قىزلارنىڭ موھەببىتى مۇشۇنداق ئاجىزمۇ؟ p>6"tv
......مەن ئۇنىڭ بىلەن تىلفۇندا ئۇچۇر يوللىشىش ئارقىلىق تاساددىبى تونشۇپ قالغان .بۇ مىنىڭ خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كىيىن ئۈرۈمچىگە بىر يىللىق تەربىلىنىشكە بارغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر مەۋسۇم قالغان ۋاقىت ئىدى. مەن بۇرۇن ئوتتۇرا تىخنىكۇم مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ ئوقۋاتقان مەزگىللەردە يىشىم كىچىك بولغاچقىمكىن ئەيتاۋۇر بىرەرسىگە كۆز قىرىمنى سىلشنىمۇ ئويلۇشۇپ باقمىغان ئىدىم.ئوقۇشىمىز پۈتۈپلا خىزمەتكە تەخسىم قىلندۇق .بۇ قىززىقچىلىقتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزقىپ خىزمەت ئىشلەپ كەتتىم،كەينىدىنلا بىر يىللىق ئوقۇشقا باردىم ،مەن ئائىلەمدە بىرلا قىز بولغاچقا بىرئاز ئەركە ھەم خىلىلا چوڭچى ئىدىم ،ئاسانلىقچە باشقىلانى(ئوغۇللارنى ھىسيات جەھەتتە) نەزرىمگە ئىلمايتىم ،ئەمما كۆڭلۈم تۈز ناھايتى چىقىشقاق ئىدىم ،ئاسانلا باشقىلار بىلەن چىقشىپ قالاتتىم،باشقىلارمۇ ماڭا ئاسانلا ئامراق بولۇپ قالاتتى،ئۈرۈمچىدەك بۇنداق قايناق شەھەرگە ماسلىشىپ بولغۇچە بىر ماۋسۇم توشۇپ كەتتى ،ئىككىنجى مەۋسۇمى مەكتىپمىزگە يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار تەربىلىنىشكە كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بىلەن مەن شۇنداق تاساددىبى تونشۇپ قالدىم ،بۇ تونشۇشنىڭ تۇرمۇشۇمدا مۇشۇنداق كۆپ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ بولشىغا سەۋەبچى بولدىغانلىغنى مىنى مۇشۇنچە كۆپ ئازاپلارغا سالدىغانلىقنى بىلگەن بولسام ئۇنىڭ بىلەن تونۇشماستىم......... Y.5#Anro1
.....بىز باشتا بىر مەزگىل تىلفۇندا ئۇچۇر يوللاشتۇق،يوللاردا ئۇچرىشىپ قالساق كۆڭلىمىزدە بىر-بىرمىزنى تونۇيتۇقيۇ ئەمما تونۇشلۇق بىرشمەيتۇق،كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مەن ئۆزۈمگە يۇرتىدىن باشقا نەرسىسى قاراڭغۇ بولغان بۇ يىگىتنى غايبانە ياخشى كۆرۈپ قىلۋاتاتتىم،ئەملىيەتتە ئۇنۇڭمۇ ماڭا دىققەت قىلۋاتقىننى مەن ھىس قىلىپ بولغانتىم. بۇ چاغلاردىكى ھىسسى تۇيغۇ ئاجايىپ تاتلىق بولدىكەن ...ئۇنۇڭدىن ئۇچۇر كەلسە قەۋەتلا خوش بوپ كىتەتتىم ،بىكار بولساملا مەكتەپ ھويلىسغا چىقاتتىم ،كۆزلىرىم بىراۋلارنى ئىزدەيتى ،چۈشلۈك كەچلىك تاماقلارنى مەكتەپ ئاشخانسىدىن يەيدىغان بولدۇم ،چۈنكى ئۇ يەردە ئۇنى كۆپرەك كۆرگىلى بولاتتى.مانا شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ئۆزۈمنىڭ راستىنلا ئونى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقمى ھىس قىلشقا باشلىدىم.بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن دەرىس بولمىغاچقا بىر خىزمەتدىشىم بىلەن كۆرۈشكىلى باشقا مەكتەپكە باردىم ، تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايرىدى قارسام شۇنىڭ نومىرى ھاياجان ئىچدە تىلفۇننى ئالدىم،ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكنى ئىيتتى مەن ھاياجان ئىچدە ئۆزۈمنىڭ مەكتەپتە ئەمەسلىكىمنى قايتىپ بارغاندىن كىيىن كۆرشۈشنى ئىيىتتىم ،شۇڭا ئالدىراپلا مەكتەپكە قايتتىم كەچلىك مۇزاكىرگە كىرىشكە ئاز قالغاندا ئۇ تىلفۇن قىلدى بۇ ۋاقىتتا مەن سىنىپتا مۇزاكىرە قىلۋاتاتتىم،پەسەكە تىلفۇندا شۆزلەشكەچلا چۈشتۈم بىز ئاخىرى كۆرۈشتۇق،ئۇنى كۈرۈپ خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئۇزاق كۆرۈشمىگەن ئەڭ يىقىن ئادىمىم بىلەن قايتا كۆرۈشكەندەك ھىسياتقا كىپ قالدىم. 7z#uxd6
شۇنىڭ بىلەن بىز پات-پات بىللە تاماققا چىقدىغان تورخانلارغا كىردىغان بولدۇق .بۇ جەرياندا مەن ئۇنى بارا-بارا چۈشنىشكە باشلىدىم ،مەن خاتا تاللىمغان ئىدىم .ئۇنىڭ مىجەزى ئىغىر بىسىق ،ئۆزىنى بەكلا تۇتۋالغان چوڭ سۈپەت ئىدى .مىنى ھۆرمەت قىلاتتى،بۇ تەرەپلىرى مىنى تىخمۇ ئۆزىگە قارتىۋالدى. كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى بىزنىڭ ئوقۇشىمىز پۈتدىغانغىمۇ ئاز قالدى ۋاقىت ئاز قالغانسىرى بىز بىر-بىرمىزگە شۇنچە ئىچەكىشپ كىتىپ باراتتۇق،بىر كۈن كۆرۈشمىسەك چىداشمايتۇق،11-12-ئايلاردا ئۈرۈمچىدە ئاچچىق سوغۇقنىڭ دەستىدىن ئەتراپنى تۇمانلار قاپلاپ كىتەتتى ،مەكتەپ ھويلىسدا ئىنسى -جىن يوق پەقەت ئىككىمىزلا سوغۇقنىمۇ سەزمەي پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق ،ئۇ مىنى ھەرخىل قىززىق گەپلەرنى قىلىپ كۈلدۈرەتتى،مەنمۇ ئۆزۈمىنڭ ئىشلىرنى ئۇنۇڭغا سۆزلەپ بىرەتتىم،ئۇنىڭغا چاندۇرماي سائىتىمگە قاراپ قوياتتىم ،ۋاقىتنىڭ ئاستىراق ئۆتىشىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك تۇرۋىلىشنى تىلەيتىم، پەقەت ۋاقىت توشۇپ ياتاقنى تاقايدىغان چاغ بولغاندىلا بىر-بىرمىزگە قىيمىغان ھالدا كىرىپ كىتەتتۇق. #V[n?Q>K[`
يىڭى يىل بايرىمدا ئۇ ماڭا بىر تال ئۈزۈك سوۋغا قىلدى،شۇ چاغدىلا ئاندىن مىنىڭ كاللامدا نازۇك بىر خىيال پەيدا بولدى ،موشۇ چاغقا كەلگۈچە «كىيىن قانداق قىلمىز؟» دىگەننى ھىچكىممۇ ئويلۇشۇپ باقمىغان ئىدى. 9sxdwZc}l
ئوقۇشمۇ پۈتتى بىز بىللە قايتتۇق،يۇرتىغا يىتىپ كەلگەندە ئۇ چۈشۈپ قالدى،مەنمۇ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم،بىزگە پەقەت تىلفۇندىلا كۆرشۈشكە پۇرسەت بار ئىدى،يۈز تۇرانە كۆرشۈشكە نىسىپ بولمايلا ئۇ تەتىلى توشۇپ مەكتەپكە كەتتى،ئۇنى شۇنداق سىغناتتىم ،بىر كۈندىكى ئەڭ خۇشاللىق ئىشىم پەقەت ئۇنىڭ بىلەن تىلفۇن سۆزلىششلا ئىدى،كىچە-كىچە ئۇنى سىغنىپ چىقاتتىم ،كۈندۈزلىرى قۇلقۇمغا گپمۇ ياقمايتى ،تىزراق كەچ بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن چاغلارنى خىيال قىلسام دەيتىم،ئاخىرى ئۇنىڭ ئوقىشىمۇ پۈتۈپ قايتىپ كەلدى،مەن خىزمەتكە چىققىلمۇ ئۈچ يىل بولۇپ قالغانتى تەڭتۇشلۇرۇمنىڭ تەڭدىن تولسى توي قىلىپ بولدى ،بىزنىڭ ئۆيگىمۇ باش ئاغرىتىدىغانلار كەينى كەينىدىن كىرگىلى تۇردى،ئۇلارنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن رەت قىلىۋەدۇق،لىكىن كۆڭلۈمدىكنى ئۆيدىكلەرگە دىيىشكە تىلىم كۆيەتتى،چۈنكى مەن ئۆيدىكلەرنىڭ بىردىن-بىر يۆلەنچۈگى ئىدىم،كىچگىمدىن تارتىپ ئۆيدىكلەر مىنى يۇرتتىن چىقارمايمىز دەپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتى،ئانام بولسا كىچە-كىچلەپ نامازلىردا تىلەيتى،ئەمدى بولغاندا مەن ئۆزى باشقا يۇرتلۇق خىزمىتى باشقا يۇرتتىكى بىرسى بىلەن توي قىلىش نىيتىمنىڭ بارلىقنى ئىيىتسام ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن بەك ئۆمۈتسىزلىندىغانلىقنى ھەم قەتتى قوشۇلمايدىغانلىقنى مەن ئوبدان بىلەتتىم، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ھىچ بولمىغاندا خىزمىتنى بولسىمۇ ئۆزنىڭ يۇرتىغا يۆتكىشنى ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ ئۆيدىكلەرگە ئاسانراق ئىغىز ئاچالايدىغانلىقىمنى ئىيتتىم .