قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: توردىكى<قېرى بويتاقلار> ھىكايىسى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 2131 قېتىم كۆرۈلدى
parwin
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 21450
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 708 كىشىلىك
پۇل : 1035 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 187 نۇمۇر
قوللاش: 115 نومۇر
ئالقىش: 294 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 توردىكى<قېرى بويتاقلار> ھىكايىسى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلقۇت تەرپىدىن (2008-10-20)دە نادىرلاندى
[ توردىكى<قېرى بويتاقلار> ھىكايىسى





پەرۋىن  

بار دەسمى بىلەن يوق دەسمىدە تىنغۇدەك مادار يوق قەرزگە بۇغۇلۇپ ‹تاش ئورمان› غا ماكانلاشقىلى ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى يىل بۇلۇپ قالدى.نامى ئۇلۇغ،سۇپرىسى قۇرۇق بۇ مۇزلىغان تاش ئورماننىڭ كىچىككە ئۆنكۈرىگە كۆنۈپمۇ قالدۇق.بىر بىنانىڭ بىر ئىشىكىدىن كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ يات چىرايمۇ ئىللىقلىشىپ،ئۇنتۇلۇپ قالغان ‹روھسىز ھال سوراش›مۇ باشلاندى ھەم شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەھەللىنىڭ ‹داڭدار شەخس›لىرىمۇ كۈندۈلۈك پاراڭ تىزىماتىدىن ئۇرۇن ئالدى .بۇ،‹داڭدار شەخىس›نىڭ بىرسى ئۇدۇل قوشنام ھاشىمكامنىڭ يالغۇز قىزى پەرىدە ئىدى.يېشى يىگىرمە ئالتە-يىگىرمە يەتتە ياشلار چامىسىدا،شۇنداق چىرايلىق يېقىملىق قىز ئىدى. ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان بولسىمۇ لېكىن بىرەر يىگىت بىلەن ‹رەسمى› ئارلىشىپ باقمىغان(مەھەللىدىكىلەرنىڭ مەخپى ئۇچۇرى) يۈزى توۋەن قىز ئىدى.يەنە بىر ‹داڭدار شەخىس› بولسا ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئېزىز شوپۇرنىڭ چوڭ ئوغلى مەردان ئىدى.بۇ يىگىتمۇ ئىنىسىنىڭ بالىسىنى ئەركىلىتىپ ،ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئۆز خىزمىتى بىلەن ئالدىراش،ئىشتىن چۈشسە بىنانىڭ ئالدىدا ئىنىسىنىڭ بالىسىنى ئۆينۇتۇپ تەڭتۇشلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى.«يىگىت چوڭ بولسا ئۆيلەنگۈلۈك،قىز بويىغا يەتسە ياتلىق قىلغۇلۇق» . بويىغا يېتىپ ئېشىپ كەتكەن بۇ ‹قېرى بويتاق› لار خۇددى بۇ ئىشتىن بىخەۋەردەك ئۆز ئىشى بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئۇلار ئالدىرمىغان بىلەن قوشنىلار ئالدىراپ بىر-بىرسىگە شۇنداق ياراشقان ‹خۇدا قوشقان›لارنى بىر-بىرىگە چېتىپ قۇيۇشنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتى.پاراڭ ئايلىنىپ توي سۆزى كەلگەندە بۇ ئىككى ‹قېرى بويتاق›دىيىشىۋالغاندەك «قانچىنچى ئەسىر بۇ ،چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرغان ئادىمى بىلەن توي قىلىدىغان،مۇھەببەت دىگەن رومانتىك بۇلۇشى كېرەك...» دەپ يېقىن كەلتۈرمەيتى.ئەمىليەتتە ئىككىلىسى قارشى تەرەپنى ياقتۇرمايتى.ئانىسى پەرىدەگە مەرداننىڭ گېپى چىقىپ بولغىچە قىز ئانىسىنىڭ سۆزىنىڭ قاپ بىلىگىگە تىپىپلا ئۇجۇقتۇرۋەتەتتى« قارا ئانا،بويى شۇنداق ئىگىز،بەستى ئېيىقتەك ،مېڭىشى دىۋىدەك تۇرسا.ماڭا قارا مەن شۇنداق تال چىۋىقتەك نازۇك تېنىم بىلەن ...كوچىغا چىقىپ قالساممۇ خەق مازاق قىلماسمۇ...بىر ئۇرۇق ،بىر سىمىز...»مەردانمۇ دادىسىنىڭ سۆزىنىڭ بىلىگە تىپىپ.«مۇشۇ باستىم بىلەن بىر ئاۋاق قىز بىلەن توي قىلسام ...خەق نىمە دەيدۇ...ئارقىمىزدىن مازاق قىلىپ كۈلۈشەر بەلكىم...ياق بولمايدۇ...لېكىن يۈزى توۋەن ياخشى قىز ئۇ...» مەھەللىدىكى قۇلۇم-قوشنىلار ‹قېرى بويتاق›لارنىڭ بىھۇدا ئوتۇپ كېتىپ بارغان كۈنىگە ئاھ ئۇرۇپ تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىۋاتقاندا بۇ ئىككى ‹قېرى بويتاق› تور دۇنياسىنىڭ تار كوچىسىدا دوقۇرشۇپ قالدى.
