ئانالىزچىلار بىلەن ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلار مۇنداق دىيىشتى : پاكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى زەردار بىر ئاي ھوقوق تۇتۇپلا ، دىپلۇماتىيە جەھەتتە نۇرغۇن قېتىم كەتكۈزۈپ قويدى ، شۇڭا ئارمىيىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۈم بۇلدىغاندەك قىلىدۇ . زەردارنىڭ << ئاساسلىق رەقىبىمىز ھىندىستان ئەزەلدىن بىزگە تەھدىت پەيدا قىلمىغان >> ، << ئامېرىكا بىزگە تالىبىانلارغا باشقۇرۇلدىغان بومبا بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە قىلدى >>دىگەندەك سۆزلىرى ئارمىيىنىڭ دىققىتىنى ۋە ئەندىشىسىنى قۇزغاپ قويدى .
t<|=- زەردار ئارمىيىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالسا ،پاكىستاندىكى ھەر خىل مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا تۈرلۈك قىيىنچىلىققا ئۇچىرايدۇ . بۇ مەسىللىلەر ئىقتىسادنىڭ تۈز سىزىق بۇيىچە تۆۋەنلىشى بىلەن << بازا >> تەشكىلاتى ۋە تالىبان ئۇنسۇرلىرى ئارىسىدىكى قانلىق ئۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
{Ylj] ئىسلامئاباد دۆلەت مۇداپىئە ئونۋېرستىتنىڭ بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسى ھۆسەيىن مۇنداق دىدى : ھەربىي قىسىم
دىلا ئەمەس ، بىخەتەرلىك ئاپپاراتىدىمۇ نۇرغۇن ئادەم << زەردارنىڭ ھىندىستان تۇغرىسىدىكى سۆزلىرى مۇۋاپىق ئەمەس >> دەپ قاراۋاتىدۇ .
UmiW_JB ھىندىستان بولسا زەردارنىڭ سۆزىدىن ناھايىتى خوش بولدى ، يەنە ئۇنىڭ چاك - چىكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن كەشمىر رايۇنىدىكى ئىسلام ئۇرۇشقاقلىرىنى تېرورچى دېگەن سۆزلىرى ھىندىستانغا تۇلىمۇ ياقتى . بىراق ئارمىيىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى : زەردار ھىندىستاننىڭ پاكىستان ئارمىيىسىگە نىسبەتەن يەنىلا ئەڭ كۆڭۈل بۈلۈشكە تىگىشلىك مەسلە ئىكەنلىكىگە سەل قارىدى ، دىيىشۋاتىدۇ ،
H^K(1 پاكىستان خەۋىپسىزلىك ئاپپاراتىدىكى ھەممىدىن خەۋەردار بىر ئەرباب مۇنداق دىدى : زەردارنىڭ سۆزى پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى زادىلا كۈچەيتەل
مەيدۇ ، ھەتتا كۆپ ساندىكى ئاممىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنىمۇ ئاشۇرالمايدۇ . پۈتكۈل قۇشۇن ئەڭ كۆڭۈل بۈلىدىغان مۇھىم نوقتا ھىندىستاننىڭ تەھدىدىن ساقلىنىش ، بۇ قۇشۇننىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى . بۇنىڭدىن باشقا پاكىستان ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئافىغانىستان ئەتراپىدا تۇقۇنۇشۋاتقان قەبىلە رايۇنى توغرىسىدىكى سۆزىدىن رەنجىۋاتقان چاغدا ، زەردارنىڭ ھىندىستان توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى كىشلەرنى بەكلا نارازى قىلدى .
9 ?MOeOV8 بىراق سىياسىي ئانالىزچى ھەسەن ئەسقەر مۇنداق دېدى : زەردار سىنتەبېردە زۇڭتۇڭ بۇلۇپ سايلانغاندىن بۇيان ، ئۇ سۆز قىلغاندا ئىسلامئابادنىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى توغرىسىدا شەپە بەرگەن . قىسىمنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا خەۋىپسىزلىك مەسىللىرى كۆرىلىشى مۇمكىن ، لىكىن يۇقىرى قاتلامنىڭ كۆڭۈل بۈلدىغىنى بىخەتەرلىك تەھدىدىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ، ھەرگىزمۇ ھىندىستان- پاكىستان مۇناسىۋىتى ئەمەس .
.oaW#f}0P &5(|a"5+G << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> دىن ئېلىندى
[ بۇ يازما گۈليار تەرپىدىن2008-10-10 13:49دە قايتا ت ]