ئانامنىڭ ساندۇقى
(lwrk( ئانام تۇلىمۇ قەيسەر ئايال ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئاپەتلىك يىللاردا بىزنى قىيىن كۈنلەردىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇنىىڭ بىرجۇپ ئىشچان قۇلى،پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى، ھەمىشە ئۈمىدلىك چاقناپ تۇرىدىغان نۇرلۇق كۆزلىرى ئەنە شۇ چاغلاردا دادام باشلىق ھەم
مەيلەنگە ھەر دائىم ئۈمىدۋار لىق ئاتا قىلاتتى. ھەر قېتىم مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئانامغا بولغان ھۆرمىتىم، سېغىنىشىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ...يىللار كەينى –كەينىدىن ئۈتۇپ، بىزمۇ چوڭ بولدۇق.بۇ جەرياندا بىزنى قىزىقتۇرىدىغان ھەم بىزگە نىسبەتەن سىر بولۇپ كېلۋاتقان نەرسە ئانامنىڭ سىرلانمىغان
ئاق ساندۇقى ئىدى. ئەپچىلگىنە بۇ ساندۇقنى ئانام بەك ئەتىۋارلاپ، ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ بېساتى بولغان ئوروس ساندۇقنىڭ ئىچىدە ساقلايتتى. مەن ئانامنىڭ شۇ ساندۇقىنى پات-پات ئېچىپ ،ئۇنىڭ ئىچىگە ئويچان قاراۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم،ئۇ ساندۇقتا زادى نىمە باردۇ ؟ئانام بۇ سۇئالىمغا
Jz D
Mx? كۇلۇپ قوياتتى- دە ؛
6e,|HV -ھىچنىمە ، چوڭ بولغاندا بىلىسەن، -دەپ جاۋاپ بىرەتتى. بۇنداەق چاغلاردا دادام
ZD{%0uh گەپكە ئارىلاشماي،دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۋالاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئانامنىڭ ساندۇققا
=a>a A Z بولغان قىزىقىشىمۇ تېخىمۇ كۇچىيەتتى. ئەمما قىزىقىش ھەر قانچە كۈچلۇك بولغىنى بىلەن،
)(~s-x^\z@ بىز ساندۇقتىكى نەرسىنى كۇرۇشكە ئاماسىز ئىدۇق. چۇنكى ئۇ ساندۇق تۇنىكە بىلەن قاپلانغان ئوروس ساندۇقنىڭ ئىچىدە ساقلىناتتى. ئانامنىڭ دادىسىدىن قالغان بۇ تەۋەرۇك ساندۇقمۇ ئىچىدىكى ئاشۇ ساندۇققا ئوخشاش سىرلىق بۇلۇپ ، ئاچقۇچ سېلىپ بۇرىغاندا،
[:gPp)f, قوڭغۇراق چالغاندەك جاراڭشىپ كېتەتتى. يىللار خۇددى كالا ھارۋىسىدەك ئاستا ئۆتۇۋاتاتتى. ئانامنىڭ تىرىشچانلىىقى ، دادامنىڭ ئېگىلمەس- سۇنماس ئىرادىسى ئارقىسىدا ئائىلە ئىگىلىكىمىز ئاستا-ئاستا ئىزغا چۈشۈپ، ھاللىنىپ قالدۇق. ھەممە ئادەم بىزگە بىرخىل ھەۋەسلىنىپ قارىشاتتى . مۇشۇ كۇنلەردە ئانام قەۋەتلا ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ، خېلغىچە ھېلىقى ساندۇقنى قولىغا ئالمىدى. ئۇ تۇلىمۇ ئاق كۆڭۈل بولغاچىقا، ئانامغا يول قۇيۇپ، ئۇنى قوللايتى . مەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەيتىم. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھەممە ئادەم باي بۇلىشنىڭ كويىدا ھىچنىمىگە قارىماي تەرەپ-تەرەپكە قاتىرىپ يۈرۈپ
پۇل تېپىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۆز ئىشنى تاشلاپ قۇيۇپ باشقىلارغا جان-دىل بىلەن ياردەم بېرىدىغانلاردىن زادى قانچىسى باردۇ؟
b_=$W زىيادە چارچاش ئاخىر ئانامنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان ئاشۇ كۈن ھېلىمۇ ئېسىمدە . چىرايى تامدەك تاتارغان
oh+Q}Fa: ، بىر جۈپ ئوتلۇق كۈزى ئولتۇرۇشۇپ، لەۋلىرى كۆكەرگەن ئانام ئاپئاق كىرلىك يېپىلغان كارۋاتتا ھارغىن ياتاتتى . مەن ئۇنى قۇچاقلاپ يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتم،
Wbo{v r[2+ ئانام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:
4|Z;EAFx -نىمە يىغلايسەن بالام؟ ئوغۇل بالا دىگەن غەيرەتلىك بۇلىشى كېرەك. داداڭ ياش تۆككىنىڭنى كۆرسە خاپا بۇلىدۇ ،بولدى قىل...،-دېدى. ئاڭغىچە داداممۇ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى. ئانام ئازراقدەم ئېلىۋېلىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولدى، مۇشۇ بانادا دەم ئېلىپ، سىلەرگە كۆپرەك ھەمراھ بۇلىدىغان بولدۇم.
SN!TE,=I كېيىن بىلسەم ،ئانام مۇشۇنداق دېيىش ئارقىلىق بىزگە ھەم ئۆزىگە تەسەللى بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كۆپ ئۆتمەي ،بىز ئانامدىن مەڭگۇلۇك ئايرىلدۇق. بىز سەزگەن چاغدا ئۇنىڭ ئاشقازان راكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپتىكەن. مۇسىبەت
دىلىمىزنى ئېزىپ ،خېلى ئۇزاققىچە كۆزىمىزدىن ياش قۇرۇمىدى، يەتتە نەزىردىن كىيىن دادام ھەدەمنى ئانامنىڭ ساندۇقىنى ئېچىشقا بۇيرۇدى.بىز ساندۇققا قاراپ ھەيران قالدۇق. ساندۇقتا بوۋاقلارنىڭ دەزمال سېلىنىپ ،چىرايلىق قاتلانغان كىيىملىرى تۇراتتى. مەن كىيىمدىن بىرنى ئېلىپ يۇزۇمگە ياقتىم. كىيىمدە بوۋاقلارنىڭ تېنىدىن كىلىدىغان يېقىملىق بىر خىل پۇراق كېلەتتى
zjVBMqdD ئۇزاقتىن بۇيان بۇنداق ھىدنى ھىدلىمىغاچقا تىنىم يايراپ كەتتى. كۆز ئالدىمغا ئوغلۇمنىڭ بوۋاق ۋاقتى كلۋېلىپ ،يولىمۇ ئۇزاقتا قالغان ، ئۆتمۇش خاتىرلىرى يۇرىكىمنى لەرزىگە سالدى .قولدا تىكىلگەن، قوپال بولسىمۇ تولىمۇ سۇيۈملۇك بىلىندىغان بۇ كىيىملەر ئانام ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلۋاتقان نەرسىلەر ئىدى،.
-بۇ كىيىملەرنى سىلەر بوۋاق ۋاقتىڭلاردا كىيگەن.ئاناڭلار ئۇنى قىممەتلىك خاتىرە سۇپىتىدە ساقلاپ كەلدى. بىز ھەر قېتىم ھاياتىمىزدىكى بۇرۇلۇش دوقمۇشلىرىغا دۇچ كەلگەندە ئۇنى كۈرۇپ تەسەللى تاپاتتۇق. تويدىن بۇرۇنقى ۋەدىلەشكەن ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئېسىمىزگە ئېلىپ ،غەيرەت –جاسەرەتكە كېلەتتۇق، سىلەر تۇغۇلغان چاغدىكى شاد-خوراملىق مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بۇلۇپ ،بىزنى داۋاملىق ئالغا چامداشقا ئۇندەيتتى. مانا ئەمدى ئاناڭلار كىتىپ مەن يالغۇز قالدىم. ھېلىمۇ ياخشى ،سىلەر بار،بولمىسا قانداق قىلاتتىمكىن ،تاڭ؟ ئەگەر قۇشۇلساڭلار ،ئاناڭلاردىن قالغان تەۋەرۇكنى ئاناڭلار ئورنىدا ھەدەڭلار ساقلىسۇن،-دېدى دادام بوش ئاۋازدا .مەندىمۇ ئانامدىن قالغان ئاشۇ ياغاچ ساندۇقنى ساقلاش ئويى بولسىمۇ ، دادام ئېغىز ئېچىپ قالغاچقا ئۈندىمىدىم. ~B!O
X
دادام سۆزىنى تۈگىتىپ ئېغىر تىندى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇرغۇدەك بىر خىل قايغۇ-ھەسرەت يۈكۈلۈپ تۇراتتى . مەنمۇ يۈرىكىمنى ئازاپلاۋاتقان بىر خىل ئازاپلىق ھېسيات بىلەن ئاسمانغا قارىدىم . ئاسمان تۇلىمۇ سۈزۇك ئىدى. قۇياش بۇرۇنقىدەكلا ئارامبەخىش نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچېپ تۇراتتى . كۆڭلۈمدە نۇرغۇن ئىشلار، يۈرىكىم ھازىرلا توختاپ قالغاندەك...جاھاندىكى نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەندۈرگىلى بولغان بىلەن، يەنە نۇرغۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ئادەمنىڭ قۇربى يەتمەيدىكەن. ئادەم ھەمىشە بەزى ئىشلارئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان چاغدا، شۇئىشلارنى ئورنىغا كەلتۈرىشنى ئويلاپ قالىدىكەن . ھازىر مېنىڭ باللىرىممۇ چوپ-چوڭ بولدى، ئۇلارنىڭمۇ بوۋاق چاغلىرى بولغان، ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرگىدەك بوۋاقلىق كىيىملىرىنى كىيگەن . مىنىڭمۇ ئانامنىڭ ساندۇقىدەك ئاشۇنداق ساندۇقۇم بولغان بولسا قانداق ياخشى بۇلاتتى-ھە؟ مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئانامنىڭ ساندۇقى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى ...باغلىشىمەنكى، جاھاندا ئۇنداق ساندۇقى بارلار كۆپ ئەمەس... {)j~5m.,/o
yWI30hW
\Eq,4-q
مەنبە:خاتىرەمدىن