kJl^,q كىندى ئەرەپ پەيلاسوپى دىگەن بۇ شەرەپلىك نامغا تۇنجى بولۇپ مۇيەسسەر بولغان كىشى بولغان،ھەقىقىي ئەرەپ.قازى كالان سەئىدى تەكىتلەپ ئەرەپلەر ئىچىدە پەقەت كىندى بىلەن ھەمەدانلا پەيلاسوپتۇر دەيدۇ.ئۇ:‹ئەرەبلەر ئىچىدە ئەبۇ يۈسۈپ ياقۇپ بىننى ئىسھاق كىندى ۋە ئەبۇ مۇھەممەد ھەسەن ھەمەداندىن باشقا يەنە كىمنىڭ پەلسەپەدە داڭىق چىقارغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ›دەپ ئېيتىدۇ.شۇنۇڭ بىلەن
بىرگە يەنە كىندى ئىسلام پەلسەپىسى شەكىللىنىۋاتقان مەزگىلەردە،ساپ كالامىزىم دەۋرىدىن كالامىزىم بىلەن يۇنان،ھىندىستان،پىرسىيە پەلسەپىسى يۇغۇرۇلغان دەۋىرگە ئۆتۈش مەزگىلىنىڭ دەسلىپىدە دۇنياغا كەلگەن بىر پىشۋا مۇتەپەككۇردۇر.
ECA<%'$?E گەرچە كىندى ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋىردىكى مەشھۇرلار ئىچىدە خېلى كۆزگە چېلىقىشلىق ئورۇندا تۇرسىمۇ،ئۇنۇڭ ھاياتى ۋە ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى تۇرمۇش تەپسىلاتلېرى يەنىلا ناھايىتى ئېنىقسىز،ئۇنۇڭ تەزكىرىسىنى يېزىشتا ۋە ئۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا پاي
دىلىنىشقا بولىدىغان بىرىنچى قول ماتىريا ل ئۇنۇڭ ھاياتى ۋە ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى پائالىيەتلېرىنى يورۇتۇپ بېرىشتە يەنىلا كەملىك قىلىدۇ.ئەمما تەزكىرىچىلەر بىردەك كىندى ئەسلى زاتىدىن ئەرەپ،ئۇنۇڭ ئاتىسى ئىسھاق بىننى ساباھ خەلىپە يەزدى ۋە رەشىد دەۋرىدە كۇفا شەھىرىنىڭ ئەمرى،ئۇنۇڭ بوۋىسىمۇ ئابباسىيلار خاندانلىقى دەۋرىدە بىرنەچچە ئۆلكىنىڭ ھوقوقىنى يۈرگىزىدىغان ئەمەلدار ئىدى دەپ قارايدۇ.
Wk7E&?-:6 كىندى كۇفادا تۇغۇلغان،دېمەك كىندىنىڭ يۇرتى كۇفا،شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ئەمىرلىك مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق شەھەر.ھىجرىيە 644-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىبنى جەلىجول كىندى ھەققىدە:‹ئۇ ئېسىل نەسەبتىن،ئەسلى بەسىرەلىك،بوۋىسى ئابباسىيلار دەۋرىدە بىرنەچچە ئۆلكىنىڭ چوڭ ھوقوقلېرىنى تۇتۇپ تۇرغا بىر ئەمىر ئىدى.كىندى بەسىرەدە تۇراتتى،ئۇنۇڭ يۇرتىمۇ شۇ ئىدى.كېيىن ئۇلار باغداتقا كۆچۈپ كەلدى ۋە شۇيەردە مەكتەپ تەربىيىسى ئالدى›دەيدۇ.بىراق ئۇنۇڭ سۆزلېرى تېخىمۇ ھەقىقىي بولغان ئىسپاتلارنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ نىڭ قاراشلېرى بەزى تارىخچىلارنىڭ قاراشلېرى بىلەن زىتلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.كىندى مىلادىيە 801-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،تېخى بالا چېغىدىلا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ،يېتىملىكتە چوڭ بولىدۇ.ئۇ ۋەيران بولغان
ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن ئىدى.بىراق ئۇنۇڭ خەلىپە مەئىمۇن(مىلادىيە 813-833-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان)يېنىدىكى يۈكسەك ئورنىدىن قارىغاندا،ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى،ئۇ مىلادىيە 801-يىلىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان.شۇنداق بولغاندا ئۇنۇڭ ئەقىل-پاراسىتتە تولىشىغا يىتەرلىك ۋاقىت ھازىرلىنىدۇ ھەم خەلىپە خاندانلىقىنىڭ مۆتىۋىرى بولمىش خىسلىتى مۇكەممەللىك تاپالايدۇ.بىرىنچى قول ماتىرياللارنىڭ ئېنىقسىزلىقى ياكى كەمتۈكلىكى تۈپەيلى،كىندىنىڭ تۇرمۇشى،ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆگىنىش دەۋرىدىكى ئەھۋاللارنى بىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق.كىمنىڭ قولىدا ئوقىغانلىقىنىمۇ بىلىش تەس.ئۇنۇڭ قاچان ئالەمدىن ئۆتكىنىگە كەلسەك،بۇمۇ ئۇنۇڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئېنىقلاشتىن ئاسان ئەمەس.ئىمام مۇستافا ئابدۇل رازاق ئۇنۇڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى 864-يىل دىيىشكە مايىل.ئەمما شەرىقشۇناس ماسسىگنون ئۇنى 873-يىلى ۋاپات بولغان دەيدۇ.پىروففىسور نىلنو ۋە شەرىقشۇناس ھېنرى كولىنلار كېيىنكى قاراشقا قوشىلىدۇ.ياقۇپ ھەمەۋىي بولسا كىندى 80نەچچە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى دەپ قارايدۇ.
3QBzyJWf كىندى مەئىمۇن،مۇتئەسۇم ۋە ئۇنۇڭ ئوغلى ئەھمەدتىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋلاد پادىشاھنىڭ ھۇزورىدا ناھايىتى بەك ئەتىۋارلانغان.ئۇ شاھزادە ئەھمەدنىڭ نامىدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان،بەلكىم كىندى ئۇنۇڭ ئۇستازى بولىشى مۇمكىن.بىز كىندىنىڭ ئوردىدا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى،كونكىرىت نېمە خىزمەتتە بولغانلىقىنى بىل
مەيمىز.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنۇڭ ۋەزىپىسى گىرىك كىلاسسىك ئەسەرلېرىنى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىش،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى تۈزىتىش ئىمىش،بەلكىم كىندى ئوردىدا مۇنەججىملىك ياكى تېۋىپلىق قىلغان بولىشى مۇمكىن،ئەمما ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مۇسا بىننى شاكىرنىڭ ئىككى ئوغلى مۇھەممەد ۋە ئەھمەدلەر رەزىل ھىيلە-سۇخەن ئارقىلىق ئۇنۇڭ مۇتەكەللىملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇشقا تۇتۇنغاندىن كېيىن،ئۇ ئەتىۋارلانماس بولۇپ قالدى،خەلىپىنىڭ بىر قەپەس كالتەكلىشىگە ئۇچراپ،ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.خەلىپە شاكىرنىڭ ئىككى ئوغلىغا كىندىنىڭ كىتاپلېرىنى تەكشۈرۈپ كۆچۈرۈشنى بۇيرىدى.بۇ كىتابلار كېيىنچە كىندىنىڭ شەخسىي ئىسمى بىلەن ئاتالغان كىتابخانىغا ئەكىرۋېتىلدى.
