%cd]xQpCp قان ئىچىدىكى پاكلىق
uiuTv)pwF XWc|[>iO Zr5'TZ`$ ئۇلارمۇ نۇرغۇنلىغان رىۋايەت - چۆچەكلەردىكى شاھزادە بىلەن مەلىكىدەك ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ شېرىن لەززىتىدىن پاك قەلبىگە ئۆچمەس ھەم كۆچمەس مۆھۈرلەرنى باسقانىدى.
g8Ok ^ شۇ كېچە ئىككى ياشنىڭ
بىرىنىڭ ھاياتىنى پاك تېنى بىلەن ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئۇزىتىپ قويدى، يەنە بىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى بىز پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمما ئاللادىن باشقىلىرىمىز بىلىشكە ئاجىزمىز!
:^K~t!@ تىتمتاس كېچە. پەقەت چېكەتكىلەرنىڭ ئاۋازىلا ئۈزۈل
مەي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، چوڭ يولدىن يۈز قەدەمچە نېرىسىدىكى ئېتىزلىق. تولۇنئاي بىر جۈپ گىرەلەشكەن بەدەننىڭ شېرىن پىچىرلاشلىرىغا تويماي كۈلۈمسىرەپ بىقىپ بارلىق نۇرىنى باشقا كۈنلەردىكىدىنمۇ بەكرەك سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى. يۇلتۇزلار بىر - بىرىگە كۆز قىسىشىپ بەزىلىرى بۇ بىر جۈپنى مازاق قىلىشاتتى، بەزىلىرى ھەۋەس بىلەن كۆزىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويماي ئۇلارنىڭ ئوتلۇق سۆيۈشۈشلىرىگە، خۇددى شامدەك ئېرىپ بىر - بىرىگە سىڭىپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ مۇڭلۇق خىيالغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. بوش شىۋىرلاۋاتقان سالقىن ياز شامىلى قىزنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىنى يېنىك تەۋرىتىپ قىزنىڭ سۆيگۈ ئاتا قىلغان لەززەتتىن مەستخۇش يۇمۇلغان كۆزلىرىگە يۈزىنى يېقىپ ئۇلارغا بەخت تىلەيتتى. يىگىت قىزنىڭ خۇشبۇي تىنىقلىرىدىن ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئىدى. ئۇنى باغرىغا كىرگۈزىۋالماقچى بولغاندەك بارغانسېرى چىڭ قۇچاقلايتتى. ئۈزۈك-ئۈزۈك تىنىقلار.... تېزلىشىۋاتقان نەپەسلەر ئۇلارنىڭ ئەس - ھوشىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتكەنىدى.
Qz'O{f توساتتىن ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ قارىشىپ تۇرغان چاشقانلار قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىشىپ ئەتراپقا تېز - تېز كۆز يۈگۈرتتى. بىر جۈپلەردىن يىگىرمە - ئوتتۇز قەدەم نېرىسىدىكى سوقما تامدا بىر نەچچە قارا كۆلەڭگە پەيدا بولدى. ئايمۇ نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى سەزگەندەك ھازىرلا يۈز بېرىدىغان بىر مەيدان پاجىئەنى كۆرۈشنى خالىماي بۇلۇت كەينىگە مۆكتى. يۇلتۇزلار ئارقا - ئارقىدىن كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىشتى. قارا كۆلەڭگىلەر بىر جۈپلەر بىلەن ئون قەدەمچە ئارىلىق قالغاندا چىپپىدە توختىشىپ باشلىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ بىر نېمىلەرنى كۇسۇلداشتى. تۈن قاراڭغۇسىدا بىر نەچچە باشنىڭ بىر يەرگە كېلىپ سۇكۇلداشقىنى شامالنىڭمۇ كەيپىنى ئۇچۇردى. شامال بۇ پاجىئەنى توسۇپ قالماقچى بولغاندەك قوناق شاخلىرىغا، ئېتىز قىرلىرىغا ئېغىر ئۇرۇلاتتى. قىزنىڭ چاچلىرىنى كۈچەپ تارتىپ ئۇلارنى بۇ يەردىن كېتىشكە ئۈندەيتتى. لېكىن بىر جۈپلەر تېخىچە مەستخۇش ھالەتتە ھېچنىمىنى سەزمەيتتى.
/95FDk> قارا كۆلەڭگىلەر سوقما تامنىڭ يېنىدىن چىقتى. بىر نەچچە تەرەپكە بۆلۈنۈپ بىر جۈپنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چوڭ - چوڭ قەدەملەر بىلەن ئوت - چۆپلەرنى دەسسەپ كېلىشتى. يىگىت ئاياغ تىۋىشلىرىدىن ئۆزىگە بىر شۇملۇقنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى سېزىپ كۆزىنى ئاچتى. قىزمۇ دەررۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يىگىتنىڭ كۆكرىكى ئاستىغا يۇشۇردى. يىگىت تەمكىن قىياپەتتە ئۇلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋېتىپ قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزدى - دە، ئارقىغا بۇرۇلدى.
qdKh6{ _ يەنە بىردەم سۆيۈشۈڭلار!
%
E