1
U>e3_td3, 0X] ekq كىچە جىمجىت ئىدى،قەيەردىدۇ
بىر نەچچە ئىتنىڭ ھوۋشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى،تۇساتتىن كىچە جىمجىتلىقىنى قىيا چىيا قاپلىدى،ئوي ئىچىدە پاتىمە ئۇياقتىن بۇياققا قاچاتتى،رەھىمسىز ئەر ئۇنى قوغلايتى،گاھىدا تۇتىۋېلىپ ئۇراتتى تىپەتتى،ئاغزى بۇرنى قانغا بويالغان پاتىمە قاتتىق بىر چېقىردى ۋە يەرگە گوپلا قىلىپ يىقىلدى،پاچاقلىرى ئارىسىدىن ئېقىۋاتقان قىپ قىزىل قاننى كورگەن ئەر توختىدى،قۇرىققان ئىدى،ئۇ يەردىن پاتىمەنى ئالدى ۋە يۇگۇرگەن پىتى قاپ قاراڭغۇ كېچىدە،يوغان دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ توختىدى،ئەنسىز قېقىلغان دەرۋازا پۇتۇن ئويدىكىلەرنى ئويغاتتى ،قان ئىچىدە ياتقان پاتىمەنى كورگەن دادا قاتتىق ۋارقىراپ كەتتى،ئانا بولسا نىمە قىلىشىنى بىل
مەي قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالغان ئىدى،دادا ۋارقىردى:مۇھەممەد نىمىگە قاراپ تۇرسەن ھارۋىنى قات،كىچىدە دوختۇرخانا شۇنچىلىك سۇرلۇك بۇلۇپ كەتكەن ئىدى،ئانا مىشىلداپ يىغلايتى،دادا بولسا ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى،ئەرنىڭ ئالدىدا توختاپ قاتتىق چەكچىيەتتى،
U89]?^|bb تۇغۇت بۇلۇمىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى ،لىكىن دوختۇرنىڭ چىرايى سۇلغۇن ئىدى،
[ZL r:2+z «كەچۇرۇڭلار ،بالىنى ساقلاپ قالالمىدۇق»دىدى دوختۇر ۋە دادىنىڭ مۇرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويدى ،ئاندىن بىر چەتتە نىمە قىلارىنى بىلمەي قاراپ تۇرغان ئەرنىڭ يېنىدا توختىدى،
o$[a4I «بەك نامەرت .ئىكەنسەن ،ھامىلدار مىيىپ ئايالنىمۇ شۇنچە ئۇرغان بارمۇ»دىدى ۋە بېشىنى چايقىغانچە كىتىپ قالدى.سېستىرالار پاتىمەنى ئېلىپ چىقتى ،بىچارىنىڭ ھالى بەكمۇ يامان بۇلۇپ كوزلىرى كوكەرگەن، قوللىرى گىپىسكە ئېلىنغان ئىدى،باياتىن زادى نىمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرغان مۇھەممەد ئاچىسىنىڭ ئېچىنىشلىق ھوشسىز ھالىغا قاراپ بىر نەرسىنى چۇشەنگەندەك بولدىدە ئەرگە قاراپ ئېتىلدى،جىمجىت دوختۇرخانىنىمۇ قىيا چايا قاپلىدى،
rR),~ @]sL r{Qs9 2
886 (' *pS7/Qe بۇۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ياش ئەر خۇتۇنلارنى ھاياجانغا سالدى،ئانىنىڭ كوزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تۇكۇلسە دادا ھاياجاندىن بۇۋاقنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىدى،دادا قىزىنى شۇنچىلىك ياخشى كورەتتىكى قۇلىدىن چۇشۇرمەي ئىشقىمۇ بارماي چورگىلەپ يۇرەتتى ،بەلكىم تۇنجى پەرزەنتنىڭ ئۇتى مۇشۇنداق يامان بولسا كىرەك،قىزغا پاتىمە دەپ
ئىسىم قۇيۇلدى،
Oo3qiw پاتىمە بارغانسىرى ئۇماقلىشىپ كىتىۋاتاتتى،خۇددى دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ شۇنچىلىك كۇيۇنىشىگە جاۋاپ قايتۇرۋاتقاندەك يىغىسىمۇ يوق ئىدى قاراپ گەپ قىلىپ قويسىلا ۋىلىقلاپ كۇلەتتى،قوسىقى تويسا پۇشۇلداپ ئۇخلاپ كىتەتتى،دادا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن 3 كۇندە بىر ئاران ئويگە قايتالايتى،ھەر كەلگىنىدە پاتىمەنىڭ كۇندىن كۇنگە ئوماقلىشىپ كىتىۋاتقان ھالىتىدىن خوشال بۇلۇپ كىتەتتى،دىمەك پاتىمە بۇ ئائىلىگە چەكسىز خوشاللىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى،
Hb@G*L$ دادىسىنىڭ ئامراقلىغىنى بىلگەندەك پاتىمەنىڭ تۇنجى بۇلۇپ «دادا» دەپ تىلى چىقتى،كىچىگىدىن يىتىم چوڭ بولغان دادا پاتىمەنى كوتۇرۇپ ئۇسۇلغا چۇشتى،ھەم ئاشۇ بۇيۇك چاقىرىشلار شەنىگە كىچىككىنە داستىخان سىلىشقىمۇ ئۇلگۇردى،
C>k;Mvq O بىر كۇنى كىچىسى پاتىمە قىقىراپ يىغلاپ ھىچ توختىمىدى،يالغۇز ئانا نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى،بالىنى كوتۇرۇپ ئوي ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى،ئاخىرى تاڭ ئاتتى،ئانا يىغلاپ ھالى قالمىغان پاتىمەنى ئېلىپ شەھەرگە يەنى دوختۇرخانىغا قاراپ يۇگۇردى،تولىمۇ ئەپسۇس ئانا كىچىككەن ئىدى،يوقىرى قىزىتما پاتىمەنى مىيىپ قىلىپ قويدى،ئۇ ەمدى دادا دادا دەپ چۇچۇك تىلى بىلەن چاقىرالمايتى،پاتىمە دەپ ئارزۇلاپ قويغان ئىسمىنى چاقىرسىڭىزمۇ ئاڭلىمايتى،
0T{c:m~QXe پاتىمە ئومۇرلۇك مىيىپ گاس ھەم گاچا بولغان ئىدى.شۇ كۇنىدىن باشلاپ بۇ ئويدىكى كولكە ئاۋازى ئوچتى،دادا يىنىك ئاھ ئۇراتتى،ئانا بولسا مىچىلداپ يىغلايتى ،پاتىمە بولسا ھىچ ئىش بولمىغاندەك دادىسىغا قاراپ كۇلۇپ كىتەتتى،دادا پاتىمەنى ئۇزۇنغىچە قۇلىغا ئېلىپ قويمىدى،ئالغۇسى يوق ئەمەس ئېلىشتىن قورقاتتى،تۇيۇقسىزلا پاتىمە زۇۋانغا كىلىپ «دادا نىمە ئۇچۇن ماڭا ياخشى قارىمايسەن»دەپ ئەيىپلەپ كىتىدىغاندەك پاتىمەنىڭ ئۇزىگە تەلمۇرۇپ سۇنۇلغان قوللىرىنى تۇتۇشقىمۇ جۇرەت قىلالمايۋاتاتتى،ئانىچۇ بىچارە تۇگىشىپلا كەتكەن ئىدى،ئۇ «مەن سەۋەپلىك ،نىمە ئۇچۇن كىچىدە بولسىمۇ ئاپارمىدىم ،بالدۇر بارغان بولسام بەلكىم بۇنداق بولماسس ئىدى» دەپ ئوز ئۇزىنى ئەيىپلەيتى ،خىياللارغا چوككەن ئانا بىلەن دادىنىڭ ئوتتۇرسىدا ياتقان پاتىمە يىغلاپ كەتتى دادا ئۇرۇلۇپلا پاتىمەنى قۇلىغا ئالدىدە پاتىمەنىڭ يىغىسىغا قۇشۇلۇپ ئۇزۇندىن ئىچىدە بېسىپ ياتقان پىغانىنى قۇيىۋەتتى، ئۇنىڭ شۇنچە يۇرەكنى ئەزگۇدەك يىغىسىنى ئاڭلىغان كىشى چۇقۇم بۇ ئويدە مۇسىبەت بولغان چېغى دەپ ئويلاپ قالاتتى،
'WM~
