زىئونىزىم ۋە يەھۇ
دىلارنىڭ ئىستىقبالى
@3Nvf}He +AkMU|6 SUaXm#9 زىئونىزىم(Zionism) دىگىنىمىز يەھۇدىلارنىڭ زىئون(Zion) غا قايتىشى ۋە ئۇنى قايتا قۇرۇش ھەرىكىتىدۇر.زىئونىزىمچىلارغا نىسبەتەن زىئون دەل ھازىرقى ئىسرائىلىيەدۇر!(Eretz Israel) شۇ ۋەجىدىن زىئونىزىمچىلار يەھۇدى مىللەتچىلىرى ياكى يەنىمۇ تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەھۇدى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىلىرى دەپ قارىلىدۇ.1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى ئاشۇ يەھۇدى دۆلىتىنىڭ بارلىققا كىلىشىمۇ،دەل شۇ زىئونچىلارنىڭ غەلىبىسىدۇر.ھالبۇكى ھازىرقى دۇنيا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەھنىسىدە،يەھۇدى مىللىتى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتى نۇرغۇن جەھەتلەردە غايەت زور تەسىر كۆرسەتمەكتە.شۇڭا زىئونىزىمنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىنى تەتقىق قىلىش ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدى مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە!تۆۋەندە بۇ توغرىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي: 586lN22xM
1.زىئونىزىمنىڭ دىنىي يىلتىزى a[hQ<@1O
ھەممىگە مەلۇمكى،يەھۇدىلار ناھايىتى ئالاھىدە بىر مىللەت.ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇھىم شەكلى دەل ئۇلارنىڭ ئېتىقادى يەھۇدى دىنىدۇر.بۇ دىن يەھۇدى جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر باسقۇچلىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن بولۇپ،ئۇنى چۈشەنگەندىلا يەھۇدى مىللىتى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.بۇ دىن تارىختا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن،بەلكى يەنە دۇنيادىكى مۇھىم دىنلاردىن خىرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام دىنلىرىغىمۇ مۇھىم ئالاقىسى بار.يەھۇدى دىنىنىڭ «ئىبرايلار ئىنجىلى»(بۇ يەردىكى كىتاب بەلكىم تەۋرات ياكى زەبۇر بولۇشى مۇمكىن.) دەل خىرىستىيان دىنىدىكى ئىنجىلنىڭ بىر قىسىمىدۇر.شۇڭا يەھۇدى دىنىنى تەتقىق قىلىش يەھۇدى مىللىتى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە دائىر بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن،يەنە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ،جۈملىدىن غەرپ مەدەنىيەت تارىخىنى چۈشىنىشكە پايدىلىق. QQW]j;'~
يەھۇدىلارنىڭ تارىخىغا قارىساق،ناھايىتى روشەنكى ئۇلارنىڭ تارىخىغا ئىككىلا ئۇقۇم مۇجەسسەملەنگەن،يەنى قېچىش (galut) ۋە قايتىش(geulah). ئىسرائىلىيەلىكلەر ئىلاھ تاللىغان مىللەت دەپ قارىلىپ،ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم ئەلەيھىسالامدىن مۇسا، داۋۇت ،ئەيسا ئەلەيھىسالامغىچە،پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم ئەھدى تۈزۈشكەن.يەنى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ،بىرلا ئىلاھقا چوقۇنۇپ،ئىلاھنىڭ نەزەرىدىكى توغرا ئىشلارنى قىلغاندا ئىلاھ ئۇلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ،ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن،ئىلاھ ئۇلارنى جازالايدۇ.ئەمما يەھۇدىلار غەيرىگە چوقۇنۇپ،ئىلاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى جىق قىلغاچقا،ئىلاھ ئۇلارنى جازالىغان.داۋۇت ئەلەيھىسالامنىڭ نۇسرەتلىك خان تاجى ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسالامغا ئۇلىشىپلا،ئىسرائىلىيە ئىككىگە پارچىلىنىپ كەتكەن.پارچىلانغاندىن كىيىنكى ئىسرائىلىيەلىكلەر ئىلاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان قىلمىشلىرىنى يەنە داۋام ئېتىۋەرگەن،شۇڭا پارچىلانغاندىن كىيىنكى شىمالى دۆلەت(ئىسرائىلىيە زىمىنى) ۋە جەنۇبى دۆلەت (يەھۇدى زىمىنى) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 722 يىلى ۋە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 586-يىللىرى ياسۇن ئىمپىرىيىسى ۋە بابىلۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىدا ھالاك بولغان.شۇنىڭدىن كىيىن،ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۆز زىمىنىدىن ھەيدىلىپ،سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان.مانا بۇ تارىختىكى بىرىنچى قىتىملىق سۈرگۈندۇر.(Diaspora) بۇنىڭدىن كىيىن (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 538-يىلى) نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر يەنە ئىسرائىلىيەگە قايتىشقا باشلىغان،گەرچە ئۇ چاغدىكى ئىسرائىلىيە بىر مۇستەقىل دۆلەت بولمىسىمۇ،نۇرغۇن قېتىم گىرىتسىيە ۋە رىم ئېمپىرىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان بولسىمۇ،ئەمما نۇرغۇنلىغان يەھۇدىلار يەنىلا بىر قەدەر مۇستەقىل بولغان ئاپتونومىيە شەكلىدە ئىدارە قىلىنغان.ھەتتا بىر مەزگىل قوشۇمچە دۆلەت دەرىجىسىگىمۇ كۆتۈرۈلگەن.«Hasmoneanسۇلالىسى». ئەمما نۇرغۇن قېتىملاپ باستۇرۇلۇش نەتىجىسىدە،ئىسرائىلىيەلىكلەر دۇنياغا تارقىلىپ كەتكەن.ئەيسا پەيغەمبەر مىلادى 70-يىلى كىرستقا مىقلانغاندىن كىيىن،ئەڭ چوڭ كۆلەملىك سۈرگۈن قىلىش گىرىتسىيە ئىمپىراتورلۇق مەزگىلىدە يۈز بەرگەن بولۇپ،ئېرۇسالىم ۋەيران قىلىنغاندىن كىيىن،ياھۇدىلار ئاساسى جەھەتتىن پەلەستىندىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ،ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كىيىنلا يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. 2|:x_rcj
«ئىبراي ئىنجىلى»دا، «زىئون»نىڭ نەچچە قاتلاملىق مەنىسى بېرىلگەن بولۇپ،سۇلايمان پەيغەمبەر ئىلاھىي قەسىر سالدۇرغان تاغ كۆزدە تۇتۇلىدۇ.يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا،ئىرۇسالىمنى كۆزدە تۇتىدۇ.ئەمما كۆپلىگەن چاغلاردا پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زىمىنىنى كۆزدە تۇتىدۇ.تارىخى ئابىدىلەرگە ئاساسلانغاندا،داۋۇت ئەلەيھىسالام ۋە سۇلايمان ئەلەھىسالامنىڭ دەۋرىدىلا،«زىئون»ئىسرائىلىيەنىڭ مىللىي نىشانىسىغا ئايلانغان.يەھۇدى دىنىدا «زىئون»نىڭ 3 خىل مەنىسى شەرھىلەنگەن. 0s o27k
1.پەرۋەردىگارنىڭ نۇر شەپقىتىگە،پاكلىق،ئادىللىق،ئىشەنچ-ئادالەت،ۋە غەلىبىگە ۋەكىللىك قىلىنغان. !v?WyGbUg
2.ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە داۋۇت ئەلەيھىسالامنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاللانغانلىقىغا،ئىلاھىي قەسىر سېلىشقا تاللانغان جايغا ۋەكىللىك قىلىنىغان. dW}m44X
3.پەرۋەردىگارنىڭ نۇرى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن،دۇنياغا مەڭگۈلۈك تىنچلىق بارلىققا كىلىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. h $2lO^
g$9EI\a
ئەمما ئىلاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچىراپ،ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدى دۆلىتى مۇنقەرز قىلىنغان،داۋۇت ئەلەيھىسالامنىڭ شان-شۆھرىتى ئاياغلاشقان مەزگىلدە،«زىئون»ئىسرائىلىيىلىكلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغان روشەن شۇئارغا ئايلانغان،ئىرۇسالىم شەھىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كىلەچىكى توغرىسىدىكى زىدىيەتلەرنىڭ ئىپادىسگە ئايلانغان.ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەر غەيرى بۇتلارغا چوقۇنىدىغان،گۇناھلارغا چوڭقۇر پاتقان ئىسرائىلىيە خەلقىنى ھەقكە دەۋەت قىلغان.ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ يەر يۈزىگە قايتا چۈشۈپ،قىيامەت بولىدىغىنىدىن بىشارەت بېرىلگەن. bd[%=5
