- بىر ئانىنىڭ قىزىنى داۋالىتىش يولىدىكى كەچمىشلىرى
)u,Q$z*6 (سۇمەييەنىڭ داۋالىنىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى )
.]Eb\k >pP,vCS +UdT4U= bJCK(%is
(نارىسىدە بوۋاقنىڭ داۋالىنىش جەريانىدا ياخشىلىنىش بولغاندىن كېيىنكى ھالىتى )
Z=>a* i|+nATZJ
%f&`H<#pT
T$%(7>` بۇمۇ بىزنىڭ ئوماق پەرزەنىتلىرىمىزگە ئوخشاش ، تاتلىق خۇلۇققا ،شادىمانلىققا ،باھار گۈللىرىنىڭ نازلىنىشىدەك سۈزۈك كىلەچەككە ئىنتىلىدۇ ، ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنىمۇ ، سىزگە ، ماڭا ئوخشاش ئىنساننىڭ قېنى . ئۇنىڭ يۈرىكى تىپىچەكلەۋاتقىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئوتلۇق ھاياجان ، كۆرەك قەپىزىنى يېرىپ چىققۇدەك گۈزەل تىلەك ....
Yf2f7,RkuH بىراق ..... بۇنىڭ شادلىقلىرى ، نازلىنىشلىرى ، ھاياجانلىرى ، ئۆزى دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئاللا قاياقلارغىدۇر يوقالغان . ئۇنى تېپىش تولىمۇ مۈشكۈل .... تولىمۇ مۈشكۈل ...
w!E`BPyJ ئۇ نەدە .... ئۇنى قانداق تېپىش كېرەك ؟ خېنىم قىزىم ، قوزام ، سېنى بۇ دۇنيادىكى بارىلىق سەبىلەرگە ئوخشاش بەخىتتىن بەھرىمان قىلىش مىنىڭ بىر ئۆمۈرلىك مەسئۇلىيىتىم ، چۈنكى سەن مېنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ، ئەڭ شەرەپلىك ، نام - ئانىلىق شەرىپىگە نائىل قىلدىڭ دەپ روھلىنىپ قالاتتى باھارگۈل . سەن مېنىڭ يۈرۈگۈمنىڭ قانلىرىدا سەن .... قىزىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان ھالىغا ، ئەسلىگە كېلىۋاتقان سەزگۈلىرىگە ، تاتلىق-تاتلىق كۈلكىلىرىگە قاراپ .بىراق..... ئۇ تۇغۇشىدىكى قورقۇنۇشلۇق كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىدىن ئۆتسىلا ، گويا بالىسىنى بىرسى ئېلىپ قاچىدىغاندەك قىلىپ ، باغرىغا چىڭ باساتتى .
fmIWa|-5 تۇغۇلىشىدىنلا بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمان بولالمىغان سۈمەييە گويا تىرىك مۇردىدەك ياتاتتى . ئىككى ياش ئۈچ ئايلىق بولغان بۇ قىزچاق 2006 - يىلى 5 - ئايدا تۇغۇلۇپلا << مېڭە پارالىچى >> دىئاگونوزى قويۇلۇپ ، ئاپىسى باھارگۈلنى قان - قان يىغلىتىۋەتكەنىدى .
xa/>G{b< چىرا ناھىيىلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىش ئورنىدىن قالغان باھارگۈل 2005 - يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچىدە توي قىلىدۇ . ئەر - خوتۇن ئىككەيلەن ئېرىنىڭ ئايدا تاپقان 500 - 600 يۈەن پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى ئاران - ئاران قامدايدۇ . ئاخىرى تۇرمۇش بېسىمى ئۇلارنى چىرىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلايدۇ . 2006 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۇلارنىڭ قىزى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . لېكىن ، بالا تۇغۇتتا باش سۈيىنى ئىچىۋالغانلىق سەۋەبىدىن مېڭىسى زەخمىلىنىپ مېڭە پارالىچى بولۇپ تۇغۇلىدۇ . تەقدىرنىڭ بۇ چاقچچىقىنى تەسلىكتە ئاڭقىرىپ بولغۇچە باھارگۈلنىڭ ئېرى بالىنى داۋالىتىشقا كېتىۋاتقان پۇلنىڭ بېسىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، ئۆسۈملۈك ئادەمدەكلا يېتىۋاتقان بالىنىڭ ساقىيىشىغا كۆزى يەتمەي ، ئۆيدىن بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ . كەينى - كەينىدىن كېلىۋاتقان ئىشلار باھارگۈلنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ . قانداق قىلىش كېرەك ؟ مۇقىم كىرىمى بولمىغان باھارگۈل قانداق قىلىشنى بىلمەي قېلىۋاتاتتى .
bxEk'Y)Y' - سىزنى چوقۇم داۋالىتىپ ساقايتىمەن ، قىزىم ، سىزمۇ باشقىلاردەك بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىز ، - دەيتتى ئۇ دائىم قىزىنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ .
Z6t=CM:f باھارگۈل تەغدىرگە تەن بېرىشنى خالىمىدى .
{.m7?+)fn - تەغدىر بىلەن ئېلىشىپ باقاي ، ئانىلىق مېھىر - مۇھەببىتىم بەلكىم تەغدىر ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ قالار ، - دەپ ئويلىدى ، ئۇ .
pi8VVEew باھارگۈل قىزى سۈمەييەنى ھەر ئايدا دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتاتتى . 2007 - يىلى 4 - ئايدا ئۇ قىزىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، قولىدىكى بار ئىقتىساد بىلەن قىزىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدا داۋالىتىشنى باشلايدۇ . ئۇقىزىنى ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەتكۈزۈپ ، ئېغىز مەشىقى قىلدۇرغاندا قىزىنىڭ بىر كۈنلەردە ساغلام بالىلارغا ئوخشاش ئويناپ ، كۈلۈپ يۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرگەندەك ، ئۆزىنى << ئاپا >> دەپ چاقىرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندەك ئۈمۈدكە تولاتتى . ئۇنىڭ تارتقان جاپالىرى بىلارغا كەتمىدى . يىغلاشنى ، كۈلۈشنى بىلمەيدىغان سۈمەييە ئۇنىڭغا قاراپ ئاددىي مەقسەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بولدى ، كۈلدى ھەم يىغلىدى . . . باھارگۈلمۇ قىزىغا قاراپ كۈلدى ، يىغلىدى . لېكىن ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى خىراجەت تۈگىدى . ھەر ئايدا دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغان 2000 - 3000 يۈەننى قانداق جايلاش كېرەك ؟ بالىنىڭ ئەھۋالى ئەمدىلا ياخشىلىنىۋاتقاندا داۋالاشنى توختىتىشقا بولمايدۇ - دە ! ئۇ ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان كىچىك بىر ئېغىز ئۆيىدە قىزىغا قاراپ خىيالغا پاتتى .
|M
+R[3C قىزىم ، ئەھۋالىڭىز ياخشىلانغان بولسا ، مەنمۇ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ، سىزنى ئوبدان بېقىپ ، ئوقۇتسام نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى - ھە دەپ ئويلايتتى ، ئۇ .
|oaE>ui باھارگۈلنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن ، جەمئىيەتتىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بۇ ئانا - بالىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا باشلىدى . ئۇلارنىڭ ياردىمىدە باھارگۈل قىزىنى يەنە بىر يىلدىن ئارتۇق داۋالاتتى .
#,Ks\l6Q - قىزىمنى بەش- ئالتە ياشقا كىرگۈچە ھەر ئايدا مۇشۇنداق داۋالىتىشىم كېرەككەن ، بۇنىڭغا نۇرغۇن خىراجەت كېتىدىكەن . قولۇمدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلدىم . بالا دەردىگە چىدىغىلى بولمايدىكەن . قىزىم ساقايسا ، نورمال بالىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشسە ، نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى - ھە ! جەمئىيەتتىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قىزىمغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، - دېدى باھارگۈل .
3#^elI باھارگۈل ئانىلارغا خاس قەيسەرلىكى بىلەن قىزى سۈمەييەنى ئۆسۈملۈك ئادەمدىن ئازىراق بولسىمۇ كۈلۈشنى ، يىغلاشنى بىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈردى . ئانا مېھرى بالا قەلبىنى ئويغاتتى . باھارگۈلنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق سىڭدۈرگەن ئەجرى بىكارغا كەتمىسۇن ، ئانا بالا مېھرىگە قانسۇن ! بالا چىن قەلبىدىن كۈلسۇن ! بىز ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ بۇ ئانا - بالىغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز . ئۇلار چوقۇم شۇ ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمىدە بەخىتلىك ئائىلىلەردىكى بەخىتتىن بەھرىمان بولالايدۇ . . .
Z!T]W[ ( ساخاۋەت قولىنى سۇنغۇچىلار باھارگۈل كېرىم ( 巴哈古丽 . 克热木 ) نامىدىكى جوڭگو پوچتا ئامانىتى كارتىسى 6221888810003515298 غا ئاتىغان كۆڭلىنى يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز . )
?$\1r-t [4Ws
pf% جۇڭگۇ يىزا ئىگىلىك بانكىسى
XgECV2
j c-VF3\W 622848,0890,1163,72412
!e]1EUY'
[巴哈尔古丽.克热木 ]
[\C>l^ dt%82+X ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى: 8310746 - 0991
[ 此贴被زىبائاي在2008-09-29 12:09重新编辑 ]