bm+N يىللار ئوتتى،پاتىمەمۇ ساغلام چوڭ بۇلۇشقا باشلىدى دادا بىلىەن ئانا پەتىمە بىلەن قول ئىشارىسى بىلەن پاراڭلىشىشىقا ئادەتلىنىپ قالدى،پاتىمەنىڭ سىڭلىسى ۋە ئۇكىللىرىمۇ بۇ ئىشارەتلەرنى ئوزلۇكىدىن ئوگىنۋالدى،
P98X[0& 3
WV!kA_ hk lO:,` پاتىمە 7 باھارنى كۇتىۋالدى، ئۇ كۇندىن كۇنگە چىرايلىق ھەم ئۇماق ئۇسۇپ يىتىلۋاتاتتى،ھەر كۇنى ئاناسى بىلەن سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىلارنى سۇپۇرەتتى،ئانىسى ئېتىزدىن كەلگۇچە ئۇكىللىرىغا قارايتى،ئارىلاپ دادىسى قايتىپ كەلگەندە تاھارىتىگە سۇ تەييارلاپ ئىشىك تۇۋىدە ساقلايتى،بۇ ئئەمگىكىدىن سۇيۇنگەن دادا ئۇنى ئەركىلتىپ قوياتتى،پاتىمە بۇ ئەركىلتىشلەرگە كۇنۇپ قالغان ئىدى،بۇ ئەركىلتىشمۇ ئۇنىڭ ئۇچۇن ئەڭ ئالى مۇكاپات ئىدى،ئۇ ئۇكىللىرىغىمۇ شۇنداق كۇيۇنەتتى،ئۇلارغا تاماق يىگۇزەتتى،يۇزلىرىنى پاكىز يۇيۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئانىسىنىڭ يۇكىنى يىنىكلەتكەن ئىدى،
13>3R+o يازنىڭ ئىسسىق كۇنلىرى ئاياقلىشىپ كۇز پەسلى يىتىپ كەلدى،بىر
دىلا پاتىمەگە مەھەللىدىكى بالىلار يوقاپ كەتكەندەك بىلىندى،ئۇ بالىلارنىڭ ھەر كۇنى سەھەردە توپ توپ بۇلۇپ كىتىشىۋاتقانلىغىنى ھەم توپ توپ قايتىپ كىلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ قالدى،بۇگۇن ئۇ ئاستا تۇيدۇرماستىن بالىلارغا ئەگەشتى،بالىلار ۋاراڭ چۇرۇڭ بىلەن مەكتەپ قوروسىغا كىرىپ كەلدى،پاتىمە تۇنجى قىتىم بۇنچە كوپ بالىلارنى كورىشى ڭدى ئۇلار قىيا چىيا قىلىشىپ ئويناۋاتاتتى،بىردىنلا بالىلار سىنىپ سىنىپلارغا قاراپ يۇەۇرشىپ كىرىپ كەتتى،گەرچە پاتىمە ئاڭلىيالمىغان بولسىمۇ،دەرىسكە كىرىش قوڭغۇرغى ئۇرۇلغان ئىدى،
ttAVB{kdo شۇندىن كىيىن بىر نەچچە قىتىم پاتىمە بۇ يەرگە كەلدى،ئۇنىڭدىمۇ بىر ھەۋەس تۇغۇلغان بولسا كىرەك بۇگۇنكى ناشتا ۋاقتىدا ئۇ پات پاتلا سىرتقا قارايتى بالىلار ماڭدى،پاتىمە ئالمان تالمان قۇلىدىكى چىنىسىنى يەرگە قويدىدە چاي ئىچىپ ئولتۇرغان ئانىسىنىڭ قۇلىدىن تارتىپ دەرۋازا سىرتىغا چىقتى،
3Ld ;zW -ئۇلار نەگە بارىدۇ ؟
M\.T 0M_ -ئۇقىغىلى بارىدۇ،
(h@yA8>n -مەنمۇ بارىمەن،
!Bd*
L~D ئانا نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى يۇرىكى قارتتىدە قىلىپ ئىشارە قىلۋاتقان قوللىرىنى كوتىرەلمەي قالدى،پاتىمەنى تارتىپ ياندۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭغا دىدى:
+q_lYGTiO -سەن ئاڭلىيالمايسەن ،سوزلىيەلمەيسەن ،مۇئەللىم دىگەنلەرنى بىلمەي قالىسەن.........................
fF-\TW تۇيۇقسىز پاتىمە شۇنداق قاتتىق ۋارقىردىكى ئارقىغا ئۇرۇلۇپلا داستىخاندىكى چىنىنى قۇلىغا ئېلىپ كۇچەپ تۇرۇپ يەرگە ئاتتى،ئۇياق بۇ ياققا قاراپ ھويلىنىڭ بىر تەرىپىدە دادىسى ياساپ بەرگەن سۇپۇرگىنى قۇلىغا ئالدىدە ئۇزۇم بارىڭىنىڭ ئاچىسىغا ۋارقىراپ تۇرۇپ ئۇرۇقا باشلىدى،ئۇ يىغلايتى،ۋارقىرايتى،تىپەتتى،سھەھردىكى بۇ ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ئەنسىرەپ كىرگەن خوشنىلارمۇ داڭ تۇرۇپلا قالدى،ئۇلار ئەزەلدىن بۇ ئۇماق قىزنىڭ بۇنچىلىك خاپا بولغىنىنى كورمىگەن ئىدى،نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئانا سۇپىدا ئۇلتۇرۇپلا قالغان ئىدى،ئانىمۇ يىغلىدى،ۋاراڭ چۇرۇڭدىن قورقۇپ كەتكەن ئۇكىسىمۇ يىغلاۋاتاتتى،،ئانا بۇ كۇننىڭ كېلىدىغىنىنى بىلەتتى،لىكىن بۇنداق ئازاپلىق كىلىدىغانلىغىنى ئويلىمىغان ئىدى.
xP/1@6]_Je پاتىمە ئەسەبىلەشمەكتە ئىدى،ھىچكىم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا جۇرئەت قىلالمىدى،پاتىمەنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلدى،قوللىرى قانغا بويالدى،قۇلىدىكى سۇپۇرگىمۇ ئۇزۇلۇپ تۇگىدى،ھالسىزلانغان پاتىمە يەرگە يىقىلدى،ئانا ئۇزىنى ئاتتى،
3f2Hjk7,d -پاتىمە........
5bznM[%xO سىرىتتىن ئوقتەك ئېتىلىپ كىرگەن دادا تەرگە چۇمۇلگەن ئىدى،ئۇ چاچلىرى چۇۋۇلغان قوللىرى قانغا مىلەنگەن،ھالسىزلىنىپ ھۇشسىزلانغان پاتىمەگە قاراپ ئىچى سېرىلىپلا كەتتى،ئوز ئوزىنى كاچاتلاپ ھوڭرەپ يىغلاپ كەتتى،ئەر يىغلاۋاتاتتى،ئۇ تەغدىردىن ئاغىرنىپمۇ ياكى بالىغا ئىچ ئاغىرتىپمۇ ئەيتاۋۇر شۇنچىلىك ئىچى سىرىلغۇدەك يىغلاۋاتاتتى،پاتىمە يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن كوزلىرىنى تەستە ئاچتى،ئۇ دادىسىغا شۇنداق بىر قارىدىكى دادىسى بۇ قاراشلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى،ئانا بولسا بالا بىلەن تەڭ ھالسىزلانغان بۇلۇپ كوزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۇكۇلەتتى،
gjN!_^_ پاتىمە شۇ ياتقانچە ھەپتە يېتىپ كەتتى،ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بۇلۇپ قالغىنى ئاز كەلگەندەك ھىچكىمگە گەپ قىلمايۋاتاتتى،
H{A| ~V) 8W<)c 4
S{)n0/_ ;@Hi*d[ يىللار بىر بىرىنى قوغلاپ ئوتىۋەردى،پاتىمەنىڭ ئوكىللىرى بىر بىرلەپ مەكتەپكە ماڭدى،پاتىمە ئاشۇ قىتىملىق ئازاپتىن كىيىن ئاستا ئاستا ئوزگىرىشكە باشلىدى،غامسىز چاغلىرى تۇگەپ دائىم دىگۇدەك ئۇزىنى يالغۇز ئويگە سولىۋالىدىغان ،نەچچە كۇنلەپ باشقىلارغا گەپ سوز قىلمايدىغان بۇلىۋالدى،بۇنداق چاغلار دەل ئۇنىڭ ئۇزىنىڭ ئاجىزلىغىنى بىلۋالغان چاغلىرى ئىدى،ئۇ دادىسىنى شۇنچىلىك ياخشى كورەتتى،ھەر قىتىم دادىسى ئويگە كەلگەندە ئىككىسىنىڭ گەپلىرى تۇگىمەي قالاتتى،دادىسىمۇ ئەكەلگەن نەرسىللىرىنى ئالدى بىلەن پاتىمەگە بىرەتتى،ئۇ يوق بۇلۇپ قالسە ئويگە كەلگۇچە ساقلاپ ئاندىن بۇلۇپ بىرەتتى،پاتىمە ئۇچۇن ئۇزىگە ئەڭ يېقىن كىشىسى دەل دادىسى ڭدى.
}nY^T&?` پاتىمەنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغىنى خوشنا ئەر -ئايال مەريەملەرنىڭ ئويىگە كىرىش ئىدى،مەريەمخان موماي يېشىنىڭ چوڭلىغىغا قارىماي بۇ يېزىدىكى بىردىنبىر تىككۇچى ئىدى،ئۇلار ئومۇر بۇيى پەرزەنىت كورمىگەن بولسىمۇ ئادەمنىڭ زۇقى كەلگۇدەك دەرىجىدە ئىجىل ئىناق ئىدى،ئۇلار پاتىمەگىمۇ شۇنداق ئامراق ئىدى،شۇنداق قىلىپ پاتىمە تىككۇچىلىكنى ئوگىنىپ قالدى،ئانا پاتىمەنىڭ تىككۇچىلىكنى ياخشى كۇرۇپ قالغانلىغىدىن سۇيۇندى،چۇنكى پاتىمە يېقىندىن ئانچە تىرىكمەيدىغان بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ مەريەمخان ئانىنىڭ ئۇيىدە ئولچەپ سىزىش بىلەن ئاۋارە ئىدى،شۇنداق قىلىپ ئانا بىر كۇنى سەھەردە رەسمى قائىدىلەر بىلەن پاتىمەنى مەريەمخان ئانىغا شاگىرتلىققا بەردى،
aC
}1]7 مەريەمخان ئانا پاتىمەنىڭ چىچەنىلگىگە ھەيران قالدى،چۇنكى پاتىمە ئۇزۇنغا قالمايلا ئېشىپ قالغان پۇرۇچلار بىلەن كىچىك ئۇكىسىغا ئۇزىنىڭ تۇنجى ئەسىرىنى سۇنغان ئىدى،
MH8%-UV شۇندىن باشلاپ ئۇ ياخشى شاگىرت ھەم يىزىدىكى كىچىك تىككۇچى بۇلۇپ قالدى،
-+_aL4. بىر كۇنى ئەتتىگەندە پاتىمەنىڭ پۇتۇن بەدىنى ئاغرىپ ناھايىتىمۇ بىئارام بولدى،ئۇ ھاجەتخانىدىن ئەنسىز قايتىپ كىلىپ بىر بۇلۇڭغا تۇگۇلۇپلا قالدى،بىر خىل بىنۇرماللىقنى سەزگەن ئانا ئەگىشىپلا كىردى،پاتىمە ئانىسىغا ئېسىلىپلا يىغلاپ كەتتى،ئانا قورقۇپ كەتتى ،نىمە ئىش بولغاندۇ،يىنىش يىنىشلاپ سورىغاندىن كىيىن پاتىمە ئانىغا دىدى:
2Yd~v| -مەن ئۇلۇپ كىتىمەن،
C(*@-Npf[ ئانا ھەيران قالدى.
e27CbA{_w پاتىمە ئانىسىغا قورقۇپ چىرايلىرى تاتارغان ھالدا بالاغەتلىكنىڭ تۇنجى بەلگىىسىنى كورسەتتى ،باياتىن نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئولتۇرغان ئانا ئۇھ دىدىدە پاتىمەگە قاراپ كۇلدى،
=LY^3TlDj شۇنداق قىلىپ ئانا قىزى ئۇچۇن تۇنجى دەرىسنى ئوتكەن بولدى.
8[`
(ai-n,y
5 ]%8;c
f>[;|r@K
ئۇلۇغ ئاللا بۇ قىزنى سوزلىيەلمەس قىلىپ قويغان ھەم ئاڭلىيالماس قىلىپ قويغان بولسىمۇ لىكىن گۇزەللىكنى ئايىمىغان ئىدى،تېقىمىدا يوگىشىپ تۇرىدىغان چاچلىرى ھەر بىر كورگەن ئادەمنى يەنە بىر قىتىم قاراشقا مەجبۇر قىلاتتى،قاپ قارا قاشلىرى ئاستىىكى چوڭ چوڭ كوزلىرى كۇلۇپلا تۇراتتى،بىلمەيدىغان كىشىلەر بۇ قىزنىڭ چىچەنلىگىگە ،گۇزەللىگىگە قاراپ ھەرگىزمۇ ئۇنى مېيىپ دەپ قارىمايتى، 5nqdY*
كۇلكىنىڭ يىغىسى بار دىگەندەك پاتىمەمۇ يېڭى خاپىلىقتىن خالى بولالمىدى، sZBO_](S
ئۇ سەھەردە قويلارنى ھەيدەپ دەريا بۇيىغا كەلدى ،ئۇ قۇزۇقلارنى ئوت چوپ ياخشى ئوسكەن بىر جاينى تاللاپ قاقتى،سەھەر شۇنداق گۇزەل ئىدىكى پاتىمە ئوتلاققا ئۇزىنى تاشلاپ ياتتى ،قاياقتىندۇر پەيدا بولغان بىر گەۋدە پاتىمەگە تاشلاندى،قورقۇپ كەتكەن پاتىمە كۇچىنىڭ يىتىشىچە تىركىشەتتى ،بۇ ھايۋان كەبى مەخلۇق ئۇنىڭغا ئىچ ئاغىرتىدىغاندەك ئۇنى قويىۋىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئاللا ئېگەم بۇ قىزنى قوغداپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر قىزنىڭ قولىغا قۇزۇق قاققاندا ئىشلەتكەن تاش پارچىسى ئۇرۇلۇپ قالدى، Dx*oSP.qX
-ۋايجان،ئولگۇر گاچا، q ? TI,
پاتىمەنىڭ ئاياقلىرىمۇ چۇشۇپ قالدى،بېشىدىكى چىمەن دوپپىسىمۇ كورۇنمەيتى،ئۇ شۇنداق تىز يۇگۇردىكى خۇددى ھېلىلا بىرسى تۇتىۋالىدىغاندەك بىردەم بىردەم كەينىگە قارايتى،ئەنسىز ئېچىلغان دەرۋازا چاي ئىچىپ ئولتۇرغان ئانا بىلەن دادىنى چۇچۇتتى،چاچلىرى چۇۋۇلغان ،كوينەكلىرى يىرتىلغان ياشلىرى تۇكۇلگەن پاتىمە ئانىنىڭ ئالدىغا كىلىپلا يىقىلدى، :Zo2@8@7
دادا غەزەپتىن تىتىرەيتى،ئانا بولسا پاتىمەدىن بىر نەرسىلەرنى سورايتى ،پاتىمە بولسا بېشىنى كوتەرمەستىن ئانىنىڭ سۇئاللىرىغا ياق دەپ جاۋاپ بىرەتتى، O[B_7
ئانا ئۇھ دىدى،ئاللاغا شۇكرى ئېتتى،دادا قىزىنىڭ ئابرويى ئۇچۇن بۇ ئەلەمنى ئىچىگە يۇتتى،شۇندىن كىيىن ،خىزمەتكە بارمايلا قويدى،قاتتىق قورقۇپ كەتكەن پاتىمە نەچچە كۇنگىچە ھويلا سىرتىغا چىقىشقىمۇ جۇرئەت قىلالمىدى،ئاشۇ يىللاردىمۇ ئۇندىن بۇرۇنمۇ ،ھازىرمۇ ۋە بۇندىن كىيىنمۇ بۇنداق كولەڭگىلەر ئەتراپىمىزدا ئەگىپ يۇرىدۇ،بىچارە پاتىمە ئەگەر شۇ چاغدا تەتۇر قىسمەتكە يۇلۇققان بولسا قانداق بولاتتى،ئۇ بىچەرىمۇ ئاشۇ بىر نەچچە كۇن ئىچىدە نىمىلەرنى ئويلىدى ساق ئادەملەرگە قانداق باھا بەردى ،بۇنى ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىم بىلمەيتى. jN>UW}?
6 ;K-t
8^i,M^f^{
ھەش پەش دىگۇچە پاتىمە 17ياشقا كىرىپ قالدى،ئۇ ھەممە نەرسىگە سەپسالىدىغان بۇلۇپ قالدى،ئانىسىدىن سورايدىغان سۇئالىمۇ كوپۇيۇپ قالدى،ئانا ئەنسىرەشكە باشلىدى،تەلىيىگە دادا خىزمىتىنى يېقىن يەرگە يوتكەپ ھەر كۇنى ئويگە كىلىۋاتاتتى،ئانىسىنىڭ نەسىھىتىدىن تەلىملىرىدىن چوڭ بولغانسىرى نۇرغۇن گەپلەرنى دادىسىغا دىگىلى بولمايدىغانلىغىنى بىلىپ ئانىسى بىلەن كوپ سىردىشىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى،ئۇ كوپ نەرسىلەرنى سورايتى،ئانا چۇشەندۇرەتتى، yN%Pe:R
بىر كۇنى مەريەمخان ئانىنىڭ ھويلىسىغا بىر يىگىت كىرىپ كەلدى،ئۇنىڭ قۇلىدا بىر پارچە رەخىت بار ئىدى،دېمىسىمۇ ھېت يېقىنلاپ كەلگەنسىرى ئىش بۇيرۇتىدىغانلارمۇ كوپىيىپ قالغان ئىدى،ئويدىن ئەندىزە (بۇرۇنقى تىككۇچىلەر ئىشلىتىدىغان قېلىپ)ئېلىپ چىقىۋاتقان پاتىمە بىلەن ئۇ يىگىتنىڭ كوزلىرى ئۇچىرشىپ قالدى،،بۇ يىگەت دەل ھىكايىمىزنىڭ بېشىدىكى رەھىمسىز ئەر سادىر ئىدى،ئۇ بۇرۇن بىر قىتىم پاتىمەنى كورگەن،لىكىن ئۇزۇن بولغان ئىدى،ئەجەپ چىرايلىق بۇلۇپ كىتىپتۇ ھە دەيتى ئۇ ئىچىدە،پاتىمەمۇ تېنەپ قالدى،شۇ پەيىتتە ھويلىغا مەريەمخان ئانىنىڭ يىراق يېزىدىكى تۇققانلىرى كىرىپ كەلدى،موماي قۇلىدىكى ئىشنى پاتىمەگە تاپىلاپ مىھمانلارنى باشلاپ ئويگە كىرىپ كەتتى،پاتىمە نازۇك قۇللىرى بىلەن سادىرنىڭ گەۋدىسىنى بىلەكلىرىنى ئولچەشكە باشلىدى،سادىرنىڭ يۇرەكلىرى باشقىچە سۇقۇپ كەتتى،پاتىمە ئولچەپ بولغان بولسىمۇ سادىر مىدىر سىدىر قىلماي تۇراتتى،قىز كۇلۇپ كەتتى،ئاندىن سادىرنىڭ بىلىكىنى ئاستا تارتىپ ئۇنىڭغا ئولچەپ بولغانلىغىنى 3 كۇندىن كىيىن كىلىشىنى ئېيتىپ ئويگە كىرىپ كەتتى شۇ تاپتا پاتىمەنىڭ يۇزلىرىمۇ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى،سادىر ئاستا ھويلىدىن چىقىپ كەتتى، aKr4E3`
ئۇ يول بۇيى ئويلاپ ماڭدى،توۋا بىر گاچا قىزنىڭ ئالدىدىمۇ ئەجەپ بۇلۇپ كەتتىم ھە،،ەجەپ چىرايلىق قىز بۇلۇپتۇ دىسە،بايا ئۇنىڭ قۇللىرى بەدەنلىرىمگە تەككەندەئەجەپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم،سادىر ئەنە شۇلارنى ئويلاپ خوشال بىر خىل سىزىم ئىچىدە كۇلۇپ كەتتى، Kx!|4ya,
پاتىمە يىگىت چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئويدىن چىقتى،باياتىن ئۇزى ئولچىگەن رەخنى ئېلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇياق بۇياققا چۇرۇپ ئولتۇرۇپ قۇلىغا بورنى ئالدىدە ئۇستىسىنىڭ روخسىتىسىزلا رەخ ئۇستىگە سىزىشقا باشلىدى، %'5 wwl
سادىر ماھەللىدىكى بىر يىتىم بالا بۇلۇپ ،ئانىسى سادىرنىڭ تۇغۇتىدا ئۇلۇپ كەتكەن ئىدى،2 يىلنىڭ ئالدىدا دادىسىمۇ كىسەل بۇلۇپ كىتىپ قالغان بۇلۇپ شۇندىن بېرى ئۇزى يالغۇز تىرىكچىلىك قىلىپ ياشاپ كىلۋاتاتتى، جىمجىت ئويدە سادىرنىڭ كوزىگە ئويقۇ كەلمەيتى،كوز ئالدىدىن پاتىمەنىڭ سىماسى كوز ئالدىدىن كەتمەيتى، CMUphS-KE
-توۋا ئۇنى ياخشى كۇرۇپ قالدىممۇ نىمە ؟دەيتى ئۇ ئوز ئوزىگە. 13
p0w
تىچلىقمۇ مەريەمخان ئانا تۇنۇگۇن پاتىمەگە پاسۇنىنى دەپ بەرمەپتىمەن ،شۇڭا ....... ?"Q6;np*
ئۇنىڭ كوزلىرى پاتىمەنى ئىزدەيتى،مانا دەل ئۇزى شۇ ،قاشلىرىغا ئوسما قويغان پاتىمە ھويلىدا ئادەم بارلىغىنى بىلمەيلە قۇلىدا ئەينەك قېشىدا ئوسما ئويدىن چىقىپ كەلدى،سادىرنى كورۇپ قۇلىدىكى ئەينەك چۇشۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى،شۇنداق تىز بۇرۇلۇپ پۇتلىشىپ دىگۇدەك ئويگە كىرىپ كەتتى،پاتىمەنى يەنە بىر كورۇش ئۇچۇن يوق باھانە بىلەن كىرگەن سادىرنىڭ يۇرىكىگە ئوت تۇتاشتى، 3E:<
-گاچا بولسا نىمە بۇپتۇ،ئۇمۇ خۇدانىڭ بەندىسىغۇ،ئۇ شۇنداق پاك تۇرمامدۇ،كىم بىلىدۇ ،ئۇ ماڭا بەخىت ئېلىپ كىلەمدۇ تېخى دەپ پىچىرلايتى ئوز ئۇزىگە سادىر. LnIJw D
تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن ئەلچىلەردىن دادا گاڭگىراپ قالغان ئىدى،ئۇ ئۇزىنىڭ ھازىرغا قەدەر قىزىنىڭ توي ئىشى توغۇرلۇق ئويلىشىپ باقمىغانلىغىدىن ئۇكۇندى،ئەلچىلەرگە نىمە دىيىشنىمۇ بىلەلمەي قالدى،ئۇلار ئەلچىلەرگە كىيىن جاۋابىنى بېرەيلى دەپ يولغا سالدى، qIp`'.#m
پاتىمە مىھمانلارنىڭ نىمىگە كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى، 7G2N&v>
دادا ئويلاندى،قانداق قىلساق بۇلا،ئۇ خارلىنىپ قالارمۇ؟جاپا تارتىپ قالارمۇ؟ ئۇزى نىمە دەر،........ ](pD
ئىككىنچى قىتىم كەلگەن ئەلچىلەر دادىنى قايىل قىلدى، beoMLHp
-مامۇت ئۇكا ،قىزىڭىز بىر ئاجىزە ،ئۇمۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى بۇيىچە ماڭىدۇ ،سادىرمۇ ئوبدان بالا بولدى،ئۇنىڭغىمۇ دادا بۇلۇپ ئىككىسىگە باش بولغايسىز ،ساۋابىنى ئاللا بېرىدۇ ئەمەسمۇ، .=S{
7 CJ b~~
مانا بۇگۇن پاتىمەنىڭ تۇيى بولدى،ئۇ تۇنجى قىتىم يات بىر ئەر كىشى بىلەن يالغۇز ئولتۇراتتى،سادىر ئالدىدىكى چىرايلىق ئايالىغا قاراپ كەتتى،ئۇ پاتىمەنى قورقۇتۇپ قويماسلىق ئۇچۇن ئاۋايلاپقىنە پاتىمەنىڭ قۇلىنى تۇتتى،ئۇنىڭ چاچلىرىنى تارىدى،پاتىمە......................... "G:>}cs%?
شۇنداق قىلىپ بۇ ياش ئەر ئاياللار بىر ياستۇققا باش قويدى،پاتىمەنىڭ يېڭىچە تۇرمۇشى باشلانغان ئىدى،ئۇلار يېڭىچە تۇرمۇشىدىن سۇيۇندى،شۇنچە ۋاقىتتىن تاشلىنىپ قالغان بۇ ئوي ،بۇ ھويلا خۇددى پاتىمەنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا ئىدى، LV0{~g(!%
سادىر تاشلىنىپ قالغان ئۇيىنىڭ يىڭىچە قىياپىتىدىن تولىمۇ رازى ئىدى،ئىسسىق تاماق،پاكىزە ئوي،چىرايلىق خۇتۇنى............................ $?YkgK
تۇنجى جۇمە سادىر پاتىمەنى ئېلىپ چوڭ ئويگە كەلدى،نھچچە كۇندىن كوڭلى تىنماي قىزىدىن ئەنسىرەپ تۇرغان دادا ئىككى ىۇش چىراينى كۇرۇپ كوڭلى ئارامىغا چۇشتى،پاتىمە ئانىسىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى،چۇنكى ئۇ ئانىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى،دادا خوشاللىغىدىن قوتاندا بېقىۋاتقان قويدىن بىرنى سويدى، `JCC-\9T_
ئىككىنچى قىتىم كىلىشىدە دادا يېپ يېڭى كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىن بىرنى سادىرغا كوتەرتىپ قويدى،ئۇ كۇنى پاتىمە تولىمۇ خوشال بولدى، S3m+(N" &
f!yxS?j3
شۇنداق قىلىپ بۇ ياش ئەر ئايال بىر بىرىگە كۇنۇپ قالدى،سادىرمۇ ئىشنى تۇگىتىپلا ئويگە ئالدىرايتى.پاتىمەمۇ ئۇنىڭ يۇلىغا قاراپ تۇراتتى، i
F Ab"VA
لىكىن ئسادىرمۇ ھېلىقىدەك سوز چوچەكلەردىن ،مەھەللىدىكى بىكار تەلەت باللىلارنىڭ قىززىقچىلىق تېمىسىدىن قېچىپ قۇتۇلمىدى،لىكىن ئۇ پەرۋا قىلمىغاچ ئۇلارمۇ تىنجىدى،شۇنداق كۇنلەررنىڭ بىرىدە سادىر بىرسىنىڭ ئىشىغا ياردەملىشىپ خوشنا شەھەرگە چىقماقچى بولدى،ئۇ پاتىمەدىن ئەنسىرەپ ئۇنى چوڭ ئويگە ئاپىرىپ قويدى ،بىر بىرىگە قىيمىغان تۇنجى قىتىملىق ئايرىلىشنى كۇتىۋالدى،ھەي كىم بىلسۇن بۇ ئايرىلىش قىسقا بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇھاببىتىگە دەز كەتكۇزدى،پاتىمەگە يەنە بىر قىتىملىق ئازاپ ئېلىپ كەلدى،ئازاپ بولغاندىمۇ ئۇنىڭ ئادەملەرگە بولغان ئىشەنچىسى يوقالدى،چىرايلىق كوزلىرىدىن ياش قۇرىمىدى، 2iu;7/
