قارلۇق تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: << لاپچۇق >> نامى ھەققىدە IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 362 قېتىم كۆرۈلدى
زىبائاي
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 15005
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1859
شۆھرەت: 11775 كىشىلىك
پۇل : 61569 سوم
تۆھپە: 5450 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3021 نۇمۇر
قوللاش: 1829 نومۇر
ئالقىش: 5783 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 812(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 << لاپچۇق >> نامى ھەققىدە

0
غالىب مۇھەممەد قارلۇق wX*K]VMn  
لاپچۇق تارىختا قۇمۇلدىكى قەدىمكى بەش شەھەرنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان . قۇمۇل شەھەر مەركىزىدىن تەخمىنەن 65 كىلو مېتىر يىراقلىقتىكى يەرلىك ئۆرپ - ئادەت ئەنئەنىسى قويۇق بىر يۇرت . تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى خېلى بۇرۇنلا ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتقىنى ، بۇ يۇرۇتتىكى لاپچۇق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكى بولۇپ ، بۇ خارابىلىك لاپچۇقتىكى قارلۇق ئۆستەڭنىڭ شەرىقىي ۋە غەرىبىي قىرغىقىغا جايلاشقان ، ئۆستەڭنىڭ شەرىقىدىكى ئىككى ( شىمالدا بىر ، جەنۇبتا بىر ) شەھەر غەرىبىدىكى بىر شەھەر ئۈچبۇلۇڭ شەكلىنى ئالغان . بۇ شەھەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە . << كېيىنكى خەننامە >> دە خاتىرلىنىشىچە ، مىلادى 493 - يىلى پىشامشان دۆلىتى قاڭقىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندا ، بىر قىسىم كىشىلەر شىمالىي ئېۋىرغولغا قېچىپ بېرىپ قورغان ياساپ ئولتۇراقلاشقان ۋە بۇ يەرنى لاپچۇق دەپ ئاتىغان . p} 
ئۇنداقتا لاپچۇق دېگەن نام قانداق پەيدا بولغان ، ئۇنىڭ ئېتمولوگىيىسى قانداق ؟ بۇ مەسىلە تەتقىقاتچىلىرىمىزنى قىزىقتۇرۇپ كەلدى . ھازىرغىچە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ئۇچۇرلىرىنىڭ سىستاتىستىكىسى تۆۋەندىكىچە : Y9`5G%  
1 . ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ << قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا >> دېگەن كىتابىدا قەدىمكى لاپچۇق ھەققىدە مۇنداق بايانلار ئۇچىرايدۇ : << < تاڭنامە > دە قەيت قىلىنىشىچە ، كېيىنكى جۇ  (  后周 )دەۋرىدە بىر قىسىم دىڭلىڭ قوشۇنلىرى پىشامشانغا كىرگەن . بۇ چاغدا 4000 كىشىنىڭ تارىم بويلاپ غەرىبكە مەڭغانلىقى ، قالغانلىرىنىڭ قۇمۇلغا كەتكەنلىكلى مەلۇم . بۇ ھال قۇمۇل ۋە كونالوپ خەلقىدە تارىخىي بىردەكلىك بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، دېگۈچىلەر بار . ھازىرقى قۇمۇلنىڭ غەرىبىدە < لوپچىك > ( لاپچۇق ) دېگەن يېزا بولۇپ ، ئۇنى لوپ ، لوپچىن بىلەن سېلىشتۇرغۇچىلار بولغان ، لوپچىن توغۇرسىدىكى تۇنجى يازما مەلۇمات بەنگۇنىڭ < خەننامە . غەرىبىي يۇرت تەزكىرىسى > دە بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ شەرىقتىكى خان تۇرىدىغان شەھىرى  (  打泥城  ) دەپ يېڭى شەھىرى ئېشۇن دەپ  ئاتالغان . سىتەيىننىڭ لوپ ساھىلىدىكى قىدىرىشلىرى ئاساسىدا چىقىرىلغان خۇلاسىسىدە ئېشۇن قەدىمكى شەھىرىنى لوپچۇق ( كىچىك لوپ ) دەپ ئاتىغانىدى . بۇ شەھەرنىڭ < ناجىكەنت > - يېڭىشەھەر دېگەن نامىمۇ بولغان . ناجىكەنت(Najkant ) لوپنور كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن ئۈچ يول يىراقلىقتا دېيىلگەن . بۇ ھال بىزگە قەدىمكى لوپچىنلىقلار بىلەن قۇمۇللۇقلارنىڭ ، بولۇپمۇ لاپچۇقلۇق غۇزلارنىڭ يېقىن تارىخىي بىرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ >>  (يۇقىرىقى كىتاب ، 241 - ، 242 - ، 243 - ،272 - ، 273 - بەتلەر ) . cDI [PJ9  
  2 . ئالىم ئىمىن تۇرسۇن << بۇلاقتىن بىر ئوتلام - ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت >> ( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ، 2000 - يىلى 1 - ئاي 1 - نەشىرى ) دېگەن كىتابىدا لاپچۇق ھەققىدە  مۇنداق يازغان << لاپچۇق قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەرىبىي جەنۇبىدىكى يېزا نامى . ئەسلىدە < ناۋاب - چۇق > - < نوب - چۇق > بولۇپ ، < لوب > ( ناۋاب ) كۆللىرىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان . خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە < نا - چىژ > دەپ ترانسكرىپسىيە بېرىلگەن . بۇ رايوندا بىر - بىرىگە يېقىن ئۈچ شەھەر ( يېش  تۇرۇغ - ئارا تۈرۈك ، ئىل بالىق - يىدۇ، ناجژ- نابچىق) بار ئىدى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرىچە ، < چۇق > - تۈركىي تىلدا كىچىكلىتىش قوشۇمچىسى ئىكەن >> . - > J_ ~  
  دېمەك ، قاراشلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى شۇكى ، لاپچۇق دېگەن بۇ نام قەدىمدە بۇ يۇرۇتقا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى كرورانلىقلار ، يەنى لوپلۇقلارنىڭ تىلىدىن كەلگەن . قارلۇق غول دەپ ئاتىۋالغان يەنە بىر نامى بولسا ، بۇ يۇرۇتنى سۇغىرىپ كۆكەرتىپ تۇرغان قارلۇق ئۆستىڭى سۈيىنىڭ نامىدىن كەلگەن . ئەمدى لاپچۇق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا << قەدىمكى لوپلۇقلارنىڭ يىڭى شەھىرى >> دېگەنلىك بولىدۇ . ھەقىقەتەن ھازىرقى لاپچۇق قەدىمكى شەھەر خارابىسى ئېگىز يار (دۆڭ ، ئېگىزلىك ) ئۈستىگە جايلاشقان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى تارىخىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، قارلۇق قەبىلىلىرى ئارال دېڭىزىنىڭ شەرىقىدىن ئېۋىرغولنىڭ شەرىقىغىچە ، شۇنىڭدەك بارىكۆلنىڭ داخې يېزىسى ۋە قۇمۇلنىڭ لاپچۇق شەھىرىگىچە ئولتۇراقلاشقانىكەن . دېمىسىمۇ ھازىرقى لاپچۇقتا << قارلۇق غول >> ، << قارلۇق جىلغا >> ، << قارلۇق تۈگمەن >> ، << قارلۇق كارىز >> ، << قارلۇقلار مەھەللىسى >> ، << قارلۇقلار جەمەتى >> دېگەندەك ناملار ھېلىھەممۇ مەۋجۈت . Hp(D);0+)  
{Ions~cO)  
<< ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> دىن ئېلىندى .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-12 20:56 |
ئىمىرسايىپ
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 19071
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 712
شۆھرەت: 716 كىشىلىك
پۇل : 4091 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 746 نۇمۇر
قوللاش: 726 نومۇر
ئالقىش: 796 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 205(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت بىلىۋالدىم ،
مەن ئۇزەم بىر دۇختۇر بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن بارلىق سەلكىنداشلارنىڭ تىنىنىڭ ساغلام ئىشلىرىنى ئۇڭۇشلۇق ھەمدە كەلگۈسىدا ياراملىق ئاداملەردىن بۇلىشىنى تىلايمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-12 21:10 |
نۇر-لوپ
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 3671
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
پۇل : 1218 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
قوللاش: 26 نومۇر
ئالقىش: 24 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 403(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز ھەممىمىز بىر قىرىنداش.
q  q 584785902
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-12 21:37 |
دۇرۇس
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22353
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 96
شۆھرەت: 96 كىشىلىك
پۇل : 575 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
قوللاش: 95 نومۇر
ئالقىش: 95 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى
ئۆي ساتسىڭىز ،ئالتۇن  زىبۇ زىننەتلىرىڭىزنى ساتسىڭىز ماڭا تىپفۇن قىلىڭ !
tlp:13325545442
0991  6132323
مەنزىل ئۈرۈمچى دۇرۇس زەگەر خانىسى .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-12 22:16 |
ئىدىرىسجان
قارايمىزغۇ؟ چىرايلىقمىكەنمەن؟
مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2095
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 7265
شۆھرەت: 9438 كىشىلىك
پۇل : 1705235 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7236 نۇمۇر
قوللاش: 6940 نومۇر
ئالقىش: 8521 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1263(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

لوپنۇرلۇقلار  دەڭ
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-13 00:27 |
كەنان
كەنان
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 3401
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 659
شۆھرەت: 936 كىشىلىك
پۇل : 5679 سوم
تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 778 نۇمۇر
قوللاش: 712 نومۇر
ئالقىش: 887 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 382(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئالىم ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ شۇ كىتاۋى ھەقىقەتەن بىر ئىسىل مىراس .
izdax.com
بىز بىر ئۇمۇر قەرىزدار بولغان ئەڭ ئالىيجاناپ بىر زات بار ، ئۇ بولسىمۇ زىمىندىكى يىگانە تەڭرى - ئانا
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-13 01:17 |
كۆركىلەئىنە
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 12332
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 590
شۆھرەت: 643 كىشىلىك
پۇل : 3728 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 681 نۇمۇر
قوللاش: 634 نومۇر
ئالقىش: 800 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 110(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىيارىمىزدىكى  يۇرىتلارنىڭ  نامىنى  تەتقىق  قىلسىمۇ  خېلى  بىر  ھەقىقى  تارىخنى  بىلىپ  قالاتتۇق...............
blog.salkin.cn
ياخشى .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-13 18:38 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇر دىيارى


Time now is:10-14 19:11, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Tov 1 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation