ئامرىكا<<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>
xN2M|E] KBzEEvx/$ 4'+/R%jk" D.qbzJz AyNl,Xyc4 <<ئامىرىكىنى چۈشىنىش>>يۈرۈشلۈك تەرجىمە ئەسەرلەر (4)
p(nC9NGB .XLe\y I"sKlMD ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :تاھىر ئىمىن 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر،ئۈرۈمچى
s26s:A3rh ?_\Hv@t; 3p!R4f)GN مەنبەسى:ئامرىكا تارىخى تورى
~ D3'-,n[ ئەسلى ئىنگىلىزچە ئادىرسى:
http://www.ushistory.org/declaration/document/index.htm * +A!12s@ IeN!nK- << مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>> ئارقا كۆرۈنۈشى:
F;q I^{m2 ئامىرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى-1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى توماس جىففىرسون تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ، دەسلەپتە مۇستەقىللىق جاكارلىغان ئون ئۈچ شىتاتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئىمزا قويغان شىمالى ئامرىكىدىكى ئون ئۈچ شىتاتنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھۆججەت بولۇپ،ئامىرىكا ۋە دۇنيا سىياسىي تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
VJ_E]}H 18-ئەسىرنىڭ 60-ۋە 70-يىللرىدا شىمالى ئامرىكىدىكى مۇستەملىكە رايونلار بىلەن ئەنگىلىيە پادىشاھلىقى ئوتتۇرسىدىكى زىدىدىيەت كۈنسايىن جىددىيلەشتى.1775-يىلى لىكسىڭتۇن ۋە كانكىت شەھىرىدە شەھەردە ئۇرۇش پارتىلىدى.
8{?Oi'-|0 بۇ ئامىرىكا ئىنقىلاۋى ئۇرۇشنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.دەسلەپتە گەرچە مەقسەت پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش بولمىسمۇ ،
بىراق توماس پىيئىننىڭ <<ئومۇمى چۈشەنچە >>ناملىق كىتابچىسى كىشلەرگە پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشلا بىردىنبىر
ئاقىدىغان چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.
X/gh>MJJ< 1776-يىلى ئىككىنچى نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرۇلتىيدا ۋىرگىنىيە شىتاتىدىن كەلگەن رىچارد ھىنرى لىر مۇنداق بىر تەكلىپ بەردى،:<<بىز مۇستەملىكە رايونىدىكى ئاقكۆڭۈل خەلقنىڭ نامى ۋە ئىجازىتى بىلەن شۇنى تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلايمىزكى،بارلىق مۇستەملىكە جايلار ئسمى-جسمىغا لايىق يوسۇندا ئەركىن ۋە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولىدۇ،ئەنگىلىيە بىلەن بولغان بارلىق بىقىنىش مۇناسىۋىتىنى ئاياقلاشتۇرىدۇ،
7;|6g8= بىرىتانىيە پادىشاھلىقى بىلەن بولغان بارلىق سىياسى مۇناسىۋىتى تەلتۆكۈس بىكار قىلىنىدۇ>>
MIt\[EB 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلتاي <<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>نى يىزىپ چىقىش ھەيئىتى بەلگىلەپ چىقتى. خىتابنامىنى ئاساسلىقى توماس جىففىرسون يېزىپ تەييارلىدى.7-ئاينىڭ 4-كۈنى <<مۇستەقىللىق خىتابنامىسى>>قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىپ،13شىتاتلىق پالاتا ئەزالىرىنڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.
G VEjB; بۇ ئون ئۈچ شىتات بولسا يىڭى ھامپىشىر،ماسساچۇستىس،رودىن ئارىلى،كونناكتىكۇت،نيۇ-يورك،يىڭى جىرسى،پىنسىلۋانىيە،
دىلاۋەير،مارىلاند،ۋىرگىنىيە،شىمالى كارولىنا،جەنۇبى كارولىنا،جورجىيە قاتارلىق شىتاتلار ئىدى.
