ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدۇ ھەممە E)2(GMO/G
}yXxy22
yMtj
ئالەمنىڭ گۈزەللىكىنى ، تەبىئەتنىڭ خۇش ھىدىنى ، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئەركە ، ئەڭ يېنىك دەملىرىنى ، ئادەم كىچىك چاغلىرىدىلا ھېس قىلسا كېرەك . v!,;d-8L
قاچانلاردىندۇر ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدىراشلىقلار ، تۈگىمەس ئۇششاق غەملەر ئىگەللەپ ئالىدىكەن . يەنە قايسى مىنۇتلاردىدۇر ، بۇ قىسمەتلەر Eud]-/s)_
كىشىنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئەلەملەرگە مۇپتىلا قىلىپ ، تۇرمۇشتىن ھاياتتىن جاق جاق تويغۇزىۋېتىدىكەن . RvEwHm+{
سۈزۈك ئاسمانغا نەزەر سالغان ئىزغىرىن شاماللىق كۈنلەردە ، خىياللىرىڭ قەيەرلەردە قانات قاقىدۇ ؟....ئەمما مەن ھازىر ئۇنداق قاناتلاردىن بىزار... ''=Zb@.|
گويا گويالاردا شۇنداق قاناتلارنىمۇ ئۇرۇپ چۈشىرىۋەتسەم دەيمەن...........نىمىلەر تەبىئەتكە نۇرلار ياغدۇرۇپ ئىنسان قەلبىنى ئىللىتىپ كېلىۋاتىدۇ ؟ .........
LA4t>
.بىراق ئۇلار ھەرگىزمۇ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىنى ، سايىدە قالغان يوچۇڭلارنى ، ئىللىمىغان دىللارنى يورۇتالمىدى . نىمە ئۇ كۆيۈمچانلىق ، نىمە ئۇ بېغىشلاش؟ . c IRI."
نىمە ۋىجدان ، نىمە ئۇ سۆيگۈ؟!...نىمە ئۇ غايە؟..............ھەممىنىڭ قۇلاقلىرى گاس ، كۆزلىرى كور!...........كۈپكۈندۈزدە يولنى تۈز ماڭىدۇ ، f! z?cO0D
ئەمما قاياققا مېڭىۋاتقانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئەسلا نىشانسىز ...........قانداق كىشىلەر بەختلىك ، قانداق كىشىلەر بەختسىز بولىدۇ ھە؟..... qU<k2@j
.ئۇنى ئۆلچەپ يەتكىلى بولامدۇ؟..........بولسا يەنە نىمە پايدىسى ... بەختلىك بولسا نىمە بوپتۇ...بىر ئۆمۈر بەختسىز بولسا نىمە بوپتۇ ؟......... gX$<'fU
.گەرچە ئارلىقتىكى باسقۇچلار زادىلا تەسۋىرلىگۈسىز پەرىقلەر بولسىمۇ ، ئاقىۋىتىچۇ ؟...مەنزىلىچۇ .؟!...ئاقىۋەت بىر ئۆلۈم!..........ئۆلۈم.............. eE
ھاياتلىقىمغا تىنىقىم گۇۋاھ ، پارقىراپ تۇرغان كۆزلىرىم گۇۋاھ ، سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىم گۇۋاھ.......ئەمما قانلىرىم ئۆركەشلىمەيدۇ . @#LjGMu-*
تومۇرلۇرۇمنىڭ سوقۇشى نە بۈيۈك غايە ئۈچۈن .... نە ۋىسال ئىشقى ئۈچۈن ؟!..........ھەممىسى كېرەكسىز ..........تەنلىرىم مۇزدەك ............ m0!O@Dc
.مۇردىدىن پەرقىم يوق بۇ ھالىتىم دىمىقىمغا ئۆلۈمنىلا پۇرىتىدۇ .............ئەسلا ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان تىنىچلىق ، 6G
Rcj
يەنە ھەم بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان نالە چۇقان .............بېششىم ئېتىلىپ كېتەيلا دەيدۇ .............خىيالدىن ئەمەس...دەرتتىن ئەمەس...... &:~;
دۇنيانىڭ ئادىلسىز ، تولىمۇ بەك ئادىلسىز ئىلتىپاتلىرىدىن . خور زارلىقلىرىدىن !........! ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ شۇنچە ئۈنلۈك ھەقنى سۆزلىگىنىمدە ، d(
E{A=YVs
ئەكسىچە ماڭا يانغان ناھەق تىل ئازار، ئاھانەت تۆھمەتتىن!.........دۈشمەنلىكتىن !...ۋىجدانسىزلىقتىن ... ساختىپەزلىكتىن!..... EV~F&a
.نىمە ئۇ ئىشەنچ ؟ QnI?/
... نىمە ئۇ سەمىمىيەت....؟..ھېچكىم مېنى تونىمايدۇ ...ھېچكىم مېنى ئەسلا تونۇپ يېتەلمەيدۇ..چۈنكى مەن چارچىدىم ، ئىنسان بىر ئۆمۈر ھاياتىدا ئۆزىنى ھەممىگە سۆزلەيدۇ ، f<h9TF
ئىنسانغا سۆزلەيدۇ ، خالىسا تاغ دەرياغا سۆزلەيدۇ ، يەنە خالىسا ، ئېقىن سۇغا سۆزلەيدۇ ....بىراق مەن بىر ئۆمۈر ئاۋازىم ، دىلىم ، ئىش ھەركىتىم بىلەن سۆزلەپ ، fhG{84
ئەسلا چۈشەنچە بېرەلمىدىم .....گاچىمۇ ئەمەستىم ...باشقىلارمۇ ھەم گاس ئەمەستى.........بەلكىم بىزنىڭ تۇرمۇش تىلىمىز ، يۈرەك تىلىمىز ، v6!UwY6C
جاھان تىلىمىز ئوخشاش بولمىسا كېرەك ....ھەممە ئادەم ھەرخىل تىلدا سۆزلىسە كىم كىمنى چۈشىنەتتى ........... e;BQ$R`9C
}bifE[.4U
گۈللەرنىڭ پۇراقلىرى دىماقلىرىمنى مەس قىلالماس بولدى ...ئۇلارنىڭ تەبىيلىكىدىن سۈنئىيلىكى كۆپ ئىدى .
