ئۆزۈم سىنىپتا بولساممۇ خىيال قۇشلىرىم قەدىمىي شەھەر ئاسمىنىدا قانات قاقماقتا...ئۇگاھىدا ھېيتگاھ جامە ئالدىدىكى كەڭرى سىينادا شوخ كۈلسە،گاھىدا قايسىدۇربىر بۇلۇڭ- پۇچقاقلاردىكى «كۆڭۈل ئېچىپ ،راھەتلىنىڭ»نامىدىكى ئىشرەتخانىلار ئالدىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەچ ئۆكسۈپ يىغلايتتى.
f^@DuI ئۇيغۇر بوۋايلىرىمىز يول بويىدا ئولتۇرۇشۇپ مىللىي ئەنئەنىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقان شۇدەقىقە،ئىشرەتخانىلار ئالدىدا مەس -ئەلەس يۈرگەن «ئوغلانلىرىمىز»،مېنىڭ «ھېيتگاھ ئالدىدىكى بوۋايلىرىمىزنى <ھېچنىمىنى بىل
مەيدۇ،تومپاي،گاداي،قەلەندەر...>دېيىشىدىغان<زىيالىلىرىمىز>دوزاخ ئوتىنىمۇ قورقماي يۇتىۋېتەلەيدىغان ئېغىزلىرىنى ئاچالماي قالسۇن ...»دەپ يازغان بۇ قۇرلىرىمغا قانداق قارايدىكىن،بىلمىدىم.
$5J~4B"%3 ھېيتگاھ مەسچىتىدىن ناماز خۇپتەنگە ئەرزان چىقىۋاتقان شۇ پەيتتە،شەھەر مەركىزىدىكى بىر كاتتا مەيخانىنىڭ ئالدىدا بىر ئۇيغۇر «بەگ»كىملەرنىدۇر تىللىماقتا،شۇ بەدىۋى تىللىرى بىلەن:
,qK3
3Bn ــ ئاۋۇ سولامچىنى تۇتۇۋالسام...ھەي!!!خەپ ئاناڭـ.................................
p!H'JNG ــ ئايھاي!!!زامانىۋى سولتەك!ئۇ «سولامچى»نىڭ ئانىسى سېنىڭ كۆتۈڭگە يانتاق قىستۇرمىغانسىكىن،ئۆزىنى تىللىمامسەن؟!!!!!!ھۇ ھايۋاننىڭ نەسلىدىن تۆرەلگەن ماڭقۇرت!!!ــ بىراق ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىدى.شۇنداق،ئۇ قانداقمۇ ئاڭلىسۇن؟؟؟ئۇ ئاڭلىيالمايدۇ.چۈنكى ئۇ نىڭ قۇلاقلىرى گاس!!!
E6s)J -a ئۆزۈمنىڭ سىنىپتا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ،مۇئەللىمنىڭ «ئىسەرىڭىز تۇتۇۋاتامدۇ ئۇكام؟؟؟»دىگەن شېرىن شىكەر سۆزىگە داخىل بولدۇم....(ئەگەر ئۇ سولتەك ئاڭ لىيالىغان بولسا ،مۇئەللىم مېنى ئۇرسىمۇ رازى ئىدىم...)
nlR7V. ko`.nSZ-k n>?eTlO3 مەلۇم بىر دىسكوخانا ئالدى.15ياشلار ئەتراپىدىكى بىر نەچچە قىز-يىگىت.ئۇ يىگىتلەر بىر -بىرىدىن كېلىشكەن،ئۇچىسىغا ناھايىتى مەدەنىي كىيىنىۋالغان.قىزلارمۇ بىر-بىرىدىن ئوماق.ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە «ئېسىت»دەپلا قالىسىز...ئۇلارنىڭ تۇرقىدىنلا ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق،ئىلمىي كىشلەر ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ...بەلكىم ئۇلار باللىرىغا
پۇلنى كۆپ بېرىپ كۆندۈرۈپ قويغاندۇ...ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپ -سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى....ئاددىيسى خىيال قۇشۇم خۇددى يات بىر تىلنى ئاڭلاۋاتقاندەك بوشلۇقتا لەيلەپلا قالدى...
m-MfFEZ L_Lhmtm}m ــ ماڭمامسەن ئۆيۈڭگە!!!ھۇ ****!!بەك «دادام تىللايدۇ...،ئاپام ئەنسىرەيدۇ...»دەپ كېتىپ باراتتىڭغۇ؟؟؟!!!كەتسەڭ ئىككىنچى ئالدىمغا كەلمە!قىزبالا ئازمۇ؟؟؟
%v,a3^Qu ــ خاپا بولمىڭە ،بولدى كەتمىسەملا بولىدىغۇ؟
X@H/"B%u2 ــ ھەممىڭ شۇنداق !كېتىشمەيسەن!
7 L$\S[E ــ ۋاي چاتاق يوق غوجام!
sz+%4T ــ سىلەرنى دەپ چىققان تۇرساق،نىمە دىسەڭلار شۇ...
;U]Ym48 ــ بولدى!نېرى تۇرە رەسۋا،قايسى بىڭگۈەن(مېھمانخانا)گە كېتىمىز؟؟!!!
8\Kpc;zb ــ كۆڭلۈڭ ئاداش!بىرەر جىيۇ با(مەيخانا)غا كېتىپ كېچىچە ئىچەمدۇق يە...
8M8Odz\3 q ــ يې!نان كۈچۈكى شۇم!ئاخشام قانمىدىڭمۇ ھاراققا؟؟؟ئەتە سىنىپ مۇدىرى دىگەن قانجىقنىڭ دەرسى بار،شۇخوتۇننىڭ دەرسىدە ئۇخلاپ قالمايلى...ياخشىسى قىزلار بىلەن بىرەر كېچە ھاردۇق چىقىرايلى!
hkl9EVO) ــ توختاڭلار ھەي! خەتەركام كەلسۇن!
3#N`n |UgC ــ نەگە كەتكەن ئۇ؟؟؟!!!
R^&.:;Wi> ــ شۇ،«قىز تۇتىمەن»دەپ كەتكەن...
#T++5G ــ ئېرشات؟كىم ئۇ؟...
?.^n,[2 ــ ئىسمى مەمەتئېلى،ئېلى خەتەر،ئېلى خىروئىن دىسە تونۇمايدىغىنى يوق...نوچى!
[,sm]/Xlc ــ ...................................
z-_$P)[c ــ ............
aRy" _dZ2 خىيال قۇشۇم يەرگە «پوك»لا قىپ چۈشۈپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.بىراق نىمە ئامال؟؟؟جەمئىيەت شۇنداق بولۇپ كەتتى.مىللەت چېرىكلەشسە بۇنىڭغا داۋا ئىزلەپ نەدە يۈرىمىز؟؟؟ئەجىبا پەقەت مەن ياكى سەن بىر ئىككى ئادەم بۇ ئىشلارغا خاتىمە بېرەلەمدۇق؟؟؟بىز ھەرقانچە كارنىيىمىز يىرتىلغۇدەك ،ھەتتا مىڭىمىز پارتىلغۇدەك بولۇپ ۋارقىرىساقمۇ ،بەزى نەسرىددىن ئەپەندىمنىڭ قارا چۇپۇر يۇڭلۇق ئېشىكىدىنمۇ دۆت ئىنى -سىڭىللىرىمىز يەنىلا قىلغۇلىقىنى قىلىدۇ-دە!ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىچۇ؟ئۇلار......بىلىپ قېلىڭلار!مىللەت دۆلەتنىڭ ئانىسى!!!
'Lh nl3 ھەممە ئادەمنىڭ 15ياشلىق مەزگىلىدە ئالدىغا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئاچىماق يول ئۇچرايدىكەن.بىرى توغرا ،ئىستىقبال يولى،يەنە بىرى بولسا كېيىنكى ئۆمۈرنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلايدىغان ،پەسلىك،داشقاللىق يولى...بۇ يولنى كۆپ ساندىكى ئەقىلسىز بالىلار ئۆزىگە نىشان قىلىۋالدى دە!ھەي...ئېسىت!
HT7I~]W 15 ياشنى مەن يۇقارقى ئويغا ئاساسەن «ئاچىماق ياش»دەپ ئاتاشنى توغرا تاپتىم .بەلكىم بۇنداق ئاتاش توغرىدۇر،ياكى خاتادۇر ئىشقىلىپ...
lJdrrR)wg pgBIYeY, 9r>iP L2H >Se-5QtLcf ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى سەينادا « چەتئەل مەدەنىيتى»نى قوبۇل قىلغان بىر «ئاچا ياش»تىكى قىز كېتىپ بارىدۇ.بىراق كىيىۋالغان كىيىملىرى ئۇنى جۇۋانغىلا،ئەڭ سەت،بەدىۋىرەك قىلىپ ئېيتقاندا ****قىلا ئوخشىتىپ قويغانىدى.ئۇ قىز ھېلىقى مويسىپىت بوۋايلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا ،بوۋايلار قىزنىڭ ئوچۇق قالغان يوتىسى ۋە كىندىكىگە ،بويىۋالغان چېچىغا ناھايىتى يىرگىنىشلىك نەزەرلەر بىلەن قاراشتى.بىراق قىز بولسا ئۆزىنىڭ يىگىتلەرنىلا ئەمەس ،يېنى يەر تارتىپ قالغان بوۋايلارنىمۇ ئۆزىگە «رام» قىلالىغىنىدىن تېخىمۇ روھلىنىپ ،كەكلىكتەك مېڭىشتىن توزدەك مېڭىشقا ئۆتتى.ئۇقىزنىڭ نەزىرىدە دۇنيادا ئۆزىدەك گۈزەل نازاكەتلىك قىز يوق ئىدى.
qtuT%?wT@Z ئەي!قىز،بىلسەڭ ۋۇجۇدىڭدا نۇزۇگۇمدىكى پاكلىق،روھ يلتىزىدىن ئەسەرمۇ يوق .ئۇ يۈگەنسىز نەپس ئوتۇڭدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان!!!
5Gm8U"UR 0E9 lv"3o m[v%Qe|~ مەكتەپتىن قايتقاچ شۇ خىياللار ئىلكىدە يولدىن ئۆتمەكتىمەن...مەن پەقەت ماشىنا كامىرىنىڭ ئاسفالت يولغا قاتتىق سۈركەلگەن ئاۋازىنىلا ئاڭلىيالىدىم.بۇبەلكىم جىددىي تورمۇز ئاۋازى بولسا كېرەك،ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاڭلىغىنىم شۇ بولدى...
bnN&E?{hF1 :s1.TQ;Y( قەدىمىي شەھەر ئاسمىنىدا بىر قۇش پالاقلاپ يەرگە چۈشتى.............................................
SeuDJxqopD 8!
/ue.T 2InM(p7j~K ئاپتور:ئۇيغۇر شاھ
k>~D PKd'lo 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 07-كۈنى
[ بۇ يازما ئۇيغۇرشاھ تەرپىدىن2008-10-12 23:37دە قايت ]