KY|Q#i|pM خىتابنامە يېزىپ چىقىش ھەيئەتلىرى -ماسساچۇستىس شىتاتىدىن جون ئادامىش،پىنسىلۋانىيە شىتاتىدىن بىنجامىن فىرانڭكىلىن،ۋىرگىنىيە شىتاتىدىن توماس جىففىرسون ،نىيۇ-يورك شىتاتىدىن روبىرت لىۋنستون ۋە كوننەكتىكۇت شىتاتىدىن روج شىرمان قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئىدى.خىتابنامىنڭ كۆپ قسمىنى جىففىرسون تەييارلىدى،خىتابنامە قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىشتىن ئاۋۋال جىنايى ئىشلار سوتىدا قايتا يېزىلدى.ئېلىۋىتىلگەن بىر بۆلەك قۇللۇق تۈزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
@9vz%1B
توماس جىففىرسون ،بنجامىن فىرانكلىن تەييارلىغان خىتابنامە قىسمەن تۈزىتىلىپ قۇرۇلتايدا ماقۇللانغاندىن كېيىن زور تەسىر قوزغىدى.توماس جىففىرسون مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى <<دۇنياغا قىلىنغان خىتابنامە>>دەپ ئاتىغان ئىدى.1776-يىلىدىن بۇيان مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدىكى پىرىنسىپلار ئامرىكا ۋە دۇنيادىكى ئسلاھاتچىلارنىڭ مۇھىم مۇراجىئەت مەنبەسى بولۇپ قالدى.قانداق مەقسەتتە دىيىلسۇن ،ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ياكى ئاياللار ھوقۇقى ،قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسدە ئاممىغا <<ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشدىنلا باراۋەر>>دىگەننى ئەسكەرتىپ ماڭىدۇ.مەيلى نەدىلا بولسۇن،كىشلەر مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە قارشى ئىلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە ھامان جىففىرسون ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن<< ھۆكۈمەتنڭ توغرا بولغان ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كىرەك >>دىگەن سۆزىنى ئىشلىتىدۇ .خىتابنامە ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ،بىرىنچى بۆلەك مەزمۇنى سىياسى پەلسەپە،دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پەلسەپسنى ،ئككىنچى بۆلەك ئەنگىلىيە پادىشاھى جورجى 3 نىڭ ئامىرىكىنڭ ئەركىنلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ناھەق سىياسەتلىرىنى پاش قىلىدىغان مىسال پاكىتلارنى،ئۈچىنچى بۆلەك مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئىلان قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش ئۈچۈن قىلغان قەسەمنى مەزمۇن قىلىدۇ. ?'h@!F%R'
AeUwih.
4
مەزمۇنى: :Z=A,G
~9'VP}\
M:C*?;K:
=VY[m-q5
ئىنسانىيەت ئىشلىرىنڭ تەرەققىيات جەريانىدا،بىر مىللەت ئۆزىنۈڭ يەنە بىر مىللەت بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى بىكار قىلىپ، ،ئۇلارغا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ۋە تەبىئەتنىڭ ياراتقۇچىسى بەرگەن مۇستەقىل ۋە باراۋەر ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر بولغاندا،ئىنسانىيەتتىكى جامائەت پىكىريۆنىلىشنى چىقىش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ياشاش غايىسنى دۇنياغا جاكارلىشى كىرەك. [#2= w
BHFWig*{
بىز تۆۋەندىكىدەك قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتلەرگە ئشىنىمىزكى،ھەممە ئادەم تۇغۇلىشدىنلا باراۋەر يارىتىلغاندۇر،ھەممە ئادەم ياراتقۇچسى تەرىپىدىن ھىچكىم دەخلى-تەرۇز قىلالمايدىغان ھايات كەچۈرۈش ،ئەركىنلىك ۋە بەخىت ئىزلەش قاتارلىق ھوقۇقلارنى بېرىلگەندۇر.بۇ ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ،ھۆكۈمەتلەر تەسس قىلىنغان بولۇپ،بۇ ھۆكۈمەتنڭ توغرا بولغان ھۆكۈمرانلىقى خەلقنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولۇشى كىرەك . L2K4nTA
ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت بۇ مەقسەتلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان ھامان كىشلەرنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاش،ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخىت-سائادىتىنى بەكرەك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن بولغان يىڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە بۇ پىرىنسىپلارنى شۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇش،بارلىق ھوقۇقنى ئاشۇ شەكىلدە تەشكىللەش ھەققى بار.
