گۈلخان ۋە چۈمۈلە
ئالىكساندىر سولژىنتسىن
مەن پورداپ كەتكەن بىر ئوتۇننى گۈلخانغا تاشلىدىم.لېكىن، ئۇ ئوتۇننىڭ ئىچىدە مىغ-مىغ چۈمۈلىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلماپىتىمەن.
ئوتۇن چىرسىلداپ كۆيۈشكە باشلىۋىدى،چۈمۈلىلەر ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆمۈلەپ چىقىپ ،تەرەپ-تەرەپكە قاچتى. ئۇلار ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ئۆزىنى ھەريان ئۇراتتى، ئوت يالقۇنىدا تار تىشىپ، كۆيۈشكە باشلاۋاتاتتى.
مەن ئوتۇننى چەتكە تار تىۋەتتىم ،شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن چۈمۈلە ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇلار قۇملۇققا ، قارىغاي يۇپۇرماقلىرىغا قاراپ يامىشىشقا باشلىدى. لىكىن ، غەلىتە يېرى شۇكى ، ئۇلار گۈلخاننىڭ يېنىدىن نېرى كەتمىدى. ئۆزلىرىدىكى ۋەھىمىدىن خالاس بولۇپلا ، يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ ، گۇلخاننىڭ ئەتىراپىدا بىر ھازا پىقىرىدى، قانداقتۇر بىر خىل كۈچ ئۇلارنى قايتىپ كېلىشكە ،ئۆرتىنىۋاتقان ماكانىغا قايتىپ كېلىشكە ئۈندىمەكتە ئىدى! ئاخىر ،نۇرغۇن چۈمۈلە كۆيىۋاتقان ھېلىقى ئوتۇنغا قايتىدىن ياماشتى، ئوتۇننىڭ ئۈستىدە غۇجمەك ھالەتتە تۇرغىنىچە كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ« ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»ناملىق كىتابىنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدىن ئېلىندى .[ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-14 22:28دە قايتا ت ]