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،يەھۇدى راببىلىرىنىڭ رىۋايەتلىرىدە،«زىئون»ناھايىتى بۇرۇنلا «ئاسمانىي زىئون»ۋە «تۇپراقىي زىئون»دەپ ئايرىلغان.يەنى «ئاسمانىي ئىرۇسالىم»ۋە «تۇپراقىي ئىرۇسالىم»دۇر.بىر قەدەر كونسىرۋاتىپ يەھۇدىلار «ئاسمانىي ئىرۇسالىم» غا ئىشىنىدۇ،دىنىي مىھرىبانلىقنى نىشان قىلىپ،يەھۇدىلارنىڭ قوتۇلدۇرۇلۇشىنى تەرغىپ قىلىشىدۇ.بۇ خىل كۆز قاراشتىكى يەھۇدىلارنىڭ ۋەكىلى فارىسې(Pharisees) يەھۇدىلىرىدۇ.بىر قەدەر رادىكال يەھۇدىلار بولسا «تۇپراقىي ئىرۇسالىم»غا ئىشىنىدۇ.بۇنداق يەھۇدىلار سىياسىي نىشاننى كۆزدە تۇتىدۇ،ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئىلاھ ئۇلارنىڭ يەر يۈزىىدىكى سىياسى ھوقوق ئىمتىيازلىرىنى ۋە غەلىبىسىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ،بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ۋەكىلى يېڭى دەۋىردىكى سادۇسېس (Sadducees) يەھۇدىلىرىدۇر.ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مۇھىمى يەر يۈزىدىكى سىياسىي گۈللىنىشتۇر.يەنە بىر رادىكال يەھۇدىلارنىڭ ۋەكىلى زېئولوتلار(Zealots) بولۇپ،ئۇلار قارشىلىق ئارقىلىق رىم ئىمپىرىيىسىدىن ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ گۈللىنىشىنى تالاشقان.گەرچە ھازىرقى يەھۇدى راببىلىرى زىئوننى ئىككىگە بۆلۈنگەن دەپ قارىمىسىمۇ،يەنە كىلىپ ئىرۇسالىم مىلادى 70-يىلى ۋەيران قىلىنغاندىن كىيىن،سادۇسىس يەھۇدىلىرىنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ ۋارىسى ئۈزۈلگەن.پەقەتلا فارىسې يەھۇدىلىرىنىڭلا نەزەرىيىسى ساقلىنىپ قالغان.ئەمما ھازىرقى نۇرغۇن زىئونىزىمچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى،ماھىيەتتە سادۇسىس يەھۇدىي ئىدىيىسىنىڭ قايتا تىرىلىشىدۇر. Rt3/dw(p
~xakz BE
2.ھازىرقى زامان زىئونىزىمىنىڭ تەرەققىياتى =,G^GMi'
ھازىرقى زامان زىئونىزىمىنىڭ باشلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى Theodor Herzl بولۇپ،ئۇنىڭ يازغان «Judenstaat»دىگەن كىتابىنىڭ كىرىش سۆزىدە :«مېنىڭ بۇ كىتابىمدا شەرھىلىگىنىم،ماھىيەت جەھەتتە ناھايىتى قەدىمى بىر كۆز قاراشتۇر»دىيىلگەن. دەرۋەقە،يۇقۇرىقى يازمىدىن بىز شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى،يەھۇدىلارنىڭ تارىخى مانا مۇشۇنداق خىلمۇ-خىل زىئونغا قايتۇرۇش ئىرادە-ئارزۇلىرى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەن.Herzl قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى يەھۇدىلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى،ئۇلار ئىلگىرىكى يەھۇدى ئىدىيىلىرىنى بىر خىل ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان. Z;[f,Oj
ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىللىرىدىن باشلاپلا،بەزى يەھۇدىلار ئۆزىنى مەسىھ(Messiah) دەپ ئاتىۋىلىپ،ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ زىئونغا قايتىشىنى تەرغىپ قىلغان.ھازىرقى زامان زىئونىزىمچىلىرىنىڭ بىخلىرى 18-ئەسرىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ياۋروپانىڭ ئاقارتىش ھەركىتىدە باشلانغان بولۇپ،ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامرىكىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مىللىي ھەركىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن،شۇ جايلاردا ياشاۋاتقان يەھۇدىلارمۇ ئازات بولۇشقا باشلىغان،ھەمدە قانونلۇق پۇقراۋىي ئورۇنغا ئېرىشكەن،شۇنداقلا دۆلەت ھاكىمىيىتىگە ئارىلىشىشقا باشلىغان.ئەمما بۇ يۈزلىنىشلەر زىدىيەتنىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتكەن بولۇپ،بۇنىڭ بىلەن بارا -بارا ئاتالمىش«يەھۇدىلار مەسىلىسى»كىلىپ چىققان.بۇنىڭ ماھىيەت جەھەتتە ئىككى خىل مەنىسى بولۇپ،بىر تەرەپتىن «يەھۇدىلارنىڭ مەسىلىسى»بولۇپ،يەھۇدىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغاچقا،تۇرغان مۇھىت ۋە روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان،يەنە بىر تەرەپتىن بولسا «يەھۇدى دىنىنىڭ مەسىلىسى »بولۇپ،يەھۇدى دىنىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئۆزلۈكىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىدۇر.بىر قىسىم رابىلاردىن JudahAlkalai، رابى Zvi Hirsch Kalischer ۋە سوتسىيالىست Moses Hess قاتارلىقلار زىئوننى «يەھۇدى مەسىلىسى»نى ھەل قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە دەپ قاراشقان.ھەمدە ئۇنىڭغا ئىجتىمائىي ئامىللارنى قوشقان.مەسىلەن 1881-يىلى چارپادىشا Tsar Alexander يەھۇدىلارنى زور قىرغىن قىلغان بولۇپ،بۇنىڭ تەسىرىدە يەھۇدىلارنى زىئونغا قايتۇرۇش دولقۇنى قوزغۇلۇپ،«زىئون مۇھەببىتى»(Hibbat Zion) قاتارلىق مىللىي ھەرىكەتلەر بارلىققا كىلىشكە باشلىغان. vD3j(d
زىئونىزىمنى ھەقىقىي ھالدا بىر دۇنياۋى خاراكتىرلىق سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغۇچى ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىر Herzl بولۇپ،ئۇ 1897-يىلى ئاۋغۇستتا شىۋىتسارىيەنىڭ Basel شەھىرىدە بىر قېتىملىق زىئونىزىم يىغىنى ئېچىپ،شۇنىڭدىن كىيىنكى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئاچقان.1901-يىلغا كەلگەندىلا ھەر 2 يىلدا بىر ئېچىلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن.1904-يىلى Herzlئۆلگەندىن كىيىن،زىئونىزىمنىڭ مەركىزى بىر نەچچە يەرگە يۆتكەلگەن،ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ،زىئونىزىمچى Chaim Weizmannبىلەن Nahum Sokolow 1917-يىلى 12-نويابىر «Balfourخىتابنامىسى»نى جاكارلىغان.بۇ خىتابنامىدا پەلەستىندا يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇش توغرىلىق قوللاشقا ئېرىشكەن.زىئونىزىمچىلار مۇشۇ ۋاقىتتىمۇ نۇرغۇن ئېقىملارغا بۆلۈنگەن بولۇپ،ئاخىرىدا ئاساسەن بىر قاراشقا كەلگەن.يەنى يەھۇدىلار دىنىي جەھەتتىلا ئەمەس،دۆلەت سىياسىتىدىمۇ ئايرىم،ئالاھىدە كوللىكتىپتۇر. يەھۇدى مەسىلىسىنى ئانالىز قىلغاندا،زىئونىزىمچىلارنىڭ قارىشىچە،يەسۇدىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا چېچىلىپ يۈرۈشى ياخشى ئىش ئەمەس،بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدە(ياكى باشقا جايدا) ئۆزىنى مۇستەقىل ئىدارە قىلىدىغان يەر قۇرۇلۇشى كېرەك.ماھىيەتتە بۇ مەقسەتكە بىر قاتار دىپلوماتىيە ۋە نوقتىلىق ئاھالىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ۋە يەھۇدىلارنىڭ دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ قايتا تىرىلىشى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. '
i<}/l
گەرچە زىئونىزىمچىلار ئارىسىدا ھازىرمۇ نۇرغۇن ئىختىلاپلار بولسىمۇ،يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىن زىمىنىغا قايتىش ئېقىمى توختاپ قالمىدى،ئەكىسچە كۆچەيدى.بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى 12 يىل مابەينىدە(1933-1945)گېتلىر يەھۇدى زىمىنلىرىدا قانلىق قىرغىن پەيدا قىلىپ،يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگە قايتىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.1914-يىلى پەلەستىندە تەخمىنەن ئاتمىش مىڭ يەھۇدى بولۇپ،1939-يىلغا بارغاندا 440مىڭغا يەتكەن.1948 -يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندا بولسا،650 مىڭغا يەتكەن.پەلەستىندىكى يەھۇدىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،شۇ يەردىكى ئەرەپلەر بىلەن توقۇنۇشمۇ بارغانسىرى ئەۋج ئالغان.بۇ مەسىلە 1947 -يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،شۇ يىلى نويابىردا پەلەستىنلىكلەر ۋە يەھۇدىلارغا ئايرىم ئاپتونومىيە رايونى بېرىش توغرلىق قارار ماقۇللانغان.