گۇمان ئىماننى قاچۇرار
Raf-I+ &5hs
W1` ئىشىكنىڭ ئېچىلىپ ئېرىمنىڭ كېرىپ كېلىشى خىيالىمنى بۇزدى.
SA?1*dw) -خوتۇن تېخچە ياتماپسەنغۇ؟ ئۇخلاۋەرسەڭ بولاتتغۇ؟
@QF;m بۇرنۇمغا گۈپپىدە ھاراقنىڭ بۇسى ئۇرۇلدى. تۇرقىدىن خېلىلا تەڭشىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ دائىم باش ئاخرىنى بىل
مەيدىغان «ئاپپىغىم»دېگەن ناخشىنى غىڭشىپ ئېيتقاچ، كىيىملىرىنى تەستە سېلىۋاتاتتى، مەن باشقا كۈندىكىدەك ئۇنىڭغا ياردەملەشمىدىم، چايمۇ قۇيۇپ بەرمىدىم، پەقەت نەپرەت بىلەن قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇ كىيىملىرىنى سېلىپ چىراغىنى ئۈچۈرۈپ يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. مەن يەنە ئۆز خىياللىرىمنى
بىر باشقا ئېلىپ چىقالماي ئاۋارە. ئۇيان ئۆرۈلۈپ،بۇيان ئۆرۈلۈپ بىئارام بولاتتىم. كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس.
aTs9lr: -ۋۇ يارىماس،دەرھال خېتىڭنى ئېلىپ،ئۆينى بىكارلا، رەسۋا بۇزۇق.
uFFC.w كۆزلىرىمدىن ياش تاراملاپ تۈكۈلدى. مانا بۇ بىرئەرگە بارلىقىنى بېغىشلاپ، ئەقىدە قىلغان ساداقەتمەن ئايالغا يات، ناتونۇش بىر ئايالنىڭ بەرگەن باھاسى ئىدى.شۇ تاپتا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بىچارە، شۇنچىلىك يالغۇز ھېس قىلدىم. ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان قول چىراقنى ياندۇرۇپ سائەتكەقارىدىم، كېچە سائەت 2نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. مېنى بارلىق غەم- قايغۇغا سالغان ئېرىم يېنىك خورەك تارتىپ، بۇخاراغا سەپەر قىلغان ئىدى. تېخى نەچچە سائەت ئاۋال يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز ۋەقە مېنى گاڭگىرىتىپ، ئەقلىمدىن ئاداشتۇردى. «مەن قانداق قىلسام بۇئىشنى توغرا ھەل قىلالايمەن؟» دېگەنى ئويلاپ، ئورنىمدىن تۇرۇپ، پۇتۇمغا ساپما كەشىمنى كىيىپ، ئاۋايلاپ مېڭىپ ياندىكى ئۆيگە چىقتىم. سۈتتەك ئايدىڭ كېچە، پۈتكۈل جانلىق ئۇيقۇدا، ئەتراپ شۇنچە جىمجىت، شۇنچە تىمتاس. مەن دېرىزىدىن كىرگەن ئاي شولىسىغا قاراپ ئولتۇرماقتىمەن، قەلبىمدە ئىككى خىل خىيال غەليان كۈتۈرمەكتە.
(t,mtdD#1 -ئەتە سەھەردە ئورنىدىن تۇرىشىغا، بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئېيت، ئۇرۇش، قىلغان ئىشلىرىنى خەلق ئالەمگە ياي،ئاندىن خېتىڭنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەت.
{a(
-ئەگەر ،يالغان بولسىچۇ؟ ناتونۇش بىرىدىن كەلگەن بىر قېتىملىق تېلفۇن ئۈچۈن نېمانچە قىلىسەن. بولدى قىل. قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە. مىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىلەن ئۇ بالاڭنىڭ دادىسى. كونىلار «سەۋىر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر» دەپتىكەن. ئەڭ ياخشىسى ھېچ ئىشنى كۆرمىگەنگە سال. (R(NEN
مەن مانا بۇ ئىككى خىيالىمنىڭ قايسسى توغرا ئىكەنلكىنى بىلمەيۋاتاتتىم. %1)J Rc
ھەپتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنى بولغاچقىمۇ مەن ئىشخانىدىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ئادەتتىكىدىن سەل بالدۇرراق ئىشتىن چۈشكەن ئىدىم. مەن ئۇدۇل ئېرىمنىڭ رىمونتخانىسىغا كەلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاغىنىلىرى بىلەن بىريەرگە باردىغانلىقىنى، تاماقنى بالدۇرراق پىشۇرۇشۇمنى تاپىلىدى.مەن ئۆيگە كېلىپلا كىيىم ئالماشتۇرۇپ، قىزىمغا« مۈشۈك بىلەن چاشقان» دېگەن كارتون فىلىمنى قويۇپ بېرىپ، پەشتامامنى تاقاپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ئامراق تامىقىمىز لەغمەن ئېتىشكە تۇتۇش قىلدىم. ھەممىنى تەييار قىلىپ، گاز ئوچاقنى ئېچىپ، قازانغا ياغ قۇيۇپ تۇرۇشۇمغا،تېلفۇن جىرىڭلىدى. دەرھال گاز ئوچاقنى ئېتىپ،تېلفۇننى قولۇمغا ئالدىم. hPUZ{#;n
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ياخشىمۇسىز،دېيىشىمگىلا، ^BP4l_rO9
-ئۆينى قاچان بىكارلايسىز؟ئاۋازى شۇنچىلىك قوپال ئىدى. y8]vl;88yY
-قايسى ئۆينى بىكارلايمەن. ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرمىدىم مەن.ئۆزۈمنىڭ ئۆيى بۇ. كىم سىز؟ ac8su0
-ھەي،سەن خۇپسەنمۇ ياكى ساراڭمۇ؟ مەن سېنى بۇ ئۆيدىن چىق داۋاتىمەن. |@hyGu-H+
-مەن نېمدەپ ساڭا ئۆيۈمنى بىكارلاپ بەرگۈدەكمەن. تەستە تۇتقان ئۆي بۇ! w
-ماڭا قارا يارىماس، سەن دەرھال خېتىڭنى ئېلىپ ئاجرىشىپ كەت.قورسىقىمدا ئېرىڭنىڭ بالىسى بار.قۇلىقىمغا مۇش بىلەن ئۇرغاندەك بىلىنىپ،ئىختىيارىسىز تېنىم شۈركىنىپ كەتتى.شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋېلىپ: k0xm-
-سەنمۇ قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا، قوساقتىكى بالاڭنىڭ زادى كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىمسەن؟ سەندەكلەرنىڭ كىملەردىن قوساق كۆتۈرگىنىنى كىم بىلمەيدۇ! ئەگەر نوچى بولساڭ ئاۋال تۇغۇپ، بالاڭنى ئېلىپ كەل، مەن شۇ چاغدا تەكشۈرتۈپ ،راس بولسا ئاندىن ساڭا ئۆيۈمنى بوشىتىپ بېرەي. 8_3WCbe/
-ئىشەنمەمسەن!؟ بۈگۈن ئېرىڭ مېنىڭ قېشىمغا كەلمەكچى. بۇنىڭغا نىم دەيسەن، ئىززىتىنى بىلمەيدىغان رەسۋا بۇزۇق. قېنى قانداق قىلىمەنكى! ~-~iCIaTb
ئۇ شۇنداق دەپلا تېلفۇننى قويىۋەتتى. «رەسۋا بۇزۇق» مەن شۇنداق بولسام سەنچۇ؟ سەن نېمە؟ YW"nPZNPy~
-ئاپا، ئاپا ئاۋازىنى ئېچىپ بېرىڭە؟ ئاۋازى چىقمدى. =BzBM`-o
مەن تېلىۋزۇرنىڭ ئاۋازىنى ئېچىپ بېرىپ،ئاشخانىغا چىقتىم.كۆزلىرىمدە لىق ياش، ساداقىتىمنىڭ دەپسەندە بولغىمۇ ياكى بۇ ناتونۇش ئايال تەرىپدىن خورلانغىنىممۇ ئېنىق بىلمەيتىم. مۇشۇ يېرىم يىلدىن بۇيان ئۆيىمىزگە پالانى ئاكام بارمۇ؟ ياكى خاتا ئۇرۇپ قويۇپتىمەن دەيدىغان ،يان تېلفۇنىغا قالايمىقان «خاتا» ئۇچۇر كەپ قالىدىغان خاتا ئىزدەشلەر كۆپىيىپ قالغان ئىدى.بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئېرىمنىڭ ئورۇنسىز چىقىملىرى كۆپيىپ،«ئاغىنىلىرى»ئاينىپ، ئاغىنىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ كېلىشنى باھانە قىلىپ،سىرىتتا قونۇپ قېلىشىلىرى،قايتىپ كەلسىمۇ يېرىم كېچىدە قوپۇپ تاماكا چېكىپ،كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ غەمكىن ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشلىرى گۇمانىمنى قوزغىغان ئىدى. بەزىدە نېمىش بولغىنىنى سورىغىنىمدا :«تىجارەتكە دەسمايە سالاي دېگەن، قانچىلىك پايدىسى، قانچىلىك زىيىنى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاۋاتىمەن، باشقا ئىش يوق» دەپ گەپنى ئۈزەتتى. مەنمۇ ئاپامنىڭ ئەر كىشىنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، دېگۈسى كەلمىگەن گەپلەرنى كوچىلاپ سوراراۋەرسە، كۆزىگە سەت كۈرۈنۈپ قالىدۇ دېگەن گېپىنى ئېسىمگە ئېلىپ ھەم ئېرىمنىڭ ئاچچىقلىشىدىن ئەنسىرەپ ئارتۇق گەپ سورىمايتىم.ئەمدىلىكتە بۇ ئايالنىڭ گېپى راس بولسا ، تىجارەتكە ئەمەس بۇ ئايالغا دەسمايە ساپتىكەندە،بۈگۈن بىر يەرگە بېرىمەن دېيىشلىرىچۇ تېخى، خەپ!........... /q^_
'Lp
-تىشلىقمۇ قوشنام، يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ 2كۈن بولدى كۆرمىگىلى. دەپ ئارقا تەرەپتىكى قوشنامنىڭ كۆك قوناق كۈتۈرۈپ كىرىپ كېلىشى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. T=fVD8
- خۇداغا شۈكرى، تېشلىق تۇردۇم، سىزمۇ ئوبدان تۇرۇپسىز، سەل ئالدىراش بوپ قېلىپ كىرەلمىدىم. ئەھۋال سورىشىپ قوشنامنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، گاز ئوچاقنى ئېچىپ سەي قورۇشقا باشلىدىم. Z
FIgKWZ'
-بىر يېرىڭىز ئاغرىپ قالدىمۇ نېمە؟ ئەجەپ تاتىرىپ كېتىپىسىز.دېدى قوشنام Rz33_ qA
-ياقەي، بۈگۈن ھاردۇق يەتكەن ئوخشايدۇ. دېدىم مەن. S|_lbMZM
يېشى چوڭ بولسىمۇ، تەڭتۇش دوسلاردەك مۇڭدىشىپ كېتەتتۇق، مىجەزى بەك ئوچۇق، ئوڭلۇق ئايال ئىدى. ماڭا دائىم كۆك قوناقلارنى، بېغىدىكى ئوسمىلىرىدىن ئەكىرىپ بېرەتتى. «چىقىپ كېتەي» دېگىنىگە قويماي، زورلاپ تاماققا تۇتۇپ قالدىم. سەي قورۇپ بولۇپ، ئەسىر ناماز ئوقۇدۇم. قوشنام بىلەن پاراڭلىشىپ كەيپىياتىم خېلى كۈتۈرلۈپ قالغان ئىدى. بىز كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ تاماق يەپمۇ بولدۇق. لېكىن ئېرىم تېخچە يوق. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئاپامنىڭ ئۆيىگە تېلفۇن قىلىپ، سىڭلىمنىڭ قىزىمىنى ئېلىپ كېتىشىنى تاپىلىدىم. ئاپامنىڭ ئۆيى بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى يېقىن ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي سىڭلىممۇ كېلىپ قىزىمنى ئېلىپ كەتتى. قوشنام«رەھمەت، مەنمۇ چىقاي» دەپ ئۆيىگە مېڭىشىغا ئېرىم قايتىپ كەلدى. ئويلىغىنىمدەكلا ساتراشخانىدا «ياشىرىپ» قايتىپ كەلگەنىدى. ئادەتتە گەپ قىلىپ بېسىلمايدىغان ئېغزىم ،بۈگۈن يۇمۇلۇپ، گەپ قىلمىغىمنى كۈرۈپ: N0fmC*1-
-ھە، بۈگۈن ماتاڭ چىشلىۋالغانمۇ،ئەجەپ گېپىڭ يوققۇ؟ ھەر قېتىم ساتىراشخانىغا بېرىپ كەلسەم «ئايھاي، چىرايلىق بوپ كەتكىنىنى» دەپ كېتەتتىڭ، مىجەزىڭ يوقمۇ-يا؟ "9;Ay@'B
مەن ئۈندىم، كاللامدا ھېلىقى خوتۇن بىلەنمۇ مۇشۇنداق پاراڭلىشامدىغاندۇ دېگەن خىيال پەيدا بولغانىدى. hle@= e/n
-تاماق پىشتىمۇ؟ قوسىقىم ئېچىپ كەتتى.......... E D_J8+
مەن داستىخان سېلىپ، چاي، لازا-ئاچچىقسۇ ئارقىدىن ئەتكەن لەغمىنمنى ئەكىردىم. ~Yl%{1
-ۋۇي، سەھرالىق نىم بولدى ساڭا................ *l'5z)]
قارىسام لەغمەننى تەخسىگە سالماي، چىنىگە ساپتىمەن، چىنىگە لەغمەن سالسام مېنى «سەھرالىق» دەپ زاڭلىق قىلاتتى. N#vV;
-ھە قانداق، مەن سەھرالىق، بىلمىگەنما سەھرالىقلىقمىنى، يېگىڭىز بولمىسا قۇيۇڭ، بىركىم يە دەپ زورلىمىغاندىكىن. مېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ جۇدۇنۇم ئۆرلىگەنىدى. Ga$EM
ئۇ گەپ قىلمايلا، تامىقىنى تېزلا يەپ ،تۈگىتىپ : كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرىمەن، ئېلىپ بەرگىنە؟ W$u/tRF
مەن ئىشكابتىن كىيىملىرىنى ئېلىپ بەرگەچ، «مەنمۇ بارىمەن»دېدىم سوئال نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ.ئۇ ماڭا ھەيران بولغان قىياپەتتە: <>[]-Vq
-سەنمۇ بارامسەن، ئالە شەرىڭنى، بۈگۈن نېمە بولدۇڭ؟ باشقىچە تۇرىسەنغۇ؟ (J\Qo9Il
مەن ئادەتتە بېشىم ئاغرىيدۇ، چاچلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولالمايدىكەنمەن، ناماز ئوقۇيالمايدىكەنمەن، بالىغا قارايدىغان ئادەم يوق دەپ ھەرخىل باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ پەقەت بارمايتىم، راستىمنى ئېيتسام، غەلىتە ياسانغا، سورۇننى كۆتۈرۋەتكۈدەك كۈلۈشۈپ كېتىدىغان، ئالا-تاغىل توۋلىشىپ، مۇزىكا باشلانغاندىن تارتىپ تاكى سورۇن ئاخىرلاشقۇچە ئۇسۇل -تانسا ئويناپ ھارمايدىغانلارنى كۆرسەم خۇيۇم تۇتاتتى ھەم پەقەت خوشۇم يوق ئىدى. يېقىن دوسلىرىمنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ توي- چايلىرى بولسا بېشىمنى باغىلغاندەك نارازىلىق بىلەن باراتتىم. باشقىلىرىغا ئېرىمنى چىقىرىپ قوياتتىم. OEj%cB!
-بۈگۈن ھەممىز ئەركىشى ئولتۇرىمىز، ئاغىنىلەرگە ئېيتاي، كېلەر قېتىمدا خوتۇنلىرىنى ئېلىۋالسۇن، شۇ چاغدا بىللە بارايلى، دېدى. x-ZCaa}O
-ياق، مەن چوقۇم بۈگۈن بارىمەن. X5Ff2@."y|
-نېمىشقا ؟ isV9nWo$
-مەنمۇ زېرىكتىم ئۆيدە ئولتۇرۇپ. >-<