SALKIN mtv 0 تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال<ھىكايە> IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 619 قېتىم كۆرۈلدى
parwin
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 21450
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 570 كىشىلىك
پۇل : 475 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
قوللاش: 51 نومۇر
ئالقىش: 128 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال<ھىكايە>

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال

<ھىكايە>



پەرۋىن



بارات تەيلاڭنىڭ دادىسى بىر ھارۋا چامغۇرنى شەھەرگە ساتقىلى كىرىپتىكەن،ئۆلۈگى تەتەيلەرنىڭ پۇت يۇيۇش ئورنىدىن چىقىپتۇ دېگەن مىش-مىش پاراڭ «تۆت پۇت سەتچىلىگى»دەك بىر مەھەل دەۋراڭ سۈرۈپ بېسىققان كۈنلەردە،«ئوسمان توڭنى خوتۇنى ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ»دېگەن شۇم پاراڭ كىچىككىنە بۇ شەھەرگە بىر كېچىدىلا پۇر كەتتى.
خورازدەك گىدىيىپ يۈرۈيدىغان بارات تەيلاڭنى، دادىسىنىڭ «نامى ئۇلۇغ» ئۈلۈمى ئۇنى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈكتەك سالپايتىپ قويسا، قەدىناس دوستتى ئوسماننىڭ ئۈلۈمى ئۇنى سەگەگلەشتۇردى.«ئات تەپكەنگە ئات چىدايدۇ»دەپ مارى مەرگەننىڭ رىستۇرانىدا كاتتا «شاراپتىن خوشلۇشۇش» چېيىنى بېرىپ چاپاننى تەتۇر كىيگەن پېتى ھاراققا يېقىن يولىمىدى، شۇنداقلا «ھىم» بىلەن ئايرىلىپ قالغان خوتۇنىنى ئاران تەستە ئوز ئۆيىگە ئەكىرۋالدى.«ھالال گۆشنى ئاتامغا يىگۈزمەي ئىتقا يىگۈزگەننىڭ جازاسى بۇ »دىگەن پېتى ئۆيىدىكى بارلىق ئىتلارنى دوستلىرىغا بېرىۋېتىپ ،يارىشىملىق ساقال بۇرۇت قۇيۇۋېلىپ نامازنى باشلىۋەتتى.«قان بىلەن كىرگەن خۇي،جان بىلەن چىقىدۇ »دىگەندەك قاراقاتنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىپ قۇيۇپ قاۋان دوستلىرىنىڭ زىياپىتىدىن يەنىلا قالمىدى،چۈنكى ئۇ شاراپتىن خوشلاشسىمۇ چاقچاقتىن ،سەتەڭ قىزلاردىن خوشلاشمىغان ئىدى.
كېرەم سەتەڭ دوستتى ئوسماننىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن بەكلا جىمغۇرلىشىپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنى شۇنچە قاچۇرسىمۇ ،قۇلاقنى يۇپۇرۋالسىمۇ كىرىپ قالغان مەسخىرە ئارلاش پاراڭلار ئۇنى تۈگەشتۈرۋەتتى:«توۋا،ئوسمان توڭنىڭ خوتۇنى ئىمامنىڭ قىزى تۇرۇقلۇق باشقىلارغا بۇزۇلۇپتۇ،سوتتا ،بۇزۇق نىمە دەپتۇ دەڭلەر،ئوسمان مەن بىلەن كارى بولمايدۇ،ئۇنىڭغا ھاراق بولسىلا بولدى.ئەرلىگىمۇ كارغا كەلمەيدۇ.ئىككى بالىمۇ ئوسماننىڭ ئەمەس،ئاشنامنىڭ.ماڭا بالامغا ھەقىقى ئىگە بولىدىغان دادا كېرەك.شۇڭا ئۇ ئاشنامنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ قوياي دىگەندە ئارقىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتتىم.توۋا،خۇدايىم.چىرايلىقتا ۋاپا يوق دىگەن شۇدە»...
كېرەم سەتەڭ ئوسماننىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن تۈزۈك ئۇخلىيالمايدىغان،خوتۇنىغا قارىسا ئۇزاقتىن-ئۇزاق دىققەت بىلەن قارايدىغان،كېچىسى قارا بېسىپ چىلىق-چىلىق تەرلەيدىغان،خۇتۇنى نىمە بولدى دەپ سورىسا بىر ئېغىز گەپ قىلماي،ھۆمۈيۈپ قۇيۇپ جاۋاپ بېرىدىغان بۇلۇپ قالدى.گاھىدا قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك «توۋا،خۇدايىم مەن نىمە بولدۇم،خوتۇنۇمغا ئىنساب بەرگەيسەن » دەپ ئۆزى بىلمەستىن ياقىسىنى چىشلەپ قويىدىغان بوپ قالدى.
