yU&M*-Ev h^%U'=A9 2HjTLv,Lru ئىتالىيەنىڭ تۇلۇق نامى <<ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى>> بۇلۇپ ، ياۋرۇپانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ، ئاپىننىن يېرىم ئارىلى ۋە سىتسىلىيە ، ساردېىنىيە ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . دۆلەت نامىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار :
B&C53# Q بىرىنچى ، قەدىمدە ئىتالىيە <<ئىنولىيە>> ، << ئىسپىرىيە>> ،<< ۋىتالىيە>> دەپ ئاتالغان . بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتالىيە (Vitaliya) نىڭ مەنىسى <<مۇزايچاقنىڭ جەننىتى >> دىگەنلىك بۇلىدۇ . كىيىن سۆز بۇغۇمىنىڭ ئۆزگۈرۈشى ۋە تەلەپپۇز ئادىتى سەۋەبىدىن V ھەرپى قىسقىراپ كىتىپ ، Italia يەنى ئىتالىيە بۇلۇپ قالىدۇ . مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە رىم ئىمپىرىيىسى ئاپىننىن يېرىم ئارىلىنى رەسمى ھالدا ئىتالىيە دەپ ئاتايدۇ . مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە بۇ نام پۈتكۈل ئاپىننىن يېرىم ئارىلىغا تارقاپ كىتىدۇ . ئىنگىلىزچە Italia سۆزى Italy دەپ يېزىلىدۇ .
#&sh^f3# ئىككىنچى ، قەدىمكى دەۋىرلەردىكى بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىسمىدىن ئۆزگۈرۈپ پەيدا بولغان . قەدىمكى يۇنانلىقلار دېڭىزدىن ئىتالىيە ئاپىننى يېرىم ئارىلىنىڭ پىرىيە رايۇنى ئەتراپىغا كەلگەندىن كىيىن ، شۇ يەردىكى ۋىتورى قەبىلىسىنى Italio دەپ ئاتىغان . كىيىن رىملىقلار بۇ ئىسىمغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۇنى يېرىم ئارالدىكى نۇرغۇن قەبىلىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ ئىشلەتكەن . شۇنىڭ بىلەن Italia دىگەن يەر نامى پەيدا بولغان ، بۇ گىرىكچە Italio نىڭ لاتىنچە يېزىلىشى بۇلىدۇ . بۇ نام جۇغراپىيەدىكى بىر نام سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىپ ، كىيىن ئىتالىيانلار ئۇنى بىردەك قوللۇنۇپ ، ئىتالىيەنىڭ دۆلەت نامى قىلغان . ئىتالىيە قەدىمكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ بۈشۈكى ، مىلادى 2 _ 3 -ئەسىرلەردىكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋىرلىرىدە ، زىمىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىغا كىڭەيگەن .14 _ 15 -ئەسىرلەردە ئەدەبىيات _ سەنئەت مىسىلسىز گۈللۈنۈپ ، ياۋرۇپا << ئەدەبىيات _ سەنئەت قايتا گۈللۈنىشى>> نىڭ بۈشۈكى بولغان . كىيىن بىر قانچە قرتىملىق بۈلۈنۈش ۋە يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىنى باشتىن كەچۈرۈپ ، 1861-يىلى پادىشاھلىق قۇرغان ، 1870-يىلى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، ئىتالىيە سۆزى رەسمى ھالدا بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىقنىڭ نامى قىلىنغان . 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىتالىيە جۇمھۇريىتى قۇرۇلغان .
LnO_?Au"R ئىتالىيەنىڭ يەر
مەيدانى 301.28مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر ، ئاھالىسى 57مىليۇن 800مىڭ . بۇنىڭ %95 ى ئىتالىيان . قالغىنى قوشنا خەلىقلەر . %90ى كاتۇلىك دىنىغا ئىتقاد قىلىدۇ .
V%C<1o[N پايتەختى _ رىم.
w5jn`[ پۇل بىرلىكى _ لىرا ، ھازىر بىرلىككە كەلگەن ياۋرۇنى ئىشلىتىدۇ.
gaWEvy= مەنبە: دۆلەت ۋە رايۇنلار نامىنىڭ كىلىش تارىخى
TeM)QV??Y =omkgMca F;4&j$-R(