ئاراتۈرۈك قومۇلنىڭ ناھىيسى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20مىڭدىن ئاشىدۇ يا ئاشمايدۇ...
}x07^4$j قومۇلدا جەمئىي ئىككى ناھىيە بار. يەنە بىرى باركۆل قازاق ناھىيسى...ئاھالىسى 100يىل بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن قازاقلار ۋە خەنزۇلار...باركۆلدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار تۈزلەڭگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ يەردىكى قازاقلارمۇ قازاقىستانغا تۈركۈملەپ كۆچۈپ سانى خېلى ئازىيىپ كەتتى...بۇلتۇر باركۆل قاراغولدىن بىر قەدىمى شەھەر خارابىلىكى بايقالغان بولۇپ، دائىرىسى بەك كەڭ...تارىخى ئۇزۇنكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ھون تەڭرىقۇتىغا ، ھونلارغا ئائىت جايكەن...ھازىر قاتتىق قېزىلىۋاتىدۇ، دۇنيادا كەم ئۇچىرايدىغان،نۇرغۇنلىغان سىپتا ئىشلەنگەن ئالتۇن زىبۇ- زىنننەتلەرر چىقتى . ئاجايىپ يېرى جېجاڭدىن كەلگەن ئارخىلوگلار تېپىلغان يادىكارلىقلارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەتقىق قىلىمىز دەپ ئېلىپ كەتتى، قومۇلغا ئاز قىسمى قالدى.
LC'{p شۇ باركۆل بىلەن چىگىرىداش داڭلىق يايلاق ئاقتاش، ساياھەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىپ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراۋاتىدۇ...
B4i!/@0s ئەمدى ئاراتۈرۈك شۇنداق تەرەققىي قىلغان يەرگە ئايلىنىپ كەتسە، قومۇل شەھىرى ئىچىۋاتقان ئىۋىرغول (ئۇيغۇرغول)، تۆرۈك (تۈرك) ئامبارلىرى قۇرۇپ كەتسە، بىز سۇ مەنبەسىنى نەدىن ھەل قىلارمىز؟! ھېلىقى ئاسمان دەرياسىدىن سۇ باشلاپ كېلەرمىزمۇ؟ ياكى تەكلىماكاننىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان لوپنۇر كۆلىدىن سۇ ئالامدۇق...( بۇلار بۇ بىر نەچچە يىللار ئىچىدىكى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ نادانلارچە پەرىزى). .............مەسىلە بۇلارلا ئەمەس...
7aQc=^vaZ ئاراتۈرك ناھىيە بازىرىدىكى يەرلىك مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانلىرىمۇ بىنالىشىپ بولغىلى بىر نەچچە يىل بولۇپ قالدى...خۇددى مۇڭغۇللار كېگىز ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا...بىنا ئۆيلەردە ئاراتۈرۈككە خاس نۇرغۇن ئىشلار بىز ھېس قىلمىغان ئاساستا يوقىلىۋاتىدۇ...ئاراتۈرۈكتە سان-ساناقسىز ئۇيغۇرشار، ئۇيغۇر چوققا نامىدا ئاتالغان تاغ چوققىسى ۋە شەھەر خارابىلىرىمىز بار...ئىدى شۇلار قوغدالغان ئاساستا ئاراتۈرۈك تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ئېچىلامدۇ؟! يەرلىكلەردىن ئىشچى-خىزمەتچى ئالامدۇ؟! ئاراتۈرۈكتىكى غايەت زور قارلىقنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى توسۇيالامدۇ؟!....مۇھىت بولغۇلىنىشىنىچۇ؟
&8g?4v تەرەققىي قىلىش ياخشى ئىش، دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلسا بىزمۇ خۇش بولىمىز! لېكىن ، تەرەققىي قىلدۇق دەپ مىللىي مەدەنىيەتكە تەسىر يەتكۈسە بولمايدۇ. دۇنيا ئېكىلوگىيىسى شۇ دەرىجىدە بۇزۇلۇۋاتقان كۈنلەردە تۈركۈملەپ ئېچىلىۋاتقان كانلار مۇھىتنىڭ بۇلغۇلنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ...تەرەققىي قىلايلى! (رېنشىڭخۇا) ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلغان ئاساستا تەرەققىي قىلايلى...شۇندىلا ئىناق-ئىتپاق بولغان جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ...نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەكىزى تېلىۋىزيە قاناللىرىدا ( شۇي ۋېن ) <<سۇدىن سوراق >>پىروگىراممىس بېرىلىۋاتىدۇ، مەركەزنى بۇ ئىشلار بىلەن پەرۋايى يوق دېگىلى قەتئىي بولمايدىكەن...شۇ فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا كۆزۈمگە نەچچە قېتىم ئىسسىق ياش كەلگەنلىكىنى دەپ بېرەلمەيمەن...گەنسۇ، ئىچكى مۇڭغۇل، بېيجىڭ، شاڭخەي،شىنجاڭ، ئۈرۈمچى....ھەممىسى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ چەكسىز خىرسىغا دۇچار بولغانلىقىنى <<سۇدىن سوراق>> پىروگىراممىسىدىكى سىتاتىسكىلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋالالايمىز...
l%1!a <<دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ، بىز ئىنسانلارنىڭ كۆز يېشى بولۇپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ؟!>> رىياسەتچى بۇ گەپنى قىلغاندا يۈرىكىم ھەرقېتىم لەرزىگە كېلىدۇ...
o1h={ao راست! ئاشۇ بىر تامچە سۇ بىزنىڭ كۆز يېشىمىز بولۇپ قالمىسۇن!
[ بۇ يازما ئەركىم تەرپىدىن2008-10-22 17:45دە قايتا ت ]