بېن لادىن بەزىدە ئۇنتۇلدى ، بەزىدە كىشلەرنى ساراسىمىگە سېلىپ تۇردى . يېقىندا ئامېرىكا جۇمھۇريەتچىلىرنىڭ قۇرۇلتىيىدا زۇڭتۇڭ نامزاتى ماك كايىن مۇخ
بىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا : زۇڭتۇڭ كىلىنتوننىڭ بىن لادىننى تۇتۇش پۇرسىتى بار ئىدى . مەن بۇ ئەبلەخنى قانداق تۇتۇشنى بىلىمەن ھەم شۇنداق قىلىمەن ، دېگەن . لېكىن بىن لادېن زادى قەيەردە ؟ ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا ، بىن لادېن پاكىستاننىڭ تاغلىق رايۇنىغا يۇشۇرۇنغان ، ئۇ << بازا >> تەشكىلاتىغا سىمسىز خەۋەرلىشش ئۈسكۈنىسى بىلەن قۇماندانلىق قىلىدۇ ھەمدە ئافغانىستان بىلەن ئىراقتىكى ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلۋاتىدۇ .
4?2$~\
x يەتتە يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈندىمۇ << مۈشۈكنىڭ چاشقان تۇتۇش ئۇيۇنى >> داۋاملىق ئوينىلۋاتىدۇ . بوش ھۆكۈمىتى مىسىلسىز زور بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ ، تا بۈگۈنگىچە بىن لادېننىڭ سايىسىنىمۇ تاپالمىدى . دەل مۇشۇ پەيىتتە ئەھۋالدا بۇرۇلۇش بولدى . ئامېرىكا ئارمىيىسى بىرخىل << ئۆلتۈرگۈچ نۇر >> دەپ ئاتىلدىغان << مۇتلەق مەخپىي قۇرال >> نى تەتقىق قىلىپ ياساپ مۇۋاپپەقىيەت قازانغان . بۇ قۇرال پات ئارىدا تىرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلدىكەن . ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ خىل << دەۋر بۆلگۈچ يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق قۇرالى >> ئافغانىستاننىڭ مۇرەككەپ تاغلىق رايۇنىدا بىن لادېننىڭ ئورننى توغرا بەلگىلەپ ، ئىز قوغلاپ ئۇجۇقتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن . قارىغاندا ، ئۆلتۈرگۈچ بىن لادېننى ئۇجۇقتۇرالىشى مۇمكىن ئىكەن .
6Ex16 ئامېرىكىدا يېقىندا نەشىر قىلىنغان << ئىچكى ئۇرۇش :
ئاقسارايدىكى مەخپى خەۋەرلەر 2006 - 2008 >> دېگەن كىتاپتا بۇ خىل << مۇتلەق مەخپى قۇرال تىلغا ئېلىنغان . كىتابتا : بۇ خىل قۇرال مەخپى ئىشقا سېلىنىدۇ ، ئاساسلىق ئىراقتا ھەرىكەت قىلۋاتقان << بازا >> تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بىلەن توپىلاڭچىلارنىڭ كاتتىباشلىرنى ئىزدەپ ، ئورننى بەلگىلەپ يۇقىتىدۇ . بۇ قۇرال - ياراغ ساھەسەدىكى زور بۆسۈش ، دېيىلگەن .
D]StDOmM لازىر نۇرلۇق قۇرال فانتازىيىلىك ھىكايە ۋە فىلىملەردە << ئۆلتۈرگۈچ نۇر >> دەپ ئاتالغان . ئىگىلىنىشىچە ، بۇلتۇر يانۋاردا ئامېرىكا ئارمىيسى ئالاھىدە قىسىملىرنىڭ قۇماندانلىرى بۇ خىل يېڭى تىپتىكى قۇرالنى مۇھاكىمە قىلغان بولسىمۇ ، يۈكسەك مەخپى تۇتقان . << ئۆلتۈرگۈچ نۇر >> نى ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايرۇپىلانى ۋە كۈرەشچى ئايرۇپىلانغا سەپلەشكە بۇلىدىكەن . بۇنداق << مۇتلەق مەخپى قۇرال >> بىر نەچچە يۈز ئىنگىلىز چاقىرىم ئارلىقتا بىن لادېننى بايقاپ ، زەربە بېرەلەيدىكەن .
hqwDlapTt يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ، ئامېرىكا ياپۇنىيە ، روسىيە ۋە ياۋۇرپادىكى بەزى ئەللەر بىئولوگىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ھەمدە ئۇنى ھەربىي ئىشلاردا قۇللىنىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگەن .
id:6O+\ بۇنداق تېخنىكا ئامېرىكىدا ئىنتايىن جانلانغان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئامېرىنىڭ << ئۆلتۈرگۈچ نۇر >> نىڭ تەپسىلىي ماتېرىيالىنى ئاشكارلىمىغان بولسىمۇ ، بەزى مۇتەخىسسلەر ئېرىشكەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بۇ قۇرال ئارقىلىق دۈشمەن يۇشۇرۇنغان جاينى بايقاپ ، ئورننى توغرا بەلگىلىيەلەيدىكەن .
xwjiNJ Gj ئەمما بىن لادېن 20 يىلدىن ئارتۇقراق پارتىزانلىق ئۇرۇش تەجىربىسىگە ئىگە . بىن لادېن ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۆتكۈر قۇرالىغا تاقابىل تۇرالامدۇ ؟ بۇ يەنىلا بىر سىر .
<#%kmYSL http://gulyar.salkin.cn 9JBVG~m+ << قانۇنچىلىق گېزىتى >>