
ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻓﯩﺴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ -ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻣﯧﯖﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻣﯩﻜﻰ ﻻﺯﯨﻢ . ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ، ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻟﯜﻕ ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ، ﺷﯘ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﻗﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﯘ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﺋﻪﺧﻼﻗﺪﯗﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺳﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ، ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺗﺎﻻﺵ- ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺎﻕ- ﺋﯩﺘﺘﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﻧﯘﺭﭼﺎﭼﯩﺪﯗ .

ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﺮﺩﯨﻨﺪﯗﺭ :

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻧﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ، ﺳﺎﻟﯩﮫ، ﭘﺎﻙ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﺩﯨﻨﺪﯗﺭ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﻠﯩﺮﮔﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ - ﺩﻩ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﺎﯓ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯜﻟﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﯩﻨﻰ، ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﯞﻩ ﺧﯘﻱ- ﭘﻪﻳﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﻣﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪﻟﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﻪﺭﭖ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻗﻮﯞﯗﺭﻏﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﯗﺳﻼﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯩﻨﯘﺗﻤﯘ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﮬﻮﺷﻴﺎﺭ ﺯﯦﺮﻩﻛﺪﯗﺭ :

ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯦﺮﻩﻛﺘﯘﺭﻛﻰ ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯘﺭﯗﻕ - ﺗﯘﻗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﮔﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﭖ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﺯﻩﮬﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ، ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ- ﺳﯚﺯ، ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮ -ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺷﯩﺮﯨﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﻰ -ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺭ -ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮭﺮﻯ- ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﭖ - ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺑﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺩﻩﺏ - ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰﻩﭖ ﺗﯘﺭﺳﯩﻼ، ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮔﻪﭖ- ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻻﻻﻳﺪﯗ.

ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ :

ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯗ ﺷﯘ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﯗﺭﻛﻰ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺷﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯚﻛﻤﻪﻱ ، ﺗﺎﭘﺎ- ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﻣﯘﻻﻳﯩﻤﻠﯩﻖ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺯﯦﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯓ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﺴﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.


ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ:

ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺳﺎﻟﯩﮫ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ، ﺋﯩﺴﺘﯧﺪﺍﺕ - ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﻗﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﺯﯦﺮﻩﻙ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﻪﻗﯟﺍ ﺋﯜﺯﯛﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﻐﺎﻧﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.

ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ:

ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻻﻻﻳﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﺎﯞﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺷﯘ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ- ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ : {ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﯗ ، ﺑﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ- ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﭺ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ، ﻏﺎﺯﺍﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ) ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﻝ- ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ } . (ﺳﯜﺭﻩ ﻧﺴﺎ 34 - ﺋﺎﻳﻪﺕ( ﺑﯘ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮬﻮﻗﯘﻗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ، ﺋﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ : «ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ، ﮬﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ، ﺋﯩﻤﺎﻣﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ، ﺋﻪﺭﻣﯘ ﺋﻪﮬﻠﻰ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ- ﻣﯘﻻﺯﯨﻢ ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﯩﻠﻪﺭ » . (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺋﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﻼﻱ ﭼﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﯧﮕﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺭﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯗﺭ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﯘﻥ - ﺗﺎﻣﺎﺷﺎﻧﯩﯔ، ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯚﺯ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ، ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩ ﺷﺎﻥ- ﺷﻪﺭﻩﭘﺘﻪ، ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺑﻪﺧﺖ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﺎﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ، ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻳﯘﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ: «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﺳﻪﺟﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﺴﺎﻣﺘﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﺟﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﺘﯩﻢ ». (ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﺠﻪ ﯞﻩ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ( ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ: «ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.» (ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﺠﻪ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ( ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﻜﻪﻥ، ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ، ﺋﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺷﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻳﯟﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: «ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯩﭽﻪ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ». (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ، ﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﺍﺟﯩﭙﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻐﺎ (ﭘﻪﺭﺯ ﺭﻭﺯﺍ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ) ﯞﻩ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻛﯜﺗﯜﺷﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ: «ﺋﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﯗﺧﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ ( ﻳﻪﻧﻰ ﻧﻪﭘﻠﻪ ﺭﯗﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ) ﯞﻩ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﺎﻻﻝ ﺋﻪﻣﻪﺱ». (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ) ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ، ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ -ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﻼ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯ ﺗﻮﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﻏﺪﺍﻡ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯘﻟﯟﯗﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﮔﻪﭖ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺘﻨﻪ ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ: «ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻘﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭘﯩﺘﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﯩﺪﯨﻢ » (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)
ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﻴﻠﻪ - ﻣﯩﻜﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﺘﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﻣﯘﻻﻳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﯩﻖ- ﺳﯩﭙﺎﻳﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻛﺘﯜﺭ ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ: {ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ «ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﯕﻼﺭ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﯖﻼﺭ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ،ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ (ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ)، ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ- ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﺎﻗﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﯖﻼﺭ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﮭﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻼﺭ)، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺗﮭﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺰﻧﻰ) ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻛﯜﺗﯜﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﭘﺎﺳﯩﻖ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻙ - ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ) ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.»} (ﺳﯜﺭﻩ ﺗﻪﯞﺑﻪ 24 - ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺩﻩﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯘﭼﺎ- ﻛﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ، ﭘﺎﻗﺎﻟﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ، ﻗﯩﺰﻯ، ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺩﻩ- ﺳﯩﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺏ - ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺷﻪﻙ- ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺭﻭﮬﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯜﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﺩﯗﺭ . ﺋﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﺘﯩﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻼ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮬﻪﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺎﻻﻳﺪﯗ .
ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﺩﻩﺏ -ﺋﻪﺧﻼﻕ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺋﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﻳﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺑﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ﮬﺎﯞﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ : «ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻣﯘﮬﺎﺟﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ . ﺍﻟﻠﻪﺗﻪﺋﻪﻻ : «ﺋﯘﻻﺭ ﻟﯩﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻛﺮﻩﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﭘﺴﯘﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﺠﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﻛﯚﻛﺮﻩﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﭘﺘﻰ». ﺑﯘ ﺧﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﯩﺪﻩ: «ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﮔﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺗﺘﻰ، ﭘﯜﻛﻪﻧﺠﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﺪﻯ.» ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ .
ﺳﻪﻓﯩﻴﻪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺷﻪﻳﺒﻪﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ : « ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ . ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ : ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﺘﯩﻨﻼ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻛﻪﺭﯨﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﻢ : «ﺋﯘﻻﺭ ﻟﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻛﺮﻩﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﭘﺴﯘﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻐﺎ، ﮬﻪﻣﺸﯩﺮﻟﯩﺮﮔﻪ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻳﯧﻘﯩﻦ- ﻳﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ . ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﻪﻻﻧﯩﯔ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ، ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻪﺩﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻪﺗﺘﻰ ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻏﺎ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ ﻳﯚﮔﻪﻟﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ». (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻭﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﻏﺎ ﻗﻮﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﻧﻪﺗﺘﻰ)
ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﮬﻪ! ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﺘﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﮬﻪ ! ﮬﻪﻗﻨﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪ! ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﻪﻻﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯚﺋﻤﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ . ﺷﯘﻧﺪﯨﻼ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ- ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﻠﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ- ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ :ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻯ ﺩﻩﻣﻪﺷﻖ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺗﻮﻣﯘﺯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯚﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻴﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ «ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﻮﺗﻰ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﻠﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﻩﯓ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ، ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﻴﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﭘﻼﻳﺪﯗ . ﺍﻟﻠﻪ ﻗﺎ ﻣﯩﯖﻼﭖ ﺷﯜﻛﺮﯨﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ .
ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻐﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎ ﻛﯩﻴﯩﻢ- ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﻳﯚﮔﯩﻨﯩﺸﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﺪﯗﺭ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﺪﯛﺭﮔﻪﻥ، ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺋﻪﮬﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﯘﻟﻼﺭﭼﻪ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﺘﻰ ، ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .
ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﻐﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﯩﻼ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﮔﯩﻤﯘ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﯨﺘﯩﺸﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ . ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ- ﻛﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺷﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺷﯘ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﻪﻻ ﻣﯚﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ، ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻭﺯﺍﺥ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩﻯ . ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﮬﺸﯩﺘﻰ ﺩﯨﻠﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺑﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻻﺭ (ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ) ﺧﻮﺗﯘﻥ- ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯗﺭ : {ﺋﻰ ﻣﯚﺋﯩﻤﯩﻨﻠﻪﺭ ! ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻻ- ﭼﺎﻗﺎﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﯘ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺭﻩﮬﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻝ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﯕﻼﺭ، ﺋﯘ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻧﯩﻤﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.} (ﺳﯜﺭﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﻢ 6٦-ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺷﯘ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﻜﯩﻨﺪﻩﻙ ﺋﻪﻣﯩﻠﻠﯩﺸﯩﺪﯗ .ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ، ﺗﻮﯕﻠﯩﻘﻰ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻘﻰ، ﺯﺍﻟﯩﻢ- ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﻩﮬﻪﺭﺧﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯗﺭ، ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﻪﺭ، ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻠﯩﻖ، ﺧﯘﺵ ﭘﯧﺌﯩﻞ ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ، ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯜﻟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺑﯘﺯﯗﭖ- ﭼﺎﭼﻤﺎﻱ ﺧﻪﻳﺮﻯ- ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯜﻟﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺗﺘﯘﺭ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. CryBwm  
p9{mS7R9T  
بوستان تورىدىن ئېلىندى .
تېما تەستىقلىغۇچى : ئىدىرىسجان
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-23, 07:04
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+1(karimahinim) تەقدىرلەشكە ..
  • پۇل :+30(پارتىيە) ئاللاھ ئىمان ..
  • پۇل :+10(موستافا) allah rahmat kilson al ..
  • There is no God Except Allah , and Muhammad is the Messenger of Allah
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-23 14:47 |
    gulingiz
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22978
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 150
    شۆھرەت: 169 كىشىلىك
    پۇل : 1210 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 207 نۇمۇر
    قوللاش: 178 نومۇر
    ئالقىش: 281 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىم :
    مەن ئالدى بىلەن تېمىڭىزغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. مەن ئوقۇپ بولالمىدىم، داۋاملىق ئوقۇيمەن. ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! ئىمانىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 15:20 |
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    sumrug ana uwisida
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1709
    شۆھرەت: 2568 كىشىلىك
    پۇل : 24438 سوم
    تۆھپە: 1481 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2138 نۇمۇر
    قوللاش: 1966 نومۇر
    ئالقىش: 4217 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 1684(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا رەھمەت قىلسۇن بۇ تىمىنىڭ مۇئەللىپىگە ۋە يوللىغۇچىسىغا ئاللا ئۆز تەرىپىدىن رەھمىتىگە ئىرىشكەنلەر قاتارىدا قىلسۇن....
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 15:36 |
    نۇرئىسلام.
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20036
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 226
    شۆھرەت: 226 كىشىلىك
    پۇل : 1664 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 273 نۇمۇر
    قوللاش: 248 نومۇر
    ئالقىش: 335 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 353(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    اللە رەخمەت قىلسۇن سىزگە. اللە ئىلمىڭىزنى زىيادەقىلسۇن............
    ئاللاھ بىر...
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 15:54 |
    پادېشا
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18220
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 634
    شۆھرەت: 634 كىشىلىك
    پۇل : 3214 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 633 نۇمۇر
    قوللاش: 633 نومۇر
    ئالقىش: 633 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا رەھمەت قىلسۇن ؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛تەپسىلىي  يېزىپ چىقىپسىز
    bugra
    ئابلز[[[[[[[[[[[[[[ئادەم كىشلىك ياياتنىڭ  قەدرىنى بىلىشى  كىرەككەن ]]]]]]]]]]]]]
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 15:57 |
    ئايسىمان
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16952
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 376
    شۆھرەت: 1679 كىشىلىك
    پۇل : 3299 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 544 نۇمۇر
    قوللاش: 450 نومۇر
    ئالقىش: 754 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 339(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    اللە رەخمەت قىلسۇن قىرىندىشىم .  ھەممە مۇسۇلمان  ئايالرىمىزغا  اللە   ئىمانىمىزنى  مۇستەككەم قىلسۇن ،ئازغۇنلارنىڭ يولىغا ئەمەس ، توغرا يولغا ھەم سەن  باشلىغان ئىنھان قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن اللە. ئامىن !
    izdax.com
    ئاندىن بىز سېنى ئىشىتا شەرىئەت ئۈستىدە قىلىدۇق ،شۇنىڭغا ئەگەشكىن، ھەققى بىلىمەيدىغان كىشىلەرنىڭ خاھشىلىرىغا ئەگەشمىگىن .( جاسيە18)
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 16:21 |
    قاتىل007
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20507
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 319
    شۆھرەت: 319 كىشىلىك
    پۇل : 1715 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 322 نۇمۇر
    قوللاش: 320 نومۇر
    ئالقىش: 327 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 145(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    اللە رەخمەت قىلسۇن سىزگە!
    blog.salkin.cn
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 16:48 |
    بوران
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3083
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 260
    شۆھرەت: 258 كىشىلىك
    پۇل : 2758 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 321 نۇمۇر
    قوللاش: 290 نومۇر
    ئالقىش: 397 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 283(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىڭىزغا  رەخمەت   مەن قايتا بىر ئۇڭۇيمەن
    blog.salkin.cn
    ئويغۇرلار تۇرمۇشى ئاجايىپ رەڭدار!!!!!!!!!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 17:21 |
    نادىرە5
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 21238
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 79
    شۆھرەت: 89 كىشىلىك
    پۇل : 879 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 123 نۇمۇر
    قوللاش: 101 نومۇر
    ئالقىش: 178 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاياللار ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئازغۇچىلاردۇر .ئۇلۇغ ئاللاھ دىلىمىزغا ئىنساپ بەرگەيسىز .نادىر تىمللىرىڭىز ئارقىلىق ئاياللىق گۇزەل -ئەخلاق پەزىلەتنى ساقلاپ قېلىش كىرەكلىگنى ئەسكەرتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ تەشەككۇر .
    blog.salkin.cn
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 17:52 |
    risingsun
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 18689
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 103
    شۆھرەت: 164 كىشىلىك
    پۇل : 9999 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 143 نۇمۇر
    قوللاش: 123 نومۇر
    ئالقىش: 193 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا خالىسا كىين ئوقۇيمەن   J{p1|+h%  
                                                                                     xjuN-  
    باشقىلارنىڭ ئوقىشىغا ھەم چۈشۈنىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن  بۇنىڭدىن كىينكى تىمىڭىزنىڭ قىسقىراق بولغىنى ياخشى Z58 X5"  
    ITE{@1  
    دىنى تىمىللىرىڭىزغا تەشنامىز
    blog.salkin.cn
    خىيالىڭغا دىققەت قىل ئۇ سىنىڭ ئىش ھەركىتىڭگە ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن .
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 18:06 |
    amrulla
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 22165
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 16 كىشىلىك
    پۇل : 179 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
    قوللاش: 16 نومۇر
    ئالقىش: 16 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 179(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ رەھمەت قلسۇن مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ
    blog.salkin.cn
    مۇھەببەت دوسلۇقتىن باشلىنىدۇ  ...مۇھەببەت بولسا ئىككى قەلىبنىڭ رىشتىسىدۇر....!!!   ئەمرۇللا
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 21:01 |
    ياسىجان
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23902
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 كىشىلىك
    پۇل : 105 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    قوللاش: 1 نومۇر
    ئالقىش: 1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يىزپسز 100 سۇم مۇكاپات             
    blog.salkin.cn
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 21:10 |
    موستافا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 15068
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 494
    شۆھرەت: 157 كىشىلىك
    پۇل : 2067 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 271 نۇمۇر
    قوللاش: 341 نومۇر
    ئالقىش: 336 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1573(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ رەخمەت قىلسون بەك ياخشى تېما يوللاپسىز، اللە ئەجرىڭىزنى بەرسون
    blog.salkin.cn
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 22:15 |
    زىيارەتچې
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10656
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    شۆھرەت: 46 كىشىلىك
    پۇل : 425 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    قوللاش: 45 نومۇر
    ئالقىش: 45 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 340(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!        ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئككىلى دۇنيادا ئەمىنلىك ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن!
    blog.salkin.cn
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 22:20 |
    دىلئاي
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20916
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 351
    شۆھرەت: 528 كىشىلىك
    پۇل : 2162 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 371 نۇمۇر
    قوللاش: 361 نومۇر
    ئالقىش: 396 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    اللە  رەھمەت  قىلسۇن !ياخشى   يوللاپسز .....   
    blog.salkin.cn
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-23 22:40 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر


    Time now is:10-25 19:37, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation