ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك، مۆھتىرەم ، ئەزىز ،كىلىشكەن چىرايلىق قامەتلىك ،سالاپەتلىك، ئىستىداتلىق، سەلكىنداشلار ياخشىمۇسىلەر~~!~! ئۇلۇغ روزا- رامىزان كۈنلىرىدەھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرى ئۇڭۇشلۇق ئۇتۇقلۇق كىتىۋاتامدۇ.
بۇقىتىملىق59 -سان سەلكىن مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزى ئالاھىدە سانىنى چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن~! شۇنداقلا ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىنى چىن دىلىمدىن چىن كۆڭلۈمدىن چىن باغرىمدىن تەبىرىكلەيمەن <سىلەرمۇ مىنىڭكىنى تەبىرىكلەڭلار ھە> بۇ قىتىمقى سەلكىن مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزى ئالاھىدە سانىنى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ خاسىيەتلىك كۈنى روزى ھىيتىغا ماس كەپ قالغالىقى ئۈچۈن سۇئاللارمۇ ئاساسەن شۇ توغۇرلۇق چىقىرىلدى
بۇ قىتىمقى سەلكىن مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزى ئالاھىدە سانىنىڭ تىمىسى ( دىن ۋە پەن)
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ، ئادىل بۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ ،سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى قايتا-قايتا ئويلىنىپ ، پۈتۈنلەي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن جاۋاب بېرىشىڭىزلارنى سورايمەن . قايتا تەھرىرلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىنكاس بىردەك باھالاشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ . يوللاپ بولغاندىن كېيىن قايتا تەھرىرلەشكە بولمايدۇ , جاۋاب بەرگەندە ئاۋۋال سوئالنى يېزىۋېتىپ ئاندىن ئاستىغا جاۋاب بېرىڭ . جاۋاپ يازغاندا پەقەت ئىنكاس قايتۇرغۇچىلار ئاندىن كۈرەلەيدىغان قىلىپ تەھرىرلىۋىلىڭ .. بولمىسا جاۋاب ئىناۋەتسىز .. مۇكاپاتمۇ يوق<ئەگەر ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ سۇئالنىڭ جاۋابىغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز مىدالدىن ئۈچنى تەييارلاڭ، لىكىن بۇنىڭدا مۇكاپاتقا ئىرىشسىڭىز ئالىدىغان مىدالىڭىز بىر، ئەڭ ياخشىسى ئىككى مىدال زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلماڭ ھە < چاخچاق> ئەمسە سۇئاللاغا جاۋاپ بىرىش باشلاندى .....
ئالاھىدە سۇئال ( سۇئالنى كۆرۈپ 5سىكۇت ئىچىدە جاۋاب بەرمىسىڭىز جاۋابىڭىز ئىتراپ قىلىنمايدۇ)سەلكىن مۇنبىرى تەلەي يۇلتۇزى سانىنىڭ 59-سانىنى كىم ؟قاچان چىقارغان؟ دەرىجىسى چۇ؟ ئۇ مۇنبەردە نىمە ئىش قىلىدۇ<كەسپى نامى نىمە> قانداق ئاسان سۇئالمىكەن؟ ئاسانكەن دەپ قالماڭ، بۇ تىخى سۇئالنىڭ چەۋرىسى،سۇئالنىڭ بوۋىسى بولسا پەستە سىزنى ساقلاتىدۇ 1- چوڭ سۇئال تاللاش سۇئالى (4جاۋابتىن پەقەت بىرسىلا توغرا) 1-سۇئال ؛-<روزا> دىگەن سۆز قايسى تىلدىن كىلىپ چىققان؟ A ئەرەپچە B پارىسچە Cتۈرۈكچە D ئۇيغۇرچە 2-سۇئال :مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام روزا تۇتۇشنى كىم بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئۈچۈن كىملەرنىڭ دىنىي ئادىتىگە تەقلىد قىلىپ قايسى كۈننى <كىمنىڭ قۇتقۇزىۋىلىنغان كۈنىنى> مۇسۇلمانلارغا روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ بىكىتكەن؟ A ئەرەپلەرنىڭ دىنى ئادىتىگە قىلىپ،مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتقۇزىۋىلىنغان ئاشۇرا كۈنىنى روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ بىكىتكەن
B بۇددا دىنىگە تەقلىد قىلىنغان قىلىپ،مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتقۇزىۋىلىنغان ئاشۇرا كۈنىنى روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ بىكىتكەن.
Cشاما دىنىگە تەقلىد قىلىنغان قىلىپ،مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتقۇزىۋىلىنغان ئاشۇرا كۈنىنى روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ بىكىتكەن
D يەھۇدىلارنىڭ دىنى ئادىتىگە تەقلىد قىلىپ،مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتقۇزىۋىلىنغان ئاشۇرا كۈنىنى روزا تۇتۇش كۈنى قىلىپ بىكىتكەن 3-سۇئال <رامىزان> دىگەن سۆز قايسى تىلدىن ئىلىنغان؟A ئەرەپچە B پارىسچە Cتۈرۈكچە D ئۇيغۇرچە 4-سۇئال :ئامىركا زۇڭتۇڭى بوش ۋە ئامىركا ھۆكىمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ؟قاچان ،نەدە ?、مۇسۇلمان ئاممىسىغا ئىپتارلىق ئورنىدا كەچلىك زىياپەت بەرگەن؟ A بوش 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 3- كۈنى ئاق سارايدا B بوش 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاق سارايدا Cبوش 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ،دۇبەيدە D بوش 2007يىلى 10ئاينىڭ 4-كۈنى،ئاق سارايدا 5-سۇئال:مۇنبىرىمىزدىكى قايسى (ئالاھىدە تەكلىپ ئەزا ) ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رەسىمىنى باش رەسىم قىلغان؟ A پارول B parwin Cئەزىزان D خۇرسەن سەيپىدىن ئەزىزى قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ۋاپات بولغان؟ يىلنامىسىنى تاللاڭ A سەيپىدىن ئەزىزى(1915-2003) B سەيپىدىن ئەزىزى (1912--1989)Cسەيپىدىن ئەزىزى(1906--1972) D سەيپىدىن ئەزىزى(1018--1085)
6-سۇئال :(870---950) بۇ يىلنامە كىمنىڭ يىلنامىسى؟ A مەھمۇت قەشقەرى B يۈسۈپ خاس ھاجىپ Cفارابى D ئەلىشىر نەۋائى غازىباي قانداق ئادەم؟A يازغۇچى B ئاستورونوم Cتىۋىپ D ناۋاي <نان ساتىدىغان > ئىسلام دىنىدا روزا تۇتۇش قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ A ئسلام دىنىدا روزا تۇتۇش پەرىز روزا ،سۈننەت روزا دەپ 2تۈرگە بۆلىنىدۇ ، B ئسلام دىنىدا روزا تۇتۇش پەرىز روزا ،سۈننەت روزا ، نەفلى روزا دەپ 3تۈرگە بۆلىنىدۇ Cئسلام دىنىدا روزا تۇتۇش پەرىز روزا ،سۈننەت روزا ،نەفلى روزا، ھارام روزا دەپ 4تۈرگە بۆلىنىدۇ D ئسلام دىنىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرىز روزا دەپ پەقەت بىرلا تۈرى بار 1- باسقۇچتىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئاياقلاشتى .
2-چوڭ سۇئال جاۋاب بىرىش سۇئالى(جاۋاب بىرىڭ)
1-سۇئال: روزا ھىيىت رەسمىيەتلىرى قايسىلار؟ <قانچە تۈر>[/
color]
2-سۇئال :بۈۋى فاتىمە كىمنىڭ قىز؟ كىمنىڭ ئايالى؟
3-سۇئال :مىلادىيە 2005-يىلى روزا ھىيىت قايسى ئاينىڭ قايسى كۈنى بولغان؟ ئۇ كۈنى ھەپتىگە قانچە؟
4-سۇئال:ئاماننىساخان كىم؟ ئۇ قايسى تۆھپىسى بىلەن بىزگە تونۇشلۇق؟
5-سۇئال تىيىپچان ئېلىيوف كىم؟، تونۇشتۇرڭ
مەن پايدىلانغان ماتىرياللار : بىيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى بىسىپ تارقاتقان شەمشىدىن ھاجىنىڭ (مىلادىيە 1950يىلدىن 2050-يىلغىچە ئىسلامى ھىيىت-ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ مىلادىيە ۋە ھىجرىيە بويىچە ۋاقىت سىلىشتۇرمىسى) ھەم شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تارقاتقان (ئەدەپ -ئەخلاقتىن تەۋسىيەلەر ) دىگەن كىتابىدىن سۇئاللار ۋە جاۋابلار مىنىڭ يىرىم كۈن تاللىشىم ھەم يىرىم كۈن ئولتۇرۇپ كۇنۇپكىلارنى بىسىشىم بىلەن تاللىنىپ .بىر كۈن مەسلىھەت قىلىشىپ ئاران چىقىرىلدى
شۇنداق قىلىپ بۇ ساندىكى سۇئاللار ئاخىرلاشتى . 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرگە كاتتا مۇكاپات بار .. ئويلىمىغان يەردىن سىزمۇ مۇكاپاتقا ئىرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، لىكىن زىيان تارتمايسىز .. (قاش ئېتىۋاتقان چىراي ئىپادىسى )
كىيىنكى ساننى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئىرىشكەن سەلكىنداش _ كەلدى كۈز
تەلەي يۇلتىزى مۇكاپاتلىق پائالىيىتى گۈل چېيىنى ئۆتكۈزىشنى خالايدىغانلار بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
ئالاقىلاشقۇچىلار :
ئۈمىد.
باغۋەن
ئەلئارا [ بۇ يازما ئىدىرىسجان تەرپىدىن2008-10-01 13:06دە قاي ]