كېرەمنىڭ خوتۇنى ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى.ئۇ نەنچە يىگىتلارنى مەست-ئەلەس قىلغان بۇ چىرايلىق قىزنىڭ ئۆزىنىڭ خوتۇنى بۇلۇپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ،خوتۇن بېسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ۋەھشى ئىكەنلىگىنىنى ئۇ ئاستا-ئاستا تونۇپ يەتتى.چۈشەكتە يىلاندەك تولغۇنىپ ياتقان چىرايلىق خوتۇنى تولغان بەدىنىنى نامايان قىلغاندەك گاھىدا تال چىۋىقتەك تولغۇنۇپ شىرىن ئۇيقۇ ئىچىدە ئىدى.
«ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپىدۇ دىگەندەك»قەشقەر مەھەللىسىنىڭ بۇ نوچىلىرى كۈتۈلمىگەن بالا قازادىكى قارلىقنى ئۇشتايلى دەپ يەنە مارى مەرگەننىڭ توڭگۇز قوتىنىدەك ئايرىمخانىسى بار رىستۇرانىغا جەم بولدى.مارى مەرگەننىڭ خان قىزلىرىمۇ بۇ مىھماندارچىلىغىدىن قۇرۇق قالمىدى.مەي بىرە-ئىككى قۇر ئايلىنىپ كېرەمنىڭ قولىغا كەلگەندە،ئۇ، دەس ئورنىدىن تۇرۇپ نەنچە ۋاقىتتىن بىرى دىيىشنى كوڭلىگە پۈككەن سوزنى ئوتتۇرغا قويدى:
ـ بۈگۈنكى سۇرۇن مەندىن بولسۇن.مەن مىھمان قىلاي،تەلىۋىم،مەنمۇ بارات تەيلاڭدەك ھاراق ئىچىشنى ،مۇنۇ رومكىنى ئىچىپ بۇلۇپ تاشلىسام...
ـ ساڭا نىمە بولدى سەتەڭ._دىدى بارات تەيلاڭ سوزنىڭ بىلىگە تېپىپ_سەنمۇ مەندەك ئىشتان سالاي دەپسەندە،ئىشتان بېغىڭ چىڭمۇ-يا؟
ـ نىمە بولاتتى تەيلاڭ.مەنمۇ ئوسماندەك رەھمەتلىك بۇلۇپ كەتمەي دەيمىنا،يەنە ئېشەك گوشىنى ئەمدى يېگۈم يوق...
ـ ھا ، ھا ،ھا ...
سۇرۇننى كۈلكە بىر ئالدى.
كېرەمنىڭ تۇترۇقسىز ئاغزىدىن مۇنۇ سۆز ئۆزى بىلمەستىن چىقىپ كەتتى:
ـ ھەر قايسىڭنىڭ خوتۇنى مىنىڭ خوتۇنۇمدەك چىرايلىقمىتى؟
ـ سەت خوتۇننى ئالساڭ بولمامدۇ سەتەڭ،_دىدى ئۇبۇل تەلەپ ھىجىيىپ.
ـ ئىشىڭنى قىلە،تەلەپ.ئالدى بىلەن خوتۇن ئېلىپ گەپ قىلە.سەنغۇ موزاي دەسسىۋاتقان نىمە،ھازىرغىچە قانچە يارىڭنى ئەرگە بەرگەنلىگىڭنى بىلمەيسەن.ياتىغىڭغا كىرسە تېكە سۈيدۈگىدىن باشقا نەرسە پۇرۇمايدۇ...
مارى مەرگەن كېلەڭسىز بويىغا ياراشمىغان كۈلكىسى بىلەن :
ـ ھازىر يېڭىدىن كېسەل تارقىلىۋاتىدۇ.سارستىنمۇ يامان.بۇ كېسەل مەخسۇس چىرايلىق خوتۇنلارغا يۇقارمىش.مەنمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن،چىرايلىق كېرەمجان ئارىمىزدىن بالدۇر كېتەرمىكىن دەپ،چۈنكى ئۇنىڭما چىرايلىق خوتۇنى بار ئەمەسمۇ-ھە.ھا،ھا،ھا..._دىدى
ـ يۈزىگە ماسكا تاقاپ قويمامسەن.
ـ مەلىمىزدىكى ئاشى پوكاشنى ئالامسەن-يا،ھىچكىم قاش ئاتمايدۇ.
ـ ئۆگزەڭگە چالما چۈشكەن ئۆخشىمامدۇ،سەتەڭ.ھا،ھا،ھا،...
ـ قاتار چاي دەپ ئۆيگە كىرمىگەن گەپ.
...
كېرەم دوستلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ.گەپتە قىڭغىر كەتتىمۇ -بولدى،چاقچاققا كومۈپ تاشلايدۇ،ئاياپ ئۆلتۈرمايدۇ.«مەن مىھمان قىلاي،ئىككىنچى ئىچمەيمەن»دىگەنگە ئۇنىماي،بۈگۈن ئىچ ئەتىدىن باشلاپ ھىساپ دەپ مارى مەرگەننىڭ بۇ ئايرىمخانىسىنى بېشىغا كەيدى.چاقچاققا كېرەم ھىجىيىپ ئۆلتۇرسىمۇ دەردى ئۆزىگە ئايان ئىدى.
ـ چېچىڭنى تاتلىما سەتەڭ،تاز بولساڭ ئاشى پوكاشمۇ تەگمەيدۇ...
ـ خوتۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يۈرگىچە ئۆيىڭگە تېلىكامىرا ئورنۇتۇپ قوي.خوتۇن بېسىمى بولمايسەن.
ـ سەت خوتۇننىڭ پايدىسى تولا سەتەڭ،پۇل تاپساڭ ئون ئالتە ياشلىق قىزلاغا خەجلەپ،تۈگۈسە بىزدەك، خوتۇن سەن بەك چىرايلىق دەپ سەت خوتۇننى ئالداپ يۈرمەمسەن،
ـ قۇيۇۋېتە بولمىسا ئۆزەم ئۆلەپ قوياي...
ـ ھا،ھا،ھا،
رەھمىتى ئوسماننىڭ قارلىغىنى ئۇشتايمىز دەپ،ھاراق دىگەننى ئۆلگۈدەك ئېچىپ،كېرەم سەتەڭنى داپ قىلىپ تازا چېلىشقان بۇ قاۋانلار مارى مەرگەننىڭ قاۋاقخانىسىدىن قاچان چىقىپ كەتكەنلىگىنى بىلىشمىدى.
تۈن يانغاندا ،تىمتاس كېچىدە بىر مەستنىڭ ئالى-تاغىل ناخشىسى بۇ كوچىنىڭ جىم-جىتلىغىنى بۇزدى.


خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
يوقتۇر خوتۇن بېسىمى.
كۈنلىمەيسەن يۈرەك توق!
چاقماس ئەرلىك كېسىلى.


خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
قاتار چايغا قاچمايدۇ.
قاتار چايمۇ؟ ياتار چاي!
ئاشقا توپا چاچمايدۇ.


خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
چىرايلىقتا دەرت تولا.
چالما ئېتىپ مەلەڭدە،
پۇل خەجلەشكە مەرت تولا

...

مەست تومۇر دەرۋازىلىق بىر قورۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ناخشىسىنى توختۇتۇپ ئىشىكنى تېپىپ تۇرۇپ ۋاقىردى:
ـ ئايخان! ھەي،ئايخان! ئىشىكنى ئاچ!
قورونىڭ چىرىغى يېنىپ بىر ئايالنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى:
ـ نىمە ۋاقىرايسەن! قوشنىلاردىن نومۇس قىل،نومۇس.
ـ تىز بول دەيمەن! ھىلى بىكار...
ـ ئېشەك سۈيدۈگىنى ئېچىپ ...مەن ئاچقۇچنى ئەچىقاي
دەرۋازا قېشىغا كېلىپ بولغان ئايال ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەست تېزىمۇ قاتتىق ۋاقىردى.
ـ ئاشناڭنى مۆكتۈرۈپ قويدۇڭمۇ؟ بۇزۇق.سەنمۇ مىنى ئوسماننى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرەي دەمسەن.دەرۋازىنى تىز ئاچ دەيمەن.
مەست بىر تەرەپتىن ئايالنى تىللاپ بىر تەرەپتىن دەرۋازىنى تېپىشكا باشلىدى.
دەرۋازا ئېچىلىشى بىلەن تەڭ مەست ئايالنىڭ قورسىغىغا بىرنى تېپىپ ئارقىدىن ئۈستىگە مىنىۋالدى ھەم ئىككى قولى بىلەن ئايالنىڭ گېلىدىن بۇغۇپ تۇرۇپ ۋاقىردى:
ـ راست گەپ قىل،ئاشناڭنى نەگە مۆكتۈرۈپ قويدۇڭ.مىنى بىلمەيدۇ دەمسەن!،تىز ئېيت! سەن مىنى يۇمشاق باش كۈرۈپ قالدىڭمۇ؟...

تۇڭگۇز بازىرىدا نىمە ئىشلار بولمايدۇ دەيسەن.كېرەممۇ قوشنىسىنىڭ ۋاقتىدا كىرىپ قېلىشى بىلەن ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى،لېكىن خوتۇنى خىقىراپ ياتاتتى .كېرەمنىڭ خوتۇنى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ ،ئايالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئەرز قىلىشى بىلەن كېرەممۇ بىر يىللىق كېسىلىپ كەتتى .لېكىن ئۇنىڭ پارىڭى مارى مەرگەننىڭ قاۋاقخانىسىدا گاھ بۇلۇپ قالاتتى:
ـ كېرەم ساراڭ بۇلۇپ قېپتۇ؟
ـ قانداق بۇلۇپ دەيسەن؟
ـ ئاخىرقى قېتىم بارات تەيلاڭ يوقلاپ بېرىپتىكەن،ئۇ باراتنىمۇ تونىماپتۇ،پەقەت بىر گەپنىلا تەكرالاپلا تۇرغىدەك؟
ـ قايسى گەپنى؟
ـ خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال.


 تېغىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىمدىن بەھىر ئالاي دىسىڭىز مەھەللەمگە مەرھەمەت قىلىڭ:
مەھەللەمدىن شاتلىققا ئېرىشالايسىز:
http://blog.retim.cn/572677
[ بۇ يازما parwin تەرپىدىن2008-09-30 10:49دە قايتا ت ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەلئارا
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-29, 14:40
ئەگەر پەرۋىن يازمىلىرى سىزنى زوقلاندۇرسا ،مەن سىزنى  مەھەللەمگە بېرىپ سەيلە قىلىپ كېتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سىز چوقۇم مەھەللەمدىن شاتلىققا ئېرىشالايسىز:
http://blog.retim.cn/572677
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-29 22:37 |
بۇغرائەۋلادى
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 20632
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 344
شۆھرەت: 547 كىشىلىك
پۇل : 2113 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 458 نۇمۇر
قوللاش: 399 نومۇر
ئالقىش: 635 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قايسى كۈنى شىېئېرنى  كۆرگەن ئەمدى ھىكايىسى چىقىپتۇدە..  رەخمەت
مەن ئۈچۈن ھاياتتۇر ھەممىدىن قىممەت
ھاياتتىن قىممەت مۇھەببەت
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن
ئەركىنلىك،ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 22:44 |
تەنھا01
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21864
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 4 كىشىلىك
پۇل : 120 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
قوللاش: 4 نومۇر
ئالقىش: 4 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوبدان ھىكايە يوللاپسىز رەھمەت !
مەن سەلكىنگە ئەزا
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 23:32 |
باغۋەن
سالام رومانتىكا
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 49
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 4077
شۆھرەت: 12238 كىشىلىك
پۇل : 14832 سوم
تۆھپە: 2686 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6814 نۇمۇر
قوللاش: 6062 نومۇر
ئالقىش: 6488 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1384(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
چوت سوقمايدۇ شەيتان كۆز.
كۈنۈڭ ئۆتەر تىپ-تىنىچ،
ئۇچۇپ يۈرمەس داستان سۆز.

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
يوقتۇر خوتۇن بېسىمى.
كۈنلىمەيسەن يۈرەك توق!
چاقماس ئەرلىك كېسىلى.

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
چايغا چىلاپ ئىچەمتىڭ.
شاپتۇل ئاچچىق،بوي پاكار،
ھەسرىتىنى چېكەمتىڭ.

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
يېغىر قىلماس تىرنىغى.
ئىسسىق تۇتار پۇتۇڭنى،
ئەسكى كىگىز يىرتىغى.

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
قاتار چايغا قاچمايدۇ.
قاتار چايمۇ؟ ياتار چاي!
ئاشقا توپا چاچمايدۇ.

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
ئويگە قۇلۇپ مۇستەھكەم.
باج ئالامتى دەپ قويساڭ،
چىرايلىقسەن مەلىكەم.

خوتۇن ئالساڭ سەتنى ئال ،
چىرايلىقتا دەرت تولا.
چالما ئېتىپ مەلەڭدە،
پۇل خەجلەشكە مەرت تولا
ئەلىمىساقتىن كەلدىم، ئەبەدىيلىككە كېتىمەن .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 23:44 |
باغۋەن
سالام رومانتىكا
ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 49
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 4077
شۆھرەت: 12238 كىشىلىك
پۇل : 14832 سوم
تۆھپە: 2686 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6814 نۇمۇر
قوللاش: 6062 نومۇر
ئالقىش: 6488 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1384(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

ئاپتورىمۇ ئەسلى ئۆزلىرىدىكەنلىدە پەرۋىنجان
bugra
ئەلىمىساقتىن كەلدىم، ئەبەدىيلىككە كېتىمەن .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 23:45 |
گۈزەل3.8
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 8306
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 182
شۆھرەت: 582 كىشىلىك
پۇل : 5517 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 276 نۇمۇر
قوللاش: 225 نومۇر
ئالقىش: 341 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 251(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      بۇ ھىكايىنى ئوقۇپ بىردەم تازا كۈلۈپتىمەن. لېكىن،ئارقىدىن ئويلاپ قالدىم. دىمىسىمۇ ئىمان سۇسلىشىپ كەتكەن ئادەملىرىمىزدە ھەقىقەتەن ئاشۇنداق زىناخورلۇق ، مەيخورلۇق....قىلمىشلىرى يېتىپ ئاشقۇچە بار. خۇدا ھەممە ئادەمگە ئىمان ئاتا قىلغاي.
izdax.com
ئالدىراپ ۋەدە قىلما،ۋەدەڭدە تۇرالامسەن؟!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 23:50 |
ئابدۇۋەلىجان
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 10524
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 94 كىشىلىك
پۇل : 550 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
قوللاش: 94 نومۇر
ئالقىش: 109 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 71(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى  ھىكايە  ئىكەن  رەخمەت
qarluq
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 23:50 |
تەنھا1004
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 9528
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
پۇل : 395 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
قوللاش: 69 نومۇر
ئالقىش: 69 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 349(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ھېكايىڭىز قىرلىق ئىستاكاننى ئەسلىتىپ قويدى.
qarluq
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-30 00:54 |
زۇلپۇقار
مۇنبەر شاھى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 16014
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2100
شۆھرەت: 2297 كىشىلىك
پۇل : 13586 سوم
تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2374 نۇمۇر
قوللاش: 2232 نومۇر
ئالقىش: 2706 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1040(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

 

ياخشى ھىكايىكەن              سىزنىڭ مەھەللىڭىز بوپ قۇيدىكەن جۇمۇ   بەك چىرايلىق بىزەپسىز
qarluq
                              دىققەت قىل ئەي دوستۇم بەزى ئىشلارغا،
                              بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                              ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                              تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-30 05:56 |
شەيدا~خىنىم
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 12188
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 996
شۆھرەت: 1224 كىشىلىك
پۇل : 5314 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1053 نۇمۇر
قوللاش: 1022 نومۇر
ئالقىش: 1191 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 647(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كىيىنرەك  ئوقۇي
qarluq
بىلەمسەن ...ئۆزەڭدىن باشقا ھىچقانداق ئادەم ساڭا خاتىرجەملىك بەخىش ئىتەلمەيدۇ .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-30 08:55 |
takat
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 836
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1412
شۆھرەت: 2419 كىشىلىك
پۇل : 7999 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1491 نۇمۇر
قوللاش: 1315 نومۇر
ئالقىش: 1398 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1437(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چىرايلىق خوتۇنلارنى كىم ئالا ئەمدى ..............ھى ھى ھى ھى
qarluq
مايمۇن ئەمەلدار بولسا ،ئوزى باشقۇرۋاتقان خەلىقنى دەرەخكە چىقىشقامەجبۇرلايدۇ.
خائېن نىمە ؟ بىلمىگىنىڭ!!!!!!!!!!!__________سىنىمۇ خائېنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ~~~~~~~~~~~~~~~
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-30 11:27 |
كۆركىلەئىنە
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 12332
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 302
شۆھرەت: 353 كىشىلىك
پۇل : 2121 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 375 نۇمۇر
قوللاش: 338 نومۇر
ئالقىش: 469 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سەت  خوتۇننىمۇ  ئالماڭلار  ،چىرايلىق  خوتۇننىمۇ  ئالماڭلار  ،  ئەخلاقلىق  ياخشى  خوتۇننى  ئېلىڭلار  .......................
qarluq
ياخشى .
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-30 11:54 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە - پوۋسىتلار


Time now is:09-30 14:02, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Tov 1 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation