ھەممىمىزگە ئايان ئامىرىكا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە يولۇقتى.توردا بەزىلەر ئەمدى ئامىرىكا ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن
بىرگە تۇرىدىغان دۆلەت چىقمايدۇ دەپ قارىماقتا، ئەمىلىيەتتە بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس.ئامىرىكا ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،شۇڭا ئامىرىكا يولۇققان پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئالدىداخەلقئارا جەمىيەتنىڭ جۈملىدىن جۇڭگونىڭ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ كىرىزىستە ھەممە تەرەپ ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ،ئامىرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا پۇل-ئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائال ھەركەتكە كەلدى. بۇ تېمىدا مەن بۇ ھەقتە توختالماقچى.
OHt^e7\ نيويوركتا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 20دۆلەت گوروھى يىغىنىدا 12-ئۆكتەبىر بايانات ئىلان قىلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى. 20دۆلەت گوروھى بىرازىلىيە،روسىيە،ھىندىستان،جۇڭگو، غەرپ ئەللىرىدىكى 7دۆلەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
lUdk^7:M 20دۆلەت گوروھى مۇنداق دەپ قارىدى:پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرىنى نەزەردە تۇتۇپ،ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئىلىپ بىرىشى لازىم.
IY|`$sHb جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى يۇڭ،جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يى گاڭ يىغىنغا قاتناشتى.يىغىندا ئامىرىكا مالىيە مىنىستىرى پائولسۇن ئامىرىكا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى، يىغىنغا قاتناشقانلار ھازىرقى ۋەزىيەت ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.يىغىندا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ بىردەك تەدبىر قوللىنىپ پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
GI>(S ياۋرۇ رايۇنىدىكى 15دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى 12-ئۆكتەبىر پارىژدا ياۋرۇ رايۇنى تارىخىدىكى تۈنجى باشلىقلار يىغىنى ئىچىپ،ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلەرنىڭ بانكىلارغا مەبلەغ كىرگۈزۈپ، نۆۋەتتىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.
(\nEU! Y يەرشارىدىكى ئاساسلىق بانكىلار 8-ئۆكتەبىردە بىرتۇتاش ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى قوللىنىپ، نۆۋەتتىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇردى. ئامىرىكا،ياۋرۇپا ئىتتىپاقى،ئەنگىلىيە، شىۋىتسارىيە،كانادا ۋە شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشنى جاكارلىدى، ياپۇنىيە مەركىزى بانكىسى ئالاقىدار سىياسەتلەرنى قاتتىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى خەلقئارا ھەمكارلىق تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان.
u8gqWsvruM ئۇندىن باشقا، گىرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 12-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە،گىرمانىيە بانكىلىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن، گىرمانىيە ھۆكۈمىتى بانكىلارغا 400مىليارد ياۋرۇ قۇتقۇزۇش مەبلىغى كىرگۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن.
c}s#!|E0v گىرمانىيە ھۆكۈمىتى 13-ئۆكتەبىر بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىنى جاكارلىدى،بۇ پىلان گىرمانىيە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا سۇنۇلدى.
8_pyfb پورتىگالىيە ھۆكۈمىتى 12-ئۆكتەبىر پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پورتىگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى 20مىلياد ياۋرۇ مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
Hp5.F>- ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ۋە بانكىلىرى12-ئۆكتەبىر پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پاي چىكىنى توڭلىتىپ، سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
Qg0%rbE نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى ۋە بانكىلىرى 12-ئۆكتەبىر زور مەبلەغلىق دۆلەت ئاكسىيىسى تارقىتىپ پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى موقىملاشتۇرۇپ،پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە ئورتاق تاقابىل تۇرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
hj{)6dBX% چىلى مەركىزى بانكىسى 11-ئۆكتەبىر چىلى پۇل-ئامىلە بازىرىغا 5مىليارد ئامىرىكا دوللىرى مەبلەغ كىرگۈزۈپ،پۇل-ئامىلە بازىرىنى موقىملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
u6%\ZK._
\ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 13-ئۆكتەبىر شوتلاندىيە بانكىسى ۋە بىر قىسىم بانكىلارنىڭ پىيىنى كونتىرول قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە ئەنگىلىيىدىكى 3بانكىغا 37مىليارد فونىستىرلىڭ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.
C6Cr+TScH ئارگىنتىنا ھۆكۈمىتى بىر يۈرۈش تەدبىر قوللىنىپ پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە ئويلىشىۋاتىدۇ.
`VvQems جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 200مىليارد ئامىرىكا دوللىرى مەبلەغ ئىشلىتىشى مۇمكىن.جۇڭگو گوۋۇيۈەنى 9-ئۆكتەبىر ئۆسۈمدىن باج ئىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى جاكارلىدى.
Bsha)< كورىيە ھۆكۈمىتى 13-ئۆكتەبىر پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 240مىليارد ئامىرىكا دوللىرى مەبلەغ ئىشلىتىشنى جاكارلىدى.
Zz+v3o0 بۇندىن باشقا، پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە خەلقئارا نېفىت ناھاسى 13ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشتى، ئىران ياۋرۇپانىڭ 11-ئايدىكى يىغىندا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشنى قارار قىلىشىنى مۆلچەرلىمەكتە.
g4YlG"O[~ #`!mQSK يۇقارقى مەزمۇنلار شىنلاڭ تورىدىكى 10غا يېقىن خەۋەرنى ئىخچاملاش ئاساسىدا يېزىلدى، مەنبەسىنى ئىزدىگۈچىلەر شىنلاڭ تورىنىڭ ئىقتىساد بۆلىكىگە كىرىپ ئىزدىسە تاپالايدۇ، بۇ يەردە بىرمۇ بىر ئەسكەرتمىدىم.
[ بۇ يازما مۇھەممەد-2008 تەرپىدىن2008-10-13 21:35دە ]