بەلكىم نۇرغۇنلىغان تورداش يۇقىرىقى ،ماۋزۇنى كۆرۈپلا ما ئاداش نېمە دەپ بىلجىرلايدىغاندۇ دەپ مەزكور يازمامغا دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشى مۇمكىن. بۇ تېما قانداقتۇ سىز ئويلىغاندىكىدەك قومۇلنى، كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن ماكانىمىزنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشنى كۆرسەتمەيدۇ...تېمىغا يىغىنچاقلانغان ئەسلى مەنا: تار بېكىنمىچىلىك ۋە ھەددىدىن زىيادە يۇرت بازلىق، قومۇلچە ئىدىيە،ئاڭ.،ماكان،زامان،ۋاقىت دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشتۇر. مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان بىر نەچچە زىيالىي كىشى بىر قانچە ئىلمىي سورۇنلاردا كىنايە ۋە ئەندىشە بىلەن << بىز قومۇللۇقلار قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىغا ئوخشايمىز، بۇدۇنيا پەقەت ئاشۇ بىز ياشاۋاتقان مېھرى ئىسسىق چوڭقۇر قۇدۇق...ھېچبىر قومۇللۇق شۇ قۇدۇقتىن ئاسمىنى كەڭرى دۇنياغا چىقىشنى،تەۋەككۈلچىلىك قىلىشنى خالىمايدۇ، ئاتا-ئانىسىدىن بىر ئۆمۈر ئايرىلالماي ياشايدۇ...ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىنى يېنىدىن بىر قەدەم نېرى قىلمايدۇ، شۇڭا قومۇلنى توختام كۆلگە ئوخشىتىشقىمۇ بولىدۇ، ئىچىگە بىر تاش چۈشسە داۋالغۇپ يەنە توختاپ قالىدىغان، ئۇ كۆلنىڭ سۈيى يېڭىلانمايدۇ،سىرىتقا ئاقمايدۇ...يېڭى سۇ مەنبەسىمۇ قوشۇلمايدۇ... >> دېگەندەك گەپلەرنى دېسە ئۇلارغا ئاچچىقىم كېلەتتى. بۇنداق گەپلەر ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىمۇ تولا بولۇنغان ھەمدە باشقا يۇرتلۇق كىشىلەرمۇ بۇ ھەقتە تولا توختىلاتتى...دېمىسىمۇ <<شامال چىمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ>>دە...ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە چىققىلىمۇ ئون يىل بولاي دەپ قالدى...بۇ جەرياندا يۇقىرىقى گەپلەرنىڭ مەلۇم ئاساسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم، قومۇللۇقلاردىكى بۇنداق قومۇلچە بېكىنمىچىلىك ئۇلارنى مەلۇم جەھەتتىن پايدىلىق شارائىتلارغا ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن بۇنداق قاتمال ھالەت ئۇلارغا ھەم ئويلاپ باقمىغان زىيانلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى...ئەگەر بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلسىلا . 6\x/Z=}L
FB
O_B
ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن بىر قەدەر تېنىچ-ئاسايىش دەۋرانلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قومۇل ئۇيغۇر پادىشاھلىقى قومۇللۇ قلارنىڭ مىجەز خارەكتىرىنى يۇۋاش،رايىش،ئاقكۆڭۈل، شۈكرى-قانائەتچان، تەۋەككۈلچىلىك روھى كەمچىل قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن ئاساسلىق سەۋەپلەردىن بولسا كېرەك. بۇنى بىز بىر قانچە مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتەلەيمىز. Se[>z(
=!=DISPo
مۇقىم ئولتۇراق مۇھىت، باي-باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاش، بۈگۈنگە تاپسا ئەتىدىن غەم قىلمايدىغان مول-ھوسۇللۇق كۈنلەر يۇقىرىسى تاغ ، تـۆۋەن تەرپى چەكسىز كەتكەن چۆل، باياۋان...ئوڭ-سول يېنىدا بار بولغان يۇرتلار بىلەن بولغان ئارلىقىمۇ200-300 كىلومېتىردىن ئارتۇق بېكىنمە مۇھىت ئۇلارنى سىرىتقى دۇنيادىن تامامەن ئايرىپ ئۇلاردىكى سىرىتقى دۇنياغا بولغان ئىنتىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقۇتۇپ تاشلىغان بولىشى مۇمكىن. گەرچە قومۇل خەلقى ئۆز تارىخىدا جاھالەتكە قارشى ئون يىلدا بىر چوڭ قوزغىلاڭ، ئۈچ يىلدا بىر كىچىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولسىمۇ يەنە شۇ قېنى، قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ساددا، ئاقكۆڭۈللۈك تۈپەيلىدىن جىمىكى قوزغىلاڭلار ئېچىنىشلىق مەغلوبىيەت بىلەن تامام ئەتكەن. ھەتتا شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قومۇل شەھەر ئىچىدە 54 يىللارغىچە بىرمۇ ئادەم قالماسلىقتەك ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. قومۇل شارلار تېغىدىكى ئالتە دورغۇلۇق، ئالتە غولنىڭ سۈيىنى ئىچىپ ياشاپ كېلىۋاتقان خەلقنى، ئۆزلىرى بىلەن زۇۋانداش بولمىسىمۇ دىنداش بولغان تۇڭگان توپىلاڭچىلار ئاتامانى < بىر قۇلاق كىسىپ كەلگەنلەرگە بىر تىللا بېرىمەن > دەپ ئەسكەرلىرىنى كۈشكۈرتكەنلىكتىن 18ياشلىق بىر قىز يوشۇرنىۋېلىپ ۋە باغداش تېغىغا تۇغقان يوقلاپ چىقىپ كەتكەن 80 ياشلىق مومايدىن باشقا، بىرمۇ تىرىك جان قالماي قىرىلىپ تۈگىگەن ئىكەن. ئۇشبۇ قاباھەتلىك كۈنلەردە ئالتە غولدىن جەمئىي ئالتە تاغار قۇلاق يىغىۋېلىنىپ تۇڭگان ئاتامىنىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. يەنە نۇرغۇنلىغان << ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ >>دەپ خەقنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، مەغلۇپ بولغان بۈيۈك ئىنقىلاپلاردىن 1907-يىلىدىكى تورپاقلار يېغىلىقى ، 1912-يىلىدىكى تۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭى ۋە 1931-يىلى قوزغالغان خوجانىياز ھاجى قوزغىلاڭلىرى بار. تورپاقلارمۇ ئوردىنى قورشاۋغا ئېلىپ بولغاندا چىن ئەمەلدارىنىڭ يالغان ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشەنگەنلىكتىن، تاش ئابىدىدىكى بىتىم خەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى چىن پۈتكەنلىكىدىن ئاقىۋەت يېغا باشلامچىلىرى موللا راجى ، دۇگامەت، زېرىپ، غوجام نىيازلار پاجىئەلىك ھالدە بېشى قېلىچ بىلەن كېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. ھايات قالغانلىرىمۇ زىندانغا پالاندى، ئامان قالغانلىرى يۇرت-يۇرتلارغا تاراپ كەتتى. ھازىرمۇ چۆچەك، ئاقسۇ قاتارلىق يەرلەردە شۇ يىللاردا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان تورپاقلار ۋە باشقا قاچ-قاچلاردا قېچىپ تارپىي بولۇپ كەتكەن قومۇل كىشىلىرى ياشاپ كەلمەكتە. تۆمۈر خەلپە، خوجا نىياز ھاجىلارنىڭ ئىنقىلابلىرىنى ئىز، ئۇيغانغان زىمىنلاردىن ئوقۇپ بىلدۇق. قىسمەتلىرىمىزگە ئۆكۈندۇق... fAD
{sg
A{gniYqvB`
تارىخى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا سىياسى تۈزلمىسى يوق، مۇكەممەل باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى بولمىغان قوزغىلاڭلار تامامەن مەغلۇپ بولغان. بۇ پۈتكۈل دۇنياغا ۋە بىز ئۇيغۇر دۇنياسىغىمۇ ئورتاقتۇر. ئاقكۆڭۈللۈك بىزدىن سىتالىندەك سىياسىئونلارنىڭ چىقىشىغا توسالغۇ بولدى، بولسىمۇ جىن شۇرىن، شىڭ شىسەڭ، ماتىتەي، ئاپپاق خوجىدەك كەلگۈندىلەرنىڭ يۈرگۈزگەن نادان قالدۇرۇشسىياسىتى، ئالىم ، بايلىرىدەك روھى تۆۋرۈكلەرنى ئۆلتۈرۈش بىكىنمە ھالەتتە باشقۇرۇپ بۆشۈكىدە ئۇجۇقتۇرۇش سىياسەتلىرى مىللىتمىزنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز كېسەللىكلەرگە دۇچار قىلدى...بىر مىللەتنىڭ گۇمراھى ۋە بەختى، كەلگۈسى ئۈچۈن بەزىدە ئەنە ئاشۇنداق قانخور جاللاتلارمۇ كېرەك بولىدىكەن. Yz>8 Nn '_
kj`h{Wc[)
تارىختىن بۇيان بىزنىڭ قومۇل ئەنە ئاشۇنداق ھېلى باياشات ياشاپ، ھېلى ئۇرۇش ئاپەتلەر دەستىدە يۇرتىدىن ئايرىلىپ قاقسەنەم بولۇپ سەرسان-سەرگەردان ياشاپ، بەزىدە ئۆز شەھىرىدىكى كوچا-دوقمۇشلاردا جەسەتلەرنى يىغقۇدەكمۇ ئادەم قالمىغان يىللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەچكىمۇ ئىنتايىن ئېھتىياتچان ۋە جېنىدىن تويغاق بولۇپ قالغان ئىكەن. بۇ جېنىدىن تويۇشمۇ نۇرغۇنلىغان تەڭسىز، ئامالسىز ئىنقىلابلارنىڭ مەغولبىيىتى بىلەن تامامەن يوققا چىقىپتۇ. LP}j0)n
8VMD304
ئىشقىلىپ قومۇل خەلقى مەن باشتا دەپ ئۆتكەندىكىدەك قۇدۇق ئاستىدا پاقا بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە! ئۇلار ھاياجانلىنىپ ئۆتمۈشكە ئايلانغان پالۋانلىرىنى ماختاپ يۈرىشكە ئادەتلەنگەن. ئەلۋەتتە ماختىنىش كېرەك! ئۇلاردەك كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈش كېرەك. كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇلار ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە ئىبرەت نەسىھىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك. لېكىن، ھازىرقىدەك تېنىچ - ئىناق كۈنلەردە، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش شوئارىغا ماسلىشىپ، غەرىبى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستىراتىگىيىسىگە ئاۋاز قوشۇپ ئۆز يەرلىرىنى خەققە سېتىۋەتمەي، قانۇن ئارقىلىق قوغداپ، ئۆز كۈچى بىلەن ئىگىلىك يارتىشقا تىرىشىشى كېرەك! نۆۋىتى كەلسە ئۈرۈمچىگە، قەشقەرگە، خوتەنگە بېرىپ جاھان كەزسۇن...چەتئەللەرگىمۇ چىقىپ باقسۇن، كان-كارخانا ئاچسۇن! خەق قىلغاننى بىز قىلالمامدۇق؟!...قېنى بىز قومۇللۇقنىڭ ئالقىنىغا جاننى ئېلىپ قويۇپ جەڭگاھلاردا ئۇرە توۋلاپ، كاللا چاپقان پالگانلارىمىزنىڭ قېنىدىن كەلگەن جەڭگىۋار قانلىرىمىز...ئەمدى يول تېپىش، بېيىش، ئىناق، ئىتتىپاق تەرەققىي قىلىش يولىدە يەنىمۇ جان پىدالىق بىلەن كۆۋەجەپ باقسۇن! `W %R
ZV`o:Gd
مەن توردا بۇ تېمىنى يېزىۋېتىپ توساتتىنلا چوغلان تورىمىزنىڭ بىر مەزگىللەر بىرەر قەشقەر ياكى خوتەنلىك قېرىندىشىمىز ئېزىپ مۇنبەرگە كىرىپ قالسا ، خۇددى قومۇل كوچىسىغا كىرىپ قالغاندەك، قويۇق قومۇلچە مۇھىتتىن گاڭگىراپ قېلىپ، چوغلاننى تاشلاپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، چوغلاننىڭ ساپ قومۇللۇقنىڭلا تورى بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ قالدىم. ھازىرچە ياخشى، بۇ ئىللەتتىن چوغلان تامامەن قۇتۇلۇپ كەتتى. لېكىن، بۇ ھالنى دوسىت يۈرەكنى ئاغرىتىپ دوستانىچە ئېيىتقاندا ھازىرقى باغداش مۇنبىرى قاتارلىق بىر مۇنچە مۇنبەرلەردە يۇرت پۇرىقى تولىمۇ ئېغىر. بۇ ھالەتنى قومۇل ئەدەبىياتى، قومۇل گېزىتى ۋە رەھمەتلىك < تەغدىرداش > ژورنىلىنىڭ بىر قىسىم تەرەپلىرىگە سېلىشتۇرۇپ بەزى بىر ئوخشالىقلاردىن ھەيران قالدىم... قومۇل ئەدەبىياتىنىڭ بەزى سانلىرىدا باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆپىيىپ كەتسە ئاز قىسىم قومۇللۇق ئاپتورلار كايىپ قالىدۇ! بۇ قومۇل ئەدەبىياتى زادى كىمنىڭ دەپ! راست دوسلار سىلەردىن سوراپ باقايچۇ؟ قومۇل ئەدەبىياتى كىمنىڭ؟! تۇرپان، قەشقەر ، ئاقسۇ، قارىماي ئەدەبىياتلىرىچۇ؟! تارىم، ئىلى دەرياسى ،كىرورەن، قاشتېشى ژورناللىرىچۇ؟! ئۇ ژورناللار قومۇلدا چىقسا قومۇللۇقنىڭ، قەشقەردە چىقسا قەشقەرلىكنىڭ، خوتەندە چىقسا خوتەنلىكنىڭ بولامدۇ؟ ھىم، سىلەر خاتالاشمىغايسىلەر! بۇ ژورناللار ئەسلى ۋەسلىدىن ئالدى بىلەن بۇ دۇنيادا بار بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاندىن قالسا بىز ياشاۋاتقان ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق مۈلكىدۇر. ئۇلار بىز ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىدۇ ھەم چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇلاردا يۇرت بازلىق خاھىشى مەۋجۇت بولسا بۇ ئۇلارنىڭ خاربلىققا قاراپ يۈز تۇتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. yj
mNeZ
vVH*\&H\T