بىراق مانا بىر يىل بولدى ئۇ تىخىچە يۆتكىلەلمىدى ،يۆتكىلەلمىدى ئەمەس يۆتكەلمىدى ،مىنى ياخشى كۆرمەمدىكى دىسەم ياخشى كۆرىدىغاندەك بولمىسا ،لىكىن كىيىنكى ئىشلىرمىزغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيدىغاندەك،نەچچە-نەچچە قىتىم ئۇنى ئالدىراتساممۇ يەنىلا ئۆزنىڭ گىپنى قىلدۇ، پۇرسەت بولسا مەن ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپ كۆرشۈپ كىلمەن،ئۇ مىنى ئايامدىكى ياكى خىجىل بولامدىكى ئۇخمايمەن بىرەر قىتىممۇ مىنى ئىزدەپ مىنىڭ يۇرتۇمغا كىلىپ باقمىدى،بۇنى مەن تۇغرا چۈشنىشكە تىرىشساممۇ دوسلۇرۇم ھەرخىل گەپلەرنى قىلىپ مىنىڭ كۆڭلۈمنى قىينايدۇ،خىزمەت ئورنىدىن ئۆيىگە قايتقاچ مىنى يوقلاپ قويۇپ ئۆتۈشكىمۇ پۇرسەت بار بىراق ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلىپ باقمىدى،مەن بۇنى قانچە ئويلىساممۇ ،دەماللىققا ئۇنىڭدىن رەنجىسەممۇ كۆڭلۈمدە يەنىلا ئۇنى ئاقلايمەن. +j2#Ng8
ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەن ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى،بىزنىڭ ئۆيدىكلەر بىزنىڭ مۇناسىۋتىمىزنى بىلىپ قالغانتى،دادام ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان قوپال مۇئامىلسى بىلەن مىنى قاتتىق چۈچۈتتى،ئانامنىمۇ ئىغىر گەپلەر بىلەن تىللاپ خىللىلا قورقۇتتى،ھەمدە مىنىڭ دەرھال ئۇنىڭدىن مۇناسىۋتىمنى ئۈزشۈم كىرەكلىكنى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا قەتتى قوشۇلمايدىغانلىقنى ئەگەردە مەن دەرھال بىر تەرەپ قىلالمىسام ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرشىدغانلىقنى ئىنىق بۈلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئىيتىشنى قانداق ئىش بولسا بىرلىكتە ھەل قىلىشنى تۇغرا تاپتىم ۋە ئۇنىڭغا تىلفۇن ئارقىلىق ھەقىقى ئەھۋالنى ئىيىتتىم ،ئۇ شۇ يوقاپ كەتكەنچە ماڭا تىلفۇنمۇ قىلمىدى ،تىلفۇن قىلساممۇ ئالمىدى،ئۇچۇر يوللىساممۇ قايتۇرمىدى ، نىمە ئىش بولغانلىقنىمۇ بىلەلمىدىم،ئىيتىڭلارچۇ مەن زادى قانداق قىلاي؟؟؟ ئاتا-ئانامنى نارازى قىلىپ ئۇنى تاللايمۇ؟؟بۇنداق قىلسام ئۆزۈمىنڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرشۈممۇ ناتايىن... ئۇنۇڭدىن ۋاز كىچەي دىسەم ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن بىرى كىيىنكى تۇرمۇشۇمنى ئۇنىڭدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقماپتىمەن ،ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم بىلەن تۇرمۇش كەچرۈشكە، ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمگە كۆڭلۈمىنىڭ چۈششىگە كۆزۈم يەتمەيدۇ.....ياكى كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئەلچى كىرگۈزگەن بىرەرسى بىلەن توي قىلۋىتەيمۇ؟؟مەن زادى قانداق قىلاي؟ قىزلارنىڭ مۇھاببىتى مۇشۇنداق ئاجىزمۇ؟؟؟
:@]X.EP u^Yy s6 مەنبە:ئىجادىيەت
[ 此贴被ئۈمىد.在2008-09-29 18:34重新编辑 ]