_'ikR3*
گۈلىستانمۇ ماڭا شۇ تاپ ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدۇ . مۇقەددەس يەرگە ئۆز ئېغىرلىقىم بىلەن دەسسەپ تۇرساممۇ ، ئۆزەمنى تاش ئېسىۋالغاندەك ئېغىر ھېس قىلىپ ، ,QFbU9Z_
پۇتلىرىم قاتلىشىپ كېتىۋاتىدۇ . مەيدەمدىن ئوقچۇپ چىقىۋاتقان بىر ئاغرىق دۈمبەمدىن تېشىپ چىقسا ، ئۇنىڭ شاخلىرى پۇتلۇرۇم ، قوللىرىمغىچە ، a:ti7
4
ھەممە ھۈجەيرىلىرىمگىچە يامراپ ، جان جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى . نەپەس ئالماي دېسەم ، بۇ تىنىقلىرىم ھاياتلىقىمنىڭ نامايەندىسى . R_!OQ0y
مېنىڭ يەنە ئىسيان قىلالايدىغانلىقىمنىڭ بايرىقى . بىراق دىماقلىرىم ئاچچىق، بەكمۇ ئاچچىق.......بۇرنۇمنى ئېچىشتۇرۇپ كىرىپ چىقىۋاتقان بۇ نەپەسلەر ، =ES[DXv2
ماڭا قايتا قايتا ئۆلۈمنىڭ گاھ تىمتاس گاھ شاۋقۇنلۇق ھىدلىرىنى پۇرىتىپ ، مېنى ئېغىردىن ئېغىر سەسكەندۈردى . ئادەم نىمىگە كۆنمەيدۇ ھە؟...... c1 2y;#E[
.بۇنەپەسلەرمۇ ئادەمنى مەستىخۇش قىلالايدىكەن .........ئاغرىقلىرىمغا رېتىم بولۇپ ئۇرۇلغان ھەر بىر تىنىق ، ھەر بىر پۇراق ، سۈكۈتلۈرۈمگە چۇقان ، d*N@
چۇقانلىرىمغا سۈكۈت بېرىپ مېنى ، بىر ئارقىغا بىر ئالدىغا ماڭدۇرىۋاتىدۇ . ........قەدەمنىڭ ئەمدى نىمە ھاجىتى ھە......كىرىدىغىنىم يەنىلا شۇ تۇپراق ئەمەسمۇ.... c{aQ-=i
قەدىمىمنىڭ قەيەردە ئاخىرلىشىشى ئەمدى مەن ئۈچۈن ئەرزىمەس ھېسابات . ............. 4n9"o+O}
p[H/s*
تەنلىرىمدىن مۇز ئۇرۇپ تۇرىدۇ . سۆڭىكىمدىن تەپچىپ تۇرىۋاتقان شۇ سوغۇقىنى سېزىپ تۇرۇپتىمەن . _M;-D&A
گەرچە بۇلارغا كۆنۈك بولساممۇ ، بىراق بەزىدە زادى چىدىيالماستىن قوللىرىمنى جپسىلەشتۈرۈپ ئېغىزىمغا يېقىپ ، WH`8$D{lP
شۇ ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان تىنىقلار بىلەن ئىسسىنىشقا ئۇرۇنۇپ كېتىمەن ....قەدەملىرىم ئەرزىمەس دەپ تۇرۇپ ، e@^0PM8N
ئاغرىققا چىدىماي ئېگىز پەس ، ئالدى كەينى سەكرەپ كېتىمەن ................. py
ھۆركىرەپ يىغلاي ، نالە قىلاي دەپ ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ يىغلايمەن ....نىمە ئۇ يىپى ئۈزۈلمەس ياشلار...كۆزلىرىم خۇددىي سۈيى قۇرغان بۇلاقتەكلا .. c]~:.Q">#<
...ئاۋازلىرىمغا ئەسلا تەڭكەش بولۇپ مەرۋايىت ئۈنچىلەرنى تۆكەلمىدى . گەللىرىم بوغۇلسىمۇ ، ئاۋازلىرىم پۈتسىمۇ ، ئاخىرقى سەۋىرلىرىم توشسىمۇ ، zYEWf
مىڭ جاپادا سىقىپ چىقىرىلغان ئىككى تامچە ياشلىرىم ، مەڭزىمدە تۇرۇپقالدى . ...خەيىر ...مەندە ياشمۇ قۇرۇپ كەتتى .... T0Xn82dt:r
ماڭا تولا يىغلىغان ئالەمنىڭمۇ ياشلىرى قۇرۇپ كەتتى ....مۇشۇ ئىككى تامچە ياش ...بەلكىم ئاخىرقى ياشلىرىم بولسا كېرەك...... <.5j"M
.ماڭا ئۇلار ياش ئەمەس بەلكى قاندەق بىلىنەتتى ....چۈنكى دىمىقىمدا يەنىلا قاڭسىق ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى.......... aXn!u .
