SALKIN mtv 0 تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: غالجىر كېسىلى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 533 قېتىم كۆرۈلدى
بىرزات
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 13826
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 376
شۆھرەت: 2597 كىشىلىك
پۇل : 77820 سوم
تۆھپە: 149 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 824 نۇمۇر
قوللاش: 592 نومۇر
ئالقىش: 1289 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1003(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 غالجىر كېسىلى

غالجىر كېسىلى
مەنبە: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى http://blog.78.la/u/123horunmuxuk

غالجىر كېسىلىنى يەنە سۇدىن قورقۇش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇنى غالجىر ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ ، مەركىزى نېرۋا سىستمىسىغا تاجاۋۇز قىلىشنى ئاساس قىلغان ، ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان ئۆتكۈر خارەكتىرلىك يۇقۇملۇق كېسەل .
ئېتىئولوگىيىسى :
غالجىر كېسىلى ۋىرۇسى ئولتىرا بىنەپشە نۇر ، يود تىنىكتۇرىسى ، كالىي پىرمانگانات ، ئىسپىرىت قاتارلىقلاردا ئاسان ئۆلىدۇ . يەنە 100 سىلسىيە گىرادۇستا ئىككى مىنىۇت قىزدۇرسىمۇ ئۆلىدۇ .
يۇقۇملىنىش مەنبەسى :
ئاساسلىق يۇقۇم مەنبەسى ئىت بولۇپ ، ئۇنىڭدىن قالسا مۈشۈك ، بۆرە قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلاردۇر .
تارقىلىش يولى :
ئاساسلىقى ئىت چىشلىۋېلىپ يارلىنىشتىن يۇقۇملىنىدۇ . يەنە تەركىبىدە ۋىرۈس بولغان شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ھەر خىل يارا ئېغىزلىرىغا ۋە تاتلاپ يارلاندۇرغان ، چىشلەپ يارلاندۇرغان تېرە شىللىق پەردىلەرگە كىرىپ كېتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ . ئاز ساندىكىلىرى كېسەل ئىتلارنى بوغۇزلاش ، تېرىسىنى سويۇش قاتارلىق ۋاستىلىك ئوچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ .
يۇقۇملىنىشقا مايىل كىشىلەر :
ئادەملەر ئومۇميۇزلۇك يۇقۇملىنىشقا مايىل كېلىدۇ .
كىلىنكىلىق ئىپادىلىرى :
1. دەسلەپكى مەزگىلى -- كۆپىنچە بىمارلاردا تۆۋەن قىزىتما ، ئىشتىھاسى ناچارلىشىش ، كۆڭلى ئېلىشىش ، باش ئاغرىش ( كۆپىنچە گەجگە قىسمى ئاغرىيدۇ ) ، ھېرىپ چارچاش ، پۈتۈن بەدەن ئارامسىزلىنىش قاتارلىق << زۇكامدىغانغا >> ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ ؛ كەينىدىنلا قورقۇپ خاتىرجەمسىزلىنىش ، ئاسان ھھياجانلىىنش ، ئۇيقۇسىزلىق ، بىسىم ھىس قىلىش ، ئاۋازغا ، نۇرغا ، شامالغا ، ئاغرىققا بولغان سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە كېكىرتىكى سىقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ . ئۇدا 2-4 كۈنەىچە داۋاملىشىدۇ .
2. قوزغىلىش مەزگىلى -- بىمار ئاستا -ئاستا يۈكسەك قوزغىلىش ھھلىتىگە كىرگەندىن كېيىن ، زىيادە قورقۇش ، سۇدىن قورقۇش ، قوزغىلىشچان يۇتقۇنچاق مۇسكۇلى سىپازمىلىنىش ، شامالدىن قورقۇش ، نەپسى قىيىنلىشىش ، چوڭ -كىچىك تەرەت قىيىنلىشىش ، شۇنداقلا كۆپ تەرلەش ، شۆلەەي ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .سۇدىن قورقۇش بۇ كېسەلنىڭ روشەن ئالامىتى بولۇپ ، يۇتقۇنچاق موسكۇلىنىڭ سىپازمىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ .ئۇدا 1-3 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ .
3. پالەچلىنىش مەزگىلى -- سىپازمىلىنىش توختىغاندا ، بىمار بارا-بارا تىنىچلىنىدۇ . لېكىن بوشاشقان پالەچلىنىش ، بولۇپمۇ پۇت قوللاردىكى يۇمشاق پالەچلىنىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ . كۆز مۇسكۇلى ، يۈز قىسمىدىكى مۇسكۇللار شينداقلا چايناش مۇسكۇللىرىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ ، ئالغاي بولۇش ، كۆز ئالمىسىنىڭ ھەركىتى نورمالسىزلىنىش ، ئاستىنقى جاغ ساڭگىلاش ، ئېغىزىنى يۇمالماسلىق ، چىراي ئىپادىلىرى ئازلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ . بىمارنىڭ نەپسى بارا-بارا ئاجىزلاپ ياكى تەرتىپسىزلىنىپ ، سەكرات نەپىسى پەيدا بولىدۇ . تومۇر ئاجىز سوقۇپ ، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ ، ئىنكاسى ئاجىزلاپ ، كۆزقارچۇقى يوغىناپ ، نەپەس ۋە قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش سەۋەبلىك ، بىمار ئىنتايىن تېزلا جان ئۈزىدۇ . جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن بىمار كۆپىنچە ھوشسىز ھالەتتە بولىدۇ . بۇ مەزگىل ئۇدا 6-8 سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ .
لابۇراتورىيىلىك تەكشۇرۇش :
قان رايى : ئەتراپ ئاق قان ھۈجەيرىلىنىڭ سانى (12-30) كۆپەيتىلگەن 10 نىڭ 9-چى دەرىجىسى بولۇپ نېترال دانىچە ھۈجەيرە سانى ئادەتتە 80% تىن يۇقۇرى بولىدۇ .
سۈيدۇكنى قائىدىلىك تەكشۇرۇش : سۈيدۈكنى قائىدىلىك تەكشۇرۇش نەتىجىسىدىن يېنىك دەرىجىدىكى ئاقسىللىق سۈيدۈكنى ، بەزىدە سۈزۈك سىلىندىرنى بايقىغىلى بولىدۇ .
داۋالاش :
بىمارلار ئادەتتە كېسەل قوزغالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كىتىدۇ ، بۇ كېسەلنى داۋالاشتا تا ھازىرغىچە ئالاھىدە ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان دورا يوق . پەقەت چىشلىۋالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئالاھىدەئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ . ئىت ، مۈشۈككلەر چىشلىۋالسا ياكى تاتىلىۋالسا ۋەياكى يارلانغان تېرىنى يالاپ قويسا ، دەرھال ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا غالجىرلىق كېسىلىگە قارشى تۇرغۇچى ئىممۇنىترتلىق شارچە ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلىش كېرەك . ( بولۇپمۇ 24 سائەت ئىچىدە ۋاكسىنىنى ئەملەش كېرەك ) .
ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش :
1. ھايۋانلار يۇقۇم مەنبەسى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ ، يۇقۇم مەنبەسىنىقاتتىق باشقۇرۇپ ، ياۋا ئىتلارنى ئۆلتۈرۈپ ، ئائىلە ئىتلىرىنى ئىممۇنىتېتىلاش كېرەك .
2. غالجىرلىق كېسىلى پەيدا بولغان بىمارلارنى دەرھال شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش مەركىزىگە دوكلات قىلىش ، ۋاكسىنىنى تەڭشەپ ، يارلانغۇچىلارنى ئممۇنتېتلاپ ، كېسەل ئىتلارنى ئۆلتۈرۈپ ، يۇقۇش خەتىرى بولغان كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك .
3. غالجىر ئىت چىشلىۋالغان بىمارلارنى ئۇچراتقاندا ، يارا ئېغىزىنى دەرھال توغرا بىر تەرەپ قىلىش ، 20 % لىك سوپۇن سۈيى بىلەن ياكى 0.1% لىك بىرۇمۇگېرامىن (新洁尔灭) سۇيۇقلۇقى بىلەن يارا ئېغىزىنى قايتا -قايتا يۇيۇش كېرەك . ئادەتتە يارا ئېغىزىنى تىكىشكە ياكى ئوراپ قويۇشقا بولمايدۇ .
4. غالجىرلىق كېسىلى ئادەتتە ئادەملەر ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا بىر -بىرگە يۇقمايدۇ . بىمارنى ئالاھىدە ئايرىۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق .

مەنبە: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى http://blog.78.la/u/123horunmuxuk

خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: 0999يۇرت
بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى http://blog.78.la/u/123horunmuxuk
خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي، دورا-دەرمەك، ھەسەل دۇكىنى
قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپ يان دەرۋازا ئۇدۇلىدا
چ چ : 123994119 تېلفۇن: 0998-6462787 -13565662787
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بىرزات شىپاخانىسدا
http://blog.78.la/u/123horunmuxuk
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-10-02 15:39 |
قىئات
خەپ سىنى............
يازما يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1360
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2558
شۆھرەت: 225 كىشىلىك
پۇل : 856680 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2823 نۇمۇر
قوللاش: 2655 نومۇر
ئالقىش: 3061 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 353(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قايسىدۇ بىر يازغۇچىنىڭ ۋاپادار ئىت ناملىق ، ھەقىقى ۋەقە دىيىلگەن بىر ئەسىرنى ئۇقىغاندىم ، بەلكىم سىلەرمۇ ئۇقىغانسىلە ، ئۇ ئەسەردە ئوۋ ئۈستىدە  يىلپىز چىشلەپ يارلانغان بىر ئادەم ، ئىتىنىڭ شۆلگۈينى يارا ئېغىزغا سۇۋاش ئارقىلىق ساقايغانلىقى بايان قىلنىپتىكەن ، شۇنداق بولغاندا بۇ غالجىر ۋىروسى ھەممە ئىتتا بولمايدىكەندە
ياكى ئىتنىڭ شۆلگىيىدە ۋىروس يۇقمامدۇ ،

تىمىڭىزغا رەھمەت ، ياخشى تىببى ساۋات ئىكەن
[color=#0000FF]ئويغۇر ، ئويغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر
ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر                        
يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز
دىنىڭ ئىسلامدۇر ، مىللىتىڭ ئويغۇر[/color]
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-02 15:47 |
كۇكلەم520
http://www.rasim.cn/bashqa/yan
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 7262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1196
شۆھرەت: 1251 كىشىلىك
پۇل : 7141 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1226 نۇمۇر
قوللاش: 1204 نومۇر
ئالقىش: 1284 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 233(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەلكىم ھەممە ئىتلاردا بولماسلىقى مۇمكۈن. بىز ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق بولغان شۇ شولگەي شۇ ھايۋانلارنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى،چۈنكى ئۇلار يارلانغاندا ئوزىنى شۇ شولگىيى ئارقىلىق يەنى شۇ يارا ئېغىزىنى يالاش ئارقىلىق يارىسىنى داۋالايدىكەن.
بىلىپ سۆيگىن كىيىن ئىچىنما،بىلىپ تاشلا كىيىن سىغىنما.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-02 17:01 |
زۇلپۇقار
مۇنبەر شاھى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 16014
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2239
شۆھرەت: 2436 كىشىلىك
پۇل : 14281 سوم
تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2513 نۇمۇر
قوللاش: 2371 نومۇر
ئالقىش: 2845 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1084(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

بىر زامانلاردا  ئاشۇ غالجىر كىسىلى تارقالدى دەپ  ئىشتنى  قەيەردە كۆرسە   شۇ يەردە ئۆلتۈرۈپ  كۈمبەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم      ئۇ ۋاقىتلاردە   مەن كىچىك بولغاندىكىن ئۇ كىسەلنى تازا چۈشۈنۈپ كىتەلمەپتىكەنمەن   ئەمدى چۈشەندىم
                              دىققەت قىل ئەي دوستۇم بەزى ئىشلارغا،
                              بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                              ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                              تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-02 17:18 |
تۇغرۇل
ئانا تىلنى قوغداش شەرەپ
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 18964
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 787
شۆھرەت: 793 كىشىلىك
پۇل : 380 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 922 نۇمۇر
قوللاش: 872 نومۇر
ئالقىش: 1097 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 306(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ كىسەل  ۋاقتى كەلسە ئادەمنىڭ ھاياتىغا بېرىپ تاقىشىدۇ.
bugra
قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان،
ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-10-03 16:05 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا تىبابەت


Time now is:10-10 01:40, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Tov 1 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation