مەن ئۇنى تۇنجى كورگەندە،يۇزلىرىم قىزىرىپ ھاياجاندىن نەپەسلىرىم بۇغۇلغان ئىدى،شۇندىن باشلاپ ئۇنى كورسەملا قىزىرىدىغان بۇلۇپ قالدىم،بۇ چاغدا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى ھالرەڭ ئىدى،
Q|}aR:4 بىز شۇنچىلىك سەمىمى ئىدۇخكى بىر بىرىمىزنى قەتى ئالدىماتتۇق،ھەممە نەرسە بىز ئۇچۇن شۇنداق گۇزەل ئىدى.
rdJm{< بۇ چاغدا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى ئاق ئىدى،
ZaFb*XRgS مەن توي قىلدىم ،كۇنلىرىم شۇنداى خوشال،تەبىەتنىڭ گۇزەل قوينىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇنتۇلماس چاغلىرىمنى ئوتكۇزدۇم،ئۇ مىنى سويەتتى ،باغرىغا باساتتى،بىز تەبىەتكە سىڭىپ كەتكەنتۇق،
JXiZB
8} بۇ چاغدا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى تەبىئەتنىڭ رەڭگىدە ئىدى.
,~ ?'Ef80 بىز بالىلىق بولدۇق،مۇھابىتىمىز كۇندىن كۇنگە چوڭقۇرلاشتى،لىكىن يىللار ئوتكەنسىرى،سىرىتلاردىكى ئاجايىپ رەڭلەر ئۇنى مەندىن ئاستا- ئاستا يىراقلاشتۇردى،ئۇنىڭ يولسىزلىخلىرىدى بىزار بولدۇم،باھارىم بىلەن خوشلاشتىم،كۇڭۇل ئاسمىنىمدا بۇلۇتلار لەيلەپ،ئەينى چاغلاردا ئۇ ئاشىق بولغان كوزلىرىمدىن يامغۇر تۇكۇلۇشكە باشلىدى،كوز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى،نىمە ئش بۇلۇپ كەتكىنىنىمۇ پەرىق قىلالماس بۇلۇپ قالغان ئىدىم.
_|
بۇ چاغدا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى قارا ئىدى C2]Kc{4
،ئارىدىن نەچچە باھار ئۇتۇپ كەتتى،بىر كۇنى ئۇ تۇيۇقسىز قايتىپ كەلدى،ھىچنىمە دېمىدى،پەقەت قۇچىقىمغا بېشىنى قۇيۇپ يېغلاپ تۇراتتى،لىكىن بۇ چاغدا بولسا مەندىكى مۇھابەتنىڭ رەڭگى رەڭسىز ئىدى[ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-21 20:11دە قايتا ت ]