DlAVcNI
چارچىغاننى كۆرگەن ، ھېرىپ يولدا ئولتۇرۇپ قالغاننى كۆرگەن ، چارچاپ ئاغرىپ قالغاننى كۆرگەن....بىراق مەن يىقىلىپ قالمىدىم ، xX9*prAE
چارچاشلىرىم ، ئاغرىقلىرىم جىسمىمنى خوراتقان بولسا....زېھنىمنى پارە پارە قىلىپ، كۈكۈم تالقان قىلىپ ، ئەزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى . .. Zqs(.
.دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام كۆزلىرىپ غۇۋالىشىپ ، ئاسماندا يۇلتۇزنىڭ بار يوقلىقىنىمۇ بىلەلمىدىم ....پەقەت يورۇق تۇرغان ئايلا جىمجىت تۇرۇپتۇ..... RVA{,^f0N
مېنىڭ گۇۋاھچىم ....راستلىرىمغا گۇۋاھچىم....قىيامەتتى مېنى بۇ دۇنيادا قارا قىلغانلار ئۈچۈن ئەنتىمنى ئېلىپ بەرگۈچى گۇۋاھچىم..... `"y*V{y+&
DU8jG
مىنۇتسېرى تۈگىلىپ قېلىۋاتقان گەۋدەم ، مۇز بولۇپ قېتىپلا قالغان بارماقلىرىم ، سەزگۈسىز كونۇپكا تاختىسىنى رېتىملىق بېسىۋاتىدۇ.... $yf=5^~
نۇرسىز كۆزلىرىم ئېكراندىكى خەتلەرگە تىكىلىپ ، گويا ئاخىرقى سۆزلىرىمنى ئاتا ئانامغا دېگەندەكلا ئەستايىدىللىق بىلەن يېنىپ تۇرۇپتۇ..... ?UY@ 5nBP
.ئېكران يېنىدىكى بىر تەشتەك گۈل.....قېنى سېنىڭ خۇشپۇرىقىڭ...بەلكىم ھېلى ھەممۇ...ماڭا ئىلھام بەرگەن مىنۇتلاردىكىدەك خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغانسەن.. K`.L(,{\
.بىراق دىماقلىرىم بەلگىلەپ قويغاندەكلا ،ئۆلۈمنى پۇراۋاتىدۇ.....تىنىقلىرىم ئېغىرلىشىپ،،،،ئاغرىقتىن پۇتلىرىم كىرىشكەن...... wQW
?v:
تۆت تامنىڭ ئىچىدە سوغۇق ئولتاغان دەمدە ......ھەممە ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدۇ .............
SE!`u.w
_I~`UGv
..ئەسلىمە نىمە؟...ئەسلەش نىمە؟...غايە نىمە؟...تىرىشىش نىمە؟... 05r' hp {
.تالاي ئۈمۈدلەرنى بېرىپ، يەنە كۆتۈرگۈسىز ئازابنى بەرگەن نىشانلىرىم .....سىلەردىن مىڭ رازى بولۇپ كېچىپ كەتتىم مەن..... WVG:PB:I[d
.ئالەم ئۆلۈم پۇرىدى....گەرچە مەن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىپباقمىغان بولساممۇ .....گەرچە ماڭا ئۆلۈش ۋاقتىم نامەلۇم بولسىمۇ...بۇ ھىدلار...... 6dIzC
تېنىمدىكى ئاغرىقنىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇپ ،مېنى سەسكەندۈرىدىغان ھىدلار....مېنى ئەركىن قىلىدىغان ھىدلار......ئۆلۈم! 6&b~@F2
`'a ,( {
چاچلىرىم ....تەنلىرىم....كۆزۈم كۆرگەن Pwk2:%Rt
ھەممە ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدۇ.... a|Er`R
ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدۇ ھەممە......تاكى.... 5f9#+I$U
..نەپەسنى توختاتمىغۇچە........................................
1^,/@\ @8KP5$8 خاتىرەمدىن
S1r=1 @8c ئاپپاق
[ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-05 19:12دە قايتا ت ]