سادىر شۇ قىتىملىق سەپىرىدە بىر كىشى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى،ئۇلار تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ھېلىقى كىشى كۇلۇپ كەتتى: mP-+];gg
ھەي سىلەرنىڭ ئۇ يەرگە بارغانمەن دىدى، Y9u2:y!LdL
-راسمۇ قاچان؟ {`: !=
ئۇزۇن بولدى ،ئەسلى ئۇزۇن تۇرماقچى ئىدىم،بىرسىگە ئىشلەش ئۇچۇن بارغان،ئۇ نيەردە بىر سەت ئىش قىلىپ قۇيۇپ قېچىپ كەلدىم دىگىنە ،ئۇكا، `CV a`%
--نىمە ئىش قىلغان ئىدىڭىز شۇنچە ئالدىراپ قاچقۇدەك، uZNR]+Yu@
--نىمىسىنى دەيسەن ئۇكا،بارغان كۇننىڭ ئەتىسى سەھەردە دەريا بۇيىغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەي دەپ چىققان توساتتىن پەرى سۇپەت بىر قىز كوز ئالدىمدىلا پەيدا بۇلۇپ قالدى،ئۇ قويلىرىنى باغلاپ بۇلۇپلا كەتمەي ئوتلاققا ئۇزىنى تاشلاپلا ياتماسمۇ،كاساپەت ئۇنىڭ بىر چۇشۇپ بىر كوتۇرۇلۇپ تۇرغان كوكسىگە قاراۋېرىپ ئۇزەمنى تۇتالماي قاپتىمەن،لىكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى،قۇلىغا چىققان تاش پارچىسى بىلەنبېشڭمنى يېرىۋەتتى ،قارىغىنە ماۋۇ تاتۇققا ،شۇ چاغدا قدلغان،
سادىر ئۇ كىم بولغىدى دەپ ئويلاپ بولغىچە iU &V}p
--كاساپەت گاچا قىزكەن ئەمەسمۇ،قىلغان ئىشىمدىن قورقۇپ شۇ كۇنىلا قېچىپ كەتتىم |YH1q1l
سادىر قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى،ئۇ پاتىمە ئەمەسمۇ؟ l|DOsI'r
ئۇ كوز ئالدىدىكى قارامتۇل كەلگەن پاكار سىمىز ئۇزىدىن ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ كىشىگە قاراپلا قالدى،كوز ئالدىغا پاتىمەنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرقى،بۇ ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئۇستىدىكى ھەركەتلىرى،ۇنىڭ پاتىمەنىڭ كوكسىنى تۇتقان چاغدىكى كورۇنۇشلەر ىۇددى ھازىرلا ئۇنىڭ كوز ئالدىدا يۇز بېرىۋاتقاندەك بىر يەرلىرىدىن ئازاپلاندى،قايسى كۇچنىڭ تەسىرىكىن ئۇ كوز ئالدىدىكى بۇ ئەرگە بىر مۇش ئاتتى، ]xuq2MU,l
نھچچە كۇندىن بېرى سادىر بىر يەرلىرىدىن سۇيۇملۇك ئايالىنى سېغانسا ھېلىقى ئاچچىق پاتىمانى ئۇنىڭغا خىرە كورسىتەتتى،ئەگەردە شۇ توي كېچىسى پاتىمە قىزلىق ئىپپىتىنى سادىرغا بەرمىگەن بولسا يەنە نىمە ئىشلار يۇز بىرە بولغىدى،سادىرنى كورگەن پاتىمە خوشال بۇلۇپ كەتتى،لىكىن سادىر پاتىمەگە ناتۇنۇش ئادەمدەك قارايتى، <4Ak$E%"
--قانداقلا بولمىسۇن قارشىلىق كورسىتىپتىكەنغۇ،ماڭىمۇ ساق تەگدىغۇ ، بۇ بىچارىدە نىمە گۇناھ ،لىكىن،،،،،،،،، LnBkd:>}
پاتىمەنىڭ بىخەۋەر ئەكىلەشلىرى ئۇنىڭسىزمۇ ئايالىنى سېغىنغان سادىرنى خاپىلىقتىن ياندۇردى،شۇنداق قىلىپ بۇ خاپىچىلىقمۇ بېسىققان بولدى. HzWZQ6o
بىر نھچچە كۇندىن كىيىن مەھەللىدە سادىرنىڭ يېقىن بىر دوستڭنىڭ تويى بولدى، \A':}
سادىر ئاداش توي قىلۋىلىپلا يوقاپ كەتتىڭ ھە.--- ]E`DG
ئايالى تۇگىمەس ھىكايە ئېيتىپ بېرىۋاتامدىكىن بۇ ئاداشقا،،،،،،،،،،،،،،،،،،، M5D,YC3<
چىرايلىق ئايالنى ئېلۋىلىپ خاتىرقەم بولالماي بېقىپ ياتقان گەپ،،،،،،،، w2 CgEJ%
ئۇنداق بولمىسا ماۋۇنى گۇپلا قىلىپ ئىچىۋىتىڭلا ئەمدى IUwY/R9Q
ئۇزۇلدۇرمەي كۇلىۋاتقان دوسلىرىنىڭ چاخچاخلىرى سادىرنى جىددىلەشتۇرۇپ قويدى ،كونا يېڭى خاپىلىق ئۇنى ئەقلىدىن ئازدۇردى، pS51fF9
پاتىمە چۇچۇپ كەتتى ،سادەر غەرىققىدە مەس ئىدى،ئۇ كىرگەن پېتى پاتىمەنى سورەپ تۇرغۇزدى،قىيا چىيا باشلاندى،، 16xM?P
دادا تۇگۇلۇپ ئولتۇرغان پاتىمەنىڭ يېنىغا كىردى، بىچارە سادىر ئۇرۇپ ھالى قالماي يىقىلغان چاغدا چوڭ ئۇگە قېچىشقا ئارانلا ئۇلگۇرگەن ئىدى،ئانىنىڭ نىمە بولدى دىگەن سۇئالىغا بېشىنى چايقايتى،نىمىگە ئوردى دىگەن سۇئالىغىمۇ ئوخشاشلا بېشىنى چايقايتى، V[CS{Hy'
دېمىسىمۇ بۇ بىچارە نىمىنى بىلسۇن،سادىرنىڭ قەلبىنى ئازاپلىغان نەرسىنى قانداق بىلسۇن،ھاراقنىڭ كەيپى بىلەن ئاللانىمىلەرنى دەپ كەتكەن بالىلارنىڭ مازاقلىرىنى ۇ قەيەردە يۇرۇپ بىلسۇن ،نۇرمال ،ادەملەرنىڭ يېرگىنىشلىك ئىشلارنى قىلىپلا قالماي يەنە ئاقايىپ غەيۋەتچى ،كورەلمەس ئىكەنلىگىنى بىچارە پاتىمە قانداق بىلسۇن، )0!hw|0|
سادىر ئورنىدىن تۇردى،ئۇچېچىلىپ ياتقان نەرسىلەر ،چېقىلغان چىنىلەرگە قاراپ كوڭلى بىر نەرسىنى تۇيدىدە ئالدىراپ چوڭ ئويگە قاراپ يۇگۇردى. XVE(p3-
--سادىرنى كورگەن پاتىمە ۋارقىراپ كەتتى،ئۇ قورقۇپ كەتتى،سادىرنىڭ كېچىدىكى تەلۋىلىگى ئۇنى قورقۇتتى،سادىر يۇز كوزلىرى كوكەرگەن پاتىمەنى كورۇپ يۇرەكلىرى ئېچىشىپ كوزلىرىگە ئاچچىق ياش كەلدى،ئۇنىڭ شۇنداق ئىچى سېرىلدىكى ئوز ئوزىدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتى، 9CW .xX8
--بالام،نىمە ئىش بولدى ،پاتىمە سىزنى قانداق رەنجىتتى،ئۇنىڭ ئاجىزلىغى بار بەلكىم گىپىڭىزنى چۇشەنمەي قالغان ئوخشايدۇ،ئۇزىمۇ نىمە ئىش بولغانلىغىنى بىلەلمەي قاپتۇ،لىكىن بەك ئۇرۋىتىپسىز،سىزنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىمەن،خىزمىتىڭىزنى قىلالمىغان بولسا پاتىمە قىېپقالسۇن،بىچارە بەك قورقۇپ كىتىپتۇ،ماڭا بالا كىرەك، qJUu9[3'm
دادا مىنى كەچۇرۇڭ ،مەن خاتا قىپتىمەن ،تۇنۇگۇن تويدا ئازراق كەيىپ قىلۋاپتىمەن،ۋەدە بېرەي دادا،پاتىمەنى ئېلىپ كىتەي ئەمدى ئۇنىڭغا ياخشى قارايمەن، cl)%qIXj}H
دادا يەنە نىمە دىيەلىسۇن،قايسى ئەر ئايال ئۇرۇشمايدۇ،بوپتۇ ئۇيىنى تۇتسۇن،ئۇ سادىرغا تەربىيە ئىشلىگەن بولدى، R8?Xz5
دادىنىڭ سوزلىرىمۇ ياكى سادىرنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمۇ پاتىمەنى يەنە ئۇيىگە قايتۇردى ، (hs[B4nV
پاتىمە نەچچە كۇنگىچە سادىرغا يېقىن كىلەلمىدى،سادىر ياتسىمۇ قوپسىمۇ چۇچۇيتى،لىكىن سادىرنىڭ كۇيۇنۇشلىرى ئۇنى خاتىرجەم قىلدى، |'Z6M];8t
لىكىن بۇ تۇنجىقىتىملىق جىدەل ئۇلارنى تۇنجى بالىسىدىن ئايرىدى،پاتىمە تاياقتىن بۇيىدىن ئاجراپ كەتتى، /5EM;Mx
سادىر پاتىمەنى ياخشى كۇتتى،ئانىمۇ كۇندە نەچچە قېتىمبۇ ئويدىن ئايرىلمىدى،ئۇزى باقماقچى بولدى،لىكىن سادىر ئۇنىمىدى،ۋاقىتنىڭ ئۇتىشى بىلەن پاتىمەنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى يارىسى ساقىيىپ ئىككىنچى قېتىم قوساق كوتۇردى،تۇيۇقسىزلا ئۇلارنىڭ خوشنا ئويگە بىر تۇل ئايال كۇچۇپ كىردى،ئاقكۇڭۇل پاتىمە بىلەن سادىر ئۇ ئايالغا ياردەملىشىپ ئويلىرىنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ بەردى،لىكىن بۇ ئاقكۇڭۇللۇك ئۇلارنى پۇتمەس تۇگىمەس ئەلەمگە قويدى، {H=DeQ
9 ":tQYo]d
$
nx&(V
بۇ چوكاننىڭ ئىسمى رەيھان بۇلۇپ،شەھەردە دۇكىنى بارئىدى ،شەھەرلىك ئاياللارغا خاس يۇرۇش تۇرۇش ۋە كىيىنىشى مەھەللىدىكى ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تاتماي قالمىدى ئەلۋەتتە،بۇ ئايالنىڭ قانداق قىلىپ ئۇزۇندىن خوجايىنسىز قالغان بۇ ئويگە كىلىپ قالغىنى بىزگە نامەلۇم،بۇ چوكان ياش ھەم چىرايلىق بۇلۇپ ،ئۇ بۇ مەھەللىگە كەلگەندىن بېرى بۇ كوچىغا كېلىدىغان ناتۇنۇش كىشىلەرمۇ كوپىيپ قالغان ئىدى.ئوي ئىچىدىن ناخشا مۇزىكىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى،پاتىمەمۇ بىر نەچچە قېتىم ياردەملەشكەنمۇ بولدى،سادىرمۇ بىكار قالمىدى،بەزى كۇنلىرى مەس بۇلۇپ كەتكەن مىھمانلارنى يولىشىپمۇ بەردى،بۇنداق چاغلاردا چوكان شۇنداق ئېچىلىپ كىتەتتىكى سادىر ھەيران قالاتتى، 7&DhEI ^
---كىملەردۇ بۇلار،ئايال كىشىمۇ ئجەپ ھاراق ئىچىدىكىنا،؟ *$0uAN
---سادىر ئۇكام ئويگە كىرىڭە، ]hJ#%1
--بىر رومكا ئىچكەنگە نىمە بولاتتى، tg_v\n
بۇنداق پارچە ھاراقلارنى سادىر بىر نەچچە قىتىم ئچتى ،شۇندىن باشلاپ سادىر بو ئوينىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىگە ئايلاندى، / q*n*j
--يەنە بىرنى ئىچىڭە،سادىر ئايالىڭىزمۇ يەڭگىپ قالاي دەپتۇ !vH7vq
كەيىپكە توشقان ئايال سادىرنىڭ قۇلىنى كاپلا قىلىپ تۇتتى،نىمە ئىش بولغىنىنى يېزىشقا قەلىمىم بارمىدى،
سادىر ئويگە كىردى،پاتىمە دۇنيادىن بىخەۋەر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى،سادىر ئۇھ دەپ ئارقىغا ئورۇلدىدە چۇگۇننى ئېلىپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى، '85@U`e.
سادىرنى ساقلاپ تاماقمۇ يىمەي ئولتۇرغان پاتىمە بىر قاچا تاماقنى ئېلىپ رەيھاننىڭ ئۇيىگە كىردى،ئىشىك ،بۇ ئىشىك،مۇداپىئە ئۇچۇن ئورنىتىدىغان بۇ ئىشىك نىمە ئۇچۇن ىىتىلمەي قالغاندۇ،پاڭڭىدە قىلىپ بېشىغا تەككەن قاچىدىن ھۇشىنى يىققان سادىر كىيىملىرىنىمۇ كىيىشكە ئۇلگۇرەلمەي قالدى،رەيھان بولسا خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ياتاتتى، ~M7
J{hK
--نىمانداق قىلىدۇ بۇ گاچا،كۇزۇمدىن يوقىتىڭە بۇنى،-- ,1J+3ugp&
سادىر كىيىمىنى كىيىپ بولغۇچە پاتىمەمۇ بۇ يەردىن يوقالدى،سادىر ئويگە كىرگەندە پاتىمە ئۇزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى،ئۇنىڭ ئككى قۇلى شەرەت قىلىشقا ئۇلگۇرمىگەن ئىدى،چاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پاتىمە سادىرنى بىر تەستەك سالدى، MhaN+N
شۇنىڭ بىلەن ھىكايىمىزنىڭ بېشىدىكى قىيا چىيا باشلاندى، XaOq &7
پاتىمە 7 ئاي قوساق كوتۇرگەن بالىسىدىن ئەنە شۇنداق مەھرۇم قالدى، O%?noW
دوستۇم سىز دەپ بىقىڭە ؟پاتىمە خاتا قىلدىمۇ؟پاتىمە خاتا قىلمىغان بولسا سادىر ئادىمىلىكىنى يوقاتتىمۇ؟ھازىرقى كۇندىمۇ ئوز ئۇيىنى رەڭلىك تۇرمۇشنىڭ قىزىقتۇرشىغا بەرداشلىق بىرەلمەي بۇزىۋاتقانلار ئازمۇ، HMDQEd;
رەيھانلارچۇ؟ s2s}5b3
شۇ كۇندىن كىيىن رەيھانمۇ مەھەللىدىن يوقالدى،پاتىمە ھېچقانداق يالۋۇرۇشلارنى ئاڭلىمىدى،سادىرنىڭ يىغىسىغىمۇ پەرۋا قىلمىدى،بىچارە ئاتا قىزىنىڭ يەنە دەت تارتىشىدىن ئەنسىردىمۇ قانداق بۇ قىتىم پاتىمەنى سادىرغا قۇشۇپ قويالمىدى، ?fF{M%i-%
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھاببىتى ئاخىرلاشتى، Id-?her>B
سادىر ئۇكۇندى،ئەممە كىچىككەن ئىدى، ra#s!m1
DxX333vC
10 2x3'm
باھارلار ئوتتى،قىشلارمۇ ئوتتى،پاتىمەنىڭ ئازاپلىرىمۇ ئاستا ئاستا يىنىكلەشكە باشلىدى،سادىرمۇ دەرۋازا ئالدىدىن تولا ئۇتۇپ ھاردى بولغاي يېقىندىن ئۇمۇ كورۇنمەس بولدى،پاتىمە تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ كەتتى.كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئارام ئالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،بارلىق ئازابىنى ماشىنىدىن ئالماقچى بولغاندەك پۇتۇن زىھنى بىلەن ئىش تىكىۋاتاتتى، GUUVE@Z
پاتىمەنىڭ سىڭلىسىمۇ توي قىلدى،ھەر قېتىم ئەر ئايال بىللە كەلگەندە پاتىمە جىمجىتلىشىپ قالاتتى،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇمۇ كۇنۇپ قالدى،كۇندە دىگۇدەك كىرىپ تۇرىدىغان قىز ئاياللار پاتىمەنى كۇلدۇرەتتى، K]q9wR'q
ۋاقىت ئەنە شۇنداق تىز ئوتمەكتە، 3\Y}{(O |
بىر ھېتتا ئويدىكىلەر بىلەن خوشنا يېزىغا چىققان پاتىمەنى يەنە بىر يىگىت ياخشى كورۇپ قالدى، تالاي ئىشلاردىن كىيىن پاتىمە يەنە ئىككىنجى باھارىنى باشلىدى، nLZT3`@~,
يىگىتنىڭ ئىسمى ئەلى بۇلۇپ يېشى سەل چوڭ بۇلۇپ قالسىمۇ تېخىچىلا بويتاق ىدى،ئۇ پاتىمەنى بىر كورۇپلا ئاشىق بولدى ئانىسىنىڭ يىغلاشلىرى رەت قىلىشلىرىمۇ توسالمىدى،ئايخان ئانا نىمە ئۇچۇن ئوغلىنىڭ بۇ گاچا قىزنى ياخشى كوروپ قالغانلىغىنى ئىديىسىدىن ئوتكۇزەلمەيتى، ]#hT!VOd
