ئەلئارانىڭ ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا تۇرىۋاتقان چاغلىرى ئىكەن. دوختۇرلار ئەلئارا قاتارلىق ساراڭلارنى ئۇزاق ۋاقىت داۋالىغاندىن كېيىن ياخشىلىنىش بولغان بولمىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ھەممىسىنى
بىر يەرگە يىغىپ، ئالدىغا بىردىن قورۇق تەخسە ۋە چوكا-قۇشۇق بېرىپتۇ ھەمدە:«تاماق ۋاقتى بولدى،تاماق يەڭلار»دەپتۇ.
ھەممە ساراڭلار تاراق-تۇرۇق قىلىپ، چوكا-قۇشۇقلارنى قورۇق تەخسىگە سۈركەپ «تاماق» يىيىشكە باشلاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ ئۈمىتسىزلەنگەن دوختۇرنىڭ كۆزى چەتتە قولىنى ئالماپ ئولتۇرغان ئەلئاراغا چۈشۈپتۇ-دە،ئەلئارانى ساقىيىپتۇ دەپ ئىنتايىن خۇرسەن بوپتۇ ،دوختۇر خوشال بولغان ھالدا ئەلئارادىن:«سەن نىمىشقا تاماق يې
مەيسەن؟» دەپ سوراپتۇ، ئەلئارا دوختۇرغا بىرخىل سوۋۇق نەزەردە قاراپ:«سېنىڭ نىمە كارىڭ؟!»دەپتۇ، بۇنىڭدىن ئەلئارانىڭ ساقايغىنىغا شەكسىز ئىشەنگەن دوختۇر خوشاللىقىنى ئىچىگە پاتۇرالماي ھاياجانلانغان ھالدا:«نىمىشقا تاماق يېمەيسەن؟ ماڭا دەپ بەرگەن بولساڭ» دەپتۇ. ئەلئارا دوختۇرغا بىرنى ئالىيپ:«نىمانداق سوراۋېرىسەن، تاماق سوۋىغاندىن كېيىن يەيمەن»دىگۈدەك.
مۇشۇ قوش تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بەھرام بالىسىنى قوش تىللىق مەكتەپتە ئوقۇتىپتۇ ئابروي قوغلىشىپ دىگەندەك .. باشلانغۇچنىڭ 4- يىللىقىغا چىققان بالىسىنىڭ بېشى پىتلاپ كەتكەچكە بەھرام نۇمۇس قىلىپ چېچىنى چۈشۈرگۈزىۋەتمەكچى بولۇپ سەتراچخانىغا ئەكىرىپتۇ .
قوقۇپ كەتكەن بەھرامنىڭ بالىسى . دادا ، مەن قوقىۋاتىمەن ... قوقىۋاتىمەن دەپ ئۈمچەيىگىدەك .
شۇنىڭ بىلەن بەھرام ۋاي نىمىگە قوقىسەن قوقمىغىن ھېچ ئىش بولمايدۇ ، پەقەت چېچىڭنىلا ئېلىۋىتىمىز ، يا ئاغىرىمايدۇ دىسە ..
بالىسىدىگەن شۇم . دادا ئاغىرىقتىن قوقمىدىم ، چېچىمنىىڭ ھەممىسىنى سەتىراچ ئاكاش ئېلىۋەتسە بېشىم «تەخەي» بوپ قالامىكىن دەپ قوقىۋاتىمەن دىگۈدەك ..