كىنو كۆرۈش
زىيادە سىېمىز بىر كىشى كىنو كۆرگىلى كىرىپ، مىڭ تەسلىكتە ئورنىنى تېپىپ جايلىشىپتۇ. يېنىدىكى كىشى قىستىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنۇڭغا دەپتۇ:
-سېمىز بولغاندىكىن ئىككى كىشلىك بىلەت ئالسىڭىز بولمامتى؟
-كەچۈرۈڭ ئىككى كىشلىك بىلەت ئالغان ،ئەپسۇس بىرسى ئۈستۈن قەۋەتنىڭ ئىكەن.
ئەقىل
يىگىت:تۈنۈگۈن كىچە سىزگە توي تەكلىپى قۇيۇپ چۈش كۈرۈپتىمەن، بۇ نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟
قىز:نېمىدىن دېرەك بېرەتتى، سىزنىڭ ئۇخلىغان ۋاقتىڭىزدا ئويغاق ۋاقتىڭىزدىكىدىن ئەقىللىقراق ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەمدۇ؟
يىراق تۇرۇش
ئايالى:ھاراقنى سۈمۈرگۈچ نەيچە بىلەن ئىچىدىغان بۇلۇپ قاپسىزغۇ؟
ئېرى:ئۇنتۇپ قاپسەندە،دوختۇر مىنى ھاراقتىن يىراق تۇرۇڭ دىگەن ئەمەسمۇ؟
ئېلان
خېرىدار:سىزنىڭ بۇ چاچ چىقىرىش دورىڭىز ،تېلىۋىزۇردا كۆرسىتىلگەندەك راستىنلا ئۈنۈملۈكمۇ؟بىر بوتولكا ئالسام ئۈنۈمى بولارمۇ؟
پىركازچىك:ھېچكىم ئىككى بوتولكا ئېلىپ باقمىدى.
ئۆتۈنۈپ بېرىش
پېتىر مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاپىسىغا كۆرسىتىپتۇ، ئاپىسى بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن سوراپتۇ:
-ئۆتكەن قېتىم پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرىنچى بولغان ئىدىڭ، بۇ قېتىم نىمە بولدۇڭ؟
-ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ يۇقىرى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئورنۇمنى باشقىلارغا ئۈتۈنۈپ بەردىم.
بەدەن تەكشۈرۈش
ھەربىي سەپكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئورنىغا بىر ياش يىگىت كىرىپ تىزىملىتىپتۇ.
دوختۇر بۇ يىگىتنى تەكشۈرۈك كۆرۈپ، ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى ئازراق نۇقسان سەۋەبىدىن ئىككى قولىنى قانچە قىلىپمۇ بېشىدىن ئېگىز كۈتۈرەل
مەيدىغانلىقىنى بايقاپتۇ، باھالاش قەغىزىگە نىمدەپ يېزىشنى بىلەلمەي پىشقەدەم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپتۇ،
دوختۇر ئۇنۇڭغا:
-لاياقەتلىك دەپ يېزىۋېرىڭ دۈشمەنگە تەسلىم بۇلۇشتىن باشقا ھەممە ئىشنى قىلالىغۇدەك، - دەپتۇ.
[ بۇ يازما ئۈزۈمچى تەرپىدىن2008-10-05 01:28دە قايتا ]