تاماكا ئۆز تۇرمۇشۇمنىڭ خالىغىنى بولماستىن ، بەلكى يۈرۈكۈمدىكى بەزى ھېسياتلار ئۈچۈندۇر ، توغرا ، مەن ئۇنى قوللايمەن ، يالغۇز قالغان ۋاقلىرىمدا ، ئادەم قارىسى
كۆرۈنمەيدىغان شۇ بۇلۇڭلاردا ، ئاستا تاماكىدىن تۇتاشتۇرۇپ ، كۈچەپ شورىسام كۇپايە ئىدى ، بەلكىم مەن بەك يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغانمەن ، كۆڭلۈم ئېچىلالمىغان ۋاقىتلادىمۇ
ئۆز كۆڭلۈمنى باشقىلارغا دېيىشنى خالاپ كەتمەيمەن ، پەقەت بىر ئادەم ، پەقەتلا بىر ئادەم جىمجىت تاماكا چېكىدۇ ، ياشلار تۆكىدۇ ، مەن ئەزەلدىن بىر ئادەمنىڭ ئالدىدا
كۆز-ياشلىرىمنى تۆكۈپ باقمىغاچقىمۇ ، كۆز-ياشلىرىمنىڭ مېنىڭ ئاجىزلىقىمغا ساتقۇنلۇق قىلىشىنى خالىمايمەن ، مەن بەك يۈرەكلىك بولمىغاچقىمۇ ، ئەزەلدىن باشقىلارغا دېمەيمەن ،
مەن ئويلايمەن ، باشقىلار مېنى چۈشەنمەيدۇ ، مەنمۇ باشقىلارنىڭ مېنى چۈشىنىشىنى خالاپ كەتمەيمەن ، شۇڭلاشقا مەن ئۆزۇمدىكى بارلىق يالغۇزلىقنى شۇ تاماكىغا تېگىشىمەن . ئۇنى تۇتاشتۇرغان ۋاقتىمدا ، كۆڭلۈم تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە جىمجىتلىققا چۆكىدۇ ، تاماكىنىڭ بىردەم يورۇق ، بىردەم قاراڭغۇ چوغىغا قاراپ ئولتۇرغىنىمدا ئۆزۈمنى
كۆڭلۈم دۇنياسىدا شۇ تاماكا ئىسلىرى بىلەن ئۈزۈۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن ، كۆڭلۈم شۇندىلا ئارام تاپىدۇ . مەن بىلىمەن ، مەن راستلا بۇ يامان نەرسىگە ئاشىق بولۇپ قالدىم ،
مەن ئۆزۈمنى بىر ئەخمەقتەك ھېس قىلساممۇ ، لېكىن تاماكىغا بولغان شۇ ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ئاغزىمدىن چىقىرالمايمەن ، ئادەم يوق قاراڭغۇ كېچىلەردە ، ئۆزۈمنىڭ شۇ كىچىك
ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ ، تاماكىنىڭ ماڭا بولغان زىيىنىنى بىلىپ تۇرغان ھالەتتە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەن .ئادەمنىڭ ھاياتى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ ، مەن بۇ قىسقىغىنا ھاياتىمدا ، ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىنى قەدىرلىشىم كېرەك ، خۇددى دوستلۇرۇم مېنى قەدىرلىگەنگە ئوخشاش ، ئۇلار
دائىم مېنى تاماكا چەكمەسلىككە دەۋەت قىلىپ تۇرسىمۇ ، تۇغۇلغان كۈنلەردە تاماكا سوۋغا قىلىدۇ ، ھى ھى ،،، ئادەملەر......... تاماكا ئىسلىرىنىڭ ئۇچقانلىرىغا قاراپ ، مېنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئۇچقۇم كېلىدۇ ، خۇددى كەلگەندە ئۈنتىنسىز كېلىپ ، كەتكەندە خوشلىشىشنىڭ لازىمى يوقتەك ،
مەن ئويلايمەن ، ئادەمگە نىسپەتەن ئۇنچىۋالا جىق گەپنىڭ ئورنى يوق . مەن تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە بىر ئەخلاقسىز بالىغا
ئايلاندىم ، لېكىن مەن مۇشۇلار ئىچىدىن ئۆزۈمنىڭ خۇشاللىقىنى تاپتىم ، مەن بىر بەخىتلىك بالا ، بەلكىم تاماكا چەكسەم ، مەنمۇ ياخشى كۈن كۆرەلمەيمەن ، لېكىن كىم
بۇلارغا ئارلىشىپ يۈرىدۇ ؟ مېنىڭ دەيدىغىنىم ، تاماكىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس ، يالغۇزلىقىممۇ مېنىڭ تەقدىرىم ئەمەس ، مەن بۇلارنى چۈشىنىدىغان
ئادەمگە ئىشىنىمەن ، بۇ خاتالىقلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئارتمايدۇ ، ھەممە ئادەم ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى تۇتىۋېلىشنى خالايدۇ ، لېكىن ،،، لېكىن مەن تۇتالمىدىم . شۇڭلاشقا ، مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن ، كىممۇ ئىشىنىدۇ بىر تال تاماكىنى مەڭگۈ تۇرىدۇ دېسە ؟ ئۇ ھامېنى كۆيۈپ تۇگەيدۇ ، كۆڭۈل ئاغرىقى ھامېنى كۆڭۈل ئاغرىقى،
يالغۇزلۇق يەنىلا يالغۇزلۇق . شۇڭا مەن مەڭگۈلۈكنى قوغلاشمايمەن ، بۇ دۇنيادىمۇ مەڭگۈلۈك مېھمان يوقتۇر . مەنبە: ئىجادىيەتلىرىم
[ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-05 23:29دە قايتا ت ]