T]E$H, p
ئەستايىدىللىق شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى،قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولغان ھۆكۈمەتلەر ئۈنۈمسىز ۋە ۋاقىتلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۆزگەرتىلمەسلىكى كىرەك،(ئۆتمۈشتىكى) بارلىق تەجىربىلەردىن ئايانكى، ئىنسانىيەت ئۆزىنۈڭ شەخسى مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزى ئادەتلىنىپ كەلگەن تۈزۈملەرنى بىكار قىلىشتىن كۆرە چىداش مۇمكىن بولغان بارلىق ئازاپ-ئوقۇبەتكە چىشىنى چىشلەپ چىداپ باقىدۇ.بىراق ئوخشاش مەقسەت ئۈچۈن ئۇزاققا سوزۇلغان ھەددىدىن ئاشۇرىۋىتىش ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى ھاكىممۇتلەق مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا باشقۇرۇش پىلانىنى ئسپاتلىغاندا خەلقنىڭ ئۇنداق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۋېتىش،شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يىڭى كاپالەت بەرپا قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيتى بار. >xH3*0Lp
مانا مۇستەملىكە رايونلار دەل مۇشۇنداق ئازاپلارغا بەرداشلىق بىرىپ كەلدى.دەل مۇشۇنداق سەۋەب ئۇلارنى ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت سېتىسمىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى.بۈگۈنكى بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھىنڭ تارىخى -تەكرار-تەكرار ئازاپ-ئوقۇبەتكە سەۋەب بولۇش ۋە زۇلۇم-ستەم يۈرگۈزۈش بۇلۇپ كەلدىكى،ئۇ ئاشۇ شىتاتلاردا مۇتلەق مۇستەبىت تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى بىۋاستە مەقسەت قىلغان. q .?D{[2
سۆزىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،بىز دۇنياغا تۆۋەندىكىلەرنى جاكارلايمىز: zHx?-Q&3
ئۇ خەلقنىڭ بىر پۈتۈن ۋە ئەڭ زۆرۈر بولغان مەنپەئىتىگە مۇۋاپىق قانۇن-تۈزۈملەرنى تەستىقلاشنى رەت قىلدى. z2,rnm)Q
ئۇ ۋالىيلارنىڭ ئىنتايىن جىددى ۋە مۇھىم بولغان قانۇن-پەرمانلارنى تەستىقلشىنى چەكلىدى،ئۆزىنىڭ تەستىقىنى ئالمىغۇچە ئىجرا قىلغۇزماي تاشلاپ قويدى.تاشلانغاندىن كېيىنكى پەرمانلارغا بولسا ئۇ پۈتۈنلەي پەرۋا قىلمىدى. g\6(ezUF*
ئۇ كەڭرى كەتكەن رايونلاردىكى خەلق ئاممسىغا پايدىلىق -قولايلىق بولغان باشقا قانۇنلارنى تەستىقلىمىدى،ئاخىرى كىشلەر قانۇن تۈزۈش ئورگىنىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى،بۇ ھوقۇق (ئەمەلىيەتتە )ئاشۇ خەلققە نسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز زور ھىسابلانسا ،ئەمما ئاشۇ مۇستەبىتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھوقۇق ئىدى. s!UC{)g,
ئۇ ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ قانۇن تۈزۈش ھەيئەتلىرىنى ئىنتايىن غەلىتە ،قولايسز ھەم شىتاتلىق ئارخىپ ئامبىرىدىن يىراق جايلارغا چاقىرىپ يىغىن ئاچتى.بىردىنبىر مەقسىدى-ئۇلارنى ھاردۇرۇپ -بەزدۈرۈپ ،ئۆز ئىرادىسگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر قىلىش ئىدى. XvdK;
ئۇ ھەرقايسى شىتات پالاتالىرىنى قايتا-قايتا تارقىتىۋەتتى،چۈنكى بۇ پالاتالار ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ)كىشلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە تاجاۋۇز قىلىشغا قورقماستىن قارشى تۇرغان ئىدى. %Cm4a49FNi
