ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !
سەلكىن تور بېكىتى ئىككى ئاي جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، 2008- يىلى 10 - ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە
سەلكىن بىلوگى سىناق نۇسقىسىنى ئېلان قىلدى ، ئېلان قىلىنىپ 10 كۈن ئىچىدە بلوگ ئىلتىماس قىلغانلار سانى 1600 گە يىتىپتۇ ، بۇ سان ھىلىھەم كۈنسىرى كۆپەيمەكتە ، بىزنى خوشال قىلىپ ، ئاز تولا ھاردۇغىمىزنى چىقىرىپ تۇرۇپتۇ.شۇنداقتىمۇ تور دۇنياسىدا بىلوگ ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى سەلكىن بىلوگىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى،ھەتتا بۇنداق بىلوگنىڭ بارلىقىنى بىل
مەيدۇ. شۇڭلاشقا تەشۋىقات ھەم مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللاپ تۇرۇپتىمىز.
سەلكىن بىلوگى ئىلتىماس قىلىش ئادىرىسى:
http://blog.salkin.cn/بىلوگ ياساشنىڭ ئەھمىيىتى:
ئۆزىڭىزنىڭ ئىككىنجى دەرىجىلىك تور نامى بار تور بېتىڭىز بولىدۇ،ئۆزىڭىز خالىغان ناخشىلارنى،ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەسىملەرنى،ئۆزىڭىز يازغان ئەسەرلەرنى بىلوگىڭىزغا ساقلىيالايسىز.باشقىلارنىڭ سىزنى
بىر قەدەم چۈشىنىشىدە كۆپ ياردىمى بولىدۇ.باشقا تور بەتلەردىن
ئىسىم ئالىمەن.بوشلۇق ئالىمەن دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنالايسىز،
بىلوگ لاھىيلەشكە كىتىدىغان تەلەپلەر:
بىلوگ باش بېتى تەمىنلىگەن ئۇسلۇپتىن باشقا قوشنا بىلوگلارنىڭ ئۆزلىرى چىقارغان ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.يان تەگلىك،ئۈستى تەگلىك رەسىمىنى چۇقۇم ئۆزىڭىز لاھىيلىشىڭىز كېرەك.
ئاز دىگەندىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىككى پارچە ئۆزىڭىز يازغان ئەسىرىڭىز بولىشى كېرەك.قانۇنغا،سىياسەتكە خىلاپ ئەسەرلەر قۇبۇل قىلىنمايدۇ.باشقا مۇنبەرگە يوللانغان،بۇرۇن يوللانغان ئەسەر بولسا بولمايدۇ،چۇقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادى ئەسىرىڭىز بولىشى كېرەك.
ئەسەرنىڭ ژانىرىغا چەك قۇيۇلمايدۇ.ئەسەرنى بىلوگىڭىز ۋە مۇنبەرگە تەڭ يوللايسىز،ھەم بىلوگىڭىز ئادىرىسى،ئەسەرنىڭ ئادىرىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلى قالدۇرۇپ قويسىز.
بوشلۇق سىغىمى ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن شەرىئەتكە،قانۇنغا خىلاپ ئەمەس ناخشىلاردىن ئۆزىڭىز تاللاپ تۇرۇپ 4 ناخشا چىقارسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر باشقا بىلوگلاردىكى ناخشىلارنى ساقلىۋالسىڭىز ئىناۋەتسىز ھىساپلىنىدۇ.
بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار:
بىرىنجى دەرىجە: بىر بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ..سەلكىن بىلوگى vip ئالاھىدە ئەزالىق ئۇنىۋانى،1000 بىلوگ تەڭگىسى،سەلكىن مۇنبىرى ئالىي ئەزالىق ئۇنىۋانى،50000 مۇنبەر تەڭگىسى.
ئالاھىدە تۆھپە مىدالى.تەشۋىقات ئەلچىسى مىدالى.ئىجادچان ئەزا مىدالى
.
ئىككىنجى دەرىجە:ئىككى بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ..سەلكىن بىلوگ vip ئالاھىدە ئەزالىق ئۇنىۋانى.500 بىلوگ تەڭگىسى.30000 مۇنبەر
پۇلى،تەشۋىقات ئەلچىسى مىدالى.
ئۈچىنچى دەرىجە:ئۈچ بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ.، سەلكىن بىلوگ vip ئالاھىدە ئەزالىق ئۇنىۋانى.200 بىلوگ تەڭگىسى،20000 مۇنبەر پۇلى ئىجادچان ئەزا مىدالى
تۆتىنجى دەرىجە: تۆت بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ.،سەلكىن بىلوگ vip ئالاھىدە ئەزالىق ئۇنىۋانى.100 بىلوگ تەڭگىسى.10000 مۇنبەر پۇلى
بەشىنجى دەرىجە: بەش بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ.،سەلكىن بىلوگ vip ئالاھىدە ئەزالىق ئۇنىۋانى،50 بىلوگ تەڭگىسى،5000 مۇنبەر پۇلى
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى:50 بىلوگ تەڭگىسى،2000 مۇنبەر پۇلى.بەش بىلوگ تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇسابىقىغە قاتنىشىش ۋاقتى:
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولىدۇ.ۋاقتى بىر ئاي
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە بارلىق لاھىيلىگۈچىلەر شۇ ۋاقىتتا ئەۋەتىلىدىغان بىلوگ تىزىملاش تېمىسى ئاستىغا ئۆزىنىڭ بىلوگىنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرىدۇ...23-چىسلادىن25-چىسلاغىچە سەلكىن،ئىشەنچ،خۇشخۇي،ئەلقۇت،ئەلئارا قاتارلىق مۇنبەر باشلىقلىرى ۋە ھەر قايسى بىلوگ ئادىرىسنى قالدۇرغان بىلوگ ئىگىللىرى شۇ تېمىغا قالدۇرۇلغان بارلىق بىلوگلارنى كۆرۈپ چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنى بېرىدۇ ۋە دەرىجىگە ئايرىپ تاللاپ چىقىرىلىدۇ.
5-چىسلا مۇنبەر يۈزى ۋە بىلوگ باش بېتىدە مۇكاپاتقا ئېرىىشكۈچىلەر ئىسىمى،بىلوگ ئادىرىسى،مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىدۇ.
ھەر قايسى ئەزالاردىن مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇلغان بىلوگلارنى باھالاشقا باھالىغۇچى تەكلىپ قىلىمىز.........
تېمىنى كۆرگەن ھەر قايسى ئەزالارنىڭ بىلوگ لاھىيلەش مۇسابىقىسىگە بولغان پىكىرى،تەلەپلىرى بولسا قۇبۇل قىلىنىدۇ..
ئەلقۇت بىلوگى تەڭگە
تېپىش ئادىرىسى:
http://blog.salkin.cn/home.asp?uid=97ئەلقۇت بىلوگى زىيارەت ئادىرسى:
http://alkut.salkin.cn/ئىشەنچ بىلوگ
ئىشەنچ بىلوگى تەڭگە تېپىش ئادىرىسى:
http://blog.salkin.cn/home.asp?uid=23ئىشەنچ بىلوگى زىيارەت ئادىرسى:
http://arzu.salkin.cn/ 
مۇسابىقىگە ھازىردىن باشلاپ قاتنىشىشنى ئويلىغانلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا بىلوگ ئادىرىسى.،تەڭگە پۇل تېپىش ئادىرىسىنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرساڭلارمۇ بولىدۇ.باشقا مۇنبەر،تور بېكەتلەردىن قىزىققۇچىلارنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ھەر قايسى مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ بىلوگلىرى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