پاتىمە ئوي ئىشلىرىنى رەتلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلىسىمۇ ئايخان ئانا پاتىمەگە بىر تەبەسسۇم قىلمىدى پاتىمە بەزىدە بۇ ئانىدىن دەشنام يىگەندە ئەلى ئۇنىڭ كوڭلىنى ئېلۋالاتتى،ئىككىسى بىر بىرىگە شۇنچە ئىجىل بۇلۇپ كىتىۋاتقان كۇنلەرنىڭ بىرىدە پاتىمە ئارتۇق ئىشلىتىپ قويغان ماي ئۇچۇن ئانىدىن دەشنام يەۋاتقاننىڭ ئۇستىگە پاتىمەنىڭ دادىسى كىرىپ قالدى،ئپاتىمەنىڭ جىنايەتچىلەردەك ئوسال ئەھۋالدا قالغان ھالىتىنى كورگەن دادا تۇرۇپلا قالدى، @nN+F,phx
پاتىمەنىڭ كوڭلىنى ھېلى ئېلۋالمەنغۇ دەپ ئويلىغان ئەلى نىمە دەپ چۇشەندۇرۇشنى بىلەلمەي قالدى،دادا بۇگۇن قوي سۇيۇپ پاتىمەگە قىسىنىپ ئالغاچ كەلگەن گوشنى ئايخان ئانىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ پاتىمەنىڭ قۇلىدىن يېتىلىگەنىچە سىرىتقا قاراپ ماڭدى، B^(0>Da\
--ئانا گەپ قىلمامسىز؟ v~73
--ئانا..... dL"$YU9z
--قۇدام تىز كەلسىلە،مامۇت ئاكا ئارقىغا بۇرۇلۇپ يەردە تاياقتەك قېتىپ ،ئاغزىدىن ئاپپاق كۇپۇك يېنىپ تۇرغان ئەلىنى كۇرۇپ ئوقتەك يۇگۇرۇپ كەلدى،پاتىمە قورقۇپ كەتكەن ئىدى، M3 8,SH<
شۇ ئىشتىن كىيىن ھەممىگە ئايان بولدىكى ئەلىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بولغاچقا تېخىچە توي قىلمىغان ئىدى، $Vp&Vc8
مامۇت ئاكا چىدىمايلا قالدى ،قىزىغا كەلگەن بۇ كۇلپەتلەردىن تۇرۇپلا قالدى،مامۇت ئاكا يالغۇز قايتىپ كەتتى،ئايخان ئانا ئوغلىدىن ئەنسىردىمۇ ياكى خىجىل بولدىمۇ بىرەرقۇر تەكەللۇپ ئېتقان بولدى، Dbyy H_
ئەلى پاتىمەنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتىۋالغان بۇلۇپ پاتىمە ئەلىگە قاراپ يۇم يۇم يىغلايتى،شۇ ئىشتىن كىيىن ئايخان ئانىمۇ پاتىمەگە ئانچە ئاچچىق قىلماس بولدى،لىكىن ئەلىگە پاتىمەدىن ئاجىرشىپ كىتىش تەلىۋىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى،ئەلى بولسا پاتىمەنى يەنىلا ياخشى كورىۋەردى،نەچچە قىتىم يېقىلغان بولسىمۇ پاتىمە قانداق كۇتۇشنى بىلۋالدى، RCNqHYR
پاتىمە يەنە بىر قىتىم قوساق كوتەردى،ئەلى شۇنچىلىك خوشال ئىدىكى،ھەر كۇنى پاتىمەنى ئويدە ئازار يەپ قالمىسۇن دەپ ئېتىزغا بىللە ئاپىراتتى،پاتىما قىردا ئولتۇرۇپ دەم ئالاتتى، ik~hL/JD\
ئاللانىڭ خاسىيىتى بىلەن پاتىمە ئۇڭۇشلۇق يەڭگىدى،پاتىمەنىڭ دادىسى بۇ نەۋرە قىزىغا نۇرنىسا دەپ ئىسىم قويدى، ]5td,2E
C
پاتىمە ئانا بولدى،خوشال بولدى،ئەلى بالىنى بىر سويسە پاتىمەنى بىرنى سويەتتى.بالا كېچىسى يىغلاپ كەتسە ئەلى بەزىدە پاتىمەنى ئويغاتماي ئۇزى توساتتى، : M0LAN
ئايخان ئانا يەنىلا خوشال بولمىدى،ئوغلىنىڭ كوڭلىنى دەپ نۇرنىسانى قولغا ئالغان بىلەن بالىنى ئەركىلتىپمۇ قويمايتى، Re
--بالاڭمۇ گاچا بۇلۇپ قالماس ھە؟ zGZe|-
ھازىرمۇ قويىۋەتسەڭ ئۇلگۇرىسە، !9iVe7V
ئەلى ئوز ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپكە ئىشەنمەيلا قالدى، @u6#Tvxy[
--ئانا بىر ئوبدانلا كىتىۋاتىمىزغۇ ،پاتىمەمۇ سىزنى رەنجىتمىدىغۇ؟بالا ئەمدى تۇغۇلدى بۇندىن كىيىن بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ،مەن ھازىر دادا بولدۇم، f<|8NQ2y.
بۇ سوھپەت مانا شۇنداق ئۇزۇلدى، 5+%BZ
11 !c1
E
qLYv=h$,
ئايخان ئانا دادىسى بىلەن ئانىسى ئېتىزغا كەتكەن نۇرنىساغا قاراپ ئولتۇراتتى،مۇشۇ بالا بولمىغان بولسا ھە،ئۇلار چۇقۇم ئاجىرشىپ كەتكەن بولاتتى،ھېلىقى ئانارگۇل تۇنۇشتۇرغان چوكان كۇزۇمگە بەكمۇ ئىسسىق كۇرۇندى،ئايخان ئانا دەپ چاقىرىشلىرىچۇ تىخى، "{{xH*ij'
شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۇرۇپ تۇرۇپمۇ يامانلىقتىن قول ئۇزمەيدىغان. `m'2RNSc+#
نۇرنىسا ئومىلەپ سۇپىدىكى چىۋىن دارىسى چىلانغان لىگەنگە يىقىنلاشتى،ئايخان ئانىنىڭ بالىنى تارتىۋىلىش ئۇچۇن سۇنۇلغان قوللىرى شۇنداق تىز توختاپ قالدى، M;Vx[s,#,
نۇرنىسا لىگەندە تېخى ئەتتىگەندە ئانىسى چىلىغان چىۋىن دارىسىنى چاچىرتىپ ئويناۋاتاتتى، _5y)m5I
--نىمە ئىش بۇ؟ yY_]YeeR
تۇيۇقسىز ئاسماندىن چۇشكەندەكلا نەۋرىسىنى سېغېنىپ ھويلىغا كىرىپ كەلگەن مامۇت ئاكا ۋارقىراپ كەتتى،ئايخان ئانىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتى، ~=c^Oo:
--ئاپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن، MF E%q
ياق ،پاتىمەنى بالا بىلەن ئېلىپ كېتىمەن،دەيتى مامۇت ئاكا تېرىكىپ، $k!@e M/R
سىزنىڭ تۇمەن گەپلىرىڭىزگە ئىشىنىپ كەلدىممەن،بۇگۇن كىلىپ قالمىغان بولسام ..........پاتىمەنى تىرىك ئولتۇرەي دەمسىلەر،بالىدا نىمە گۇناھ،ئايخان ئاچا پاتىمەنى قۇبۇل قىلالمىغان بولسىلا ئۇنى ئېلىپ كىتەي، بىچارە ئاجىز ئەمەسمۇ؟يۇرەكلىرى تاشمۇ سىلىنىڭ، oN _%oc
نۇرنىسا بۇ قىتىم ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالدى،ئاللا ئۇنىڭغا ئەجەل بەرمىدى،ئاللا پاتىمەنى بىردىنبىر خوشاللىغىدىن ئايرىمىدى،ئەلى شۇ كۇندىن باشلاپ ئانىدىن شۇنداق كوڭلى ئاغرىندىكى گەپمۇ قىلمايتى،لىكىن پاتىمە يەنىلا چاندۇرماي بۇرۇنقىدەكلا ئانىنى ياخشى كۇتتى، $V\xN(Ed
نۇرنىسانىڭ يېڭى ئايىقى چىقتى،ئىككى چامداپلا يىقىلاتتى،بالىنى تاتلىق قىلىقىدىن سۇيۇنۇپ كوتۇرۋالغان ئەلى بالىنى قېنىپ قېنىپ سويەتتى ,:z@Ji
--دادا .دادا ، C2`END;
نۇرنىسا ئىككى قۇلىنى سۇنۇپ دادىغا قاراپ دلدەڭشىگىنچە تىز تىز چامدايتى، e94csTh=
ئايخان ئانا ھويلىغا كىرىپ كەلگەن خوشنىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ نۇرنىسانى ئۇنتۇپ قالدى،نۇرنىسا ئىشىك ئالدىدا سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىقتا ئوز ئۇلۇمىنى كۇتىۋالغىلى تاس قالدى،يەيدىغان رىسقى تۇگىمىگەن چېغى،باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۋىلىندى،ئاخىرى ئانا بىلەن ئۇغۇل ئوتتۇرسىدىكى جىدەل باشلاندى. U\b,W&%P
قانداق قىلىمەن ،ھېلىمۇ بېقىپ بېرىۋاتىمەنغۇ،چوڭ ئۇيىگە ئاپىرىپ بەر شۇلار بېقىپ بەرسۇن، @7BH`b$)!
ئانا ،مەن سىزنىڭ بالىڭىز ،ئۇ مىنىڭ بالام،نىمە دەپ ئۇ ئويگە ئاپىرىپ بەرگۇدەكمەن،ئانا سىزنى تۇنىيالمايۋاتىمەن ، Crey}A/N
شۇنداقمۇ .ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشمىساڭ،مەندەك ئاناڭدىن تېنىپ كەت،ئاجراشمىساڭ مەن سەندىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى ئەمەس،مەن بۇ ئويدىن كېتىمەن، u|w[b9^r
نۇرغۇن باياناتلارنى سوزلەپ ئولتۇرغۇم يوق،شۇنداق قىلىپ نۇرنىسانى باغرىغا باسقان پاتىمە ئىككىنجى قىتىم ئازاپ بىلەن ئوز ئۇيىگە قايتىپ كەلدى، mirMDJsl%
;>YJ}:r"\
12
fHe3 :a5+W
نۇرنىسا شۇنداق تاتلىق چوڭ بۇلىۋاتاتتى،مامۇت ئاكا بۇ نەۋرە قىزغا شۇنداق ئامراق ئىدىكى بۇ ئامراقلىق دەل ئەينى ۋاقىتتا پاتىمەگە بولغان ئامراقلىقتىن كەم ئەمەس ئىدى.پاتىمە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوي ىشىنى قولغا ئالدى،ئانا دەم ئېلىپلا قالدى، xOEj+%M
ئەلىمۇ ئىىككىنچى ئايالىنى قۇيىۋىتىپ 3- ئايالىنى ئېلىشقىمۇ ئۇلگۇردى،سادىرمۇ نۇرنىسا بىلەن تەڭ ياشتىكى قىزنىڭ دادىسى بۇلۇپ قالدى،نۇرنىسا بىلەن سادىرنىڭ قىزى تەڭلا بىر مەكتەپكە بىر سىنىپقا ئۇقۇشقا كىردى. \bfNki
ئەلىنىڭ قىزىمۇ 4 ياشقا كىرىپ قالدى،ئايخان ئانا مۇرادىغا يەتتى،لىكىن ئىسىت پاتىمە دەپ يىغلاپ قالدى،ئارزۇلاپ ئەكەلگەن 2-كىلىن ئەلىنى كېسىلى باركەن دەپ يامانلاپ كەتتى،3-كىلىن ئوچاق ئايرىپ ئايخان ئانا قېرىغاندا خار بولدى،شۇ چاغدىلا پاتىمە ئۇچۇن ياش توكتى،بىر نەچچە قىتىم نۇرنىسانى يوقلاپ كەلدى،باشقىلارنىڭ قۇشۇلمىغىنىغا قارىماي مامۇت ئاكا ئۇلارنى كورۇشتۇردى، 0]5QX/I
لىكىن ئەلى نۇرنىسانى قەتىئىلا كورگىلى كەلمىدى،ئۇ تېخىمۇ كېسەل بۇلۇپ كەتتى، 5 kQC
نۇرنىسا 8 ياشقا كىرگەن يىلى ئەلى كېسەل بىلەن بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالدى،مامۇت ئاكا نۇرنىسانى ئېلىپ مۇسىبەتكە باردى،نۇرنىسانى كورگەن ئايخان ئانا شۇنداق قاتتىق ھازا ئاچتىكى مۇسىبەتكە كەلگەن ھەر بىر كىشىنىڭ يۇرىكىنى ئەزدى،نۇرنىسا كىچىكلىكتىنمۇ ياكى بۇ يەردىكىلەرنى تۇنىمىغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر يۇغان كوزلىرى بىلەن ئۇياق بۇياققا ياتسىراپ قارايتى،ئىلگىرى تىرىك يىتىم بولغان نۇرنىسا ئەمدى ھەقىقى يىتىم بولدى، [x9eamJ,H
ئوغلىدىن ئايرىلغان ئايخان ئانا تېخىمۇ تەس كۇنگە قالدى،كىلىنى چوڭ قىزىنى قالدۇرۇپ كىچىك بالىسىنى ئېلىپ باشقا ئەرگە تىگىۋالدى، [{'` |
نۇرنىسا مەكتەپتە شۇنداق ياخشى ئۇقىدى،مامۇت ئاكا ھەر قىتىملىق نەتىجىنى كورۇپ خوشال بۇلۇپ كىتەتتى،نۇرغۇنلىغان يۇز بىرىشكە تىگىشلىك ھەم تىگىشلىك ئىشلار يۇز بېرىپ نۇرنىسا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىلى ئايخان ئانا ئەلىنىڭ كىچىك قىزى باھارنى ئېلىپ نۇرنىسا بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ قويدى،باھار شۇندىن باشلاپ نۇرنىسانى ئاچا دەپ چاقىردى،پاتىمەمۇ بۇ قىزغا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى. w 8T#~Dc
لىكىن 105 ياشقا كىرگەن ئايخان ئانا باھارنى قالدۇرۇپ ئۇ دۇنياغا ئەنە شۇنداق كىتىپ قالدى،باھارنى ئانىسى ئېلىپ كەتتى شۇندىن كىيىن بىچارە قىز باھارنىڭمۇ كورمىگەن كۇنى قالمىدى، gh3_})8c
2gukK8R$
نۇرنىساغا كەلسەك ئۇ تۇلۇقسىزنىمۇ ئەلا پۇتتۇرۇپ پەۋقۇلادە يوقىرى نۇمۇر بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرىغا قۇبۇل قىلىندى. ;5dJ5_ }
ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان يىلى مامۇت ئاكا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى، {0QNqjue
f6u<.b
13 (HDR}!.E
ئانا مىنى كەچۇر،ئەمدى داۋامىنى يازالمىغۇدەكمەن ،ھىكايەمنىڭ داۋامى مىنى چەكسىز قىينىغانلىغى ئۇچۇن ئەمدى قەلەم تەۋرىتىشكە ئاجىزمەن،نۇرغۇن ماقالىلارنى يېزىپ مەتبۇئات يۇزىگە چىقارغان ،ئۇلۇكنى تىرىك راسنى يالغان قىلالايدىغان تەپەككۇرۇم ،ھېسياتىمدا ئويناپ تۇرغان سۇپەتلەر ،جان كىرگۇزىدىغان مۇبالىغە، رەڭ بەرگۇچى ئوخشىتىشلار ، بۇ تىمىغا كەلگەندە ئاجىزلىق قىلدى،مەن ئىشلىتەلمەسلىكتىن ئەمەس بەلكى سىنىڭ ئوبرازىڭنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىردىم،سىنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭنى ئوز ھېسياتىم بىلەن ئىپادىلەشنى لايىق كورمىدىم،ئانا سەنمۇ پۇتۇن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارغا ئوخشاش مىنى پەرۋىش قىلدىڭ ،مەن ئۇچۇن ئازار يىدىڭ،مەن ئۇچۇن كوپلەپ بەدەل تولىدىڭ،جىنىم ئانا مەن بىلىمەن ،مەن ھەر ۋاقىت سىنى ئويلاپ تۇردۇم ،ھەتتاكى سىنىڭ كەمسىتىلىپ قالماسلىغىڭ ،ئرىم ئالدىدا قىسىلىپ قالماسلىغىڭ ئۇچۇن يېشىم 28 گە بارغۇچە توي قىلمىدىم،توينىغۇ قىلدىم ،لىكىن سىنى زار يىغلىتىپ قويدۇم،سىنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمىدىم،ھېلىمۇ ئەزىز بىر تۇققانلىرىڭ ساڭا ئىنتايىن ئامراق بولغاچقا ساڭا ياخشى قارىدى،ساڭا پۇل تۇتقازدىم لىكىن پۇتۇڭنى تۇتۇپ قويالمىدىم،ساڭە ئالى كىيىم كىچەكلەرنى ئېلىپ بەردىم لىكىن سەن ئۇچۇن 2 كۇننى ئارتۇق ئاجىرتالمىدىم،ئۇزەم مۇھاببەت ئۇچۇن زار زار يىغلىدىم،لىكىن سىنىڭ يېشىڭنى كورمەسكس سالدىم،ئانا كورمەسكە سالغىنىم يوق ئەكسىنچە ساڭا قانداق تەسەللى بىرىشنى بىلەلمىدىم،سەن كەمسىتىلىشلەرگە ئۇچىرغاندا پەقەت ئاشۇ قەلبى مېيىپ كىشىلەرنى ئاللاغا تاپشۇردۇم،چۇنكى ئاللا بىزگە مەدەتكار ئاللا بىزنى ھەر زامان كورۇپ تۇرىدۇ،ئانا مىنى كەچۇر مەنمۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن پەرزەنىت كورەلمەسلىك سەۋەبى بىلەن ئاجىرشىپ كەتتىم،لىكىن ساڭا قانداق دىيىشنى بىلمەيۋاتىمەن،ئانا مەن تىرشىپ ئىشلەۋاتىمەن ،كىلىنلەرنىڭ ئازارىغا يەنە ئازراق چىداپ تۇر،چۇنكى ئۇلار سىنىڭمۇ ئاللا ياراتقان بەندە ئىكەنلىگىڭنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ،بىچارە ئانا كىلىنلەر ئالدىدا شۇنچە خورلۇققا قاپسەن،بىلمەي قاپتىمەن ئۇلارنىڭمۇ ئانىسى بار ،مەن بالا تۇرۇپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمىغان تۇرسام ئۇلاردىن رەنجىيدىغان يۇلۇم يوق ئەلۋەتتە،مەن يېنىڭغا قايىتماقچى،مەن سىنى ھالال ئەمگىكىم بىلەن باقىمەن،مەن ساڭە بەرگەن تەسۋىنى يېنىڭدىن ئايرىما ،مەن ئوگەتكەندەك ئاللانىڭ ئىسمىنى زىكرى قىل، :)p\a1I[*
دوسلار كوز ياشلىرىم تۇكۇلۋاتىدۇ،مىنىڭ ئانام نۇرغۇن مىيىپلار ئىچىدىكى بىر مېيىپ،ئۇ مىيىپ بولغانلىغى ئۇچۇن نۇرغۇن كەمسىتىلدى،نۇرغۇن تەڭسىزلىككە ئۇچىردى،ئۇلار ئازاپلىنىشنى بىلمەسمۇ؟ O,x[6P54P
مەن ئۇقۇرمەنلەردىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى مىيىپلارنى ھورمەت قىلايلى،چوڭلارنى ھورمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش دىگەن شۇئارىمىزغا مىيىپلارغا كۇڭۇل بۇلەيلى دەپ قۇشۇپ قويايلى، gE\&[;)DB
ئاخىرىدا سىلەرنىڭ كۇڭۇل قۇيۇپ ئۇقىغىنىڭلارغا چەكسىز تەشەككۇر ئېيتىمەن، QV)>+6\
^CO{86V
مەنبە ----------------------ئۆز قەلىمىم[ بۇ يازما 818sabda تەرپىدىن2008-10-17 14:06دە قايتا ]