پاسىق سۆڭەكنىڭ تاڭسىڭنى ئۈچ قېتىم ئالدىشى
ئەلقىسسە تاڭسىڭ شاگىرتلىرىنى باشلاپ لاقا- لۇقىلىرىنى خۇرجۇنغا قاچىلاپ غەربكە داۋاملىق ئىلگىرلىدى ،ئۇلار مېڭىپ تاغ ئارىسىغا كىردى ،تاغنى دۇربۇندەك كۆزىتىۋاتقان تۈلكە جىن ئۇلارنى كۆرۈپ قىلىپ پاسىق سۆڭەك سەتەڭگە خەۋەر قىلىش ئۈچۈن چاپتى .
بۇلار ماڭغاچ تۇرسۇن ئەمدى گەپنى مۇشۇ تاغ ئارىسىدىكى
بىر دىھقان ئائىلىسىگە قارىتايلى ........
بىر دىھقان ئائىلىسى ،بوۋاي موماي ۋە قىزى ساپان سۆرىمەكتە .ئۇلار خوشال ھالدا خەلق ناخشىسى <<لىغىلدايدىكەن يارلار >>غا توۋلىماقتا .ئۇشتۇمتۇت قارا بوران چىقىپ جاھاننى كاربون چالا ئوكسىتلىق ئىس تۈتەك قاپلاپ بۇلارنى ئۇچۇرۇپ پاسىق سۆڭەكنىڭ يىنىغا ئەكىلىپ قويدى ..........
_مەن سىلەرنى يەيمەن -دىدى پاسىق سۆڭەك خىنىم ئۇلارغا ھىجىيىپ تۇرۇپ ئالىيىپ
_خىنىم.......دەپ گەپ باشلىدى قىرى دېھقان _بىزنى بوش چاغلاپ قاللىمۇ نىمە ؟؟؟ ھەر قانچە بولساقمۇ كوچا خۇتۇنلىرىدىن قورققىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىدۇق جىما
بۇ گەپنى ئاڭلاپ پاسىق سۆڭەك ھاجەتخانىغا كىرىپ يىرىم سائەتتەك ئولتۇرۇپ چىقتى .ئاندىن بۇ بىچارە دېھقانلارنى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى ئەتكەن چاي ئىچكەندەك ئىچتى ...
ئەمدى گەپ تاڭسىڭ قامەتلىكتىن كەلسۇن ........
تاڭ كاززاپ كىلەچەكتە خۇتۇن ئىلىپ بېرىمەن دەپ ئالداپ ئىلىپ چىققان 3تۇياق بىكار تەلەپ شاگىرتىنى باشلاپ تاغ ئىچىدە يول تاپالماي گاھ ئالدىغا گاھ كەينىگە يول تاپالماي <<لوس ئانجىلىس سەنىمى >>گە دەسسەپ كىتىۋاتاتتى قورساق ئاچلىقىغا چىدىمىغان تاڭ سىڭ ۋۇكۇڭنى بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىپ بىخىرامان دۇتتار چىلىپ ئولتۇردى
دىھقان قىزى گۈل پەرى سىياقىدا ياسانغان پاسىق سۆڭەك سەتەڭ كىندىكى ئۇچۇق ئىشتاننى كىيىپ داپشاق يۈزىگە پەرداز قىلىپ سىۋەتتە ھور نان قولتۇقلىغىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈندى .تاڭسىڭنىڭ كۆزى ئەلەس-مەلەس بۇلۇپ _ھەقىقىي پەرىشتە _دەۋەتتى
پاسىق سۆڭەك شۇئان كىندىك ئۇسۇلىغا چۈشتى ۋە تاڭ راھىپ كالان بىلەن بىر چاڭ تاڭسىغا چۈشتى
پاسىق سۆڭەك گەپ باشلىدى :بايۋەچچە نەگە بارىلا ؟؟؟ نەدىن كەل
دىلە ؟؟
تاڭسىڭ :ئاكىڭىز بۈيۈك تاڭدىن غەرپكە ئالتۇن سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقان مىليونىر بولىدۇ_دىدى ۋە 2شاگىرتىنى كۆرسىتىپ_بۇلار مىنىڭ مالايلىرىم شىڭلى كۆتۈرىدۇ ،ياتاق تامىقى مەندىن _دەپ پو ئاتتى
پاسىق سۆڭەك :غەرپكە ئالتۇن ئالغىلى بارسىلا ھەجەپ ئاتلىق سەپەر قىلىپ قاپتىلاغۇ ؟؟؟
تاڭسىڭ :خىنىممممممممممم ....بۇنداق تەرەقىي قىلمىغان تاڭ سۇلالىسىدا ئاتقا مىن
مەي ياماخا مىنسەم بولامتى؟؟؟
پاسىق سۆڭەك يۈرسىلە ئەمسە بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى بىزنىڭ ئۆي بەشيۇلتۇزلۇق مىھمانخانىدىن قىلىشمايدۇ مۇنچىسىمۇ بار تېخى
تاڭسىڭ :ھەجەپ ئوبدان گەپ....لىكىن چوڭ مالىيىمنى بازاردىن توخو قوردىقى ئىلىپ كىلىشكە ئەۋەتكەن شۇ كەلگۈچە بىر ئاز ساقلايلى
پاسىق سۆڭەك:ۋىيەي ....ما بەگزادىنى كۆرۈڭ چۈپرەندە مالايلىرىنى ساقلاپ نىمە قىلىلا مەن بىلەن ماڭسىلا قىنى
تاڭسىڭ :بىر دەم ساقلايلىچۇ ؟!
پاسىق سۆڭەك :ئەمسە سىۋەتتىكى ھور ناندىن ئازراق يىسىلە
تاڭسىڭ :مۇلازىم باجى
باجى :ھە نىمىش ئۇستاز ؟؟
تاڭسىڭ :غوجام دە ۋوي
باجى :خوش ئاپپاق غوجاكا
تاڭسىڭ :ھور نان يەمسەن ؟؟
باجى :ياق ... كاۋاپ يەيمەن ،گۆشنان بولسىمۇ بۇلىدۇ كۈندە ھور نان يەپ تويۇپ كەتتىم
تاڭسىڭ :كۆرمەملا خانقىز ،مالايلار چىغىدا ھور نان ياراتمايدىغان بۇلاپ كەتتى
پاسىق سۆڭەك :ئەمسە ئۆيگە بارىلى تاڭ دۆلىتى ئادىمىنىڭ گۆشىدە ئوخشىتىپ قورداق قىلىپ بىرەي
دەل شۇ چاغدا ۋۇكۇڭ كىلىپ قالدى
ۋۇكۇڭ:ئوخخۇي ئالۋاستى ... تۇتتۇممۇ سىنى ؟؟؟
تاڭسىڭ :ۋۇكۇڭ مالىيىم بولدى قىلە .. قىز بالا ماۋۇ
پاسىق سۆڭەك :كىمنى ئالۋاستى دەۋاتىسەن سەت مايمۇن؟؟ ھىلى باكا ئاغزىمنى سەت بۇزىۋىتىمەن جۇمۇ
ۋۇكۇڭ :بۇزە يامان بولساڭ ... بۇگۈن سىنى گائاگا خەلقارا سوتىدا رەسۋا قىلىۋېتىمەن قاراپ تۇر بىزەڭ شۇم
پاسىق سۆڭەك :ۋاي ۋۇي تاڭ لوبەن ،مالايلىرى نىمە دىگەن
ئاقسا ،مۇشۇنىڭغىمۇ
پۇل بىرىپ ئىشقا سالاملا ،ئىشتىن بوشاتسىلا بۇنى
تاڭسىڭ :ئىت ئىگىسىنى دورايدۇ ئەمەسمۇ ، خاپا بولماڭە جېنىم ،بۇ بىر مالايغۇ شۇ
ۋۇكۇڭ :ئوخخخخخو ئۇستاز مۇشۇ ئەرگە تەگمىگەن ئالۋاستىنى دەپ شاگىرتلىرىدىن مۇ كىچىدىغان ئوخشىماملا؟؟
تاڭسىڭ :تىللىما بولدى ،كۆزۈڭ مال تۇنۇمدۇ سىنىڭ ؟؟ بىر چىرايلىق قىز تۇرمامدۇ بۇ ؟؟ ئەمدى تىللىساڭ چەمبىرەك ئەپسۇنىنىڭ بىرىنچى داستان چۈشۈرگىسىنى ئۇقۇيمەن
ۋۇكۇڭ :بالۇن ئەپسۇنىنىڭ 5-داستان مەرغۇلىنى ئۇقۇسىلامۇ بۈگۈن بۇ رەسۋانى ئۆلتۈرگۈنىم ئۆلتۈرگەن
ۋۇكۇڭ قوينىدىن چەيدونى چىقىرىپ پاسىق سۆڭەك سەتەڭنى قوغلىدى ۋە قۇلىدىن چەيدو چىقىپ كىتىپ پاسىق سۆڭەكنىڭ بىشىغا قادالدى ،پاسىق سۆڭەك جەسەتنى تاشلىۋىتىپ ئازوت7ئوكسىد ئايلىنىپ ھاۋاغا ئۇچقان پىتى تىكىۋەتتى .. يەردە تاشلاندۇق جەسەت ياتاتتى ... تاڭسىڭنىڭ غەزەپتىن گازىردەك كىچىك كۆزى چىقىپ كىتەيلا دىدى
تاڭسىڭ :ۋۇكۇڭ
ۋۇكۇڭ :ھى ھى ھى ئۇس... تاز
تاڭسىڭ :ھىي لاۋزا ... نىمە قىلغىنىڭ بۇ ؟؟؟ مەن كەلتۇرۇپ بولغان قىز نى ئۆلتۈرۋەتتىڭغۇ ؟؟؟ سەن گۇينىڭ كاساپىتىدىن ئۆمۈر بۇيى بويتاق ئۆتىدىغان ئوخشايمەن جۇمۇ ...،چىقە ماڭ ،يۇقال كۆزۈمدىن
شۇ چاغدا باجى ھورناننى سىۋەتتىن ئىلىپ يىمەكچى بۇلىۋىدى ھورنان تاشقا ايلىنىپ قالدى
باجى :كۆرمەمسىز تاڭسىڭ ماشايىخىم ،سىلىنى بىر نىمە دىمىسۇن دەپ ھور ناننى خوتەن قاشتىشىغا ئايلاندۇرۋەتتى بۇ گوروز مايمۇن
ۋۇكۇڭ :بىر قىتىم كەچۇر ۋەت جۇمۇ تاڭ راھىبى كەچۇرۋەتمىسەن سىنىمۇ ..، ھىلى باكا جۇمۇ ...
تاڭسىڭ :ھىلى باكا قانداق قىلىسەن ؟؟
ۋۇكۇڭ :ھىلى باكا مىھمان قىلىمەن
تاڭسىڭ :بوپتۇ بىر قىتىم كەچۇررەي سىنى
بۇ چاغدا ئايال كىشىنىڭ <<قىزىم سەن نەدە >> دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ،تاڭسىڭ تىخىمۇ ھاياجانلاندى
تاڭسىڭ :ۋاھ... يەنە بىر كەمپىر ... ياق ... ئايال ... ياق ياق ... نازىنىن قىز كىلىۋاتىدۇ
يۈزلىرىنى 80قورۇق بىسىپ 81-قورۇققا يىقىنلاشقان بر موماي قىشىنى ئاتقۇنىچە يۇپۇرلۇپ كەلدى
تاڭسىڭ :ئاھ گۈزەللەر شاھى قىرى خۇتۇن _دەۋەتتى
موماي :ئاكا قىزىمنى كۆردىلىمۇ ؟؟
تاڭسىڭ :ئاكا ؟؟؟ ئاكا ؟؟؟؟ بۇ گەپ مۇشۇ تاغلىق يىزىنىڭ يەرلىك شىۋىسىمۇ ؟>؟؟؟
ۋاي ۋۇي .. بايۋەتچىنىڭ دەۋاتقان گىپىنى ،سىلىگە يارىغۇدەك قىزىم بار ئىدى بۈگۈن ئەتىگەن مەدىكارلىق قىلغىلى چىقىپ كىتىپ قايتىپ كىرمىدى .. كۆردىڭىزمىكىن ؟؟؟
باجى :كۆرمىدۇق ،ھور ناننىمۇ يىمىدىم ،ھەتتا ئۇ قىزنى مايمۇن ئاغام ئۆلتۈرگىنى يوق
تاڭسىڭ:دۇتتارنى چالاي دەيمەن
تەمبۇرنى چالاي دەيمەن
قىزلىرى ئۆلۈپ كەتسە
ئانىسىنى ئالاي دەيمەن
شاسىڭ :قىزلىرى ئاقسالىق قىلىۋىدى ،سۇن ماكاكا ئۆلتۈرۋەتتى
موماي :نىمە؟! قىزىم مۇشۇ سەت ئورانگۇتاننىڭ قۇلىدا ئۆلۈپتىكەندە _دىگىنىچە تاڭسىڭنىڭ ياقىسىدىن ئالدى _ھەي گوروز باغلاپ قويساڭ بولمامدۇ مايمۇنىڭنى ؟؟؟ ماڭە ئەمدى سوتقا بارىمىز
تاڭسىڭ :جۈسلە خىنىم جۈسلە ... مەن بىلەن غەرپكە بىرىپ نوم ئەكىلىپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرسىلە
ۋۇكۇڭ گۈرزىسىنى ئوينىتىپ بۇ گۈزەل موماينىمۇ يەر چىشلەتتى
تاڭسىڭ:ۋۇكۇڭ ؟!!
ۋۇكۇڭ :لەببەي تەقسىر
تاڭسىڭ :ماڭا ئاران بىر پۇرسەت كەلگەندە نىمىشقا ئۇنى ئۆتۈرىسەن ؟؟؟ئۇ ئۆزى ماڭا تاشلانغانىدىغۇ ؟؟؟ ۋاي يۇقىلە ماڭ سەن ساراڭغا ئىغىز ئۇپراتقۇچە قوغلاپلا ۋىتەيچۇ
ۋۇكۇڭ :مۇشۇنداقلا كىتەمدىم ؟؟ مائاشنى بىرىپ قوغلىسىلا غوجام
تاڭسىڭ :نەچچە ۋاقتىن مەن بىلەن يۈرۈپ يىدىڭ ئىچتىڭ ياتىقىڭمۇ مەندىن بولدى ،يەنە پۇل داۋاتامسەن
ۋۇكۇڭ :ھىچ بولمىغاندا كىرا پۇلىنى بىرىپ قوغلىمامسەن تاز شەيىخ
تاڭسىڭ :
مەندە پۇل يوق نىسىگە بولسىمۇ ئىشەك ھارۋىسىنى كىرا قىلىپ كىتىۋال بىر ئوبداب خۇتۇننى ئۆلتۈرۋەتتىڭ قىينى ئانامنىمۇ ئۆتۈردۇڭ ،ئەمدى ماڭا سەن خوتۇن بولامتىڭ سىرىق مايمۇن ؟؟
ۋۇكۇڭ : مىنى خوتۇن قىلىمەن دىگۈچە ئاۋۇ ياۋا چوشقىنى خوتۇن قىل
باجى : كىمنى ياۋا چوشقا دەۋاتىسەن ؟؟؟ مەن دىگەن ئۆيدە باققان نەسىللىك چوشقا جۇمۇ
شاسىڭ :بۇ مايمۇننى قوغلايلى زادى ،قورسىقىمىز تويمايۋاتىدۇ ،بىرەر كۈن بولسىمۇ كاۋاپ پولو يىگۈدەك پۇل ئىشىنالايمىز ئەمەسمۇ ؟؟
باجى : شۇنداق قىلايلىچۇ ئاپپاق ئۇستاز
تاڭسىڭ : بوپتۇ بۇنىڭ يول كىراسىنى تاپقىچە ساقلاپ تۇرايلى ئەمسە
ئولار يەنە لاغايلىدى ... يولدا بىر ئەسكى كەپىنى ئۇچراتتى ... ئىشىك ئالدىدا بىر ئۆلەرمەن قىرى نەشە تارتىپ ئولتۇراتتى ،تاڭسىڭ ئۇنىڭغا گەپ باشلىدى
تاڭسىڭ :قانداق ئەھۋالىڭ قىرى ؟؟
قىرى :ئۆزۈڭچۇ تاز؟؟؟
تاڭسىڭ :مەنمۇ ياخشى .. قىنى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرايلى ،ئىشىك تۈۋىدىلا ئولتۇرۇپ كىتىپسەن
قىرى :ياق مەن مەشەدە ئولتۇرۇپ قىزىم بىلەن كەمپىرىمنى ساقلايمەن سەنچۇ نەگە ماڭدىڭ
تاڭسىڭ:بۈيۈك تاڭ دۆلىتىدىن غەرپكە خوتۇن ئالغىلى كىتىۋاتىمەن
قىرى:مىنىڭ ئاي دىسە ئىشەكتەك يۈزى بار ،كۈن دىسە ئەلەس كۆزى بار ،دۇنيا گۈزىلى دىسىمۇ بولىدىغان بىر قىزىم بار ئىدى ئەتىگەندە كۈيئوغۇل تاللىغىلى چىقىپ كىتىپ كىرمىدى كەمپىرىم كەينىدىن ئىزدەپ كەتكەن ئۇمۇ يوق كۆردۈڭمۇ يوق؟؟؟
باجى :بۇ قىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈش كىرەكمۇ قانداق ؟؟؟
ۋۇكۇڭ :ھەي ئالۋاستى قانداقلا ياسانغىنىڭ بىلەن بەرىبىر ،، قۇلۇڭدىن كەلسە شاپتولغىمۇ ئۆزگەر سىنى بەرىبىر تۇنۇۋالىمەن ھى ھى ھى
قىرى:نىمە دەدۇ بۇ خەق ؟؟
ۋۇكۇڭ :سەن راس ئادەم بولساڭ كىملىكىنىڭنى چىقىرە كۆرەي بىي
قىرى : مەن ئۆزۈمنى ئادەم دىدىمما ؟؟؟
تاڭسىڭ : دىمەك ئالۋاستىكەنسەندە؟
قىرى : ياق دىمەكچى بولغىنىم .... ھۆ....ھۆ....ھۆ ... قىزىمنى يالغۇز ئەۋەتكەندىن كىيىن مەنمۇ ئادەممۇ ،،، ھايۋانكەنمەن زادى ھۆ...ھۆ.....
تاڭسىڭ : باشقا قىزىڭ يوقمۇ سىنىڭ ،ماڭا يارىغۇدەك ؟؟؟
ئاسماندىن تۇيۇقسىز پاراشۇت بىلەن بىر بولاق چۈشتى تاڭسىڭ ئىچىنى ئىچىپ بىر بولاق پۇل ۋە بىر پارچە خەتنى كۆردى
تاڭسىڭ (خەتنى ئوقۇيدۇ):ئوووووووووۋ جىنىم تاڭسىڭ ...ۋەسلىمگە يەتمەكچى بولسىڭىز مەن ئەۋەتكەن پۇلنى مايمۇنغا يول كىراسى قىلىپ بىرىۋىتىپ ئۇنى يولغا سىلىڭ
ھۆرمەت بىلەن :زەرەپشان دەرياسى بۇيىدىكى جاۋۇلداق خۇتۇندىن
تاڭ سۇلالىسى مىنگونىڭ 17-يىلى
بۇ خەتنى كۆرۈپ تاڭسىڭنىڭ شۆلگەيلىرى ئىقىپ كەتتى
ۋۇكۇڭ :ماۋۇ قىرىنى ئۇرايمۇ ئۇستاز ؟؟
تاڭسىڭ :ۋۇكۇڭ... سەن رەسمى داۋمىي (نەس باسقۇر)كەنسەن ما پۇلغا پوپوتاڭ چايناپ كىتىۋال
ۋۇكۇڭ :كەتسەك كەتتۇق... سىتىۋالغان مالىيىڭ ئەمەس بىز ..، يۈرۈڭلەر قىرىنداشلار كىتەيلى
باجى : مەن كەتمەيمەن ،قورسىقىم ئاچ قالىدۇ
شاسىڭ : مەنمۇ كەتمەيمەن ئۇستاز ماڭا خوتۇن ئىلىپ بىرىدۇ
ۋۇكۇڭ : كەتتىم ئەمسە
قىرى :تاڭ ھەزرىتىم ما مايمۇننى قوغلىۋەتسىلە سىلىنى مەن ئۆيلەيمەن مانا
بۇ گەپتىن غەزەپكە كەلگەن مايمۇقن قىرىنى گۈرزە بىلەن بىرنى قويدى قىرى تىن تارتماي ئۆلدى
تاڭسىڭ:ئالە شارەڭنى ... ماڭا قىز تۇنۇشتۇرۇپ قويىدىغان قىرىمۇ ئۆلدى مانا -دەپ كالىچىنى كۆتۈرگىنىچە ۋۇكۇڭغا ئىتىلدى ۋۇكۇڭ چەبدەسلىك بىلەن ئاسمانغا ئۇچقان پىتى كىتىپ قالدى
شۇنداق قىلىپ ۋۇكۇڭ قوغلاندى ... پاسىق سۆڭەك تاڭسىڭنىڭ خۇتۇنپۇرۇشلىقىدىن پايدىلىنىپ مۇرادىغا يىتىۋالدى
[ بۇ يازما كـاپىتان تەرپىدىن2008-10-13 15:57دە قايتا ]