ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىىنڭ يېقىملىق ئاۋازى ،يېڭىلىققا باي،قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان ناخشلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆردىن ئورۇن ئالغان ياش ناخشىچى.ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىركەت قۇرۇپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز ئوبرازى ئارقىلىق ئىقىسادى ئۈنۈم يارىتىش يولىغا قەدەم تاشلىدى.بۇ ھال نۇرغۇن كىشلەردە ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى سەنئەت ھاياتىغا قارىتا
بىر قاتار تەشۋىشلىك سوئاللارنى پەيدا قىلدى.نەزىرىڭلار تۆۋەندە ئابدۇللا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە بولسۇن.
MavO`m&Cg 'wrpW# su;S)yZb سوئال:ئابدۇللا ،سىز خەلقىمىز قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ناخشىچى.ئەمما سىز يېقىندىن بۇيان شىركەت قۇرۇپ ،سودا ساھەسىگە قەدەم قويدىڭىز.بۇنىڭدا ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ قانداق؟
u0b-JJ7)BQ 9G+rxyWMW ئا: ئىقتسادى ئەھۋالىمنى ياخشىلاپ، ئۆز كەسپىمنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۈش مەخستىدە شىركەت قۇرۇپ سودا بىلەن شۇغۇللىنۋاتىمەن.ئەلۋەتتە،ئىقتساد بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن نەرسىلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.بېشىمىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،بىز كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنىڭ باشىقلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشىنى ساقلاپ ئولتۇرساق ،قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان نەتجىلىرىمىز،خەلققە سۇنماقچى بولغان سەنئەت مىۋىلىرىمىز كەيىنىگە سوزۇلۇپ كېتىدىكەن ياكى ئەمەلگە ئاشماي قالدىكەن،مەن بۇنى ئۆز تىرشچانلىقىم ئارقىلىق ھەل قىلمسام بولمايدىكەن.دىمەك ئىقتسادىنىڭ ئۆز كەسپىمنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن چوڭ.مانا بۇ بىر قاتار سەۋەبلەر مېنىڭ شىركەت قۇرۇپ سودا ساھەسىگە قەدەم قويۇشۇمغا تۈرتكە بولدى.
NfF:[qwh oH0F9*+W JSK5x(GlH سوئال: جەمىئىيەتتە سىزنى ناخشىدىن مەنپەئەت ئالالماي شىركەت قۇرۇپ ،ئۆز ئوبرازدىن پاي
دىلنىپ
پۇل تاپقىلى تۇرۇپتۇ ،دەيدىغان خاتا قاراشىمۇ باردەك قىلىدۇ سودا بىلەن شۇغۇللىنشىنى كەسپىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا توسالغۇ بولمايدۇ دەپ قارامسىز؟
s,H(m8#> #-j!
;? ئا:جەمىئىيەتتە پەيدا بولغان بۇ گەپ -سۆزلەرنى نوقۇل ھالدا خاتا دېسەكمۇ بولمايدۇ.بۇ، كىشلىرىمىزنىڭ مېنىڭ مۇشۇ بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان مەشغۇل بولۋاتقان ئىشلىرىمدىن يەكۈنلەپ چىققان پىكىرى .« مەنپەئەت» دېگەن سۆزنى ئېلىپ ئېيتساق،بۇنىڭدا مەنىۋى جەھەتتىكى مەنپەئەتمۇ بولىدۇ،ئىقتسادى جەھەتتكى مەنپەئەتمۇ بولىدۇ.ئىقتسادى جەھەتتىكى مەنپەئەتىنى كۆزىدە تۇتقان ۋاقىتىمىزدا بىز ناخشا ئېيتىپ ئۇنچە كۆپ مەنپەئەت ئالالمايمىز ھەم كۆپ ھەقمۇ تەلەپ قىلالمايمىز.رايۇنىمىز سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇمۇمەن ئىقتسادى ئەھۋالى يۇقىرى ئەمەس.كەڭ خەلق بۇنى بىلىدۇ ياكى بىل
مەيدۇ.تاماشىبىنلار ئۆزلىرنىڭ قەلىپ تۆردىكى بىر سەنئەتكارنى ھەر تەرەپتىن يېتىلگەن توققۇزى تەل،مۇكەممەل كىشى دەپ ئويلايدۇ ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىز باشقا خىزمەتچلەرگە ئۇخشاش مائاش ئالىمىز.بىزنىڭ ئىقتسادى ئورنىمىز بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىمىزنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن ،بىز نۇرغۇن تەرەپلەرگە يېتشەلمەي قالمىز .خەلقنىڭ ئويلغان يېردىن چىقىش ئۈچۈن يەنە شۇ ئىقتسادىي جەھەتتىكى كاپالەتكە تايىنشقا توغرا كىلىدۇ.دېمەك،ئىقتسادى جەھەتتە بىزنىڭ كىرىممىز بىلەن چىقىمىمىزنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلقى سەۋەبىدىن ،سەنئەت جەھەتتە بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ئۇبرازىغا لايىق ئىش قىلالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقتى.بۇ بىزگە نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە چوڭ يوقىتىش بولىدۇ،بىز ئاخىرى سودا ساھەسىگە ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ،ئىقتسادىي جەھەتتىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالساق ئەجەپ ئەمەس دىگەن پىكىرىگە كەلدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتتە مەن يالغۇز ئەمەس.مېنىڭ ئەتراپمىدا مەن بىلمەيدىغاننى بىلدىغان،كەمچلىك تەرەپلىرىمنى تولدۇردىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ئادەملىرىم بار.كەسپى ئىشلارنى ئاساسەن شۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق بېجىرىپ كېتىۋاتىمىز. شىركەت مېنىڭ سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنشىمىغا توسالغۇ بولغۇدەك
ئاقىۋەت پەيدا قىلمايدۇ.سەنئەت ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئوبرازنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىزنىڭ نىشانىمىز.
jYID44$ ]Wt6V^M'@ سوئال: سىز ئۈچۈن ئەل سۆيگەن ناخشىچى بولۇش مۇھىممۇ ياكى شىركەت قۇرۇپ كارخانىچى بولۇش مۇھىممۇ؟
1'm`SRX#e =M{CZm ئا:مېنىڭ شەخسى ئارزۇ-ئارمىنىم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ،ئەل سۆيگەن ناخشىچى بولۇش ھەممىدىن مۇھىم ،لېكىن ھازىر شركەت قۇرۇپ كارخانىچى بولۇشمۇ مەن ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قالدى .چۈنكى بىزدە نۇرغۇن كاللىسىئ ئېچىلغان ئىختساس ئىگىلىرى مەبلەغ ۋە ئەقىل-پاراسەتنى بىر يەرگە جۇغلاپ،شىركەت قۇرۋاتىدۇ،نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۋاتىدۇ.جەمئيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان بىر ياش ئىشقا ئۇرۇنلشىپ قالسا ،شۇ ئائىلىنىڭ يۈكى يېنىكلەيدۇ،جەمئىيەتنىڭ يۈكى يەڭگللەيدۇ.بۇ ناھايتتى ياخشى ئىش.شۇڭا ھەر ئىككلىسى مەن ئۈچۈن مۇھىم
0*/r' | 4oM+n;Y سوئال:شىركەت ئىشى بىلەن كەسپىڭىزنى قانداق ماسلاشتۇرسىز؟
^O Xr: P 5J\|gZQF ئا: بۇ ئىككىسى ئوڭ تاناسپلىق مۇناسۋەتتە.بىر سەنئەتكار ئىقتسادىي كاپالەتكە ئىگەبولۇش ئۈچۈن شىركەت قۇرغان بولسا،ئۇ سەنئەت ئۈچۈن كۆيىدىغان بىر سەنئەتكار بولسلا ،تاپقان ئىقتسادىنى سەنئەتتىن ئايىمايدۇ.مەن بىر سەنئەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنى چۈشىنمەن،شۇنىڭ بىلەن شىركەتتدىن كىرگەن ئىقتسادىي ئۈنۈم بىۋاستە ھالدا سەنئەت ئىشلىرىمنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتدۇ. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىردا ئۆتكۈزگەن سەنئەت كېچىلىكىمىزنىڭ ساپاسىلا بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.بۇ سەنئەت كېچىلىكى مەن شىركەت قۇرۇپ بىريىلدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى.ئەگەر سودا بىلەن بولۇپ كېتىپ كەسپىمدە چېكىنىش بولغان بولسا ،بۇ سەنئەت كېچىلىكىدە ئۆز ئىپادىسنى تاپقان بولاتتى.ھالبۇكى ،بۇ سەنئەت كېچىلىكىنىڭ پلاستىنكسى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن كىشلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرشىتى.دېمەك،شىركەت قۇرۇپ سودا بىلەن شۇغۇللىنشىم كەسپىمنىڭ چېكىنىپ كېتىشگە ئەمەس،ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندى.شىركەت قۇرۇشىدىن ئىلگىرى يەتمەكچى بولغان نىشانغا دەسلەپكى قەدەمدە يەتتىم.توغرا قىپتىمەن،بۇنىڭدىمۇ بەك تىرىشىپ ،ئالغا قاراپ مېڭىۋەرسەم بولدىكەن دەپ ئويلىدۇم.
cc(r,ij~4 +'Y(V& سوئال:كارخانا باشقۇرۇشتكى پرىنسپلىرىڭىز نېمدىن .ئىبارەت؟
U[e8K 3auJ^B} ئا: سودىدا ئادىل بولۇش ،مۇئامىلىدە سىلىق بولۇش،ئىشەنچلىك بولۇشىدىن ئىبارەت.بىزنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇردىغان پرىنسىپمىز سۈپەت مەسلىسى.چۈنكى ،مەن خەلقنىڭ كۆڭلىدە بىر ناخشىچى،بۇ خەلىقىمىزنىڭ ماڭا بەرگەن ياخشى باھاسى .مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ قالسا خەلقنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسىدا تەۋرىنىش بولۇپ قېلشى مۇمكىن.چۈنكى ،مەن ئۆز نامىم ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىمىزنى خەلققە تونۇتىمەن .خەلىق ماڭا ياخشى باھا بەرگەنىكەن ئۆز سۈپىتى بىلەن چىقىشى كېرەك.ئەگەر خېردارلار ئىشلەتكەن مەھسۇلاتتا مەسىلە كۆرۈلسە،ماڭا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە گۇمان پەيدا بولشىشى مۇقەررەر،شۇڭا سۈپەت مەسلسىنى چىڭ تۇتۇشىنى ئاساسلىق ئۇرنىغا قويمىز.
A;WwS?fyQ @wdB% #C,f/PXfaB سوئال: بۇنىڭدىن كېينكى نىشانىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسڭىز؟
|`Oa/\U D"x$^6`c} ئا: بۇنىڭدىن بۇرۇن مەن نەچچە قېتىم ناخشا كېچلىكى ئۆتكۈزگەنىدىم. بۇ كېچىلىكلەر شۇ چاغدىكى شارائىت ۋە ئىقتسادىي ئەھۋالىمىزنىڭ يار بېرىشىچە ۋە شۇ چاغدىكى خەلقنىڭ سەنئەتتىن زۇق ئېلىش سەۋىيسىگە ماس ھالدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.ھازىر ئۇنى قايتىلاپ كۆرۈپ باقساق نۇرغۇن كەمچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز.چۈنكى يىلدىن -يىلغا ئاڭمۇ تەرەققىي قىلىدۇ،كىلەر يىلى ناخشا كېچلىكى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلۋاتىمەن.دېمەك،بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى سەنئەت تەرەپتىن بولسۇن،مەيلى شىركەتنىڭ سودسى جەھەتتىن بولسۇن،ئىككىلسىدە ياخشى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ ،بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان ئامىلغا ئايلاندۇرۇپ ،سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۋاتىمىز.
iy.%kHC Id.Z[owC`Y شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى 2008-يىل 10-سانىدىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى.
[ بۇ يازما نەفىسە تەرپىدىن2008-10-17 22:53دە قايتا ت ]