ۋاپاغا ۋاپا
سەھەردە ئەركەك - چىشى ئىككى ھۆپۇپ ئۇچقۇسى يوق تۇراتتى ، ئۇلار كۈچىدىن قالغان ، ھاۋا شۇنچە ئۇچۇق بولسىمۇ كۆز ئالدى تۇمان باسقاندەك كۇرۇنەتتى ،
ئۇلار قېرىپ چىرايلىق پەيلىرى چۇشۇپ ، جۇدەپ قاغجىراپ كەتكەن دەرەخكىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى .
ئۇلار مىدىرلىغۇدەك مادارىنىڭ قالمىغانلىقىنى ، ئۆلۇمنى كۈتمەكتىن باشقا چارە يوقلىقىنى بىلەتتى ، ساناقلىق بىر نەچچە كۈن قالغاندۇ ؟
يولدىن ئۇتۇپ كىتىۋاتقان ھۇپۇپ بالىسى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپ دەرھال قېرىنداشلىرىنى چاقىرتىپتۇ .
ھەممەيلەن تەق بوپتۇ ، ئارىدىن بىرى دەپتۇ :
- بىز ئاتا - ئانىمىزدىن ھاياتلىققا ئىرىشتۇق ، ئۇلار بىزنى بېقىپ ئۆستۇردى . ھازىر ئۇلار ئاغرىپ قېلىپ ، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى ، يەم ئىزدەشكە ئامالسىز ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە ئۇلارغا ياخشى قارىشىمىز كېرەك .
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ تۇرىشىغا ، ھەممەيلەن دەرھال ھەرىكەتكە تۇتۇنىپتۇ ، بەزىللىرى يېڭى ئۇۋا ياساشقا ، بەزىللىرى قۇرىت تۇتۇشقا ، بەزىللىرى ئورمانغا دورا تېپىپ ئەكىلىشكە مېڭىپتۇ .
يېڭى ئۇۋىمۇ پۈتۈپتۇ ، ئۇلار ئاتا - ئانىسىنى ئاۋايلا پ بۇ يېڭى ئۆيگە ئەكىرىپتۇ . باللىرىنىڭ ياشلىرى بەدىنى بىلەن ئاتا - ئانىسىنى قوينىغا ئېلىپ ئىللىتىپتۇ . پەرلىرىنى تاراپ جانسىز كونا پەرلىرىنى چىشلەپ يۇلۇپتۇ .
ئورمانغا ئۇچۇپ كەتكەن ھۆپۇپ كۇرۇش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۇردىغان ئۇسۇملۇك دورىنى ئېلىپ كەپتۇ . ئۇزاق ئۆتمەي دورا شىپا بىرىپ ئۇلارنىڭ كۆزى يۇرۇپ ، باللىرىنى كۆرۇپتۇ ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ۋە شاپائىتىدىن ھۆپۇپ ئاتا بىلەن ھۆپۇپ ئانا ساقىيپتۇ .
مەنبە : دۇنيا مەسەللىرى جەۋھەرلىرىدىن [ 此贴被كەنان在2008-09-29 00:46重新编辑 ]