SALKIN mtv 0 تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: روزى سايىتنىڭ ئېلان قىلىنمىغان شېئىرى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 1108 قېتىم كۆرۈلدى
molla-zaidin
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21287
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 118 كىشىلىك
پۇل : 1795 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
قوللاش: 76 نومۇر
ئالقىش: 99 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 روزى سايىتنىڭ ئېلان قىلىنمىغان شېئىرى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
روزى سايىتنىڭ ئېلان قىلىنمىغان شېئىرى

]

بۇ شېئىرنى دادام(چوڭ موللا-زەيدىن) مەرھۇم شائىر روزى سايىت بىلەن بىرگە يېغىنغا قاتنىشىۋاتقاندا خاتىرىسىدە كۆرۈپ ساقلىۋالغان ئىكەن، مەن دادامنىڭ خاتىرىسىنى كۆرىۋېتىپ بۇ شېئىرنى ئۇچرىتىپ قالدىم،ھەم شېئىرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى دادامدىن سوراپ بىلىۋالغان دىن كېيىن دادامنىڭ رۇخسىتى بىلەن تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم.


ئەپسانىدىن تۆرەلگەن ئەپسانە
روزى سايىت

مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغان،
پاراڭچى بىر كىشىدىن.
قىززىقچىلىق بولسۇن دەپ،
سۆزلەپ بەردىم بېشىدىن.

پۈتمىسەڭلەر گېپىمگە،
ئەپسانە دەپ يالغان دەپ.
ئۆزەمگىلا قېپقالسۇن،
تەتۈر قوشاق قاتقان دەپ.

ئانچە چوڭ ئىش ئەمەس ئۇ،
ھەيران بولۇپ يۈرگىدەك.
(ئەمما خېلى ۋەزنى بار،
قېنىپ-قېنىپ كۈلگۈدەك).

ئۇ چاغلاردا تۆگىنىڭ،
بۇيى ئىدى بۈرگىدەك.
ئەمما بۈرگە يۈز تاپقان،
تۈگە مىنىپ يۈرگىدەك.

قۇش قاۋايتتى زەنجىردە،
ئىت ئۇچاتتى ئىگىزدە.
مۈشۈك ساپان سۆرەيتتى،
ئۆكۈز ئۇخلاپ كىگىزدە.

چاشقان ھۇۋقۇش ئوۋلايتتى،
ئات مىنەتتى ئادەمنى.
پىژغىرىمدا تومۇزدا،
مۇز قاپلايتتى ئالەمنى.

قازان سەيدە پىشاتتى،
ئۇچاق مىنگەچ مۇرىغا.
ئاش چۆمۈچنى ئۇساتتى،
تۈۋى تۈشۈك كورىغا.

سۇ ئىگىزگە ئاقاتتى،
تاغ تۇراتتى ئويماندا.
باياۋاندا ئاپتاپ يوق،
يوقتى سايە ئورماندا.

گەجگىسىدە بولاتتى،
ئادەملەرنىڭ كۆزلىرى.
تاپىنىدىن چىقاتتى،
پاراڭلاشسا سۆزلىرى.

مېڭىۋېتىپ ئۇخلايتتى،
كۆزلىرىنى يۇمماستىن.
يول يۈرەتتى دومىلاپ،
پۈت يەلكىدە باش ئاستىن.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە،
ئۆلگەن بوۋام تىرىلدى.
قاراپ ئۇنىڭ ھالىغا،
ئىچ-ئىچىمىز سىيرىلدى.

كاشكات بىلەن قىرىپمۇ،
گۆش چىقمايتتى تېنىدىن.
يوغىناپتۇ ۋە لىكىن،
توغرىلىقى ئىنىدىن.

پاقىرايتتى چىرايى،
لەۋلىرى گەز، ئورا كۆز.
پىچىر-پىچىر ۋاقىراپ،
ئېيتتى مۇنداق يېڭى سۆز.

كىپەنلەپسىلەر خام بىلەن،
يۆگىمەستىن بورىغا.
قازى بولدۇم، بەگ بولدۇم،
كېتىپ شۇنىڭ سورىغا.

مۇنكىر-نىكىر چاكىرىم،
پەرىشتىلەر پايلاقچى.
ئېقىلدارىم ئازازۇل،
مالايىكىلەر يالاقچى.

پالىۋەتتىم جەننەتكە،
ئوغرى مەككار بۇزۇقنى.
بۇلاتقۇزدۇم ئۇلارغا،
نازۇ- نىممەت ئوزۇقنى.

سەككىز جەننەت چەيلەندى،
باغ ئىرەمنى بۇزغۇزدۇم.
ئۇ يەردىكى ھۆرلەرنى،
ئايىماستىن ئۇرغۇزدۇم.

سۇلىۋەتتىم دوزاخقا،
ياخشى-ئوبدان دېگەننى.
كەپلەپ قويدۇم ئېغىزىغا،
ھارارەتلىك يۈگەننى.

قۇيدۇم ئوتنى ئىرىتىپ،
ئۇسساپ كەتتۇق دىسىلا.
چوغ كەپلىدىم قارنىغا،
ئاچ قالغاندا يېسىلا.

ئاخىرەت ئۇ ئالەمدە،
قازىلىغىم ئاققاچقا.
قىلغان ھۆكۈم پەتىۋا،
قول چۇماققا ياققاچقا.

ئالقىشلىدى كۆتەردى،
ساقىلىمدىن سۆرىشىپ.
بۇنى كۆرۈپ چىدىماي،
ھەق كالىسى مۆرىشىپ.

دېدى مېنىڭ مۈڭگۈزۈم،
يەرگە تىرەپ تۇرىدۇ.
نىچۈن مىنى ماختىماي،
ساڭا چاۋاك ئۇرىدۇ.

چاتىغىم يوق كارىم يوق،
كۆتەرمەيمەن زىممىننى.
كۆتەرگۈزگىن چاقىرىپ،
ئوغلۇڭنى يا... ئىنىڭنى.

كالىنىڭ بۇ دەۋاسى،
پەيد قىلدى زىلزىلە.
زىمىن تىترەر پات يېقىن،
ئىشلەتمىسەم بىر ھىلە.

جىم ياتماپتۇ بوۋىمىز،
ئاخىرەتكە بېرىپمۇ.
نەگە بارسا ئىش تېرىپ،
قالمايدىكەن ھېرىپمۇ.

غالىپ كەلسە بوۋامدىن،
ھەق كالىسى ناۋادا.
تەۋرەپ كەتسە يەر شارى،
بىز لەيلەمدۇق ھاۋادا.

ئامال قانچە مىھمانغۇ،
(چىققان بىلەن ئۇراندىن)،
داسقان يايدىم شاپپىدە،
مەزەلىرى بۇراندىن.

ئاچقان ئىكەن قورسىغى،
داستىخاننى كاپ ئەتتى.
بۇراننى يەپ شامالنىڭ،
ئۇۋىغىنى كاپ ئەتتى.

سالدى دىلغا ئەندىشە،
بوۋام ئېيتقان كېيىنكى سۆز.
(يەرنى تىرەپ تۇرغىلى،
بولغىن دەرمۇ ئۇي-ئۆكۈز).

ئاشۇ غەمنىڭ زەنجىرى،
بوينىمىزدىن سۆرىدى.
تەشۋىش تىترەك بىر بولۇپ،
تام تورۇسنى ئۆرىدى.

قورقۇپ كەتكەن چاشقانلار،
مۈشۈكلەرگە ئېتىلدى.
قۇشلار ئۈزۈپ زەنجىرنى،
بېلىقلارغا قېتىلدى.

سۆڭەك ئىتنى غاجىدى،
سەي چىشلىدى پىچاقنى.
ساقال ئۈندى تاپانغا،
بەل چىرمىدى پاچاقنى.

قورقۇپ كېتىپ ئايالىم،
يېتىۋالدى بۈشۈككە.
تۇغۇلمىغان ئوغلۇممۇ،
قاچتى بۇلۇڭ تۈشۈككە.

مەن ئوغلۇمنىڭ قوينىدا،
ئىڭڭەلىدىم بوغۇلۇپ.
ئەسلىسەم كېيىن مېنىڭدىن،
ئوغلۇم بۇرۇن تۇغۇلۇپ.

تۇرغان ئىكەن تويلۇشۇپ،
ۋۇجۇدى يوق قىز بىلەن.
(بۇ ئىشلارنى بەزىلەر،
كۆرۈپتىكەن كۆز بىلەن).

ددۇ-پەريات بىر ئالدى،
ئۆي ئىچىنى تالانى.
دېدىم:بۇۋ يىغىشتۇر،
ئۆزەڭ تاپقان بالانى.

دوزىقىڭنى نېرى تارت،
جەننىتىڭدە ئۆزەڭ يات.
بىزگە كېرەك ئاراملىق،
بۇلالمايمىز كالا، ئات.

مېنىڭ ئېيتقان سۆزۈمگە،
تام- تورۇسمۇ قېتىلدى.
شاتلىغىدا ئايالىم،
قۇچۇغۇمغا ئېتىلدى.

كەلدى سادا بۈشۈكتىن،
بۇزما بەخت تېڭىڭنى.
بۇ ئالەمگە ئېپكەلمە،
ئاخىرەتلىك جېڭىڭنى.

ئېھتىمالىم بۇ گەپلەر،
بۇۋىمىزغا ھار كەلدى.
رەددىيەلىك پاراڭدىن،
كۆز ئالدىغا دار كەلدى.

ئىنجىقلىدى بىر ھازا،
تىنىق يەتمەي ھاسىراپ.
يۆلەيدىغان كىشى يوق،
يېتىپ قالدى ھالسىراپ.

بوران ياندى بۇرنىدىن،
كېكەردى ئۇ «گارت» قىلىپ،
چۈشتى قايتا سەكرتقا،
جىمىپ قالدى«خارت» قىلىپ.


ئەسكەرتىش: باشقا مۇنبەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئەسلى ئاپتورى بىلەن يوللاڭ!


كىچىك موللا-زەيدىن دادىسىنىڭ خاتىرىسىدىن كۆچۈرۈپ يوللىدى!
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەلئارا
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-09-29, 06:11
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+30(يەزر) ياخشى
  • قوللاش:+40(قەلبىم_بىمار) نادىر تىما!
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-29 14:06 |
    بۇلبۇل.
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 18190
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 459
    شۆھرەت: 460 كىشىلىك
    پۇل : 2536 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 481 نۇمۇر
    قوللاش: 469 نومۇر
    ئالقىش: 511 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 429(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    ياخشى يىېزىلغان شئىېرئىكەن...........!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 14:13 |
    taxna0998
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10076
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 135
    شۆھرەت: 135 كىشىلىك
    پۇل : 871 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 149 نۇمۇر
    قوللاش: 141 نومۇر
    ئالقىش: 172 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 328(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت. ساقلىۋالدىم.
    سائىتىڭىز بارمۇ؟؟ئۇنداقتا سىكۇنت ئىستىرىلكىسى ئوڭغا بىرنى چىكىلسىلا سىزنىڭ ئۆلۈمىڭىز شۇنداق سۈرەتتە سىزگە يىقىنلىشىۋاتقان بولىدۇ.
    شۇڭا  ھەركىتىڭىز چاققان ۋاقتىدا ئاللاغا ئىبادەت قىلىۋىلىڭ!!
    نۇرلۇق ئالاقىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ!!
    http://www.nurluk1099.com/bbs
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 14:17 |
    تۇغرۇل
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18964
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 422
    شۆھرەت: 427 كىشىلىك
    پۇل : 10 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 482 نۇمۇر
    قوللاش: 450 نومۇر
    ئالقىش: 562 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 163(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەرھۇم رۇزى سايىت ئاكا دىھقانلىرىمىزنىڭ ئۇتىدا كۈيۈپ ،شۇلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزۇپ دىھقانلارنىڭ غەمگۇزارى بۇلۇپ ياشىدى،مەن رۇزى سايىت ئاكىنىڭ شىئىرلىرىغا بەك ئامراق ئىاىم ،سىزگە رەھمەت موللاخۇن ،مەن بۇ شىئىرنى ساقلىۋالدىم.
    قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان،
    ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 14:22 |
    takat
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 836
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1412
    شۆھرەت: 2419 كىشىلىك
    پۇل : 7999 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1491 نۇمۇر
    قوللاش: 1315 نومۇر
    ئالقىش: 1398 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1437(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دادىڭىزنىڭ خاتىرسىدىن يەنى بولسا كوچۇرۇپ يوللاپ تۇرۇڭ . رەخمەت
    bugra
    مايمۇن ئەمەلدار بولسا ،ئوزى باشقۇرۋاتقان خەلىقنى دەرەخكە چىقىشقامەجبۇرلايدۇ.
    خائېن نىمە ؟ بىلمىگىنىڭ!!!!!!!!!!!__________سىنىمۇ خائېنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ~~~~~~~~~~~~~~~
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 14:23 |
    molla-zaidin
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21287
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 118 كىشىلىك
    پۇل : 1795 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
    قوللاش: 76 نومۇر
    ئالقىش: 99 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ





    ﺷﺎﺋﯧﺮ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﺷﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯩﺮﺩﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .1951-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ 1958-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﭼﺎﻳﺨﺎﻧﺎ (ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ) ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ 1- ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ .ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﻮﻧﻨﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ، 1973-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ -ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﯞﻩ ﻻﯕﺮﻭ ﻳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ .1980-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺭﺭﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
    ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 1973-ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﮔﯧﺰﺗﻰ ﺩﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﺩﺍﺷﯚﺳﯩﯔ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯩﺌﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯧﭙﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ . ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯩﺰﯨﺖ -ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ چۈشنامەﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 12 ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﻼﺩﯨﺴﻰ،1000ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯩﺌﯧﺮﯨﯟﻩ ﺭﻭﺑﺎﺋﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﯩﻜﺎﻳﻪﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﮬﯩﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﻪﺑﻪﺗﯘﻝ ﮬﻪﻗﺎﻳﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﯩﺌﯧﺮﻯ ﻳﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﯩﺌﯧﺮﻳﯩﺘﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﻘﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻨﯩﭗ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ .ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ .ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻨﯩﯔ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰﺑﯘﻗﯩﺰ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﯘﻥﻣﻪﺭﮬﺎﺑﺎ ﺋﺎﮬ ،ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﯜﺵ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺭﻭﺑﺎﺋﯩﻴﻼﺭ ﺗﯘﻳﯘﻗﻼﺭ ﺧﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﻛﯜﻟﻜﯩﺴﻰ ﭘﺎﮬ،ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯟﻩ ﺷﯩﺌﯧﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﮬ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﯔ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﭼﯜﺷﯜﻣﮕﻪ ﺑﯘﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺰﻯﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺋﺎﮬﺎﯕﻐﺎ ﺳﯧﻠﻨﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﺰﺍ-ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ .ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺷﯩﺌﯧﺮ،ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﯨﺴﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ .ﺷﺎﺋﯧﺮﻧﯩﯔ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯗ ﭼﯜﺷﻨﺎﻣﻪ ﺑﺎﻟﻼﺭ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺯﺍﺭ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﻪﺩﺧﻪﭺﺑﺎﺭﺍﺕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ،ﺷﯩﺌﯧﺮ ،ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﯞﻩ ﺗﯧﻠﯟﯦﺰﻳﻪ ﺑﻪﺩﺋﯩﻲ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺩﯨﺮﺍﻣﻤﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ،ﺑﯘﺟﺎﮬﺎﻥ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻳﻮﻝ ﻛﻪﯕﺮﻯﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ .ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺷﯩﺌﯧﺮﻟﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱﻧﺎﻣﻠﯩﻘﻘﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻨﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻤﯩﯔ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ .
    ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺖ 2001-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻳﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ . ﺧﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺭﺯﻯ ﺳﺎﻳﯩﺘﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﺘﯘﺵ . ﺷﺎﺋﯧﺮ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻝ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ  .  !


