جۇڭگو تورىنىڭ 13-ئۆكتە
بىردىكى خەۋىرى:
,7w[r<7 13-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىنىشچە،ئىراندىكى ئەڭ داڭلىق ئىسلاھاتچى،سابىق پارلامىنت باشلىقى مەھدى.كارۇب تۈنۈگۈن كىلەر يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ شۇ چاغدا ئىراننىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئەھمەد.نىجاد بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.
gOKF%Ej31T مەھدى.كارۇب مۇنداق دىدى:مېنىڭچە
مەيلى دىپلوماتىيە سىياسىتى ياكى ئىقتىسادى جەھەتتە بولسۇن ئىراننىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى ئەھمەد.نىجاد ئېغىر مۇغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.مەن كىلەر يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدىم.
`oGL== ئىراندىكى ئىسلاھاتچىلار ئەھمەدنىجادنىڭ بەزى سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە نۆۋەتتە ئىراندا
پۇل پاخاللىقىنىڭ ئىككى خانىدىن ئىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەيىپلىدى.يادرۇ مەسىلىسىدە، ئىسلاھاتچىلار نىجادنىڭ يادرۇ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئىراننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى،دىدى.
AvEd? تىھران شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر ئالى ئەمەلدار مۇنداق دىدى:ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمى بىر ئالاھىدە سىياسى ھادىسە، ئۇ ئىراننىڭ سىياسى سەھنىسىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. ھازىرغىچە ئىلىپ بىرىلغان كۆپ قىتىملىق سايلامدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى زۇڭتۇڭ نىجادنىڭ ئىناۋىتى بارغانسىرى تۆۋەنلىمەكتە. ئەھمەد.نىجاد پاك-دىيانەتلىك كىشى،بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك،لىكىن ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسى كەمچىل،شۇڭا ئىراندا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كۆرۈلدى.
3"y,UtKGa ئىران پارلامىنتىنىڭ باياناتچىسى نەزەر مۇنداق دىدى: دۆلەت ئېغىر كىرىزسكە يولۇقتى،ئىراندىكى بارلىق پارتىيە بىردەك پارلامىنتنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بىجىرىشتىكى ئىقتىدارسىزلىقىنى توسۇش مەيدانىدا بولماقتا.
h;?H4j ئىسلاھاتچىلار گوروھى چوڭ سايلامغا ئىنتايىن ئىتىبار بەرمەكتە،ھەمدە سايلامنى قايتا باش كۆتۈرۈشتىكى موھىم پۇرسەت دەپ بىلمەكتە.يىقىندا ئىراندا 3قىتىم مەملىكەتلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى، بۇ سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا،ئىراندىكى مۇتەسسپلەر گوروھى ئەھمەد.نىجاد زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقاندىكى ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىپ قويغان.ئىسلاھاتچىلار گوروھى تىغ ئۇچىنى ئەھمەد.نىجادقا قاراتتى.بۇندىن بۇرۇن دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەھمەد.نىجاد زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنمەكتە دەپ خەۋەر قىلىندى.
af
مەھدى.كارۇب 1937-يىلى ئىراندىكى بىر دىنى ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش چىغىدا ئىراندىكى مەرھۇم دىنى داھى ھۈمەينىنىڭ چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.18يىشىدا ھۈمەينى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان دىنى مۇقەددەس شەھەر قۇمغا بىرىپ دىنى بىلىم ئالغان.ئۇ ئۆزىنى ھۈمەينىنىڭ سادىق شاگىرتى دەپ قارايدۇ. ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋىدىن كىيىن،ھۈمەينى قۇتقۇزۇش كومىتىتىنىڭ مەسئۇلى بولغان.كېيىن ئىسلام ئىنقىلاۋى كومىتىتىنىڭ ئەزاسى،تۇرالغۇ ئۆي فۇندىنىڭ مەسئۇلى،ئىنقىلاۋى قۇربانلار فۇندى جەمىيىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1989-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە، 2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئىككى قېتىم ئىران پارلامنت باشلىقى بولغان. EsKOzl[c:
http://news.sina.com.cn/w/2008-10-13/095116443720.shtml EX9os