ـــ::: بىر غەزەل :::ـــ تاللانمىلار
غىياسىدىن ئوغلى ئەلشىر نەۋائىي
ئەشرەقەتمەن ئەكسى شەمسىلئەكسى ئەنۋەرۇلھۇدا،
يار ئەكسىن مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىقتى سادا.
غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم،
يوقتۇر ئەي ساقى،مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.
ئەي،خۇش ئول مەيكىم،ئەڭا بىر زەرف ئولسا سۇنغان ساپال،
جام ئولۇر گېيتنامە،جەمشىد ئانى ئىچكەن گەدا.
جامۇمەي گەر بۇيلەدۇر،ئول مەي ئۈچۈن قىلماي بۇلۇر،
يۈز جاھان ھەردەم نىسار ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان پىدا.
دەير ئارا ھوش ئەھلى رەسۋا بولغانى ئەي مۇغبەچە،
جامى مەي تۇتساڭ مېنى دىۋانەدىن قىل ئىبتىدا.
تاكى ئول مەيدىن كۆڭىل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر،
چىھرەئى مەقسۇد مەھۋ ئولغاي ھەم ئولدەم مائەدا.
ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرە كىم،
جامۇمەي لەفزىن دېگن بىر ئىسىم ئىلە قىلغاي ئەدا.
سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جامۇمەي مەۋجۇد ئېرۇر،
بىلمەيىن نەفئ ئەتمە بۇ مەيخانە ئەھلىن زاھىدا.
تەشنەلەب ئۆلمە نەۋائىي چۈن ئەزەل ساقىسىدىن،
«ئىشرەبۇ يا ئەييۇھەل ئەتشان»كېلۇر ھەردەم نىدا.
«غەرەيىبۇسسىغەر»دىن
بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئۇل پەرى رۇخسارىنى،
ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.
ئۈچ كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجىرى تەييارىنى،
تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر ئاي يۈزىگە خالىنى.
بەش كۆرۈپ ئالدىڭدا جان بەرسەم شېھىدۇ ئىشقى مەن،
ئالتە كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى مەستانىنى.
يەتتە ئىقلىمدا يوق ئىمىش سەن كەبى نازۇك بەدەن،
سەككىز ئۇچماققا تىلەرمەن سەن كەبى ھۆر-يارىنى.
توققۇز ئۆرگۈلسەم بېشىڭدىن ئوت تېنىمدە جان كاۋاپ،
ئون قولۇم بىرلە بېسىپ سالسام دىلىمنىڭ رايىنى.
ئون بىر ئاي بولدى نەۋائى يارىدىن ئايرىلغىلى،
ئون ئىككى ئاي ئۆرۈلسە گەر تاپقۇسى پىنھانىنى.
«غەزەللەر»دىن ئېلىندى
سۇجۇپ
سېنى دەپ بارمىدىم باغقا،كۆڭۈل بوستانىدىن سوردۇم.
كۆزۈم گۈھەرىدىن تامغان ئىشىق داستانىدىن سوردۇم.
يۈزۈڭ دەپ باقمىدىم ئايغا،تەبەسسۇم-نازلىرىڭ تەنھا،
ئايا رەببىم يىگىتمەن دەپ، ھېجىر مەيدانىدىن سوردۇم.
قىزىلگۈل بەرگىدە قاتقان،قارا تۈن بوينىدىكى قان،
پەقىرنىڭ شەمشىرى قايدا،پەلەك زىندانىدىن سوردۇم.
قولۇڭغا ئۇزۇتۇپ قولنى،ئېتىمنىڭ قامچىسى ئىزدەپ،
زىمىننىڭ چىتىدە قالغان،غېرىپ مەيخانىدىن سوردۇم.
يۈزۈڭدىن پەردىنى ئالما،مېڭىشقا مەنزىلىم كۆپتۇر،
سۇجۇپنىڭ جېنىغا جاننى،ۋىسال پەيمانىدىن سوردۇم.
كۇرشات
مەنېسىز ئۆتتى ھاياتىم ھەسرەت نادامەت ئىلكىدە،
ئۇپرىدى غايە ئىرادەم نەپسى دالالەت ئىلكىدە.
گاھىدا تۇرمۇش غېمىدە پايپېتەك بولدۇم راسا،
گاھ ئۆزەمچە يايرىدىم ئالدامچى ئامەت ئىلكىدە.
ئازغىنا مەنپەت ئۈچۈن يات ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ،
ئۆز ئۆزۈمنى ئالدېدىم ساختا ساخاۋەت ئىلكىدە.
كىرپە يۇمشاق، قاغا ئاق ، دەپ توۋلىدىم بەزى غەزەل،
ئىچ - ئىچىمدىن ئۆرتېنىپ يالغان خوشامەت ئىلكىدە.