قومۇل ئۆزىنىڭ تارىخنىڭ ئۇزاقلىقى بىلەن ئىلىم ئەھلىنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ كەلگەن يۇرتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شەرقى دەرۋازا دەيدىغان مۇبارەك نامىمۇ ئىقلىملار ئارا داڭلىق. قومۇللۇقلار ئۆزىنىڭ تاتلىق قوغۇنىدەك شېرىن گەپلىرى بىلەن ئۆزگە يۇرت خەلقلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلدى. قومۇلنىڭ يەنە ئۈستى ئوچۇق مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت كانى دېيىلىدىغان چىرايلىق نامىمۇ بار. قومۇل شىۋىسى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن تىلشوناسلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارىقاندىن سىرىت، ئۆزىدىن تېپىلىۋاتقان نەچچە ئون مىڭ يىللىق ئارخولوگىيىلىك بايقاشلىرى بىلەن ئالىم، مۇتەخەسىس ، تارىخچىلارنىڭ دىققىتىنىمۇ تارتىپ كەلدى. دەل ئاشۇ بېكىنمە ھالەت قومۇلدىكى يەرلىك پۇراق، مىللىي خاسلىقنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەن تۈپكى ئامىل. يەنە كېلىپ ئىسلام دىنىنى كىچىكىپ قوبۇل قىلغاچقا ئەرەب، پارس مەدەنىيىتنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچىراش تىل ساپلىقىمىزنى مۇكەممەل ساقلاپ كەلدى. قومۇل مۇقاملىرى، قومۇل كەشتىچىلىكى...ئىشقىلىپ قومۇلغا كەلگەن ھەرقانداق ئادەم قومۇلنىڭ ساپ قومۇلچە مۇھىت ئىچىدە ئەللەيلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەرھاللا ھېس قىلىۋالالايدۇ. Ml+O -
3T
@;{iCVW
نەچچە يىللاردىن بۇيان قومۇل يەرلىك كىيىملىرى ھەرقايسى يۇرت سەھنىلىرىنىڭ تۆرىسىنى بىر ئالدى، ناخشا ، مۇقاملىرىمۇ بەس- بەستە ھەممە يەردە ئېيىتلىشقا باشلىدى. مەسلەن ئايخېنىم سۈزۈك چىراي ، ئاق بوزئاتتەك نۇرغۇن ناخشىلىرىمىزنى ئېيتىپ باقمىغان ناخشا چولپىنى قالمىغىلى ئاز قالدى. بۇنىڭدىن بەزىلىرىمىز خوشال بولۇپ يايرىساق، بەزىلىرىمىز چىدىماسلىق قىلىپ ئاغزىمىزنى بۇزۇپ << ما خەق ئۆزىنىڭ ناخشىسى يوقتەك بىزنىڭ ناخشىمىزنى ئېيتىپ كەتكىنىنى >> دەپ كايىپ يۈردۇق. قېنى نەچچە نەپەر ناخشىچىمىز ئاشۇلارنى ئېيتىپ سەھنىلەشتۈرۈشكە تىرىشتى!؟ داڭلىق ناخشىچى ئىسكەندەر سەمەتتىن باشقا قومۇل ناخشىچىسىدىن يەنە نەچچىسىنى باشقا يۇرت كىشىلىرى بىلەلەيدۇ؟! بىزنىڭ قېرى-ياش ناخشىچىلىرىمىز خۇددى مەڭگۈ قومۇل سەھنىلىرىدىن چىقالمايدىغاندەك ئۆز ئىشى بىلەن مەشغول يۈرۈيدۇ...خەق ناخشىمىزنى ئېيتىپ چىقسا چىچاڭشىپ ئورنىدا ئولتۇرالماي قالدىدۇ...ئۆزى تىرىشمايدۇ، خەقتىن ۋايسايدۇ...مانا بۇنىڭ ئۆزى بېكىمنىچىلىك، پەۋاسىزلىق، ھورۇنلۇقنىڭ كاساپىتىدىن بولغان. بۇنىڭ ناھايتىمۇ ئاددىي مىسالى: قومۇلنىڭ قوغۇن ماكانى دەپ دۇنياغا داڭقى بار تۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىمىز يېتىشتۈرگەن قوغۇن سورتلىرىمىزدىن باشقا ھازىرقى يېڭى سورتلارنى باشقىلار يىتىشتۈرۈپ بازارغا سېلىۋاتىدۇ؟!... '];=1loD
"ax"k0
قومۇل راھەتباغدىكى، شارچى، ئاقاردىكى.... ئېچىلمىغان پايانسىز بوز يەرلەرنى نەچچە يۈز مودىن ئېلىپ خالىغانچە تېرىڭلار دەپ يەرلىك دېھقانلارغا ھەقسىز بەرگەن يەرلەرنى ئالغىلى ئۇنىماي < ھۆكۈمەت بىزنى ئالداۋاتىدۇ > دەپ ئىشەنمەي ھەر خىل باھەنىلەرنى كۆرسىتىپ ئالمىدۇق. ھالا بۈگۈنچۇ؟! شۇ بوز يەرلەرنى ۋە بىز ئازغىنە پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ بىر تۈمەن، ئىككى-ئۈچ تۈمەنگە 30 يىللىق، مەڭگۈلۈك سېتىۋاتكەن يەرلىرىمىزنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ، يېزىلىق ھۆكۈمەت، ۋالىي مەھكىمىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا ئەتىدىن كەچكىچە يىغلاپ- قاقشاپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلەر ئازمۇ؟! شۇ نەچچە يۈز مو، نەچچە مىڭ مو يەرلەنى تېرىپ بېيىپ كەتكەن خوجايىنلارغا مانا ئەمدىلىكتە مەدىكار بولۇپ ئىشلەيدىغان كۈنگە قالدۇق. بۇنداق ھالەتقۇ ئومۇمەن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىلا بار ، دەپ ئاڭلىدىم. << يەر ئالتۇن قوزۇق>> دېگەن ھېكمەتنى چۈشەنمىگەندىكىن بۇ ئۆزىمىزنىڭ شورى. يەنە كۆرىدىغان كۈنىمىز كەينىمىزدە تېخى بار ئوخشايدۇ. << ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا >> دەپ ياشاپ ئۆتۈشكە كۆنۈپمۇ قالدۇق ھە؟! f_ UwIP
w(nQ:;oC
نامراتلىق، قاششاقلىق، پەرۋاسىزلىق، ھورۇنلۇقتىن بالىلىرىمىزنىمۇ ياخشى تەبىيەلەپ ئوقۇتالماي، ئوقۇپ كەلسىمۇ شۇنداق پەرۋاسىز روھىي ھالەتتە تەبىيلەنگەن بالىلرىمىز يا يۈرەكلىك بىرەر جايدىن خىزمەت تاپالماي، كىچىك خىزمەتنى ياراتماي، چوڭىغا جۈرئەت قىلالماي ئائىلىگە ، جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قالدى. ھازىرقى كۈندە قومۇلدا يېشى 30دىن ئېشىپ كېتىپمۇ خىزمىتى، ئۆيى ، سۆيگىنى يا خوتۇنى يوق يىگىتلەر ساماندەك...قىزلارمۇ ھەم شۇنداق. بۇمۇ بىر قەمئىيەتكە كەلگەن پاجىئەدۇر. بۇنداق جەمئىيەت تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە بۇزۇقچىلىق ئەۋجىگە چىقماي مۇمكىنمۇ؟! يۇرتىمىزدا ئاق چىكىش يامراپ كەتتى. نەشە چىكىدىغانلارمۇ بەك كۆپ. بولۇپمۇ ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ ئارىسىدا بۇ ھالەت شىددەت بىلەن ھەر تەرەپكە يامرىماقتا. بۇ ئۈمىدسىزلىكنىڭ، ئەقىلسىز ئوغۇلبالدارچىلىق، نادانلارچە ھەتتەملىكنىڭ كاساپىتىدىندۇر. ئۇنداقتا ئىچىپ، چېكىپ، ئىپپتىدىن ئايرىلغان قىزلىرىمىزغا نىمە ۋابا تەگكەندۇ؟! ئوغۇللىرى، ئەركەكلىرى كېرەكسىز قەۋىمنىڭ ئاياللىرى نىمە كۈنگە قالماقچى ئىدى !؟ قاراپ بېقىڭ كوچىدا بىرەر ناھەقچىلىقنى كۆرسە، كۆرەك كېرىپ مەيدانغا چىققىدەك ئوغلان، ئەركەكلىرىمىزدىن زادى نەچچىسى قالدىكىن؟! بەزىدە ئۆز زامانىسىدىكى تۇنجى نادانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ تۈرمە، ئاق كاساپىتىدىن ئىچكىرىسىلەردە ئۆلۈپ كەتكەن لۈكچەكلىرىمىزنى ئەسلەپ قالىمەن. ئەگەر شۇ لۈكچەكلىرىمىز جىنايەت يولىغا ماڭمىغان بولسا...نامەرد، ھەزلەكلەرنى، بۇزۇق، رەسۋالارنى ئەدەپلەپ يۈرگەن بولاتتى. &y.6Hiy&
q%k _C0
بىر يولداش ماڭا مەسخىرىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ << سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىرىشىش نىسپىتىڭلار ، جۇڭگو بويىچە ھەممىنىڭ ئالدىدا >> دېگىنىدە ئۇنىڭغا خاپىلاپ سۆزلەپ كەتكەنتىم. ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسى باركەن. تۈگىمەس بەزمە-مەشرەپ ۋە ھەشەمەت بىزنى قان - قەرىزگە بوغۇپ ساراڭ قىلىۋەتتى. شۇنداق ئىجتىمائىي ئاساسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە ۋە جەمئىيەت قانداقمۇ ساغلام تەرەققىي قىلالىسۇن؟! ئاشنىدارچىلىق، ھاياسىزلىق، چوڭ-كىچىككە ھۆرمەتسىزلىك، ئېتىقادسىزلىق ۋە ئەشەددىي دۈشمەن خىروئىن ئارىمىزدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تېزلەتتى. بۇ ساننىڭ شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۆز ئويۇن-تاماشىمىز بىلەن يايراپ يۈرمەكتىمىز. تور بەت، گېزىت ، ژورناللار بولسا خەيرى ساخاۋەت ئېلانچىلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. پەرۋاسىزلىق، نامراتلىق، نادانلىق بىزنى يەنە نىمە كۈنلەرگە قويىدىغاندۇ ماڭا ئېيىتىڭلارچۇ؟ قېنى كىم بىلىدۇ؟! Z+C&?K
z|i2M8
بۈگۈن ئايالىم ماڭا بىر ئىشنى دەپ بەردى . ئۇنىڭ خىزمەتدىشنىڭ سىڭلىسى قومۇلدىكى مەلۇم بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتۈپتۇ. ئۆزى باياشات ئائىلىدە چوڭ بولغان مىنكاۋخەن بۇ كۈلگۈنچەك قىز ئۇيغۇر مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىرگەن كۈندىن باشلاپ، كۆزىدىن ھەسرەت ياشلىرى قۇرۇپ قالماپتۇ. چۈنكى ئۇ مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ ئىچىدە قۇرسىقىمۇ تۈزۈك تويمايدىغان نامرات بالىلار بەك كۆپ ئىكەن...شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى مەكتەپكە ئالما، نەشپۈت، كەمپۈت دېگەندەك تاتلىق تۈرۈملەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نامرات بىر ئائىلە بالىسىنىڭ قولىدا ، باشقا بىر ساۋاغدىشى يېرىمىنى يەپ بولۇپ بەرگەن ئالمىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى تاشلىۋېتىشكە ئۈندىگەن، بىراق بۇ بالا ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بارغىچە بۇ ئالمى يەۋەتكەن...ئۇ ياش مۇئەللىم شۇ كىچىككىنە كارتىنىدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپتۇ. ئۇ سەبىيگە ئىچى ئاغرىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، يىلدا بىرەر تال ئالمىنى يۈرەكلىك يىيەلمەيدىغان بالىلار ئارىمىزدا تېخىمۇ جىق. بۇ يىلقى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، دۇنيا خەلق دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل كىرزىزسلار بۇ ھالەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. يەنە كېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا بۇھالەتنىڭ قومۇلدىن ئېغىرلىقىغا ئىشىنىمەن... چۈنكى، ئۇلارنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ دېھقانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بەكلا رەھىمىسىز، دەپ ئاڭلىدىم. y`-5/4
%B-m- =gz
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى مەن بۇ يازمامدا يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان مەنزىلگە قىسمەن يېقىنلاشقان بولساممۇ يەنىلا مۇكەممەل بايان قىلىپ ، ئەتىراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارالمىدىم. چولتىلىق ۋە ھاياجان كۆپرەك ئارلىشىپ قالدى. سىرىتقى - ئىچكى تۇيغۇلارنىڭ توختاۋسىز غىدىقلىشى ئاستىدا ئاز بولسىمۇ مۇنبەردە تاققا-تۇققا سۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمەن. بارلىق قومۇللۇق تورداشلارنىڭ كەڭ قۇرساق بولۇپ تەنقىدىي پىكىردە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئۆزىنى رەھىمسىزلەرچە ئوپراتسىيە قىلماي تۇرۇپ، بىرقىسىم يامان كېسەللەرنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۆزىمىزنى قۇتقىزىمىز دەيدىكەنمىز رەھىمسىزلەرچە، رەھىمسىز رېئاللىققا جەڭ ئېلان قىلايدىغان روھ ۋە پۈتمەس، ئىگىلمەس ئىرادە، جاسارەتنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك! v(z2,?/4
=E'
.T0v
قومۇلدىن چىقىپ كەتمەيلى! لېكىن قومۇلچە بېكىنمە ھالەتتىن قۇتۇلۇپ يېڭىلىق يارتىش روھى بىلەن دۇنياغا يۈزلىنەيلى! پۈتكۈل شىنجاڭدا مائارىپ ۋە ساپادا شۇنچىلىك تەرەققىي قىلغان يۇرتتىن مۇشۇ كۈنلەردە ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئادەملەرنىڭ ئاز چىقىشى بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۆتكۈر ئەپەندىم، ئابدۇكېرىم خوجايوف ئەپەندىم ...لەرنىڭ ئىزىدىن ماڭايلى! ئەسەت سۇلايماندەك دوكتورلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!...خەقنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆرەيلى...كەمچىلىككە ئېسىلىۋېلىپ قومۇلچە بىخارامانلىق پاتقىقىغا چۆكۈپ ئۆز-ئۆزىمىزگە غەرق بولۇپ كەتمەيلى!...
M]M(E) *5 2008-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى قومۇل ئەركىم
{]dH+J7 b#E!wMClS ئەڭ ئاخىرىدا تورداشلارغا ئاتا - بوۋىمىز، ئۇلۇغ ئەجدادىمىز بولغان ئالىپ ئەرتوڭا بوۋام ئېيىتقان مۇنۇ ھېكمەتنى سوۋغا قىلاي!
bcC+af0L ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بىر ئۇيغۇر خانى ئەفراسىياب (ئالپ -ئەرتۇڭا) نىڭ ئۈزۇندىلىرىدە مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆز بار: <<تۈركلەر(ئۇيغۇرلار) دېڭىز تېگىدىكى قۇلۈلە قېپى ئىچىدىكى بىر دانە مارجان، پەقەت ئۇ دېڭىزدىن ئايرىلىپ خان تاجىغا قوندۇرۇلغاندىلا ياكى كېلىنچەكنىڭ قۇلىغىغا تاقالغان ۋاقتىدىلا ئۇ گوھەرگە ئايلىنىدۇ.>>
[ بۇ يازما ئەركىم تەرپىدىن2008-10-16 13:22دە قايتا ت ]