ئەمما ئەرەپلەر ۋە يەھۇدىلار بۇنىڭغا قارشى چىقىپ،ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىئوردانىيە،مىسىر،ئالجىرىيە،لىۋان ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ھەركەت قوللانغان.ھالبۇكى 1949-يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا،ئىسرائىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەلگىلەپ بەرگەن زىمىندىنمۇ چوڭ يەرگە ئېرىشكەن.شۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر نەچچە قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتىلىغان بولۇپ،تېخى يېقىندىلا ئىسرائىلىيە بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپچىلىك ئەرەب ئەللىرى بىلەن تىنچلىق كىلىشىمى ئىمزالىدى. W'}^m*F
3.زىئونىزىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بولغان تەسىرى st-I7K\v
ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى يەھۇدىلار ئۈچۈن،بولۇپمۇ زىئونىزىمچىلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.يەھۇدىلار ئىقتىساد،ئىجتىمائىي،سىياسىي،مەدەنىييەت ھەتتاكى ھىسيات ۋە مىللىي ئىپتخارلىق جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.ھالبۇكى زىئونىزىمچىلار ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئاخىرقى نىشان قىلغان ئەمەس!ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى سۈرگۈن(Tefutzah)ۋە قايتىش (Diaspora) نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. .$N8cYu0
يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك،زىئونىزىم باشلانغاندىن تارتىپلا دىنىي ئاخىرەتچىلىك تەرغىباتىدىن ۋاز كەچكىنى يوق.كىلاسسىك زىئونىزىمدا تەلەپ قىلىنىدىغىنى يەھۇدىلارنىڭ ئىجتىمائىي،مەدەنىيەت،سىياسىي تەرەپلەردىكى ئومومىيۈزلۈك گۈللىنىشىدۇر.شۇڭا ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشنىى زىئونىزىمىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى دىگەندىن كۆرە،زىئونىزىم تەرەققىياتىدىكى بىر مۇھىم باشقۇچ دىگەن تۈزۈك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،يەھۇدىلار غەرپ ئەللىرىدە مۇتلەق جىسمانىي ئەركىنلىك ۋە ھوقوققا ئىگە بولسىمۇ،بۇ مۇكەممەل يەھۇدى مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئەكسچە يەھۇدى مەدەنىيىتىمۇ باشقا مەددەنىيەتلەر تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيە قىلىنىش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ.شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،زىئوزنىزىمچىلارغا نىسبەتەن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ ئۆزى سۈرگۈن قىلىنىشتۇر. 4$MV]ldUI
شۇڭا ھازىرقى ئاتالمىش زىئونىزىم نەزەرىيەسىدە،بۇ خىل يەھۇدى قاراشلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىلارنىڭ قۇبۇل قىلىشى ناتايىن.شۇڭا زىئونىزىمچىلارنىڭ نىشانغا يىتىشى ئۈچۈن،يەھۇدى مائارىپى ۋە كەشپىياتىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىشتۇر.بۇ خىل ئاساس ھەم ياھۇدى مەدەنىيەتىگە ۋارسلىق قىلىشقا پايدىلىق،ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى،زىئونىزىم باشقا كونسىرۋاتىپ ئېقىملارغا ئوخشاشلا يەھۇدى دىنىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان.زىئونىزىم سىياسى مەقسەتلىرىگە يەتكەن بولسىمۇ،ئىلاھىي جەھەتتىكى ۋەزىپىسى تېخى ئورۇندالغىنى يوق،شۇنداق دىيەلەيمىزكى،ھازىرقى زامان زىئونىزىمى تارىختىكى سادۇسېس لارنىڭ گۈللىنىشىنىڭ بىر باشلىنىشىدۇر.پايدىلانغان ماتىرىياللار:
t>%+[7?6 1. «ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەتقىقاتى»،1997
;noZmPa 2. «Zionism in Transition»،Arno,1980
B
f"L;L 3.«The Rise and Fall of Jewish Nationalism»،Doubleday,1992
DA9f\q 4. «The Anchor Bible Dictionary»،Doubleday،1992
9
gWqs' 5. «A History of Israel»،Alfred A Knopf,INC، 1976