ئۇ پالاتانى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن ،ئۇزۇن مۇددەتكىچە يىڭى پالاتا سايلاپ چىقىشقا قارشى تۇردى،ۋاز كىچىشكە بولمايدىغان قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى - ئىقتىدارسىز ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ ئىجرا قىلىشغا تاپشۇرۇپ بىرىلدى، ھەرقايسى شىتاتلار ھېلىھەم سىرتقى تاجاۋۇزچىلىقتىن ئەمىن تاپمىدى ، ئىچكى جەھەتتە مۇقىم بولماي كەلدى. =>BT]WK>
ئۇ ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇندى،چەتئەللىكلەرنى يەرلەشتۈرۈش قانۇنىغا توسقۇنلۇق قىلدى. 0ED(e1K#B
يېڭى يەر تەقسىم قىلشنىڭ شەرتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ،چەتئەللىكلەرنىڭ ھەرقايسى شىتاتلارغا كۆچمەن بولۇپ كىلىشگە ئىلھام بولىدىغان قانۇن-پەرمانلارنى ماقۇللاشنى رەت قىلدى. f5`exfdHE
ئۇ .ئۇ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەسىس قىلىنشنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسگە بېقىندۇرۇپ ئەدلىيە ئورۇنلىرىنڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. 1L^\TC
ئۇ سوتچنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ،مۇئاش سوممىسى ۋە ئىش ھەققىنى پۈتۈنلەي شەخسى ئىرادىسغا بويسۇندۇردى. ;1F3.ibE
EP{y?+E2
ئۇ نۇرغۇن يېڭى ئىدارە-ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ ،كۆپلىگەن ئەمەلدارلارنى ئەۋەتتى،خەلقنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى قۇرۇتۇپ تۈگەتتى.ئۇ تىنچلىق دەۋرىدە بىزنىڭ قانۇنچىلىق ئورگانلىرىمىزنىڭ رۇخستىنى ئالماي تۇرۇپ ئارىمىزدا ئۇزۇن مۇددەت قوشۇن تۇرغۇزدى. F5EKWP
ئۇ ئارمىيىنى خەلقتىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتتى ،ئارمىينى خەلقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى. ~9x$tb x-
ئۇ باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بىزنى ئۆزىمىزنىڭ قۇرۇلمىمىزغا ماس كەلمەيدىغان ،ئاساسى قانۇنىمىز ئىتىراپ قىلمايدىغان جىنايەت دائىرىسگە ئىتتىرىپ ئاپاردى،ئۇ بۇ مەقسەتلەرگە ساختا قانۇنچىلىق ئورگانلىرىغا ئىجازەت بېرىش ئارقىلىق يەتتى. H%sbf&
gi
_.\p^ HM
ئۇ ئارىمىزدا زور تۈركۈمدە قوشۇن تۇرغۇزدى O (wt[AEA
(ئەسكەرلەر) ھەرقايسى شىتات ئاھالىسنى خالىغانچە قىرغىن قىلىسمۇ ،جازا بەرمەستىن يالغاندىن سوراققا تارتقان بولدى. .7cQKdvcC
بىزنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بولغان سودىمىزنى ئۈزۈپ تاشلىدى. 8]+hfB/
بىزنىڭ رازىلىقىمىز بولماي تۇرۇپ ،بىزدىن مەجبۇرى باج ئالدى. zq(AN<
نۇرغۇن دىلولاردىكى بىزنىڭ زاسداتىللىق تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىمىزنى تارتىۋالدى. !=eui$]
يالغاندىن جىنايەت ئارتىپ باشقا يەرلەرگە ئاپىرىپ سوراققا تارتتى. Y+j|T`d
بىر قوشنا ئۆلكىدە ئەنگىلىيەنىڭ ئەركىن قانۇن سېتىمسىنى بىكار قىلىپ ،بىر ھاكىممۇتلەق مۇستەبىت ھۆكۈمەت قۇردى.ئۇنىڭ چىگىرسىنى كېڭەيتىپ ،خالىغاندا ئۇنى باشقا مۇستەملىكە شىتاتلارغا ئوخشاش مۇستەبىت تۈزۈمنى يۈرگۈزۈشتىكى ئۈلگە قىلىدىغان تەييار ۋاستە قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. * UBU?
بىزنىڭ ئاساسى قانۇنىمىزنى بىكار قىلدى ،بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك قانۇنىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ،ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ ھۆكۈمەت شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. XeJx/'9o{
بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنىمىزنىڭ ھوقۇق ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ ،ئۆزلىرىنڭ ھوقۇقتىن ئىبارەت دەسمايىسى ئارقىلىق ھەرقانداق ئىشتا بىزگە قانۇن تۈزۈپ بىرىش ھوقۇقىمىز بار دەپ جاكارلىدى. |a/"7B|?\
ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ قوغداش دائىرسىدە ئەمەس دەپ جاكارلىدى ۋە بۇ يەردىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ بىزگە قارشى جەڭ ئاچتى. c?j /H$
ئۇ بىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىمىزدە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ ،دېڭىز بويى رايونلىرىمىزنى خالىغانچە ۋەيران قىلدى،شەھەرلىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى،خەلقىمىزنىڭ ھاياتىغا زىيانكەشلىك قىلدى. ~S#Le
ئۇ دەل مۇشۇ چاغدا زور مىقداردىكى چەتئەل ياللانما ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزۈپ ئۆلتۈرۈش،بۇزغۇنچىلىق قىلىش،خورلاش قاتارلىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاۋاتىدۇ.بۇ ۋەزىپە خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ،زوراۋانلىقتا شۇنچىلىك ۋەھشىكى،ئەڭ ياۋايى دەۋىرلەردىمۇ ئۇنىڭ تەڭدىشى تېپىلمايدۇ.ئۇ بىر مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ باشلىقى بولۇشقا قەتئىي مۇناسىپ ئەمەس. ~ex1,J*}t
ئۇ دېڭىز ئۈستىدە بىزنىڭ ۋەتەنداشىلىرىمىزنى تۇتقۇن قىلىپ ،ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىگە قارشى قورال تەڭلەشكە ،ئۆز تۇغقان-قېرىنداشلىرى ۋە دوسىتلىرىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل بولۇشقا ،ياكى تۇغقان-قېرىنداشلىرى ۋە دوسىتلىرىنىڭ قولىدا ئۆلۈشكە مەجبۇر قىلدى. [f&ja[m q
ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىچكى بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ ،ئۇرۇشتا ياش،جىنىس ۋە شارائىت تاللىماي بىردەك ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق شەپقەتسىز ياۋايى ئىندىئانلارنى چىگرا رايونلاردىكى خەلقىمىز ئۈستىگە باشلاپ ئەكەلدى. +t,JCY6
مانا مۇشۇزورلۇق-زومبۇلۇقلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا ،بىز ئەڭ كەمتەر سۆز-تەكلىپ بىلەن ئەھۋالنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدۇق.بىراق قايتا-قايتا تەلەپ -پىكىر ئارقىلىق ئېرىشكىنىمىز -تەكرار -تەكرار زىيان تارتىش بىلەن نەتىجىلەندى.خاراكتىرىگە زوراۋانلىق تامغىسى بېسىلىپ كەتكەن،مۇستەبىت دەپ سۈپەتلنىشكە ھەقلىق بولغان بىر ھۆكۈمراننىڭ ئەركىن خەلققە رەھبەرلىك قىلىش سالاھىتى يوق. m\O
بىز ئەنگىلىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق،بىز دائىم ئۇلارغا ئاشۇ قانۇن چىقارغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ ېىشىمىزغا سېلىۋاتقان ئورۇنسىز جاپاسنى ئەسكەرتىپ تۇردۇق، بىزنىڭ بۇ يەرگە كۈچۈپ كېلىش ۋە يەرلىشىش ئەھۋالىمىز ھەققىدە ئۇلارغا يەتكۈزپ تۇردۇق. :l'61$=
B_aLqB]U
بىز ئۇلارنىڭ تۇغما ھەققانىيەت ۋە ياخشلىق تۇيغۇسىغا ئىلتىجا قىلدۇق،بىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش خەلق ،ئوخشاش ئېتىقاتتىن بولغانلىقىمىزنىڭ يۈزسىدىن ،ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ۋە بېرىش-كېلىشكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن مۇشۇ بۇلاڭچىلىق قىلمىشلىرىنى توختىتشىنى مۇراجىئەت قىلدۇق،بىراق ئۇلارمۇ بۇ ئادالەت ۋە يىلتىزداشلىق ئىلتىجاسىغا پەرۋا قىلمىدى. eR$qw#%c*
g+bc4eU
شۇڭا بىز بۇ يەردە خۇددى دۇنيادىكى باشقا ئەللەرگە ئوخشاش شۇنداق جاكارلاشقا مەجبۇر بولدۇق:بىز بىلەن ئۇرۇشقانلار بىزنىڭ دۈشمىنمىز،بىز بىلەن تىنچ ئۆتكەنلەر بىزنىڭ دوستىمىز. D
C{l.a.