مەردان سېپى ئۆزىدىن تور موللىسى ئىدى.كۈندۈزى ئىشخانىدا،ئاخشىمى ئۆيۈدە تورغا چىقىپ ئۆزىنىڭ مىڭ تەستە قۇرۇۋالغان تور بېكىتىنى باشقۇرۇپ كېتىپ باراتتى،گاھىدا كيۇ كيۇسىنى ئېچىپ تور دۇنياسىدىكى مەۋھۈم دوستلىرى بىلەن مۇڭدۇشۇپ قوياتتى.بىر كۈنى مەردانغا بىر ئۇچۇر كەلدى.ئۇچۇر ‹سۇنغان قانات›ئىسىملىك بىر تورداشدىن كەلگەن ئىدى.مەردان مىيىقىدا كۈلۈپ كۇيۇپ ‹سۇنغان قانات›ئىسىملىك تورداشنىڭ دوست بۇلۇش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئۇچۇر قايتۇردى.بىرە مىنۇت ئوتمەي ‹سۇنغان قانات›ئىسىملىك تورداشدىن ئۇچۇر كەلدى،« ئەگەر قىز بۇلۇپ قالسىڭىز مىنى ئاۋارە قىلماڭ،مەن سىزنىڭ ‹مۇز دەۋرىگە›قىزىقىپ قالدىم.»مەردان بىر كۆز يۈگۈرتۈپ ،‹سۇنغان قانات›قا ئۇچۇر يوللىدى.« مۇز دەۋرى سۇنغان قانات بىلەن دوست بۇلۇشنى خالايدۇ،سۇنغان قانىتىڭىز مۇز دەۋرىدە مۇزلاپلا قالمىسا،»قارشى تەرەپتىن ئۇچۇر كەلدى،« مۇز دەۋرىڭىزدە ئوت بارمۇ؟» مەردان قارشى تەرەپنىڭ قايتۇرغان ئۇچۇرىنى كۈرۈپ تىزدىن ئۇچۇر قايتۇردى.«ئوت پەقەت مەندىلا بار،لېكىن ئەپسۇنلانغان.پەرىزاتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمەن.».قارشى تەرەپتىن يەنە ئۇچۇر كەلدى.« سىز ساقلىغان پەرىزات مەڭگۈ كەلمەيدۇ» مەردان تور دۇنياسىدىكى بۇ تورداشنىڭ يۇمۇرستىك پىكرىگە قىزىقىپ قېلىپ ئۇچۇر قايتۇردى.« مەن پەرىزاتنىڭ چۇقۇم كېلىشىگە ئىشىنىمەن»...
‹سۇنغان قانات› پەرىدەنىڭ مۇڭداشقۇدىكى ئىسمى ئىدى.پەرىدەمۇ گاھىدا كىرىپ قوياتتى،لېكىن كيۇ كيۇسىنى ئالدىراپ ئاچمايتى.چۈنكى توردىكى مۇھەببەتنىڭ ساقتا بولدىغانلىغى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى.زىرىكىشلىكتە ‹مۇز دەۋرىنى›بىر سىناپ باقماقچى بۇلۇپ ئۇچۇر يوللىۋېدى،ئاقىۋەتتە قارشى تەرەپكە قىزىقىپ قالدى.‹مۇز دەۋرىنى›نىڭ ھەر بىر سۆزى پەرىدەنى قىزىقتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇڭدۇشۇشقا سەۋەب بولماقتا ئىدى.
بىر كۈنى كەچتە ‹مۇز دەۋرى›دىن ‹سۇنغان قانات›قا ئۇچۇر كەلدى:
ـ سىز جىبراننىڭ «سۇنغان قانات» دىگەن كىتاۋىنى ئۇقۇغانمۇ؟
ـ ئۇقۇغان،لېكىن كىتاپنى يوقۇتۇپ قويغان.
ـ ئەپسۇس،مەندە بار .سىزگە ئەۋەتىپ بېرەيمۇ؟
- سىزنى ئاۋارە قىلماي
ـ بىز دىيىشىۋالغان.بىر-بىرىمىزنىڭ ئادرىسىنى سوراشمايمىز دەپ.يەنە يادىمدىن چىقىپ قاپتۇ خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ.
ـ سىز مۇھەببەتكە قانداق قارايسىز؟
ـ ھەقىقى مۇھەببەت،ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدنى،روھىيەتنى،كىشىنىڭ رەڭ – تۈسىنى ئىگىلىۋالىدۇ،ئۇنىڭ ئىزھارى شۇ.مۇھەببەت ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى نىمەت.بۇ نىمەتكە يېتىش ئۈچۈن شۇنىڭغا لايىق كۆتۈرۈلۈش،مۇناسىپ بۇلۇش دەرىجىسىگە يېتىش كېرەك دەپ ئۆيلايمەن.
ـ ئېنىقراق دىمەمسىز؟
- مەن بىر نۇرغا ئەپسۇنلانغان،مەن شۇ نۇرنى تۇنجى قېتىم كورگەندە،ئۆزەمنى- ئۆزەم كۈرۈشكە باشلايمەن.سىزمۇ ھەم شۇ.بۇ غەلىتە نۇر ،مۇبارەك نۇر جېنىڭىزغا قاتتىق ئۇيات تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ،جان –جەھلىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى سۆزلەشكە،بىرو بىلمىگەن ئەيىپلىرىڭىزنى،يوشۇرۇن خاتالىقلىرىڭىزنى يۇيۇشقا تىرىشىسىز.تەبىئىيىتىڭىز مۇلايىملىققا تارتىدۇ.ھىلىقى نۇر دىلىڭىزنى يورۇتقانچە يورۇتۇۋېرىدۇ،بارا –بارا ئىنقىلاپ يۈز بېرىدۇ.سىزمۇ يېڭى بىر پەسىلنى كۆرەلەيسىز.شۇ مۇبارەك نۇر - مۇھەببەتتۇر .
- مىنىڭچە سىز شائېر ياكى يازغۇچى؟
ـ ياق. مەن مۇز دەۋرىدىكى پەرىزاتنى كۈتۈپ تۇرغۇچى...
- سىز كۈتۈشكە بەرداشلىق بېرەلەمسىز؟
- مەن سىزگە بىر شائېرنىڭ بىر شىئېرسىنى ھەدىيە قىلاي:
بۇ ۋاپادار يۈرۈگۈمنى
ئاسراپ دۈشمەن قەستىدىن،
يوشۇردۇم جان ئاغرىسىمۇ
سوڭەكلىرىم ئاستىغا!
...
بۇ ئىككى بويتاق مۇھەببەت توغرىسىدا خېلى ئۇزاق مۇڭداشتى.تۇن يانغانغا بىر –بىرىگە ئامانلىق تىلىشىپ مىڭ تەستە خوشلاشتى.ئەتىسى ئىشخانىدىن تورغا كىرگەن مەردان ‹سۇنغان قانات›نىڭ توردا ئىكەنلىگىنى كۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن يەنە مۇڭداشتى:
ـ توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سىزنىڭ يىگىتىڭىز بارمۇ؟
ـ تاماكا چېكىدىغان،ھاراق ئىچىدىغان،قايسى قىز ئۇچرىسا ھاڭۋېقىپ قاراپ قالىدىغان،ھەم قىزنىڭ ئارقىدىن مەرىشىپ كۈلۈشىدىغان...
ـ مەندىكى كەمچىلىكنى سىز قانداق بىلىسىز‹چاقچاق›
ـ مەن شۇنداق يىگىتلەرگە بەك ئۆچ.
ـ سىزنىڭمۇ قىز دوستتىڭىز يوقمۇ؟
ـ مەن سىزنىڭ،مىنىڭ قىز دوستتۇم بۇلۇپ قېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ـ مىنىڭ كەمچىلىگىم بەك جىق،يەنە كېلىپ مەن بەك سەت،كۆرسىڭىز قورقۇپ كېتىسىز.
- سىز مىنىڭ بەستىمدىن قورقمىسىڭىزلا مەن قورقمايمەن.
...
تاش ئورماندا بۇ ئىككى داڭدار شەخىسنى بۇرۇنقىدەك ئۇچراتماق تەس بۇلۇپ كەتكەن ئىدى،چۈنكى ئۇلار بوش ۋاقىت تاپسىلا تور ئالدىدا مۇڭدىشاتتى.مۇڭدۇشۇپ ھارمايتى.بىر –بىرىگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشتىن قورقسىمۇ ،بىر- بىرسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قۇيۇشنى خالىمايتى.مۇڭداشقانسىرى قەلب سىرلىرى ئۈنچىدەك تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۆزلىرىنىڭ بىر بىنانىڭ ئىككىنچى ھەم ئۈچۈنچى قەۋەتتە ئىكەنلىگىنى ھەرگىز بىلمەيتى.مەردان ئۇ قىزنى ئەپسۇنلانغان ئوتنى يالقۇنلۇق ئوتقا ئايلاندۇرغۇچى پەرىشتە دەپ بىلسە،پەرىدە يىگىتنى ،بىلىمى بول،ئەدەبى قابىلىيىتى چوڭقۇر،ئۆزىنى توختاتقان يىگىت دەپ چۈشۈنەتتى.
گۈزەل سىنتەبىرنىڭ بىر كۈنى مەردان قىزنى كۈرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى.قىزمۇ يىگىتنىڭ ئۆزى بىلەن بىر شەھەردە ئىكەنلىگىدىن خوش بۇلۇپ كۈرۈشۈشكە قۇشۇلدى.گەپ قانداق كۈرۈشۈشتە قالغان ئىدى.مەردان قىزغا بىر شائېرنىڭ قىسقا،ئىككى مىسرالىق شىېئرسىنى كۈرۈشۈشتىكى ئالاقە قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى.كۈرۈشۈش مەخپى بەلگىسى بەك ئاددى ئىدى. قىز بىر قۇلىدا كۈنلۈكنى كۆتۈرۋالىدۇ،يىگىت قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ‹دىلىم كارۋان› دەيدۇ.قىز ئاندىن كىيىن ‹لېۋىم مەنزىل› دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.ئورنى بولسا ياشلار باغچىسى،ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتە، يەنە كولنىڭ قېرىدىكى راۋاق تۈۋىدە.
مەردان كۈرۈشۈش نۇقتىسىغا يېرىم سائەت بالدۇر باردى.كۈرۈشىدىغان يەردىن خېلى يىراقتا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ راۋاقتىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇردى.سائەت تۆت بولاي دىگەندە بىر قىز بىر قولىدا كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ راۋاق تۈيىگە پەيدا بولدى.قىز راۋاقتىكى ئۇرۇندۇقتا ئۆلتۈرۈپ سائەتىگە قاراپ –قاراپ قوياتتى.مەردان بىر –بېسىپ-ئىككى بېسىپ راۋاق تۈۋىگە كەلدى ھەم قىزنى كۈرۈپ چۆچۇپ كەتتى.مەرداننىڭ ئالدىدا باشقا بىرسى ئەمەس پەرىدە تۇراتتى.
پەرىدە مەرداننى كۈرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى .ئىككى بويتاقنىڭ كۆزلىرى بىر- بىرسى بىلەن يەنە ئۇچراشتى.
- پەرىدە،سىز...
- ساۋاقدىشىم بىلەن كۈرۈشكىلى كەلگەن.ساقلاۋاتىمەن...
- سىزچۇ؟ مەردان.
- كۈنلۈك تۇتقان بىر قىز بىلەن كۈرۈشكىلى كەلگەن.
- سىز؟ مۇز دەۋرى...
پەرىدە كۈنلۈكىنى كۆتۈرۈپ مەردانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئۆزىنى راۋاقتىن سىرتقا ئاتتى...
ـ دىلىم كارۋان
مەردان ،ساردىن ئۈركىگەن چۆجىدەك ئۆزىنى سىرتقا ئاتقان پەرىدەنىڭ ئارقىسىغا قاراپ مەخپى بەلگىنى ئۇقۇدى...
نويابىرنىڭ قۇتلۇق بىر كۈنى تاش ئورماندا كاتتا بىر توي مەرىكىسى بولدى.بۇ توي بىر-بىرسىنى ياراتماي يۈرۈشكەن، دىۋىدەك بەستى بار مەردان بىلەن تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم بوي پەرىدەنىڭ قۇتلۇق تويى ئىدى.
تاش ئورماندا قىزىق پاراڭلار يەنە قىزىپ كەتتى ...

2008-يىل 16- سىنتەبىر شايار  

مەھەللەم:  
http://parwin.salkin.cn/
  
تېما تەستىقلىغۇچى : تۇغرۇل
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-10-20, 08:27
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ئالقىش:+10(تۇغرۇل) ياخشى ماقالە ..
  • ئەگەر پەرۋىن يازمىلىرى سىزنى زوقلاندۇرسا ،مەن سىزنى  مەھەللەمگە بېرىپ سەيلە قىلىپ كېتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سىز چوقۇم مەھەللەمدىن شاتلىققا ئېرىشالايسىز:
    http://blog.retim.cn/572677

    http://parwin.salkin.cn/
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-20 16:21 |
    تۇغرۇل
    ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ !
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18964
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1269
    شۆھرەت: 1047 كىشىلىك
    پۇل : 3107 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1105 نۇمۇر
    قوللاش: 1364 نومۇر
    ئالقىش: 1591 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 447(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك تەسىرلىك يېزىلغان  توردىكى مۇھەببەت خاتىرسى ئىكەن ، «يىگىتنىڭ سەتى يوق ، سۈگەتنىڭ  تۈزى » !!!!
    قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان،      
    ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان.
    ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزسىدىن ، كۈرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن !!!!!
    سەلكىن فوندىنى چۈشۈنۈپ باقامسىز؟
    ./read.php?tid=2118&page=e&#a
    سەلكىن فوندى پائالىيەتلىرى
    ./read.php?tid-2121.html


    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 16:33 |
    parwin
    دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


    UID نۇمۇرى : 21450
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 50
    شۆھرەت: 708 كىشىلىك
    پۇل : 1035 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 187 نۇمۇر
    قوللاش: 115 نومۇر
    ئالقىش: 294 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 98(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھىكايىنى بىزەپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.يوللاش جەھەتتە ياخشى چىقماپتۇ.خەت شەكلى بىلەن خەت رەڭگىنى تۈزەپ قۇيۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.رەخمەت.
    باشقۇرغۇچىلار جاپا چەكتىڭلەر.
    ئەگەر پەرۋىن يازمىلىرى سىزنى زوقلاندۇرسا ،مەن سىزنى  مەھەللەمگە بېرىپ سەيلە قىلىپ كېتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سىز چوقۇم مەھەللەمدىن شاتلىققا ئېرىشالايسىز:
    http://blog.retim.cn/572677

    http://parwin.salkin.cn/
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 16:54 |
    پەيلاسوپ
    سۆيۈلۈش ئۇچۇن سۆيۈش!
    ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 4045
    شۆھرەت: 3057 كىشىلىك
    پۇل : 25200 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4341 نۇمۇر
    قوللاش: 4158 نومۇر
    ئالقىش: 4470 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: سەلكىن ئەرۋاھلىرى
    توردىكى ۋاقتى : 541(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قاچان قالغان ھېكايىدۇ بۇ.....................
    ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 16:54 |
    sardar.jalal
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 21531
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 189
    شۆھرەت: 189 كىشىلىك
    پۇل : 1374 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 238 نۇمۇر
    قوللاش: 213 نومۇر
    ئالقىش: 302 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرى توي قىلىپتۇدە    .  
    bugra
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 16:56 |
    يەكەن22
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 12846
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 30 كىشىلىك
    پۇل : 395 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
    قوللاش: 45 نومۇر
    ئالقىش: 101 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى بۇلۇپتۇ.
    izdax.com
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 16:58 |
    شاھدىيار
    مۇھەببەت بايلىق ۋە مۇۋەپپىقىيە
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 50
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1389
    شۆھرەت: 3259 كىشىلىك
    پۇل : 2422 سوم
    تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1630 نۇمۇر
    قوللاش: 1486 نومۇر
    ئالقىش: 1672 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز شايارلىقلاردا چىراينى چايغا چىلاپ ئىچكىلى بولمايدۇ دېيدىغان گەپ بار ،،،،،، ھى ھى ،،،، چىراي نۆۋەتنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا ،،،،، ئەڭ مۇھىمى ئەخلاق پەزىلەت ،، مېھىر ۋاپا ،،،،
    blog.salkin.cn
    http://xj.12530.com:8080/AL/630/515/0/0000/0004/581.wav
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 17:08 |
    دۇرۇس
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22353
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 301
    شۆھرەت: 302 كىشىلىك
    پۇل : 1649 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 308 نۇمۇر
    قوللاش: 304 نومۇر
    ئالقىش: 318 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى : (ئۇيغۇرشاھ)
    پۇچەك ئىنكاس ياكى تېما
    رەخمەت
    blog.salkin.cn
    [/color]ئالتۇن  زىبۇ -زىننەت  بويۇملىرنى  ئالسىڭىز   ياكى ساتسىڭىز ماڭا  تىلىپۇن  قىلىڭ  
    tlp:13325545442            0991  6132323            
    مەنزىل ئۈرۈمچى دۇرۇس زەگەر خانىسى .[color=#FF0000]
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 17:34 |
    otyak
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 23249
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 137
    شۆھرەت: 155 كىشىلىك
    پۇل : 2525 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 283 نۇمۇر
    قوللاش: 207 نومۇر
    ئالقىش: 390 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 79(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ھىكايە تەبى چىقىپتۇ. چ چ دىكى كىشىلەر ئاشۇنداق كۆرىشىدىكەن-دە ! ؟
    blog.salkin.cn
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 17:39 |
    كارتون
    شۈكرى قىل !
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 2429
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 699
    شۆھرەت: 746 كىشىلىك
    پۇل : 1004475 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 708 نۇمۇر
    قوللاش: 712 نومۇر
    ئالقىش: 723 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 722(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنىڭ باش پىرسۇناژ قىلىۋىتىپسىزىغۇ دوستۇم ~!
    ئىسمىم مەردان بولغاچقىمىكىن خۇددى بۇ ھىكايىدىكى مەرداننى دەل ئۆزۇمدەك ھسىل قىلىپ قالدىم.
    blog.salkin.cn
    ياخشىلىققا -ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى،يامانلىققا-ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 18:02 |
    پادېشا
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18220
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 634
    شۆھرەت: 634 كىشىلىك
    پۇل : 3214 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 633 نۇمۇر
    قوللاش: 633 نومۇر
    ئالقىش: 633 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      بەك ياخشى  ھىكايىكەن
    blog.salkin.cn
    ئابلز[[[[[[[[[[[[[[ئادەم كىشلىك ياياتنىڭ  قەدرىنى بىلىشى  كىرەككەن ]]]]]]]]]]]]]
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 18:27 |
    مەلىكەبانۇ
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 14313
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 719
    شۆھرەت: 694 كىشىلىك
    پۇل : 3855 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 709 نۇمۇر
    قوللاش: 733 نومۇر
    ئالقىش: 789 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 680(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى چىقىپتۇ بۇ ھېكايە ھەم بەك تەبىئىي  
    blog.salkin.cn
    مەن مىللىتىمنىڭ يۈكسىلىشىگە ئىشىنىمەن.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 18:34 |
    مەھۋىيە111
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 18445
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 266
    شۆھرەت: 316 كىشىلىك
    پۇل : 1470 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 288 نۇمۇر
    قوللاش: 276 نومۇر
    ئالقىش: 321 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 958(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاجايىپ ھە؟  تۇر دۇنياسىدا ماڭا ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا شۇنداق ياخشى ئەخلاقلىق ، بىلىنىدۇ
    blog.salkin.cn
    بىر كۆرۈشنى ئىستەيمەن لېكىن،
                    مەۋجۇتلىقىڭ قېينايدۇ مېنى
                            سۆيمەيمەن، سۆيەلمەيمەن ھەم،
                                        سەن بولغاچقا سەندىن باشقىنى.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 19:29 |
    ئۇيغۇرشاھ
    سەلكىن چولپىنى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 980
    شۆھرەت: 977 كىشىلىك
    پۇل : 15 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1138 نۇمۇر
    قوللاش: 1003 نومۇر
    ئالقىش: 1218 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    پەيزى يېزىۋېتىپسىز بۇ ھىكايىنىمۇ...مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دەڭ.......
    blog.salkin.cn
    باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!!!!!!!!!!!!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!!!!!!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 19:33 |
    مەڭلىك
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 7763
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 114
    شۆھرەت: 114 كىشىلىك
    پۇل : 403 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
    قوللاش: 113 نومۇر
    ئالقىش: 113 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوخخو  ..........  يازغۇچىلار  كۇندىن كۇنگە كوپىيۋاتىدىغۇ  مۇنبەردە  .    ياخشى  يېزىپسىز  .  تىرىشىڭ .
    blog.salkin.cn
    مەڭلىك
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-20 20:04 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە - پوۋسىتلار


    Time now is:10-25 19:36, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation