شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى قانۇن پەنلىرى ئىنىستىتوغا توردا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارغا جىددىي ئۇقتۇرۇش
1 . ئىنىستوتىمىز بۇ قېتىملىق ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى جەمئيەتتىكى ھەر قانداق بىر شەخىسكە ھاۋالە قىلغىنى يوق ، شۇڭا كەڭ ئۇقۇغۇچى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئۆزىگە كىلىپ تىزىملىتىشىنى ۋە ئىنىستىتوتىمىزنىڭ مالىيە ئىشخانىسىدا رەسمىيەت ئۆتىشىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىز .
2 . ئىنىستىتوتىمىزنىڭ تارقاتقان ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چاقىرىقنامىسى قۇبۇل قىلىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كىلدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگىلا ھەقسىز بىرىلىدۇ . شۇڭا ئۇنى ھەرقانداق شەكىلدە ئېلىپ سېتىش ، تاپان ھەققى ئېلىش، مىھمان قىلىش ۋە سوۋغا - سالام قۇبۇل قىلىش قاتارلىق ھەرخىل ۋاستىلەردە قولغا چۈشۈرۋېلىشقا روخسەت قىلىنمايدۇ . ئەگەر بۇنداق قىلمىشلار سادىر بولسا ، قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .
3 .
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىپ تېزىملىتىش ۋاقتى : 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 6 - 7 - كۈنلىرى .
تىزىملىتىش ئورنى : شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى جەنۇبىي ئۇقۇتۇش رايۇنى قانۇن - پەنلىرى ئىنىستىتوتى مەمۇرىيەت بىناسى 2 - قەۋەت 203 - ئىشخانا .
4 .
ئۇقۇغۇچىلار تىزىملاتقاندا تۆۋەندىكىلەرنى ئېلىپ كىلىشى كىرەك : قۇبۇل قىلىش چاقىرىقنامىسى ، دىپلوم ، ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسى ، كىملىك ، نۇپۇسنىڭ كۆپەيتىلمسى ، يالاڭ باش چۈشكەن بىر سۇڭلۇق سۈرەتتىن 8 پارچە ، كىتەرلىك خىراجەتلەر قاتارلىقلار .
5 . بۇ قېتىمقى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى بىر قەدەر كىچىكىپ ئېلىپ بېرىلغاچقا ، قۇبۇل قىلىش چاقىرىقنامىسنىڭ ئۇقۇغۇچىلارغا يىتىپ بېرىشىمۇ مۇناسىپ ھالدا كىچىكىپ قېلىشمۇ مۇمكىن ، بۇ خىل ئەھۋاللاردا ئوقۇغۇچىلار چاقىرىقنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان 8111147- 0991 غا تىلفۇن ئۇرىۋىتىپ ساننىڭ بار- يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۋەتكەندىن كىيىن دەرھال يولغا چىقىشى كىرەك .
6 . چاقىرىق قەغىزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا تىزىملاتقان ئادىرىسىغىلا ئەۋەتىلدى ؛ ئىمتاھان بېرىش كىنىشكە نۇمۇرى ، تېلىفۇن نۇمۇرى ، ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئادىرىسى تۇلۇق ۋە تەپسىلىي بولمىغان ئۇقۇغۇچىلارغا قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرشى ئەۋەتىلمىدى . ئادىرىس چۇقۇم تەپسىلىي يېزىلىشى ، مەسلەن : xxx ناھىيە xxx يېزا xxx كەنىت xxx مەھەللىدىكى xxx كە ياكى xxx شەھەر xxx يولى xxx كۇچا xxx قورو xxx بىنا xxx ئىشىك xxx نۇمۇرلۇق ئۆي دىگەندەك ؛ خوتەندىكى مەترۇزىغا ، غۇلجىدىكى سەنەۋەرگە تېگىدۇ دىگەندەك ، ئادرىسلارغا قۇبۇل قلىنغانلىق ئۇقتۇرىشى ئەۋەتىل
مەيدۇ .
7 . ئەگەر ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇچۇرلارنى تولۇق ۋە توغرا تولدۇرمىغانلار، ئۆز ئۇچۇرلىرىنى قايتا تولدۇرغاندىن كىيىن قۇبۇل قىلىنغانلىق ياكى قىلىنمىغانلىق جاۋابىنى تېلىفۇن بېرىپ ئۇقۇشى كىرەك .
8 . ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئۇقۇغۇچىلار ، جۈمىلىدىن ئاللىقاچان ئۈرۈمچىگە كىلىپ بولغان ئۇقۇغۇچىلار ئەگەر چاقىرىق قەغىزىنى تېخى تاپشۇرۇپ ئالالمىغان بولسا5333341-0991 غا تېلفۇن قىلىپ ، قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى ئەۋەتىلگەنلىك ئىسپاتىنى ئېلۋېلىشى ھەمدە ئۇنى مەكتەپكە كىلىپ تىزىملاتقاندا كۆرسىتىشى كىرەك .
9.قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ئۆزگەرگىنى يوق -- يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتھاندىكى ئومۇمىي نەتىجىسى 280 دىن ، خەنزۇتىلدىكى نەتىجىسى 70 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
10 .
مەسلىھەت سوراش تىلفۇنلىرى :8111147، 5333341 ، 8588066 - 0991 .
نازارەت قىلىش تېلفۇنى : 8582547
QQ :809018183
11 .
ئادىرىسى : شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى جەنۇبىي ئۇقۇتۇش رايۇنى ، پويىز ئىستانسىدىن ياكى يەنئەن يۇلىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ يېنىدىن 16 - يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭ ئونۋېرستىتى جەنۇبىي ئۇقۇتۇش رايۇنى بىكىتىدە چۈشسىڭىز بۇلىدۇ .
ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ ئونۋېرستىتى قانۇن پەنلىرى ئىنىستىتوتى .
2008 - يىلى 9 ئاينىڭ 27 - كۈنى .
توردا تېزىملاتماقچى بولسىڭىز http://salkin.cn/zhaosheng_ads_08-9-3.htm بۇيەردىن كىرىپ تىزىملىتىڭ.
[ 此贴被گۈليار在2008-09-28 19:23重新编辑 ]