[post]
id=o]^~l& V y fe3 0gB6y' ئارافان «Arfa»
F,ho5(eb FxeO5V"T y h
l >%| ئارافاننىڭ شەخسى تەرجىمالى
d5"kKN!` CC
sG')q ساۋاقداشلار، بەش يېشى
دىلا مەملىكەت مىقياسىدا داڭ چىقارغان بالا چولپان__ئارافاننىڭ تونۇشۇڭلار مۇمكىن. تۆۋەندە مەن سىلەرگە ئارافاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرەي.
@f;kE.ZV;( نۇرغۇن بالىلار كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن كېلىدۇ. ئارفانمۇ خۇددى شۇلارغا ئوخشاش كېچىكىدىنلا سەنئەتكە ھېرىسمەن ئىدى. ئوغلىدىكى سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى سەزگەن ئارسلان ئاكا ئارفاننى ئۈچ يېشىدىن باشلاپ مەخسۇس تەربىيىلەپ، ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قانتاشتۇرىدۇ. ئارفان بەش ياشقا كىرگەندە بىر قانچە ناخشىنى راۋان ئېيتالايدىغان بولىدۇ.{بىر كۈنى ئارفاننىڭ ئاپىسى گېزىتتىن مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە 1+6» سەنئەت پىروگىراممىسىغا شىنجاڭدىن نامزات تاللاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ ئارفاننى قانتاشتۇرۇپ بېقىشنى ئويلاپ ئارفاننى ئىمتىھان
مەيدانىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئارفان تىزىملاتقانلارنىڭ 875چىسى يەنى ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئۇماق ھەم چىرايلىق ئارفان يېقىملىق ناخشىسى، چاققان ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇ مەيداندىكى مۇئەللىملەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ۋە شۇ مەيداندىلا ئارفاننىڭ تاللانغانلىغى ئېلان قىلىنىدۇ. ئارفان 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە 1+6» پروگىراممىسىغا قاتنىشىدۇ ۋە تاماشىبىنلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.
+z:NW
ئاتا-ئانىسى ئارفاننى بەش يېشىدىلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ئۇ بىرىنچى سىنىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارىسلان ئاكا ئۇنى بېيجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكەيدۇ. دەسلىپىدە ئارفان ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئوقۇغاچقا خەنزۇ تېلىدا خېلىلا قىينىلىدۇ. ئارفاننىڭ يەنە باشقىلارنى دوراش ئىقتىدارىمۇ ئالاھىدە يۇقۇرى ئىدى. شۇڭا ئۇ خەنزۇ تىلىنى باشقىلارنى دوراش ئارقىلىق ئۈگۈنىپ ناھايىتى تىزلا سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ. ئارفان ھازىر ئۈچۈنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.ئۇنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىمۇ ئالاھىدىلىكى بار. يۈگۈرۈشكە، توپ ئويناشقا، چېلىشىشقا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئۇ ئۆز مەكتىپىدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۈگۈرۈش تۈرىدە ھازىرغىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەركىزىي تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ ئۇنى تەنتەربىيە مەكتىپىگە قوبۇل قىلماقچىمۇ بولغان gVOdz)
ئارفان بۇ مەكتەپكە يېڭى كەلگىنىدە مۇنداق بىر ئىش بولغان: ئارفان تەبىئىتىدىن شوخ بولغاچقا، سىنىپقا تىزىپ قويغان شاھماتقا قىزىقىپ بىر تال ئۇرۇقنى ئەمدىلا قولىغا ئېلىشىغا 6-يىللىقتا ئوقۇيدىغان، شاھمات مۇسابىقىسىدە مەكتەپ بويىچە ئىزچىل بىرىنچى بولۇپ كېلىۋاتقان بىر بالا ئۇنى مەنسىتمىگەندەك قىلىپ «شاھمات ئويناشنى بىلمىگەندىن كېيىن ئۇنى نىمىشقا تۇتىسەن» دەپ ئارفاننىڭ قولىدىكى شاھمات ئۇرۇقىنى تارتىۋالىدۇ. بۇ ئىش ئارفانغا بەك ئېغىر كېلىدۇ. ئارفان كەچتە ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ شاھمات ئۈگۈنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاپىسى ئەتىسى ئارفاننى شاھمات ئۈگۈنىش كۇرسىغا بېرىدۇ. ئارفان 15كۈن ئىچىدىلا شاھمات ئويناشنى ئۈگىنىۋالىدۇ ھەم مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن شاھمات مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان ھېلىقى بالىنى ئۇتۇۋېلىپ مەكتەپتىكىلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرۋېتىدۇ. 5ii"y
W=
ئارفاننىڭ چىرايلىقلىقى، ئۇماقلىقى، ئىنكاسىنىڭ تىزلىگى، ئورۇنداش ماھارىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى نۇرغۇن داڭلىق رېژىسسورلارنىڭ، چولپانلارنىڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، بېلگىيە ۋە شوتلاندىيەگە بېرىپ ئويۇن قويىدۇ. ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلىس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇ ئەسلىدە بىر ناخشا ئېيتماقچى بولۇپ سەھنىگە چىقىدۇ. ئۇ ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن رىياسەتچىنىڭ ئۇنىڭ ئۇماق قىلىقلىرىغا ھەۋىسى كېلىپ ئۇنى 40 مېنۇتتەك سەھنىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا رېژىسسورنىڭ ئاچچىغى كېلىدۇ. باشقا ئارتىسلارمۇ نومۇر ئورۇندىشى كېرەك-تە، لېكىن رېژىسسور ئارفاننىڭ قېلىقلىرىنىڭ پۈتۈن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە رام قىلىپ، كېچىلىكنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەھنىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئارفاننى كۆتۈرۈپ سۆيۈپ كېتىدۇ. zAuWi$
مەملىكەت بويىچە داڭ چىقارغان «بالا چولپان»لار ئىچىدە ئارفاننى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دېسەك ئاشۇرۋەتكەنلىكئاشۇرۋەتكەنلىك بولماس. ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان چولپانلار ۋە رېژىسسورلارنىڭ ئورتاق بىر قارىشى بار: «بۇ بالىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق». xdgv(;Vy]b
دوستلار ئارفان ئويۇن قويۇپ يۈرۈپ دەرسلەردە قانداق يېتىشىۋاتىدۇ؟ دەپ ئويلىشىڭلار مۈمكىن.: n<-v1
ئۇنىڭ ھازىر مەخسۇس ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بار. ئارفان چەنئەللەرگە ياكى باشقا شەھەرلەرگە ئويۇن قويغىلى بارغاندا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىمۇ بىللە بارىدۇ. SeuIo#bY<
ئارفان داڭ چىقىرىپ پوچى بولۇپ كەتتىمىكىن دەپ قالماڭلار، ئارسلان ئاكا ۋە رەشىدە ھەدە ئۇنىڭغا مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ئۈگىتىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇ ھەر قاچان «مەن بالا چولپان» دەپ مەغرۇرلىنىپ يۈرمەيدۇ. ئارفان كەمتەر، ئەدەپ-ئەخلاقلىق چوڭ بولىۋاتىدۇ. ئارفانمۇ مەكتەپتە خۇددى سىلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى. ئۇ ئويۇن قويۇپ سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئاپىسىنىڭ سومكىسىغا سېلىپ قويغان ئويۇنچۇقلىرىنى ئېلىپ ئوينايدۇ.U: l @,U n
ئارفاننىڭ كىچىك ئارخىپى j$w~`
jM'AE*r
e%yQ3In
~pZ-TMPx
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1998-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى cm0)9#=E%O
يۇرتى: ئۈرۈمچى Ky['G[6v
قىزىقىشى: سەنئەت، تەنتەربىيە، شاھمات ef&@hgJ
ئارزۇسى: كىنو چولپىنى بولۇش QX!YQywEt
ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: نان، شويلا، پولۇ، كاۋاپ، چۆچۈرە ,~ %X/(7 V
ئالاھىدىلىگى: شوخ، جانلىق (مۇئەللىم سوئال سورىغاندا دادىل قول كۆتۈرىدۇ. : #Lb1G8
قاتناشقان ناخشا كېچىلىكى: ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە 1000كۈن قالغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە داڭلىق ئارتىس چېڭ لوڭ بىلەن بىللە ناخشا ئېيتقان. دۇنيا مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان.دۇنيادىكى ئۇچ چوڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچىلار بىلەن بىللە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشا ئېيتقان. #KZ.YOOV+
جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان. ivQr~N
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتقان. ئارفاننىڭ كومپىيوتىردىكى شەخسى بلوگى:l ZWX5/iv
http://blog.fenbei.com/5595735 4V{ ..=EH.
ئويۇن قويۇش ئۈچۈن چىققان دۆلەت ۋە رايۇنلار: ئامېرىكا، بېلگىيە، شوتلاندىيە.[ 此贴被شوخ بالا在2008-09-29 13:45重新编辑 ]