مۇھەببەت بولۇپمۇ قارمۇ-قارشى جىنىسلىقلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت روھىي ھالەت ۋە كەيپىيات جەھەتلەردە كىشىلەرگە زادى قانچىلىك كۈچ ۋە ئىلھام بېرەلەيدۇ؟ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تىببىي بىلىم بىلەن شوغۇللانغۇچىلارمۇھەببەتنى گۈزەللىك ۋە ساغلاملىقتىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. Li|5?j
شۇنى ئېيتىش كېرەككى مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان خانىم -قىزلارنىڭ چىرايى باشقىچە گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.جىنسىيەت ئىلمىي مۇتەخەسىسلىرى فىزىئولوگلارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە،بۇ مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا،قىز -ئاياللارنىڭ بەدىنىدىن زور مىقداردا ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىققانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تېرىدىن نۇسخا ئېلىپ ئانالىز قىلغاندا بۇ نۇقتا يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشكەن.ئانىلىق ھورمون تېرە ئىچىدە باشقا ئالاھىدە توقۇلمىلار بىلەن بىرىككەندىن كېيىن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ،سۈزۈك كىسلاتالىق فېرمىنتنى ھاسىل قىلىدۇ.بۇ كىسلاتالىق فېرمىنتنىڭ تەسىرى بىلەن خانىم-قىزلارنىڭ تېرىسى تېخىمۇ مول ئوزۇقلۇق ماددىلىرى ۋە نەملىككە ئىگە بولىدۇ.شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،مۇھەببەت تېرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدۇ. SYXh:;vfd
يەنە ئالىملار ئاشۇنداق ھېسابلايدۇكى،خانىم-قىزلار كۆڭۈلدىكىدەك ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ،ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن،ئىختىيارسىز ھالدا قارشى تەرەپنىڭ تولىمۇ جەلىپكار،سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. }V Vzj
يات جىنىسلىقلار بىلەن بولغان بۇ خىل مۇھەببەت بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،نەپەسلىنىش رېتىمىنى تېزلىتىدۇ.بۇ،تېرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ياخشىلاپ،بۇرۇنقىدىنمۇ ئاق،يۇمران،نازۇك،رەڭدار كۆرسىتىدۇ ھەمدە بەدەندىكى زەھەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ،مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىزلارنىڭ مۇھەببەت باغلاشتىن بۇرۇن تېرىسى يىرىك كۆرۈمسىز بولسا،مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن تېرىسى سىلىق،يۇمران،ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك بولىدىغانلىقى،يۈزىدە دانىخورەك بارلارنىڭ دانىخورىكى يوقايدىغانلىقى ،تېرىسى مايلىق ياكى قۇرغاقلارنىڭ تېرىسىنىڭ نورماللىشىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. n;C=q B
مۇھەببەت ئادەمنىڭ چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماستىن يەنە ساغلاملىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.مۇھەببەت ساپ ۋە سەمىمىي بولسا خانىم-قىزلارنىڭ ئورگانىزىمىدىكى فىزىئولوگىيىلىك تەڭشەش سېستىمىسى ۋە ئىممۇنىت ئىقتىدارى مۇكەممەل ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.شۇنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ،تاماق يىيىشى ۋە يېتىپ قوپۇشى قانۇنىيەتلەك بولىدۇ.ئورگانىزىمدىكى نېرۋا،ھەزىم قىلىش،قان ئايلىنىش،كۆپپىيىش،سۈيدۈك ئاجىرىتىپ چىقىرىش سېستىمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى باشتىن -ئاخىر ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاپ قالالايدۇ.بەدەننىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېشىپ،ئادەم ئاسانلىقچە يۇقۇملانمايدۇ ھەم كېسەل بولمايدۇ.ئەكسىچە مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغان ياكى مۇھەببەت ئىلاھى بىلەن كېچىكىپ ئۇچراشقانلارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ.ئىچى تىتىلداش ياكى ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ھالەتلەر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.شۇڭا،<بېشى باغلانمىغان>يېشى چوڭ قىزلارنىڭ يۈزىدە بالدۇرلا قورۇق كۆرۈنۈپ،چېچىنى ئاق ئارىلايدۇ.چىرايى بارغانسېرى سولىشىدۇ.ئەنگىلىيىنىڭ لوندون ئونۋېرسىتېتى مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان:مۇھەببەت ۋە نىكاھ جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ،بەخىتسىز بولۇپ قالغان خانىم-قىزلارنى بىر گۇرۇپپا،مۇھەببەت،نىكاھ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان خانىم-قىزلارنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ ئايرىپ كۈزەتكەن.كۈزىتىش نەتىجىسىدە ئۇلار ئالدىنقى گۇرۇپپىدىكى خانىم -قىزلارنىڭ دائىم زۇكام ۋە باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى،كېيىنكى گۇرۇپپىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ بولسا ناھايىتى ساغلام،گۈزەل تۇرغانلىقىنى بايقىغان. OP,@]
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،پاك ۋە سەمىمىي مۇھەببەت ھەقىقەتەنمۇ خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. ;3mW~?1x مەنبە:ئاياللار سىردىشى(ئايشەم ئەخمەت ھاجى)[ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-05 19:14دە قايتا ت ]