سەھەردە چېنىقىشقا چىققىنىمدا مەھەللىمىز ئەتراپىدا كوچا سۈپۈرۋاتقانلار سېپىگە 65 ياشلار چامىسىدىكى
بىر ئايالنىڭ قۇشۇلغانلىقىنى كۆردۈم . بۇ شەھەردە << پېچەت >> كىينىگەن پۇزۇر ياشلارنىڭ كۆز ئالدىمىز
دىلا ئوغىرىلىق ، بۇلاڭچىلىق قىلىشلىرنى ، بەش ئەزايى بېجىرىم ، ئەمما مېيىپ << سىياقى >> دا تىلەمچىلىك قىلىشلىرنى تۇلا كۆرۈپ ھەيران قالمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم ؛ دۆڭكۆۋرۈكتە بىر قىسىم مېيىپلەرنىڭ گېزىت سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىشلىردىن ، ئۇلارنىڭ غەيرىتىدىن ئىلھاملىناتتىم ؛ مانا بۈگۈن نەچچە نەۋرىسى بار بىر ئايالنىڭ كوچا سۈپۈرۋاتقانلىقى مېنى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈردى .
- ھەدە ، ئەكىلىڭ ! مەن ياردەملىشەي ، - دىدىم ئۇنىڭ قۇلىدىكى چىغ سۈپۈرگىگە قۇلۇمنى ئۇزىتىپ .
- بولدى قىزىم ، ئۆزەم سۈپۈرەي . كىيىملىرىڭىز
مەينەت بۇلۇپ كەتمىسۇن ، - دىدى ئۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ .
شۇ مىنۇتتا ئۇ كۆزۈمگە يۇرتۇمدىكى قۇرويىمىزنى سۈپۈرۋاتقان ئانامدەكلا كۆرۈندى . كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگىنىمدە ئۇنىڭ ھاسىراپ تۇرسىمۇ ، كۈچىدىكى ئەخلەتلەرنى ھارىماي ، ئېرىنمەي تېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم .
- ھەدە ، ياشىنىپ قالغاندا بۇ ئېغىر ئىشنى قىلمىسىڭىزمۇ بوپتىكەن ، باللىرىڭىز يوقمۇ ؟ - قىزىقىشىمنى قوزغاۋاتقان بۇ سۇئالنى زادىلا ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم .
- ۋاي قىزىم . بۇ مۇھتاجلىقتىن ئەمەس ، كۈنۈپ قالغان ئادەت دىمەمسىز . 20 يىل ئىلگىرى يولدىشىم قازا قىلغاندا يەتتە بالا بىلەن قالغان ئىدىم . دېھقانچىلىق قىلىپ باللارنى قاتارغا قوشتۇم . مانا ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە ئۇرۇنلىشىپ ، نەۋرىلەرمۇ قولدىن چىقىپ بولدى . شۇڭا ئۈرۈمچىگە كېلىپ باللىرىمنىڭ ئۆيىدە تۇرۋاتىمەن ، بىراق بىزدەك بىر ئۆمۈر ئىشلەپ كۈنۈپ قالغانلار بىكارچىللىققا كۆنەلمەيدىكەنمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باللىرىم تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ تازلىقىنى قىلسام ، خۇددى ھويلا - ئاراملىرىمنى سۈپۈرگەندەك ھېسىياتتا بۇلىدىكەنمەن ، چۈنكى باللىرىم مۇشۇ يەردە ياشاۋاتىدۇ ئەمەسمۇ ، - دىدى يەنە ئاۋالقىدەكلا تەببەسسۇم بىلەن .
بۇ مۇماينى تېخى ئەمىدىلا كۆرۋاتقاندەك سىنىچلاپ قارىدىم ، بېشىغا ئورىۋالغان ئاپپاق رومىلى ، يۈزلىردىكى يول - يول قۇرۇقلىرى ، ئىگىلگەن قەددىي تارىخنىڭ ئىزنالىرنى ئىپادىلەپ تۇراتتى .
ھازىر بۇنداق<< پەرىشتە >> ئانىلىرمىزدىن قانچىلىك باردۇر ھە ! بىر دىقان ئاننىڭ مەركىزى شەھەرنىڭ مۇھىتى ئۈچۈن ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي شۇنچە ئەجىر قىلىشى بىزنى ئويغا سالماسلىقى مۇمكىنمۇ ؟ ئۇنىڭ مۇشۇ ئاددىي ئەمما ئالىيجاناپ روھى ئالدىدا مۇشۇ شەھەردە ياشاۋاتقان ، ئۈسۈپ چوڭ بولۋاتقانلىرىمىزنىڭ بۇ ھويلا ئاراممىزنىڭ مۇھىتىنى ئاسىرىماسلىققا نىمە ھوقوقىمىز بار ؟ بىزنىڭ مۇھىتىمىز ، قەلبىمىز ، روھىيىتىمىز دەل مانا مۇشۇنداق جاپاكەش ، ھارماس ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ تازلاپ پەرۋىش قىلىشىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ ؟!
http://gulyar.salkin.cn