شۇڭا بىز -ئامىرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئومۇمى قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلاردىكى ئاقكۆڭۈل كىشلەرنىڭ نامى ۋە ئىجازىتى بىلەن بۇ يەرگە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالىي ھۆكۈمىگە بىزنىڭ قەتئىي ئىرادىمىزنى جاكارلاش ئۈچۈن توپلاشتۇق:بىز شۇنى تەنتەنىلىك بىلەن جاكارلايمىزكى،بۇ قوشما مۇستەملىكە رايونلار ھازىردىن باشلاپ ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلەتتۇر،ھەم ئۇلارنىڭ ئەركىن ھەم مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ھوقۇقى باردۇركى ،ئۇلار ھازىردىن باشلاپ ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىغا سادىق بولۇش مەجبۇرىيتىنى بىكار قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ بۈيۈك بىرىتانىيە دۆلىتى بىلەن بولغان بارلىق سىياسىي مۇناسىۋىتى مۇشۇنىڭ بىلەن تەلتۆكۈس ئۈزۈلىدۇ،بۇ مۇناسىۋەتلەر تەلتۆكۈس ئۈزۈلۈشى كىرەك ،بىر مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۇۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇرۇش ئېلان قىلىش،تىنچلىق كىلىشمى ئىمزالاش،ئىتتىپاق تۈزۈش،سودا قىلىش قاتارلىق بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقى بولىدۇ. ...|S]a
F=?0:2P0bD
بۇ خىتابنامىنى قوللاش يۈزىسىدىن تەڭرىنىڭ مۇقەددەس ھىمايىسىگە تايىنىپ تۇرۇپ ، بىر-بىرىمىزنىڭ ھاياتى ،بىر-بىرىمىزنىڭ مال-مۈلكى ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمىز. HC_+7 O3A
باشلىق :جون خانكوك plcz m 2
باش كاتىپ :چارلىز تومسوم *DfwTbg|
ھەرقايسى شىتاتلاردىن قاتناشقان ۋەكىللەر تىزىملىكى P_6JweN
82d~>i%T
Massachusetts-Bay: SAMUEL ADAMS, JOHN ADAMS, ROBERT TREAT PAINE, ELBRIDGE GERRY k;BXt:jDq
Rhode Island: STEPHEN HOPKINS, WILLIAM ELLERY jMFLd
Connecticut: ROGER SHERMAN, SAMUEL HUNTINGTON, WILLIAM WILLIAMS, OLIVER WOLCOTT Dfz3\|LJ
Georgia: BUTTON GWINNETT, LYMAN HALL, GEO. WALTON \;#T.@c5
Maryland: SAMUEL CHASE, WILLIAM PACA, THOMAS STONE, CHARLES CARROLL OF CARROLLTON 5 1&||.
Virginia: GEORGE WYTHE, RICHARD HENRY LEE, THOMAS JEFFERSON, BENJAMIN HARRISON, THOMAS NELSON, JR., FRANCIS LIGHTFOOT LEE, CARTER BRAXTON. )DG>omCY
New York: WILLIAM FLOYD, PHILIP LIVINGSTON, FRANCIS LEWIS, LEWIS MORRIS )(CZK&<
Pennsylvania: ROBERT MORRIS, BENJAMIN RUSH, BENJAMIN FRANKLIN, JOHN MORTON, GEORGE CLYMER, JAMES SMITH, GEORGE TAYLOR, JAMES WILSON, GEORGE ROSS ;-]' OiS;
Delaware: CAESAR RODNEY, GEORGE READ, THOMAS M'KEAN VAD9mS^~
North Carolina: WILLIAM HOOPER, JOSEPH HEWES, JOHN PENN
}.DE521u
South Carolina: EDWARD RUTLEDGE, THOMAS HEYWARD, JR., THOMAS LYNCH, JR., ARTHUR MIDDLETON pHNo1-k\
New Jersey: RICHARD STOCKTON, JOHN WITHERSPOON, FRANCIS HOPKINS, JOHN HART, ABRAHAM CLARK s^\
*jZ6
Pennsylvania: Robert Morris, Benjamin Rush, Benjamin Franklin, John Morton, George Clymer, James Smith, George Taylor, James Wilson, George Ross uCB>".'kM
Delaware: Caesar Rodney, George Read, Thomas McKean 4>t'4p6{
Maryland: Samuel Chase, William Paca, Thomas Stone, Charles Carroll of Carrollton mxPzB#t4
Virginia: George Wythe, Richard Henry Lee, Thomas Jefferson, Benjamin Harrison, Thomas Nelson, Jr., Francis Lightfoot Lee, Carter Braxton rWMG6+Scb
North Carolina: William Hooper, Joseph Hewes, John Penn nDU=B.?E{O
South Carolina: Edward Rutledge, Thomas Heyward, Jr., Thomas Lynch, Jr., Arthur Middleton |PNPOj0
Georgia: Button Gwinnett, Lyman Hall, George Walton.[ بۇ يازما كـاپىتان تەرپىدىن2008-10-17 18:25دە قايتا ]