تەمشىلىپ بىر ھەقنى ئېيتار بولغاندا، دوستلار جىملىدى،
ھەممىگە كۆندۈم مانا، كۈلدۈم ھاقارەت ئىلكىدە.
ئاپتورى نامەلۇم
ﺟﯩﻠﯟﯨﮕﻪﺭ ﺗﯜﻧﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﺳﻰ،
ﺳﯩﮭﺮﯨﮕﻪﺭ ﺋﯜﻧﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﺳﻰ.
ﻛﯚﻳﺪﻯ ﻛﯜﻥ ﺳﻪﯞﺩﺍ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﭼﻮﻏﻠﯘﻧﯘﭖ،
ﻗﺎﭘﻘﺎﺭﺍ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﺳﻰ.
ﺗﻪﻥ ﭼﺎﺭﺍﺳﻼﺭ ﺑﻪﺭﻗﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﺟﯩﺪﻩ
ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﺳﻰ.
ﺋﯘﭼﯘﺭﺍﺭ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺑﺎﻳﺎﯞﺍﻥ ﻟﻪﺭﺯﻩ ﻗﯩﭗ
ﭼﯧﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﺳﻰ.
ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻠﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻣﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ
ﺳﯜﻳﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﺳﻰ.
ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻐﺎ ﭼﻪﻛﺘﯩﻢ ﺭﻭﮬﻰ ﺗﺎﺭ
'ﭼﻮﻏﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯜﺳﻰ...
ئەھەدى
مېنى يەتكۇز ، مۇھەببەتنىڭ ۋىسال بوستانىغا يارەب ،
ۋەيا قوشقىن يەنە بىر باب ئىشىق داستانىغا يارەب .
ۋاپادار ئەھلى ۋىجدانغا رىزامەن مۇپتىلا قىلساڭ ،
دۇچار قىلما بىراق ئارسىز پالان-پۇستانىغا يارەب .
قۇياش ، ئاي قىلمىساڭ مەيلى ، ئۈچەي ھېچ بولمىسا چاقناپ ،
ھۈكەر قىل نۇر تۈكەي، ئەلنىڭ كۆڭۈل ئاسمانىغا يارەب .
ياراتتىڭ كەڭرى ئالەمنى ،بىرىپ بەندەڭگە دىت- پەمنى ،
قويۇپ چەك بەك ئەجەپ قىلدىڭ ئۆمۈر پەيمانىغا يارەب .
باھەرىم كەتتى ،كۈز كەلدى يېتەلمەي ۋەسلى ئىمكانغا ،
نە بولغاي بىر چۈمۈلدۈرسەڭ مېھىر پونتانىغا يارەب.
ۋاپاسىز ناجىنىسلارنىڭ بېشىغا قىلغىچە زەر تاج ،
بوسۇق ساقلايدىغان ئىت قىل ،ئىشىق سۇلتانىغا يارەب .
مۇھەببەت دەشتىدە جاننى تەسەددۇق ئەيلىدى نىمجان ،
ئىنايەت ئەيلىبان يەتكۇز ئۇنى ئارمانىغا يارەب . . . !
2006-يىلى ئاپرىل
جۇدۇن
ئېتىپ كىرپىك ساداقىڭدا مىنى سەن مەھلىيا قىلدىڭ ،
سېھىرلەپ كۆز قاراقىڭدا ئىلىپ قەددىمنى يا قىلدىڭ .
جامالىڭ شامىدىن ئۇچقۇن چۈشۈپ قەلبىمگە ئوت كەتتى ،
يىقىلدىم بىماجالدۇرمەن ئۆزۈڭسىز بىداۋا قىلدىڭ .
مۇھەببەت ئوتىغا ئىنسان چىداپ بولمايدىكەن ھەيھات .
ۋۇجۇدۇمنى كاۋاپ ئەيلەپ يۈرەكىمدە لاۋا قىلدىڭ .
سىياقىڭنى خىيال ئەيلەپ جۇنۇنمەن ئۇيقىدىن بىدار ،
بۇزۇپ كۆڭلى ئارامىمنى تىنىچلىقتىن جۇدا قىلدىڭ .
ئىرىشمەكچۈن ۋىسالىڭغا تەۋەككۈل ھەرنە مۈشكۈلگە ،
مۇھەببەتتىن بىرىپ قۇدرەت جۇدۇننى جان پىدا قىلدىڭ .
ئانا تىل ھەققىدە غەزەل
غەنىزات غەيۇرانى
ئانا تىل زادى مەۋجۈتمۇ كىشلىك قىممىتى سەنسىز،
جىمكى باشقا مەخلۇقتىن ئىناۋەت ،ئىززىتى سەنسىز ،
قاچان مەلۇم ئىدى كىمكى )يېزىلغان قايسى تارىجـا(،
ئۇلۇغ ئەجداتىمىز مەھمۇت ۋە يۈسۈپ مىللىتى سەنسىز.
شېئىر كۆكىدە چولپاندەك يورۇپ، چاقناپ تۇرالامدۇ،
ناۋايى،لوتىفى ،سەككاكى ، ئاتايى ،خىرقىتى سەنسىز.
ھاياتلىق يولىدا سەنسىز ئۇلۇغ ئىش قىلدى ئەجداتلار،
پۈتۈلگەنمۇ شۇ تارىخنىڭ قۇرى ، ھەر بىر بېتى سەنسىز.
بېسىپ سەن نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن يوللارنى مەردانە،
يېتىپ كەلدىڭكى ،ئۆتكەنمۇ شۇ يىللار ھەركىتى سەنسىز .
نادانلار ھەر نېمە دەيمىش كۆرۈپ چۈش كۈندۈزى ئۇخلاپ،
توزۇپ كەتمەيدۇ توزغاقتەك تىيانشان قامىتى سەنسىز.
ھايات بار سەنمۇ بول مەڭگۈ چىداپ چاپقۇن،بۇرانلارغا ،
ئېنىقكى زادى يۇق ئەلنىڭ بەخت ھەم ئامىتى سەنسىز.
1987-يىل سېنتەبىر .
ئىبراھىم ئالىپ تېكىن
ئاتا بىر چولپان ،ئۇ يەنە مەشئەل .
ئاتا بىر كومپاس ،بۈيۈك بىر غەزەل.
ئىز
ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز
ئەمدى ئاتقا مىنگۇدەك بۇلۇپ قالدى ، ئەنە نەۋرىمىز.
ئازئىدۇق مۇشكۇل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۇللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۇللەر ئارا -گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارىسلانلار دەشتە-چۇلدە قەبرىسىز.
قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۇل چىچەككە پۇر كۇنۇر تاڭنا باھاردا قەۋرىمىز.
قالدى «ئىز»، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بۇران كۇچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يۇلىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،
تاپقۇسى ھېچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىركۈن نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز.
ئۆلسەم
غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
يېتەتتى ۋەسلىگە جانىم،ئۆلۈمنى ئۆلتۈرۈپ ئۆلسەم،
ئۆلۈمنىڭ باغرىدا بىر رەت جېنىمنى كۈلدۈرۈپ ئۆلسەم.
ماڭا بۇ نەزمىخانلىقتىن نە شۆھرەت،نە ئادا بولغاي،
سۆزۈمنى سۆزگە جەم ئەيلەپ لەھەتكە مۆكتۈرۈپ ئۆلسەم.
كۆيۈپ مەن كېچە ھەم كۈندۈز،ئىشىقتىن قايتمىدىم ھەرگىز،
يېتەتتى ئوتقا ئوت ئاندىن،بۇ ئوتنى كۆيدۈرۈپ ئۆلسەم.
كۆزۈمدىن قۇرۇماس ياشىم،پىغانلىق ئىچى ھەم تاشىم،
بولاتتى دۇر-گۆھەر تاشىم،بۇ ياشقا چۆكتۈرۈپ ئۆلسەم.
قەتلەئى ناز ئىلە ئاھ،ئاھ باقار نەزمەم قۇرىدىن يار،
تاپاتتى ۋەسلىنى كۆڭلۈم،ئۇنى مەن بىر كۆرۈپ ئۆلسەم.
چېچىنى قامچا قىپ كەلسە،مۇھەببەت ھارۋىسى بىرلە،
ئېتىمنى مەن ئاڭا قاتسام،سەپەردە مەن يۈرۈپ ئۆلسەم.
نىگار قۇچاغىدىن ئۆزگە تېپىلغايمۇ ماڭا قەبرە،
بۇ ئىشىق ئىچرە يارانلار يەنە مىڭ ئۆزگۈرۈپ ئۆلسەم.
يىغلار
ئۆ.س.ياشلىق
كۆيۈپ ھەق ئىشقىدا مىڭ-مىڭ ئەلەمدە زاھىدا يىغلار.
پىغانى قاينىغان پەرھاد شىرىننىڭ ئىشقىدا يىغلار.
تامام مەيخانىنى،ھەييام كېزىپ مەيگە ساپال بولدى،
ئۆزى ئەرۋاھ بولار، ئەمما تېنى مەيخانىدا يىغلار.
يەتتە ئاشىقتىن سۆيگۈدە قېنى كىملەر ۋىسال تاپقان،
قەلبى غەمدە قان ۋامىق،يەنە ئول تاھىرا يىغلار.
نەۋائىي سۆيدى ئەللىك يىل كۆڭۈل مەستانىسى«گۈل»نى،
لېكىن«گۈل»مۇڭلىنىپ دەردتە دېگەي:«بۇ دىل يارا...يىغلار».
2008-يىل،20-ئىيۇل