ئانا سۈتىنىڭ قىممىتى ۋە بۇۋاقلارپاجىئەسى.
母乳的重要性和婴儿悲剧
(سەنلۇ سۇت پاراشوكى ۋەقەسىدىن ئويلىغانلىرىم)
是 我 三鹿婴儿奶粉事故引起的感受
ئاپتۇرى:تاشقىنجان. http://v.cctv.com/html/diyishijian/2008/09/diyishijian_300_20080912_3.shtmlكېچلىرى ئۇخلماي ئاق سۇت بېرىپ پەپلەپ باققان،
بۇدۇنيادا بەختىم مېنىڭ ئانام سىز ئانام. تاشمۇھەممەت باتۇر ئېجراسىدىكى <ئانام>ناملىق ناخشا قۇلاق تۇۋىمدە ياڭرىماقتا ئىدى.توساتتىن سەلكىن مۇنبىرىدكى <شىنجاڭدا بىر بۇۋاق قازا قىلدى،86بىمار بايقالدى.>دېگەن تېمنى كۆرۇپ قالدىم دە ئىچىمنى بىر نەرسى ئىچشتۇرغاندەك بولدى.كۆز ئالدىمدا ۋىلقلاپ كۈلۇپ ئانسىغا ئەركلەۋاتقان سەبىي بۇۋاقلار، يېغلاۋاتقان بۇۋاقلار، ئاخىرىدا جان تالشىپ ھالسىزلانغان بۇۋاقلار زاھىر بولدى...
ناخشنى دەھال توختاتتىم. ئۇيغۇرلار ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بۇ يېقملىق ناخشىىنىڭ <ۋاقتى >ئۆتتتىمۇ قانداق؟ دېگەن بىر سۈبھلىك سوئال كاللامدا پەيدا بولدى. شۇنداق بىز ئانا سۇتىنى ئۇلۇغلايدىغان ئىدۇق. شۇ ئانا سۈتى بىلەن چوڭ بولدۇق. بىز ئانا سۈتىگە قەرىزدار دەپ ئۇنى ئانىنىڭ قىممىتىگە سېموۋۇل قىلاتتۇق. ..
شۇنداق ھەرقانداق سۈت ئەمگۇچى ھايۋانلار قورساقتىكى چېغىدىن تارتىپلا ئانا سۈتىدىن ئوزۇقلىندۇ. ئانا سۇتىدىن ئايرلغان بۇ تۇردىكى جانلىقلار باشقا تۇردىكى سۈت بىلەن ئوزۇقلاندۇرغاندىمۇ ئۇلانىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشگە چوقومكى تەسىرى بولىدۇ. دېمەك ئانا سۈتى -ھاياتىلىق مەنبئىىي بولۇپ ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق سۈنىئىي نەرىسلەر تولدۇرالايمايدۇ.
لىكىن مىڭ ئەپسۇسكى ئەقلى تەپەككۇرگە ئىگەبولغان، بىرنەرىسنى ئانالىزى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، يەر شاردىكى پۇتكۇل جانلىقلارنى بويسۇندۇرالىغان ھۆرمەتلىك ئىنسانلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئاشۇ ھايۋانلارچىلىك <ئەقىلى> بولمدى.
ئىنسانمۇ سۈت ئەمگۇچى بولۇش سۇپىتىدە تۇغۇلۇپ چېشى چىققۇچە چوقۇمكى ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلىندۇ. ئانا سۈتى تەركىبدە ئادەم بەدىنگە كېرەكلىك بارلىق ئوزۇقلۇق ئېلمىنتلار تولۇ ق بولۇپلا قالماي يەنە ئانا سۈتى بىلەن ئېمتىلگەن بالىلاردا ئانا مېھىرى سېڭشىدۇ. ئىنسانىلىق سۈت ئارقىلق بالىنىڭ قان قېنىغا ئۆتىدۇ. بۇ جەھەتتە بۇرنىنىڭ ئۇچىنلا كۆرمەيدىغان، كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا قاتتىق ئەھمىيەت بېردىغان يەھۇدىيلار ئۆز بالىلارنى4_5ياش بولغۇچە ئېمتىش زۆرۇر دەپ قارىغان. بۇنداق ئەھۋاللار باشقا مىللەتلەردە بەلكىم مازاق قىلندىغان سۆز تېمسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.لىكىن يەھۇديلار شۇنداق ئانىلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلدىكەن.
ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك، دۆلتىمىىز ئىسلاھات ئېلىپ بارغان، ئىشكىنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن يېقىنقى 30يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە ئىقتسادىمىز تېز سۇرئەتتە تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھاللىق سەۋىيگە ئاساسەن يېقىنلىشپ قالدى.شۇ جەريانىدا خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئەنئەنىۋى ئۆرۇپ_ئادەتلىرىمۇ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئۆزگەردى. جىددى تۇرۇمۇش، خىزمەت بېسىمى قاتارلىقلار ئىجتىمائىيتىمىزگە بۆسۇپ كېرىپ ،كىشلەرنى ھەممە ئالدىراش،ۋاقىت چىقىرالمايغان بىر خىل تېز رېتم ئايلانما ئوربىتىسغا سۆرەپ كىرىدى . خۇددى يەرشارنىڭ ئايلىنش سۈرئىتى تېزلىشىپ كەتكەندەك بىر خىل تۇيغۇدا كىشلەر <بۇگۇن كۈننىڭ نېمە بولغانلىقنى،ھەپتىگە نەچچە بولغانلىقنى بىلەلمەيدىغان ھالغا يەتتى.> بۇ رېتىم ئىلگىرى ۋاقىتقا ئېتبار بەرمەيدىغان،<ماغدۇركەتكەندە>ھېكايسدىكى مەتنىيازدەك ھورۇن كىشلەرنىمۇ ساراسىمگە سېلىۋەتتى.بەزى كشلەر:<بىز تارىختىكى ئەڭ بەختلىك چاغلاردا ياشاۋاتمىز، ھايات ئەسلىدە مۇشۇنداق ئالدىراش ئۆتۇشى كېرەك.>دەپ چۇقان سېلىشتى .ھالبۇكى قەدىمكلەر نىڭ :<مىڭ كۈلكىنىڭ كەينگە چوقۇمكى بىر يېغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.>دېگەن ئاگاھلاندۇرشى بىزنى كۈتۇپ تۇراتتى.
مانا مۇشۇنداق بىر خىل تۇرمۇش بېسىمىنىڭ پاجىئەسى ئەڭ ئاۋۋال ئانىلاردا كۆرۇلدى. ئانىلار___بالىلارنى مھېرى بىلەن پەپىىلەپ، يېقملىق مۇزىكا_<ئەللەي ناخشسى>بىلەن ئاستا ئۇخلىتىپ قويدىغان، يېغىلىغان ھامان ئاق سۈتى بىلەن ئېمتىپ ئوزۇقلۇق بېردىغان،خاتىرجەم قىلىدىغان ئانىلار ئۆز مەسئۇلىيتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بالىلار - ئائىلىدە بىر بولسا بالا باققۇچىلارنىڭ قولغا بىر بولسا يەسللەرنىڭ كىچىك-كىچىك سېۋەتلىرىگە تاشلىۋتىلىدى.بىر توپ بالىلار كۆزلىرىنى چىمچىقلىتپ ئىلگىرىكى ئانسنىڭ سۈت تەمىگە زادىلا ئوخشمايدىغان، ھەر قانچە تاتلىق بولسمۇ ئېغىزىغا پەقەتلا تېتمايدىغان سۈت بۇلماقلارنى ئىچشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ تىلى تېخى چىقمىغاچقا، ياكى تىلى چىقسىمۇ مەقسەتنى سۆز ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇش ئىقتىدارى بولمىغاچقا <دەردىنى ئىچگە يۇتۇپ>بوتلكىتىكى كالا سۈتنى ئىچىشكە مەجبۇر بولدى. ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگۇنىڭ ئەدەبىيات پىشۋاسى لۇشۇن ئەپەندى مىللەتنىڭ ھالغا ئېچنىپ:<بالىلارنى قۇتۇلدۇرۋېلىڭلار!>دەپ نىدا قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى دۆلتىمىزنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ھەم تارىخى ھەم ئىجتىمائىي شارائىتىغا بېقىپ ئېيتلغان بولسمۇ بىز بۇ سۆزنىڭ قىممتىنى ، مەناسىنى ھېلىھەم كېڭەيتىپ چۇشنىشكە ھەقلىقمىز.
سەنلۇ {ئۇچ بۇغا} ماركلىق بۇۋاقلار سۈت پاراشوگىدن مەسلە بايقىلىشى بىزنى يەنە بىر قېتم لۇشۇننىڭ سۆزنى ئېسمىزگە سالدى. بالىلارغا كۆڭۇل بۆلۇشكە ،ئۇلارنىڭ بېخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا ئۇندىدى. ئانا سۈتىدىن بالدۇرلا ئايرىۋلىنىپ سۇت پاراشۇكىنى ئاغزىغا تېقىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلمشنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى كىشلەر ئالدىدا كۆرۇلدى.كىشلەر ئاناسۇتنىڭ قىممتىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدى. يېللارىن بېرى ئىقتسادى تەرەققياتقا ئەگشىپ دۆلتىمىزدە يىلدىن -يىلغا كۆپىيۋاتقان بالىلار مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى شېركەتلەر، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ھاياتىي بېخەتەرلىككە بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىك تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغۇچى چوڭ-كىچىك شېركەتلەر كۆپەيگەن. ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر قىلمايدىغان <يېشل يېمەكلىك> تۈردىكى بالىلار يېمەكلىرنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئانىلارنىڭ <يۇكنى يېنكلەتكەن> بولدى ۋە خەلقنىڭ قىزغىن ئىستمال قىلشغا ئېرىشتى. ئەمما بەزى بېخەستەلىك سەۋەبدىنلا بىر قسىم داڭلىق شېرىكەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ مەسلە كۆرۇلمەكتە. بۇ مەزكۇر شېركەتلەرگە بېرلگەن قاتتىق سېگىنال بولۇپ ئۇلار ئۆز ئۇستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىر ،قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بالىلار مەھسۇلاتلىرى مەيلى قايسى تۇردىكى بولشىدىن قەتئىنەزەر، بالىلارنىڭ جىسمانىي ،ئەقىلىي،ۋە پىسخىكا يېتلىشغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى بولماسلىقى كېرەك. چوقۇم يېمەكلىك تەكشۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۇش ۋە تەستىقىدىن ئۆتۇشى كېرەك.
شۇنداق پاجىئە ھېچكمىگە رەھىم قىلمايدۇ. پاجىئە كىشلەرنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىمايدۇ.ناۋادا ئىنسانلار دائۇنىڭدىن غەلبە قىلغۇدەك قۇدرىتى ۋە شارائىتى بولسا غەلبە قىلدۇ. ئامالىىسز بولسا ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلدۇ. بۇنداق ۋاقتتا ئادەملەر پەقەت بىر ئىشنى قىلشقا ھەقىلق ئۇبولسىمۇ___ ئالدىنى ئېلش .پەقەت ئالدىن ئېلىش ،تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۇنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەندە بىزدە پاجىئەلەر ئازلايدۇ. قايسى بىر پەيلاسۇپ:<ئەتراپىمىزدىكى پاجىئەلەردە ھەممىمىزنىڭ ئازدۇر_كۆپتۇر مەسئۇلىيتىمىز بار.>دەپ ناھايتى توغرائېيتقان. مۇھىتنىڭ بۇلغنىشىدا ،سىز چېكۋاتقان تاماكا ئىسىنىڭ تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. ياكى سىز ئاچچىقىڭىزدا خالىغان يەرگە تۇكۇرگەندە شۇ تۈكۇرۇك بىلەن باشقىلار مىكرۇبلىنىشى مۇمكىن.دېمەكچى، سەنلۇ سۈت پاراشوكى ۋەقەسى پەقەت بىر قېتملىق ئاچچىق ساۋاق. بالىلارنىڭ بېخەتەرلىكى مەيلى سىزنىڭ بالڭىز بولسۇن ياكى بولمسۇن مەيلى سىز ئانا بولۇڭ بولماڭ. ھەممىزنىڭ ئورتاق كۆڭۇل بۆلۇشىگە مۇھتاج.
مۇشۇ قۇرلارنى يېزۋاتقىنمدا بىرتوپ بالىلار ئالدىمىزدىكى دۇكانلاردىن قانداقتۇر ئاچچىق -چۈچۇك لازا، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېيشىپ چۇقۇرشىپ ئۆتۇپ كەتتى. مەن بالىلارنىڭ ئارقسىدىن قاراپ قالدىم. ھەي ئانىلار،بالىلارنى ساغلام يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇڭلار! بالىلارنى تېزدىن قۇتۇلدۇرڭلار! !!!!
2008.9.27 غۇلجا.توققۇزتارا.
[ بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن2008-10-01 22:06دە قايتا ت ]