ئۇستىرا ئىتتىك
بىر كىشى ساتىراشخانىغا كىرىپ چاچ ئالدۇرۇپتۇ:
ساتىراشنىڭ ئۇستىرىسى تولىمۇ گال بولغاچقا،ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ قىيناپتۇ.لېكىن ئۇ چىشىنى چىشلەپ ئولتۇرېۋېرىپتۇ.بىر چاغدا ساتىراش:
-خۇشيېقىپ ئۇخلاپ قالدىلىمۇ نېمە؟ئۇستىرا بەك ئىتتىكچۇ، ــ دەپتۇ.
ــ بۇنى بىر دېمەڭ، ــ دەپتۇ چاچ ئالدۇرغۇچى، ــ ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ــ بېشىم بىر توڭ كاۋىغا ئايلانغانمىش،ئېشەك كېلىپ ھەدەپ غاجىلىغۇدەكمىش،چۆچۈپ ئويغانسام ئېشەك ئەمەس.سىزنىڭ ئۇستىرىڭىز ئىكەن.
ئۇ شۇنداق دەپتۇ دە،پېشىنى قېقىپ تۇرۇپ كېتىپتۇ.
ئېچىق بېشىدا ئېشەك بار دەپ ئاڭلاپ
بىر ئادەم ئېچىق بېشىدا ياشانغان بىر كىشى بىلەن سۇ تالىشىپ يولسىزلىق قىپتۇ.بوۋاي:
بالام ،مەن ياشىنىپ قالغان ئادەم،سەن بولساڭ ياش،ئۇنداق قىلما،سۇنى مەن باشتا ئېچىۋالاي، ــ دەپتىكەن.ھېلىقى ئادەم بېشەملىك قىلىپ؛
كىم سېنى ساقىلىڭنى بىر باغلام بېدىدەك چاڭگىلاشتۇرۇپ سۇ ئاچقىلى چىق دېدى،ئۆيۈڭدە ياشراق بىرەرسى يوقمىدى؟؟دەپ بوۋايغا يول قويماپتۇ.
ياشلاردىنمۇ بار ئىدى،دەپت بوۋاي ئالدىرماستىن،بىراق ئېچىق بېشىدا ئاچ قالغان ئېشەك بار دەپ ئاڭلاپ،بۇ بېدىنى ئالايىتەن ئۆزۈم ئەكىلىۋىدىم.
غاجىغۇدەك گۆش نەدە
بىر بوۋاي قاسساپتىن ئۇستىخان ئېلىۋاتقاندا،بىر ئاغىنىسى كېلىپ چاقچاق قىلدى.
ياسىنئاخۇن ئېغىزلىرىدا بىر تال چىشنىڭ تايىنى يوق.ئۇستىخان ئېلىۋاپلا،قانداق غاجايلا؟
بوۋاي شۇئان؛
بۇ قاسساپلار ئۇستىخاندا غاجىغۇدەك گۆش قويامدۇ؟ھەممىسىنى قىرىۋالىدۇ.بۇنىڭغا چىشنىڭ ھاجىتى يوق.قاينىتىپ يالاپ تاشلىۋىتىمىز دېسىلە.
غەلىتە سوئال
قەھرىتان قىشتا بىر موماي نەۋرىسىگە بۇيرىدى:
ھەي بالام،ئىشىكنى ئوچۇق قويدۇڭغۇ؟ھىم يېپىۋەت تالا بەك سوغۇقكەن.
موما،دېدى بالا ئەجەپلىنىپ،ئىشىكنى يېپىۋەتمىسەم،تالا ئىسسىپ كېتەمدۇ؟
مەنبە ـــــــ يۇمۇر ــ چاقچاقلاردىن پارچە[ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-05 19:26دە قايتا ت ]