z H-a%$5 بىز سىرتتىن كەلگەن ئىدىيىلەرنى تونۇشتۇرۇش،ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ئەۋىج ئالغان ۋە ئەرەبلەرنىڭ پەلسەپىۋى ئىدولىگىيىسى شەكىللىنىۋاتقان مەزگىلەردە ياشىغان كىندىنى كۆردۇق، يالغۇز ئادەمنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئەينى دۋىردىكى ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك بىلىملېرىنى پىششىق ئىگەللەپ كېتىشنىڭ ئۆزىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.ئاشۇ دەۋىردە ياشاپ ئۆتكەن مۇشۇنداق بىر ئەرەب مۇتەپەككۇرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قۇدرىتىدىن راستىنلا ھالقىپ كەتكەن.ھازىر ساقلىنىۋاتقان كىندى ئەسەرلېرىدىن كۆرۈش تەس ئەمەسكى،بۇ ئەرەپ پەيلاسوپى بەزى تارىخچىلار ئېيتقاندەك پەقەت ماتىماتىكىلا ئەمەس،بەلكى ئۇ يەنە ئۆز دەۋرىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي پەيلاسوپتۇ.كىندى مىتافىزىكىغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن،يەنە ئاستىرنومىيە،مۇنەججىملىك،مۇزىكا،ئارفمىتېكا،گىئومىتىرىيە ۋە دورىگەرلىك دېگەندەك تەبىئەت پەنلېرىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.بۇ جەھەتتە كىندىنىڭ ‹مۇرەككەپ دورىلارنىڭ شىپالىق خۇسوسىيىتى ھەققىدە›ناملىق ئەسىرى جابىر بىننى ھاياننىڭ ئەششالارنىڭ خىسلىتى توغرىسىدىكى قاراشلېرىغا ناھايىتى يېقىن تۇرىدۇ.بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا،كىندى فارابى،ئىبىن سىنا ۋە سەدرىدىن شىرازى بىلەن بىرقاتاردا تۇرىدىغان ئۆتكۈر ۋە ھوسوللۇق پەيلاسوپلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى.
w!H(zjv&( كىندىنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلېرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
Z" ;q w دۇنيا قارىشى
<-?C\c~G@ 1.ناۋادا دۇنيا ھەرقايسى تەرەپلەردىن چەكلىك بولىدىغان بولسا،ئۇنداقتا،ئۇنۇڭ چوقۇم پەيدا بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى بولىدۇ.مۇنداق بولغاندا شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر بويىچە ئېيتقاندا،ئۇنۇڭ چوقۇم بىر ياراتقۇچىسى بار.
6 /YJA* 2. دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تاق،جۈپ ۋە بىرىكمىدىن ئىبارەت.بۇلارنىڭ ھەممىسى تاسادىپىي ھادىسىلەر،ھەرگىز دۇنيانىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئەمەس،شۇڭا ئۇلار چوقۇم دۇنيانىڭ سىرتىدىكى ئەسلى زاتنىڭ مەلۇم بىر دەسلەپكى مەنبەسىگە قايتىدۇ،بۇ مەنبە دەل ئۇلۇغ ئاللاھدۇر‹ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن›.
MZ$uWm`/ 3.تەن قۇرۇلىشى كۆرسۈتىدۇكى،كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرغۇچى مەۋجۇت.بۇ جەھەتتە كىشىلەر ئادەم بىر دۇنيا دەپ ئېيتقىنى راست.
8u~ ئاللانى بىر دەپ تونۇش ھەققىدە
8O]`3oa> ئاللانىڭ بىرىنچى خاسلىقى باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن ئەسلى ئەسلى زاتىنىڭ بىردىنبىرلىكى.ناۋادا كۆپ ياراتقۇچى بار دىيىلىدىغان بولسا،ئۇنداقتا،ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق يېرى بولىدۇ،يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچى.ئەمما مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا ،يەنە ئوخشىماسلىققا ئىگە بولىدۇ.مۇنداق بولغاندا ھەممىسى ئومومىيلىق ۋە ئۆزگىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئەقلىي مۇنازىرىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بىرخىل بىرىكمە زات يەنە باشقا بىر بىرىكمە زاتنى پەيدا قىلىدۇ،ئەمما ئۇ ھەرگىز چەكسىز داۋاملىشىۋەرمەيدۇ.بۇنۇڭدىن دەلىللەيمىزكى چۇقۇم بىرمۇنچە ياراتقۇچى ياراتقۇچى ئەمەس،پەقەت بىرلا ياراتقۇچىسى بولىدۇ.
!5lV#w!vb ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك قىسقاتىپ يوللاندى.
9r]|P}yuS مەنبە:موسا موساۋى‹ئىراق› قەلىمىدىكى ‹ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە› دىگەن كىتاپتىن قىسقاتىپ ئېلىندى.
[ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-14 00:26دە قايتا ت ]