    دىھقان بولماق تەس



    روزى سايىت



    ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ،ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﭺ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ،
    ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ﮬﻪﻕ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
    ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﭘﻪﯞﻩﺱ،
    ﺷﯘ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﺗﯩﺸﻰ ﺋﻪﺗﺘﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﻪﺱ،
    ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻻﻱ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﭘﻪﺧﻪﺱ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
    ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئەبەﺩﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ .
    ﺋﯘ ﺑﺎﻗﺎﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﻣﻪﺭﯨﺪﯨﻦ،
    ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ تاﻣﺎﺳﻰ <<ﺗﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺭﻯ>>ﺩﯨﻦ.
    ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﯚﮬﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﺪﯨﻦ ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﯘ ﻣﯚﻣﯩﻦ ،ﺑﻪﻙ ﻳﺎﯞﺍﺵ،ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ،
    ﺑﻮﺷﯩﻤﺎﺱ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ.
    ﺩﻩﺭ؛ﺋﯩﺸﻠﻪﻱ ﺳﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺯﺍﻳﻢ،
    ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﻩ ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺶ ﺭﺍﻳﯩﻢ.
    ﺭﯨﺰﻗﯩﻤﻨﻰ ،ﺋﻪﺟﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺕ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﻗﯘﭼﺎﻕ ،
    ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺭ ﺋﻮﺗﯘﻥ.
    ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺳﻮﻍ،ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﻮﭖ،ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﯘﻥ،
    ﮔﺎﮪ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ،ﮔﺎﮪ ﺗﻮﻣﯘﺯ،ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯘﻥ .
    ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺩﻩﺭ <<ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﻛﯧﻜﯩﺮ-ﺗﻮﻳﯘﻥ!>>
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ كەل -ﺑﺎﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ،
    ﻳﯜﮔﺮﻩﻳﺪﯗ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺩﺍﻣﺒﺎ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.
    ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﺎ -ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ،
    ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ.
    ﻗﻮﺭﯗﻗﻼﺭ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﯘ ﺋﯚﻛﯜﺯ ،ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ ﺳﺎﭘﺎﻥ ،
    ﺷﺎﻛﺮﺍﭖ ﺗﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﺭﻻﻳﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ.
    ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ ،ﻛﯚﻳﯩﺪﯗ ﺗﺎﭘﺎﻥ ،
    ﭼﺎﻙ -ﭼﺎﻙ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﻟﻘﺎﻥ.
    ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ<<ﯞﺍﻳﺠﺎﻥ!>>ﻻﭖ ﻛﯚﺗﯜﺭﻣﻪﺱ ﭼﯘﻗﺎﻥ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺗﯧﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻳﺴﺎ ﭘﻪﺭﯞﯦﺸﻰ ،
    ﮬﻪ ﺩﯨﻤﻪﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﻳﯩﻐﯩﻢ ﺗﻪﺭﯞﯨﺸﻰ.
    ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﻮﺷﯩﺴﺎ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯦﺸﻰ ،
    ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎﯕﺮﯨﺸﻰ ،ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﺸﻰ .
    ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﻛﺴﯩﻤﻪﺱ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﺭﻟﯩﺸﻰ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼ ﺋﺎﻳﻪﻣﮕﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ،
    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ <<ﺋﻮﺗﺎﺵ ﮬﻪﻡ ﭘﯘﺗﺎﺵ>>.
    ﺋﻮﻱ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﺋﻪﻣﻪﺱ-ﮬﻮﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﻮﺩﺍﺵ،
    ﺋﺎﻳﻪﻡ ﺷﯘ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﻘﺎ ﻛﯚﭘﯜﺭﻩﻙ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﺎﺵ.
    ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ ﻣﺎﺗﯩﻤﻰ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺩﺍﺵ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﺪﺍﺭ ﺗﻪﻟﻪﻳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ،
    ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻪ ﻳﯧﺸﻰ.
    ﻳﻮﻕ <<ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﺎﯞﯨﻘﻰ>>ﺋﯚﺭﻟﻪﺵ ﺋﯩﺸﻰ،
    ﻳﻮﻕ ﻣﺎﺋﺎش ،ﺩﻩﺭىجە ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﺸﻰ.
    ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺭ ﻳﺎﺯ ﻗﯩﺸﻰ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ،ﺷﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ،
    شىيەنجاڭمۇ،شىياڭجاڭمۇ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ.
    ﻛﺎﻧﯩﻜﻮﻝ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ،
    ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯗ ،ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﻧﻰ.
    ﺷﯘ <<ﺧﺎﺱ >>ﻟﯩﻖ ﺑﺎﻏﺎﺷﻼﭖ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﯘ ﺗﻪﺭگەن ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺑﺎﺵ،
    ﺋﯘ ﭼﻪﺷﻠﻪﭖ ﻳﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﺍﻥ -ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺵ.
    ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻟﯩﮕﻪﻧﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮔﯚﺵ -ﺋﻮﺗﻴﺎﺵ،
    ﺋﯘ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﭘﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺵ.
    ﺋﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﻣﻪﺭﺩ ﮬﺎﺗﻪﻡ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺵ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    <<ﻣﻪﻥ ،ﺳﻪﻥ ،ﺋﯘ>>-ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﻰ،
    ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﻰ.
    ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﻼﺷﻘﺎﻥ كۆرمەس ﺑﻪﺧﯩﺖ ﯞﻩﺳﻠﻰ،
    ﻗﻪﺩﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﺳﻠﻰ.
    <<ﻳﻪﺳﻠﻰ>>ﮔﻪ ﺳﻮﺯﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﻰ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﻰ ﺳﺎﻏﺎﺭ ﻛﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ،
    ﺳﺎﻏﻘﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺭ ﺳﯜﺗﻰ ﭼﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.
    ﺋﯚﺯﯨﻼ<<ﺋﺎﻕ >>ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ،
    ﻣﯘﯕﻼﻧﺴﺎ ﺗﯘﻳﯩﻼﺭ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ -ﻳﺎﻟﯩﺪﻩﻙ.
    ﺭﯨﺰﻗﯩﻐﺎ ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻻﺭ ﺋﯚﮔﻪﻱ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﯞﺍﮪ ﺧﻪﻗﻠﻪﺭ ﻛﻪﺗﺘﯩﻐﯘ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ ،
    ﮬﻴﻠﯩﺴﻰ ﻳﯩﻠﺴﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺩﻯ ﻣﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ.
    ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﺷﯜﭖ <<ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ>>-ﻗﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ،
    <<ﻗﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺷﺘﻰ >>ﺩﻩﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ.
    ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ <<ﺗﯚﺭ>>ﻧﻰ ﮔﻮﻟﻠﯘﺷﯘﭖ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ،
    ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺘﻰ ﮬﺎﺷﺎﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﮕﻰ .
    ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺑﺎﺭ-ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺩﻩﻟﻠﯩﻜﻰ،
    ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﭼﺎﺭ ﻗﻮﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﭘﻪﻟﻠﯩﻜﻰ.
    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻐﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﻪﯕﻠﯩﻜﻰ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    <<ﺗﻪﻛﯩﺖ>>ﺗﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ،
    ﺩﯨﻴﯩﻠﻪﺭ <<ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ -ﺋﯘﻟﻰ>>.
    ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﻩ ﺑﯧﺸﻰ ﻛﻪﯓ ،ﺗﺎﺭ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻳﻮﻟﻰ،
    ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﻰ ﺋﯚﺳﻤﻪﻳﺪﯗ ﻏﻮﻟﻰ.
    ﺋﻮﻥ ﻓﯘﯕﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﻳﺪﯗ ﻗﻮﻟﻰ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭖ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﻳﺎ ﮔﯜﻟﻪ،
    ﺋﯘ ﻛﯩﻠﻪﺭ: ﻳﻪﺭ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﯩﻦ ،ﺑﻮﻟﻪ؟...
    ﺋﯘ ﻛﯩﻠﻪﺭ :ﺩﻩﭖ ﻗﯧﻨﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﯚﻟﻪ!...
    ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ:ﺳﻪﻝ ﺗﻮﺧﺘﺎﯓ ...ﺩﻩﺭ <<ﻳﻮﻗﺎﻝ ﺋﯚﻟﻪ!>>،
    ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ﻣﯚﻟﻪ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﯘ ﺩﯨﺴﻪ:ﻗﯩﻎ- ﺗﯧﺰﻩﻙ ﮬﯩﺪﻯ ﺑﻪﺳﺘﯩﺪﻩ...
    ﻣﺎﯞﯗ ﺩﻩﺭ:ﻳﻮﻝ ﻗﯩﺴﺘﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﻩ...
    ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﺎﺳﺴﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ،
    ﮬﺎﺭﯞﯗﺳﻰ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﺎﺱ ﻛﻮﭼﺎ ﺭﻩﺳﺘﯩﺪﻩ.
    ﺋﺎﮪ ،ﮔﻮﻳﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺳﺘﯩﺪﻩ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺴﺎ <<ﻳﯚﻟﻪﺵ ﭘﯘﻟﻰ>>ﻧﻰ،
    ﺑﺎﻧﻜﯩﺮ ﺩﻩﺭ:<<ﺋﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﺱ ﺑﯧﻴﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ>>.
    ﻳﯘﻳﺎﻣﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ،ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻳﺴﺎﻕ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ؟
    ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﻻ -ﻏﻮﻟﯩﻨﻰ!
    ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺗﻮﻟﯩﻨﻰ!
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﯩﭽﭽﺎﺭﻩ،
    ﻛﯚﺯﻯ ﻳﺎﺵ،ﺩﯨﻠﻰ ﺧﯘﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﭘﺎﺭﻩ.
    ئەپتى ﺟﯘﻝ،ﮔﯧﻠﻰ ﺋﺎﭺ،ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ،ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ،
    ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﯞﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﭼﺎﺭﻩ.
    ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺟﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﺗﯚﻟﻪﺭ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﯜﺯﯛﻟﻪﻱ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ- ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ،
    ﻳﯘﻗﯘﺭﻏﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﺎﺭ ﺋﺎﺭﻣﺎﻥ -ﺗﯩﻠﯩﻜﻰ.
    ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻪﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ،
    <<ﻳﯧﺘﻪﻣﺪﯗ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ -ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﻳﯩﻤﯩﻜﻰ؟>>.
    ﺑﺎﺭﻯ -ﺑﺎﺭ،ﻧﻪ ﮬﺎﺟﻪﺕ <<ﺋﯘ-ﺑﯘ >>ﺩﯦﻤﯩﻜﻰ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺩﻩﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯚﻣﻪﻛﻜﻪ،
    <<ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﺴﻪﺯ ﻣﯘﻧﻪﻛﻜﻪ>>.
    ﺑﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎ ﻗﺎﺭﭼﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺧﯘﻧﻪﻛﻜﻪ،
    ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﺭﯗﻗﻘﺎ،ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭ -ﻳﯚﻟﻪﻛﻜﻪ.
    (ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ)،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻟﻠﻪﺭ<< ﺋﺎﺷﺘﻰ>>ﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ ﺳﺎﻧﻨﻰ،
    ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺩﺍﻧﻨﻰ.
    ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ،ﻛﯚﺭ ﺑﯘ ﺯﯨﻴﺎﻧﻨﻰ،
    پوچىلىق -<<نوچىلىق>>ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪﯗ ﺟﺎﻧﻨﻰ.
    ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻛﻮﻻﻳﺪﯗ ﻳﺎﻧﻨﻰ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﻛﯚﺭﯛﯕﻼﺭ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﺎﭼﺎﺭ،
    ﺋﺎﺵ ﺗﯚﻛﻜﻪﻥ ﻗﺎﺯﻧﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﭼﺎﺭ.
    ﻳﻪﻱ ﺩﯦﺴﻪﻙ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ ،ﻳﯩﻤﯩﺴﻪﻙ ﺋﺎﭼﺎﺭ،
    ﺑﯩﺰ ﻧﯩﭽﯜﻥ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺷﯘ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ؟!...
    ﻛﻪﺗﺴﻪﯕﻼﺭ <<ﭼﺎﻗﺘﯩﯔ!>>ﺩﻩﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭼﺎﺭ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ ،
    ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ .
    ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺳﺘﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻙ ،ﺳﻪﺯﮔﻪﻛﺘﯩﻦ،
    ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ -<<ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﻪﺯﮔﻪﻙ>>ﺗﯩﻦ.
    ﮔﺎﺭﺍﯓ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﺗﯧﭙﯩﻚ ﺗﻪﺳﺘﻪﻛﺘﯩﻦ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﻳﯘﺭﺕ-ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﯕﻠﻪﻳﺪﯗ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ،ﭼﺎﭘﺎﻥ ،ﻛﻪش،
    ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﯩﻢ ﻛﻪﺵ.
    ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ -ﮔﺎﺩﺍﻱ ،ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻏﻪﺵ،
    ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﺶ،ﻳﻪﺭ ﻣﯘﻧﺒﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﺧﺎﻣﺎﻧﺪﺍ ﭼﻪﺵ.
    ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ﻛﯩﻢ ﺟﻪﻣﺸﯩﺖ،ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﻟﻪﻳﻠﯩﯟﻩﺵ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    <<ﺋﻮﻏﯘﺗﻤﯘ ﭘﯘﻝ!>> ﺩﻩﻳﺪﯗ ،ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ،
    <<ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻤﯘ ﭘﯘﻝ! >>ﺩﻩﻳﺪﯗ جېن ﭼﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ.
    <<ﭘﯘﻝ>>ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺗﺎﻏﺎﺭﻣﯘ ،ﺗﻮﻗﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ،
    <<ﭘﯘﻝ>>ﺩﻩﻳﺪﯗ ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻏﯘﻧﺎﻗﻤﯘ ﮬﻪﻡ.
    ﭘﯘﻝ ﻗﯧﻨﻰ؟ﭘﯘﻝ ﻧﻪﺩﻩ؟ ﻏﻪﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻏﻪﻡ ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
    ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟
    ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﻧﻮﻣﯘﺳﻘﯘ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺯﯗﻗﻤﯘ؟
    ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ،ﺩﻭﻗﻤﯘ؟
    ﻳﻮﻕ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ-<<ﯞﺍﻱ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﻮﻕ>>ﻣﯘ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ______________________________

    ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ <<ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ!>>
    ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﻳﯘﭘﯘﺭغاچ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻪﮒ،ﺧﺎﻗﺎﻥ.
    ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ<<ﺋﯜﭺ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ>>،
    ﺑﻪﺱ !ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﭼﻮﻗﺎﻥ.
    ﭼﺎﭼﻤﺎ ﺩﻩﭖ ﺳﯧﻠﯩﻘﺘﻪﺵ ﻳﯜﺯ -ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻗﻮﻗﺎﻥ ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﯩﻤﺎ ﻗﺎﺭﺍ!
    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪ ﻳﺎﺭﺍ!
    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﻣﯩﻐﯩﻦ ﺋﻮﺭﺍ!
    ﻛﯩﻢ ﺩﯦﺪﻯ:ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍ؟
    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻼ ﮬﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ،ﻛﯜﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ ،
    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯜﻧﺪﻩ ﺳﺎﻳﺮﯨﺴﯘﻥ .
    ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻤﯘ ﻛﯚﻛﻠﯩﺴﯘﻥ ،ﺋﯚﺳﺴﯘﻥ -ﺋﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ،
    ﻗﺎﺯﯨﻨﻰ ﻣﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﯘﻥ ،ﺷﻮﺭﭘﺎ ﻗﺎﻳﻨﯩﺴﯘﻥ.
    <<ﺋﯘﮪ...>>ﺩﯦﺴﯘﻥ ،ﮬﯧﻴﯩﺖ -ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ،ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﯘﻥ،
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﮔﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
    ﻣﯩﯟﻩ ﻳﻪﭖ ،ﺷﺎﺧﻘﺎ ﺗﯩﻎ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
    ﺗﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﺎﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
    ﺋﻪﻝ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﺎﺭ؟
    ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ!
    ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ.

    ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺩﯨﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ،
    ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺯﺍﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ .
    ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺵ ﺗﺎﻏﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ،
    ﺷﺎﺋﯩﺮﻣﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ -ﻧﺎﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ .
    ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺗﻪﺳﻜﻪﻥ ،
    ﺗﻪﺱ ﺩﯨﺴﻪ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﮭﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ!!!
    .
    .........................................................


    _____
    1995-ﻳﯩﻞ 1-ﺋﺎﻱ ﺧﻮﺗﻪﻥ
    izdax.com
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 14:41 |
    ωjdan⑧度
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21535
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 23 كىشىلىك
    پۇل : 215 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
    قوللاش: 23 نومۇر
    ئالقىش: 23 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن   ياخشى يېزىلغان  شېئىركەن   .     رەخمەت سىزگە    يەنە يوللاپ تۇرا سىز    ؟
    qarluq
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 14:58 |
    خيال0997
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 14497
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2811
    شۆھرەت: 2847 كىشىلىك
    پۇل : 14153 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2942 نۇمۇر
    قوللاش: 2872 نومۇر
    ئالقىش: 3120 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1096(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىلغان  شېئىركەن  
    qarluq
    تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلىدۇ..
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 15:02 |
    شەخسىيەتچى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 18678
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 389
    شۆھرەت: 1558 كىشىلىك
    پۇل : 2131 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 445 نۇمۇر
    قوللاش: 416 نومۇر
    ئالقىش: 519 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 420(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ما دىخان بولماق تەس  دىگەن شىئىرنى تاپالماي يۈرگەنتىم رەھمەت سزگە
    qarluq
    {قاراخان}
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 15:06 |
    molla-zaidin
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21287
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 118 كىشىلىك
    پۇل : 1795 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
    قوللاش: 76 نومۇر
    ئالقىش: 99 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خاس شەبنەمدىكى نادىر تېمىلىرىمنى ئەۋەتسەم تېخى  نادىرلانماپتۇ .... ھەي
    qarluq
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 15:07 |
    قەلبىم_بىمار
    كۇندە كەچتە يىغلايمەن،،،،
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 3283
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2423
    شۆھرەت: 644 كىشىلىك
    پۇل : 1444330 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2572 نۇمۇر
    قوللاش: 2127 نومۇر
    ئالقىش: 2821 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 548(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت دوستۇم،،،،،
    ساقلىۋالدىم،،،،
    qarluq
    بۇ بىشىمغا چۇشكەن كۇننى ھىچكىم بىلمەيدۇ     يىلان باققان كالۋانىڭ
    توۋا دەيمەن دەرت تارتقانغا كىشى ئۇلمەيدۇ     يۇرىكىدە زەھرى يوق
    قاراپ مىنىڭ بۇ ھالىمغا شاد خۇرامكەن دىمەڭ  مەندەك قەلبى ساراڭنىڭ
    كۆزۇم كۇلۇپ تۇرسىمۇ ئەپسۇس قەلبىم كۇلمەيدۇ  قىزلارغا ھىچ كۇڭلى يوق

    تىخىمۇ كۇپ شىئېرلىرىم مانا بۇ يەردە..http://blog.retim.cn/674482
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 15:07 |
    molla-zaidin
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21287
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 118 كىشىلىك
    پۇل : 1795 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
    قوللاش: 76 نومۇر
    ئالقىش: 99 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق باھالىنىپلا بەرسە ... مەن دائىم يوللايمەن ...
    qarluq
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 15:41 |
    يەزر
    ئۇيغۇر ئىمپىريىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1173
    شۆھرەت: 1154 كىشىلىك
    پۇل : 16364 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1159 نۇمۇر
    قوللاش: 1043 نومۇر
    ئالقىش: 1040 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ساقلىۋالدىم.
    qarluq
      ★ يەزر=ئۇيۇشۇش=ئۇيغۇر!!!
      ★ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق!
      ★يەر شارى بىلەن تەڭ  ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سەلكىندە قانچىلىك؟
          ئالتە شەھەردە قانچىلىك؟ دۇنيادا قانچىلىك؟
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 15:43 |
    قاتىل007
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 20507
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 156
    شۆھرەت: 156 كىشىلىك
    پۇل : 900 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 159 نۇمۇر
    قوللاش: 157 نومۇر
    ئالقىش: 164 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شىئىرلىرى بەك ياخشى،چىنلىقلىقى يۇقىرى،يەنە مۇشۇنداق يازىدىغان ياكى يازالايدىغان،راسىت سۆزلىيەلەيدىغاندىن نەچچىسى بار،مۇشۇيەردىمۇ ھەقىقەتنى سۆزلىيەلەيدىغاندىن نەچچىڭلار بار؟!
    qarluq
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 16:22 |
    ئەخمەقجان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 17508
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 151
    شۆھرەت: 152 كىشىلىك
    پۇل : 945 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 165 نۇمۇر
    قوللاش: 157 نومۇر
    ئالقىش: 185 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 119(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    <<ئەپسانىدىن تۆرەلگەن ئەپسانە>> جاھاندىكى تەتۈرلۈكنى تولۇق ئېچىپ تاشلاپتۇ!
    qarluq
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-29 16:25 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » شىئېرلار


    Time now is:09-30 13:57, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Tov 1 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation